باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       835 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئۇيغۇرلار ۋە يانفون ئىستېمالى

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

ئۇيغۇرلار ۋە يانفون ئىستېمالى G@Vz}B:=  
مەمتىمىن ياقۇپ
 Ry iS  
   vE+OL8V  
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئالاقىگە ماھىر مىللەت. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن يانفونغا ئوخشاش زامانىۋى ئالاقە قورالى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەنمەكتە.                                                             x<e-%HB*-  
ئەجدادلىرىمىز تۆگە كارۋانلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقلەر بىلەن ئالاقە قىلغان. كولدۇرما ئاۋازى جىمجىت چۆل ۋە بوستانلارنى ئويغاتقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئالاقە ۋاسىتىمىز تېخىمۇ زامانىۋىلىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرى بىلەن نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا ئالاقە قىلىپ ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدىغان ھالەتكە كەلدۇق. ئۇ دەل يەرشارىنى كىچىك كەنتكە ئايلاندۇرغان ئىنتېرنېت تورى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ياخشى ھەمراھ - يانفوندۇر.                       H(Q|qckj  
يانفون - ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدىكى قولايلىق بولغان ئالاقە قورالى. ھازىر ئالاقىمىزدە، كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. يانفون ئالاقە تورى شەكىللىنىشى بىلەن، يانفوننى ئۆزىنىڭ تىجارەت ئوبيېكتى قىلغان كىشىلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يانفون ئېلىش - سېتىش ئىشلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. تۇلۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ يانفون بازىرى تىجارىتى مەملىكىتىمىزدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ ئالاقە ئىشلىرىنى ئىلغار ئۇچۇر ئالاقە دەۋرىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.                                           4 jeUYkJUM  
ھازىر شىنجاڭنىڭ يانفون بازىرى چوڭ ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يانفونلار شەكلى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار بازاردا ‹‹ مودا ›› بۇيۇمغا ئايلانماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا بازاردا يەنە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلمەكتە.                                                                     BHBMMjY5  
قىممەت باھالىق تېلېفونلارنى سېتىۋېلىپ، ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىشنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن قىممەت يارىتالماسلىق؛ باھاسى قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىنىپ قېلىشتىن، يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشتىن ئەنسىرەش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا.                                                                               r=ds'n"  
يانفون تىجارىتى قىلىۋاتقان نۇرغۇن سودىگەرلەر خېرىدارلارنى ئالدىماقتا، قاقتى - سوقتى قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمالچىلار يانفون ساۋاتلىرىنى بىلىش ناھايىتى مۇھىم. ئىستېمالچىلار ھەرخىل ماركىدىكى يانفونلارنى پەرقلەندۈرەلىشى، يانفون سىستېمىلىرىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى بىلىشى، خىزمەت ۋە ئالاقىلەردە شۇ سىستېمىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنالايدىغان بولۇشى، يانفونلارنىڭ ئەسلىي ماركا ياكى ساختا ماركا، قايتا ئورالغان ياكى تۇنجى ئورالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگىلىگەن يانفون ئىستېمالچىسى ئۈچۈن، يانفون سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك. يانفون تىجارەتچىلىرى خەلق ئۈچۈن قولايلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، بازار ئارىلىماي تۇرۇپمۇ، ئۆي ۋە ئىشخانىلاردا ئالماقچى بولغان يانفوننىڭ ماركىسى، نومۇر تىپى، باھاسى، ئىقتىدارى، سۈپىتى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى، رەڭ تىپى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ... قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل ئىستېمالچىلارنىڭ ۋاقتىنى كۆپ تىجەيدۇ.                                           1z[GYRSt  
يانفون ئۆزى بىلەن بىللە تىجارەت بازىرىغا يەنە بىر تىجارەت تۈرىنى باشلاپ كىردى. ئۇ بولسىمۇ يانفون قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىدىن ئىبارەت.                         xiPP&$mg  
يانفون قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى دېگىنىمىز يانفوننىڭ ئىقتىدارى جەھەتتىن ئېيتقاندا، يانفوندىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغىلى بولىدىغان ھەرخىل قوللىنىشچان سىستېمىلار ۋە ئەپلەر؛ تۈرى ۋە شەكلى جەھەتتىن ئېيتقاندا يانفوننىڭ ھەرخىل قاپچۇق، چاپلاق، ئاسقۇچ ۋە پايدىلىنىشچان زاپاسلىرى قاتارلىقلاردۇر.                             b,#E.%SLw  
يانفون قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىمۇ رايونىمىزدا ناھايىتى جانلانغان. خەلقىمىز ئىچىدە بۇ تۈرنىمۇ ئۆزىنىڭ تىجارەت ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلار  ئاز ئەمەس. بۇ تۈرگە سالىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسى ئاز، ئوبوروتى تېز، پايدا كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇ جەھەتتە رايونىمىز مەملىكەت بويىچە خېلىلا ئالدىدا تۇرىدۇ.                                                                                   'qg q8  
رايونىمىزنىڭ يانفون ئىستېمال بازىرى ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا جانلانغان ۋە تۈرلىرى كۆپ خىللاشقان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا مۇكەممەللەشمىگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىسىدا تېخى سىستېمىلىق ئېلىم - سېتىم تورى شەكىللىنىپ بولالمىدى. شۇڭا دىيارىمىزدىكى يانفون تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تىجارەتچىلەر خەلقىمىز ئۈچۈن قولايلىق ھەم سىستېمىلىق، ئىلمىي بولغان سېتىش شەكلى بەرپا قىلسا، يانفون ئىستېمال بازىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، ئالاقە ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋان قىلغۇسى.                                                                                     _('KNA~  
( ئاپتور : نائىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدىن ) 21BlLz  
مۇھەررىر : ئالىم كېرىم كۆكئالىپ ( تەكلىپلىك ) z!I(B^)BkT  
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن =Jx,.|Bf  
SAEr$F^  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-14, 17:40
 
http//:www.uyqamus.com
majnon
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5126

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   100 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5092 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   510 (قېتم)
 تۆھپە:   510  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 881
 سائەت
دەرىجىسى:
881 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-09
ئاخــىرقىسى:2013-08-22
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 04-15

بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپ كۆرىمىز ، ھەقىقەتەن پەرىقلەندۈرۈش كېرەك .
سىزگە مەڭگۇ بەخىت-ئامەت ،خۇشاللىق يار بولسۇن
tuygun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5184

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   16 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   590 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   60 (قېتم)
 تۆھپە:   59  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 852
 سائەت
دەرىجىسى:
852 سائەت 48 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-11
ئاخــىرقىسى:2013-04-26
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-26

ھەي بۇ يانفۇن دەردى
‹ئىنسان پەقەت ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ..›سۈرە نەجمە39 -ئايەت
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى