باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       532 
  •    ئىنكاس 
       3 

تەشەببۇسنامە

قەۋەت ئاتلاش
tumurkadiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6895

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   702 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   70 (قېتم)
 تۆھپە:   70  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 219
 سائەت
دەرىجىسى:
219 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-14
ئاخــىرقىسى:2013-04-21

خوتەندىكى ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ئىئانە توپلاش توغرىسىدا تەشەببۇسنامە v@n0ma=  
HX}9;O  
    خوتەندە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىكى زور زىيانغا قارىتا كەڭ خەلق ئارىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇسنامىلەر چىقىرىلىپ، ئىئانە  توپلاش بانكا كارتىلىرى ئېلان قىلىندى . بىراق ، بۇنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا نىسبەتەن، ئىئانە قىلغۇچىلار دەرگۇماندا بولغاچقا، ئىئانە قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ ، ئۈنۇمى ياخشى بولمىدى. ھازىر خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، ئىشەنچلەك ، قانۇنلۇق بولۇش ۋە ئىئانىنى بىر تۇتاش يىغىپ بىر تۇتاش تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خوتەندىكى جامائەت ئەرباپلىرى مەسلىھەتلىشىپ (خوتەندە ھازىرچە بۇ خىل فوندى جەمىيەت بولمىغاچقا )، خوتەندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مەرىپەتەرۋەر يەككە تىجارەتچى ،  ساخەۋەتچى،   «خوتەن شەھىرى  ئىنساب ۋە ئىزدىنىش كۈتۇپخانىسى ›› نىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنتوختى( ساۋۇر) ھاجىم نامىدا ئىئانە يىغىش مەخسۇس ھېساب  كارتىسى ئېچىلدى ، شۇنداقلا شىنجاڭ يىپەك شەھىرى ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن ئادۋۇكات ئوسمان مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ خالىس مەسلىھەتى، خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىنىڭ ئىئانە توپلاش كارتىسىنى ساقلاش، ئىئانە توپلاش ۋە تارقىتىشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن جەريانغا خالىس نازرەت قىلىشى، گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى ئاشكارە، قانۇنلۇق ئېلىپ بارماقچىمىز. @(4$<><  
xWR<>Og.  
       بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەشكىللىگەن پائالىيەت ئەمەس. بۇ پائالىيەت جەمئىيەتتىكى كەڭ ساخاۋەتچى ، ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك قىزغىنلىغىنىڭ تەقەززاسىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى پائالىيەت. بىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ  بۇ پائالىيىتىمىزگە نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز ۋە يېقىندىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. :9?y-X  
s\/$`fuhx  
   <e)u8+(  
   ئىئانە يىغىش بانكا كارتا نومۇرلىرى : >oYr=O  
سودا - سانائەت بانكىسى 6212263015000303607 crvq]J5  
يېزا ئىگىلىك بانكىسى  6228483700223661218 Fm-D>PR  
جۇڭگو بانكىسى  6216618300011019886 nA1059B  
قۇرۇلۇش بانكىسى  6227004670300121166 QtSJ9;eP  
پوچتا ئامانەت بانكىسى 6221888960001065182 (Vz\02,K  
مۇئامىلىدار ئىسمى:吐送托合提•沙吾尔 E!rgR5Bd  
ئىىئانە توپلاشنىڭ ئاخىرقى مۇددىتى 2013-يىلى5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ، پائالىيەت 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. z\g6E/%%  
       (يۇقارقى كارتىلار خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدا ساقلاندى. بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق پىدائىينىڭ ئۆز ئالدىغا  ئىئانە يىغىش بانكا كارتا نومۇرىنى ئېلان قىلماي ، بۇنىڭغا ئورتاق ئاۋاز قوشۇشىنى سورايمىز). ]:g;S,{  
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0YsBAfRG  
تۇرسۇنتوختى( ساۋۇر) ھاجىم:13809980711،18034801111 g#}a?kTM@  
ئادۋۇكات ئوسمان مۇھەمەد:13899452830 N"kIQe*}1  
خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ;}W-9=81  
نۇرى مۇھەممەد  :13999430118،ئامىنە باقى :13999057581 _$vAitUe4S  
جەمئىيەت نازارەتچىسى ۋەكىلى: ئىمامنىياز ھاجىم :18609038633 Ex`!C]sQ  
lO+6|oF0  
    ئوبۇل ھاجىم 13399038188 :*<UCn""  
BXj]]S2  
B\mRH V!  
yE{(Ebm  
مائارىپچىلار مۇنبىرىنىڭ تولۇقلىما تەشەببۇسى : +#@)C?G,TF  
_Yqog/sG  
    2013-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە )  كەچتە خوتەن شەھىرىنىڭ چوڭ بازىرىغا يېقىن جايدىكى ئائىلە جابدۇقلىرى شەھەرچىسىگە ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئالتە قەۋەتلىك ئىككى بىناغا ئوت كەتكەندىن كېيىن،  بىر كېچە كۆيگەن كۈچلۈك  ئوت ئائىلە جابدۇقلىرى شەھەرچىسىدىكى مال- مۈلۈكلەرنى ھەمدە  قورودىكى  ئۈچ بىنادا ئولتۇرۇۋاتقان  112 ئائىلىدىن 42 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىنى پۈتۈن بىساتى بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.  يەنە ئالتە ئائىلىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ،  كۆيۈپ كەتكەن ئۆيلەردىن چىققان ئىسنىڭ تەسىرىدە ئۆي ئىچى ۋە سىرتى قارىداپ كەتتى( ئۆيى  كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان 42 ئائىلىنىڭ ئىچىدە يەتتە ئائىلىلىك ئوقۇتقۇچى بار ) .  كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننىڭ سوممىسى  ئىنتايىن زور بولۇپ، ھازىر ئېنىقلىنىۋاتىدۇ. ]Te,m}E  
      ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەن  ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوسەن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا ، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شيۇچېڭ،  ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى  جۇڭ بەيلى،  شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى ئادىل نۇرمۇھەممەد  قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنى بىرمۇ-بىر يوقلاپ، ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە  بىلدۈردى، ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارغا  تەسەللىي بەردى. خوتەندىكى  كەڭ خەلق ئاممىسى  ( ئۇيغۇر قېرىنداشلار ) ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ،  خوتەن شەھىرى  « ئىنساب ۋە ئىزدىنىش كۇتۇپخانىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچى، قاشتېشى  دىيارىدىكى  سېخىي تىجارەتچى،  يېتىم-يېسىرلارنىڭ غەمگۈزارى __ تۇرسۇنتوختى ھاجىم تەشەببۇس قىلغان  ئىئانە توپلاش پائالىيىتگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ. خوتەن شەھىرىدىكى « مۇبارەك ئىمپورت ماللار بازىرى» قاتارلىق بىرنەچچە سودا شەھەرچىسى، سودا دۇكانلىرى ئىچىدە ئىئانە توپلاش ساندۇقى تەسىس قىلىندى. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر  ئۆز يېنىدىن  پۇل چىقىرىپ ،  قورو ئىچىدە  يەتتە دانە ۋاقىتلىق چېدىر تىكلەپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ. بەزى ئائىلىلەر  خوتەندىكى خالىس نىيەتلىك، مېھرى ئىسسىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىگە ، مېھمانخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.  ج خ ، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋە ئاشۇ تەۋەلىكنى باشقۇرىدىغان ناۋاغ كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارمۇ ئائىلىلىكلەر قوروسىغا كۈندە دېگۈدەك كېلىپ،  زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تەسەللىي بېرىش، ئىدىيەۋى تەربىيە ئىشلەش ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە كېلىپ چىققان زىياننىڭ سوممىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش  خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.   %K/zVYGm&  
      تەشەببۇس قىلىدىغىنىمىز :   ئاپەت يۈز بەرگەن توققۇز  كۈندىن بۇيان زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەردىكى ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز نىڭ تۇرمۇشى  ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ  ئىقتىسادىي ياردىمىگە موھتاج بولۇۋتىدۇ،  ئېغىر قىيىنچىلىق ئۇلارنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋاتىدۇ.  شۇڭا ، بىز  دىيارىمىزدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ قەلەمدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك قورالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى،  خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ، ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ  تۇرسۇنتوختى ھاجىمنىڭ يۇقارقى تەشەببۇسنامىسىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا  ۋاقتىدا يەتكۈزۈشىنى، ناۋادا  ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ، قىزىل كىرسىت جەمئىيەتلىرى  ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى  ھۆكۈمەت نامىدىن تەشكىللەپ قالسا، ئۇنىڭغىمۇ پائال ئاۋاز قوشۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ?y`we6~\1  
    "  ساخاۋەت ۋە ھىممەتتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سۈپەت پاك نىيەت كىشىلەرگىلا خاستۇر.  ساخاۋەت ۋە ھىممەتنىڭ مەرتىۋىسى يۈكسەك ۋە پارلاقتۇر". مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ئەڭ  زۆرۈر ۋاقىتتا بېرىلگەن خالىس ياردەم  ئالىيجاناب ، سېخىي، مەرد كىشىلەرنىڭ ئېسىل  ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر. ساخاۋەتلىك قوللار سىنغان يۈرەكلەرگە يەتكەندە، قېرىنداشلىق مېھرى ھەممىمىزنى ئالەمچە خۇش قىلغاي. j8[RDiJ  
X:kqX[\>  
Z^_-LX:%  
U5!~ @XjG>  

تېما تەستىقلىغۇچى : arman
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-22, 08:57
 
ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس!
sogdiyana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9383

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   60 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3049 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   315 (قېتم)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3440
 سائەت
دەرىجىسى:
3440 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-29
ئاخــىرقىسى:2013-05-07
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 04-26

يا ئاللاھ ! بىرمۇ ئادەم ئىنكاس يازماپتۇ ما تەشەببۇسنامغا ؟ ! f*t9 I9Q  
قېرىنداش دىگەن مۇشۇنداق بولسا ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ d1n*wVl  

گۇمران
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9870

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6700 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-20
ئاخــىرقىسى:2013-05-12
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-05

پۇل كېتىدىغان ئىشقا ئىنكاس يېزىشقا ئېرىنىمىز!
يوقلۇق دالاسى يوقلۇققا لىق تولۇپ كەتكەن تۇرسا ئۇ يەردە يوقلۇق ھۆكۈم سۈرمەي يەنە نېمە بولسا بولاتتى؟
amirtugluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14698

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   180 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9055 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   906 (قېتم)
 تۆھپە:   906  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 893
 سائەت
دەرىجىسى:
893 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-03-23
ئاخــىرقىسى:2013-07-15
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-05

شۇنداق  تاما  -  تاما  كۆل  بۇلار دەپ ،  ئىنسانى مىھرى  مۇھەببىتىمىزنى  ، ئاپەت  رايۇنىدىكى  قان -  قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايىمايلى  ،  دۇنيا  ،  مېھرى  - مۇھەببەت  بىلەن  گۈزەلدۇر  .  
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى