-
تىزىم نۇمۇرى:7935 -
- تىزىم ۋاقتى:2012-01-23
- ئاخىرقى كىرگىنى2014-03-15
- تور ۋاقتى:3684سائەت
-
- تېمىسى280
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى2
- مۇنبەر پۇلى21580
- شۆھرىتى1982
- تۆھپە1982
- كۈمۈش تەڭگە1990
- ياخشى باھا1974
- بىلوگدوستلاشقورال
| — تېما باشقۇرغۇچى arman تەرپىدىن نادىرلاندى. (2013-03-13) — | | | | بەخىتسىز بەندىلەر gfk)`>E (پوۋېسىت) vr!J3H f شۇڭقار قادىر 8(3(kZx S ئادەم كىشلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدە خۇددىي بىر كېمىگە ئولتۇرغان يولۇچىغا ئوخشايدۇ. قىرغاقنىڭ باش تەرىپىدىن چىقىپ،مەلۇم مۇساپىدىن كېيىن يەنە بىر قىرغاققا يەتكۇزلىدۇ.باشلىنشى قىرغىقى تۇغۇلۇش،ئاخىرلىششى ئۆلۈم دېڭىزى بولسىمۇ بىز قارشى قىرغاققا تېزراق يېتىش ئۈچۈن ئالدىرايمىز. بەزلەر قارشى قىرغاققا يېتىپ بىرىپ ھاياتنىڭ شىرىن مىۋىسىدىن ھۆزۇرلانغىچە ھالاكەت ئەلچىسى بۇ كىشى روھىيتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئادەم پۇشايمان، نادامەتتە جان تالشىدۇ. بەزلەر يول ئارلىقىدا جۇدۇن سوققان ياپراقتەك ئۆزىنىڭ مۇساپىسنى ئاخىرلاشتۇردۇ، ئۇلار نە ئەزرائىل، نە ھالاكەت ئەلچىسنى ھېس قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ؛ دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك جۇدۇن چاپقۇنى ئادملەرنى ئۆيلىمىغان تەقدىرگە يولۇقتۇرۇپ، بەزلرنى تاۋلاپ پۇلاتتەك ئىرادە ئاتا قىلسا، بەزلەرنىڭ يۈرەكىنى يەۋىتىدۇ. شۇندىمۇ مەيلى نېمە قىسمەت سوغا بولسۇن ئىنسان ئۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ يەنە قولۋاققا ئولتۇرۇشقا مەجبۇربولىدۇ، چۇنكى بۇ يورۇق ئالەملا ئۇلارنىڭ جەننىتى بولالايدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ جەننەتكە قىيمايدۇ.ھەربىر ئاللاھنىڭ بەندىسى خالىسۇن، ياكى خالىمىسۇن ھامان بۇ كېمىگە ئولتۇرشقا ھاجەتمەن.ھەممە بۇ قولۋا قنىڭ رولنى تۇتۇشنى ئارزۇلاپ، ئۆمۇر بويى تىرشىپ- تىرمىشىمىز،ئۇلار بۇنى« يۇكسەك چوققا» دەپ ئاتاپ ، بۇ يۇكسەكلىكنىڭ پەقەت نەچچە مىليارت تەن بىر پېرسەنىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئاجىز كىلىدۇ. شۇنداق بولغاچ ئەسىرلەردىن بىرىبىر-بىرنى قىرغىن قىلىش، ئۆزئارا ۋەيران قىلىشتىن ھالقىپ ئۆزلىرنى باققان، ھاياتلىق ماددىي كاپالىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن، بويۇك تەبىئەتنىمۇ ۋەيران قىلىش بىلەن قانائەت ھاسىل قىلماي، ئۇلۇغ كۆك ئاسماننىمۇ، يەرشاردىن ھاللىققان، باشقا پېلانىتلارنىمۇ ۋەيرانچىلىق، ئەنسىزلىككە گېرىپتار قىلماقتا. مانا بۇ ئادەملەر ئىجاد تەبىئەتنى بوي سۇندۇرۇش، ئادىمىلىك ئەخلاقنى، كىشلىك ئەركىنلىككە ئايلاندۇۇش پەلسەپسى. دەل ئىنسانىي ئاچ كۆزلىك ئىنسان قەلبىگە ھۆكۇمرانلىق قىلدىغان مۇشۇنداق تار پەلسەپىۋى نوقتئىنەزەردىن قارغاندا ئادەملارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ھامان تەڭسىزلىققا ئۇچراپ، بەزىلەرنىڭ شەخسى كېمىسى بولىدۇ، بۇ كىمىنى نۇرغۇن ئاممىۋى كىمىدىكىلەر قورشاۋغا ئىلىپ، سەللا قاينامغا غەرىق بولسىا، يېڭىدىن بىر كىمىچى پەيدا بولۇپ، رولنى باشقۇرۇشقا ئاران تۇردۇ.بەزلەرنىڭ ئورتاق كېمىسى بولىدۇ، بۇ كىمىدىن رولچىلار قۇرۇق سۆز سىياسەتۋازلارنىڭ ياغلىما گەپلىرى بىلەن ئۇيەر-بۇيەردىن قۇربانلىق بىرىشكە، قۇربانلىق قىلنىشقا ئۇچراپ تۇردۇ. بۇ كىمىنىمۇ نۇرغۇن شەخسى كىمىسى بارلار قورشاپ، ئۇلارنى ئوزۇقلۇق قىلىشقا ھازىرلانغان بولىدۇ، بۇنى رولچىلار: خەتەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، دەپ تەدىبىر بىرىشىدۇ. مەيلى نېمە بولسۇن ھاياتلىق سەپىرى ئۈچۈن ئوخشاشلا شۇ كېمە بىلەن ھاياتىمىز باغلىنىپ كەتكەن، بىز شۇ كېمە ئىچىدە ئايلىنىپ ھەركەتلىنىپ تۇرىمىز. شۇ كېمىدە ھاياتلىقنىڭ چۇڭقۇر پەلسەپىۋى رەڭدارلىقىدىن ھۆزۇرلىنمىز.بىز بۈگۈن تونۇشماقچى بولغان توختى ئاشۇ ئورتاق كىمىنىڭ بەكمۇ چەت، بەكمۇ نامرات بۇلىڭىدىن ئورۇن ئالغان، ياشلىققا ئەمدى قەدەم ئىلىۋاتقان، يېگىت قۇرامىغا بىرىپ قالغان ئوغۇل بالا. _sjS'*] توختى بۈگۈن يەنەئانىسنى يوقلاپ تۈرمە ئالدىغايەنلا بىرخىل ئۇمۇت، سېغىنىش ئىلكىدە يەنە بىر قېتىم كەلدى. ئۇ بۇ يەرگە نەچچىنجى قېتىم كەلگەنلىكىنى، ئۆزىمۇ دەپ بىرەلمەيدۇ.ئۇ قولىدىكى مېۋە-چېۋە، نان-تۈرمىلەر قاچلانغان سومكىنى بىر يانغا قويۇپ، تۇرمە ساقچىسنىڭ ‹‹كىرسەڭ بولىدۇ››، دېگەن گېپىنى زارقىش،تەققەززالىق بىلەن كۇتتى.ئوكتەبىر ئايلىرنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى بولغاچ، يول بويىدىكى چىنارۋە مەخنۇن تاللار يوپۇرماقلىرى سارىغايغان، ئۇلارنىڭ تېنىدىن ئايرىلغان يېگانە يوپۇرماقلار سەلكىن شامالدا لەيلەپ يول بويغا ياكى ئاستىدكى نىمجان چىملىقلارغا ئاستا ئۇچۇپ چۇشمەكتە ئىدى. ,|%KlHo^ -كىرسەڭلار بولىدۇ. %lKw+D تۈرمە ساقچىسنىڭ قوپال ئېيتىلغان سۆزىدىن كېيىن، توختى ئىلىپ كەلگەن لازىمەتلىكلىرنى ئىلىپ، تۈرمە دەرۋازىسغا قەدەم قويدى. OY*y< | |