[ئوكرائىنانىڭ سابىق پرېزىدېنتى لېئونىد كوچمانىڭ ئالاﻫىدە تەكلىپى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇر يىگىتى مۇراد ناسىروف بۇ ناخشىنى مۇﻫەببەت ۋە ئىشتىياق بىلەن ئاخىرلاشتۇردى ۋە تاماشىبىنلارغا "بۇ ناخشا سىلەرگە ياقتىمۇ؟ سىلەر مېنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىلەر؟ كىمدە كىم توغرا جاۋاب بېرەلىسە كاتتا مۇكاپات بىلەن تارتۇقلايمەن" دېگىنىچە مېرسىدىس ماركىلىق ئېسىل پىكاۋىنىڭ ئاچقۇچىنى پۇلاڭلاتتى.
3QXjD/h 8X$LC --- قازاق - ؟ - رۇس - ؟
]y@F8$D! Q=uR Kh - ياق، مەن ئۇيغۇر يىگىتى، ﻫازىر ئېيتقىنىم ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى.
(X[CsaXt \2 y5_;O سەﻫنىگە گۈل ئېلىپ چىققان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پولكوۋنىك كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە، مۇرادنى باغرىغا باستى .
~ PWSo%W8 مۇراد ناسىروف ناخشىلىرىنىڭ مۇخلىسى، پرېزىدېنت كوچما ئەپەندى بۇ مەنزىرىدىن تەسىرلەنگەنلىگىدىن ئاتايىن سەﻫنىگە چىقىپ، مۇرادقا يۇقىرى باﻫالارنى بەردى.
>'uU)Y{ - مۇراد، بۇگۈنكى كۈندىكى ئەڭ چوڭ ئارمىنىڭىز نېمە؟
tR0pH8?e" j(:I7%3&(* -- قەشقەرگە بېرىش، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىغا كونسېرت قويۇش، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن تۆﻫپە قوشۇش .
}?F`t[+ Wz4&7KYY - سىزنى ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم .
fj7|D'c ;*ix~taL% -- كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئۆگەتكەنىدى. موسكۋادا يۈرۈپ بۇرۇنقىدەك راۋان ئوقۇپ يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ﻫەر ﻫالدا ساۋاتسىز ئەمەسمەن. ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ئىمزا قويۇشتا ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە يازىمەن.
[ EFMu;q رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ مەشﻬۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەﻫىرىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. مۇراتنىڭ ناسىروپ رۇسىيە ﻫازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساﻫەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان.
}$MN|s مۇرات ناسىروپ 1991-يىلى يالتادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تونۇلۇشقا باشلاپ، 97--يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" دېگەن ناخشىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەم دوستلۇقىدا شۆﻫرەت قازىنىپ، ياشلارنىڭ چوقىنىدىغان چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى.
#HS]NA|e@ مۇرات رۇسىيە سەﻫنىلىرىدە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقان
%Qg+R26U ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەﻫەتتە ئالمۇتا ۋە يەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ﻫەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ﻫاياتىنى ۋە ئاﻫاڭلىرىنى ئۆگەنگەن.
A:(*y2 قازاقىستان جۇمﻬۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپنىڭ قەشقەردىن راۋاب ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى ﻫەتتا قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
["\;kJ. مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ﻫەممىلا يەردە ئۇيغۇرنى تەشۋىق قىلغان. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە تاماقلىرىنى ﻫەم تارىخىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ۋە مارالبېشى نايىﻬىلىرىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمﻬۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.
Ax !+P\\2~ مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىمۇ مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئۆتكەن يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىلﻬام مۇكاپاتى" بېرىش مۇراسىمىدا باﻫالىغۇچىلار بىردەك ﻫالدا ئۇنىڭ تۆﻫپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساﻫەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىلﻬام مۇكاپاتى" بەردى.
pP(XIC مەرﻫۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى.
jx Jv. رۇسىيىنىڭ "كم.رۇ" ئىنتېرنېت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،2007-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەﻫىرىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.
R |KD&!~Z مۇرات ناسىروپنىڭ قازاقىستاندىكى يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ناخشا كېچىلىكىنى ئەسلىدە مۇرات ناسىروپ ﻫايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇنى قىلىش مەسىلىسى تۇغۇلغان، نەتىجىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىر يەرگە باش قوشۇپ، ئىقتىساد ئاجرىتىش ئارقىلىق بۇ كونسېرتنى مۇراتنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
vkLC-Mzm< رۇسىيە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش كونسېرتىنىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، بۇنىنغا موسكۋادا ياشايدىغان ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا قاتارلىق 50 مەشﻬۇر سەنئەتكار قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار مەخسۇس تۈردە مۇراتنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىش ﻫەم ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ناخشا ئورۇنلاشنى قارار قىلغان.
=@F&o4) r مۇرات ناسىئوپنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ سىرى تېخىچە يېشىلمىگەن بولۇپ، موسكۋادىكى تىببىي دېلولارنى تەكشۈرۈش ئورنى مۇراتنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا زەﻫەرلىك چېكىملىك ۋە ياكى ﻫاراق قالدۇقلىرىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ " مۇرات ناسىروپ زەﻫەرلىك چېكىملىك تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى" دېگەن يەكۈننى ئىنكار قىلغان
=IAsH85Q bI|2@HV2 ]}f9JNf$ ئالاھىدە ئەسكەرتىش:مۇرات ناسىروۋ ھەققىدىكى بۇ مەزمۇنلارنى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ <<مۇرات ناسىروپ ۋە مەن>> ناملىق ئىجتىھاتلىق ئەمگىكىدىن
klUQkz |<a قىسقارتىپ ۋە ئەينەن كۆچۈرۈپ پايدىلاندىم. شۇڭا تېمىدىكى بۇ مەزمۇنلارنىڭئەجر-مېھنىتى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن دوكتور نەبىجان تۇرسۇنغا مەنسۇپتۇر.
LkQX?2>] 


i*CZV|t US مەنبە؛ئەركەم تورى