باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       79 
  •    ئىنكاس 
       0 

باھاردىكى قار

قەۋەت ئاتلاش
ajamjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14915

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   30 (قېتم)
 تۆھپە:   30  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2
 سائەت
دەرىجىسى:
2 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-04-07
ئاخــىرقىسى:2013-04-21

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى . مۇنبەر ئارقىلىق يەنە سىلەر بىلەن كۆرۇشكىنىمدىن  ئېنتايىن خۇشالمەن lbIPtu  
ئەزىز قىرىنداشلار  ھەممىز ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ  رەھمەت -شاپائىتى بىلەن  ئاچچىق  سوغۇق  ،قار -شېۋىرغانلىرنى  بىللە ئىلىپ كەلگەن زىمىستان قىشنى ئۇزۇتۇپ . ھەممىگە يىڭىچە  ھاياتلىق بەخىش ئەتكۈچى  ئىللىق باھارنى كۈتىۋالغان ئىدۇق ، تەبىئەت ئانامنىڭ بىرتال  ياپرىقى بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن  كەمىينە ئەجەممۇ  ئۈچىنچى ئاينىڭ يىگىرمىلىرىدىن  تۆتىنچى ئاينىڭ  ئون بەشلىرىگىچە داۋاملاشقان  ئەتىيازلىق  باغ-ئورمان .ئىتىز -ئېرىق ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر ئاخىرلاشتۇرغان  پەيىتتە  تۇيۇقسىزلا ئۇرۇمچىگە بېرىپ كىلىشكە توغرا كەلدى ، باغلار گۈل -چىچەككە پۈركەنگەن ، كائىنات يىشىل تونىنى كىيگەن  بۇ گۇزەل دەقىيقىلەردە  نىسىپ بولغان بۇ سەپەر  ماڭا  ئۆزگىچە خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلدى ،    باھاردا  يۇز بەرگەن بۇئۆزگىچىلىكلەردىن ،  ياراتقۇچىمىزنىڭ قۇدرەت -كامالىنى تىخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ  يەتتىم .... C7NSmZ  
شۇنداق قىلىپ  ئالدىراپ -تىنەپ  قىسقىلا تەييارلىق قىلىپ  شوپۇر ئۇستام ،ۋە ئاكام ئۈچىمىز ، 17-ئاپرىل (چارشەنبە )  يىگىرمە توننا يۈك بىسىلغان  ماشنا بىلەن  ئۇرۇمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق ، شىمالغا ماڭغانسىرى  ماڭا سەل سوغۇقتەك بىلىندى ، شۇنداق  مىڭىۋىتىپ  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توخسۇ  ناھىيە تەۋەسىگە كەلگەندە قاتتىق بۇران چىقىپ  قاتتاش توسۇلۇپ قالدى   ، 6 سائەتتىن كىيىن قاتناش ساقچلرىنىڭ  يىتەكچىلىكىدە ماشىنلار  ئاستا -ئاستا قوزغالدى ، شامال سەل پەسەيگەن بولسىمۇ  ھاۋا يەنىلا تۇمانلىق   . يەنە كىلىپ  توسۇلۇپ قالغان ماشىنىلار  بەك كۆپ بولغاچقا  ، سۈرئەت بەك ئاستا ئىدى شۇنداق قىلىپ  كەچ كىرگۈچە ئاران دىگەندە كۇچاغا كەلدۇق  . x@rQ7K>  
تاماق يەپ  ماشىنىغا ماي قاچىلىغاندىن كىيىن يەنە  يولنى داۋاملاشتۇردۇق . ئاكامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەن ئارقا ئورۇنغا ئۆتۈپ  ياتتىم ، ماشنا بىرخىل رىتىمدا ماڭماقتا ،  باش -ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن ،قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ،  ئاكامنىڭ ئويغۇتىشى بىلەن كۆزۇمنى تەستە ئىچىپ  بىر ئاز ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن  قەيەرگە كەلدۇق دەپ سورىدىم  شوپۇر ئۇستامدىن ،   خېجىڭدىن ئۆتۇپ  كۈمۇشنىڭ  داۋىنىغا چقېۋاتىمىز دىدى خۇش چاق-چاق ئۇستام كۈلۇپقىنە ،   شۇنداق قىلىپ ھەممىز  بامدات  نامىزى ئوقۇش ئۇچۇن پەسكە چۇشتۇق ، ^-k"gLg  
چۇشۇپلا سوغۇقتىن ئەندىكىپ كەتتىمدە  بۇيەرگە باھار كەلمىگەنمىدۇ   دەپ ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتتىم ، ئەتراپتىكى يىشىللىق باھاردىن شەپە بىرىپ تۇراتتى   تاھارەت ئىلىپ . نامازنى ئوقۇپ   بولۇپلا ماشىنىغا يۈگۈردۇم  بۇ ھالىمنى كۆرگەن ئاكاملار  كۈلۈشۇپ كەتتى ، ئۇلار ماشىنى بىرەر قۇر تەكشۇرۋاتقاندىن كىيىن ئلۋالغان نەرسىلەر بىلەن  ناشتا قلدۇق  دە يولنى داۋاملاشتۇردۇق  ،   UiH7  
مەن بۇ يوللاردىن  بىرقانچە قىتىم ماڭغان بولساممۇ ، بۇ قىتىم يۈرىگىمدە  باشقىچە تۇيغۇلار  پەيدە بولماقتا . Nv36#^Z  
ھەيۋەتلىك تاغلار ، تاغ ئارىسىدىكى ياپ -يىشىل توغراقلار ، قارا ياغاچلار ،ئويناقلاپ ئىقىۋاتقان تاغ سۈيى ، سۇ بويىدىكى  قياق ،ۋە مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ھەرخىل ئوت چۆپلەر ، تاغنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىدە ئۇچراپ قالىدىغان  قوي ،ئۆچكە ، ئات -كالىلار ، قىسقىسى گۇزەل تاغ مەنزىرسىدىن كۆزۇمنى ئۈزمەي ،  قارايتىم ،ئۇستامدىن ئۇنى-بۇنى قىززىقسىنىپ سورايتىم  ، شۇ تەرىقىدە بىر سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن   ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى چۇشۇشكە باشلىدى ،  ئۇستام  قار يىغۋاتامدۇ  نىمە دىدىم  شوخلۇق بىلەن ئۇستامغا  ،  ئۇكا......م  كۆزلىرىگە نىمە كۆرنىۋاتىدۇ  ، قار جۇما ماۋۇ ، دىدى ئۇستاممۇ كۈلۇپ تۇرۇپ  بىز  ئىككىمىز بىر  ھازا  كۈلۇشۇپ كەتتۇق  ، تۇيۇقسىزلا  ماشىنىدىن سەل غەيرى بىر ئاۋاز ئاڭلاندى ، سەزگۇر شوپۇر دەرھەل  سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ماشىنىنى  يولنىڭ چىتىگە تارتىپ توغتاتتى  ، دە ئاكامنى ئويغۇتۇپ  پەسكە چۇشۇپ كەتتى ،بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن  ئەتراپتىكى  مۇھىتنىڭ  جەلىپ قىلىشى بىلەن مەنمۇ پەسكە چۇشتۇم ، ئاكاملار  ماشنىنى  تەكشۇرۇپ   خۇداغا شۇكرى  ھىلىمۇ چوڭ چاتاق يوق ئىكەن دىيىشىپ ماشىنى  رىمىنۇن قىلۋاتاتتى ، مەن پەسكە چۇشۇپلا  شۇنچىلىك ھەيرانلىق ئىچىدە  چەكسىز خىياللار دىڭىزىغا غەرىق بولدۇم ، X=]utn  
ئاھ  ئاپئاق قار ، نىمىدىگەن گۈزەل ھە ،  يۈزۇمنى ئاسمانغا تۇتتۇم  ،  سوغۇققىنە ئاپئاق قار يۇزلۇرۇمنى سۆيۇپ  تىنىمدىكى ئوتلۇق ھارارەتلەردىن سۇغا ئايلانماقتا ئىدى بۇ ھال ماڭا خۇددى ، قار ئەمەس  مىھرى -مۇھابەت يامغۇرى يىغىىۋاتقاندەك  تۇيغۇ بەرمەكتە ،   مەن قارنى مۇنداق گۈزەل تەسۋىرلىسەم  بەلكىم سىلەر  سەل ئاشۇرۋەتكەندەك ھىس قىلىشىڭلار مومكىن  لىكىن  بۇ بىر ئەمىليەت  ، 3_XLx{["'  
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق  قار ئەسلى ئۇنداق گۇزەل ھەم ئىللىق ئەمەس  . بىزنىڭ قارغا ئامراقلىقىز پەقەت ئۇنىڭ  پاكلىقنىڭ سىمولى بولغان ئاق رەڭدە بولغانلىقدا ، ھەتتا  بىزنىڭ  قەدەملىرىمىز ئاستىدا  قالغاندىمۇ ئاقلىغىنى يوقاتمىغانلىقىدا بولسا كىرەك ،   >iOf3I-ATt  
ئەمما  باھاردا  يەنە كىلىپ  ياپيىشىل  دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاستىدا  تۇرۇپ  ئاپئاق قارىنى كۆرۇش  ھەقىيقەتەن  ھوزۇرلۇق بولسا  كىرەك ، ۋە ياكى  مەندەك  تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە  2-ئاينىڭ  20،،25 لىرىدىن كىيىن قار ياققاننى كۆرمىگەن  ئادەم ئۇچۇن شۇنچىلىك گۈزەل  تۇيۇلغان بولىشىمۇ مومكىن ،  مەن بۇ مەنزىرىدىن شۇنداق ھوزۇرلاندىم . تاغنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن سەزگۈلىرىم ئويغاندى ،شۇئان سەگەكلەشتىم  ، مانا بۇ مۇ ئاللاھنىڭ  قۇدرەت كامالىنىڭ مىسالىغۇ ، ئەگەر ئىگىمىز خالىسا باھاردىمۇ قار ياغىدۇ ،گۇلچىچەكلەر قار ئاستىدا قالدىۇ ، ،،،،،،،،،ئاكامنىڭ  چاقىرغان ئاۋازى  تاتلىق خىياللىرىمدىن ئويغاتتى  ، ئۇلار مىنى ساقلاۋاتقان ئىكەن ،  شۇنداق قىلىپ يولنى داۋاملاشتۇردۇق ، ماشىنا بىرخىل رىتىمدا ماڭماقتا ، تەخمىنەن 2،،،3سائەت ماڭغاندىن كيىن  قارمۇ  توختىدى ،بىر ئاز ماڭغاندىن كيىن يول ۋە تاغ چوققىلىرىدىمۇ قار كۆرۇنمىدى ،   _`\!+qGq  
مەن بۈگۈن كۆرگەنلىرىمنى بىر ھازا ئويلاندىم  . ئاخىرى  باھار قوياشى نۇر چاچقاندەك  دىلىم يورۇپ كەتتى ، B1nm?E 0i  
ئاخىردا ماڭا بۈگۈننى  ،بۈگۈنكى مۇشۇ خۇشال مىنۇتلارنى ، شۇنچە گۈزەل مەنزىرلەرنى ،مەن ئامراق  ئاپئاق قارنى كۆرۇشنى نىسىپ ئەتكەن ئاللاھقا  چىن دىلىمدىن  ھەمدۇ سانالار ئىيتىم  ،ئاللاھ يەنە شۇنداق گۈزەللىكلەرنى كۆرۇشكە نىسىپ قىلغىن دەپ چىن دىلىمدىن  ئىلتىجالار قىلدىم                     z&d.YO_W  
                                             ئەجەم   :::: 2013-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى( جۇمە )  ئۈرۈمچى VM\R-[  
BkXv4|UE  

تېما تەستىقلىغۇچى : arman
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-22, 08:55
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى