ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى ئەزىز تورداشلار ئاللا ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت قىلغاي.مەن ئۇلىنىش تورى مۇنبەرلەر تىزىملىكىدىن ئانا تۇپراق مۇنبىرى دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپ بۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئەزا بولدۇم.چۈنكى ئانا يۇرتۇمنى سۆيۇمەن دىگەن ئىنساندا يۇرتىمىزنىڭ زەررەچىلىك تۇپرىقىغىمۇ چوڭقۇر مىھرى -مۇھەببىتى بولىدۇ،ئۇنى تۇتىيا بىلىپ ئەزىزلەيدۇ،قەدىرلەيدۇ ،قوغدايدۇ. ~>ME'D~
O]u",J5
مۇنبەرگە يوللانغان سەرخىل تېمىلارنى ئوقۇپ ناھايىتى رازى بولدۇم، خېلى كۆپ مەنىۋى ئوزۇق ئالدىم.ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتقان ئەزالارغا كوپلەپ رەھمەتلەر ئېيىتتىم.ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولۇپتۇ، ئەزالارمۇ خېلى كۆپۇيۈپ قاپتۇ،يوللانغان تېمىلار كۆپ خىللىشىپتۇ. u,i]a#K
c;!g
تېمىلارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇ نەرسە دىققىتىمنى تارىتتىكى يوللانغان تېمىلارغا بولغان ئىنكاس بەك ئاز چۈشۈپتۇ،بىز قايسى بىر تېمىنى ئوقۇيلى شۇ تېمىدىكى چۈشۇنالمىغان يەرلەرنى، ئوزىمىز توغرا-خاتا دەپ قارىغان نۇقتىلارنى،بىزدە شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىريال بولسا ماتىريالنى تەمىنلەپ ئوز -ئارا نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشسەك بولمامدۇ!؟ @6.]!U4w
مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى يوللانغان سەرخىل تېمىلار ۋە سەرخىل ئىنكاسلار بىلەن بولىدۇ ئەمەسمۇ! r%MyR8'k]
ئەزالارغا شۇنى مۇراجىئەت قىلايكى ئىنكاسىمىزنى ئايىمايلى! ?iz<
پىكىردە بىرلىك دىلدا بىرلىك!!!!!!!!!!!!!! AnaTuprakتەرىپىدىن تەستىقلاندى
 |