باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2965 
  •    ئىنكاس 
       15 

بۇنى ئوقۇپ يۈرەك تىترىدى...

قەۋەت ئاتلاش
فارۇق351

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13302

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13610 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1360 (قېتم)
 تۆھپە:   1360  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1337
 سائەت
دەرىجىسى:
1337 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-06-13

بۇنى ئوقۇپ يۈرەك تىترىدى... Ubf@"B  
T]0H&Oov  
ne-; gTP;  
ئى سەئد، ئاتقىن! ئاتا - ئانام ساڭا پىدا بولۇپ كەتسۇن! — (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوھۇد كۈنىدە سەئدنى ئوق ئېتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ قىلغان سۆزىدىن) 5ON\Ve_H  
E3P2  
wOU\&u|  
پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالامنىڭ «ئاتا-ئانام ساڭا فىدا بولسۇن» دېيىشىگە نائىل بولغان بۇ ئىنسان زادى كىم؟ كېلىڭ، ئەستايىدىل بىر ئوقۇڭ. @kmOz(  
Yp(F}<f?  
ئاللاھتىن ئاللاھ دەرگاھىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن! ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)! ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى - ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا - ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر. ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار. بۇنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەتكە ئەمەس، غەلىبىگە، شىرېكلىككە ئەمەس، بەلكى تەۋھىدكە دالالەت قىلىدۇ. ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى، سەئد ئىبنى ۋەققاس مەككىدىكى ئېسىل نەسەبلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ياشلاردىن بىرىدۇر. مەككىدە پەيغەمبەرلىك نۇرى چاقناشقا باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سەئد تېخى كىچىك بولۇپ، ئۇ ئاتا - ئانىسىغا كۆيۈمچان، بولۇپمۇ ئانىسىغا بەكمۇ ئامراق بىر ئۆسمۈر ئىدى. گەرچە ئۇ ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ ئەقلى ئۆتكۈرلىكىدە، ھېكمەتلىكلىكىدە چوڭلاردىن قېلىشمايتتى. ئۇ ئۆز تەڭتۈشلىرىدەك ئورۇنسىز ئويۇن - تاماشىغا بېرىلمەي، ۋاقتىنى ئوق ياساش، ياچاقنى ياخشىلاش، ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلىشتەك ئاقىلانە ئىشلارغا سەرپ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇ خۇددى ئۆزىنى چوڭ ئىشلارغا تەييارلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ يەنە كۆڭلىدە ئۆز قەۋىملىرى ياشاۋاتقان ناتوغرا ئەقىدىدىكى ھاياتىدىن قوتۇلدۇرىدىغان بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتىۋاتقاندەك بىر تەقەززالىق تويغۇسىدا بىئارام ياشايتتى. مانا مۇشۇ مەزگىلدە ئاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى توغرا ياشاش يولىغا باشلايدىغان رەھمىتى بولغان، ئازغۇن، خاتا ئەقىدىدىكى ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرىدىغان، مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى. بۇ خاسىيەت ئىگىسى پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزەتتى. سەئد ھېچ كېچىكمەستىن بۇ ئىلاھى چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى. ئۇ ئىسلام كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئاۋالقىلىرىدىن بولدى. ئۇ كۆپ ھاللاردا بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ: «پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسىنىڭ دەسلەپكى دەۋىتى باشلىنىپ يەتتە كۈندىن كېيىن ئىمان كەلتۈردۈم. دېمەك، مەن ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئاۋالقىلىرىدىن بولدۇم» دەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئدنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىدىن خۇشال بولدى. چۈنكى، سەئدتە يېڭى چىققان ئاينىڭ تولۇن ئاي بولىشى مۇقەررەر بولغاندەك، پات ئارىدا ھەقىقىي ئەركەكلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغان ئالامەتلەر بار ئىدى. شۇنداقلا، يەنە مەككە ياشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ئەگەشتۈرىدىغان، سۆزىگە كىرگۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان، ئېسىل نەسەب، يۇقىرى مەرتىۋە بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرگە يېقىن تۇرىدىغانلىق تەرىپىدىنمۇ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا تەرەپ جەمەتى بولغان بەنى زوھرا جەمەتىدىن بولغان تاغىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تاغىسى بىلەن پەخىرلىنەتتى. بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئولتۇرغاندا سەئدنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇرغانلارغا قاراپ: «بۇ مېنىڭ تاغام، قېنى كىمنىڭ مۇشۇنداق تاغىسى بولسا كۆرسىتىپ باقسۇن!» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. سەئدنىڭ ئىسلامدا تۇرۇشى ئاسانغا چۈشمىدى. ئىسلام بۇ ياشنى قاتتىق سىناقلارغا دۇچار قىلدى. سىناقنىڭ بۇ قاتتىقلىقىدىن ھەتتا ئايەت نازىل بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ ئاجايىپ كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بېرىشكە سەئدنىڭ ئۆزىنى تەكلىپ قىلايلى. «مەن ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇنداق بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى، بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە بىر ئاينىڭ نۇر چاچقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇ ئايغا ئەگەشتىم ۋە ئالدىمدا بىر قانچە كىشىنىڭ شۇ ئايغا مەندىن ئىلگىرى ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زەيد ئىبنى ھارىس، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئەبۇ بەكرى سىدىق ئىكەن. مەن ئۇلاردىن: ‹سىلەر قاچاندىن بېرى بۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟› دەپ سورىسام. ئۇلار: ‹بىر ئاز ئىلگىرى› دەپ جاۋاب بېرىشتى. «تاڭ ئاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوشۇرۇنچە ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. مەن ئاللاھنىڭ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ، بۇ سەۋەب بىلەن مېنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىشنى خالىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم - دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە چاپتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن جىياد جىلغىسىدا ئۇچراشتىم. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندا مەن ئىمان ئېيتتىم. چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى بىر نەچچەيلەن مەندىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان ئىكەن. ئانام مېنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىمنى ئاڭلاپ تەتۈرلىكى تۇتتى. ئەمەلىيەتتە مەن ئانامنىڭ ناھايىتىمۇ بەك كۆيۈنىدىغان ۋە ئۇنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بالىسى ئىدىم. ئۇ: — ئى سەئد! ئەسلى دىنىڭدىن يېنىپ قوبۇل قىلغان ئۇ زادى قانداق دىن؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن بۇ يېڭى دىننى تاشلا. بولمىسا مەن يېمەي، ئىچمەي ئۆلۈپ كېتىمەن... ئۇ چاغدا سەن مەن ئۈچۈن ئېچىنىپ يۈرىكىڭ پارە - پارە بولىدۇ. بۇ ئىش سەۋەبىدىن كىشىلەر سېنى ئۆمرۈڭ بويى ئەيىبلەيدۇ، — دېدى ۋە يېمەسلىك - ئىچمەسلىك ھەققىدە قەسەم ئىچتى. مەن ئۇنىڭغا: — ئى ئانا! ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ! ھەر قانچە قىلسىڭىزمۇ مەن بۇ دىنىمدىن يانمايمەن، — دېدىم. لېكىم ئانام يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇ ئورۇقلاپ، تېنى ئاجىزلىشىپ ماغدۇرۇدىن كېتىپ قالدى. بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەن ئۇنىڭ ئازراق بولسىمۇ يەپ - ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كېلىۋەردىم. لېكىن، ئۇ قەتئىي ھېچنېمە يېمىدى. ھەم ماڭا يا مېنىڭ دىنىمدىن يېنىشىمنى يا بولمىسا ئۆزىنىڭ شۇ پېتىچە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى. — ئى ئانا! مەن ھەقىقەتەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن. لېكىن، مەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرىنى سىزدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سىزنىڭ مىڭ جېنىڭىز بولۇپ ھەر بىر جېنىڭىز ئاچلىقتىن بىر - بىرلەپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مەن بۇ دىنىمدىن ھەرگىز يانمايمەن، — دېدىم مەن ئاخىرى. «ئانام مېنىڭ بۇ قەتئىيلىكىمنى كۆرۈپ ئاخىرى تەن بەردى ۋە مەجبۇرىي ھالدا يەپ - ئىچتى. ئاللاھ بۇ ئەھۋالغا قارىتا: ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن) دېگەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى.» ئەمەلىيەتتە سەئدنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كۈنى، مۇسۇلمانلار كۆپ ياخشىلىقلارغا ئېرىشكەن، ئىسلامغا خەيرلىك بىر زات قوشۇلغان بىر كۈن بولغان ئىدى. بەدىر كۈنى سەئد بىلەن قېرىندىشى ئۆمەيرنىڭ ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرى مەيدانغا كەلگەن بىر كۈن بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەير تېخى تولۇق بالاغەتكە يەتمىگەن بىر ئۆسمۈر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا چىقىدىغان قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغاندا ئۆمەير ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن قالدۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىگە مۈكىنىۋالغان ئىدى. بىراق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەنىلا كۆرۈپ قېلىپ قايتۇرۋەتكەندە ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، رۇخسەت قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئاكىسى سەئدنىڭ قېشىغا كەلدى. سەئد ئۇنىڭ قىلىچىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدى. چۈنكى، ئۇ تېخى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ قىلىچى يەرگە تىگىپ قالاتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاكا - ئۇكىلار ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا سەئد جەڭ مەيدانىدا شېھىت قىلىنغان ئىنىسى ئۆمەيرنى قويۇپ مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارغا مەغلۇبىيەت يۈزلەنگەندە قورققىنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. پەقەت سەئدلا ئۇنىڭغا يېقىن كىشى بىلەن قېلىپ ياچىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداپ تۇردى. ئۇنىڭ ئاتقان ھەر بىر ئوقى بىر مۇشرىكنى يەر چىشلىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ ماھارىتىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ رىغبەتلىەندۈرۈپ: «سەئد ئاتقىن! ئاتقىن!... ئاتا - ئانام ساڭا پىدا بولسۇن!» دېدى. سەئد ئۆمۈر بويى بۇ سۆز بىلەن پەخىرلەندى. ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچبىر ئادەمگە ئاتا - ئانىسىنى تەڭ پىدا قىلمىغان ئىدى» دەيتتى. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) خەلىپە ۋاقتىدا پارسلارنى گۇمران قىلىپ، يەر يۈزىدە بۇددىزىمنىڭ يىلتىزىنى قورۇتماق ئۈچۈن قوشۇن تەيارلىماقچى بولغاندا سەئد ئۇلۇغلۇقنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتتى. ئۇرۇشتىن بورۇن ھەرقايسى جايلاردىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا: «ماڭا قورالى، ئېتى، ھەر قايسى جەھەتتىكى تەييارلىقى بار، شېئىر، نۇتۇقتىن جەڭ ئۈچۈن پايدىلىق ئارتۇقچىلىقى بار بارلىق كىشىلەرنى ئەۋەتىڭلار!» دەپ مەكتۇپ ئەۋەتكەندە ھەرقايسى جايلاردىن مۇجاھىد قوشۇنلار بەس - بەس بىلەن كېلىشكە باشلىدى. قوشۇن تولۇقلانغاندا، ئۆمەر بۇ دەرىجىدىكى زور قوشۇنغا كىمنى قوماندان قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك: «باتۇر يولۋاس سەئدنى!» دېيىشتى. ئۆمەر ئۇنىڭغا قوشۇننىڭ بايرىقىنى تۇتقۇزدى. قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا ئۆمەر سەئدكە نەسىھەت قىلىپ: — ئى سەئد! سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ۋە دوستى دېيىشلەر مەغرۇرلاندۇرۇپ قالمىسۇن، ئاللاھ يامانلىقنى يامانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرىدۇ. ئى سەئد ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بويسۇنۇشتىن باشقا ھېچقانداق باغلىنىشلىق يوق. كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىلىكى بىلەن مەرتىۋىسىزىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى پەرقى تەقۋالىق بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ. كىشىلەر پەقەت تەقۋالىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئاللاھقا بويسۇنۇشى بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆرگەن ئىشلارغا قارىغىن ھەم ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتمە، بۇ بولسا بۇيرۇق، — دېدى. قوشۇن ئاتلاندى. قوشۇندا بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقانلاردىن 99 كىشى، رىزۋان ۋە باشقا بەيئەتلەردە بار كىشىلەردىن 310 نەچچە كىشى بىرگە ئىدى. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككىنى ئىشغال قىلىشقا قاتناشقانلاردىن 300 كىشى، يېزا پەرزەنتلىرىدىن 700 كىشى بار ئىدى. سەئد قادىسىيەگە يېتىپ بارغاندا قوشۇننى توختاتتى. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى كۈنى مۇسۇلمانلار قادىسىيەنى تۈپتۈن گۇمران قىلىۋىتىش نىيىتىدە دۈشمەنلەرنى خۇددى كىشەن ئوشۇقنى قىسقاندەك قاتتىق ئىسكەنجە قورشاۋىغا ئالدى. ئۇلار تەكبىر، تەھلىل ئېيتقان ھالدا دۈشمەن سېپىگە تۇشمۇ - تۇشتىن بۆسۈپ كىردى. پارسلىقلارنىڭ باش قوماندانى رۇستەمنىڭ بېشى مۇسۇلمانلارنىڭ نەيزىسى ئۈستىدە كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئالاقىزادىلىككە چۈشتى. ھەتتا، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى چاقىرىپ، ئاندىن ئۆلتۈرەتتى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن دۈشمەن قوشۇنىنىڭ سانىنىڭ 30 مىڭ ئىكەنلىكىلا بۇ جەڭنىڭ كاتتا غەلىبە ۋە غەنىمەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىغا كۇپايىدۇر. سەئد ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپ مال - مۈلۈك ئاتا قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭغا ئەجەل يېقىنلاشقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ كونىراپ تىتىلىپ كەتكەن تونىنى تەلەپ قىلىپ: «مېنى بۇنىڭ بىلەن كىپەنلەڭلار، چۈنكى، مەن بەدىر كۈنى مۇشۇ توننى كىيگەن ھالدا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇشقان ئىدىم. مەن يەنە مۇشۇ تون بىلەن ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايمەن...» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى نۇرلۇق قىلسۇن! l:$i}.C  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-26, 10:14
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
qayمۇنبەر پۇلى+1003-26nadir  tima
 
kaisarhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7421

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   143 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8203 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   820 (قېتم)
 تۆھپە:   820  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 332
 سائەت
دەرىجىسى:
332 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-01
ئاخــىرقىسى:2013-06-18
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 03-26

ئۇنىڭ ئاتقان ھەر بىر ئوقى بىر مۇشرىكنى يەر چىشلىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ ماھارىتىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ رىغبەتلىەندۈرۈپ«سەئد ئاتقىن! ئاتقىن!... ئاتا - ئانام ساڭا پىدا بولسۇن!» دېدى. سەئد ئۆمۈر بويى بۇ سۆز بىلەن پەخىرلەندى. ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچبىر ئادەمگە ئاتا - ئانىسىنى تەڭ پىدا قىلمىغان ئىدى»  ئوقۇپ مۇشۇ يىرىگە كەلگەندەھەقىقەتەن تەسىرلەندىم    ...ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى نۇرلۇق قىلسۇن..رەھمەت قىرىندىشىم رەبىم ئاللاھ رەھمەت داھىرىسىدىن ئورۇن بەرسۇن؟
alam

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4334

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   675 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31286 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3121 (قېتم)
 تۆھپە:   3116  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3314
 سائەت
دەرىجىسى:
3314 سائەت 186 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-01
ئاخــىرقىسى:2013-06-09
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-26

بۇ تېمىڭىزنى ئۇقۇپ جىسمىمغا يەنە بىر ھەسسە كۈچ-قۇۋۋەت قۇشۇلغاندەك ھىس قىلدىم...رەھمەت قېرىندىشىم
ئۆز  خاتالىغىنى تۇنىغان ئادەم ، ھەقىقى ياخشى ئادەمدۇر..!
dunyahayati
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14666

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   700 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   70 (قېتم)
 تۆھپە:   70  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 54
 سائەت
دەرىجىسى:
54 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-03-20
ئاخــىرقىسى:2013-03-27
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-26

تېما ئىگىسىگە بىر سوئال! QyY<Zi;6  
مەن گۇاڭجۇدا  سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس مەسجىدىدە بۇ ساھابىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدىم. =**Q\ Sl  
سىز ھىكايە قىلغان ئەبۇ ۋەققاس گۇاڭجۇدىكى ساھەبە بىر كىشىمۇ ياكى  بىر خاتا چۈشىنىش بارمۇ؟ GvvKM=1  
مەزكۇر تېمىدىكى ئەبۇ ۋەققاس قەيەردە ۋاپات بولغان؟
sahar520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14408

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1950 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   195 (قېتم)
 تۆھپە:   195  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 695
 سائەت
دەرىجىسى:
695 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-03-03
ئاخــىرقىسى:2013-06-19
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-26

يۈرىكىم ھەقىقەتەنمۇ تىترىدى ! (i?9/8I  
...................................................
فارۇق351

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13302

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13610 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1360 (قېتم)
 تۆھپە:   1360  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1337
 سائەت
دەرىجىسى:
1337 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-06-13
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-26

قىرىندىشىم خەنزۇلارغا قارشى جىھاد قىلغانلىق توغرىسدا ھېچ بىر تارىخ كۆرمىدىم،بەدايەت ۋە نىھاياتتە ھىجرىيە 600-يىللىرى ئەتراپىدا بىر قېتىم جەڭ خەنزۇلارغا قارشى جەڭگە تەييارلىق قىلغاندا جىزيە تۈلەيدىغانغا كىلشىپ بۇ ئۇرۇش توختىغان،قەيەردە ئۆلگەنلىكىنى ئىنىق ئۇقمايدىكەنمەن.شۇڭا بۇ كاتتا ساھابىنىڭكى قەبرىسىنىڭ گۇاڭجۇدا بۇلشىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن.
sultan88

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   821 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1402789 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4274 (قېتم)
 تۆھپە:   4274  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12444
 سائەت
دەرىجىسى:
12444 سائەت 296 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-26

رەخمەت قېرىندىشىم ، بۇ ساھابىنىڭ  بەكمۇ ئېسىل ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىپسىز  بەك خوش بولدۇم . بىر ياخشى ئىشقا ، اللاھ ئون ساۋاپ بەرگۈچى . Nr).*]g@~  
ھەممىمىزگە اللاھ مۇكەممەل ئىمان ئاتا قىلغاي .
ئەسسالامى ئەلەيكۇم  .مۇنبەرداشلار
فارۇق351

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13302

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13610 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1360 (قېتم)
 تۆھپە:   1360  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1337
 سائەت
دەرىجىسى:
1337 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-06-13
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-26

خەنزۇلارغا قارشى جەڭ قىلىنمىغانكەن،دىمەك ھېېچ بىر ساھابىنىڭكى قەبرىسى جۇڭگۇدا بولشى مۇمكىن ئەمەس،يەنە كىلىپ ھىجرىيە 91-يىلى زىمىن يۇزىدە ھېچ بىر ساھابە قالمىغان،91-يىلدىن ئىلگىرى جۇڭگۇ بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ئۇنداقتا بۇ كاتتا ساھابىنىڭكى جەسىتى قانداق بوپ جۇڭگۇدا بوپ قالىدۇ؟.ۋەللەھۇ ئەئلەم!
qay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7406

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   134 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6956 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   695 (قېتم)
 تۆھپە:   695  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6561
 سائەت
دەرىجىسى:
6561 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-29
ئاخــىرقىسى:2013-04-02
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-26

قېرىندىشىم  قوللىرىڭىزدىن گۈل  ئۈنسۇن . CUH u=  
نىمىدىگەن  ياخشى  ئېسىل تېما  بۇ  .   Wfd`v  
اللاھ  سىزگە  كاتتا  ئەجىر  بەرسۇن .
ھەر  بىر  جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ  تەمىنى تىتىغۇچىدۇر .
amirtugluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14698

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   179 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9050 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   905 (قېتم)
 تۆھپە:   905  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 893
 سائەت
دەرىجىسى:
893 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-03-23
ئاخــىرقىسى:2013-05-05
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-27
5قەۋەتتىكى(فارۇق351) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ئەسسالامۇ -  ئەلەيكۇم  قېرىندىشىم ،  يوللىغان  تېمىڭىزغا  كۆپ  رەھمەت ،  ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن  ،
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى