| (V&d:tW مەن ئاق - قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندىن تارتىپ دادامنى ئەسلىيەلمەيتىم . مەن تۆت ياش ، سىڭلىم گۈلنۇر بولسا ئەمدىلا يېشىغا تېگىپ يېقىلىپ - قوپۇپ ماڭغۇدەك بولغاندا ئۇ ئاللىقاچان بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالغانىدى . جاپاكەش ئاپام بولسا بىزگە ھەم دادا ، ھەم ئاپا بولۇپ بىزنىڭ ئېغىر يۈكىمىزنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قامداپ كېلىۋاتاتتى . بالىلىق چاغلىرىمىز شۇنچىلىك سەبىي ، شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئىدى . مەنمۇ ئەتىگىنى تامىقىمنى يەپلا ئوينىغىلى بىر چىقىپ كەتسەم قاچان قورسىقىم ئاچسا شۇ چاغدا ئۆيگە كىرەتتىم . ئۇ چاغلاردا بىللە ئوينايدىغان دوسلىرىممۇ كۆپ بولۇپ ،كۆپرەك بىللە ئوينايدىغانلاردىن ياقۇپ ، رائىلە ، مەن ئۈچىمىز كۈندە دىگۈدەك بىللە ئوينايتۇق . چۈنكى ئۈچىلىمىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى بەكمۇ يىراق ئەمەس ، تۇغۇلغان يىلىمىز بىر يىل بولۇپ ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتۇق . ئائىلە ئەھۋالىمىز بولسا ياقۇپنىڭ ئائىلىسى بەكلا باي ئىدى . رائىلەنىڭ ئائىلىسىمۇ يامان ئەمەس ئىدى . لېكىن بىزنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىمىز خېلىلا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى . بىچارە ئاپام ئېتىز ئىشلىرىدىن بوشانسا ، ئۆيىمىز يېزا بازىرىغا يېقىن بولغاچقا قوشۇمچە لەڭپۇڭچىلىق بىلەن شوغۇللىناتتى . ئۇ چاغلاردا بىز يۇۋاش بولغاچقا كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ۋە مازاق قىلىشىغا ئۇچرايتتۇق . بىز باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ قالساق ، ئاپام قىيا - چىيا ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ قالسا دەرھال چىقىپ بىزنى ئاجىرتىپ ،يىتلەپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كېتەتتى . ھېلىمۇ ئېسىمدە ،بىر قېتىم بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ تىللىشىۋاتساق ، قارشى تەرەپنىڭ ئاكىسى پەيدا بولۇپ قالدى دە ، ئۇكىسىنى تارتىپلا مېنى تىللاپ كەتتى : rNo/H<J%+j zh0T3U0D - ۋۇ ساخلاندى ، ئەپتىڭگە باقماي ئۇكام بىلەن ئۇرۇشىۋاتامسەن؟ ھاراملىق.......دېگىنىچە ئۇكىسىنى يېتلەپ كېتىپ قالدى ، مەنمۇ نىمە دېيىشىمنى بىلمەي يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە كىردىم . ئۆيگە كىرسەم ئاپام بىلەن سىڭلىم ئەمدىلا تاماق يەيمىز دەپ قاچىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپتىكەن . مەن ھاسىرىغان دېمىمنى سەل يۇتىۋېلىپ ئاپامغا دېدىم : KS$"Re$ q+oc^FD?@ - ئاپا ، بايا مەن .......بىلەن ئورۇشۇپ قالغانتىم ، ئۇنىڭ ئاكىسى نەدىن پەيدا بوپقالدىكىن تاڭ ، چىقىپ مېنى تىللاپ كەتتى ، ئۇ مېنى ساخلاندى ، ھاراملىق دەيدۇ . ھاراملىق دىگەن نېمە دىگەن گەپ؟ ILl~f\xG) 2gkN\w6zQ ئاپام قولىدىكى قاچىنى پەسكە قويدى دە ، كېلىپ مېنى باغرىغا باستى . ئۇنىڭ بىر قولى ئاستىدا مەن ، يەنە بىر قولى ئاستىدا سىڭلىم بار بولۇپ ئۇنىڭ كۆكسىگە مەھكەم چاپلاشقانتۇق . ئاپام مۆلدۈرلەپ يىغلاۋاتاتتى . ئۇنىڭ يىغىسىغا ئەگىشىپ بىزمۇ تەڭ يىغلاپ كەتتۇق . ئاپام بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزىنى زورىغا بېسىپ مېنىڭ يۈزلىرىمنى ئىككى قولىدا تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قاراتتى : $ (xdF .I_<\h7 -ئالىمجان بالام ، سەن ھاراملىق ئەمەس ، بۇ گەپنى سەن كېيىنچە چۈشىنىپ قالىسەن ، دېگىنىچە يەنە يىغىغا چۈشتى ، بىزمۇ ئاپامنىڭ باغرىغا قايتىدىن مەھكەم چاپلىشىپ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتىمىز.............. 1L'Q;?&2H, EmrkaV-?k ھەي! ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە؟مانا ھەش - پەش دېگۈچە مېنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم كەپقالدى .ھېلىقى ياقۇپ ،رائىلە ۋە مەن ئۈچىلىمىز تەڭلا مەكتەپكە كىرىپ بىر سىنىپتا ئوقۇپ كەلدۇق . مەن دەرىستە خېلىلا ياخشى بولغاچقىمىكىن ، ساۋاقداشلىرىم ۋە ئوقۇتقۇچۇم ماڭا خېلى ئامراق ئىدى . رائىلە بىلەنمۇ بارغانسىرى يېقىنلىشىپ قالغىلى تۇردۇق .ئۇ دەرىستە ئالدىنقى قاتاردا بولمىسىمۇ لېكىن خېلى تىرىشچان ئىدى . بەلكىم بىزمۇ ئۇ چاغلاردا مۇھاببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىپ - چۈشەنمەي يۈرۈيدىغان ۋاقىتلىرىمىز .لېكىن ياقۇپ بولسا قەتئىيلا تىرىشمايتى ، بەلكىم ئۇ ئائىلىسىنىڭ پۇلىغا ئىشەنسە كىرەك ، پات - پاتلا ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلىپ مېنى شاڭخو قىلىپ گەپتە سۆكۈپ قويىدىغان يەرلىرى بار تېخى . تولۇقسىزنى پۈتتۈردىغان ۋاقىتمۇ يېقىنلاپ كەلگىلى تۇردى . لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم ئىدى . چۈنكى مېنىڭ ئوقۇشۇم شۇنداق ياخشى ، يۇقىرىلاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىممۇ ئالاھىدە كۈچلۈك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ يېزىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يوق ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا بارمىساق بولمايتى . ئۇ يەردە ئوقۇسام يىللىق ئوقۇش پۇلى ، ياتاق ، تاماق ، كىرا پۇلى قاتارلىقلارنىڭ قانچىلىك كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمەن . لېكىن مەن ئوقۇشقا كەتسەم ئاپام قانداق قىلىدۇ؟ سىڭلىم قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئىككىسىنى مۇشۇ سەھرادىكى ئىككى ئېغىز ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ كەتسەم..............بۇنىڭغا يۈرۈكۈم ھەرگىز چىدىمايتى . بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى بېشىمنىڭ ئىچىمۇ ، تېشىمۇ قېتىپ ئۆزەمنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم . بارغانسىرى روھىم چۈشكۈنلىشىپ مىسكىن ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم ، لېكىن ئۆيگە كەلسەم چاندۇرمايتىم . چۈنكى ئاپامنىڭ يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ پات - پاتلا داۋالىناتتى . دوختۇرلار بىزگە ئاپامنى قەتئىي رەنجىتمەسلىكىمىزنى ، ئۇنىڭ قىلچە ئازاپ ۋە بېسىمغا ئۇچرىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولغاچقا ، بىزمۇ ئامالنىڭ بېرىچە ئاپامنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشنى ئويلايتۇق . &g5PPQ18 o3|4PAA/ مانا ، ئىمتىھاننىمۇ غەلبىلىك ھالدا بېرىپ بولدۇق . ئەمدى بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز پەقەت چارچاپ كەتكەن كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ چاقىرىقىنى كۈتۈشلا ئىدى . بۇ جەرياندا ساۋاقداشلار ئۆز ئارا پات - پاتلا كۆرۈشۈپ ئۆتەتتۇق . رائىلە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ بارغانچە يېقىنلاشتى ، لېكىن ياقۇپ دائىملا ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالاتتى . چۈنكى رائىلە بارغانچە ئېچىلىپ ياشلار ھەۋەس قىلغۇدەك چىرايلىق بىر قىزغا ئايلانغانىدى . رائىلە ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك پەقەت گېپىمىز تۈگىمەيتى .ئىككىلىمىز ئوقۇپ كەتسەك ، خىزمەتكە چىقىپ مائاشلىق بوپ كەتسەك.........دىگەندەك كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈشۈپ كېتەتتۇق تېخى . (لېكىن مەن يۇقرىلاپ ئوقۇيالمايدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ پەقەتلا چاندۇرمايتىم ) .رائىلە ياقۇپتىن بىزار بولغانسىرى ئۇ رائىلەنىڭ كەينىگە كىرىۋالىدىغانلا بوپقالدى . شۇ سەۋەپتىن ياقۇپ بىلەن ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ئۆچ بولۇشۇپ كەتتۇق . بالىلار بىر يەرگە جەم بۇلۇشۇپ قالساق ئۇ ھېلىقى ئادىتىنى يەنە ئۆزگەرتمىگەن ئىدى . گەرچە مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىمىسىمۇ مېنى نامرات قاتارىدا چىقىرىپ باي - كەمبەغەللىك جەھەتتىكى شاڭخو پاراڭلارنى سېلىپ بالىلارنى كۈلدۈرۈپ تۇراتتى ، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى ئىچىمدىلا بىلەتتىم . k[D,du') }v|_] بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا رائىلە ئۆيگە چىقىپ قاپتۇ ، Ly^bP>2i l=l$9H, -ئالىمجان ، بارمۇ سىز ،ئەتىگەندە مەكتەپتىن تېلفۇن قىپتىكەن ، بېرىپ كەلدىم ، لېكىن سىزگە بىر گەپنى دەي ، LS9,:!$ /t7f5mA -چاققانراق دېمەمسىز ، ئادەمنى تەقەززا قىلماي . 5XHejHn> Jh&DL8` -ھەي ، ئالدىرىماي تۇرۇڭ دەيمە ، لېكىن ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ھە؟ 0?/gEr ~BuBma_ -قاراڭ ، بۇ نېمە؟ دېگىنىچە ئارقىغا تۇتىۋالغان قولىنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ ، بىر پارچە قەغەزنى ماڭا تۇتتى ،قولۇمغا ئېلىپ قارىغۇدەك بولسام تولۇق ئوتتۇرىنىڭ چاقىرىقى ئىدى . خوشاللىقىمدا شۇجايىمدىلا سەكرەپ كېتىپتىمەن . رائىلەگە قاراپ دېدىم : u*=^>LD 1~~GF_l? - سىزچۇ؟ سىز ئۆتۈپسىزمۇ؟ U*Y]cohh 9XDSL[[ - ئۆتۈپتىمەن ، مېنىڭ چاقىرىق قەغىزىم ئۆيدە ، بۇ چاغدىكى خوشاللىقىمدا نېمە دىيىشىمنىمۇ بىلمەيۋاتاتتىم . گەرچە بۇ ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىقى بولمىسىمۇ بىز ئۈچۈن بۇنداق چاقىرىق قەغىزىنى كۆرۈش پۇرسىتى تۇنجى قېتىم بولغاچقا ، خوشاللىقىمىزنى ھىچ ئۆزىمىزگە سىغدۇرالمايۋاتاتتۇق . تۇيۇقسىزلا سورىدىم : YzG?K0O% 985h]KQ -ھە راس ، ياقۇپچۇ؟ pA_u;* q|]CA -ئۇ ئۆتەلمەپتۇ ، ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى پۇل تۆلەپ ئاپىرىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ . `~=z0I =,N"% } مەن بۇخوشاللىقنى ئاپامغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاپام تىجارەت قىلىۋاتقان جايغا قاراپ ئۇچتۇم . بېرىپلا ئاپامغا قەغەزنى كۆرسەتتىم ، ئاپام قەغەزدىكى خەتلەرنى ئوقۇغاچ ، بىر تەرەپتىن كۆزىدىكى لىۋىرلاپ قالغان ياش يۇقىلىرىنى سۈرتىۋاتاتتى . 965 x_% *`w>\},su - نىمە بولدىڭىز ئاپا ، بۇ دىگەن خوشاللىق ئىش تۇرسا ، يىغلىماڭ دىسەم ،ئاپاممۇ ماڭا قاراپ : 0H4|}+e $#5'c+0 بالام ، سېنىڭ مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ، خاتىرجەم بول بالام ، ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ سېنى ئوقۇتىمەن ، بۇ جەۋرى - جاپالار مەن بىلەنلا كەتسۇن . بۇ چاغدا ئاپامنىڭ كۆزىگە قارىسام ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا ئوخشىمايدىغان بىر خىل مېھرىبانلىق سىماسى جىلۋىلىنىۋاتاتتى . مەنمۇ بوش ئاۋازدا : IZ>l hV,T889' -رەھمەت ئاپا ، دىيەلىدىم . لېكىن ئاپام دىگەندەك قىلسام ، ئائىلىنىڭ بارلىق جاپالىرىنى شۇ ئاپامغا تاشلاپ قويۇپ كەتسەم خەقلەر مېنى نىمە دەيدۇ؟ خەقلەر دېسىمۇ دېسۇن ، لېكىن ئۇكاممۇ قىز بالا تۇرسا ، ئۆيدە باشقا ئەر كىشى بولمىسا مېنىڭ ئۇلارنى تاشلاپ كېتىشكە قانداق ۋىجدانىم چىدايدۇ؟ بۇ ئىشلارنى ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى ئوقۇماسلىق قارارىغا كەلدىم . رائىلە بىلەنمۇ پات پات ئالاقىلىشىپ تۇردۇق . ئۇ ئوقۇيدىغان بوپتۇ ، چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدە يالغۇز قىز ئىدى . ئۇ ماڭا ئوقۇش توغرىلىق شۇنداق يالۋۇرۇپ كەتتى . لېكىن مەندە نىمە ئامال؟مەنمۇ ئۇنىڭغا توغرا چۈشەندۈرۈپ ئوقۇسام بولمايدىغانلىقىنى ، كۆڭلۈمدە پەقەت بىرلا رائىلەنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنى مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم . ئۇ يىغلاپ كەتتى . بۇ ئوقۇماسلىق ئىشىمنى ئاپامغا ئېيتايمۇ ئېيتمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپراق جۈرئەتلىك ھالدا ئاپامغا ئېيتتىم ، ئاپاممۇ دەسلەپتە سەل ھەيران قالدى ، كېيىن يېرىم كۈن« تالاش - تارتىش ، مۇنازىرە »قىلىش ئارقىلىق ئاپامنىمۇ گېپىمگە كۆندۈردۈم . )O+Zbn = )3\B مانا ئوقۇشقا ماڭىدىغانلارنىڭمۇ ۋاقتى توشتى ، رائىلە ئاتايىن ئۆيگە خوشلاشقىلى كەپتۇ . ئاپام ، مەن گۈلنۇر ئۈچىلىمىز بار ئىدۇق . ئۇ ئۆيدە بىر سائەتتەك پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ خوشلىشىپ مېڭشقا تەييارلىق قىلدى . ئاپام چاققانلا ئىچكىرى ئۆيدىن تېخى ئەتىگەندىلا ياققان تۇقاشتىن بەشنى ئاچىقىپ ئۇنىڭ سومكىسىغا سېلىپ قويدى . (ئادەتتە ئاپام بىزگە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شىكەر ئارىلاشتۇرۇپ سەل قېلىنراق قىلىپ تۇقاش يېقىپ بىرەتتى ) '#=n> +(:Qf+: -ئۆيدە باشقا يوللۇق تۇتقىدەك نەرسىمۇ يوقكەن بالام ، ئاز بولسىمۇ ناشتىدا يەرسىز.....ئۆيگە كەلگىنىڭزدە ئۇنتۇپ قالماي بۇ ئۆيگىمۇ چىقىپ تۇرۇڭ . dB#c$1 %4M,f.[e -بۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى ئامىنە ئاچا ، ياخشى سۆز ، تىلەكلىرىڭىزمۇ مەن ئۈچۈن زور خوشاللىق ئىش ئىدى . سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن ، دېگىنىچە سومكىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەييارلىق قىلدى . بىزمۇ خوش دەپ كەينىدىن يولغا ئۇزۇتۇپ چىقتۇق . ئۇ خېلى يىراقلاپ بولغان بولسىمۇ قىيمىغان ھالدا پات پات كەينىگە قاراپ قوياتتى . M'R] '' 6l4= ئۇ كەتتى ، ياقۇپنىڭ ئەسلى ئوقۇغۇسى يوقكەن ، لېكىن دادىسى ئۆزىنىڭ يۈزىنى دەپ ئۇنى ئوقۇشقا مەجبۇرلاپتۇ ، رائىلە ئوقۇيدىغان مەكتەپكە بارىدىغاننى ئاڭلاپ بۇ ئوقۇش ئۇنىڭغا ياغدەك خوشيېقىپتۇ . دەرۋەقە ياقۇپ بىلەن رائىلە بىر سىنىپقا ئوقۇشقا كىرىپتۇ . لېكىن ئۇ دەرىسكە قىزىقمقغاچقا رائىلەنىڭ كەينىگىلا كىرىۋېلىپتۇ ، لېكىن رائىلە ئۇنى پەقەت ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمەپتۇ ، شۇنداق قىلىپ بىر مەۋسۈم تۈگەپ ئىككىنچى مەۋسۈم تەڭ بولغاندا ياقۇپ مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلۈپتۇ ، چۈنكى ئۇ ھاراق ئىچىپ ، تاماكا چىكىپ مەكتەپكە كىرگەنلىكى بىر نەچچە قېتىم سىزىلىپ قالغان بولسىمۇ دەسلەپتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇ ، لېكىن ئوڭشالمىغاندىن كېيىن ئاخىرى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتىپتۇ . ئۇ مەھەللىگە قايتىپ كەلدى . يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك بىرەر ئىش بولسا مەن بىلەن قېيىشىپلا ، مەن بىلەن جىدەل تېرىشنى مەخسەت قىپلا كەلدى . مەن ئامال بار ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتىم . چۈنكى بىزنىڭ ئارازلىشىپ قېلىش خەۋىرىمىزنىڭ ئاپامنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قېلىشىنى خالىمايتىم . ئاپام ئۇزاق مۇددەت لەڭپۇڭچىلىق قىلغاچقا سۇ زىيان قىلىپ شۇنىڭ تەسىرىمۇ ئىشقىلىپ بارغانسىرى چىرايى خۇنۇكلىشىپ ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتاتتى . بارغانچە ئاپامغا قارىسام ئۆزەمچە ئۈمۈتسىزلىنىپ غەمگە پاتىدىغان بوپ قالدىم . بىر كۈنى سىرىتتا تۇرسام ئاپام مېنى ئۆيگە چاقىردى : Tzjv-9^V oKz!Xu%Hl - بالام ، بۇدۇنيالىقتا سەن بىلەن گۈلنۇردىن باشقا ھىچنىمەم يوق مېنىڭ . ئۆزەمنىڭ كېسىلىنىمۇ بىلىمەن ، كېسىلىممۇ پىشىپ قالدى . سىڭلىڭنىڭ تويى بولغىچە بۇ ئۆمرۈم بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن . ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى بوپ قالسام سىڭلىڭنى ساڭا تاپشۇرىمەن ، ئۇنىڭ تويىنى ئۆزەڭ بىر قوللۇق قىلىپ بەر . ھەرگىز ئۇرۇشماي ، ئىجىل ئىناق ئۆتۈپ باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ياشاڭلار........دەپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى . havmhS)O FhBV.,bU,m -نىمە دەۋاتىسىز ئاپا؟ ساپساق تۇرۇپلا ۋەسىيەت قالدۇرغاندەك........دەپ ئاپامنىڭ كۆزىدىكى ياشنى سۈرۈتكەچ مەنمۇ تەڭلا يىغلاپ كېتىپتىمەن . eTgtt-;VR e#}Fm;|d رائىلە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا ئىككى ئايلا قالغان چاغ ئىدى . مەن ئېتىزلىقتىكى ئۈچ مو بۇغدايغا سۇ قويۇش ئۈچۈن چىقتىم ، ئادەتتە بىز تۇرغان يەردە سۇ سەل كەمچىل ئىدى ، لېكىن بۈگۈن باشقىلار سۇ قويغىلى چىقمىدىمۇ ئىشقىلىپ ماڭا سۇ «شەخسى »لا قاپتۇ . سۇ كىرىپ تەڭ بولىۋىدى . نېراق چەتتە ياقۇپ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ - تۆت ئاغىنىسى ئالا جوقا سۆزلىشىپ كىلىۋاتاتتى ، (قاپاق چېكىشىپ كەلدى بولغاي ئېھتىمال) . ئۇ مېنىڭ سۇ قويىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپلا قەستەن ماڭا چېقىلماقچى بولدى . ,2FI?}+R Au)~"N~p? -ھە ئالىم ، بىر ئېرىق سۇنىڭ ھەممىنى ئۆزەڭ يالغۇز قويامسەن؟باشقىلار سۇ قويمامدا؟ نەنىڭ چوڭ دادىسى سەن؟دېگىنىچە مىڭبىر جاپادا ئەتكەن ئېچىقنى چۇۋۇپلا سۇنىڭ ھەممىنى ئاياققا قويىۋەتتى . ئۇ شۇنداق دەپلا دوسلىرى بىلەن قاقاقلاپ كۈلگىلى تۇردى . ھا ھا ھا....مەن ئۆزەمنى تۇتالمىدىم . مەن نامرات ، ئۇ باي بولغانغىلا شۇنداق قىلامدا؟قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى شۇنداق بوزەك قىلسا بولامدۇ؟بېشىم پىررىدە قايغاندەك بولدى ، مىڭەم تۇرمۇزلىنىپ قالدىمۇ ، قولۇمدىكى كەتمەننىمۇ تاشلىماي ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپتىمەن . مەن يالغۇز ، ئۇلار جىق بولغاچقا بىردەمدىلا مېنى ئۇرۇپ يېقىتىۋېتىپتۇ .بەلكىم ئىككى سائەتلەرچە ياتقان ئوخشايمەن . ئېسىمگە كەلسەم ئاغزى - بۇرنۇم قان . دەرھاللا ئېرىق بۇيىغا كېلىپ يۈز - كۆزۈمنى يۇيۇپ تۇرسام يىراقتىن سىڭلىم گۈلنۇر ھاسىراپ يۈگىرەپ كەپتۇ ، ئۇ ماڭا يېقىن كەلمەيلا توۋلىدى : m-~3c]pA lJfk4 -;M ئالىمجان ئاكا ، دەرھال ئۆيگە كىرىڭ ، ئاپام........دېدى يۇ دەرھاللا كەينىگە بۇرۇلۇپلا قايتتى . يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى ، قايتىدىن يۈز كۆزۈمنى پاكىز يۇيۇپلا ئۆيگە قاراپ چاپتىم ، كۆڭلۈمدىكى ئەنسىزلىك ئىچىدە نەچچە يەردە پۇتلىشىپ شۇنچىلىك ئۇزاقتا كىرگەندەك بوپ قالدىم . (ئەسلى بۇ ئىش مۇنداق بوپتۇ ، مەھەللىمىزدە تۇنساخان ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى ، ئۇ مەخسۇس پالانى يەردە مانداق ئىش بوپتۇيەي ، پوكۇنى يەردە مانداق يېڭىلىق بوپتۇ ، دىگەندەك خەۋەرلەرنى باشقىلارغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزدىغان «ئاخباراتچى» ئىدى ، مەھەللىدىكىلەرمۇ بىردەك ئۇنى «تۇنساخان ئۇزۇن قۇلاق »دەپ ئاتايتى . بۇ خۇتۇن ياقۇپ ئىككىمىزنىڭ ئۇرۇشقىنىمىزنى نەدەن بىلدىكىن تاڭ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ : * Z)j"i 0cfGI% -ھـــــۇي ئامىنىخان ،سىلنىڭ ئالىمچۇ ئاۋۇ ھاشىم باينىڭ ئوغلى ياقۇپجان بىلەن سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىپ چىرايىغا قارىغۇسىز دەرىجىدە بولۇپ كېتىپتۇ ، يۈز - كۆزلىرى قان...........دىگەندىكىن ئاپام بۇ ئىشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي ۋاي ئىسىت بالام ، دەپتۇيۇ ، شۇ جايىدىلا ئايلىنىپ قاپتۇ . خولۇم - خوشنىلار ئاپامنى ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ . بۇ گەپنى ئاپامنىڭ يەتتىسىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن خوشنىلاردىن ئاڭلىدىم . ) "D4% A!i WQ:Y NmQ1p ئۆيگە كىرىپلائاپامنىڭ قېشىغا كەلدىم : !L9]nO 'BL U%BtBPL سىزگە نىمە بولدى ئاپا؟ دوختۇرغا ئاپىرايلىچۇ؟مېنى قورقۇتماڭ.....ئۈنلۈك - ئۈنلۈك ۋارقىرايتىم .ئۇڭغىچە مەھەللىنىڭ ئىمامى مېنى پەس قىلدى (ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقىدا ئۈچلا ئۆي بولغاچقا ئۇ تېزلا چىقىپ بوپتۇ ) . n?D/bX p a\,V>}e - سەۋىر قىلىڭ بالام ، ئاپىڭىزغا رازىلىق بېرىڭ ، مۇردىغا قايتىدىن ھاياتلىق بېرىلمەيدۇ....... Ie _{P&J %8Y+Df;ax - نىمە دەۋاتىسىز ئىمام ئاخۇنۇم ، ئالدىنقى قېتىملاردىمۇ مۇشۇنداق چاغدا دوختۇرخانىغا ئاپارساق تېزلا ياخشى بوپ كىتەتتى . مەن ماشنا تېپىپ كېلەي .(ئىمامغا ۋارقىرىغان قىياپەتتە سۆزلەپ كېتىپتىمەن ) suWO:]FR !v%>W< 3Q - توختاڭ بالام ، بۇ يەردىن ئايرىلماڭ ، ئەتراپتىكىلەرمۇ خەۋەر تېپىپ بىردەمدىلا ئۆينىڭ ئىچى لىققىدە ئادەم بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى . ئىمام ئاخۇنۇم بولسا ئاپامنىڭ ئېڭىكىنى قېتىپ ئاق لاتىدا چىگىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر ئاق لاتىنى يېپىپ قويدى . بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن ، ئاپامنىڭ يۈزىگە ئاق لاتا يېپىلغاندا چىداپ تۇرالماي ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ، ئۇنىڭ يۈزىنى قايرىپلا مەڭزىگە يۈزۈمنى يېقىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ،سىڭلىم بولسا ئاپامنىڭ پۇتىغا بېشىنى قويۇپ يىغلاۋاتاتتى....... &dni6E4 grkA2%N -جېنىم ئاپا ، مۇشۇنداقلا تاشلاپ كىتەمسىز ، سىز بولمىسىڭىز بىز قانداق ياشايمىز ئاپا؟ كىمنى ئاپا دەيمىز ئاپا؟ كىمنى دادا دەيمىز ئاپا؟ سىزدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئادەملەرمۇ ياشاۋاتىدىغۇ ئاپا؟تەڭرىنىڭ نىمانداق كۆزى يوقتۇ ئاپا؟بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز ئاپا......جېنىم ئاپا......ئاپا.........كىملەركىن مېنى يۆلەپ تۇرغۇزىۋالدى ، تۇرۇڭ ، مۇردىغا يېشىڭىز ئېقىپ كەتسە بولمايدۇ ، بىزنىڭ يىغا زارىمىزغا چىدىمىغان خوشنىلىرىمىزنىڭ ئاياللىرىمۇ تەڭ يىغلاپ كېتىپتۇ ، (ئۇ چاغدىكى يىغا - زارلىرىمىزنىڭ ئۈنى ئاللا نەرلەرگە كەتتىغۇ دەيمەن) ،يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشنا ياخشى دىگەندەك ، خوشنىلىرىمىز ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىردەمدىلا تەييارلاپ بوپتۇ ، بولمىسا سىڭلىم ئىككىمىز بۇنداق ئىشلارنى قانداق بىلىمىز؟ شۇنداق قىلىپ كۈن ئولتۇرۇشقا بىر سائەت قالغاندا مېيتنى تىنچ - ئامان يەرلىكتە قويىۋالدۇق . 4!96k~d} xA2I+r*o مەن تۇپراق بېشىغا بارغان ئەل - جامائەتنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ، شۇ چاغدىلا مىللىتىمنىڭ ۋە مەھەللەمدىكى ئەل - جامائەتنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مېھىر مۇھاببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقى ۋە قانچىلىك ئىجىل - ئىناقلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان ئىدىم . كۆپچىلىكمۇ تارقاپ كەتتى . بۇ يەردە پەقەت ئىمام ئاخۇنۇم ، خوشنا كەنىتتىكى نەۋرە ئاكام ۋە مەن ئۈچىمىزلا قالغانىدۇق . گەرچە ئۈنۈمنى سىرىتقا چىقارمىساممۇ لېكىن ئىچ - ئىچىمدىن بۇلقۇپ چىقىۋاتقان ياشلىرىم ھىچ پەسىيىدىغاندەك قىلمايتى .ئىمام ئاخۇنۇم ماڭا سەۋىر قىلىشىمنى دىگەچ ئايەت ئوقۇپ ئولتۇردى ، شۇنداق قىلىپ بىز تۈن يېرىمىغىچە ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتتۇق . ئەتىسىدىن باشلاپ كۈندە ئەتىگىنى سەھەردە تۇپراق بېشىنى يوقلاشنى ئۆزەمگە ئادەت قىلدىم . سىڭلىمغا ئاپامنىڭ يوقلىقىنى بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشساممۇ ئۇ بارغانسىرى كەم سۆز بولۇپ كېتىۋاتاتتى . ئۆزەم يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغاندىكىن مۇشۇ سىڭلىمنى بولسىمۇ ئوقۇتارمەن دىگە غايە مەندە ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ لېكىن بۇ مۇمكىن بولمىدى . ئۇنى يەنىلا ئوقۇتالمىدىم . چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقىسا بولمايدىغانلىقىنى ، مېنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالىدىغانلىقىمنى ، قورساق جەھەتتىن ناھايىتى ئالدىراپ قالىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋالدى . مەن شۇنداق چۈشەندۈرسەممۇ ئۇ قەتئىي ئۇنىمىدى . (ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئوتتەك ئوقۇغۇسى بار ) مەنمۇ ئامالسىز ئۇنىڭ گېپىگە قوشۇلدۇم . كۈنلەر ئۆتمەكتە ، ئۆيگە كىرىمىز.....سىرىتقا چىقىمىز......ئاكا - سىڭىل ئىككىمىزنىڭ يېشىمىزنىڭ كىچىكلىكى ، تىكەندەك يالغۇزلا قېلىشىمىز ، بۇ ئۆينىڭ تۈۋرۈكى ھەم چىرىقى بولغان مېھرىبان ئانىمىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ كېتىشىمىز بىزگە تاغدەك بېسىم بولىۋاتماقتا ئىدى . NZ!I > رائىلەنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى ئوقۇشى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ يۇقرىلاپ ئوقۇمىدى . چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئائىلىدە بولغان ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن ، بىزگە ناھايىتى ئىچى ئاغرىپ ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى ، ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا بارمايدىغانلىقىنى ، بىر قانچە يىل ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى . مەنمۇ بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىپ بولغانتىم . ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى ئوقۇشقا زورلىسىمۇ ئۇ پەقەتلا ئۇنىماپتۇ . «مەن ئۆزەم ئارزۇ قىلغان مەكتىپىمگە ئۆتەلمىدىم . شۇڭا مېنىڭ ئەمدى ئوقۇغۇم يوق » دىگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆيىدە تۇرۇپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىپتۇ . ئۆيىدىكىلىرىمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزۈشكە كۆزى يەتمىگەن بولسا كېرەك ، ئامالسىز ئۇنىڭ رايىغا بېقىپتۇ . (ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىزنىڭ ئىشىمىزدىن ئەسلا بىخەۋەر ئىدى ) . شۇنداق قىلىپ كۈنلەر شۇ تەرىققىدە ئۆتمەكتە ئىدى . رائىلە ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەكلا ئاز ئىدى . لېكىن بىز ئامالنىڭ بېرىچە پۇرسەت ئىزدەيتۇق .ئارىمىزدىكى 3 - شەخس بولغان ياقۇپ بولسا يەنىلا بار ئىدى . مەن ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا چاچ - تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدىم ، ھەتتا ھازىرغىچەبىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلىشىپ باقمىغان ئىدۇق .ئۇمۇ رائىلەنىڭ كەينىگە كىرىۋالىدىغان نىيىتىدىن ۋاز كېچىدىغاندەك قىلمايتى . مەن رائىلە بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئەرزانراق يان تېلىفۇندىن بىرنى سېتىۋالدىم . چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۆي تېلىفۇنى بار ئىدى . ئادەتتە مەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇرمايتىم . چۈكى ئۆيىدىكىلەر بولۇپ قالسا دەپ ، ئۇ پۇرسەت تېپىپ ماڭا ئۇراتتى . بىزنىڭ تېلىفۇندا ئانچە ئۇزۇن پاراڭلىشىش پۇرسىتىمىزمۇ بولمايتى . مانا......ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتتى .بىزمۇ خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغانىدۇق . بىز بۇنداق ئۆتىۋەرسەك بولمايتى . بىر كۈنى بىز يېزىنىڭ بازىرىغا ماڭىدىغان دوقمۇشتا ئۇچرىشىپ قالدۇق . قانداق قىلىش كېرەك؟ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئاخىرى مەن ئۇنىڭغا جۈرئەتلىك ھالدا ئېيتتىم : H~Uy/22aQy - رائىلە ، سىزگە دەيدىغان بىر ئېغىز يۈرەك سۆزۈم بار ئىدى . بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، ئارىلىشىپ يۈرىۋاتقىلىمۇ خېلى بولدى . بىز ئەمدى بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرىپ تويىمىزنى قىلىۋالساق قانداق دەيسىز؟ ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە بىر پەس تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىم كۆزىدىكى لىۋىرلاپ قالغان ياش يۇقىنى سۈرىتىۋېتىپ دېدى : /e|qyWs - ئالىمجان ، مېنى ياق دەيدۇ دەمسىز؟كىچىكىمىزدە سىز بىلەن ئوينىغان ئويۇنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ، سىز بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ، يېقىندىن بېرى ئۆيگە كەلگەن ئەلچىلەرنى قايتۇرىۋېتىشىم نىمە ئۈچۈن؟ شۇنداق ياخشى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ تۇرۇپ ئوقۇماي ئۆيدە تۇرۇپ قېلىشىم نىمە ئۈچۈن؟؟؟؟؟ ئۇ شۇنداق دېدى يۇ ، بوش ئاۋازدا يىغلاپ كەتتى . مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق . لېكىن ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كاللىسىدا بىرلا غەم بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قوشۇلماسلىقى ئىدى . بۇ غەم توغرىلىق بىر نەرسە دېيىشمەيلا ئۆيگە كەپ قاپتۇق . ھەر ئىككىلىمىز خوش دېيىشىپلا ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ كېتىشتۇق . بۇ ئىشلارنى ياقۇپ بىلىپ قالدىمۇ تاڭ ، ئۆيىدىكىلىرىنى رائىلەنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە كىرگۈزۈپتۇ .بىر كۈنى سىڭلىم ئىككىمىز ئۆيدە تاماق يەپ ئولتۇرساق تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى . قارىسام رائىلەكەن : /yY} .S -تىشلىقمۇ رائىلە؟ "VoufXM: -تىشلىق ، سىزچۇ؟ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىنتايىن بوش ھەم بەكلا جانسىز ئىدى . بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم قانداقتۇر بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ تېلىفۇننى كۆتۈرگەن پېتى سىرىتتىكى خالىيراق بىر جاينى تاپتىم ، B~&}Mv -نىمە بولدىڭىز رائىلە؟ئاۋازىڭىز نىمانداق بوش چىقىدۇ؟ مىجەزىڭىز يوقما؟ i-@V -ياق ئالىمجان ، بۇ مۇنداق ئىشتى ، تۈنۈگۈن ياقۇپنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئەلچىلىككە كەپتۇ..... Ux= B*m1@{ -نىمە؟ قانداق بولدى؟ %Kp^wf#o9 -ئۆيدىكىلەر شۇنىڭ بىلەن توي قىلىسەن دەيدۇ . $T7 qd -ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆيدىكىلەرگە دېدىڭىزمۇ؟ >*!^pbZfX -دەسلەپتە دېمىگەن ، كېيىن ھەممىنى ئېنىق دەۋەتتىم . مېنىڭ يىگىتىم بار ، مەن ئاشۇ ئالىمجان بىلەن توي قىلىمەن دېسەم ، ئۆيدىكىلەر ۋارقىراپلا كەتتى . «سەن ئاشۇ ئىككى ئېغىز ئۆيىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوق ئالىم بىلەن توي قىلىمەن دەمسەن ، ئۇخلىماي چۈش كۆرمە ، بىزمۇ ئەل - مەھەللىنىڭ چېيىنى ئىچكەن ، تۆرىدە ئولتۇرغان ، قۇداڭ بارمۇ دېسە بار دېگۈدەك ئادەم بىلەن قۇدا بولمىساق بولمايدۇ....» دەيدۇ . يۈرۈكۈمنىڭ تېز - تېز سوققىنىدا ئاغزىم گەپكىمۇ كەلمەي قالغانىدى : Bx$?*y&f!v -سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز؟ ov Xk~%_ -مەن قانداق ئويلىماقچىدىم ، بۇنىڭ پەقەت بىرلا ئامالى بار ئالىمجان . R>;&4Sjr -قانداق ئامال؟ eU e, P -ماقۇل دېسىڭىز بىز يۇرتنى تاشلاپ يىراق - يىراقلارغا كىتەيلى ، ھىچكىم تاپالمايدىغان يەرگە كېتەيلى.....ئۇنىڭ گېپى تۈگىگىچە گېپىنى بۆلىۋەتتىم : 87!m l -توختاڭ رائىلە ، يىراقلارغا كەتمەك ناھايىتى ئاسان ، لېكىن مېنىڭ ئۆيۈمدە ئەمدىلا 20 ياشقا كىرەي دەپ قالغان سىڭلىم بار . ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كىتەرمەنمۇ؟ بۇنداق قىلسام ئاپامغا قانداق يۈز كېلەلەيمەن؟ ئۇ ئەمدى تېلىفۇندا ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتاتتى .« ئۆيدىكىلەر توينى كېلەر ھەپتە قىلىۋاتايلى دەيدۇ » دەپ يىغا ئارىلاش ئاران - ئاران دىيەلىدى . مەن نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئۇ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى توختىتىپلا : y+{)4ptg$< -ئۆيدىكىلەر كەلگەن ئوخشايدۇ ، خوش دەپلا تېلىفۇننى تاراققىدە قويىۋەتتى . مەنمۇ تېلىفۇننى قويىۋېتىپ ئۆزەمنى سەل تۈزەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۆيگە كىردىم m@w469&<(q $MfRw ئۆيگە كىرسەم سىڭلىم تامىقىنى تېخى يەپ بولالماپتىكەن ، ئۇ ئارتۇقچە ئىشلارنى سورىمىدى ، مەنمۇ دېمىدىم . شۇ تاپتا تاماق يەپ ئولتۇرىۋاتىمەن ، بۇ بىر قاچا تاماقنى قانداق يىگەنلىكىمنىمۇ بىلمەيتىم . خىيالىم يەنىلا ئۇنىڭدا ئىدى . /<(-lbq, -ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بېقىش كېرەكمۇ؟ ياق....ياق.....بۇنداق قىلسام بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان بىلەن چوڭلارنىڭ ماڭا تەنە سۆزلىشى ، «سەن بىر يالاڭ تۆش تۇرۇپ قىزىمىزنى نېمەڭگە ئالىسەن؟» دېيىشلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى . ماڭا كىم ياردەم قىلالايتى؟ دېمىسىمۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئۆزەمگە ئايان ، خوشنا كەنىتتىكى نەۋرە ئاكامدىن باشقا مېنىڭ يېقىنراق ئۇرۇق - تۇققىنىمنىڭ تاينى يوق ئىدى . قانداق قىلىش كېرەك؟ كۈنلەر تېزلا ئۆتمەكتە......مانا رائىلە بىلەن ياقۇپنىڭ توي ئىشى مەھەللىدە بىر بولۇپ بولغانىدى . توي كۈنىمۇ ئاخىرى كەلدى . سىڭلىم ئىككىمىز تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ چىرايلىق ياسىنىپ تويغا چىقىپ كەتتى . مەن يالغۇز قالدىم . تويدا چېلىۋاتقان ناغرا - سۇناي....قاتارلىق سازلارنىڭ ئاۋازلىرى ئوقتەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى . يولدىن ئۇياق - بۇياققا مېڭىۋاتقانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتى . مەن كارىۋاتقا كېلىپ بىردەم خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ،ئۆينىڭ بولۇڭىدىكى ئۆزەمنىڭ كىيىم - كېچەك سالىدىغان ساندۇقۇمنى ئاختۇرۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ساۋاقداشلىرىم يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمە خاتىرەمنى تاپتىم . بۇ خاتىرىنى مەكتەپ پۈتتۈرگەن 7 - 8 يىللاردىن بۇيان كۆرگەن ۋاقتىم ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ كۆرمىگىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قاپتىكەن .بۇ خاتىرىگە ساۋاقداشلار ئۆز ئارا ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى ، مىجەز - خۇلىقى ، ئارزۇ - ئارمانلىرى........ئاخىردا بىر پارچىدىن رەسىم قاتارلىق نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپتىكەن . بالىلىق چاغدىكى كۈنلەر نېمىدىگەن سەبىي ، نېمىدىگەن گۆدەك ، نېمىدىگەن غەمسىز ۋاقىتلار ھە؟ خاتىرىنى بىر باشتىن ئوقۇپ بەزى ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەپ يۈرۈكۈم ئاچچىق بولغان بولسا بەزى يېزىشقان گەپلەرنى ، بەزى شىئېرلارنى ، يەنە بەزىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆزەمچە كۈلگۈم كېلىپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ مۇشۇ خاتىرىنى كۆرۈپ كۈننى كەچ قىلىپتىمەن ، بىر چاغدا سىڭلىمنىڭ كىرگەن ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ خاتىرىنى يىغىشتۇرىۋەتتىم . سىڭلىم تاماق ئېتىپ بولغىچە مەن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ يەنە خىيال سۈرۈپ كېتىپتىمەن . رائىلەنىڭ بۈگۈن تويى بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ بۈگۈنكى روھى - ھالىتى ، ياشقا تولغان بىر جۈپ كۆزلىرى ، قەلبىنى مىسكىنلىك چىرمىغان غەمكىن قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى . تۇرۇپلام خىيالىم ئۆزمگە سۇئال قويۇپ قالدى : owVks-/ -مەن شۇنچە يارىماسمۇ؟ كىچىكىمدىن تارتىپ بىللە ئويناپ ، ياخشى كۆرۈشۈپ قوغلاشقان قىزنى قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا بېرىۋەتسەم....پۇل - بايلىق بۇ دۇنيادا ھەممىگە قادىرمىدۇ؟؟؟؟ تۇيۇقسىز سىڭلىمنىڭ چاقىرغان ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلدى : Tm7LaM -ئاكا ، تاماق تەييار بولدى ، تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ . TqfLSm| -شۇنچە تېزما؟بىردەمدىلا تاماق تەييار قىلىپ بولغانمىدۇ ۋە ياكى مەن شۇنچە ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ كەتكەندىمەنمۇ دەپ ئۆزۈمچە سەل ھەيران قالدىم . تامىقىمنى يەپلا سەل تۇرۇپ مەجبۇرى ھالدا بالدۇرلا يېتىۋالدىم . O/d]2<V شۇنداق قىلىپ رائىلەنىڭ تويى بولغىلىمۇ ئۈچ ئايلارچە بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ تويى بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز بىرلا قېتىم ئۇچرىشىپ قالدۇق . مەن ئۇنىڭغا قارىغان بولساممۇ لېكىن ئۇ يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئۆتۈپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ ئۆز يولىمىزغا كېتىپ قالدۇق . بەلكىم مەن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندىمەن ، لېكىن مەندىمۇ ئامال قانچە؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ مەنمۇ ئۆز يولۇمغا ماڭغانىدىم . pLV%g#h بىر كۈنى مەن ئۆينىڭ ئالدىدا يالغۇز تېلىفۇننى ئويناپ ئولتۇراتتىم . قارشى تەرەپتىن ياقۇپ بىلەن رائىلە كىلىۋاتاتتى . مەنمۇ ئۆيگە كىرىپ كەتمەي ئولتۇرىۋېرىپتىمەن . ئۇلار ئۇدۇلىمىزغا كەلگەندە ياقۇپ تۇرۇپلا قېشىمغا كەپقالدى : ;Bzx}7A -ھە ئالىم ، قانداقراق ، قايسى مابىتىڭگە تېلىفۇن قىلىۋاتىسەن؟ ياقۇپنىڭ قەستەن مەن بىلەن قېيىشقىسى كەلگەننى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن . بۇ چاغدا رائىلە ئۆيىگە قاراپ كىتىپ بولغانىدى . A,=>|&* -كىمگە تېلفۇن قىلماقچىدىم ، ھېچكىمگە قىلمىدىم . تېلىفۇننى ئويناپ ئولتۇردۇم شۇ....دېدىم مەن . F[!%,-* -ھـــــــــــــــــــە ، مەن تېخى بىرەر يەردىن لايىق تاپقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن . سەنمۇ تېزرەك پۇل تېپىپ بىرەر يەردىن لايىق تېپىپ تۇيۇڭنى قىلىۋال جىما ، «قېرى بويتاق »بوپ قالما يەنە ، دېگىنىچە پىخلداپ كۈلۈشكە باشلىدى . شۇ تاپتىكى ئاچچىقىمدا مۇشتۇمنى نەچچە تۈگۈپ كەتكەن بولساممۇ ، ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ يەنە گەپ قىلمىدىم . ئۇ 4 - 5 مېتىرچە مېڭىپ بولۇپ قايتىپ كېلىپ ئالدىمغا كەلدى ، مەن ئاچچىقىمدا بېشىمنى يانغا بۇراپ قاپىقىمنى تۈرۈپ ئولتۇرىۋالغانىدىم . ئۇ مېنىڭ ئېڭىكىمنى تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ : 9&`";dg -قانداق؟ ئاچچىقىڭ كېلىۋاتامدا؟ چىدا ...... چىدىغانغا چىقارغان ، بۇ جاھان شۇنداق جاھانكەن......دېگىنىچە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى . ئۇنىڭ ئېڭىكىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ گەپ قىلىشلىرى ، مېنى مازاق قىلىشلىرىدىن بۇ قېتىم ئۆزەمنى تۇتالمىدىم . ئۇ مېنىڭ يۈزلىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ماڭا گەپ قىلغۇدەك قانچىلىك ئادەم؟ ئۇنىڭ پۇلىسى بولسا ئۆزىگە......دىگەن خىياللار بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ كۈچەپ تۇرۇپ بىر مۇش سالدىم . شۇنىڭ بىلەن بىردەمدە قىيا - چىيا قىلىشىپ پومداقلىشىپ كەتتۇق . قىيا - چىيالىرىمىزنى ئاڭلىغان خوشنا - خۇلۇملار بىردەمدە چىقىپ بىزنى ھەر تەرەپكە تارتىشىپ ئۇرۇشنى بېسىقتۇرىۋالدى . ياقۇپنى ئۈچ - تۆتەيلەن تارتىپ ئارقىسىغا ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى . ئۇ كەينىگە قاراپ قوللىرىنى شىلتىپ ماڭا ۋارقىرايتى: e5n]@mu% -خەپ توختا ئالىم ، سېنىڭ كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار ، مەن بۇنداقلا بولدى قىلمايمەن ، بىز يەنە كۆرۈشۈپ قالىمىز......دىگەندەك بىر قاتار گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى . خوشنىلار ھاي - ھاي بىلەن مېنىمۇ ئۆيگە ئەكىرىۋاتتى . مەنمۇ گەرچە ئۇنىڭدىن بىر قانچىنى يېگەن بولساممۇ قورسىقىم خېلى بوشاپ ئۆزەمنى خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم .شۇنداق قىلىپ كۈنلىرىمىز ئۆتىۋەردى ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشمىدۇق .(ئاساسەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىدى ) n00J21 ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە خوشنا يېزىدىن ئەلچىلىككە كەپتۇ . ئۆيدە سىڭلىم ئىككىمىز يالغۇز بولغاچقا نەۋرە ئاكامغا خەۋەر قىلسام ئۇلارمۇ كەلدى .ئەلچىلىككە كەلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بىز تونۇيتۇق . ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمۇ خېلى يامان ئەمەس ، ئۆزىمۇ ياخشى كىشىلەر ئىدى . بىز ھەممىمىز بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن گۈلنۇرنى ئايرىم سىرىتقا چاقىرىپ ئۇنىڭ ئۆزىگە دەپ باقماقچى بولدۇم . ئەسلىدە ئاۋال مەن توي قىلىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى ياتلىق قىلسام توغرا بولاتتى . لېكىن مۇشۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ بەختى چېگىلىپ قالسا ، ئۇنى بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قويۇپ ئۇنى بەخىتسىز قىلىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرىدىم . ئۇ سىرىتقا چىقتى . مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئۇدۇللا دەۋەردىم : ">eled)O -گۈلنۇر ،ئالدىڭىزدا ناھايىتى خىجىلمەن ، ئاۋال ئۆيگە يەڭگىڭىزنى ئەكىرىپ ئاندىن سىزنى چىقارساق بولاتتى ، لېكىن بۇ دىگەن تەقدىر ، سىزنىڭمۇ ئويلىغىنىڭىز بادۇ ، ھەقىقەتەن كۆڭلىڭىزدە بولىدۇ دەپ قارىسىڭىز كەينىگە سوزمايلى . 7DoU7I\u -لېكىن ئاكا ، سىزچۇ؟قورسىقىڭىزغا كىم تاماق ئېتىپ بېرىدۇ؟ ]7yxXg -ۋاي ۋۇي سىڭلىم ، بۇنىڭمۇ ئامالى بولىدۇ . بۇ دۇنيادىن بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق تەنھا ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ دە؟ ئۇ لاپپىدە پەسكە قارىۋالدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتتىم . شۇنداق قىلىپ بىز ئۆيگە كىردۇق . ھەممىمىز بىر لىكتە مەسلىھەتلىشىپ كېلەر ھەپتىنىڭ مۇشۇ(يەكشەنبە )كۈنىنى چوڭ مەسلىھەت چېيى قىلىپ بېكىتتۇق . ئۇلارمۇ باشقا ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى يىغىپ كېلىدىغان بولدى ، بىزمۇ ئىمام ئاخۇننى ۋە باشقا شىرەم تۇققانلاردىن بىر قانچىنى چاقىرماقچى بولدۇق . شۇنداق قىلىپ تۇققانلار قايتىپ قېلىشتى . خوشنىلار بىلدى بولغاي بىر قانچە كۈندىن كېيىن مەندىن سورىدى : N}ND()bf -ۋۇي ، گۈلنۇرنى ياتلىق قىلامسىز نىمە؟ قايسى كۈنى پالانى يېزىدىكى ......دىگەن ئادەملەر ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئەلچىلىككە كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان . jX(${j< -ھەئە ، ئۇنى ياتلىق قىلماقچى..... bDJ!Fc/ -ۋاي ۋۇي ، بىزنى چاقىرىپمۇ قويماپسىز ،«خوشنا بولساڭ يۆلەك بول ، بولمىسا بىلەك بول »دىگەن گەپ بار جۇمۇ ھە! vR2);ywX -ئۆتكەن قېتىم ئالدىراشراق بوپ قالدى ، بۇ قېتىملىق چوڭ چېيىدا چاقىرارمىز دەپ ئويلاشقان . ~_N,zw{x -چوڭ چېيى قاچان بولىدىغان بولدى؟ Fw{@RQf8 -.......كۈنى . ~OPBZ# -ھە ، ئەمسە ئۇ كۈنى ئەتىگەنرەك چىقايلى دەپ بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ كېتىشتۇق . ئۇ كۈنگە بىر ئىككى كۈن قالغاندا «گۈلنۇرنىڭ تويى بولغىدەكمىش » دىگەن گەپلەر مەھەللىدە سەل تارقىلىشقا باشلىدى . {k-_+#W" ئۇ كۈنمۇ يېتىپ كەلدى ، مەن خەۋەر قىلغان تۇققانلارنىڭ جىمىسى بىر بىرلەپ ئۆيگە كېلىشكە باشلىدى ، ئىمام ئاخۇنۇممۇ كېيىنرەك چىقتى . ئاياللار بولسا قولمۇ - قول تاماققا تۇتۇش قىلىشىۋاتاتتى . قارشى تەرەپتىن بولسا ھىچ كېلەي دىمەيتى . بىز ساقلىدۇق..... كۈن چۈشتىن ئېشىپ كەتتى . يەنە ساقلىدۇق......ساقلىدۇق..... يەنە كۆرۈنمەيتى . ئارىمىزدىن بىرى ماڭا دېدى : +_cigxpTc -تېلىفۇن قىلىپ باقامسەن يا؟ jQ%1lQ#R) -مەن نېمىدەپ تېلىفۇن قىلىمەن؟ كېلىڭلار دەپما ؟ ئۇنغىچە ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ گېپى دىققىتىمىزنى بۆلدى : HJ]e%og -سىلەر تېلفۇن قىلماڭلار ، ياخشى بولمايدۇ......بىزمۇ بىر پەس جىمجىتلىققا چۆمدۇق . كۈن ئولتۇرايلا دەپ قالدى . ئۇلارنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزىمىز يېتىپ ئەتكەن تاماقلارنى جىمجىت ھالدا ئۆزىمىز يەپ ئولتۇردۇق . تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار بىر بىرلەپ كېتىشكە تەييارلىق قىلدى . سىڭلىم ئىككىمىز بولساق خىجىلچىلىقتا نېمىمۇ دېيەلەيتۇق؟ دەسلەپتە ئىمام ئاخۇنۇم قايتتى . ئۇنىڭدىن كېيىن بىر بىرلەپ باشقىلارمۇ كېتىپ قېلىشتى . سىڭلىم ئىككىمىز بولساق بىر بىرىمىزگە ئارتۇق گەپ قىلىشماي ئۇلتۇرۇشتۇق . ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئۈچىنچى كۈنى تۇيۇقسىز نەۋرە ئاكام تېلىفۇن قىلىپ قاپتۇ : qK#"uU8B -ھە ، تىشلىقمۇ ئالىمجان ئۇكام ، @<pd@Mpf] -تىشلىققۇ ، ئۆزىڭىزچۇ؟ SMRKEPwp& -مەنمۇ ياخشى ، بۇ مۇنداق گەپتى ئۇكام ، قېشىڭدا ھازىر گۈلنۇر بارمۇ يوق؟ "N=$=Dy> -مەن ھازىر يولدا ئىدىم ، ئۇ ئۆيدە . گۈلنۇر توغرىلىق بىرەر ئىش بارمىتى؟ X=)L$Kd7 -شۇنداق ، ئۇ توغرىلىق بىرەر گەپ ئاڭلىدىڭمۇ؟ ,e;,+w=~E -ياق ، گۈلنۇرغا نىمە بوپتۇ؟ P[q>;Fx* -ئاڭلىمىغان بولساڭ دىمەي ئەمسە ئۇكام . *K$a;2WjzG -ۋاي ۋۇي....گەپنى ئۆزىڭىز باشلاپ ئەمدى دىمەيمەن دېسىڭىز........ئاكام بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كېيىن جاۋاپ قايتۇردى : gAsmPI.K -ئەسلى دىمەي دىگەن ئۇكام ، بۇ گەپنى باشقىلاردىن ئاڭلىغاندىن كۆرە مېنىڭدىن ئاڭلىساڭ سەل ياخشىراقكەن . بۇ مۇنداق ئىش ، مەنمۇ ئاخشام ئاڭلىشىم . پالانى كەنىتتىكى گۈلنۇرغا پالانى يېزىدىن لايىق كەپتىكەن ، ئۇ قىز بالىنىڭ بۇرۇن ئازراق چىقىرىپ قويغان ئىشى بار چېغى ، بۇ قىزنى بۇرۇن باشقىلار بىرسى بىلەن تۇتىۋاپتىكەن ، ئۇ ھازىر قىز ئەمەس......دىگەندەك گەپلەر ئەتە داستىخان چېيى دىگەن كۈنى شۇ ئەلچىلىككە كەلمەكچى بولغانلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېنىۋاپتۇ.....دىگەن گەپلەر بۇ مەھەللىدە بىر بولۇپ كېتىپتۇ . سەن ئاڭلىمىغان بولساڭ ئەتە - ئۆگۈنچە سېنىڭ قۇلىقىڭغىمۇ يېتىدۇ ئۇكام . لېكىن سەن بۇ گەپلەرنى گۈلنۇر ئاڭلاپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلانغىن ، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلماق تەس.....ماقۇل ئەمسە ئۇكام ، ئۆزەڭنى ئاسىرىغىن . دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى . شۇ تاپتا يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى ناھايىتى تېزلىشىپ كەتكەنىدى . ئېغىزىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ، نەپەس ئېلىشىممۇ تەسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى .« خەپ ياقۇپ».....! دېدىم ئىچىمدە . بۇ ئىشتىن ياقۇپنىڭ بىر مەيدان ئويۇن قويىۋاتقانلىقى ئېنىقلا ئىدى . لېكىن ئۇ نىمە قىلسا ماڭا قىلسا بولمامدۇ؟ سىڭلىمدا نىمە گۇناھ......؟بۇلارنى ئويلىغانسىرى غەزىپىم ئىچىمگە پاتمايتى . بۇگەپلەرنى سىڭلىم ئاڭلاپ قالسا نىمە بوپ كېتەر؟ بەلكىم بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەرمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ بولغان بولسا كېرەك ، مەن ئاڭلىمىدىم ، لېكىن ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا بارسام ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقاندەك ، مېنى مازاق قىلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى . مەن بۇ گەپلەرنى سىڭلىمنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتىم . شۇڭا ئامالنىڭ بېرىچە ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىققا تىرىشاتتىم . لېكىن يېزىنىڭ بازىرىغا بارغاندا ئارقىدىن بىللىمۇ بىللە ماڭغىلى بولمايدۇ دە؟بازارغا بارماڭ دەي دېسەم ئۇنىڭ روھى كۈندىن كۈنگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى . بېرىڭ دەي دىسەم بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكىم پوك - پوكلا ئىدى . ئۇ بازارغا بېرىپ كەلدى . ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ جەرياندا ئۇ ئىككى قېتىم بازارغا بېرىپ كەلگەنىدى . /]Y#*r8jRi پەيشەنبە كۈنى ئىدى . مەن تاھارەت ئېلىپ ئاپامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ماڭدىم . ئۇ چىرايىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش ۋە ھىچقانداق بىرەر شەپە يوق ھالەتتە ئۆيدە قالغان ئىدى . ( بەلكىم مېنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ كېلىشىمگە 40 مىنۇتتىن بىر سائەت ئەتراپىغىچە ۋاقىت كېتەتتى ) مەن قايتىپ كەلسەم ئۇ ئۆيدە يوق . چايدانغا چاينى تەييارلاپ ، جوزىنىڭ ئۈستىگە ناننى ئېلىپ تەييار قىلىپ قويۇپتۇ . ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرسەم يەنىلا يوق . بېشىم پىررىدە قېيىپ كاللامغا ئاللىقانداق يامان خىياللار كېلىشكە باشلىدى . h;+O96V4. -گۈلنۇر.....گۈلنۇر.....بىرنەچچە ئېغىز ئۈنلۈك ھالدا ۋارقىرىدىم . ھەممە يەر جىمجىت.....ھىچقايەردىن زۇۋان كەلمەيتى . بىر بىرلەپ خوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە چىقىشقا باشلىدىم . يەنىلا يوق......ئۇ خەت قالدۇرۇپ بىرەر يەرگە كەتتىمۇ يا؟ دىگەن ئوي بىلەن ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، لېكىن بىرەر پارچە خەتمۇ چىقمىدى . كۈن چۈش بولۇپ كەتتى . مەن نەۋرە ئاكامغا تېلىفۇن قىلسام ئۇ يەرگىمۇ بارماپتۇ . گۈلنۇرنىڭ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى ، باشقا دوسلىرى......ئىشقىلىپ بارغۇدەكلا مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باقتىم ، يەنىلا يوق . ....شۇ تاپتا پۇت قولۇمدا ماغدۇرمۇ يوق ئىدى . كۈنمۇ كەچ بولدى ، قورسىقىم شۇنداق ئاچقان بولسىمۇ گېلىمدىن ھىچنەرسە ئۆتىدىغاندەك ئەمەس . بىر ئاخشام يالغۇز تۈنەپ چىقىپتىمەن ، بەزىدە ئۇيقۇ بار ، بەزىدە يوق....دىگەندەك. ئەتىسى ئەتىگەندە يەنە خەۋىرى بولمىغاچقا ئويلىنىش ئارقىلىق كەنىت ئامانلىق مۇدىرى بىلەن بىللە بېرىپ يېزىلىق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ قويدۇق . ئۇلارمۇ ئەھۋالنى بىرەر قۇر بىلگەندىن كېيىن ئۇلارمۇ دەرھال ئىزدەيدىغانلىقىنى ، يىپ ئۇچى بايقىلىپ قالغان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىۋېلىپ بىزنى يولغا سالدى . بۇ كۈنىمۇ مەن ئۆزەم بىلگۈدەكلە يەرگە تېلىفۇن قىلىش ياكى ئۆزەم بېرىپ ئىزدەش بىلەن كۈننى كەچ قىلىۋەتتىم .ئۇنىڭ يەنىلا ئىز - دېرىكى يوق . يەنە بىر كېچە ئۆتۈپ كەتتى .ئەتىسى مەن سەھەردە يەنە ئاۋال ئاپامنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ كەلدىم . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە كېلىپ ئالدىنقى كۈنى دۇكاندىن ئەكىۋالغان تەييار چۆپنى چىنىگە دەملەپ قويۇپ ، چۆپ يۇمشىغىچە يولغا چىقىپ كىردىم ، سەل تۇرۇپ كىرسەم چۆپ يۇمشاپ تازا جايىدا بولۇپ تۇرۇپتىكەن ، ئەمدى ئىچەي دەپ ئىلەشتۈرۈپ بىر كويزا قىسىپ ئېغىزىمغا سېلىشىمغا تېلىفۇنۇمنىڭ ئەنسىز سايرىغان ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلىۋەتتى . [u K,.G يۈرۈكۈمنىڭ تېز - تېز سوقۇشلىرىدىن ھودۇققىنىمچە تېلفۇننى ئالدىم : t855| -ۋەي، "'Fvt-<^S7 -ھە ئالىمجانمۇ سىز؟كەنىت ئامانلىق مۇدىرىمىزنىڭ ئالدىرىمايراق گەپ قىلىدىغان زىل ئاۋازىنى بىر ئاڭلاپلا بىلىۋالدىم . h'h8Mm - ھەئە ، مەن . ?r&~(<^z -يېزىلىق ساقچىخانىدىن ھازىر بىر خەۋەر كەلدى ، ھازىرلا كېلەمسىز.......؟ L,#YP#O,j -ماقۇل ماقۇل ، ھازىرلا باراي.... مەن شۇنداق دېگىنىمچە تېلفۇنۇمنى يانچۇقۇمغا سېلىپلا ، ئىشىكلەرنى ئېتىشنىمۇ ئۇنتۇپ ، ئۇدۇللا كەنىت ئىشخانىسىغا يۈگۈردۈم . قانداق كېلىپ بولغانلىقىمنى ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا شۇنچە تېز بۇ يەرگە كېلىپ بولغانىدىم . ,.*Df)+ -ماشىنىغا چىقىڭ ، دېدى ئامانلىق مۇدىرى . V*te8HIe -قانداق خەۋەر كەلدى؟ ماشىنىغىمۇ چىقماي تۇرۇپ ھاپىلا - شاپىلا سورىدىم . 2oahQ:}B -ئاۋال ماشىنىغا چىقىڭ ، دېدى ئۇ ئۆزىمۇ ماشىنىغا چىققاچ . مەنمۇ ماشىنىغا چىقىپ ئىشىكنى ياپتىم . ئۇ جىممىدە مېڭىۋاتاتتى . ئىچىمدىكى جىددىيچىلىك يەنە مېنى جىم ئولتۇرغۇزمىدى : Z|a*"@5_ -زادى قانداق گەپكەن ، تېزرەك دېسىڭىزچۇ؟ ?OnL,y| ئۇ ئاستا سۆز ئېچىشقا باشلىدى . dPpQCxf - ئەتىگەن سەھەردە «قاراسۇ توسمىسى»دىن ساقچىخانىغا بىر خەۋەر كەپتۇ . ئۇ توسمىدا بىر قىزنىڭ جەسىتى بايقىلىپتۇ . شۇڭا ئۇلار سىزنى تونۇپ باقسۇن دەپ..........ئۇ گېپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈشكە باشلىدىم ؛ u?SwGXi~8 - ياق ، بۇ مۇمكىن ئەمەس ، گۈلنۇر ھەرگىز دەرياغا ئۆزىنى تاشلىۋالمايدۇ ، ئۇ ھەرگىز مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتمەيدۇ ، دېگەندەك ئۇنىڭغا ۋاقىراش قىياپىتىدە سۆزلەپ كەتتىم . 3)=ix. wW - بۇنداق دېمەڭ ، بۇ دىگەن بىر پەرەز ، ئۇ راستىنلا گۈلنۇر شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ بۇ ھەممىمىزگە نامەلۇم . ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي . دېدى ئۇ مېنىڭ ئاز - تولا كۆڭلۈمنى بەزلەپ..... Z D"*fr مانا ساقچىخانىغىمۇ كەپقالدۇق . ماشىنىدىن چۈشكەچ ئۇماڭا ساقچىلارغا قالايىمقان گەپ قىلماسلىقىمنى ، ئۇلار بىلەن گەپ تالاشماسلىقىمنى ، قالايىمقان ۋاقىرىماسلىقىمنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ قويدى . ماشىنىدىن چۈشۈپ ئامانلىق مۇدىرى بىلەن ساقچىخانا باشلىقى بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ئۇلارمۇ بىردەمدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ماشىنىسىنى تارتتى ۋە بەش - ئالتە كىشىلىك بولۇپ ئىككىسى باياقى بىز چىققان ماشىنىغا چىقىۋالدى . شۇنداق قىلىپ بىز بارماقچى بولغان نىشان «قارا سۇ توسمىسى»غا قاراپ ماڭدۇق . ماشىنىنىڭ ئىچىنى شۇنچىلىك جىمجىتلىق قاپلىغانكى ، ھىچقايسىمىز بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقاندەك قىلاتتۇق . «قارا سۇ توسمىسى» بىزنىڭ كەنتىمىزدىن تەخمىنەن 55 - 60 كىلومېتىر ئەتراپىدا يىراقلىقتا بولۇپ ناھىيەمىز ئىچىدىكى تۆت دەريا ۋە پارچە ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى شۇ توسمىغا يىغىلىپ ئاندىن ئاياققا تەڭشەلگەن ھالدا قويۇلاتتى .بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارقىسىدىكىلا مۇزات دەرياسىمۇ دەل مۇشۇ جايغا قوشۇلاتتى . بۇ يولنىڭ باشقا يەرلىرى تاشيول ، ئەمما ئاخىردىكى 15 كىلومېتىردەك يېرىنى سازلىقتىكى ئۆزى شەكىللەنگەن يولدا مېڭىشقا توغرا كېلەتتى . ماشىنىنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز بولسىمۇ بۇ يوللار پەقەت تۈگىمەيۋاتقانداك قىلاتتى . ھېلىقى سازلىقتىكى يولدا بولسا ماشىنا ئانچە تېز ماڭالمىغاچقا ، مەن تېخىمۇ ئالدىراپ كېتىۋاتقاندەك جىلە بولماقتا ئىدىم . مانا ئۇ توسمىمۇ كۆرۈندى ، شۇ تاپتا كاللامدىكى چېگىش خىياللار مېنى قىيناشقا باشلىدى ، ئۇ راستىنلا گۈلنۇر شۇمىدۇ ياكى ئەمەسمىدۇ؟شۇ بولۇشىنى خالامدىم ياكى ئەمەس بولۇشىنىمۇ؟ دىگەندەك خىياللارنى كاللامغا يېقىن ئەكەلمەي دېسەممۇ مېڭەمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا چايقىلىپ مېنى ئارامسىزلاندۇرىۋاتاتتى . مانا يېقىنلا كەلدۇق....ئاز قالدى.....كەلدۇق . ماشىنىنى توختىتىپلا ھەممەيلەن بىر بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدى . مەنمۇ چۈشۈپ ، بۇ يەردىكى يولداشلار بىلەن سالاملاشمايلا ئالدىراپ ئۇلاردىن سورىدىم ۋە جاۋاپ بېرىپ بولغىچە ئۇدۇلدىكى دىجۇرنىخانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىچىك ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە كۆزۈم چۈشۈپ شۇ يەرگە قاراپ ئېتىلىپ كىردىم . كىرىپلا تاشقىرى ئۆي قۇرۇق بولغاچ ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپلا سەل تۇرۇپ قالدىم . كۆز ئالدىمدا بولسا ھەممە يېرىگە ئاق لاتا يېپىقلىق بىر جەسەت تۇراتتى . خۇددى بىر چۈش كۆرىۋاتقاندەك پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ پۇتۇمدا ماغدۇرمۇ يوق ئىدى . ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭغىنىمدا خۇددى پۇتۇمنى پەقەت باشقۇرالمايۋاتقاندەك ھېس قىلغان بولساممۇ ، بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇدرەت بىلەن تېز - تېز سوقىۋاتقان يۈرەك ھەرىكىتىم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە تىتىرەۋاتقان قولۇمنى ئاستا لاتىغا ئۇزاتتىم.....كۆزلىرىمدىكى لىغىرلاپ قالغان ياش يۇقىنى تارقىتىۋەتمەي تۇرۇپ لاتىنى قانداق ئېچىپ سالغاندىمەن؟ mGDc,C=5: -ھــــــــە ، ئىچىمگە شۇنداق قاتتىق بىر تارتتىمكى ، خۇددى بىر چاقماق سوقۇپ مېڭەمدىن كىرىپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا توختاپ قالغاندەك ، مېڭەم كونتىروللىقىنى يوقۇتۇپ گۈپپىدە تىزداپلا يەرگە يېقىلدىم . ئېسىمگە كەلسەم بايىقى كەينىمدە قالغان يولداشلارنىڭ بەزىلىرى مېنى يۆلەپ تۇرغۇزسا ، يەنە بەزىلىرى بولسا سىڭلىم گۈلنۇرنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتاتتى . 8b7I\J` -يــاق !!!مېنىڭ قاتتىق ۋاقىراشلىرىمدىن ھەممىسى چۆچۈپ قاراشتى . ئۇنى ماڭا بېرىڭلار! بۇ قېتىم ئۇنىڭ تاتىرىپ كۆپكۆك بولۇپ كەتكەن يۈزلىرىگە يۈزۈمنى يېقىپ قاتتىق ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتىم : K-Pcew^? -گۈلنۇر ، جېنىم سىڭلىم گۈلنۇر ، مانا مەن كەلدىم ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ، مېنى مۇشۇنداق يالغۇز تاشلاپلا كېتەمسىز.....ئاھ خۇدا!! يىغا ئاۋازىم ۋە ياشلىرىم ھىچ پەسىيىدىغاندەك قىلمايتى . ساقچىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ماشىنىغا چىقىرىلدۇق . سىڭلىمنىڭ باش قىسىمىنى ئۆزەم كۆتىرىۋالغان بولسام ، پۇت تەرىپىنى باشقا يولداشلار تىزى ئۈستىگە ئېلىپ كۆتىرىۋالغان ئىدى . مەن ئۆزەمنى شۇنچە تۇتىۋېلىشقا تىرىشساممۇ ئىچ - ئىچىمدىن بۇلقۇپ چىقىۋاتقان يېشىم ئۆزەمگە پەقەت بويسۇنمايۋاتاتتى . يېنىمدا ئولتۇرغان ساقچى يولداش بولسا ماڭا تەسەللى بەرگەچ يېشىمنى سۈرتۈپ ئولتۇراتتى . يىغا - زارىمدا بولسا بىر قولۇمنى ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئۇرۇپ بارماق بوغۇمۇمنىڭ ئۈستىنى قىپقىزىل قانغا بويىۋەتكەنلىكىمنىمۇ سەزمىگەنىدىم . شۇنداق قىلىپ ئۆيگىمۇ يېتىپ كەلدۇق . ئامانلىق مۇدىرىمىز كەنىتتىكىلەرگە ئالدىن تېلىفۇن ئۇرىۋەتتى بولغاي ئېھتىمال ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ جىمىسى ئۆيىمىزگە يىغىلىپ بولغانىدى . مېيت ئۇزۇتۇش ئىشلىرىنىمۇ تەق قىلىپ بولغانىكەن . « تىرىككە ئۆي تېپىلار ، ئۆلۈككە گۆر » دىگەندەك ، يەرلىكنىڭ ئىشىنىمۇ ئىمام ئاخۇنۇم مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىپ بوپتۇ . مانا ئۇنى بىردەمدە جىنازىغا سېلىپ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتاتتى . ئۆيىمىزگە ئازراقمۇ خوشاللىق نۇرلىرى چېچىلماي تۇرۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئىككى نامازنى باشتىن ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم . مانا ، يەنە بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ بۇ ئائىلىدە مەڭگۈ بولمايدۇ دىگەن گەپ ، شۇنداق خىياللار نەتىجىسىدە بېرىپلا جىنازىغا ئۆزەمنى ئاتتىم ، ۋاي قېرىندىشىم......باغرىم قېرىندىشىم...ئاچ كۈنۈمدە تاماق بەرگەن قېرىندىشىم ، كىيىملىرىمنى پاكىز قىلىپ بەرگەن قېرىندىشىم....ئاپامنىڭ يوقلىقىنى بىلىندۈرمىگەن قېرىندىشىم....مەن ئەمدى نەگە باراي قېرىندىشىم...نەگە قاراي قېرىندىشىم....كىمنى ئۇكام دەيمەن ، كىمنى ئاپام دەيمەن.....خوشنىلىرىمنىڭ ئاياللىرى كېلىپ ياشلىرىمنى سۈرتىۋاتاتتى ، بىر چاغدا ئىمام ئاخۇننىڭ : & }j;SK5 - سەۋرى قىلىڭ بالام ، كۆپ يىغا -زار قىلماڭ....دىگەندەك گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرگەندەك بولدى ، ئىلگىرىكى قېتىممۇ شۇنداق بولغىيمىدى ، لېكىن بۇ قېتىم پەقەتلا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتىم . ياشلىرىمنى ئېيتىۋېتىپ قارىسام ئۇلار جىنازىنى كۆتۈرۈپ دەرۋازىدىن ئازراق ئۇزاپ بولغانىدى . مەن كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ ئازىراق بولسىمۇ كۆتىرىۋالاي دىگەن نىيەت بىلەن شۇنچە قىلساممۇ ، جىنازا كۆتىرىدىغان ياش بالىلارنىڭ كۆپلىكىدە يېقىنمۇ بارالمىدىم . شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېيىن بالدۇرلا يەرلىكتە قويۇپ بولۇپ، باشقىلارمۇ ئاستا - ئاستا تارقاپ كېتىشتى . بۇ يەردە يەنىلا نەۋرە ئاكام ئىككىمىز ، ئىمام ئاخۇنۇم ئۈچەيلەنلا قالدۇق . ئىمام ئاخۇنۇم بولسا قۇرئان ئوقۇپ ، مۇشۇ يەردىن ئايرىلماي كۈننى كەچ قىلدى . ئاخىردا بولسا قاراڭغۇ چۈشۈپ خېلى بىر چاغقىچە ئولتۇرۇپ ئىمام ئاخۇنۇم ئەرزان توۋلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆيگە يېنىپ كەلدۇق . ئەتىسى سەھەردە يەنە ئىمام ئاخۇنۇم ۋە نەۋرە ئاكام ئۈچىمىز تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كەلدۇق . ئىمام ئاخۇنۇممۇ بۇ قېتىم ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ قالدىمۇ ، ئىشقىلىپ يەتتە كۈننىڭ ھەممىسىدە بىز بىلەن ئەتىسى ۋە ئاخشىمىسى تۇپراق بېشىغا تولۇق قاتنىشىپ بەردى . بۇ يەتتە كۈن جەريانىدا ئۆيگە كېلىپ كېتىدىغانلارنىڭ ئايىقى پەقەتلا ئۈزۈلمىدى ، خوشنا - خولۇملار ۋە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئېلىپ كىرگەن نان - توقاچ ، تاماق قاتارلىق يىمەكلىكلىرى بىلەن ئۆي ئىچى دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى . گۈلنۇرنىڭ تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمۇ ، نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەپتىمىز دەپ ھەرخىل پىرەنىك ۋە مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى . ئۇلار مەندىن« نېمىشقا ئۆلۈپ كەتتى» دىگەندەك سۇئاللارنى سورىسا ۋە يۇقرىلاپ ئوقۇغان بولسا ھە؟ ئوقۇشى بەك ياخشى ئىدى دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قالسا بېشىم تۆۋەن چۈشۈپلا كېتەتتى ياكى سىرىتقا چىقىپ كېتەتتىم . ئاخىرى يۇرتتىكىلەرنى چاقىرىپ يەتتە نەزىرسىنىمۇ بېرىپ بولدۇق . نەۋرە ئاكاممۇ بۇ يەتتە كۈندىن بېرى بۇ ئۆيدىن ئايرىلمىغان ئىدى ، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ ئايرىم ئائىلىسى بار دە؟ئۇلارمۇ مەھەللىدىكىلەرنى تىنچ - ئامان ئۇزىتىشىپ بەرگەندىن كېيىن نەزىر بەرگەن كۈنى كەچتە ئۆيىگە قايتىشتى . b9?Vpu`? ئەتىسى سەھەر....تاھارەت ئېلىپ تۇپراق بېشىغا ماڭدىم . سىڭلىمنىڭ ۋە ئاپامنىڭ تۇپراق بېشىغا ئۇزۇندىن - ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قىيالماسلىق ئىلكىدە ئۆيگە يېنىپ كەلدىم . بۇ چاغدا كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن ئىدى . دەرۋازىدىن كىردىم . بۈگۈن كۈننىڭ نۇرى باشقىچىلا بولۇپ ، بارلىق نۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ ھويلىغىلا چۈشۈرگەندەك تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدى.....دەرۋازىدىن كىرىپلا كۆرگىنىم ھويلىدىكى تاماق ئىتىدىغان كىچىك ئۇچاق بىلەن قازان ، يېنىدا بىر چېلەك سۇ ، پەستە كىچىك قول پالتىسى بىلەن ئازراق ئۇششاق ئۇتۇنلار.....سىڭلىمنىڭ ۋە ئاپامنىڭ ھىدىنى پۇراپ ئۆيگە كىردىم . دېرىنىڭ يېنىدىكى ئاددى بىر چىنە - قاچا ساقلايدىغان تاماق ئىشكابى ، يېنىدا بولسا سىڭلىم ۋە ئاپام ئىشلەتكەن ئەمبەل ،ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر پىچاق ، ئۆينىڭ غولىغا كۆز يۈگۈرتسەم ، بولۇڭدىكى ئانچە كۆپ بولمىغان يوتقان كۆرپە تۇراتتى . ئۆي ئىچى شۇنچە جىمجىت ھەم تىمتاس ئىدى ، مەن بېرىپلا كارۋاتقا ئۆزەمنى ئېتىپ ئوڭدىسىغا تۇرۇسقا قاراپ ياتماقتا ئىدىم . شۇ دەقىقىدە كاللام بىر دەممۇ ئارام ئالماستىن ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئاللىقانداق ئەبجەش خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولغانىدى . ئالدى بىلەن خىيالىمغا رائىلە كەلدى . كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ ، بىللە چوڭ بولۇپ تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىغا ئەمدىلا كىرەي دەۋاتقاندا ئاشۇ ياقۇپ سەۋەپلىك شۇ سۆيگەن يايرىمدىن ئايرىلدىم . مېنى كىچىكىمدىن بېقىپ چوڭ قىلغان ، ئۆزى يېمىسىمۇ ، كەيمىسىمۇ مەن ئۈچۈنلا بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن مېھرىبان ئانامدىن يەنە شۇ ياقۇپ سەۋەپلىك ئايرىلدىم . يەنە شۇ ياقۇپ سەۋەپلىك ، بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر يېقىن ئادىمىم ، بىر قورساقتا ياتقان ، بىر ئەمچەكنى تەڭ تالىشىپ ئەمگەن جان جىگەر قېرىندىشىم گۈلنۇردىن ئايرىلدىم . ئۇ تېخى ياش ئىدىغۇ؟ تېخى ئەمدىلا 20 نىڭ قارىسىنى ئالغان ئىدىغۇ؟ ئۇنىڭدا نىمە گۇناھ!مەن شۇنچە يارىماس ئىكەنمەنمىدۇ ياكى بۇ تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقىمىدۇ؟ئاپام ماڭا سىڭلىمغا ياخشى قاراش توغۇرلۇق نۇرغۇن ۋەسىيەتلەرنى قالدۇرغان ئەمەسمىدى ؟ مەن ئۇنىڭ روھىغا قانداق جاۋاپ بېرەرمەن؟مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟ قانداق قىلالايتىم ....ياقۇپنى ھېچنىمە قىلالمايمەن . مەن ئەمدى كېيىنكى ياشاش يولۇمنى قانداق تاپاي؟ نىشانىم نىمە؟؟؟بۇلارنى پەقەتلا تەسۋىرلىيەلمەيتىم . كاللامدىكى تۈرلۈك تۈمەن خىياللارمۇ ھىچ ئازىيىدىغاندەك قىلمايتى . بىر چاغدا يۈزۈمگە سەل سوغۇق بىر نەرسە تەگكەندەك قىلدى . ئېسىمنى يىغسام ئىككى تامچە ياش ئىككى كۆزۈمدىن ئېقىپ زاڭىقىمنى بويلاپ پەسكە سىرغىپ چۈشىۋاتاتتى . 16I[z+RG G2!<C-T{2 مەنبە : ئىجادىيىتىم >{Mv+ 0;`FS/[(f
| |