ئاغىنەمگە سۇنغان سودا پىلانى ;[;WEA
ئۆمەرجان جامال
`bBkPH}M r'Wf4p^Xd تىجارەت ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك تور ساھەسىگە قەدەم باسقاندىن بۇيان ئالاقە دائىرەم كېڭەيدى. مەيلى تۇرمۇشۇمدا بولسۇن ياكى تور دۇنياسىدا بولسۇن ئەسرالىشىدىغان ئادەملىرىم كۆپەيدى. بۇ جەھەتتىن كۆڭلۈم خۇش يۈرىدىغان بولدۇم.
?|kbIZP( ئۆتكەندە يۇرتقا قايتىپ كېلىپ چوڭلارنى يوقلىدىم. بىر كۈنى كىچىكىمدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنەمدىن بىرى ئىزدەپ كەلدى. پاراڭلاشتۇق. ئارىلىقتا ئۇ ماڭا : ‹‹ يېزىمىزدا تاللا بازىرى قۇرسام دەيمەن، ياردەم قىلساڭ ›› دېدى. ئۇنىڭ بۇ نىيىتىدىن خۇش بولۇپ پىلانلىرىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردۈم. ئەمما ئۇنىڭدا تەپسىلىي پىلان يوقكەن. مەن دەل مۇشۇ تەرەپتىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدۇم.
n4!RGq.} يېزىمىزدىن ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغانىدى. يۇرتۇمنىڭ كىچىك بولسىمۇ ئاۋات بازىرىنى ئارىلاپ چىقتىم. ھەر تەرەپتىن كۆزەتتىم. توپتوغرا بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاغىنەمنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا بازار تەكشۈرۈش دوكلاتىمنى سۇندۇم.
S>I` y]qlR ـ تاللا بازىرى تۈرلۈك ماللارنى پارچە سېتىش خاراكتېرىدىكى سودا. شۇڭا بۇنىڭغا ئورۇننى ئەستايىدىل ئويلىشىپ تاللىمىساڭ بولمايدۇ. شۇڭا تاللىغان جايىمىزنىڭ ئەتراپىدا چوڭراق مۇقىم باھالىق سودا دۇكىنى ياكى تاللا بازىرى بولمىسا؛ بۇ ئورۇندا كۈندە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئادەم كۆپ بولسا؛ قاتناش قولايلىق بولسا تاللا بازىرىنىڭ كەلگۈسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. دۇكاننىڭ كۆلىمى 100 كۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە پۇرسەت كۆپ، - دېدىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ.
{Vj&i.2, ئاغىنەم بۇرۇن باشقا يەرلەردە ئىشلەپ، ئۇششاق - چۈششەك نەرسە سېتىشنى ئۆگەنگەنىدى. كىچىكىدىنلا سودا ئىشلىرىغا قىزىقاتتى. ئۆزىنىڭ سودا ئىشلىرىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى، ئىشنى تاللا بازىرى ئېچىشتىن باشلاش نىيىتىگە كەلتۈرۈپتۇ. بۇنداق بولۇشىدا شەھەرلەردىكى تاللا بازارلىرىنىڭ سودىسى ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىكەن. لېكىن تاللا بازىرى ئېچىشنىڭ خەتىرىمۇ چوڭ بولغاچقا ئىككىلەندۈرۈپمۇ قويۇپتۇ.
r<fcZ)jt| ـ بىراق ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ قويسام بولمايدۇ - دە. كېيىنكى ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئۈمىدىم چوڭ، - دېدى ئۇ.
ya1aWs~ شۇنىڭ بىلەن بازار تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۇنىڭغا مۇنداق چۈشەندۈردۈم :
3as=EYm ـ بۇ بازاردىكى كىچىك سودا دۇكانلىرى ۋە يايما شەكىلدىكى دۇكانلارنىڭ مال مەنبەسى، مال باھاسى جەھەتتە ھېچقانداق ئەۋزەللىكى يوق. بۇ تاللا بازىرنىڭ ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق گەۋىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.
i*/i"W< بازار ئەتراپىدا بىر قانچە ئولتۇراق رايونى بار، يەنە يېڭىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقانلارمۇ باركەن. بۇ شارائىت تاللا بازىرنى بىر قەدەر مول بولغان ئىستېمالچىلار قوشۇنى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
2|^@=.4\ ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، يەنە زور ساندىكى دېھقانلارمۇ بار. ئۇلار ئوتتۇرا سەۋىيەدىكى ئىستېمالچىلار قاتلىمىغا تەۋە.
OM0r*<D"! بىز تاللىغان ئورۇن ئەتراپىدا بىزنىڭكى بىلەن بەسلىشەلىگۈدەك چوڭراق بىرەر سودا ئورنى يوق، لېكىن ناھىيە بازىرىدا چوڭ تاللا بازىرى بار. بۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ مال سېتىۋالىدىغانلىرى يوق دېيەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
OJpfiZ@Q_ قولۇڭدا بار مەبلەغ ئاز، شۇڭا بازارنى كېڭەيتىشكە سەل ئۇزاقراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
s 4_Dqm تاللا بازىرى پىيادىلەر كۆپرەك ماڭىدىغان ئورۇنغا جايلىشىدىغان بولغاچقا خېرىدارلار كۆپ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە خاۋاتىرلىنىشىنىڭ ئورنى يوق.
uQ-GJI^t مەن يەنە ئاغىنەمگە شەھەرلەردىكى تاللا بازارلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ رىقابەتچى سودا دۇكانلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق مەسلىھەت بەردىم :
{EvT7W ـ دۇكان ئىچىدىكى ئەسلىھەلەردىن ئاساسلىقى دۇكان ئورنى، ئىچكى - تاشقى بېزىلىشى، قاتناش ۋاستىلىرىنى توختىتىش ئورنى لاھىيەسى، سودا ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگىن.
Q~nVbj?c2v دۇكان ئىچىنى تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى رىقابەتچى دۇكاننىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، كۆلىمى، قانچە بۆلەككە بۆلۈنگەنلىكىنى، ماللارنىڭ قايسى تەرتىپ بويىچە تىزىلغانلىقىنى تەكشۈرگىن.
RJ@79L*# ماللارنى تەكشۈرۈشتە رىقابەتچى دۇكاننىڭ ئىچىگە سېلىنغان ماللارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكى، مالنىڭ باھاسى، مالنىڭ سۈپىتى، مال مەنبەسى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلغىن.
pFS@yHs خېرىدارلارنى مۇلاھىزە قىلغىن. بولۇپمۇ رىقابەتچى دۇكان خېرىدارىنىڭ يېشىدىن تارتىپ ئىستېمال سەۋىيەسىگىچە كۆزەتكىن، قانداق مالغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنچىكە كۆزەتكىن.
f;^ +q-Q دۇكاننىڭ باشقۇرۇلۇشىنى تەكشۈرگىن. رىقابەتچى دۇكاننىڭ سېتىشنى تېزلىتىش، مال تۇلۇقلاش، مال تىزىش، دۇكان ئىچى مۇھىتى قاتارلىقلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئوبدان تەكشۈرمىسەڭ بولمايدۇ.
1<'z)r4 ئاغىنەمگە دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇنقى بازار تەكشۈرۈش ھەققىدە مۇنداق دېدىم:
<VhmtT%7 ـ دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر ياكى بىر قانچە تاللا بازىرى ياكى سودا دۇكان خوجايىنى بىلەن كۆرۈشۈپ، خېرىدارلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگىن، ھەمدە بىر قانچە ئىستېمالچى بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ماللارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى سوراپ باققىن. ئەلۋەتتە پاراڭلىشىدىغان ئىستېمالچىلار ئوخشىمىغان ياشتىكى، ئوخشىمىغان كەسىپتىكى، ئىستېمال سەۋىيەسى ھەر خىل كىشىلەر بولسۇن. ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش ئادىتىنى بىلىۋال. تاللا بازارلىرىغا قانداق تەلەپ - پىكىرلىرى بارلىقىنى ئاڭلاپ باق.
Gw3+TvwU+Q سۆزلىرىمنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا ئىستېمالچىلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئېيتتىم :
B-N//ef} ـ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىستېمالچىلاردىكى ئالاھىدىلىكلەر؛ مالنىڭ ماركىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ سېتىۋالىدىغان مالنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ؛ مال سېتىۋالغاندا سودىگەرنىڭ مۇلازىمىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.
'Hx#DhiFz تۆۋەن، ئوتتۇرا سەۋىيەدىكى ئىستېمالچىلاردىكى ئالاھىدىلىكلەر : باھاغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ؛ سۈپىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ؛ سېتىۋالغان مالنىڭ سانى ئاز بولغان بىلەن قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ.
yZ6WbI8n يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەڭ، مېنىڭچە كۆڭۈلدىكىدەك، ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ مال سېتىۋالالايدىغان تاللا بازىرىنى قۇرۇپ چىقالايسەن.
[T r7SU#x سۆزلىرىم ياققان بولسا كېرەك، ئاغىنەمنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى. مېنىڭمۇ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىدىم :
y[$UeE"0 ـ بازار تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت بازارغا بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى ئاشۇرۇپ رىقابەت ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن. تاللا بازىرىنىڭ مال تۈرلىرىگە بولغان تەلىپى باشقا دۇكان تۈرلىرىگە ئوخشىمايدۇ. تاللا بازىرىغا سېلىنىدىغان ئاساسلىق ماللار كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېمەك - ئىچمەكلەر بولىدۇ. بۇ خىل تاۋارنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى ئاياللار بولىدۇ، ئاياللار مال سېتىۋالغاندا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باھا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن باھا مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، باھانى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم.
$a~ مالنىڭ سۈپىتى ناھايىتى مۇھىم ھالقا. سۈپەت ناچار بولغاندا خېرىدارنى ئاسانلا قاچۇرۇپ قويىدىغان گەپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر.
ivgX o'= بازار تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ماللارنى تۈرگە ئايرىش لازىم. يەنى پايدىلىق ماللار، پەسىل خاراكتېرلىك ماللار، ئوبراز خاراكتېردىكى ماللار دەپ تۈرگە ئايرىپ رەتلەش كېرەك. مالنىڭ باھاسى ۋە سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەندىن سىرت، يەنە تەشۋىقاتقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
L;opQ~g ئاغىنەم نېمىلا دېگەن بىلەن جاھان كۆرگەنلەردىن ئىدى. ئۇ مال كىرگۈزۈش ۋە مۇلازىمەتنى قانداق قىلىش ھەققىدە سوراپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا مۇنداق كۆرسەتمە بەردىم :
&6CDIxH{ ـ دۇكانغا سېلىنىدىغان مال جەھەتتە :
R?)Yh.vi=t ماللارنى تۈرگە ئايرىشتا ئاساسلىق مالنى كۆپ بولغاندا ئون چوڭ تۈرگە ئايرىپ تىزىش كېرەك. بۇنىڭدا مالنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ئەھۋالى، مال مەنبەسى، ئىشلىتىش دائىرىسى، ساقلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا ئاسەسەن تۈرگە ئايرىپ جازىغا تىزسا بولىدۇ.
y/S3ZJY مۇلازىمەت جەھەتتە :
Jf2JGTcm تاللا بازىرىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلىش سەۋەبى ۋە باشقا ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇلازىمەت جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ چىقارمىساڭ بولمايدۇ.
h<?Px"& J نەرسە - كېرەك سېتىۋالغان خېرىدار بىرەر قىيىنچىلىققا ياكى مەلۇم مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈپ ئۇنى رازى قىلىش كېرەك.
^ulgZ2BQ| تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا تاللا بازىرىغا كىرىپ مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ %40 ى مەلۇم مال سېتىۋېلىش مەقسىتى بىلەن كىرىدىكەن، %60 ى بولسا مەقسەتسىزلا ئايلىنىپ كىرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇكانغا كىرگەن خېرىدارنى مال سېتىۋېلىشقا يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۇكانغا كىرگەن خېرىدارنى رازى قىلىش ھەمدە سودىنى جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىش كېرەك.
!:\0}w$- بارغانچە قىزىشىپ سۆزلەپ كەتتىم، ئۇمۇ سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتاتتى.
| t:UpP ـ ئەمدى بازارنى قانداق كونترول قىلىش ھەققىدە سۆزلىشىپ باقايلىمۇ ؟ - دېدىم ئۇنىڭغا.
SVVE b6& ـ ھالقىلىق يېرى مۇشۇ يەردە، - دېدى ئۇ جانلىنىپ.
!j7mY9x+ مەن يەنە سۆزلەشكە باشلىدىم :
\1<aBgKi ـ ئەتراپتا چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى جەلپ قىلىش مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. تەشۋىقاتنىڭ ۋاسىتىسى كۆپ.
v @M6D} تاللا بازىرىنى ئېچىشتىن بۇرۇن، سىرتقا چاپلايدىغان تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى باستۇرۇپ ئەتراپتىكى ئاھالىلىكلەر رايونىدىكى ۋە ئادەم كۆپرەك بارىدىغان ئاممىۋى سورۇنلاردىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلارغا چاپلىسا بولىدۇ.
DW,ERQ^ بىر پىلان تۈزۈپ، مال سېتىۋېلىش قەغىزى ياكى ئېتىبار كارتىسى تارقىتىپ كىشىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرسىمۇ بولىدۇ.
zfDfy!\2_ ھېيت - بايراملاردا مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
O D5qPovsd تەشۋىقاتتىن باشقا زۆرۈر شەرتلەر بار :
Heqr1btK تاللا بازىرىدىكى ماللارنىڭ تۈرلىرىنىڭ تۇلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
Zt41f PQ باھانى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر قۇبۇل قىلالايدىغان قىلىش كېرەك.
5/6Jq باھا مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامال بار تۆۋەن باھادا سېتىپ كۆپرەك كىشىلەرنى جەلپ قىلىش لازىم.
<J~6Q ماللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى ۋە يېڭىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، خېرىدارلارغا ماللارنىڭ سۈپىتى ۋە يېڭىلىقىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
]4c*Nh%8 ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق خېرىدار جەلپ قىلىش كېرەك.
,b^jAzow ئالاھىدە ئېتىبار كارتىلىرىنى تەسىس قىلىپ باھادا ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق مۇقىم خېرىدار تېپىش لازىم.
oJ5n*[qUI ۋاقىتنى كۆزدە تۇتۇپ ئەتىگەن ۋە كەچتىكى مال سېتىۋېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
(JOR:1aT كۆپرەك مال سېتىۋالغۇچىغا سوۋغا قوشۇپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ خېرىدار جەلپ قىلىش ھازىرقى يېڭىچە شەكىل بولۇۋاتىدۇ.
?gAwMP(> ئاغىنەمنىڭ كۆڭلى يورۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئالقانلىرىنى بىر - بىرىگە سۈركەشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىكى ئىشەنچ كۈچەيگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭغا سالىدىغان مەبلەغنى ياخشى دېتلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇزاق ۋاقىتلىق پىلان تۈزۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلىشىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردىم :
&)q>Z!C-l ـ تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق توغرىسىدا بىر - ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قوياي، تاللا بازىرى ۋە سودىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى توختىماي تىرىشىپ ئۆگەن.
]n1#8T&<*z ئامال بار ھەمكارلاشقۇچى ئىزدىگىن، چۈنكى بۇ ئىشنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، كېتىدىغان مەبلەغمۇ بىر قەدەر كۆپ ھەم خەتىرىمۇ بار.
u9q#L.Ij ئامال بار قەرز بەرگۈچى ئىزدەپ تېپىپ بالدۇرراق ئىش باشلا. قەرزنى بانكىدىن ۋە دوستلىرىمىزدىن ئۆسۈمسىز قەرز ئالساڭ ئەڭ ياخشى.
DcRoW جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نېمىلەرگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تونۇشقىن.
Rbgy?8#9 مال كىرگۈزۈپ تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇن، تەشۋىقاتنى كۈچەيتكىن.
=mwAbh)[7n رەسمىي ئىش باشلىغاندا بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن، بۇ خېرىدارلارنى پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزۈڭگە قارىتىۋېلىشنىڭ بىر مۇھىم تەرىپى.
BUI#y `J ئاغىنەم خۇشال بولدى. مەن ئۇنىڭغا :
uu0t}3l ـ ئىگىلىك تىكلەشتىن مەقسەت تېخىمۇ راۋاجلىنىش. شۇڭا خىزمەتچىلىرىڭگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىڭ كېرەك. چۈنكى سېنى يۆلەپ، راۋاجلىنىشىڭغا ئۇل سالالايدىغانلار دەل شۇلاردىن ئىبارەت. بۇرادىرىم، يەنە بىر گەپ شۇكى، ئىقتىساد ناھايىتى مۇھىم، ئالىدىغان ئورۇننىڭ ئىجارىسى، سالىدىغان مەبلەغنىڭ سوممىسى، كۈندىلىك كىرىم - چىقىم، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى... دېگەندەك نۇقتىلاردىن ئوبدان دىتلىغىن. بۇ ناھايىتى ئىنچىكە ئىش. نىشانىڭ ئېنىق، تۇتقان يولۇڭ دۇرۇس بولسىلا راۋاج تېپىشىڭدا گەپ يوق.
J8@bPS27q ئاغىنەم قولۇمنى چىڭ قىستى. مەن ئۇنىڭ ئىشەنچكە تولغان كۆزلىرىگە قارىدىم.
h|z59h&X8G ـ ئاغىنە، ئىشلىرىڭ ئىلگىرى باسسۇن، - دېدىم ئۇنىڭغا.
%gqu7}' p)Ht =~ ( ئاپتور : ئۇيغۇر ئىگىلىك تورىنىڭ قۇرغۇچىسى )
}p9#Bzc مۇھەررىر : ئالىم كېرىم كۆكئالىپ ( تەكلىپلىك )
7S_"h*Ud مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن