باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       791 
  •    ئىنكاس 
       0 

تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە

قەۋەت ئاتلاش
كەپتەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8822

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   26 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1909 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   190 (قېتم)
 تۆھپە:   190  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1217
 سائەت
دەرىجىسى:
1217 سائەت 133 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-15
ئاخــىرقىسى:2013-09-07

پولات ئاماننۇرى c)n0D=  
~Q{[fy=  
يېقىندا كىتابخانىنى ئارىلاۋېتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرى قاتارىدا قورال خاراكتېرلىك ئەسەر «جۇڭگو تاجىك تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» نى كۆرۈپ قالدىم. شېرىن قۇربان، مەدەلىخان بالۇن، مىرزايى دوسمۇھەممەدلەر قەلىمىدىكى بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئىلگىرى نەشر قىلىنىپ، جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىغانىدى. )0 42?emn  
«جۇڭگو تاجىك تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» �� «مۇقەددىمە» (تاجىك مىللىتى ھەققىدە قىسقىچە بايان)، «پايدىلىنىلغان مۇھىم كىتاب-ئەسەرلەر كاتالوگى» ۋە «خاتىمە»دىن باشقا، «جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخى ئىچىدىكى جۇڭگو تاجىكلىرىغا ئائىت يازما ماتېرىياللار»، «چەت ئەل تىلى كىتابلىرىدىكى جۇڭگو تاجىكلىرىغا ئائىت يازما ماتېرىياللار» قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى كەڭ بولۇپ، تاجىكلارنىڭ گېئوگرافىيىلىك ياشاش مۇھىتى، ئىجتىمائىي تارىخى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، دىنىي ئېتىقادى، فولكلور مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇشبۇ كىتابنى تاجىك تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىسكلوپېدىيىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشى تاجىكلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى كاتتا ئىش بولۇپ، تاجىكلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور رول ئوينايدۇ. C7c|\T  
ئىلگىرى تاجىكلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت يازما ماتېرىياللار كەمچىل بولغاچقا، تاجىك مىللىتىنى تەتقىق قىلىشتا قىيىنچىلىق كۆپ ئىدى. بۇ ئۈچ ئاپتور قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاخىرى «جۇڭگو تاجىك تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك روياپقا چىقىرىپ، تاجىك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا ئاساس سالدى. X&;]  
مەن بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە پروفېسسور شېرىن قۇربان بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى مەن، مەدەلىخان، مىرزايى ئۈچىمىز ‹تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى› تېمىسىدا بىر كىتاب يېزىشنى مەسلىھەتلەشكەن ئىدۇق. كىتابنىڭ تىزىسىنى ئىشلەش جەريانىدا كۆپ بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى، تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ تارقاق، چېچىلاڭغۇ ۋە يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى پىلانىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن ‹تاجىكلارنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى› نى، شۇ ئاساستا ‹تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى› نى يېزىشنى ئويلاشتۇق. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ كىتابنى يېزىشقا 12 يىل سەرپ قىلىپ، زور مىقداردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغدۇق. ئېلىمىز تاجىكلىرى ۋە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تارىخى، گېئوگرافىيىسى ۋە مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىگە ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارنى بىر-بىرلەپ رەتلەپ چىقتۇق ھەم ئۇلارنى تارىخىي تەرەققىيات يىلنامىسى ۋە ئەسلىي ماتېرىيال بويىچە رەتكە تۇرغۇزدۇق. زۆرۈر يەرلىرىگە ئىزاھات بەردۇق». C6;](rN)N  
ئۇشبۇ كىتاب تاجىكلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيىتى تولىمۇ زور. ئۇنى تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. \I o?ul}za  
\qK}(xq[  
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى OrKT~JQVC&  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-18, 01:45
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى