باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1463 
  •    ئىنكاس 
       0 

پۇتبولچى بارىنىڭ ئانىسى

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

پۇتبولچى بارىنىڭ ئانىسى ?g1 .-'  
دىلمۇرات تۆمۈر      
           gJfL$S'w  
                           {mr)n3  
يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى كەچتە بىر نەچچە دوست يېڭى يىللىق سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگەچ پاراڭلىشىش ئۈچۈن تۇمارىس رېستۇرانىغا باردۇق. رېستۇراندا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى. دوستىمىز تەرىپىدىن بىر ئاي بۇرۇنلا زاكاس قىلىپ قويۇلغان ئۈستىلىمىزگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، رېستۇراننىڭ تاماقلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ، بىر - بىرىدىن ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردۇق. مېھمانلار ھەر بىر سەنئەت نومۇرى ئاياغلىشىشى بىلەنلا ھاياجان بىلەن چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى، مەنمۇ نۆۋىتىدە سەنئەتكارلارغا ئالقىش ياڭراتتىم. wI]>0geb*  
بىز قىزغىنلىق بىلەن نومۇر كۆرۈۋاتقان چاغدا سەھنىدىكى رىياسەتچى تۇيۇقسىز ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرۇپ، رېستۇرانغا پۇتبول چولپىنى بارىنىڭ ئاپىسىنىڭمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى، بۇنى بايقىغان باشقا ئۈستەلدىكى مەلۇم مېھماننىڭ بۇ ئانىغا ئاتاپ ناخشا تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  دەررۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ پۇتبول ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر يىگىتنىڭ ئانىسىنى كۆرمەكچى بولدۇم. مېنى تېخىمۇ ھەيران قىلغان يەنە بىر ئىش، رېستۇراندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ بۇ ئانىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن رىياسەتچى ئانىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئانا ھاياجانلىق ياشلىرىنى يوشۇرالماي قالدى. باشقىلارمۇ گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىتىپ، ئانىنىڭ يېڭى يىلىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلىدى ۋە ئۇنىڭ دىيارىمىزغا بارىدەك ئەزىمەتنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەنلىكىگە بارىكاللا ئېيتتى، ئانا ئۆز جايىغا بېرىپ ئولتۇردى، لېكىن بۇ كىچىككىنە ئىشتىن خىيال دۇنياسىغا غەرق بولدۇم. X#C7r@H  
ھەر قانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئەزىزلەيدۇ. بۇ بىر ئىستىخىيىلىك روھىي ھادىسە، شۇنداقلا ھەر بىر قوۋم كىشىلىرىنىڭ ئۆز قوۋمىغا  بولغان مەسئۇلىيىتىنىڭ باشقىچە ئىپادىلىنىشى. ھەر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغاندا، سان - ساناقسىز كىشىلەرنىڭ ھاياجاندىن ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر رىغبەت بەدىلىگە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.                                                 3 AF]en  
تۇمارىس رېستۇرانىدا پۇتبول چولپىنى بارىنىڭ ئانىسى مەدھىيلەندى، ھۆرمەت تۆرىگە چىقىرىلدى. بۇ بىر ياخشى ئىش. لېكىن دىيارىمىزدا مۇشۇنداق ياخشى ئىشنى قاچان باشلىدۇق؟ يەنە قاچانغىچە داۋاملاشتۇرالايمىز؟ بۇ ئالدىمىزغا قويۇلغان تەخىرسىز بىر مەسىلە. رونالدو بىرازىيەلىكلەرنىڭ قەلبىدە خۇددى ئامازون دەرياسىدەك ئۇلۇغ، مارادونا ئارگېنتىنالىقلار ئۈچۈن يېشىل يايلاق، بىكخام ئەنگىلىيەنىڭ بايراق خادىسى. بۇلارنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. لېكىن بۇ تەنھەرىكەتچىلەر سەۋەبسىزلا مۇشۇنداق شەرەپكە ئېرىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتىمۇ؟ بۇ يالغۇز تەنھەرىكەتچىلەرنىڭلا تۆھپىسى بولماستىن، يەرلىك خەلقنىڭ، مۇشۇنداق قەھرىمانلار يېتىشىپ چىقىدىغان تۇپراقنى ھازىرلىغانلىقىدا. ئۆزلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرىنى قەدىرلىگەنلىكىدە ۋە بۇنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغانلىقىدا. w)>z3L m  
قانداق نەرسە بەك قەدىرلەنسە، شۇنىڭ ھوسۇلى كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: دىيارىمىزدا بىر مەزگىل ھاراقنىڭ داۋرىڭىنى قىلىۋېدۇق، قىرلىق ئىستاكاندا ھاراق ئىچىدىغان پىيەنچۈكلەر قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى. دولىسى ئاپتاپ كۆرۈپ ئانچە - مۇنچە باي بولغانلار ئويۇن - تاماشىنى مودا قىلىۋېدى، بەزمىخانىلار كۆپىيىپ، غەلىتە كەسىپلەر تەرەققىي قىلدى. باشقىلاردىن ئاغرىنىشنى ئادەت قىلىۋېدۇق، دىيارىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ خەقتىن ئاغرىنىپ ياشايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ئويلانمايدىغان بولدۇق. بۇ گەپلەرنى دەپ ۋەزخانلىق قىلغۇم يوق. دېمەكچى بولغىنىم ئالىملىرىمىز، ئەدىب - سەنئەتكارلىرىمىز ، مۆتىۋەرلىرىمىز، زەكىيلىرىمىز، شۇنداقلا بارىدەك ئۇتۇق قازانغان يىگىتلىرىمىز قەدىرلىنىپ ، ھۆرمەت تۆرىگە باشلىنىپ كېيىنكىلەرنىڭ روھى ئۇرغۇتۇلسا، ئاشۇنداق ئادەملىرىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، قوۋم - قېرىنداشلىرىمۇ قەدىرلىنىپ ، باشقا ئاتا - ئانىلارغا ئىلھام بېرىلسە، تۇمارىس رېستۇرانىدىكى مېھمانلاردەك ۋە بارىنىڭ ئاپىسىغا ناخشا سوۋغا قىلغان نامەلۇم كىشىدەك، پاكىز ئەقىدىلىك ئادەملەر كۆپىيىپ، دىيارىمىزدىن كۆپلەپ ئېسىل ئادەملىرىمىز يېتىشىپ چىقىدىغان مۇھىت ھازىرلانسا، ئىقتىدارلىقلار قەدىرلىنىپ، يولباشچىلارنىڭ روھى ئۇرغۇتۇلسا نەقەدەر ياخشى يۈزلىنىش بولغان بولاتتى، دېمەكچىمەن. چۈنكى بۇ ھەممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش. ھەممە ئادەم قالتىس ئادەم بولالمايدۇ، لېكىن قالتىس ئادەملەرنى قەدىرلەپ، قالتىس ئادەملەرگە ئىلھام بېرىش ھەممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. مۇھەررىر : ئەسقەر ياسىن 1:Gd{z  
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى V zx(J)  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-30, 20:58
 
http//:www.uyqamus.com
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى