)G? qX.D گرېنلاند ئارىلىدا تۇرۇۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت
k$EVr([ q2GW3t مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى قار - مۇزلار بىلەن قاپلانغان گرېنلاند ئارىلىغا
_;<!8e$C كەسپىي پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن بىر نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يېتىپ بارغان.
!_S>ER گرېنلاند ئارىلى دانىيە ئىگىدارچىلىقىدا تۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال بولۇپ، پۈتۈن زېمىنىڭ
s6H'}[E< كۆپ قىسمى يىلبويى قېلىن قار - مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئارال جۇغراپىيەلىك جايلىشىش
xU*:a[g جەھەتتىن كانادانىڭ شەرقىي - شىمالى تەرىپىگە يېقىن بولسىمۇ، لېكىن 1814 - يىلىدىن بۇيان دانىيىنىڭ
So:X!ljN(e مۇستەملىكىسى بولۇپ كەلگەن. 1953 - يىلى دانىيە پادىشاھلىقى گرېنلاند ئارىلىنى ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ
V"FQVtTx7 بىر قىسمى سۈپىتىدە قانونلاشتۇرغان. ئەمما بۇ يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئىنۇئىتلارنىڭ سىياسىي
Xtp8^4Va ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ 1979 - يىلىغا بارغاندا دانىيە ھۆكۈمىتى گرېنلاند ئارىلىغا ئاپتونومىيە
AeJ ;g بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 2009 - يىلى گرېنلاند ئارىلىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئاۋاز بەرىشى ئارقىلىق ئالىي
J[ds.~ $ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ھازىر يەرلىك مىللەت ئاھالىسى ئاران 50 مىڭغا بارىدىغان دۇنيادىكى بۇ
%36x'Dn? ئەڭ چوڭ ئارال ئالىي ئاپتونومىيە باسقۇچىدا تۇرماقتا ئىكەن. ئەگەردە شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلىپ
Fu7:4+ يەرلىك مىللەت - ئىنۇئىتلار ئۆز پارلامېنتى ئارقىلىق تەلەپ قويغان كۈنى دانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل
|rm elQ- بولۇشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن.
8$00\><r دانىيەنىڭ ئارخۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدە قۇرۇلۇش ئىنجىنېرلىقى بويىچە ئوقۇۋاتقان سەمەرجان ھەسەن ئىككى
Ts iJK ھەپتىنىڭ ئالدىدا 4 ئايلىق كەسپىي پراكتىكا ئۈچۈن گرېنلاندنىڭ پايتەختى نۇك بازىرىغا يېتىپ بارغان.
1/_g36\l$ ئۇ سكايپې ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ گرېنلاند ئارىلىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
'r;mm^cS? سەمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دانىيىلىكلەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا پۈتۈن گرېنلاند ئارىلىدا 60 مىڭدىن
Lx"GBEkt7 ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، يەرلىك مىللەت ئىنۇئىتلارنىڭ نوپۇسى 50 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. سەمەرجان ئۆزىنىڭ
:uL<UD,vu3 گرېنلاند ئارىلىغا بارغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئۆز يىلتىزىنى
+ikSa8)*i شىمالىي ئاسىيادىكى موڭغۇلىيە ياكى ئالتاي رايونىغا باغلايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانچە
OvfluFu7 مەلۇماتىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى
g?j)p y سۈردى. ئۇ يەنە گرېنلاندنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇزاق مەزگىل دانىيىنىڭ
"k zKQ~ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاش ھەمدە ھازىرقى زامان ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن
Met?G0[ ئىنۇئىتلارنىڭ ئىلگىرىكى تەبىئەتكە چوقۇنۇشتەك دىنىي ئەقىدىلىرىنى يوقۇتۇپ خرىستىيان مۇخلىسى بولۇپ
|k a _Zy كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما 1970 - يىللاردىن كېيىن ئىنۇئىتلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ قايتىدىن
">V&{a-C4 ئويغىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى ھەمدە ئالىي
yi7.9/;a ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
6v%yU3l /VR~E'Cy% https://www.facebook.com/photo.php?fbid=10151507817584691&set=a.136120219690.105514.78477869690&type=1&theater