مەڭگۈلۈك مەرىپەت مەشئىلى eu]iwOc&p
جۈرئەت سەيپۇل
uBq3.+,x* 6Hbf9,vI ـ مەرھۇمە ئۇستاز ھۆرلىقا نازىرى ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن
2C]la 2013 – يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەتىگەندە خىزمەتكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا يانفونۇم سايرىدى :
Wejwj/EU% ـ ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ ئانىسى ھۆرلىقا ئاپپاي قازا قىپتۇ ،ـ دېدى خىزمەتدىشىم ئەسقەر ياسىن قايغۇلۇق تەلەپپۇزدا.
0yC`9g)( كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ يانفون تۇتقان قولۇم تىترەپ كەتتى. ھۆرلىقا ئاپپاينىڭ سالماق، مېھرىبانلىققا تولغان چىرايى كۆز ئالدىمدا جىلۋىلەندى. ھۆرلىقا ئاپپاي مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم. ئۇ پىشقان بىر پېداگوك بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيلى مەكتەپتە بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتتە بولسۇن يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. راست گەپنى دېسەم مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر ئۇستازنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن. كېيىن ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدۇم. دېمەك مەن ئانا - بالا ئىككى ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانىدىم. ۋادەرىخا، بۈگۈن سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز ھۆرلىقا ئاپپايدىن ئايرىلىپ قاپتىمىز. بىز كۆپ ھاللاردا ئوقۇتقۇچىنى ئۈن - تىنسىز كۆيۈپ باشقىلارغا نۇر ئاتا قىلىۋاتقان مەشئەلگە، شامغا ئوخشىتىمىز، ھۆرلىقا ئاپپاي ئۆمۈرىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئەۋلاد تەربىيەسى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تەر ئاققۇزغان، زور تۆھپىلەرنى قوشقان سۆيۈملۈك ئۇستاز. ئۇ مەڭگۈ نۇرى ئۆچمەيدىغان مەرىپەت مەشئىلى. بۇ مەشئەل گەرچە ھاياتلار ئالىمىدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمدى قەلبلەر تۆرىدە مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە سۆيۈملۈك ئۇستازنىڭ ھاياتىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆرۈپ، يەتتە نەزىر كۈنى مۇسىبەت ئىگىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم :
W_,;eyo مەرھۇمە ھۆرلىقا نازىرى 1929-يىلى 1- ئايدا ئۈرۈمچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1944- يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6- باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزلار گىمنازىيەسى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1951-يىلىغىچە پىچاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرجىمە بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ، سودا نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوقۇتقۇچى، كاتىپ، خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1951- يىلىدىن 1953- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا بىئو - خىمىيە كەسپىدە ئوقۇغان. ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزلار 2- ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ چاغلاردا مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈلمىسىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى، مەكتەپلەرنىڭ نام - ئىسىملىرىمۇ ئۆزگىرىپ تۇردى، مەكتەپلەردە مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، ھۆرلىقا نازىرى ئىزچىل رەۋىشتە ئوقۇتۇش، تەلىم - تەربىيە، مەكتەپ باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى. دەرس ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مەسئۇلى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ خىزمەتتە دۇچ كەلگەن مۈشكۈللەرگە بوي بەرمىدى، بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشىدى. ھۆرلىقا نازىرى ئۇۋالچىلىق، زىيانكەشلىك ئاستىدا تۇنجۇقۇپ كەتمىدى، ئالقىش، شان - شەرەپلەر ئالدىدا كېرىلىپ، كۆرەڭلەپ كەتمىدى. نۇرغۇن ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى - يۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن قىممەت قارىشى ۋە ئادىمىيىلىك ئۆلچىمى ئۆزگەرمەي كەلدى. بېغىشلاشتىن ئىبارەت پىداكارلىق، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان ئادالەتپەرۋەرلىك، ئوقۇغۇچى ۋە پەرزەنتلەرگە بولغان كۆيۈم - مۇھەببەت، ئۆزى قىلالمايدىغاننى باشقىلاردىن تەلەپ قىلمايدىغان ۋە ھەممە ئىشتا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان، باشلامچىلىق، ئاددىي - ساددىلىق ئىچىدىكى ئۇلۇغلۇق، مانا بۇلار ھۆرلىقا نازىرىنىڭ روھى، ياشاش مىزانى ۋە ئادىمىيلىكىدۇر.
7Fi2^DlgX ھۆرلىقا نازىرىنىڭ ھاياتىنى بايان قىلغاندا، مۇنداق بىر نۇقتىنى تەكىتلەشنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمىز : ھۆرلىقا نازىرى ئۈچ ياشقا كىرگەندە دادىسىدىن، 11 ياشقا كىرگەندە ئانىسىدىن ئايرىلىپ قارا يېتىم بولۇپ قالغان، بۇ ئەلۋەتتە ئىنسان بالىسى ئۈچۈن تولىمۇ چوڭ بەختسىزلىك. ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردە 11 ياشلىق ئاجىز قىز بالا ئۈچۈن كۆتۈرۈش تولىمۇ تەس بولغان بۇ كەلگۈلۈك ئالدىدا ھۆرلىقا قانداق ياشىغاندۇ؟ قانداق قىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، گىمنازىيەنىمۇ ئوقۇپ تاماملىغاندۇ؟ بۇ جەريانلارنى مەرھۇمەنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ ئاجايىپ جەسۇرلۇقىغا، بىلىمگە بولغان ھەيران قالغۇدەك تەشنالىقىغا، ئالدىن كۆرەرلىكىگە ۋە ئالدىن يۈرەرلىكىگە قايىل بولغان ئاپىرىن ئېيتقانىدى.
90qj6.SQ ئۇ 1951- يىلى ئوقۇشقا بەل باغلىدى، ئۇ ئەينى زاماندىكى فېئوداللىق، نادانلىق، قالاقلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزى تىرىشمىسا ئىش - ھەرىكەتنى ئۆزىدىن باشلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ خېلىلا ئۆزلىشىپ قالغان خىزمىتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، بىرسى تۆت ياش، يەنە بىرسى بىر ياشقا كىرگەن بالىلىرىنى باققاچ شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ بىيو - خىمىيە فاكۇلتېتىدىكى ئۈچ يىللىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغلاردىكى مۈشكۈللەرنى يېڭىشىگە، ئىلىم يولىدا ھارماي مېڭىشىغا مەدەتكار بولغىنى ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئۇنى خېلى كۆپ زامانداشلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئېڭى ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق ئىلمىي ھايات يولىنى تاللىۋالغانىدى. ئۇ ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىب بوۋىمىز ئوتتۇرىغا قويغان، ئىلىم بەخت يولىدۇر، دېگەن ھەقىقەتنى ئوقۇغۇچى - شاگىرتلىرىغا، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەنىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلىم ئاڭلىقلىقى ھۆرلىقا نازىرىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ يادروسىدۇر.
YZH#5]o8 ھۆرلىقا نازىرى مەكتەپلەردە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەندە ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ئايرىلغان ئەمەس، ئۇ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا قويغان تەلەپلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزى كەم - كوتىسىز ئورۇنداپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار ئۇنى ‹‹ ئىچى بىلەن تېشى ئوخشاش، سۆزى بىلەن ئىشى ئوخشاش ›› دەپ تەرىپلىشەتتى. گەرچە ئۇ قاتتىق پىرىنسىپال ۋە تەلەپچان بولسىمۇ، ئۆزى ھەممە جاپالىق ئىشنىڭ بېشىدا، مەنپەئەتتە كەينىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئۇنىڭغا قايىل ئىدى.
/Fo/_=FE 2 ئۇ مەكتەپ خىزمىتىدىن سىرت نۇرغۇن ئىجتىمائىي خىزمەتلەردە، ۋەزىپىلەردە بولغان، 1950- يىلى 1-قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزلار 2- ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلىگەندە مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئىتى بولغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن مەزگىلىدە 1962- يىلىدىن 1979- يىلىدىكى سايلامغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1959- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 1980- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە 8- قېتىملىق تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 1983- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە 9- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان.
GX@W"y ھۆرلىقا نازىرى 1951- يىلىدىن باشلاپ ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى ›› ، ‹‹شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى ›› ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى قاتارلىق گېزىت، ژۇرنال ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 20 پارچىگە يېقىن ماقالە ئېلان قىلغان ۋە كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن، ئۇنىڭ ماقالە، نۇتۇق ۋە لېكسىيەلىرى ھەر خىل تېمىلىرىدا بولۇپ كۆپىنچىسى ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلەش كېرەك، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، كەچلىك مۇزاكىرىنى قانداق تەشكىللەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئوقۇتۇش، تەلىم - تەربىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە ‹‹ يېڭى نىكاھ قانۇنى ›› ، ‹‹ يېڭى يېزىق ھەققىدە ›› قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي مەسىلىلەرگە بېغىشلانغانىدى.
\5[D7} ئۇ تەن ساقلىقى يار بەرمەي 1986- يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى قىزلار 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. تونۇلغان پېداگوگىك ئاسىيە ئاپپاي قاتارلىق مائارىپچىلار ۋە تۆھپىكار شاگىرتلىرى ھەققىدە ماقالىلەر يازغان، ‹‹ ئاكام ئابلىز نازىرىنى ئەسلەيمەن ›› ناملىق ئەسلىمىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە مەكتەپ تەشكىللىگەن ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتكە كىرىش ئالدىدىكى تەربىيەلىرىدە، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىلىشلىرىدا ھەممەيلەننى ئىلھاملاندۇرغىدەك سۆزلەپ، بىر پېشقەدەم ئۇستازنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلگەن. ئۇ لېكسىيە، نۇتۇقلارنى، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا بەرگەن دوكلاتلىرىنى ئىجتىمائىي رېئاللىققا باغلاپ تۇرۇپ، نەزەرىيەۋى قاتلاملارغا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ پۇختا تەييارلىغاچقا، مەزمۇنلۇق، سەۋىيەلىك ۋە تەسىرلىك چىقاتتى، جەمئىيەتتىكى تەسىرى ۋە ئۈنۈمى زور بولاتتى.
PNJe&q0* يۇقىرىقىلارغا قارىغاندا شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، مىللىي مائارىپ جەھەتتىكى تەتقىقاتلاردا، جەمئىيەتتىكى مائارىپ ھەققىدىكى پاراڭلاردا ئۇنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپنىڭ 2- ئەۋلاد ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ تەرىپلىنىشى ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قانداق ئادەم تەربىيەلەش دېگەن ماھىيەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدەنگەنلىكى ۋە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
O*rmD<L$ ھۆرلىقا نازىرىنىڭ بارلىقىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئۈنۈملۈك ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ئۇنى خىلمۇخىل شان ـ شەرەپلەرگە ئېرىشتۈرگەن. 1956- يىلى ئاپتونوم رايون ‹‹ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچى ›› بولۇپ سايلىنىپ،ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيىدا ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلانغان؛ 1957- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ‹‹ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچى ›› بولۇپ سايلىنىپ تەقدىرلەنگەن؛ 1960- يىلى ئۈرۈمچى شەھەر بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ سايلىنىپ شەھەر بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ سايلىنىپ شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قەھرىمانلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان ۋە مۇكاپاتلانغان؛ 1980-، 1981- ئوقۇش يىلى ۋە 1982- ، 1983- ئوقۇش يىللىرىدا ئۇدا ئىككى قېتىم شەھەر بويىچە ‹‹ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ›› بولۇپ تەىدىرلەنگەن، 1988- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۇنۋان باھالاشتا بىئو - خىمىيە كەسپىدە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
MKe^_uF ھۆرلىقا نازىرىنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئىشلىگەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرى تەشكىلنىڭلا ئەمەس، جەمئىيەتنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭ جاي - جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلىرى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، قانداق خىزمەت قىلغان بولسۇن ۋە ياكى ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ بولغان بولسۇن ھامان ھۆرلىقا ئاپپاينى ئۇستازىم دەپ ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ تۇرغان. ھۆرلىقا ئاپپايمۇ ئاشۇ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۆزىنى چەكسىز بەختىيار ھېس قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، داڭلىق نەسىر يازغۇچىسى ئەخمەت ئىمىن 1985- يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹ مەرىپەت گۈلزارىدىكى پېشقەدەم باغۋەن ھۆرلىقا ›› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، تونۇلغان يازغۇچى غەلىبە مۇھەممەد 1986- يىلى 1- ئايدا ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژۇرنىلىدا ‹‹ ئەھمىيەتلىك ھايات ›› ناملىق ماقالىنى، 1989- يىلى 1- ئايدا يەنە ‹‹ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار ›› ناملىق ماقالىنى يېزىپ، ھۆرلىقا نازىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغانىدى. 1984- يىلى 7- ئايدا ‹‹ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ›› ‹‹ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ›› تېمىسىدا ھۆرلىقا نازىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرغانىدى. 1957- يىلى ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى ‹‹ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچى ›› دېگەن تېمىدا ھۆرلىغا نازىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ماقالە ئېلان قىلغان. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق رادىئو ئىستانىسىسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىدا ھۆرلىقا نازىرى كۆپ قېتم تونۇشتۇرۇلغان.
Jh\:X<q تۆھپىكار مائارىپچى ھۆرلىقا نازىرىنىڭ ھاياتى ئەھمىيەتلىك ھايات، شەرەپلىك ھايات. بۇ خۇلاسىلەشكە تېگىشلىك ئەھمىيەتلىك تېما، ھۆرلىقا ئاپپاي قاتارلىق تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ تەجىرىبىلىرى، ئىش ئىزلىرى داۋاملىق ئىزدىنىشىمىزنى كۈتىدۇ. چۈنكى ھۆرلىقا ئاپپاي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پېشقەدەملەرنىڭ ئىش - ئۈلگىلىرى تەرەققىياتىمىزغا زۆرۈر بولغان قىممەتلىك ئېنېرگىيەدۇر. ئەگەر مۇشۇنداق قىلالىساق ھۆرلىقا نازىرى يازغان ‹‹ ئۈرۈمچى قىزلار 3- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق ئەسىرىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسەتكەن : ‹‹ يېڭى نوتا ئېشىپ كېتەر كونا شاختىن، ئېلىپ تۇرغاچ قۇۋۋەت ئوزۇق قېرى غولدىن ›› دېگەندەك مەنزىرە ھەمىشە كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدۇر.
W{A#]r l مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، پۈتۈن يۈرەك قېنىنى ئوقۇش - ئوقۇتۇش، تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، كومپارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم مائارىپچى ھۆرلىقا نازىرى 2013- يىلى 1-ئاينىڭ 9- كۈنى سەھەردە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە 84 يېشىدا ۋاپات بولدى.
7<3U? ]0 ئەلۋىدا ! قەدىرلىك ئۇستاز ھۆرلىقا ئاپپاي ! مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈف خاس ھاجىب بوۋىلىرىمىز ياندۇرغان مەرىپەت مەشئىلىگە سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن ئەجدادلىرىمىز ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى نۇرلاندۇرغانىدى، بۇ مەشئەلنى ھەرگىزمۇ ئۆۋۈرمەيمىز.
feI./E قەدىرلىك ھۆرلىقا ئاپپاي، شاگىرتلىرىڭىز سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ. خەلقىمىز سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ، سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. سىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.
+5HnZ?E\ J%\- 1 شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى. PFS;/ C,A!tj7@