باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       160 
  •    ئىنكاس 
       0 

ئانا تىلمىزنى قەدىرلەيلى دوستلار ! (لابلو)

قەۋەت ئاتلاش
lablo
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14158

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3301 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   330 (قېتم)
 تۆھپە:   330  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 533
 سائەت
دەرىجىسى:
533 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-02-15
ئاخــىرقىسى:2013-05-21

         گەپنى بۈگۈن بولغان ئىشتن باشلاي ، بۇگۈن مەن brtدا ئولتۇرۇپ  باللار باغچىسى تەرەپكە  كېتىپ باراتتىم  مەن مائارىپ ئىنىستۇتىدىن ماشىنغا  چىقتىم  مەن بىلەن ئالاھىزەل تولۇق بىردە بولمىسا تولۇقسىزلار دا  ئوقۇيدىغان ئىككى  ئۇيغۇر بالا  چىقتى   ماشىنا يولدا  كېتىپ باردۇ  تۇيۇقسىز بۇ ئىككەيلەننىڭ  گېپىگە  قۇلىقىم  كىرىپ قالدى . بۇلارنىڭ نېمە توغۇرلۇق   پاراڭلىشۋاتقانلىقىنى  ئۇقالمىدىم  لېكىن  ئىچىمدە بۇ  ئىككى بالىغا بەك ئاچىىقىم كەلدى ،  بۇ  ئىككى  بالا  بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدا  ئەمەس  بەلكى  خەنزۇتىلدا پاراڭلىشۋاتاتتى   ئىچىمدە  بۇ  ئىككى  بالغا شۇنداق  بىر  گەپ  قىلغۇم كەلدى  بىراق  يەنە   گەپ  قىلمدىم ،   ئىچىمدە نۇرغۇن  خىىياللارنى  قىپ كەتتىم شۇنداق  ئاچچىغىم  كەلدى  بۇنداق ئىشلار ماڭا  كۆپ  ئۇچرىغان  بولسىمۇ  بىراق مەن بۈگۈن بۇ ئىككى بالىغا  قاراپ بەك  ئاچچىغىم  كەلدى .  بىزنىڭ  ئانا  تىلمىز مۇشۇنداق  خارلىنىپ  قالسا بولامدۇ؟   ئۇيغۇر بولغانكى  ئۇيغۇرچە  پاراڭلاشسا   بولمامدۇ ؟ ھەي   تېخى  ھازىر  بەزى  بىر  ئاتا  ئانىللىرمىز  بار   ئوغوللىرى  بىلەن   خەنزۇچە  پاراڭلىشىدىغان يەنە  قايسى  كۈنى  بىر ئانا_بالىنى ئۇچراتتىم   بۇلار  ئاق مەسجىد قېشىدا بىر تار كوچا بار  سودا بولىدىغان  ھېلىقى  ئوغول بالا  كەم  دېگەندە 25~26 ياشلاردا بار  ئانىسى  ئالاھىزەل 50 ياشلاردا بار .  ئوغول ئانىسىغا خەنزۇچە گەپ قىلۋاتاتتى  ، ئانىمۇ  ئۇيغۇرچە گەپ قىلماي  خەنزۇچە گەپ قىلۋاتاتتى ،ئەتراپىدا ھەممىسى  ئۇيغۇرلار بىرمۇ   باشقا مىللەتتىكى  ئادەملەر يوق،   ئۇلار  نۇمۇس قىلمىغان بىلەن   مەن بەك  نۇمۇس  قىلدىم   ئىچىمدە  ھەي بىز  مۇشۇنداق  كېتىۋەرسەك ئەتە_ئۆگۈن بىزنىڭ  تىلىمىز يوقىلىشقا  قاراپ  ماڭمامدۇ؟   ئويلاپ  بېقىڭلار قېرىنداشلىرىم بۇنداڭ قىلساڭ بىزنىڭ  ئانا تىلمىز بارا  بارا  يوقىلىشقا  قاراپ ماڭمامدۇ  ؟  بەزى   ئاتا  ئانىللىرمىز بار  بالام  ياخشى   ئوقۇيدۇ،  ياخشى  مەكتەپلەرگە  ئۆتىدۇ  دەپ  باللىرنى  خەنزۇچە مەكتەپكە  بېرىشىدۇ ، ھەي  ئۇلارنى  شۇ  خەنزۇچە مەكتەپكە  بەرسە  ئۇلار شۇ  تىلنى   ئۆگەنسە ئۆزىنىڭ  تىلىنى  مەدىنىيتىنى   ئۇقمىسا   قانداقمۇ بىر ئۇيغۇر  ھېسابلىندۇ ؟  شۇڭا   قېرىنداشلىرىم   پات   ئارىدا  ئانا  تىل  يەسلىسى  قۇرۇلدۇ  بۇنىڭدىنمۇ  بەلكىم  خەۋىرىڭلار بار    شۇڭا   ئاتا_ئانىللىرمى  باللىرمىزنى   ئەڭ  ئاۋۋال ئانا تىل بىلەن  تەربىيلەپ  ئاندىن       باشقا تىلدا ئوقۇتسا   ،  بەزى بىر  مىڭكاۋخەن دوستلىرمىز   يولدا بولسۇن  ئائىلدە بولسۇن  ئاتا  ئانىللىرى  بىلەن  ئۇيغۇرچە  پاراڭلاشسا ،  دېگەن ئۈمىددە . B3uv>\  
                                     ئۆزىمىزنى  ئۆزىمىز قەدىرلىمسەك باشقىلار بىزنى  قەدىرلىمەيدۇ  دوستلار !  ئانا تىل بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ  تىلى ،  بىز مەيلى ھەر قانداق يەردە  ئۆزىمىزنىڭ  ئانا تىلىمىزنى ئاسرايلى   ئانا تىلمىزنى دەپسەندە قىلمايلى دوستلار .
تېما تەستىقلىغۇچى : zulpikar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-09, 09:20
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى