باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       545 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئاتا-ئانىغاياخشىلىق قىلىش ھەققىدە

قەۋەت ئاتلاش
ihsanjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14305

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   17 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1202 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   120 (قېتم)
 تۆھپە:   120  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 44
 سائەت
دەرىجىسى:
44 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-02-25
ئاخــىرقىسى:2013-08-07

                                  ئاتا-ئانىغاياخشىلىق قىلىش CDdkoajBa  
ZnfNQl[  
ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، ئۇلار خۇرسەن بولىدىغان سۆز ۋە ئىشلارنى قىلىش، پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللى تەلەپ بولۇش بىلەن بىرگە ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسى ئەخلاق-پەزىلەت.ئىنساننىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئەڭ دەسلەپ ئورناتقان كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتۇر.كىشىلەر ئىچىدە سىزگە ئەڭ ياخشىلىق قىلىدىغىنى، ئىشىڭىزغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، بەخت-سائادەتلىك بولىشىڭىزغا ئەڭ ھېرىس بولىدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدۇر، ئۇلار سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى، ھېچ نەرسىگە كۈچىڭىز يەتمەيدىغان ئاجىز ۋاقتىڭىزدا سىزنى ئاسرىدى ۋە تەربىيلىدى. سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە راھىتىڭىزنى دەپ كۆپ مۇشەققەتلەرنى تارتتى. شۇڭا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ۋاپا يەتكۈزەلمىگەن ئادەمنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، ئۇستازلىرى ۋە ئومۇمەن ئىلىپ ئېيتقىنىمىزدا ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئيەتكە مەنپەئەت ئىلىپ كېلەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئاتا-ئانا دەرەخنىڭ ئۇلىغا، پەرزەنت دەرەخنىڭ شېخىغا ئوخشايدۇ. بۈيۈك ئىسلام دىنىمىز ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشنى، ئۇلارنى ھەر-ۋاقىت ھۆرمەت قىلىشنى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپە دەپ قاراپ، ئۆز ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادارلىق قىلغۇچىلارغا دۇنيادا بەختلىك،ئاخىرەتتە سائادەتمەن بولىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەردى.ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم،«مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر ». ئەھقاف سۈرىسى15-16- ئايەتلەر. }V`mp  
o6L9UdT   
ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىق ۋە ھېسداشلىق قىلىشىغا، كىمنىڭ ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى سوراپ كەلگىنىدە، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇبارەك ھەدىسى بىلەن جاۋاپ بەرگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا  كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ ، مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا كىم  ئەڭ ھەقلىق؟ دەپ سورىدى.رەسۇلۇللاھ ، ئاناڭ ، دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇ ئادەم ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ، ئاناڭ، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ ئادەم يەنە ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ، ئاناڭ، دەپ جاۋاپ بەردى . ئۇ ئادەم ئاندىن قالسىچۇ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ ، ئاندىن قالسا داداڭ، دەپ جاۋاپ بەردى. (بۇخارى رىۋايىتى). .C bGDZ  
UVEz;<5@\  
يۇقىرىقى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىغا ياخشىلىق قىلىشغا ئۈچ قېتىم، دادىغا ياخشىلىق قىلىشغا بىر قېتىم تەۋسىيە قىلدى.چۈنكى ئانا ھامىلدارلىق، تۇغۇش، ئېمىتىش، سۈتتىن ئايرىش قاتارلىق كۆپ جاپالارنى تارتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت پەرزەنتنى تەربىيلەشتە ۋە ئاسراشتا دادا بىلەن تەڭ ھەتتا دادىدىنمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق دادىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىگە مۇيەسسەر بولدى.چۈنكى دادا بالىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئۇنى بەخت-سائادەتلىك قىلىشتا كۈچىنى ئايىمايدۇ. ئۇ بالىغا ئوزۇقلۇق راستلاش، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ.شۇڭا پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا  ۋاپادار بولۇشى، كىچىكلىكى ۋە ئاجىزلىقىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئەجىر-مېھنىتىنى ئەسلەپ ئۇلارغا قارىتا مۇئامىلىسىنى ياخشى قىلىشى، ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلىدىغان ئىشلارغا ئالدىراپ، ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغان رەۋىشتە ئۇلارغا كۆيۈمچان بولۇشى، خۇسۇسەن ئۇلار ياشقا چوڭ بولۇپ، ئاجىزلىغان مەزگىلدە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى باش تارتىشقا بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىدۇر. z`U Ukl}T  
11UB4CA  
ھەقىقى مۆمىن كىشى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ھەققىگە، ئۇلارغا بويسۇنۇش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىنىڭ يۈزى ياكى ئۇلار بالا ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئىشلارنىڭ ياندۇرۇلىشى بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالا پەرزەنتنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئۇلارغا ئېھسان قىلىش،كۆيۈنۈشنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنغان ئايەتتە بىرگە زىكىر قىلدى. بۇنىڭ ئۆزى، ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئىمانى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن« ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن. ئىسرا (بەنى ئىسرائىل)سۈرىسى23-24-ئايەتلەر. ycr"Y|  
,k0r  
مۇسۇلمان كىشى ئاللاھقا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ تەۋسىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنى تونۇسا ئەلۋەتتە ئۇ پەرزەنت   ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ: MI#mAg<  
E4[}lX}  
1- گۇناھ-مەئسىيەتلىك ئىش بولمىسىلا، ئاتا-ئانىنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا بويسۇنىدۇ، توسقانلىرىدىن يانىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن». لوقمان سۈرىسى 15-ئايەت . b,^*mx=  
#exss=as/  
2- ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەيدۇ، چوڭ بىلىدۇ،ئۇلارغا كەمتەر بولىدۇ.گەپ-سۆزدە ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىدۇ،ئۇلارغا قوپاللىق قىلمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭمايدۇ، خوتۇن ياكى بالىسىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن بىلمەيدۇ، ئۇلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرمايدۇ، بەلكى ئانا، دادا دەپ چاقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىسىز سەپەرگە چىقمايدۇ. ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلدى: «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ جىھادقا چىقىشقا رۇخسەت سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاتا-ئاناڭ ھاياتمۇ؟ دېگەن.ئۇ: ئۇلار ھايات دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىن شۇنىڭ ئۆزىمۇ جىھاد دېگەن» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. TMVryb  
z2yJ#  
3-قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدۇ، تاماق بېرىش، كىيىم كىيگۈزۈش، كېسىلىنى داۋالىتىش، زىياندىن ساقلاش، ئۆزىنى پىدا قىلىشلارغا ئوخشاش ياخشىلىق ۋە خەير-ئېھساندىن چامىسىنىڭ يېتىشىچە قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىنى) قانداق سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال - مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئاتا ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبنى سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ» بەقەرە سۈرىسى 215-ئايەت. pW?& J>\6  
^U  q  
4-ھەممىدىن بۇرۇن ئۇلارغا سىلە رەھىم قىلىدۇ.ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تىلەيدۇ، ۋەدىلىرىنى ئورۇندايدۇ، دوستلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەبۇ سەيد سەئدى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئەنسارىلاردىن بىر ئادەم كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ، ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا مەن قىلغۇدەك ياخشىلىق قالدىمۇ؟دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئۇلار ھەققىدە ناماز ئوقۇش، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەش، ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت تۆت ئىش بار. مانا بۇ ئۇلاردىن كېيىن ساڭا قالغان سەن قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشلار. ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەتلىرىدىن. eE]hy'{d<  
>_ \<E!j  
5- ھەممە ئىشلاردا ئۇلارغا مەسلىھەت سالىدۇ، ئۇلارنىڭ پىكرىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆزرە ئېيتىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتمەيدۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختسىز بولۇشتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قوپال مۇئامىلە قىلغىنىدەك مۇئامىلە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھتىن خەۋەر بىرەيمۇ ؟ ئۇ،ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاخشىتىشتىن ئىبارەتتۇر»مۇسلىم رىۋايىتى. ئەمىر ئىبنى مۇرەتىل جۇھەنى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:« بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇسام، پەرز روزىنى تۇتسام، زاكاتنى ئادا قىلسام، ھەج قىلسام ماڭا قانداق ئەجىر بېرىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇشۇنداق قىلغان كىشى ئاتا-ئانىسىنى قاخشاتمىسىلا  قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر، سالىھلار بىلەن بىللە بولىدۇ»، دەپ جاۋاپ بەردى . 9'~- U  
{G i h&N  
6- ئۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ قېشىدا پۇتىنى سۇنمايدۇ. جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ھەر قانچە يۇقىرى بولىشىدىن قەتئى نەزەر دادىغا مەنسۇپ بولۇشتىن نومۇس قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىسىنى تونۇماس بولىۋېلىشتىن قەتئى ساقلىنىدۇ. oQ2KW..q  
h{iEZ#  
7-ئاتا-ئانىسىنى ھايات ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرغىنىدەك، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە ۋە خەير ئېھسان قىلىدۇ، ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ:«ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن. » .بەنى ئىسرائىل 24-ئايەت. ;h/pnmhP  
El&h;N   
خۇلاسە، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى. ئاتاقلىق ئەدىب مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ئېيتقاندەك: "ئاتا-ئانىنىڭ ئاڭ ئاددى ھەققى شۇدۇركى، ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن سەن دۇنياغا تۆرەلدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئاناڭنى ھەمىشە ھۆرمەت قىل ۋە ئۇلۇغ بىل" . 1cJsj  
Zm TDQ`Ix  
ئاللاھ تائالا پۈتۈن ياشلىرىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان بۈيۈك ئەخلاق بىلەن قەلبلىرىنى يورۇتۇپ بەرسۇن. JhK/']R  
@ GDX7TPV  
مەنبە: ئىسلامى كىتابلاردىن
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-26, 10:15
 
alam

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4334

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   697 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31556 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3159 (قېتم)
 تۆھپە:   3150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3912
 سائەت
دەرىجىسى:
3912 سائەت 138 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-01
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 03-26

ئاتا -ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ھەممە ساماۋى كىتاپلاردا تىلغا ئېلىنغان
ئۆز  خاتالىغىنى تۇنىغان ئادەم ، ھەقىقى ياخشى ئادەمدۇر..!
karatikin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14753

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   55 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2809 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   282 (قېتم)
 تۆھپە:   282  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 105
 سائەت
دەرىجىسى:
105 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-03-26
ئاخــىرقىسى:2013-08-19
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-27

ئى ئاللاھ  ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن(ئامىن)
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى