دۇبەي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرۇدۇرۇمنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكچى.
}_'5Vb_ 
.جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇبەي خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمى 3-چىسلا جاكارلاپ مۇنۇلارنى ئۇقتۇرغان، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرۇدۇرۇم دۇبەي ئال ماكتوئۇم خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمى (Al Maktoum International Airport) (ۋە ياكى دۇبەي دۇنيا مەركىزى خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمى دەپ ئاتىلىدۇ.) (known as the Dubai World Central International Airport) بۇ يىل 10ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويماقچى، يەنى ئايرۇدۇرۇم رەسمىي ھالدا ئىشقار كىرىشتۈرۈلمەكچى.
%Xd*2q4* يېڭى ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئەسلى پىلاندىكى يولۇچى توشۇش ئاۋىئاتسىيە بىناسى ئالدىنقى يىلى پۈتۈپ بولغان بولۇپ، ھازىرقى يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى يىلىغا يەتتە مىليون ئادەم قېتىمغا يىتىدۇ.
gTho:;q7a خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ناسېر ئاۋىئاتسىيىسى (Nasser aviation) ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەرزان باھالىق يولۇچىلار ئايرۇدۇرۇمى بولغان چاۋېز ئاۋىئاتسىيىسى (Chavez aviation) قاتارلىق ئىككى ئاۋىئاتسىيە تۇنجى بولۇپ دۇبەي ئال ماكتوئۇم خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمىغا يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ناسېر ئاۋىئاتسىيىسى پىلان بويىچە ھەر ھەپتىسى دۇبەي ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە ئۇچىدىغان 50 نەچچە نۆۋەتچى ئايرۇپىلان ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ياۋرۇپا چاۋېز ئاۋىئاتسىيىسى بولسا دۇبەي ئال ماكتوئۇم خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمى بىلەن ئوتتۇرا ياۋرۇپا، شەرقى ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئارىسىدا بىۋاستە قاتنايدىغان لىنىيە تەسسىس قىلىدىكەن.
mITB\,,G دۇبەي خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمىنىڭ تۇنجى ئىجرائىيە ئەمەلدارى پائۇل گىرىففتىس (Paul Griffiths) مۇنداق دېدى، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش دۇبەي دۇنيا مەركىزى خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمىنىڭ كەلگۈسىدىكى زور پىلانلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر قىسمى، يەنى ئەڭ دەسلەپكى قىسمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، مەزكۇر ئايرۇدۇرۇمنىڭ رايۇنلار ئارا قاتنايدىغان ۋە رايۇنلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر يارقىن نوقتا بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەزكۇر ئايرۇدۇرۇمنىڭ تېخىمۇ كۆپ سودا، ئالاقە ۋە ساياھەت پۇرسەتلىرىنى كۈتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، بۇندىن كىيىنكى بىر قانچە ئايدا مەزكۇر ئايرۇدۇرۇم يەنە باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جاكارلايدۇ.
\P.h;|u دۇبەي ھازىر رايۇنلار ئارا قاتنايدىغان، پۈتۈن دۇنيادا يولۇچى ۋە يۈك توشۇيدىغان دۇنياۋى ئايرۇدۇرۇم قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، يېڭى ئايرۇدۇرۇم دۇبەينىڭ جېبېل ئەلى ئەركىن سودا رايۇنى (Jebel Ali free trade zone) نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 33 مىليارد دوللار مەبلەش سېلىنغان، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش، سودا ئالاقىسى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر خىل ئونۋېرسال رايۇن، يەنى «دۇبەي دۇنيا مەركىزى» ئاۋىئاتسىيە شەھىرى تۈر خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى نوقتىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
LDjtkD.r دۇبەي دۇنيا مەركىزى خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمى 2010-يىلىدىن باشلاپ يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى پۈتۈن بىر يىلدا توشىغان يۈك مىقدارى جەمئىي 220 مىڭ توننا بولغان. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭى ئايرۇدۇرۇم بىلەن دۇبەي جېبېل ئەلى پورتى (Jebel Ali Port) نىڭ ئارىسىدا بىر خىل ئالاھىدە يۈك توشۇش لىنيىسى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يول ئارقىلىق ئايرۇدۇرۇمغا يۈك توشىغاندا ئەركىن سودا رايۇنىنىڭ %5 لىك تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياستىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەۋزەل شارائىت دۇبەي دۇنيا مەركىزى خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمى يۈك توشۇش مۇلازىتىمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىدىغان يارقىن نوقتا بولۇپ قالغان.دۇبەي دۇنيا مەركىزى خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كىيىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرۇدۇرۇم بولۇپ قالىدۇ، يەنى جەمئىي بەش دانە ئۇچۇش-قونۇش سۇپىسى بار، ھەر يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى يىلىغا 160 مىليون ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى بولسا يىلىغا 12 مىليون توننىغا يىتىدۇ.
N_c44[z1 دۇبەيدە ھازىرقى ئاساسلىق يۈرۈشتۈرىلىۋاتقان مۇھىم ئايرۇدۇرۇم بولغان دۇبەي خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمى دۇبەي كونا شەھەر رايۇنىغا جايلاشقان بولۇپ، خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇم كىڭىشىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان سانلىق-مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يىلى دۇبەي خەلىقئارا ئايرۇدۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى جەمئىي 56 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، پەقەت لوندون خېئاتروۋ ئايرۇدۇرۇمى (Heathrow Airport) دىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئەڭ ئالدىراش ئايرۇدۇرم بولۇپ قالغان.
l;:IL\*1I 




