-
تىزىم نۇمۇرى:2099 -
- تىزىم ۋاقتى:2010-10-23
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-09-03
- تور ۋاقتى:4262سائەت
-
- تېمىسى68
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى19203
- شۆھرىتى382
- تۆھپە348
- كۈمۈش تەڭگە385
- ياخشى باھا316
- بىلوگدوستلاشقورال
| | | | | on50+)uN ۋىجدان كۆلەڭگىسى JN^bo(kb 2FT-}w0; ‹‹ئاپئاق قارلارغا كۆز قىسۋاتقان يۇلتۈز مەن، ئابىلەت!قارلارئارىسىدا سېنىڭ ۋىجدان غورورۇڭنىڭ ئەكسى بار.ئۇنىڭدا سۆيگۈمىزنىڭ نېدالىرى ياتىدۇ.كۆزلىرىڭدىن چىققان ساداقەت نۇرلىرى ئاپئاق قاردىن سۇنۇپ يۇلتۇز مەڭزىگە يىتىپ بارغىنىدا يۈرۈگۈم‹‹مەن سېنىڭ››دەپ نىدا قىلىدۇ.سېنڭ نۇرلۇق كۆزلىرىڭنى يۇلتۇز مەڭزىدىن ئايرىمىسۇن ئۇلۇغ ئاللاھ ئېگەم!››. Z:^3Fm->+ 2010-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى Y- ~;E3( شۇ تاپتا بۇتاتلىق مۇھەببەت تىزمىللىرى يۈرۈكۈمنى 11-ئايدىكى ئۈششۇك تەگكەن ياپراقلاردەك قورۇپ ساداقەت داۋىنىدىن ئۆتەلمىگەن يۈركۈمنى قار بىلەن يۇلتۇز ئارىسىغا ئېسىپ قويغان ئىدى .كۆزۈم قاياقلاردىكى گۈلشەننى ئىزلەيتى.قۇلاتۈۋىمدە ئۇنىڭ‹‹ھەر بىر يۈرەكنىڭ بۇتۇپراقتا نەپەس ئېلىش ھوقۇقى بار،ئەجىبا سىز بۇ پاك قەلىبنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ قانلىق دېغى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟مىنىڭ بۇ بالىنى تۇغقىنىم تۇغقان››كاللامنى قوچۇپ گاڭگىرتىپ قويغان ئىدى .سەرسان بولغان خىياللىرىمنى يىغماق بولاتتىم يۇ يەنىلا تۈگۈمەس سۇئاللارنىڭ ئەسىرى بولاتتىم .نە چارە !نە ئۈمىد ،نەچارە تاپقۇدەك ھۇشۇممۇ يوق ئىدى.بىرى مىنىڭ غۇبارسىز سۆيگۈنۈم ،يەنەبىرى بولسا مىنى سۆيگەن، غەمكىن كۆزلىرىگە خۇشاللىقنىڭ سايىسى چۈشمەي تۇرۇپلا ھاياتنىڭ قاراڭغۇلىقىدا ئۈمىد كۆزلىرى خىرەلەشكەن قىز ئىدى. -mC:r&Y>[ قولۇمدىكى يىرتىلىپ چۈشۈپ قالغان بىر ۋاراق كۈندىلىك خاتىرىنى بارماقلىرىم ئارىسىغا قىستۇرغىنىمچە قەدەملىرىمنى مەيداندىن ياتاققا بۇرۇدۇم.‹‹سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسىز؟››گاھىدا ئادەمنىڭ كۆزلىرى شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق بولۇپ كىتىدىكەن يۇلتۇزنىڭ كۈندىلىك خاتىرنى يۈزۈمگە ئاتقاندىكى كۆزلىرى يۈركۈمگە خەنجەر بولۇپ سانجىلاتتى.‹‹بۇ ئادەم سىنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ يۈر كىتىمىز!››يۇلتۇزنىڭ ئاغىنىسى رەنانىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرى لەختە-لەختە بولۇپ كەتكەن يۈرەكىمگە تۇز سەپكەندەك بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ پۇت قوللىرىم مۇزلىغاندەك سىزىم پەيدا قىلاتتى. #NMJZ قار ھېلىمۇ ئۇچقۇندىماقتا ئىدى .كۆز ئالدىم بارغانسىرى خىرەلىشىپ ھېچنىمى ئىلغا قىلالمايۋاتاتتىم .مەن تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن تاماكىدىن بىر نى تۇتاشتۇردۇم دە مەيداندىكى قار باسقان ئورۇندۇقتا قار ئۈستىدىلا ئولتۇردۇم .قوللىرىم تىتىرەپ تۇرغان بولسىمۇ مۇزلىغان سىزىم يوق ئىدى ،شۇنداق بولسا ياخشى بولار ئىدى ،بەلكىم ئۆزۈمنى تېپىۋىلالىشىم ،بۇسەرسان كوچىدىن قۇتىلىشنىڭ ئامالىنى تاپالىشىم مۇمكىن ئىدى.بىراق ھازىر تاماكا قىستۇرۇلغان قوللىرىمنىلا بىلىمەن ، تاماكىدىن چىققان كۆكۈچ ئسنىلا كۆرىمەن .قالغان ئىدىراكلار مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغاندەك قىلاتتى . ` U#Po_hq -ھوي ئابلەت !بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟نىمە قاردا ئولتۇرۇۋالدىڭىز ؟ 2$)mC9 -ھېچ ئىش .-دىدىم مەن بۇغۇق ئاۋازدا،-بىردەم ئولتۇرغۇم كەلدى.ھاۋا سوغۇق ياتىقىڭىزغا كىرىپ كىتىڭ . *k[kV -ياق .دەپ بەرمىسىڭىز مەنمۇ ئولتۇرىمەن،مەنچە پەيزى بولىىدىغۇ دەيمەن .خې،خې،خې،،،سىزدەك شوخ ۋىجدانلىق يىگىتنىڭمۇ مۇشۇنداق سالپىيپ دەرىت بېسىۋالغان كىشىدەك چۆكۈپ كىتىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن ھە؟ $2is3;h ‹‹ۋىجدانلىق›› دىدىم ئىچىمدە.مەندە ۋىجدان غورۇر دىگەن نەرسە بار بولغىمىتى،يۇلتۇزغا نىسبەتەن يۇلتۇزئەپسانىلىرىدەك غۇۋا ئىشەنىچسىز،گۈلشەنگە نىسبەتەن گۈللۈكتىكى چۆپتەك كىرەكسىز نەرسىگە ئايلنىپ كەتكەن بۇ نەرسىنى ئالدىمدىكى قىز پەلەككە كۆتۈرۈۋاتاتتى.بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئالىيە بولۇپ مەن بىلەن قۇرداش ئوقۇيتى.گەرچە كەسىپىمىز ئوخشىمىسىمۇ تەقدىرنىڭ ئۇچراشتۇرىشى بىلەن تونۇشۇپ يېقىنلىشىپ كەتكەن ئىدۇق.ئۇنىڭ مىنى بۇنچە ھۆرمەتلىشىگە بەلكىم مۇنۇ ئىش سەۋەب بولغان بولسا كىرەك. @Q3, bj شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى بىكارچىلىقتا قىلدىغانغا ئىش تاپالمىسام ئاغىنەم ئەلى قۇربانلار بىلەن كەچلىك بازارنى تاماشا قىلاتتىم ۋەياكى بورىت خانىغا كىرىپ بورىت ئوينايتىم .شۇنداق زىرىكىشلىك يەكشەنبىلەرنىڭ بىرىدە ئىككى ئاغىنەم بىلەن بورىتخانىدىن قايتىۋاتسم ئالدىمىزدا بىر قىز نىڭ ‹‹ئۇنداق قىماڭ ئاكا !مىنى قويۋىتىڭ ،ئۆتۈنۈپ قالاي!››دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ،بېرىپ قارىساق بىرى ھە دەپ ئالىيەنى بوزەك قىلىشقا ئۇرىنىۋىتىپتۇ ،ھەم سائەتمۇ 10دىن ئاشقاچقا ئۇنىڭ ياردەم قىلغۇدەك بىرە كىشىمۇ چىقماپتۇ . rFO_fIJno -قولۇڭنى تارت!-دىدىم دە يۇگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى ئەرنى ئىتتىرىۋەتتىم . {70Ou}* ئۇ ئاقىسىغا خېلىلا يېنىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى .ئىككى ئاغىنەمنى كۆرۈپ قورۇقتى بولغاي ‹‹خەپ توختاپ تۇر ››دىگەندەك ئەلپازدا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا كىتىپ قالدى. بىزنىڭمۇ ئارتۇق چاتاق تېرىغۇمىز كەلمىدى. u YabJqV -ھېچنىمە بولمىغانسىز ؟ d["x=[f -ياق !رەخمەت سىزگە. \d ui`F"Cc ئۇ شۇ بىر ئېغىز گەپنى ئارانلا چىقاردى دە يۈگۈرگەن پىتى مەكتەپ تەرەپكە قاراپ كەتتى .بىزمۇ ئۈچ ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ ھېيىقتى بولغاي.كىيىنچە مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئۇنى ئۇچىرتىپ قېلىپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغىنىمىزنى بىلگەن ئىدىم . pqOA/^ar مەن قولۇمدىكى ۋاراقنى ئاستا يانچۇقۇمغا سالدىم دە ئورنۇمدىن تۇردۇم . /[6:LnaE -ئەخمەق !مەن نىمە قىلسام شۇنى قىلامسىز ؟يۈرىڭە سىزنى ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قوياي ،توڭلاپ كەتكەنسىز ؟كالپۇكلىرىڭىزمۇ كۆكۈرۈشكە باشلاپتۇ سوغۇقتا،يۈرۈڭ!. YK7 \D: -كىچىك بالا بولمىسام يا مەن ،بىراق مەن ئامراق ،سىزنىڭ مىنى كىچىك بالىدەك پەپىلەشلىرىڭىزگە ئامىراق.خې خې،ئادەمنىڭ كىچىك ۋاختى سەبى غۇبارسىز بولىدۇ، ئابلەت ! سىزنىڭمۇ كىچىك ۋاختىڭىز خۇشال ئۆتكەن بولغىتى؟ $\0TD7p -ئەلۋەتتە . k+f1sV[4} ئۇنىڭغا سۇسقىنە بىرنى كۈلىمسىرەپ قويدۇم دە ياندىشىپ مېڭىشقا باشلىدىم .خىياللىرىمدىن يۇلتۇز ئىككىمىزنىڭ بالىلىقى بىر-بىرلەپ كىچىشكە باشلىدى، $vW^n4! يۇلتۇزنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ،مومىسى ۋە تاغىللىرىنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولغان ئىدى.دادىسىنىڭ ئىككى ئىنىسى بولسىمۇ بىرىنىڭ نىرۋىسى ئاجىز بولۇپ تۇتقاقلىق كىسىلى بار ئىدى ،كىسىلى تۇتسا شۇ جايىغىلا يىقىلىپ ئېغىزدىن كۈپۈك كىلەتتى ،بەزىدە ئېتىزدا بەزىدە ئېرىقتا ،بەزىدى ئۆگزىدە يىقىلىپ قالاتتى .يۇلتۇز بولسا ھەمىشە ئۇنىڭ كەينىدە ئىدى .بوش ۋاقتى بولسىلا تاغىسىغا كۆز قۇلاق بولاتتى .كىسىلى تۇتۇپ قالسا يۆلەيتى ،توپىسىنى قاقاتتى ،كىيىملىرىنى يۇياتتى. يۇلتۇز مانا مۇشۇنداق جاپادا ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرغا چىقتى . بىز بىر مەلە بولغاچقا ئۇنىڭغا ياردەم قىلالىساملا ياردەم قىلاتتىم .ئۇ ئۈگۈنۈش باشلىغى مەن سىنىپ باشلىغى ئىدىم .ئەلۋەتتە دەرىسلەدە ئۇ مەندىن ياخشى ئىدى .مەن پەقەت ئۇنىڭغا ماتىماتىكىلا چۈشەندۈرەتتىم قالغىنىنى بولسا ئۇ ماڭا دىگەندەك .ئككىمىز مۇشۇنداق يۈرۈپ قەدىناسلاردىن بولۇپ كەتتۇق گەرچە بىر-بىرىمىزگە دىيشمىگەن بولساقمۇ بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىمىز كۆڭلىمىزگە ئايان ئىدى. HE@-uh كاج تەلەي ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىزنى ئايرى-ئايرىم ئىككى مەكتەپكە ئايرىدى.ھايات كىشىلەرنى نىمە كويلارغا سالمايدۇ،ئالىمەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنكى رەڭدار ئەركىن مەكتەپ ھاياتى ،غۇبارسىز ياشلىقىمىزغا قۇۋلۇقنى ،پاك دىلىمىزغا شەيتان ۋەىسۋەسىللىرىنى سېلىشقا باشلىدى.ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ قايناق شەھەر دەسلەپ شۇنچە سوغۇق كۆرۈنگەن بولسىمۇ كىيىنچە مىنى ئۆز قوينىغا سىڭدۈرىۋالغان ئىدى.مەكتەپكە كىلىپ ھەربى مەشىقنى تۈگەتكەن تۇنجى ھەپتىسىلا يۇلتۇزنىڭ مەكتىپىگە باردىم .ئۇسىرىتتىن تاماق يىيىشكە ئۇننىمىغاچقا ئۇنىڭ مەكتىپىدىلا تاماقلاندۇق.ئاندىن مەكتەپ باغچىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق . ZMP?'0h= ئۇنىڭغا پات-پات باققان كۆزۈم ئۇنى ماڭا ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان پەرىدەك تولىمۇ گۈزەل كۆرسىتىۋاتاتتى .قاپقارا قاشلىرى ئارسىدىكى قوي كۆزلىرىنىڭ تال –تال كىرپىكلىرى ئارىسىدىن غۇۋا بېقىشى خۇددى مەجنۇن تال بىلەن قورىشالغان بۇلاقتەك ئادەمنى مەسىتخۇش قىلاتتى.گۈللۈك ياغلىقىنىڭ يېنىدىن چىقىپ قالغان چىكە چاچلىرىنى پات- پات تۈزەشلىرىمۇ گۈزەل سەنئەت ئىدى. Z(l9>A7! -يۇلتۇز مۇنۇ ئەتلەس كۆينىكىڭنى چوڭ ئاناڭ كىۋەز تىرىپ ئەپ بەرگەنغۇ دەيمەن ؟ eSJAPU(D -ھەئە!ئەسلى مەن ئۇنىمىغان ئىدىم بىراق چوق ئانام ئۆزى تاپقان ئازغىنە پۇلنىمۇ خەجلىمەي ئەتلەس ئېلىپ تىككۈزۈپ بەرگەن ئىدى .خۇيمۇ سېغىندىم چوڭ ئانامنى. >c}: -چىداڭ يۇلتۇز سىز چوڭ ئانىڭىزغا بەخىتلىك تۇرمۇش ئەكىلەلەيسىز ! x`Vy<h 33 -ئەلۋەتتە!-ئۇ كۆزلىرىنى ئويناتقىنىچە ئىللىق بىرنى كۈلۈمسىرىدى. 7E;>E9 ' -بىز يۈرەيلى يۇلتۇز !سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن ،مەڭگۈ ئەمەس ئەمما بىر ئۆمۈر يۇلتۇز . #8S [z5 ` ئۇ ئۈندىمىدى. 0@o;|N"i -يۇلتۇز ! @QvfN>T -سىز تەغدىرگە ئىشىنەمسىز ئابلەت؟مۇھەببەتكە ئىشىنەمسىز ؟ئەقىدە، ۋىجدانغا ئىشىنەمسىز؟ئەگەر سىز بۇلارنى ئۆزىڭىزدە بار دەپ ئويلىسىڭىز مىنىڭ قەسىمىم سىز ئۈچۈن بولسۇن.-دىدى دە بىر ئېغىز‹‹ ئاللاھقا ئامانەت ››دىگەن گەپ بىلەن ياتىقىغا يۈگۈرۈپ كەتتى. l0eANB%Y=@ دۇنيادا بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشىشتىنمۇ خۇشاللىق بولمىسا كىرەك،بىراق شۇ گۈزەل ھىسلار مىنى ھە دەپ قامچىلاۋاتاتتى،قاتمۇ –قات سۇئاللار بىلەن يۈرۈكۈمنى تىلغاۋاتاتتى. 9vB9k@9 -سىزنىڭ بۇنچە غەمكىن ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.ئاللاھ ھەر بىر بەندىسىگە كۈلۈپ يۈرۈشنى نىسىپ قىلسۇن !ئازاپلىرىڭىزغا مەلھەم بولالىسام ئىدىم ،ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىنسان ھىسابلىغان بولار ئىدىم.ئاللاھ بۇنداق پۇرسەتنى ماڭا بىرەمدۇ بەرمەمدۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ،بىراق مەن بۇ دۇنيادا غەم ئەندىشىدىن سىزنىڭ بىرتال چېچىڭىزنىڭمۇ كەم بولۇپ قېلىشىنى،بىرە قېتىم كۆزلىرىڭىزنڭ ئەلەم تەپتىدىن نەملىنىشىنى،ئېغىزىڭىزنىڭ ‹‹ئۇھ!››دىگەن نىدانى چىقىرىشىنى خالىمايمەن ئابلەت.ئىسىڭىزدىمۇ سىز ماڭا چىدامچانلىقنى قەيسەرلىكنى ئۈگەتكەن . .a~s_E مەيداندىن قىزلار ياتاق بىناسىغىچە بولغان بۇ 200مىتىرغىمۇ يەتمەيدىغان يول ،ماڭا خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىپ ئارىسىدەك شۇنچە ئۇزۇن سىزىلىپ كىتىۋاتاتتى.مانا ئالىيەنىڭ ياتاق بىناسىغا كىلىشىمىزگىمۇ 20مىتىرچە ئارلىق قالدى.مەن تاماكىدىن يەنە بىرنى تۇتاشتۇرماق بولۇپ قولۇمنى يانچۇقۇمغا سېلىۋىدىم ،يانچۇقۇمدىن يۇلتۇز كۈندىلىك خاتىرىنى ئاتقاندا چۈشۈپ قالغان ھېلىقى ۋاراق سۇغۇرۇلۇپ چىقتى. pA*D/P- -يەنە شىئېر يېزىۋاتامسىز ؟مەن سىزنىڭ شىئېر لىرىڭىزغا بەك ئامراق بولۇپمۇ مۇنۇ مىسرالارغا: P}ehNt*($ يىلتىز كەتتى دۇنيادىن ياپراقنى ئويلاپ $xKg }cO چۈشكەن ياپراق يەتكەيمۇ باھارنى قوغلاپ _Ym&UY.u# سىم-سىم يامغۇر ئۈمىتە چېكەر دېرىزەم Hj}g1"RA خيال كىتەر يەنىلا ئۆتمۈشنى بويلاپ BsoFQw4$9 سىز نىمىشقا مىنىڭدەك يامغۇر تامچىسىنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق سېلىپ باقمايسىز؟شىئىرلىڭىزدا ئېيتىلغاندەك ئۆتمۈشىڭىز شۇنچە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگىمۇ؟ئەجىبا بۇ تامچىلارنىڭ سىزنىڭ دىقىتىڭىزنى تارتقۇدەكمۇ كۈچى يوقمۇ؟ 9'L1KQ مەن تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ-كۈچەپ تاتىشقا باشلىدىم .قولۇمدىكى ۋاراقنى يانچۇقۇمغا سالغاچ ئالىيەنىڭ سۇئالىغا ئۈندىمەيلا خىيال نەزىرىمنى ئۆتمۈشكە تىكتىم . Ri^sQ< | |