باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       441 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئىرادە تەلقىنى

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

ئىرادە تەلقىنى 0oEOre3^%  
ئەسقەر ياسىن p-+K4  
(%O@r!{  
بىر پارچە خەت
w&xDOyW]  
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، دوكتور يېتەكچىسىمەدىنە ئابلىكىم بىلەن ئۇنىڭ جىمجىت ئىشخانىسىدا پاراڭلاشتىم. ئۇ ئۆزى ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى سەمىمىيىلىك بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئارىدا تۇيۇقسىز تارتمىسىنى ئېچىپ ماڭا بىر پارچە خەتنى سۇندى. خەتنى يازغۇچى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. ئۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاشۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلىغان قىز ئوقۇغۇچى بۇ خەتنى يېزىپتۇ.                 ^<X@s1^#  
ـ بۇ خەتنى ئوقۇپ بېقىڭ، پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، - دېدى ئۇ. خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم:                                       $ "Bh]-  
«مەدىنە مۇئەللىم، سىز مەكتىپىمىزگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن كۈنى ئاشۇ مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم. مەكتەپ مۇدىرىمىز سىزنى :«ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان فىزىكا ئالىمەسى، ئۇ ئىتالىيە، ئەنگىلىيەدە ئوقۇغان، فىزىكا ساھەسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى›› دەپ تۇنۇشتۇرغاندا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى. بىزنىڭ قىزـ ئاياللاردىنمۇ سىزگە ئوخشاش ئالىملارنىڭ چىقىشى مېنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇردى. بىر قىز ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزدىن چەكسىز پەخىرلەندىم. دېمەك، بىر ئادەم ئۆز غايىسى ئۈچۈن بەل قويۇۋەتمەي تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئەتراپلىق ئىزدەنسە مەيلى ئۇ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن جەزمەن نەتىجە قازىنالايدىكەن. سىز بۇنى ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن ئىسپاتلاپ ئولتۇرۇپسىز.                             ! ZU2{  
بەزىدە ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللارغا پېتىپ قالىمەن. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى قىز - ئاياللارغا قارىغاندا بىزنىڭ تارتىدىغان دىشۋارچىلىقىمىز، توسقۇنلۇقلىرىمىز، مۇشەققىتىمىز كۆپرەكمىكىن دەيمەن. سىز نۇتۇقىڭىزدا :«بۈگۈنكىدەك نەتىجىلىرىم ئاتا - ئانامنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم، دادام ئالىي ئاگرونوم، ئانام ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئاتا - ئانام ھەدەم بىلەن ئىككىمىزگە ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلەتتى، قاتتىق تەلەپ قوياتتى، رىغبەتلەندۈرەتتى. بەزى تونۇش - بىلىشلەر ئاتا - ئانامغا :«قىزىڭلار بەك ئوقۇپ كەتتى جۇمۇ ، قىز بالا دېگەن ئۇنچە كۆپ ئوقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ ››، دېگەندە ئۇلار :«بۈگۈنكى دەۋردە بالىلارغا قالدۇرىدىغان ئەڭ چوڭ مىراسىمىز بىلىم. ۋايىغا يەتكۈچە تەربىيىلەپ ياراملىق ئادەم قىلىش يۈكسەك بۇرچىمىز. مانا بۇ بالىلىرىمىزغا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ بايلىق›› دەيتتى. ئۇلارنىڭ رىغبىتى،كۆيۈنىشى، مۇھەببىتى بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇتۇق قازىنىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە يولدىشىم ۋىداتنىڭ كۆيۈنىشى، قىزغىن ياردىمى بىلەن خىزمەتلىرىمدە تېخىمۇ ياخشى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىۋاتىمەن››، دېدىڭىز . بۇ سۆزلەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى بەزى ئائىلىلەر، ئادەملەر قىز - ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدۇ، ئۇلارغا كەمسىتىش نەزىرىدە قارايدۇ. كەسىپتە نەتىجە قازىنىشنى ، ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنى ئەرلەرنىڭ ئىشى، ئاياللار ئۆيگە بەند بولۇپ ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەك دېيىشىدۇ. زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل قاراشلار زاۋاللىققا يۈز تۇتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بۇ خىل تەتۈر ئېقىمنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ناھىيەنىڭ چەت يېزىسىدا بىر نەۋرە ئاچام بار . ئىككىمىزنىڭ يېشى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئۇ يېقىندا توي قىلدى. ئۇ ئەمدىلا 18 ياشتىن ئاشقانىدى. ئۇنىڭ تېلىفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان دەردلىك سۆزلىرى تا ھازىرغا قەدەر قۇلىقىم تۈۋىدىن كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ، چەت ئەللەردە ئوقۇغۇسى بار ئىدى. ئوقۇشىمۇ ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا ئىدى. بىراق ئائىلىسىدىكىلەر قىز بالا كۆپ ئوقۇپ كەتسە بولمايدۇ، ۋاقتىدا تالالىق قىلىۋەتكەن ياخشى، دەپ شىرەم تۇغقانلار بىلەن قۇدىلىشىپ نەۋرە ئاچامنى ئەرگە بەرمەكچى بولۇپتۇ. نەۋرە ئاچام ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دېمىگىنى، قىلمغىنى قالماپتۇ. ھەتتا ئاتا - ئانام نەۋرە ئاچامنىڭ ئاتا - ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ نەسىھەت قىلغانمۇ بولدى. بىراق ئۇ يەنىلا ئەرگە تېگىشتىن ئىبارەت رېئاللىقتىن قۇتۇلالمىدى. ئۇ تېلېفوندا ماڭا بەخىت تىلەۋېتىپ يۇم - يۇم يىغلاپ كەتتى. مېنىڭ شەھەردە، ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە چوڭ بولغىنىمنى بەختىڭىز ، بۇنداق تەلەي ھەممىلا قىزغا نېسىپ بولمايدۇ، دېدى. شۇ كۈنى بىر كېچە كىرپىك قاقماي چىقتىم. نەۋرە ئاچامنىڭ ناتىۋان تۇرقى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ ماڭا سان - ساناقسىز سوئاللارنى قالدۇردى.                                                                       بىز راستىنلا كۆپ ئوقۇساق بولمامدۇ؟ ئەرلەرگە بېقىنىپ ياشاش پېشانىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەنمۇ؟ ئائىلە ئىشلىرىدىن باشقا ئىشلار بىزگە مۇناسىپ كەلمەمدۇ؟  بىز ئالىم بولساق، كەسىپتە ئۇتۇق قازانساق خاتالاشقان بولىمىزمۇ؟... ناھايىتى نۇرغۇن سوئاللار يۈرۈكىمنى تاتىلاپ ماڭا ئارام بەرمەيدۇ. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، زامان تەرەققىي قىلىپ نە - نەلەرگە كەتتى. جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر خەۋىرى بارلىكى ئادەم نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئايال پىرىزدېنتلارنىڭ بارلىقىنى ، ئاياللارنىڭ كەينى - كەينىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، ئىلىم ساھەسىدە بولسۇن ، جەمئىيەتتە بولسۇن ئاياللارنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ . ھەتتا بىزنىڭ تاراتقۇلىرىمىزدا ئانا بولۇش ئۈچۈنمۇ يۇقىرى بىلىم - ساپا بولمىسا بولمايدىغانلىقى ، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئانىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشى كېرەكلىكى، ئالىي مەلۇماتلىق ئانىلارنىڭ زاماننىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكى كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان كونا گەپ بولۇپ قالدى. لېكىن بىز يەنىلا ئوتتۇرا ئەسىرچە قالاقلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز. قىز - ئاياللىرىمىز يەنىلا قالاقلىقنىڭ ئاسارىتىدە تېپچەكلەۋاتىدۇ. ماڭا ئوخشاش ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە ئۆسكەن تەلەيلىك قىزلار قانچىلىك؟  ئاتا - ئانام ياخشى ئوقۇپ ئىستىقباللىق بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ھەممە ئاتا - ئانىنىڭ ئاتا - ئانامغا ئوخشاش بولۇشى ناتايىن . كونا قاراشلار ۋەجىدىن ئىستىقبالىدىن ئايرىلغان قىزلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ھەتتا بازىدە ئۈمىدسىزلىككە پاتىمەن.     WoxwEi1~0  
m[k_>e\ u  
                                      مەدىنە مۇئەللىم، سىز بىزگە لېكسىيە سۆزلىگەن كۈنى قەلبىم ئۈمىدكە، ئىشەنچكە تولدى. تىرىشساملا كەلگۈسۈمنىڭ ئۆز قولۇمدا  ئىكەنلىكىگە چىن پۈتتۈم. سىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئىزچىل ئەلا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكىمۇ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىپسىز. ئائىلە  شارائىتىڭىزمۇ مېنىڭكىگە ئوخشايدىكەن. دادىڭىز دېھقانچىلىق نازارىتىدە كادىر، ئانىڭىز مۇئەللىم ئىكەن. مېنىڭ دادام مەلۇم بىر باشقارمىنىڭ كادىرى، ئانام تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسىدا. ئۇلار مېنىڭ ئوقۇشۇمغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. سىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدا بەكمۇ تەسىرلەندىم، سىزگە قايىل بولدۇم. دېمەك، ئايال بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇتۇق قازىنىمىز دېسەك ئەرلەرگە قارىغاندا ھەسسىلەپ كۈچ چىقىرىشىمىزغا ، تىرىشىشىمىزغا، زۆرۇر قۇربانلارنى بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدىكەن.  ئايال بولماق ئاسان ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال بولۇش تېخىمۇ تەس. بىر ئايال بولغۇچى ئائىلىسىگىلا ئەمەس، گېزى كەلگەندە جەمىئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنلىشىغا توغرا كېلىدۇ. نەۋرە ئاچامغا ئوخشاش بەخىتسىز قىزلار ئەتراپىمىزدا  ھېلىھەم مەۋجۇت. ئۇلار ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن يەكمۇيەك ئېلىشىشقا ئىلاجسىز . ئەمما سىزگە ئوخشاش پەخىرلىك قىز - ئاياللىرىمىزمۇ بار. ئۇلار كىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىشتىن باشقا مەنىۋى مۇكەممەللىككە يېتەكلەيدۇ. ئەمما قىز - ئاياللىرىمىز ئىچىدە  سىزگە ئوخشاشلار قانچىلىك؟ كۆپ ئەمەس، ئۈمىدىمىزدىن تېخى يىراق.                                                                      مەدىنە مۇئەللىم،  راست گەپنى قىلسام مېنىڭمۇ سىزدەك ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ ئەل - يۇرت ئۈچۈن خەيرلىك ئىشلارنى قىلغۇم بار. سىزنىڭ لېكسىيىڭىزدىن كېيىن بۇ ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، بىزدە ھېلىھەم قارا سايە  تاشلاپ تۇرغان قالاق قاراشلار يوقىلىدۇ، تالايلىغان قىز - ئاياللىرىمىز ئائىلىدە مۇنەۋۋەر ئانا، جەمئىيەتتە سەرخىل كۈچلەردىن بولىدۇ.     @ |'5 n  
سىزگە ئوخشاش سۆيۈملۈك ئالىمەلىرىمىز دۇنيا شەرەپ سەھنىسىدە يۇلتۇز بولۇپ چاقنايدۇ.    ـ لېكسىيىڭزدىن بەھىر ئالغان ئوقۇغۇچىڭىز : سەلىمە ›› ' H7x L  
خەتنى ئوقۇپ بولۇپ خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن.                 } G<rt  
ـ قانداق، پايدىلىنىش قىممىتى بارمىكەن؟ـ مەدىنەنىڭ سوئالى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. Y?534l)j  
ـ ئەلۋەتتە، بۇ قىز ھازىر نەدە ؟ - دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.                     FYS/##r  
ـ ھازىر داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، پات - پات ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. بەك ئەقىللىق، تىرىشچان قىز، چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ دەپ ئىشىنىمەن،ـ دېدى مەدىنە ئىشەنچ بىلەن.                                             sdCvG R e  
كەلگۈسىدىكى بىر ئالىمەنىڭ سېماسى كۆز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى. بىر مىللەت مانا مۇشۇنىڭدەك سۈپەتلىك ئانىلار قوشۇنىغا ئىگە بولغاندا كېلەچەكنىڭ چېھرى پارلاپ نۇر چاچىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەلىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. خەتتە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر كۆپتۈرۈلگەن ئەمەس. ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان نۇرغۇن ئىللەتلەر ھېلىھەم بىزنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرۇپتۇ. ۋەھالەنكى، قىز ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرىنى مەنمۇ قۇۋۋەتلەيمەن. بەزى ئىللەتلىرىمىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇ ئۈستىدىكى ئەخلەتتەك روشەن زاھىر بولىدۇ، ئۇنىڭ زىيىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن بىزار بولىدۇ. شۇ چاغدا ئىجابىي يۈزلىنىش قوينىغا كىرىمىز. شەرمى - ھايالىق قىز - ئاياللىرىمىز ئائىلىدە مۇنەۋۋەر ئانا، جەمئىيەتتە سەرخىل كۈچلەردىن بولىدۇ.                                             M# 18H<]  
مەدىنە مېنى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا باشلاپ كىردى. جىمجىت تەجرىبىخانا تۈرلۈك ئەسۋابلارغا تولغان ئىدى. كومپىيۇتېر ئالدىدا ئاق خالات كىيگەن خادىملار ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى. مەدىنە قەدەمدە بىر فىزىكىلىق ئاتالغۇلارنى تىلغا ئېلىپ قىلىۋاتقان خىزمىتىنىڭ جەريانىنى تونۇشتۇراتتى. مەن ئۈنسىز خاتىرە قالدۇراتتىم.   %&_V0R\k  
فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالامنىڭ ئىلھامى                           ,7XtH>2s  
مەدىنە ئابلىكىم باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ياخشى ئوقۇدى. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىندى. نۇرغۇن قېتىم زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلاندى، ئىزچىل ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلىقنى قولدىن بەرمىدى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20- باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدى. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇنىڭ ماتېماتىكا بىلەن فىزىكىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.         m0{!hF[^  
ئەينى چاغدا ئۇ ئوقۇغان شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى ( 17- ئوتتۇرا مەكتەپ ) ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى ساناقلىق بىر قانچە مەكتەپنىڭ بىرى ئىدى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مەدىنە ئابلىكىممۇ ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇدى. ئوقۇتقۇچى - ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن قايىل بولاتتى.                                                   m?HZ;  
1986- يىلى ئۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىندى.                                             bxK(9.  
مەدىنەنىڭ ئىچكىرىدىكى بىرەر داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بار ئىدى. U}SXJH&&E  
d2s OYCKe  
                      ـ دادا، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار ئىدى، ئىمتىھان بېرىپ سىناپ باقايمىكىن،ـ دېدى مەدىنە دادىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ.       B^D(5  
ـ قىزىم، ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋېرىڭ، شۇنچە ئېتىبار بىلەن ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىندىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمىزدىن كەتمەي ئوقۇسىڭىز نېمە دېگەن ياخشى. ئاپىڭىزمۇ، مەنمۇ خاتىرجەم دەڭە ... - دېدى ئابلىكىم ئاكا.                 H UoyLy  
ئابلىكىم ئاكىنىڭ دادىلىق مېھىر - مۇھەببەت سىڭگەن بۇ سۆزلىرى بىلەن مەدىنە قايتا بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپ يۈرمەي تىزىملىتىش ۋاقتى كەلگەندە مەكتەپكە بېرىپ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى.                         fri0XxF  
  مەدىنەنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشلاندى. l<(Y_PE:  
                         ئۇنىڭ خەنزۇچە ئاساسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇلىدىغان تەييارلىقنى ئوقۇمايلا 85- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كەسپى دەرىسلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى. دەرىسلەر ئېغىر ئىدى. مەدىنە ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن ئەسلىدىكى تىرىشچانلىق ئادىتى بويىچە داۋاملىق تىرىشىپ ئوقۇشقا باشلىدى.                               ZDL']*)'  
مەدىنەنىڭ ھەدىسى شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇت ( ھازىرقى تېببىي ئۇنۋېرسىتېت ) تا ئىشلەيتتى، قېيىنئاكىسى بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. مەدىنە پات - پات ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئالىي مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئوقۇتۇش، ئوقۇشقا ئائىت گەپ - سۆزلەر كۆپ بولۇناتتى. بولۇپمۇ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش توغرۇلۇق گەپلەر كۆپرەك تىلغا ئېلىنىپ مەدىنەنىڭ قەلبىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزۇسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىخلاندۇرغانىدى. مەدىنە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىدىن ئەنگىلىيەگە چىقىپ ئوقۇغان مەلىكە ئىسىملىك ئايالنىڭ ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى ›› گە بېسىلغان ئىش - ئىزلىرى ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلغانىدى. بۇ گېزىتنى دادىسى قەيەردىندۇر تېپىپ ئەكىلىپ قىزىغا تەڭلەۋېتىپ:                                                         - قىزىم، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بېقىڭ، مەيلى قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن ئادەم تىرىشسىلا نى - نى ئىشلارنى قىلالايدۇ جۇمۇ ،ـ دېگەنىدى مەنىلىك قىلىپ.                                                                                     1xf=_F0`&  
مەدىنە ‹‹ ئاياللاردىنمۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار باركەن - ھە، مەنمۇ شۇنداق چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەرمەنمۇ ›› دەپ ئويلاپ شېرىن ئارمانلار ئىچىدە ئەللەيلەنگەنىدى.                           YGc^h(d  
مەدىنە ئاسپىرنتلىقتا ئوقۇشنىڭ خىرە ئارزۇلىرى ئىچىدە چىرمىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە: }Vu\(~  
bU 63X={  
  ـ ساۋاقداشلار ، بۈگۈن شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سارىيىدا نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پاكىستانلىق فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالامنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلايمىز،ـ دەپ ئۇقتۇردى مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ.     86QE /M  
فىزىكا فاكۇلتىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سارىيىغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى مۇھەممەت ئابدۇسالام ( دۇنيا نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىم، ئۇ 1926- يىلى پاكىستاندىكى جانگ دېگەن كىچىك شەھەردە دۇنياغا كەلگەن ، 1979- يىلى شىلدون گراشوف ، سىتېۋېن ۋېينبېرگ قاتارلىق فىزىكا ئالىملىرى بىلەن بىللە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. ئۇ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى تارىىخىدىكى بىردىنبىر مۇسۇلمان ئالىم. 1996- يىلى ۋاپات بولغان) لېكسىيەسىنى ئاڭلىغىلى باردى. مەدىنە فىزىكا ساھەسىدە مۇشۇنداق بىر مۇسۇلمان ئالىمنىڭ بارلىقىنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاڭلىشى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغانىدى. كېيىن شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلگەنىدى: مەكتەپلەردە ئەنە شۇنداق تەسىرى بار ئالىملارنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش كېرەك ئىكەن. دوكلات ئىنگلز تىلىدا بېرىلگەچكە زور كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلار ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىدى، بىر ئىنگلىزچە تەرجىمان ئاساسلىق مەزمۇنىنى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغاچقا بۇ لېكسىيەدىن نەپ ئالغىلى بولمىدى دېيىشكە بولاتتى. بىراق ئوقۇغۇچىلار مۇسۇلمان دۇنياسىدا مۇشۇنداق بىر ئاجايىپ فىزىكا ئالىمىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپتى. تەرجىماننىڭ ئىزاھاتىدىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى ، ئالىم ئابدۇسالام شىنجاڭ رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، لېكسىيە سۆزلەشكە مۇشۇ يەرنى تاللىغانىكەن. مەدىنەگە شۇ كۈنكى لېكسىيە ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇردى. ئىنگىلزچە لېكسىيەدىن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان بولسىمۇ دۇنياۋى فىزىكا ئالىمىنىڭ يۈكسەك ئىناۋىتى، مول بىلىمى ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ئىلھام ئاتا قىلدى. لېكسىيە تۈگىگەندىن كېيىن يۈرەكلىكرەك ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قانچىسى تاكى ئايرودۇرۇمغىچە ئالىمنى ئۇزىتىپ بېرىپ بىر قانچە پارچىدىن رەسىمگە چۈشۈپ كېلىشتى. مەدىنە مۇشۇنداق بىر ياخشى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولالمىغىنى ئۈچۈن لېۋىنى چىشلەپ ئەپسۇسلاندى.                                           $V6^G*Q  
J` { 6l  
شۇ كۈندىكى لېكسىيەدىن كېيىن مەدىنە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا قەتئىي بەل باغلىدى.                                                                         Uh.Zi3X6}6  
1990- يىلى ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكا كەسپىگە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىردى. ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور خۇاڭ ۋېيچىڭ مۇئەللىم ئىدى. ئۇ ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن نەزەرىيە فىزىكىسى، مەيدان نەزەرىيەسى بويىچە ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. 1993- يىلى ئۇ ئىلمىي ماقالىسى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاش مەقسىتىدە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۇقىرى ئېنىرگىيە تەتقىقات ئورنى، شاڭخەي پېداگوگېكا ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا باردى. تيەنجىن نەنكەي ئۇنۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان خەلقئارا فىزىكا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قاتناشتى. بۇ ئىلىم سەپىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى بىلدۈردى، تېخى ھېس قىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن فىزىكىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلاندۇردى. ئۇ فىزىكىدا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندى. بۇ سەپەر ئۇنى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئارزۇغا ھامىلدار قىلدى.                                                                       *0Gz)'  
#y]3LC#)^G  
ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر P,gdnV^  
1994- يىلى ئۇ ئەمدىلا ئاسپرانتلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ تۇرۇشىغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىتالىيەدە بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر سان كەلدى.  بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ يېشى 28 ياشتىن تۆۋەن بولۇش، ئىنگلزچە سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇش دېگەن شەرت بار ئىدى. بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەدىنە قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى نامزات قىلىپ تاللاندى. قايتا - قايتا تاللاشتىن كېيىن مەدىنە ئىتالىيەدىكى خەلقئارالىق نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىگە ئوقۇشقا ماڭدى. شۇ يىلى بۇ مەركەزگە جۇڭگودىن پەقەت مەدىنەلا بارغان بولۇپ ئۇ جۇڭگودىن بارغان تۇنجى ئوقۇغۇچى ئىدى. بۇ مەركەزگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن 30 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ئۈچ سىنىپقا بۆلۈپ ئوقۇتۇلاتتى.مەدىنە بار سىنىپتا 10 بالا بولۇپ قىزلاردىن كورېيەلىك بىر قىز بىلەن مەدىنەلا بار ئىدى. مەدىنە مەركەزدە سەككىز ئاي ئوقۇدى، كېيىنكى ئۈچ ئايدا ئىلمىي ماقالە يېزىش بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇ يەردە دەرىسلەر ئىنگلزچە ئۆتۈلەتتى. مەدىنە دەسلەپتە بەكمۇ قىينالدى. ساۋاقداشلىرىمۇ مەدىنەنى دەرىسكە يېتىشەلەرمۇ دەپ گۇمان قىلىشقانىدى، ئەمما تىرىشچانلىقى بەدىلىگە ئۇلارنى قايىل قىلىپ سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدى. مەدىنە دوسكىغا يېزىلغان دەرىسلەرنى تولۇق كۆچۈرۈۋالاتتى، بەزىلىرىنى چۈشىنەتتى، بەزىلىرىنى چۈشەنمەيتتى. شۇ كۈنى ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى تاكى چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرگىچە ئۆگىنەتتى. دائىم تاپشۇرۇق ئىشلەپ تاڭ ئېتىپ كېتەتتى. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يەنە دەرىسكە چىقىشقا تەييارلىق قىلاتتى. مەدىنەنىڭ ئوقۇش ھاياتى ئاشۇ بىر يىل ئاشۇ بىر يىل تولىمۇ جاپالىق ئۆتتى. مەكتەپنىڭ تۈزۈمى چىڭ، دەرىسلەر قىيىن بولۇپ رىقابەت كەسكىن ئىدى. بۇ مەركەزدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچ پەندىن ئۆتەلمىسە مەكتەپتىن دۆلىتىگە قايتۇرۇلاتتى. ئەگەر مەدىنەمۇ لاياقەتسىز ئوقۇپ قالسا بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگوغا بېرىلىدىغان سان بىكار قىلىناتتى. ئۇ بەك قادىلىپ ئۆگىنىپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىن كۆزى ئاجىزلاپ كۆزەينەك تاقاشقا مەجبۇر بولدى. تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. پۈتۈن ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار يېنىدىن بىر تىيىنمۇ خەجلىمەيتتى. بۇ بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت ئىدى. مەدىنەنىڭ سىنىپىدىكى بىر بېنگاللىق بالا شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ دەرىسلەردە يېتىشەلمگەچكە قايغۇ - ئەلەم ئىچىدە مەكتەپتىن ئايرىلدى. مەدىنەگە بۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئىشى بەك تەسىر قىلدى. شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ، مەدىنەنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چاچاۋجېڭ بۇ مەركەزگە ئىككى ئايلىق زىيارەتكە كەلدى. ئۇ ئارىدا مەدىنە بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى:                                                                                     bAxTLIf  
_baYn`tFw-  
  ـ مەدىنە، سىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بۇ يەرگە كەلگەن تۇنجى ئوقۇغۇچى. سىزنىڭ ئوقۇشنى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇرۇش، ئاياغلاشتۇرالماسلىقىڭىز دۆلىتىمىزدىن چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ يولىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئەگەر ئوقۇشنى لاياقەتلىك تۈگىتەلمىسىڭىز بۇ خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزى دۆلىتىمىزگە بېرىدىغان ساننى بىكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇشقا چىقىدىغانلارنىڭ يولى ئېتىلىدۇ.                                             xSpC'"  
تىل ئۆتكىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتىك ئۆتكەن مەدىنە كېيىنكى ۋاقىتلاردا دەرىسلەرنى ئۆگىنىشتە بەك زورۇقۇپ كەتمىدى. ئۇ بىر قانچە ئايلىق ئوقۇش جەريانىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنىڭ ، مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. مەدىنە ئوقۇۋاتقان يەر خەلقئارالىق ئىلىم – پەن ئالماشتۇرۇش دوكلات مەركىزى ئىدى، ئۇلارغا دەرىس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىر - بىرىدىن سەرخىل دوكتۇر، پىروفېسسورلار بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار ئىدى. مەركەزدە دائىم دېگۈدەك ئىلمىي دوكلاتلار بېرىلىپ تۇراتتى. مەدىنەنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ساپلا دوكتورلار بولغاچقا ئۇنىڭدىمۇ دوكتورلۇقتا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇمىساق دەۋرنىڭ كەينىدە قالىدىكەنمىز، دېگەن ھېسسىيات پەيدا بولدى. ئۇ دوكتورلۇقتا ئوقۇش تەييارلىقىنى باشلىدى. دەسلىپىدە ئۇ ئامېركىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدى، بىراق ئامېركىنىڭ ئىنگلزچە كەسپىي دەرىسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش نەتىجە تەلىپى يۇقىرى ئىدى. مەدىنە ئامېركا تەرەپنىڭ: ‹‹ مۇشۇ تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز كېلەر يېلى سىزنى قۇبۇل قىلايلى ›› دېگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرىۋالدى. مەدىنە ئەنگىلىيەگىمۇ ئىلتىماس سۇندى، ئەنگىلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەرھال : ‹‹ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيمىز، سىزنى قۇبۇل قىلدۇق ›› دەپ ئۇقتۇرۇش كەلدى. مەدىنە بەك خۇش بولدى. ئۇ كەم تېپىلىدىغان يەنە بىر پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەدىنەگە تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بەردى. غەرب ئەللىرىدە ئالىي مەكتەپلەر ئارا تونۇشتۇرۇش خېتىنىڭ رولى بەك چوڭ ئىدى.                                                   ;Hm'6TR!  
'Tb0-1S?  
1995- يىلى مەدىنە يۈكسەك ئارزۇلارنى باغرىغا تېڭىپ ئەنگىلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلدى. دۇرھام ئونىۋېرسىتېتى 170 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ زەررىچە فىزىكىسى كەسپىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساناقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەدىنەنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئاكادېمىكى، ماتېماتىكا - فىزىكا ئالىمى ئى كورىگىن ئىدى. مەدىنە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي زەررىچىلەر تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىدى.                 4YbC(f  
مەدىنە ئىتالىيىدە بىر يىلغا يېقىن چەت ئەللىكلەر بىلەن ئوقۇش جەريانىدا تەجرىبىلىك بولۇپ قالغانىدى. ئەنگىلىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئۇنچە ياتسىراپمۇ كەتمىدى. بىر يىل كەسپىي دەرىس ئۆگەندى. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ماقالە يېزىشقا تەييارلىق قىلدى. ئوقۇتۇچى پەقەت پايدىلىنىش ماتىرىياللارى بىلەن بىلەنلا تەمىنلەيتتى. قالغىنىنى ئوقۇغۇچى ئۆزى ئىزدىنىپ تاپمىسا بولمايتتى. جۇڭگودا ئوقۇغانلار ئىمتىھانغا قالتىس چېۋەر بولغان بىلەن، رەسمىي تەتقىقاتقا چۈشكەندە چەت ئەللىكلەرگە يېتەلمەي ھالسىراپ قالاتتى. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ناھايىتى ئوچۇق ئىدى.  مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلاتتى. ساپاسىمۇ يۇقىرى ئىدى. بىر قېتىم مەدىنەگە تۇلۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھانىغا نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتى تاپشۇرۇلدى. دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تۇلۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھانلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىشى بۇ مەكتەپتىكى بىر قائىدە ئىدى. مەدىنە جىددىيلەشتى. ئۇنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگىنى شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىغا ئۆزىنىڭ يالغۇز نازارەتچى بولۇشى ئىدى. ئەمما ئىمتىھان باشلانغاندا ئۆزىنىڭ بىھۇدە جىددىيلەشكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بالىلار ئۈن - تىۋىشسىز ئىمتىھان بېرىۋاتاتتى. بىرمۇ ئوقۇغۇچى ئەتراپىغا قارايدىغان، كۆچۈرىدىغان ئىشنى قىلمايتتى. ھەتتا ئۇلارغا ئىمتىھان ئىنتىزامى ھەققىدە سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئىمتىھان قەغىزى ئىمتىھان باشلىنىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن تارقىتىلدى، دەسلەپتە بالىلار كارتوچكا تولدۇردى، بىراق تاكى ئىمتىھان باشلاندى دېگەنگە قەدەر بىرمۇ ئوقۇغۇچى ئىمتىھان قەغىزىگە قاراپ قويمىدى. مەدىنە ۋەتەندىكى مەكتەپلەردە دائىم يۈز بېرىدىغان كۆچۈرمىچىلىك خاھىشىنى ئويلاپ بىئارام بولدى. كېيىن بۇ خىيالىنى ئەنگىلىيەلىك بىر ساۋاقدىشىغا دېۋىدى، ئۇ ساۋاقدىشى:                     B{,Bno  
w`yx=i#  
  ـ كۆچۈرۈش ؟ كۆچۈرۈش دېگەن قانداق گەپ؟ بىز بۇ گەپنى چۈشەنمەيدىكەنمىز، بىر ئوقۇغۇچى ساختىپەزلىك قىلىپ ئىمتىھان بەرسە ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىق بولمامدۇ؟ قىزىق گەپكەن ... ، - دەپ كۈلدى.                               (b/d0HCND  
_=`x])mM  
1999- يىلى مەدىنە تۆت يىللىق دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ‹‹ چېگرالىق سېن - گوردون مودېلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلترا سىممىتېركلىك كېڭەيتىلىشى ›› ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتكۈزۈش دېسسىرتاتسىيەسىنى يېزىپ تۈگەتتى. بۇ ماقالىدە ئىككى ئۆلچەملىك ( بىر ئۆلچەملىك زامان ۋە بىر ئۆلچەملىك ماكان ) كۋانت مەيدان نەزەرىيەسى تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، سىن - گوردون مودېلى مەيدان نەزەرىيەسىدىكى بىر فىزىكىلىق مودېل ئىدى. فىزىكىدا زەررىچىلەر سىپىن كۋانت سانىغا ئاساسەن بوزون، فېرمىيون دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مودېل بولسا بوزون زەررىچىلىرىدىن تۈزۈلگەن سىستېمىنىڭ قانۇنىيىتى زەررىچىلەرنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلغاندىن كېيىنكى ھەرىكەت مىقدارىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلىمى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تۈزۈلىشىنى تەتقىق قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن ئالەم قانۇنىيەتلىرىنىڭمۇ تېگىگە يېتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلاتتى . مەدىنە  مانا مۇشۇ ساھە بويىچە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ماقالىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈردى.                      قېيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە           K, (65>86;  
1999- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى مەدىنەنىڭ ھاياتىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر كۈن بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى ئۇ ئەنگلىيە نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ، ۋەزمىنلىك بىلەن دىسسېرتاتسىيە ياقلىدى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر مەزمۇننى قايىل قىلارلىق پاكىت - ئاساسلارنى قويۇپ چۈشەندۈردى. باھالىغۇچىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئاڭلىدى. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلار سوئال سورىدى. مەدىنە ھەر بىر سوئالغا تېنىمەي، دۇدۇقلىماي جاۋاب بەردى. ماقالە ئوقۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىغىن قائىدىسى بويىچە مەدىنە يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىنى كۈتتى. ئون مىنۇتتىن كېيىن ئۇنى يىغىن مەيدانىغا چاقىردى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قارىشاتتى. مەدىنەنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك تېپچەكلەيتتى. بۇ مىنۇتلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك دېمەيسىز؟  يىغىن رىياسەتچىسى ئورنىدىن تۇردى. مەيدان تىمتاسلىققا چۆمدى.                                                                         $fArk36O#  
ـ سىزنى ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىڭىز بىلەن تەبرىكلەيمىز!                                             `\FI7s3b  
مەدىنەنىڭ كۆزىدىن ياش دومىلاپ چۈشتى.                                     |Mg }2!/L  
شۇ مىنۇتتا ئۇ ‹‹ رەھمەت ›› دېگەن سۆزنى ئارانلا دېيەلىدى.               o<4D=.g7D  
زال گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىغا كۆمۈلدى، ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرى ئۇنى تەبرىكلەپ باغرىغا باستى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇققا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر قىزى بۇلۇپ قالغانىدى.                                                                               CV^0.  
مەدىنە ئابلىكىمنىڭ بۇ ماقالىسى سىنگاپوردا چىقىدىغان خەلقئارالىق ‹‹ ھازىرقى زامان فىزىكىسى ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئوقۇش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەنگلىيەدە يەنە يېرىم يىل ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئەنگلىيەدە  قېلىش ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى چىرايلىق رەت قىلدى. چۈنكى ۋەتىنى، ئاتا - ئانا ، قوۋم ـ  قېرىنداشلىرى، ئۆمۈرلۈك جۈپتى ۋىدات تەقەززالىق بىلەن ئۇنىڭ يولىغا قاراۋاتاتتى.           4]6Qr  
$v&C@l \  
بۈگۈنكى كۈندە ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.                     ?vu|o'$T,  
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى UD*+"~  
مەدىنە ئابلىكىم +Jw{qQR/*  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-26, 10:15
 
http//:www.uyqamus.com
arkyar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12494

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   22 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1449 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   145 (قېتم)
 تۆھپە:   145  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1785
 سائەت
دەرىجىسى:
1785 سائەت 105 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-08-30
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 03-27

مەدىنە خانىمغا سالامەتلىك ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق تىلەيمەن.ئاپتۇرنىڭ ۋە تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە  رەھمەت.
گۇمران
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9870

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6700 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-20
ئاخــىرقىسى:2013-05-12
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-28

نادىرلىغۇدەك ئەسەر ئىكەن.
يوقلۇق دالاسى يوقلۇققا لىق تولۇپ كەتكەن تۇرسا ئۇ يەردە يوقلۇق ھۆكۈم سۈرمەي يەنە نېمە بولسا بولاتتى؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى