باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       663 
  •    ئىنكاس 
       3 

يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزدە نېمە كەم

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزدە نېمە كەم !4!qHJISa  
( سۆھبەت خاتىرىسى ) (, ik:j  
رەتلىگۈچى : ئالىم كېرىم كۆكئالىپ
 Lagk   
$UdBZT-  
2012- يىل 11-ئاينىڭ 30- كۈنى ژۇرنىلىمىزدا ‹‹ مايگۈلى ئېسىل تائاملار ئوردىسى ›› دا ‹‹ ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا ›› بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ سۆھبەت يىغىنىغا يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ دىرېكتورلىرى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا تەھرىر بۆلۈمىمىزنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى. تۆۋەندە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سۆزىنى رەتلەپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق :       u  Fw1%  
جۈرئەت سەيپۇل ( ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى ) :  ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا. ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىغا، ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي يىغىنغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭلارغا نەشرىياتىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، يېمەك - ئىچمەك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر كاتېگورىيە. ئۇيغۇر تائاملىرى يەرلىك ئالاھىدىلىككە، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ ھەقتە بۇرۇن ‹‹ مىراس ›› ژۇرنىلى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى بەرگەنىدى ھەمدە بەزى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانىدى. ئۆتكەن ئىككى يىلدا ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىمىز مىراج ۋە مايگۈلى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېمەك - ئىچمەك توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. بۇ جەرياندا شۇنى ھېس قىلدۇقكى، يەۋاتقان يېمەكلىكىمىز ھەققىدە بىزمۇ بەزى نەرسىلەرنى بىلمەيدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن ژۇرنىلىمىزدا ھەمكارلىق سەھىپە ئېچىپ بۇ ھەقتىكى بايانلارنى ئېلان قىلىپ تۇردۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەت يېمەك - ئىچمەكنى كۆز - كۆز قىلىش ئەمەس، بەلكى يېمەك - ئىچمەكتە ئىپادىلىنىۋاتقان مەدەنىيەتنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى مەدەنىيلىكنى سىستېمىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.                                                                                                 b%*`}B  
بۈگۈنكى كۈندە بىر تۈركۈم تەرەققىيپەرۋەر ياش كارخانىچىلار ئاشخانا ۋە رېستۇران ئېچىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ قېزىلىشىغا ۋە بازارغا يۈزلىنىشىگە ئەجىر - مېھنەت سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە نۇرغۇن ئوي - خىياللىرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات خاراكتېرىنى ھەم تەشۋىقات خاراكتېرىنى ئالغان بىر تۈركۈم كىتابلار نەشر قىلىنىپ، يېمەك - ئىچمەك ھەققىدىكى خىزمەتلەرنى نەزەرىيەۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.                                                   VwRZgL  
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقانلارغا بۇ توغرىدىكى خىزمەتلەرنى  بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىشىمىز  ئىككى خىل ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرى، يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. يەنە بىرى، يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ. شۇڭا بىز ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى ئوتتۇرىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشنى لايىق كۆردۇق. قەدەم تەشرىپ قىلغان ئۇستازلارنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، كارخانىچى دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئايىماي، مۇھاكىمىگە جان كىرگۈزۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت.                                                                                       %~k>$(u6  
پولات ھوشۇر ( شىنجاڭ مايگۈلى يېمەك - ئىچمەك زەنجىرسىمان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ):  بۇرۇن بىز تاماقنى ناھايىتى ئاددىي ھالدا غىزا دەپلا چۈشىنەتتۇق. مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىش بىزدىن يىراق ئىدى. كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىمىزدا، تائامنى مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تاماق شىرەسىگە ئېلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇنى ئالدى بىلەن كېرەم مامۇت ‹‹ ئەنجۈر تېز تاماقخانىسى ›› بىلەن باشلىغانىدى. ‹‹ ئەنجۈر ›› مەيدانغا كېلىشى بىلەن تەڭ خەلق ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشتى. ئەينى چاغدىكى ‹‹ ئەنجۈر ›› نىڭ موۋەپەققىيەتكە ئېرىشىشىدىكى سىر زادى نېمە ؟ مەن ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇھىتنى ئۆزگەرتكەنلىكىدە دەپ قارايمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۈرۈمچىنىڭ بۇرۇنقى كىچىك ئاشپۇزۇللىرىدا سىستېمىلاشقان مۇھىت بەرپا بولمىغانىدى. 2001- يىلى مايگۈلى تاماقخانىسىنى ئېچىپ، بۇ ساھەگە مەنمۇ قېتىلدىم. دەسلەپتە باشقا بىر نۇقتىدىن ئاشقا تۇتۇش قىلىشنى ئويلىدىم، يەنى مۇھىتتا ئۆزگىچىلىك بەرپا قىلماقچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇرنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر بېزەكچىلىكى، كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى بىرلەشكەن ‹‹ مايگۈلى ئېسىل تائاملار ئوردىسى ›› نى بارلىققا كەلتۈردۈم. ئەينى ۋاقىتتا ئانام بىر پولوخانىنىمۇ شۇنچە پۇل خەجلەپ بېزەمسەن دېگەنىدى. ئەمما مەن بەل قويۇۋەتمەي، ئۆز قارىشىمدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى مۇشۇ يەردە مۇجەسسەملەپ، ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. مېنىڭ قارىشىمدا بۇنىڭغا پۇل خەجلەش ئەرزىيدۇ. كېيىن مىراج بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، بۇ ساھەنىڭ تەسىر دائىرىسى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيدى. بىر يىل ئىچىدە قەشقەرنىڭ ئۆزىدىلا بەش تاماقخانا ئېچىلدى. بۇلارنى بىزنىڭ تەسىرىمىزدىن بولغان دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزنى توغرا دەپ بىلدى. يولنى بىز باشلاپ بەردۇق، بۇنى مەدەنىيەتنى تونۇتىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇردۇق.                                   <"6\\#}VG  
ئاشخانىنى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرغان بىلەن ئۇنىڭمۇ تەشۋىق كۈچى چەكلىمىلىككە ئىگە بولىدىكەن، يەنى نەزەرىيەۋى نۇقتىدا تۇرۇپ، تەتقىقات خاراكتېرىدە تەشۋىق قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ مەدەنىيەت قاتلىمى ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىغا ئوخشاش ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە تەشۋىق قىلىنىدىغان بولسا، مېنىڭچە خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتقىلى بولاتتى. تائام مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈش مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىمىزدىكى كاتتا ئىش. بۇنىڭدا زىيالىيلارنىڭ رولىغا تايانساق بولىدۇ. زىيالىيلارنىڭ رولى بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نىشانىنى تەرەققىيات يولىمىزغا مەركەزلەشتۈرەلىسەك تېخىمۇ كاتتا ئىش بولىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تائام مەدەنىيىتى ناھايىتىمۇ قىممەتلىك بايلىق. ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىچە ئوي - پىكىر، يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزسەك بولىدۇ. دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كېنتاكىي، ماكدونالدنىڭ بىر قانچە ئالىي مەكتەپلىرى بار. ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزىدا بۇنىڭدىن سۆز ئېچىش تەس.                                       q9p31b3  
بىزدە يەنە بىر قانچە قىيىنچىلىقلار بار. بۇنىڭ بىرى كەسپىي خادىملارنىڭ كەمچىلىكىدىن ئىبارەت. ئىچكىرىدە ئۆزىمىزنىڭ تارماق دۇكانلىرىمىزنى ئېچىپ باقتۇق. ئەمما ئۇستاملارنىڭ ئۇ يەردە ئىشلىشى ئۇزاققا بارمىدى. ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە بۇ خىزمەت ھېسابلانمايدىكەن. بۇ خىل قاتمال قاراش مېنىڭچە بەك خەتەرلىك. يەنە بىرى بۇنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك - تائامنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سانائەتلەشتۈرۈش دېگەنلىك. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئىش تۈرلىرىنى قولدا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى تاماقنىڭ ئەسلى تەمىنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرت بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىز يۇقىرىدا دېيىلگەن تەلەپلەرنى قاندۇرۇۋالىدىغان بولساق، ھەر قانداق كىشى تەييارلىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇ ئۇيغۇرنىڭ تامىقى  بولۇۋېرىدۇ.                                           &o7PB` (l  
IY8<^Q']  
ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى ): F!g1.49""  
يېڭى يىل كىرىش ھارپىسىدا كارخانىچىلار ۋە زىيالىيلار بىلەن بۇ سورۇندا ناھايىتى ياخشى جەم بولدۇق. ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جەمئىيەتكە، جۈملىدىن كارخانىلارغا يۈزلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش جەريانىدا، ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ ۋە يېتەكلەۋاتىدۇ.                                                                 ab2Cn|F  
تىنچ شارائىتتا خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئىستېمال ساھەسى ئەڭ چوڭ جەڭگاھ ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت سانائەت بىلەن ئۆزىنىڭ قەددىنى كۆتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك - ئىچمەكمۇ مۇھىم تۈر ھېسابلىنىدۇ، يېقىنقى ئىستاتىستىكىدىن قارىغاندا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتكەن. شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان سانائەت تۈرلىرى، 3- كەسىپ تۈرلىرى ۋە يېمەك - ئىچمەك ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.                                                                                                   ybsw{[X>M  
يېقىنقى ئون نەچچە يىلدا ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك ساھەسى تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلدى. ئىلگىرى مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بۇ ساھەنىڭ داڭقىنى چىقىرىدىغان كۆلەم بىزدە بولماي كەلگەن. يېقىنقى يىللاردا بىزدىكى ئىجتىھاتلىق ياشلار بۇ ھەقتە ئويلىنىپ، ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەپ، بۇنىڭدا ئۈلگە ياراتتى. بۇ توغرىدا داۋاملىق دېگۈدەك مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، يېڭى تۈرلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ۋە بۇ ساھەنى زورايتىش بىر مۇھىم تەرەپ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ساھەدە ماركا يارىتىش تېخىمۇ مۇھىم. ياپونىيەدە تەتقىقاتتا بولغان مەزگىلىمدە، ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈگرىسى ›› دېگەن نام بىلەن كىچىككىنە دۇكان ئاچقان بىر تونۇشۇمنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم.                                                                                           F .Zk};lb  
ھەممىمىزگە مەلۇم، تائاملىرىمىز ماكدونالدنىڭ تاماقلىرىدەك مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ كېتەلىگىنى يوق. بايا پولات ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن شۇنى ھېس قىلدىم، ئۇ زامانىۋى تېخنىكا بىلەن تائاملىرىمىزنىڭ تەم خۇرۇچىنى ئىنچىكە نۇقتىلارغىچە ئۆلچەمگە يەتكۈزگىلى بولامدۇ ؟ - دېگەن ئويغا كەپتۇ. بۇنى يېڭىلىققا تويۇنغان ئوي دېيىشكە بولىدۇ. خەلقنىڭ تىنچ تۇرمۇش شارائىتىدا يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكنىڭ ئىستېمالى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئېشىشنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بىز تاماقلىنىشتا قورساق تويغۇزۇش باسقۇچىدىن ھۇزۇرلىنىش باسقۇچىغا قاراپ ماڭدۇق. ئەمدىكى مۇھىم نۇقتا بۇنى ئومۇمىي خەلققە قانداق تەشۋىق قىلىپ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. پولات ئەپەندىنىڭ قىياسىغا ئوخشىغان تەتقىقاتنى ئېلىپ بارساق تائام مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.                                                             #:N#i  
تائام بىر ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن كاتېگورىيە. شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ تەربىيەلەش باسقۇچلىرى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ تەربىيەسى كىچىك بالىلاردىن باشلانسا ياخشى بولارمىكىن دېگەن ئويدىمەن. بۇنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىچىككىنە دەرس مەزمۇنى قىلىپ بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپلەردە تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسلىك قىلىپ بولسىمۇ بىلدۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ دېگەننى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تاللانما دەرسلىك قىلىپ ئېچىلسا ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھۈنەر ۋە بىلىم ئۆگىنىۋالالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بىزدە ياخشى بولغان ئاشپەزلەرنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپلەر يوق، ئاشپەزلەر قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلاردا ئۆگىنىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئاشپەزلەرنىڭ قاتلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مەكتەپلەر ئاز ياكى يوقنىڭ ئورنىدا ساھەسىدىكى كارخانىچىلار تەربىيەلەشنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ ماڭسا، ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بولغان كەسپىي خادىملارنى بىرلا ۋاقىتتا يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.                                                                           &L5)v\z  
ماھىرجان ( تاجىك، جۇڭگو پامىر شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ):     .)+c01  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ ناھايىتى ياخشى تەشكىللەنگەن بىر يىغىن بوپتۇ. بىر مىللەت بولغانىكەن ئۇنىڭ چوقۇم ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى بولىدۇ. يەنى ئۇ تائام مەدەنىيىتى، كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى دېگەندەك مەدەنىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا يۈزلىنەلەلەيدۇ.                                       uq-`1m }  
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە شۇ نەرسە ئايانكى، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى  بىرىنچى بولۇپ، ‹‹  ئەنجۈر تېز تاماقخانىسى ›› نامى بىلەن كېرىم ئەپەندى تونۇتقانىدى. ھازىر بۇ خىلدىكى تاماقخانىلارنىڭ سانى كۆپەيگەن بولسىمۇ، تەلەپتىن يەنىلا يىراق. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى مەھەللىۋى تائاملىرى بار ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇ خىل تائاملارمى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇلار جىمجىتلا يوقاپ كەتتى. يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلار يوقىلىپ كېتىۋاتقان تائاملارنى ئامالنىڭ بارىچە قېزىپ چىقىرىپ بازارغا يۈزلەندۈرسە بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، مەدەنىيىتىمىزدىكى تائامدىن ئىبارەت بىر قاتلام كەم يەرلەرنى تولۇقلاپ، مەدەنىيەت ساھەسىدە يەنىمۇ جۇلالانغان بولاتتى. بۇ ھەقتە يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار پائال تەتقىقات ئېلىپ بارسا ئاۋانغا يەتكۈزۈلۈشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ دەپ قارايمەن.         9 Xl#$d5  
ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم، كارخانىچىلىرىمىز تائام مەدەنىيىتىمىزگە ماس مۇشۇنداق تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئاچتى، ئۇنىڭغا بولغان قوللاش يېتەرلىك بولمىسا بولمايدۇ. تەشۋىق يېتەرلىك بولمىسا بولمايدۇ. كارخانىچىلارنىڭ تىجارىتىنىڭ راۋاج تېپىشى ئەمەلىيەتتە شۇ ساھەدىكى مەدەنىيەتنىڭ راۋاج تېپىشى بىلەن باراۋەر.                             1$Q[%9  
ئەنۋەر ئابدۇرېھىم (تارىم ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى ) :                                                                                           U ^GVz%\  
ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ ئۇلۇغ زېمىندا بىر - بىرىدىن ئېسىل بولغان كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتنى ياراتقان. يېمەك - ئېچمەك دەل مۇشۇ مەدەنىيەتنىڭ بىر قاتلىمى. مەدەنىيىتىمىزدىكى ھەربىر قاتلام بىزنىڭ بايلىقىمىز، خاسلىقىمىز، ئەۋزەللىكىمىز ۋە يىلتىزىمىز. بۇنى ئۇنتۇپ قالغانلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىق بىلەن باراۋەر. ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئاچقان بۇ يىغىنىنى ياشلارنىڭ ئانا مەدەنىيەتكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ دەپ قارايمەن.             ggrYf*  
مەن ئەسلىدە ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئادەم. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن مەدەنىيەتكە دائىر بىر مۇنچە ماقالىلەرنى يازدىم. بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيىتىمىزدىكى ياتلىشىش ۋە خاس مەدەنىيەت رەڭگىنىڭ سۇسلىشىشى مېنى مەدەنىيىتىمىز توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. ‹‹ قىزچاق تاماق ئېتەلەمسىز ؟ ›› دېگەن ماقالەمنى بۇنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ.                               =y@0i l+V  
بايا مەدەنىيىتىمىزنى بىزنىڭ بايلىقىمىز دەپ ئۆتتۈم. دېمەك، بايلىقنى قازغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولمىسا بولمايدۇ. مىسال ئالسام، قايسى كۈنى ئوغلۇم بىر ئىستاكان ئىچىملىكنى ماڭا تۇتتى. قارىسام، ئىچكىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان سۈتلۈك چايكەن. سۈتلۈك چاي ئىچىش شىمالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىگە تەۋە قاتلام. ئۇلار سۈتلۈك چاي ئىچمىسە ھاردۇقى چىقمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەدەنىيىتىمىزدىكى بۇ بايلىقتىن باشقىلار پايدىلىنىشقا مۇۋەپپەق  بوپتۇ. مەدەنىيىتىمىزدە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قېزىشقا تېگىشلىك گۆھەرلەر يەنە نۇرغۇن، ئەگەر بۇلار قېزىپ چىقىرىلسا بۇ مەدەنىيەتنى ياراتقان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى، ھاياتقا بولغان ساغلام قارىشىنى، گۈزەللىك قارىشىنى يېڭى دەۋردە قايتا جۇلالاندۇرغانلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.                                                                               _*?qOmf=  
كېرەم مامۇت ( مىراج يېمەك - ئىچمەك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ) :       HBvyX`-  
مېنىڭ قارىشىمدا، سىرتتىن مەلۇم بىر مەدەنىيەت كىرىش بىلەن تەڭ بىر مۇنچە ۋىرۇسنى بىللە ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ ۋىرۇس زەئىپلەشكەن كىشىگە ئەڭ تېز تەسىر قىلىدىكەن. باياتىن بېرى مەدەنىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ھەققىدە گەپ بولۇندى. بۇنىڭغا قاراپ مىللىتىمىز سەل زەئىپلەشكەن ئوخشايدۇ، شۇڭا مەدەنىيىتىمىزدە بۇزۇلۇش كۆرۈلۈۋېتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ ئەلۋەتتە ھەممىمىزنى ئويلاندۇرسا كېرەك.                                                                               Mb[4_Dc  
مەدەنىيەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقى يوق، ئەمما ئىشلىتىش ھوقۇقى بار. مەن بۇ سۆزگە ئىخلاس قىلىمەن. پۈتۈن دۇنيادا ياپوننىڭ لەڭمىنىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر لەڭمىنىنى بىلمەيدۇ. ياپونىيەگە چىققان ۋاقتىمدا، ياپونلار ماڭا لەڭمەننىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇلار لەڭمەننى ‹‹ رامىن ›› دەيدىكەن. ياپونلارنىڭ دېيىشىچە، 1400 يىللار بۇرۇن بىر راھىب كۇچاغا كېلىپ لەڭمەننى كۆرۈپ، ئۇنى ئېتىش ئۇسۇلىنى ياپونىيەگە ئېلىپ كىرگەنىكەن. مەن شۇ يەردىن لەڭمەننىڭ تارىخىنى بىلىۋالدىم. 1400 يىل بۇرۇنقى كۇچا لەڭمىنى بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيەلىكنىڭ قولى بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى. بۇنىڭدىن ‹‹ مەدەنىيەتنىڭ  پاتېنت ھوقۇقى يوق، ئىشلىتىش ھوقۇقى بار ›› دېگەن سۆزنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.                               <F&XT@  
رايونىمىزنىڭ بېكىنمە جۇغراپىيىلىك شارائىتى تۈپەيلىدىن، خۇددى بىزگە خەتەر كەلمەيدىغاندەك نۇرغۇن بىخەستىلىكلەرنى سادىر قىلدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئاشپەزلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى مەدەنىيەت قاتلاملىرىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىن ئېغىز ئېچىش تەس بولدى. دەسلەپتە ئىش باشلىغاندا كېنتاكىينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەخلەت يېمەكلىك دەپ يۈرگەنىدۇق. ئۇنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بازارنىڭ قانداق ئىگىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۇق. بىزدىكى بىخەستەلىك شۇ ۋاقىتلارغىچە داۋام قىلغانىدى.                                     #yR&|*@  
مەدەنىيىتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى كېسەلنى داۋالىشىمىز كېرەك. 1992- يىلى مەن قازاقىستانغا باردىم. ئۇ يەردە ماڭا تەسىر قىلغىنى شۇ بولدىكى، مەيلى قەيەردىن ئۆي ئىجارە ئالايلى، شۇ ئۆيدە بىر ئېغىز كىتابخانا بار ئىكەن. ئۇلار ئۆي زەخمەتكە ئۇچرىسىمۇ مەيلى، كىتاب يىتىپ كەتمىسۇن دەيدىكەن. يۇرتىمىزدا مەيلى زىيالىي بولسۇن، مەيلى باشقىلارنى يېتەكلەيدىغان مۇئەللىملەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە 100 گە يېتىپ كىتاب كۆرمىدىم. ئادەمدە ئەقىل بولىدۇ، ئەقىل ئارقىلىق ھەر خىل بىلىم ئىگىلەيدۇ. ئادەمدىكى ئاڭنى مۇناسىپ بىلىم بولمىسا شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بىلىم ئېلىشقا بولغان سۇسلۇقمۇ بىزدىكى كېسەللىكنىڭ بىرى دەيمەن. بىر قېتىم ئاشخانىدىكى خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئاچتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخى توغرىسىدا تەپسىلىيرەك بىلىمگە ئىگە بولغانلىرى يوقكەن. خەلقىمىزنىڭ نامى بار ئادەملىرىنىڭ تارىخىنى بىلىدىغانلار تېخىمۇ ئازكەن. بۇنىڭدىن بىزدىكى ساپا تۆۋەنكەن دېگەن خۇلاسىگە كەلگەنىدىم.                       6Y\TVRR  
يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قاتلىمى. بۇنىڭغا باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى، كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوزغايمىز دېسەك، چوقۇم ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز لازىم. چۈنكى پايدا - مەنپەئەت بولمىغان يەردە ئەلۋەتتە قىزىقىش بولمايدۇ، راۋاجلىنىش بولمايدۇ. تائاملىرىمىزنى جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىك پايدىدىن كېچىپ، كەلگۈسىدىكى چوڭ پايدا - نەپكە يۈزلەنمىسەك بولمايدۇ. مەن دەسلەپتە تىللىغان كېنتاكىيدىن ھازىر ئۆگىنىۋاتىمەن. ئۇلار جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ بازارنى ئېچىۋاتىدۇ، ئىگىلەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ چىقارغان يېمەكلىكلىرى مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن بىزنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئالىدىغان پايدىسى ناھايىتى زور. بىزدە ئەنە شۇنداق قىلالايدىغان بىلىم، ئىقتىساد بولۇشى كېرەك.                         CC"a2Hu/  
بىزگە نىسبەتەن بازار ئەڭ ياخشى سورۇن ھەم مەشىق مەيدانى. بازار بىزنى تاۋلايدۇ، پىشقان ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ، تەجرىبىمىزنى موللاشتۇرىدۇ. بازارغا كىرىپ مەغلۇب بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ شۇ كىشىگە نىسبەتەن پايدا، بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى تېخىمۇ چوڭ پايدا. قانداق قىلغاندا جۇڭگو بازىرىغا يۈزلىنەلەيمىز؟ قانداق قىلىپ بۇ بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرالايمىز ؟ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزگە تولۇق پۇرسەت بار. شۇڭا بۇ ساھە ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ھەر قايسىمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خىرىسقا يۈزلىنىپ، كۈچلۈك مەدەنىيەت يارىتىشقا دادىل قەدەم ئالساق بولىدۇ. شۇنىڭدا ئۆزىمىزدىكى زەئىپلىك يۇقىلىپ، خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.                   _<mY|  
مېنىڭ قارىشىمدا، ئاشخانىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىشى بىر ئاز تېز بولىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەدە قورقۇشنىڭ ئۆزى خەتەرلىك. بايا ماشىنلاشتۇرۇشنىڭ، سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ گېپىنى دېيىشتۇق، مېنىڭچە ھازىر بۇنىڭ ۋاقتى ئەمەس. ھازىر بىلىملىك ياشلار بۇ ساھەگە كىرىۋاتىدۇ، بۇ ئادەمنى بەكمۇ خۇشاللاندۇرىدۇ. چۈنكى ئاشپەزلىك تائام مەدەنىيىتىمىزنى جۇلالاندۇرىدىغان ساھە بولغاندىكىن، ساپالىق ئادەملەر قىلىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتە يۈزلەندۈرۈشتە قىيىنچىلىق كۆپ، شۇڭا يېڭىلىق يارىتالايدىغان، باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغان  كىشىلەر بولمىسا بولمايدۇ. مېنىڭ ساپانى كۆتۈرۈشتە داۋاملىق دەيدىغان مۇنداق بىر جۈملە سۆزۈم بار : ‹‹ مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. ›› ساپا بولغاندا خەقنىڭكىدىن ‹‹ قاندىغىنى قوبۇل قىلىش، قانداق قوبۇل قىلىش ›› نى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ھازىرقى ئاساسىي نۇقتا ‹‹ بىز نېمىدە ئەڭ تېز غەلىبە قىلالايمىز ؟ ›› دېگەندىن ئىبارەت. چۈنكى ‹‹ جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس ›› لىقىنى ھەر قايسىمىز ئىنتايىن ئېنىق بىلىمىز. مېنىڭ دەيدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك، كۆپچىلىككە رەھمەت.                                                                           ;qUB[Kw  
قۇربان مامۇت ( ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ) :  ماڭا ئوخشاش ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر كارخانىچىلىق، ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەردىن ساۋاتسىز ھېسابلىنىمىز. پەقەت بىر ياندىكى ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىدە تەسىراتىمىزنى سۆزلىسەك كۇپايە دەپ قارايمەن.                                     /0gr?I1wr7  
خەلقىمىزدە ‹‹ پادىشاھلىقتىن يىقىلساڭ ئاشپەز بول ›› دەيدىغان تەمسىل بار. بۇ تەمسىل ئاشپەزنىڭ ئورنى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بايا بازار ئېچىش توغرىسىدا خىلمۇخىل گەپلەر بولۇندى. كىشىلەر ئارىسىدا  قولى  تاتلىق، قولى لاۋزا دەپ ئايرىيدىغان ئەنئەنە بار. ئاشپەزلىكنىڭ مەخسۇس تېخنىكا مەكتەپلىرىمۇ بار، ئەمما ئۇنىڭ ئۇدۇمى باشقا گەپ. شۇڭا ئۆز تەمدىكى تاماقنى قىلىش ئۈچۈن ئىختىساس ئىگىسىنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم دەپ بىلىمەن. چۈنكى تاتلىق قولنىڭ ئىشقا كىرىشىشى خىرىدارنى جەلپ قىلىشتىكى، سودىنى كېڭەيتىشتىكى بىر ۋاسىتە. ئاشخانىنىڭ بېزىكى ياخشى بولۇنغان تەقدىردىمۇ، تاتلىق قولنىڭ بولماسلىقى سودىنىڭ قەدىمىنى چۈشەپ قويىدۇ.                       sUc[!S:/  
بۈگۈنكى كۈندە مۇلازىمەت كەسپى مائارىپ ئورۇنلىرى ئارقىلىق سىستېمىلىشىش يولىغا كىردى. ھەتتا ھازىر بەزى چوڭ ئاشخانىلاردا مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغانلار ئىشلەۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەسىلە يەنىلا يوق ئەمەس. بىز ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئېسىل سۈپەتلىك سودا مۇلازىمەت ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلق. خېرىدارنىڭ ئالدىغا چاينى قانداق قويۇش، قانداق سۇنۇشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار، بۇنىڭغا ھەم بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز سىڭىپ كەتكەن. قىسقىسى ئىللىق مۇلازىمەت كىشىنى چوقۇم تارتالايدۇ. كارخانىلارنى قوللاشقا قارىتا قارشى ئېلىش پوزىتسىيىسىدە بولىمەن. چۈنكى كارخانا ساھەسىدە گۇرۇھلىشىش، كارخانىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش كارخانىلارنىڭ بازارنى تېز ئىگىلىشىنىڭ بىر شەرتى دەپ قارايمەن.                                                                                         <a=OiY  
ئابلىمىت سادىق ( ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ) :  بىر قانچە يىل ئىلگىرى ۋاڭ مېڭنىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇنىڭدا : ‹‹ بىز مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم، سانائات ۋە باشقا جەھەتلەردە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلىشىمىز ناتايىن. جۇڭگو 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە، بۇ جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىغا چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز ›› دېيىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتى بولۇش دېگەننى ئاساسىي تېما قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇ ئارقىلىق ھازىر بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز ئارقىلىقمۇ ئۆزىمىزنى نامايان قىلالايمىز دېمەكچىمەن.                                                             DBaZcO(U  
ھازىر چەت ئەلنىڭ بەزى تاماق تۈرلىرى ئۈستەللىرىمىزدە پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن تاماقنىڭمۇ مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىدە ئۆزئارا ئالمىشىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بىزدە تۇلۇق قېزىشقا، مەملىكەتكە ياكى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن تاماقلار بار. بۇنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭغا ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى ياخشى تۇتۇش قىلىپتۇ. ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى ياشلارنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ژۇرنال. ياشلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بولغاندىكىن، بۇ ژۇرنالنىڭ تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە كۆپلىگەن نەرسە تەشۋىقاتقا باغلىق بولۇپ قالدى.                   >jmHe^rH  
ئابدۇرېھىم ئابدۇكېرىم ( ش ئۇ ئا ر ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ دورا تەتقىقاتچىسى، ئالىي دورىگەر ) :  مەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، مۇشۇ تەرەپتىن ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەكلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. مىللىي تېبابىتىمىزدە ئىبىن سىنادىن قالغان تەلىماتلاردا تاماق ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. تېبابەتتە پەرھىز ئىلمى دەپ بىر ئىلىم بار، بۇ ئىلىم دەل يېمەكلىككە قارىتىلغان. قەدىمكى تېۋىپلارنىڭ دورا ئىشلەتمەيمۇ تاماق بىلەنلا كېسەلنى داۋالىغانلىقى ھەققىدىكى نۇرغۇن رىۋايەتلەر خەلق ئارىسىدا ۋە كىتابلاردا بار. ئەمەلىيەتتىمۇ يېمەكلىكنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى پىشۇرۇش ئارقىلىق دوختۇرخانىلاردا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى تاماق بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.                         nu1XT 1q1  
ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىلوگىيەگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بىزدىكى يېمەكلىكلەرنى ئەنئەنىۋى پىشۇرۇش ئاساسەن قاقلاپ پىشۇرۇش، دۈملەپ پىشۇرۇش ۋە بۇسلاپ پىشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. قورۇپ پىشۇرۇش بولسا بىزگە كېيىن كىرگەن. تارىختا بولسا ئاسەسەن قاقلاپ پىشۇرۇشقا تايىنىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغىنى دۈملەپ پىشۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. مېنىڭچە ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرى ئەنئەنىۋى بولغان پىشۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى بويىچە ئىش ئېلىپ بارسىمۇ بازارغا تەسىر كۆرسەتكىلىمۇ بولىدۇ. يەنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ خىل ئاساسلىق پىشۇرۇشنى قوللانسا ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرەلەيمىز. ئەلۋەتتە ھازىر چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن قورۇپ پىشۇرۇشنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز.                                                           UNiK6h_%  
بايا يېمەك - ئىچمەك خادىملىرى توغرىسىدا گەپ بولۇندى. مېنىڭچە يەنىلا تەشۋىقاتقا تايانساق بولىدۇ. چۈنكى بىز ھازىرغا قەدەر ئەل ئارىسىدىكى قولى تاتلىق بولغان ھۈنىرى خىل ئۇستاملارنى تەشۋىق قىلىشنى چىڭ تۇتالمىدۇق. بىزنىڭ ھەربىر خىل تامىقىمىزنىڭ بىر ئۇستىسى بار، يەنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن بىر ئۇستىسى بار بولغان بولىدۇ. شۇنى تەشۋىق قىلساق ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان تاماقنى تېخىمۇ چىڭ تۇتالىغان بولىمىز. بۇنى ماددىي مىراس يەتكۈزگۈچىسى سۈپىتىدە ئەنگە ئالدۇرساقمۇ بولىدۇ. ئۇستامنىڭ ھۈنەر سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ، غەيرىي ماددىي مىراس دەرىجىسىگە كۆتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.                                                                                       "HqmS  
مەن بىزدە يېمەك - ئىچمەك تەتقىقات جەمئىيىتى بارمۇ - يوق بىلمەيمەن. ئەگەر يوق بولسا كارخانىچىلىرىمىزنىڭ يېمەك - ئىچمەكنى مەركەز قىلغان بىر ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. كارخانىچىلىرىمىز بۇ جەمئىيەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پائالىيىتىنى سىستېمىلىق ئېلىپ بارالايدۇ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىنى چىقىرالايدۇ. بۇ ژۇرنالنى  باشقا تىللارغا ئاغدۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى بازارنى نەچچە ھەسسىلەپ كېڭەيتىش بىلەن بىللە، مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىمىزنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىلمىي بولغان نەرسىلەر ئىلمىي جەمئىيەت ئارقىلىق ئالماشتۇرۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بۇنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. پەن - تېخنىكا  تاماقنىڭ تەمىنى تەڭشىيەلەيدۇ، رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئەمما قۇۋۋەت مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. كىشىلەرگە ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ قۇۋۋەت مەسىلىسىنى ئىلمىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تاماقنىڭ قۇۋۋىتىنى ئۆلچەش سالامەتلىككە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇشۇ دەۋردە كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تاماقلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. مېنىڭچە بىز يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقات ئورنىغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمىز دەپ قارايمەن. بۇ ساھەگە كىرمەكچى بولغان ۋە كىرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بىرەر ئىلمىي ئورۇننىڭ يېتەكلىشىنى قۇبۇل قىلمىغانلار نۇرغۇن بولغاچقا، بۇ يولدا تەمتىرەپ قېلىۋېتىپتۇ. شۇڭا ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى باشقىلارغا ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمىكىنى ھەقىقىي تونۇتۇشقا رولىنىڭ زور بولۇشىدا گەپ يوق.                                                             i4k [#x  
يالقۇن روزى ( شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى ) :  تائام مەدەنىيىتىمىزگە قارىتا مېنىڭ بىر ئىككى تەكلىپىم بار. بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر تائاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە پارچە كىتاب تۈزۈلدى. بۇ يىل يازدا ئىستانبۇلغا چىقىپ، كىتابخانىلارنى ئارىلاپ، ‹‹ ئىستانبۇلنىڭ 100 لەززىتى ›› دېگەن بىر پارچە كىتابنى كۆرۈپ قالدىم. كىتابنى ۋاراقلاۋېتىپ بىر تاماقنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭدا ‹‹ بۇ تاماق ئەسلىي ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپ، ئۇنى قەشقەرلىك مەھمۇد ئۆزىنىڭ كىتابىدا تىلغا ئالغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تاماق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىستانبۇلدىكى 100 ئاساسىي تاماقنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ›› دېيىلىپتۇ. بىزمۇ ‹‹ ئۇيغۇرنىڭ 100 لەززىتى ›› دېگەندەك كىتابنى تۈزۈپ، ئۇنى يەنە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنىڭ سىستېمىلاشقانلىقىنى، مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نامايان قىلساق بولىدۇ. ھازىرقى ئىقتىسادىي شارائىت ۋە نەشرىياتچىلىق ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇنىڭ تامامەن مۇمكىنچىلىكى بار. بۇ مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلارغا بولغان سەمىمىي تەكلىپىم.                                       Gukvd6-g9b  
نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا كونكرېت، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا تەربىيە بەرمەستىن، ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرسىلا بالامنى ياخشى تەربىيەلىدىم دەپ قارايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بالىنىڭ تەربىيەلەنگەنلىكىگە تەڭ ئەمەس. بالىلارغا ۋاقتىدا ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولغان قىممەتلىك ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىزنى ئۆگىتىپ ماڭمىساق بولمايدۇ. ‹‹ كېيىن ئۆگىتىمەنغۇ ›› دەپ ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش بولىدۇ. بىزدە بالا تەربىيەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم كىرىزىسلەردە نۇقتىلىق كۆزگە چېلىقىۋاتقىنى دەل ئائىلىدىكى كەسىپلەرنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋېرىش كېرەكمۇ ؟ ياق، بۇنداق كېتىۋەرسەك بىزدە ئەمدىلا بېشىنى كۆتۈرگەن كىرىزىس تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. ئۆي بار، ئەمما ئائىلىنىڭ لەززىتىنى سۈرەلمەيدىغان بىر توپ ئائىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاتا - ئانىلارنى تەربىيەلەش، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تايىنىش بىلەن بىللە، يەنە مۇشۇ ساھەدىكى مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر مەكتەپ ئېچىش يولى بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش چەكلىمىسنى، دەرىجىسىنى ھەر خىل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ جەرياندا تەجرىبە توپلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەندىزىسى مانا مەن دەپلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ مەكتەپلەر باشقا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ، ئالىي مەكتەپ دېگەندەك مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئۇنداق سىستېمىلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ. يەنى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئۆتكۈنچى مەكتەپلەر بولسىلا كۇپايە. مېنىڭچە بۇ جەھەتتە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ توغرىدا باشقىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.                               mP6}$ D  
كېنتاكىي توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز كۆپىيىپ قالدى. ئەمما نېمىشقا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيمىز؟  ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى نېمىشقا بالىلىرىمىزنى ئۆزىگە شۇنچە جەلپ قىلىۋالىدۇ؟ دېگەن نۇقتا ئويلانمىساق بولمايدۇ. يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەخلەت يېمەكلىككە كىرمەيدۇ. ئەخلەت يېمەكلىككە كىرمەيدىغان تائاملىرىمىز نېمىشقا بازارنى قاپلىيالمايدۇ؟ باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ؟ بۇنىمۇ ئويلىنىپ باقىدىغان مەسىلىكەن. بايا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى قۇرۇلسا، دېگەندە مۇشۇنى تەتقىقات تۈرى قىلىپ تۇتۇپ ئىشلەپ باقسا بولىدۇ.                                                                                                   C|IHRw`[  
بىز ئۆزىمىزنىڭ يېمەكلىكلىرىمىزدىن زوقلىنىمىز، ئۇنىڭدىن لەززەتلىنىمىز. ئەمما بىزنى سەگىتىشكە تېگىشلىك بولغان بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ تازىلىقى تەلەپكە ئۇيغۇنمۇ - ئەمەسمۇ ؟ دېگەندىن ئىبارەت. چۈنكى كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا قويىدىغان تەلىپى يۇقىرىلاپ كەتتى.  بىخۇتلۇق كىشىنى ۋەيرانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە سەگەكلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ، بۇنى ئويلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزمىسەك بولمايدۇ. مېنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەتكە قاتنىشىپ ئالغان تەسىراتىم ۋە ئىلھامىم مۇشۇنچىلىك، رەھمەت سىلەرگە.                                                                                               7_jt =sr  
مۇھەررىر : ئەسقەر ياسىن QbSLSMoL  
شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى                                                                               b5]<!~Fv:`  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-18, 12:41
 
http//:www.uyqamus.com
arqa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13646

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   124 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6265 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   628 (قېتم)
 تۆھپە:   628  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4725
 سائەت
دەرىجىسى:
4725 سائەت 225 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2013-09-15
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 04-18

يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ تازىلىقى تەلەپكە ئۇيغۇنمۇ - ئەمەسمۇ ؟  كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا قويىدىغان تەلىپى يۇقىرى
korax001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7511

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   296 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14718 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1476 (قېتم)
 تۆھپە:   1476  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9515
 سائەت
دەرىجىسى:
9515 سائەت 375 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-10
ئاخــىرقىسى:2013-08-31
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-20

بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئاشپەزلىرىمىزمۇ يات مىللەتتىكى يۇلداشلاردىن قىلىشمىغۇدەك مەينەت.
turukbax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14333

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5601 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   560 (قېتم)
 تۆھپە:   560  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1293
 سائەت
دەرىجىسى:
1293 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-02-27
ئاخــىرقىسى:2013-05-31
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-21

تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ، دىمىسىمۇ مۇشۇنداق زور بىر ساھەدە نۇپۇزلۇق تەتقىقات كەمچىل .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى