باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       324 
  •    ئىنكاس 
       1 

تۇرمۇش تەسىراتلىرى

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

تۇرمۇش تەسىراتلىرى BvQMq5&  
ھەبىبۇللا رەجەپ    
sIUhk7Cd8  
                                         ''t\J^+&  
ھەممىمىز ياردەمگە موھتاج                                           /e/%mo  
خېلى يىللار بولغان بىر ئىش زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.                       J,iS<lV_  
قىشنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، شەھەرنىڭ مەركىزىي تۆت كوچىسىدا بىر دوستۇمنى ساقلاپ تۇرۇپ قالدىم. خېلى ساقلىغان بولساممۇ دوستۇمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بۇ چاغدا بىر تىلەمچىنىڭ تۇرقىغا قاراپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىشنىڭ كويىدا تۇراتتىم. ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بېرىپ، ئۇ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى. كېتىشكە ئالدىراپ پۇتۇمنى شۇنداق يۆتكىشىمگە، يولنىڭ ياقىسىغا كۆتۈرۈپ قويۇلغان بېتونغا ئوشۇقۇمنى ئۇرۇۋالدىم . سوغۇقتا مۇزلاپ كەتكەن پۇتۇمغا ئاغرىق قوشۇلۇپ مېنى ئوبدانلا ۋايۋايلاتتى.                               F9ytU>zh  
ـ سىزگە ياردەم كېرەكمۇ؟ پۇتىڭىز بەك ئاغرىپ كەتتىغۇ دەيمەن.       O0Z !*Hy  
مەن بىزار بولغان تىلەمچى يېنىمدا پەيدا بولۇپ، سەمىمىيىلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى. تىلەمچىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سەمىمىي گېپى خۇددى بىگىز بولۇپ يۈرىكىمگە سانجىلدى.                                         [3K& cX}B  
ـ بىز ھەممىمىز ياردەمگە موھتاج ئەمەسمۇ؟ - دېدى ئۇ يەنە.                   %C[#:>'+  
ئۇنىڭ ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك بۇ سۆزىنى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتالمايمەن. بىز ھەمىشە بۈيۈك ئادەملەردىن ئەقىل - پاراسەت ئىزدەشنى ئويلايمىز، بىز ھەمىشە بىلىملىك ۋە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەردىن ئەقىل - پاراسەت ئۆگىنىشنى ئىستەيمىز.                         ;H' ,PjU  
‹‹ بىز ھەممىمىز ياردەمگە موھتاج ›› . بۇ گەپ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرماقتا. شۇ تاپتا مېنى قانداق ئادەمنىڭ تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ھەممە نەرسەم تەل بولغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇ سۆز روھىمدىكى بىرەر بوشلۇقنى تولدۇرىشى مۇمكىن. شۇڭا توققۇزى تەل ئادەممۇ، ‹‹ مەن ياردەمگە موھتاج ئەمەس ›› دېيەلمەيدۇ. مەيلى سىز قانچىلىك باي بولۇڭ، قانچىلىك ئۇتۇق قازانغان بولۇڭ، سىز يەنىلا ياردەمگە موھتاج. ھېچنېمىڭىز بولمىسىمۇ، قىيىنچىلىقتىن باش كۆتۈرەلمەي قالسىڭىزمۇ، ماكانىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيسىز، ھېچ بولمىغاندا تەسەللى بېرەلەيسىز.                                                           Vs1H)T%  
شۇڭا ‹‹ ھەممىمىز ياردەمگە موھتاج ›› دېگەن بۇسۆزگە ئەسلىمەم خاتىرىسىدىن مەڭگۈگە ئورۇن بەردىم.                                               <z.Y#{p?k  
7MbV|gM}  
2v$\mL  
مۇھەببەت ۋە كامالەت بوسۇغىسى 2y"L&3W  
ئىلگىرى ھېيت كۈنلىرىدە قەلەمكەش بۇرادەرلەر ئۆزئارا ھېيتلىشىدىغان ياخشى بىر ئادىتىمىز بار ئىدى. بىر ھېيتتا يازغۇچى ياسىن نىياز قاتارلىق بىر نەچچە قەلەمكەشلەر ئۇستاز يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ كەلدۇق. مۇھەممەت شاھنىياز بىزنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ھېيتنىڭ ئېسىل نېمەتلىرىنى داستىخانغا ئېلىپ چىقتى. ئۇ مەززەلەرگە ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلغاچ، ئۆز ئارا ھېيتلاشنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە ئوبدان گەپلەرنى قىلىپ بەردى. ئۇ سۆز ئارىسىدا : ‹‹ بۈگۈن ئۆيۈمگە ھېيتلاپ كېلىپ، ئېسىمگە بىر ئىشنى سېلىپ قويدىڭىزلار. ئەسلىي مەن سىزلەرنى تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچۇم ۋە يېزىقچىلىقتىكى ئۇستازىم، شائىر رېشىت مەخسۇتنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاشقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، ئەمما مەن بۇ جەھەتتە ياخشى ئورۇنلاشتۇرالماپتىمەن. ھازىر بولسىمۇ ھەممىمىز بىرلىكتە رىشىت مەخسۇتنىڭ ئۆيىگە بارايلى ! ›› دېدى. شۇنىڭ بىلەن شائىر رېشىت مەخسۇتنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاشقا ماڭدۇق. رېشىت مەخسۇت شۇ كۈنلەردە مەرھۇم ئوغلى ئابدۇللا ئاكىنىڭ كونا شەھەر شەرقىي قوۋۇقتىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتقانىكەن. سالام بېرىپ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە ئۇستاز رېشىت مەخسۇت ئىنتايىن خۇش بولۇپ كەتتى. كەمتەر، خۇش پېئىل بۇ ئادەم بىزنى نازۇ - نېمەتلەردىن ئېلىشقا دەۋەت قىلغاچ، نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ، قىسقا ئىبرەتلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ئەدەبىيات، تۇرمۇش ھەققىدە بىردەملىك، ئەمما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك دەرىس ئۆتكەنىدى.               ge#0Q L0K  
ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ھېيت - بايراملاردا يوقلاش، ئۇلاردىن ۋاقتى - ۋاقتىدا ھال - ئەھۋال سوراپ تۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. مەكتەپتە دەرىس بەرگەنلىكى ئادەم ئۇستاز ھېسابلىنىپ قالماي، ھەر قانداق كەسىپ ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى جەھەتتىن بىر كۈن، بىر سائەت بولسىمۇ بىلىم بەرگەنلىكى كىشى ئۇستازىمىز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇستازنى ھۆرمەتلەش مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىمىز. ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ‹‹ ئىككى ئۇلۇغ ھامىينىڭ بىرى ئانا، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت. ئۇلارنى بىلىش ھەر قانداق بىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە شەرتى، ئۇلارنى قەدىرلىمەك ھەر قانداق مۇھەببەت ۋە كامالەتنىڭ بوسۇغۇسى ›› دەپ ئېيتقىنىدەك، بۇ ھېكمەتنىڭ مەنە چوڭقۇرلۇقىنى ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا باھا بېرىشتە ، ئالدى بىلەن شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىغا، يەنى ئادەملىرىگە قارايمىز، ئادەملەرنىڭ ساپاسىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىمىز. ئىلىم بەرگەن، ھۈنەر ئۆگەتكەن ئۇستازلارنى قەدىرلەش ھەم ھۆرمەتلەشمۇ ئېسىل پەزىلەتنىڭ، يۈكسەك دەرىجىدىكى مەدەنىيلىكنىڭ، مۇستەھكەم ئىناقلىقنىڭ نامايەندىسىدۇر. ھازىر خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىپ، كىشىلەر ھەقىقەتەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىگە ئىلىم بەرگەن ئۇستازلىرىنى يوقلاشنى، ھال - ئەھۋال سوراشنى كۆڭلىگە پۈكسىمۇ، شۇ ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ. تەۋسىيەرىم : ھېيت - بايرام كۈنلىرى ھەر قانچە ئالدىراش بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇستازلارنى يوقلاپ قويۇڭ.                                                                                             Nf5zQ@o_y  
%zKTrsMZ  
Cl8S_Bz  
ئىنسانىي مېھىر Z!+n/ D-1  
مەھەللىمىزدە يامان ئاتىقى چىقىپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇنىڭ يامان ئاتىقى چىقىپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ توخۇ، تۇخۇم دېگەندەك نەرسىلىرىنى ئوغرىلايتتى، ھاراق ئىچىپ جېدەل تېرىيتتى. باشقىلاردىن ئاڭلىسام، ئۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئۈچ توخۇسىنى ئوغرىلاپتىكەن. مۇئەللىم ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ھالال ياشاش توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىپ، توخۇدىن بىرنى بېرىپ يولغا سېلىپ قويغانىكەن. لېكىن توخۇ ئوغرىلاشتىن مەغلۇپ بولغان بۇ ئادەم مۇئەللىمگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ھاراق ئىچىۋالسىلا، مۇئەللىمنى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنى قىلىدىغان بولۇۋاپتۇ.          بىر كۈنى ياز كېچىسى قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى. بوراندا بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ مال - بېساتى كۆيۈپ كۈل بولدى، خوتۇن - بالىلىرى ساق قېلىپ، ئېغىر مەست بولۇپ ئۇخلاپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ بەدەنلىرى كۆيۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. بۇ چاغدا مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇلارغا يېمەك - ئىچمەك ياردەم قىلغاندىن تاشقىرى، يەنە بەزىلەر پۇلمۇ ياردەم تەلەپ قىلدى. بىزنىڭ مۇئەللىممۇ ئۆزى باش بولۇپ پۇل چىقىرىپ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى پۇل چىقىرىشقا تەشكىللەپ، ئۇ ئادەمنىڭ دوختۇرخانىدا ياخشى داۋالىنىشى ئۈچۈن ئاپىرىپ بەردى. بىز شۇ چاغدا ، ‹‹ ئۇ ئادەم مۇئەللىمگە شۇنچە يامانلىق قىلسا، يەنە نېمىشقا ياردەم بېرىدىغاندۇ؟ ›› دەپ سورىغانىدۇق .                               cd&sAK"  
مۇئەللىم سەمىمىيىلىك بىلەن مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى :     !ra,HkU'  
ـ بىر ئۇستا ياغاچچىنىڭ بىرى ئېگىز، بىرى پاكار ئىككى شاگىرتى بار ئىكەن. ئېگىز ھۈنەردە پاكاردىن چەبدەس ئىكەن. بىر كۈنى ئۇستازى ئۇلارغا ‹‹ ھۈنەرنى جان باقالىغۇدەك ئىگىلىدىڭلار، ئاۋۋال سىلەر تاغقا چىقىپ ياغاچ كېسىپ كېلىپ ئورۇندۇق ياساڭلار. كىم ئورۇندۇقنى سۈپەتلىك ھەم تېز ياسىسا، ئاخىرقى ھۈنىرىمنى شۇنىڭغا ئۆگىتىمەن ›› دەپتۇ. ئېگىز بويلۇق ھەم يوغان، ھەم ئېگىز دەرەخنى كېسىپ ئورۇندۇق ياساپتۇ. پاكار بويلۇق ھەم ئىنچىكە، ھەم پاكار دەرەخنى كېسىپ ئورۇندۇق ياساپتۇ. ئېگىز بويلۇقنىڭ ياغىچى سۈپەتلىك بولغاچقا، ياسىغان ئورۇندۇقىمۇ سۈپەتلىك بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۇستازى پاكار بويلۇقتىن : ‹‹ تاغدا شۇنچە كۆپ ياخشى دەرەخلەر تۇرسا، نېمىشقا شۇلارنى كېسىپ كەلمەيسەن؟ ›› دەپ سوراپتۇ. پاكار بويلۇق : ‹‹ كەچۈرۈڭ ئۇستاز، تاغقا چىقىپ يوغان، ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىگە قۇشقاچلار چاڭگا تىزىپ ئۇۋا ياساپتۇ. دەرەخ تۈۋىدە ئۇلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇۋىسىنى بۇزغۇم كەلمىدى، شۇڭا ئىنچىكە دەرەخلەرنى كېسىپ كەلدىم ›› دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئۇستازى ئاخىرقى ھۈنىرىنى ئۆگىتىشكە پاكار بويلۇق شاگىرتىنى تاللاپتۇ. باشقىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا، ئۇستاز : ‹‹ مېھىر - مۇھەببەت بولمىغان ئادەمدە، كەسىپكىمۇ، ئۆزگىگىمۇ مېھىر - مۇھەببەت بولمايدۇ. ئېگىز بويلۇق ھۈنەردە چەبدەس بولغىنى بىلەن پاكار بويلۇقنىڭكىدەك مېھىر يوق، شۇڭا پاكار بويلۇقنى تاللىدىم ›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنى بىلىۋېلىشىڭلار كېرەككى، باشقىلارغا مېھرىنى ئايىمىغانلارنىڭ قەلبى مېھرىبانلىققا تولغان بولىدۇ. باشقىلارغا مېھىر يەتكۈزۈش ئارقىلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىناق تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇ يامان ئادەم بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە يەنە مېھرىبانلىق قىلغانلىقىنى بىلگىنىدە، ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولىدۇ. سىلەر مېھرىبان، ۋاپادار بولۇشنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار!                                                         kmg/hNtN  
مۇئەللىم ناھايىتى توغرا قىلغانىكەن. ئادەمدە پۇل، ھوقۇق بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما مېھىر - مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ. بىر ئادەمدە باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىدىغان، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان پەزىلەتنىڭ بولۇشى ھەقىقىي ئادىمىيىلىكتۇر. باشقىلارغا مېھىر يەتكۈزۈش قانچىكى خالىس، غەرەزسىز بولسا، ئادىمىيىلىك پەزىلەت شۇنچە تاكامۇللىشىدۇ. بۇنداق تاكامۇللۇق ھاياتنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ، گۈزەللەشتۈرىدۇ.           نېمە يېتەر ئانا مېھرىگە؟ hRQw]  
كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاشلىقنى نورمىلىق تەمىنلىگەچكە، گۈرۈچ تامىقى بىزگە ناھايىتى ئاز نېسىپ بولاتتى. بىر كۈنى كوللېكتىپتىن بىر قېتىم پولۇ قىلغۇدەك گۈرۈچ تارقىتىپ بېرىپتىكەن، ئاپام بىزگە ئوخشىتىپ پولۇ قىلىپ بەردى. بىز ئائىلىدىكى ئالتە جان بىر - بىرىمىزگە باقماي، پولۇنى ئىشتىھا بىلەن يېدۇق. ئاپام قازان بېشىدىن كەلمەي، بىزگە پولۇ ئۇسۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. مەن :                         'kSm}} y  
ـ ئاپا، سەنمۇ كېلىپ يېسەڭ بولمامدۇ؟ - دېدىم ئاپامنىڭ پولۇنى يېمىگىنىگە قاراپ.          ـ قورسىقىم ئانچە ئېچىپ كەتمىدى، سەل تۇرۇپ يەيمەن، سىلەر يەۋېرىڭلار!                  بىز ئاپام سەل تۇرۇپ يەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ، پولۇغا تويساقمۇ، كۆزىمىز تويماي يەۋېرىپتۇق. ئاپام بىزنى كۆپ يەۋالسۇن دەپ ئۆزى يېمىگەنىكەن. كېيىن قازانغا قارىساق قۇپقۇرۇق ئىكەن. لېكىن ئاپام كۈلۈپ تۇرۇپ:                                                             - پولۇغا ئانچە ئىشتىھايىم يوق، قۇرۇق نان يېسەممۇ بولىدۇ، - دېدى.   شۇ چاغدا ئاپام پولۇنى ئىشتىھا بىلەن ھۇزۇرلىنىپ يېيىشىمىزدىن تولىمۇ خۇش بولغانىكەن. دېمەك ئانىنىڭ بەختى، شادلىقى پەرزەنتلىرىنىڭ خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇشىدۇر. ئاپامنىڭ ‹‹ قۇرۇق نان يەي ›› دېگەن سۆزىنى ئويلىسام ، ھازىر كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. ئۆزۈم رېئاللىقتا ئۇچراتقان بىر قىسىم ئانىلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئاپامنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ ئۇستازلىق رولىنى ئالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كېتىمەن.                                              بىر قېتىم ئاممىۋى ئاپتوبۇستا بىر ياش ئانا ئون ياشلاردىكى ئوغلى ياشانغان بىر ئادەمگە ئورنىنى بوشىتىپ بەرسە، ئوغلىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەتكەنىدى. يەنە بىر ياش ئانا قىزى تاللا بازىرىدىن نەرسە سېتىۋېلىپ، مال ساتقۇچى پۇلنى ئارتۇق قايتۇرۇپ بېرىپتىكەن، ئۇ قىز ئارتۇق پۇلنى مال ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەرسە، ھېلىقى ئانا قىزىنى سىرتقا چىقىشى بىلەنلا ‹‹ نېمىشقا ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىسەن، ھازىر ئۇنداق زاماننىڭ ۋاقتى ئۆتتى ›› دەپ ئەيىبلىگىنىنى كۆرگەنمەن. c;,-I  
ئانا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى. ئۇنىڭ پەرزەنتكە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىگە ھېچنېمە تەڭ كېلەلمەيدۇ. شۇڭا ئانا پەرزەنت ئالدىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالماي، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئانىسى. ئانىلىرى ساپالىق بولغان مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ساپالىق بولىدۇ. گەرچە ھازىر تۇرمۇشىمىز باياشاتلىققا چۆمگەن بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاماق قالمىغان چاغدا، ‹‹ مەن قۇرۇق نان يەي ›› دەيدىغان ئانىلار قانچىلىكتۇ؟ مەن ھەممىلا ئانىنىڭ شۇنداق دېيەلىشىنى تولىمۇ خالايمەن. v]'\]U^  
ئاددىي ساۋات SN 4JX  
ئاتام دېھقان بولۇپ ، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا پىششىق ئىدى. قولىدىن بىرەر ھۈنەر كەلمىگىنى بىلەن ئېتىز ئىشلىرىدىن بوشىغان چاغدا باشقا يۇرتلارغا بېرىپ قوي، كالا يۆتكەپ كېلىپ قاسساپچىلىق قىلاتتى.                                                                         ئاتام دېمەتلىك بىر قوشنىمىز  بولۇپ، ياغاچچىلىق، ئات، ئېشەك جابدۇقلىرىنى ياساشتا كامىل ئىدى. ئۇ ئادەم ياسىغان ھارۋا، تىككەن توقۇم، بويۇنچۇقلار شۇنداق كۆركەم، نەپىس بولۇپ، خېرىدارلار ئوبدان رازى بولاتتى. ئۇنىڭ مەن دېمەتلىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھۈنەرگە سالدى. ئۆزى تەلەپچان، قاتتىق قول بولغاچقا، بالىلىرىنى بىر قەدەم نېرى كەتكۈزمەيتتى. ئازراق سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قالسا، ۋارقىراپ تەنقىدلەپ كېتەتتى. ئاخشاملىرى مەھەللىدىكى تەڭتۇش بالىلار تونۇر بېشىدا چۆچەك ئېيتىشساق ياكى مۆكۈ - مۆكۈلەڭ، قوغلاشماق ئوينىساق، ئۇلار ئۆيىدە بەنت بولۇپ بىز بىلەن ئارىلاشمايتتى. ?L|Ai\|  
يىللار ئۆتۈپ مەنمۇ خىزمەتكە چىقىپ مەھەللىدىن ئايرىلدىم. ئۇ ئىككى ئوغۇلمۇ ئاتىسىنىڭ ھۈنىرىنى ياخشى ئۆگەنمەي، ياسىغان نەرسىلىرىدىن خېرىدارلارنىمۇ تۈزۈك رازى قىلالمايدىغان چالا ھۈنەرۋەن بولۇپ چىقتى. ئاتىسىمۇ بۇ يارامسىز شاگىرتلىرىدىن قاقشاپلا يۈرىدىغان بولدى.                                                                                 بىر يەكشەنبە كۈنى دەم ئېلىش كۈنىدە مەھەللىگە بارغانىدىم. بۇ قوشنىمىز ئاتام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپلا سۆزلەپ كەتتى :                               - ئاغىنە ، سېنىڭ ئوغلۇڭ مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇدى، مۇئەللىم بولدى، كېيىن خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ شەھەرگە كەتتى، لېكىن بۇ ئىككى ئوغلۇم ھۈنىرىمنى پەقەت ياخشى ئۆگەنمىدى.                         ;v!Ef"E|cV  
ـ گۇناھ بالىلىرىڭدا ئەمەس ئۆزۈڭدە. سەن بالىلىرىڭنىڭ كۆزىگە كېرىۋېلىپ قاتتىق تۇتتۇڭ. ئۇلارغا تېخنىكاڭنى ئۆگىتىشنىلا ئويلاپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى، ئەل - مەھەللە بىلەن ئارىلىشىپ ئادەملىك قائىدە - يوسۇن ئۆگىتىشكە دىققەت قىلمىدىڭ. سەن بىر ياخشى ياغاچنى زايە قىلىۋەتكەندە ئۇستازىڭ تېرىككەنمۇ؟  لېكىن سەن بالىلىرىڭغا تېرىكتىڭ. شۇڭا بالىلىرىڭ بۇ ھۈنەرگە ئىچى چۈشمىدى، - دېدى ئاتام قوشنىمىزغا سەمىمىيلىك بىلەن.      ـ ئەينى چاغدا نېمىشقا شۇنداق دېمەيسەن ؟                                           RNopx3  
ـ سەن ئاڭلىمايسەن. چۈنكى سەن ئۇستا ھۈنەرۋەن، مېنىڭلا راست دەيدىغان مىجەزىڭ بار.                                                                           dn&4 84  
ـ توغرا، ئۆزۈمگە بەك تەمەننا قويۇپتىمەن، ئەمدى پۇشايمان قىلغان بىلەن بىكار، - قوشنىمىزنىڭ قورۇق باسقان چىرايىدا بىر خىل پۇشايمان ئەكس ئەتتى.                     ئويلاپ باقسام، ئاتام ئاددىي بىر دېھقان بولسىمۇ، تۇرمۇش بىلىملىرىگە پىشقانىكەن. بۇ بەلكىم نۇرغۇن ئورتاق خۇسۇسىيەت بولۇشى مۇمكىن. بىز ياش ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلارنى تەربىيەلەشتە يول قويۇش ئاساسىدا ھۈنەر ئۆگىتىش بىلەن بىللە، تۇرمۇشنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى، كىشىلىك قائىدە - يوسۇننى تەڭ ئۆگىتىشنى بىللە ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.                                             !iL6/  
تىل گۈزەللىكى - دىل گۈزەللىكىدۇر fRwr}n'  
بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم. ئۆيدە بىر نەچچە مېھمان بار ئىكەن. ئۆيگە كىرىشىمگە دوستۇمنىڭ ئون نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئوغلى تاتلىق كۈلۈپ ئالدىمغا كەلدى ۋە ئەدەپ بىلەن ئىككى قولىنى ئۇزىتىپ : ‹‹ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ›› دەپ سالام قىلدى. ئۇنىڭ سالىمىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭدىنمۇ قىزغىن سالاملىشىپ ئەھۋاللاشتىم. ئارىدىن سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ بىر دوستى كىرىپ كەلدى. دوستۇمنىڭ ئوغلى ھېلىقى بالا بىلەنمۇ مەن بىلەن سالاملاشقاندەك ناھايىتى قىزغىن، ئەدەپلىك، چىرايلىق سالاملاشتى. ئۇلارنىڭ سالاملىرىدىن سۆيۈنۈپ، ھەممە بالا مۇشۇنداق سىلىق - سىپايە، ئىلمىي، ئەدەپلىك بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى - ھە ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. بىراق دوستۇمنىڭ ئۆيدىكى مېھمانلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەر ئۇلارنىڭ سالاملاشقانلىقىغا قاراپ رازى بولمىدى بولغاي، دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ :                               1*f/Y9 Z  
ـ ماڭا قارا، ئوغۇل بالا دېگەن ئوغۇل بالىدەك بولمامدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن خېنىملاردەك نازلىنىپ، سىز دەپ كېتىشلىرىڭلار ؟ ئوغۇل بالا دېگەن سەن دەپ گەپ قىلمامدۇ؟ - دېدى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن.                   E_0i9  
ئۇنىڭ گەپلىرى ھېلىقى ئىككى بالىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. دوستۇمنىڭ ئوغلى گەپمۇ قىلماي، بىردەم نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئارىدىن يەنە بىرەيلەن :           - ساڭا چاقچاق قىلدى، ناھايىتى ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپسەن ئوغلۇم، دوستۇڭنى ئۆيۈڭگە باشلاۋەرگىن، - دېدى ئۇنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ.                         بالىلار ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. دوستۇممۇ ھېلىقى دوستىنىڭ قوپال سۆزلىرىدىن رەنجىگەن بولسىمۇ، ئەمما مېھماننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چاندۇرمىدى. ئۇ مېھماننى تۇنۇساممۇ تازا چۈشىنىپ كەتمىگەچكە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئەمما دوستۇمنىڭ ئوغلىنى شۇنداق ئەدەپلىك،  ئىلمىي تەربىيەلەپ چوڭ قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم.                                                                                             L/)eNZ  
كېيىن دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ، ئوغلىنىڭ ناھايىتى ئەدەپلىك چوڭ بولغانلىقىنى ماختىدىم ۋە ھېلىقى مېھماننىڭ ياخشى گەپ قىلمىغانلىقىغا نارازىلىقىمنى بىلدۈردۈم. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بىر يۇرتلۇقى ئىكەن. بىر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئۆزىنى ‹‹ مەن ›› دەپ يۈرىدىغانلارنىڭ بىرى ئىكەن. گەرچە بۇ كىچىك ئىش بولسىمۇ، خىيالىمدىن نېرى كەتمەي، مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. چۈنكى ھېلىقى بۇرادەردەك بالىلارغا قوپال، سوغۇق بولۇشنى ئۆگىتىدىغان، ئوغۇل بالىغا ‹‹ سىز ›› دېيىش ياراشمايدىغان دېگەننى تەكىتلەيدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى.                                                                         ئىلمىي، ئەدەپلىك بولۇش كىشىلىك ئەخلاقىنىڭ ئېسىللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۆز - ھەرىكىتىمىزدە مەدەنىيلىكنى ئىپادىلىسەك، جېدەل - ماجىرادىن يىراق بولۇپ، ئائىلە ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغىمۇ زور پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئەدەپلىك، مەدەنىي بولۇش تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارنى ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇن ئىچىدە چوڭ قىلساق، ياراملىق ئادەم بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن چوقۇم تۆھپە قوشالايدۇ.                                 lSy_cItF  
ھاياتقا كۈلۈپ قاراڭ k&:~l@?O  
ئىلگىرى مېنىڭ بىر ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى. ئۇ چەت سەھرادا ئاددىي كىشىلەردەك ئاددىي - ساددا ياشاپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى. ساددا، ئاق كۆڭۈل دېھقانلار بىلەن سىردىشىپ، قان - قېرىنداشتەك ئېجىل ئۆتەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشقا قويغان تەلىپى، تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ناھايىتى ئاددىي. شۇڭا ئۇنىڭ ئاددىي ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاددىي مەزمۇنلار بىلەن تولغان. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئاددىيلىق ئىچىدىكى ھاياتى دوختۇرنىڭ بىر قېتىملىق يۈرەك كېسىلى دەپ دېئاگنوز قويۇشى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتتى.                                                                                 xiVbVr#[  
كېسەللىك دېئاگنوزىدىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىنى ئېغىر غەم - قايغۇلار بېسىپ، باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قالدى. ئەتراپىدىكى خۇشال - خۇرام يۈرگەن كىشىلەرنى كۆرگەندە : ‹‹ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پېشكەللىككە يولۇقىمەن ؟ ›› دەپ ئاھ ئۇرۇپ يۈردى. شۇنىڭ بىلەن كېسىلى ئېغىرلىشىپ، تېنىمۇ ئاجىزلىدى. بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىكەنمەنغۇ دەپ ئويلاپ، كۆڭلى نېمىنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلدى. ئەڭ گۈزەل يەرلەرگە ساياھەتكە چىقتى. ئۇ بىر نەچچە قېتىملىق ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ يەڭگىللىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. سەپەر ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، تۇرمۇشتىن زارلانمايدىغان، ھەممىگە تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قارايدىغان بولدى. مۇشۇنداق غەمدىن خالىي كۆڭۈللۈك ھايات ئۇنى بىر يىلدىن كېيىن، كېسىلىنىڭ ئاسارىتىدىن خېلىلا يېنىكلىتىپ قويدى.                    ـ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتىن ئالغان لەززەت ۋە ئازابمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنى ھېس قىلدىمكى، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىمىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيەمىزدۇر ، - دېدى ئوقۇتقۇچۇم ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى كەچۈرمۈشىنى سۆزلەپ.                                                         w6ck wn,  
ئاددىيلىق ئىچىگە ناھايىتى چوڭقۇر مەزمۇن يوشۇرۇنغان دەپ قارايمەن. بىز ئىش ئورنىدىن قالغان، تىجارەتتە ۋەيران بولغان، تۇرمۇشتا زەربىگە ئۇچىرىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان پەيتلەردە ھېلىقىدەك ئۈمىدسىز تۇيغۇلاردا بولۇشىمىز، ھەتتا ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزۈشىمىز مۇمكىن. بۇنداق تۇيغۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى يامان بولىدۇ. ئەگەر وھىمىزدىكى بارلىق پاسسىپ ئامىللارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھاياتقا كۈلۈپ قارىساق، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۇرمۇشنىڭ زەپەر ناخشىلىرىنى ياڭرىتالايمىز.                         yQq|!'MKk  
قۇشقاچلارنىڭ دانلىشى D7Ds*X`!l  
كىچىك چاغلىرىم ئىدى. قار يېغىپ كەتسە، چوڭلار يەرلەرنى سۈپۈرۈپ، قۇشقاچلارغا دان چېچىپ بېرەتتى. بىر كۈنى ئەتىگەندە سىرتقا چىقسام، يەر يۈزىنى ئاق لىباس قاپلاپ، تەبىئەت شۇقەدەر گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. قارنى تاماشا قىلىپ، ھويلىمىزنىڭ كەينىگە ئۆتسەم، ئاتام يەرنى سۈپۈرۈپ، قۇشقاچلارغا دان چېچىۋاتقانىكەن، لېكىن ئەتراپتا بىرمۇ قۇشقاچ يوق ئىدى.                                             >}r1A  
ئۆزۇمنى دالدىغا ئېلىپ بىردەم كۆزىتىپ تۇرۇشۇمغا بىر قۇشقاچ ئۇچۇپ كېلىپ، سوقما تامنىڭ ئۈستىگە قوندى - دە، ۋىچىرلاپ سايراشقا باشلىدى. دەرۋەقە ھايال ئۆتمەي بىر توپ قۇشقاچ ئۇچۇپ كېلىپ سوقما تامنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئۇلار ئەتراپقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن، دانلاشقا ئالدىرىماي، تام ئۈستىدە سەپراس بولۇشتى. بىر قۇشقاچ ئالدى بىلەن دان چېچىلغان يەرگە چۈشۈپ، ۋىچىرلىغاندىن كېيىن، باشقا قۇشقاچلارمۇ دان بار يەرگە چۈشۈپ بەخىرامان دانلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار بىردەم دانلاپ، ۋىچىرلىشىپ، پۇررىدە ئۇچۇپ تام بېشىغا قونۇشىغا يەنە بىر توپ قۇشقاچ ئۇچۇپ كەلدى، ئۇلارمۇ ئەتراپنى بىر قۇر كۆزىتىپ بولۇپ، يەردىكى داننى دانلاشقا كىرىشتى ...                                                     u&'&E  
ئۇ چاغدا كىچىك بولغانلىقىم ئۈچۈن، قۇشقاچلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن. ھازىر ئويلىسام ئۇلارنىڭ نەقەدەر مېھرىبان، ئۇيۇشقاق، كەڭ قورساق، سەۋرچان، ئىنتىزامچان ئىكەنلىكىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ھېس قىلدىم. شۇ ئەسنادا ھازىرقى رېئاللىقىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئازارلىشىشلار، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر دۈشمەنلىشىشلەر كاللامدىن كەچتى.                         +WvW#wpH  
كەڭ قورساق، ئەپۇچان، ئۇيۇشقاق بولۇش گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر. ئۇ ئىناق جەمئىيەت، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ، شۇنداقلا ئىناقلىققا تۇيۇنغان ئاتا - بالىلىق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق، چىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر. بىر ئورۇندا ھەممەيلەن ئەشۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ ساھىبى بولالىغاندىلا، خىزمەتلەرنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ئاشىدۇ، گۈللىنىش، نەمۇنە ئورۇنلۇق ئۇنىڭغا يار بولىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرىغا شۇ گۈزەل ئەخلاق يار بولسا، ئۇلار بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، قىيىنچىلىق ۋە ئووۇشسىزلىقلارنى تەڭ يېڭىپ، ھايات لەززىتىدىن تەڭ بەھرىمان بولالايدۇ.                                                       sh%%U  
( ئاپتور : ‹‹ تۇرپان گېزىتى ›› ئىدارىسىدە  ) E6xWo)`%5s  
$KmE9Se6,  
مۇھەررىر : ئالىم كېرىم كۆكئالىپ  ( تەكلىپلىك ) (N{  
شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى ,]=Qg n  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-03, 11:57
 
http//:www.uyqamus.com
majnon
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5126

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5082 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   508 (قېتم)
 تۆھپە:   508  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 881
 سائەت
دەرىجىسى:
881 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-09
ئاخــىرقىسى:2013-05-17
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 04-03

قايسى كۈنى بۇ ژورنالنى ئىلىپ يۇقارقى مەزموننى ئۇقۇپ چىققان .
سىزگە مەڭگۇ بەخىت-ئامەت ،خۇشاللىق يار بولسۇن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى