باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       420 
  •    ئىنكاس 
       0 

يىتىم-يىسىرلارغا مېھرىبانلىق قىلىش

قەۋەت ئاتلاش
kaisarhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7421

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   144 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8193 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   821 (قېتم)
 تۆھپە:   820  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 332
 سائەت
دەرىجىسى:
332 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-01
ئاخــىرقىسى:2013-08-14

يېتىم ئوغۇل ۋە يېتىم قىزلارغا مېھرىبانلىق قىلىش، ئاجىزلارغا ۋە مىسكىنلەرگە، دىلى سۇنۇق كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا شەپقەت قىلىش ۋە ئۇلارغا كىچىك پېئىل بولۇپ ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش توغرىسىدا {3`#? q^o'  
lyO_rZT  
اللھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن). ( سەن پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقنى تىلەپ ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن،ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇ- زىننەتلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن). ( يېتىمنى خارلىما، سائىلغا قوپاللىق قىلما). (دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۇڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۈشكەللەيدىغان،مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىپ قىلمايدىغان ئادەمدۇر). p0`Wci  
JR'Q Th:z  
1/260- سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئالتە كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلارنى قوغلىۋەتكىن، ئۇلار بىزلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا لايىق ئەمەس، دېدى. ئۇ ئالتە كىشى مەن ۋە ئىبنى مەسئۇد، ھۇزەيل قەبىلىسىدىن بىر كىشى، بىلال ۋە يەنە ئىككى كىشى بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتىمايمەن، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلۈگە اللھ خالىغان نەرسە كەچتى. كاپىرلارنىڭ بۇ گېپىگە قارىتا ئۆزى ئىچىدە ئويلىشىپ قالدى. شۇ چاغدا اللھ تائالا: (اللھ نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ئەتىگەن - ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن(([1]) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى. [مۇسلىمدىن] zu^?9k  
 .;iXe  
2/261 - ئەبۇھۇرەيرە ئائىز ئىبنى ئەمرى مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى بولسا، رىزۋان([1]) بەيئىتىگە قاتناشقانلاردىن ئىدى. سەلمان، سۇھەيىب ۋە بىلال قاتارلىق بىر قانچە كىشىلەرنىڭ قېشىغا ئەبۇسۇفيان كەلدى. ئاندىن ئۇلار: اللھ نىڭ قېلىچلىرى اللھ نىڭ دۈشمەنلىرىنى لايىق رەۋىشتە تۇتالمىدى، دېيىشتى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سىلەر بۇ سۆزنى قۇرەيشنىڭ چوڭلىرى ۋە كاتتىلىرىغا دەمسىلەر؟ دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇ گەپتىن خەۋەرلەندۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئى ئەبۇبەكرى! ئېھتىمال سەن ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويدۇڭ، ئەگەر ئۇلارنى غەزەپلەندۈرۈپ قويساڭ، اللھ ساڭا غەزەپلىنىدۇ« دېدى. ئەبۇبەكرى ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى قېرىنداشلار! سىلەر خاپا بولدۇڭلارمۇ؟ دېدى. ئۇلار: ياق، ئى قېرىندىشىم، اللھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن، دېدى. [مۇسلىمدىن] 7<|1 xOT  
Y@M=6G  
2623- سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »يېتىملارغا ئىگە بولغۇچىلار، مەن بىلەن جەننەتتە مانا مۇشۇنداق بىللە بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئېچىپ تۇرۇپ كۆرسەتكەن. [بۇخارىدىن] MvL%*("4b  
Ud`V"X  
4/263 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »مەيلى ئۆزىنىڭ بولسۇن، (ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ بولسۇن) مەيلى باشقىلارنىڭ بولسۇن يېتىملارغا ئىگە بولغۇچى بىلەن مەن جەننەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىللە بولىمەن« دېدى، شۇنىڭ بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان مالىك ئىبنى ئەنەس كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئېچىپ تۇرۇپ كۆرسەتكەن. [مۇسلىمدىن] .Z'CqBr[:  
Drk9F"J  
5/264 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »باشقىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىن بىر - ئىككى تال خورما ۋە بىر - ئىككى لوقما تائام بىلەن قايتقان ئادەم مىسكىن ئەمەس، ھەقىقىي مىسكىن دېگەن ئىپپەت قوغلىشىدۇ« دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس] cS4e}\q,  
%q2dpzNW  
يەنە بىر رىۋايەتتە: »كىشىلەرنى ئايلىنىپ بىر - ئىككى لوقما ۋە بىر - ئىككى تال خورما بەرسە قايتىپ كېتىدىغان كىشى مىسكىن ئەمەس، مىسكىن دېگەن ئۆزىنى بىھاجەت قىلغىدەك بايلىق تاپالمايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئاجىزلىغى سېزىلمىگىچە ئۇنىڭغا سەدىقىمۇ بېرىلمەيدىغان، كىشىلەردىن تىلەشنى خالىمايدىغان كىشىدۇر« دېيىلگەن A6q,"BS^d  
1#aOgvf  
6/265 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇل خوتۇنلارنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن تىرىشقۇچى ئادەمگە اللھ يولىدا جىھاد قىلغانغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ« دېدى ۋە يەنە »ھەمىشە نامازدا تۇرغانغا ۋە ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ« دېدى دەپ ھېسابلايمەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس] fnL!@WF  
N#Qby4w >  
7/266 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »تائامنىڭ يامىنى توينىڭ تائامىدۇر. ئۇنىڭغا ئۆزلىگىدىن كېلىدىغان كىشىلەر (يەنى مىسكىنلەر) چەكلىنىپ، كېلىشنى خالاپ كەتمەيدىغان كىشىلەر (يەنى بايلار) چاقىرىلىدۇ. كىمكى چاقىرىلغان يەرگە بارمىسا اللھ ۋە اللھ نىڭ رەسۇلىغا ئاسىي بولغان بولىدۇ«. [مۇسلىمدىن] tG^Oj:  
7:mM`0g!  
يەنە بىر رىۋايەتتە: »توينىڭ تائامى دېگەن يامان، ئۇنىڭغا بايلار چاقىرىلىپ، كەمبەغەللەر تاشلاپ قويۇلىدۇ« دېيىلگەن([1]). wvxN6  
8E.u3eS  
8/267- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى ئىككى قىزىنى ھەتتا بالاغەتكە يەتكىچىلىك باقسا، قىيامەت كۈنى ئۇ مەن بىلەن مۇشۇنداق كېلىدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنى جۈپلىدى«. [مۇسلىمدىن] N%_-5Q)so  
&q``CCOF&  
9/268 - ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ قېشىمغا بىر ئايال ئىككى قىزى بىلەن كىرىپ بىر نەرسە سورىدى. مەن بىر خورمىدىن باشقا بەرگىدەك ھېچ نەرسە تاپالمىدىم ۋە ئۇنى ئۇ ئايالغا بەردىم. ئۇ ئايال ئۇنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ ئىككى قىزىغا بەردى. ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن يېمىدى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرگەندە ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »كىمكى مۇشۇنداق قىزلار بىلەن سىنالسا ئۇ كىشى ئۇ قىزلارغا ياخشىلىق قىلغان بولسا، ئۇ قىزلار ئۇ كىشى ئۈچۈن دوزاختىن پەردە بولىدۇ« دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدس] "%qGcC8  
wH{lp/  
10/269- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ قېشىمغا ئىككى قىزىنى كۆتۈرۋالغان بىر مىسكىن ئايال كىردى. مەن ئۇنىڭغا ئۈچ دانە خورما بەردىم. ئۇ ئايال ھەر ئىككى قىزىغا بىردىن خورمىنى بەردى. بىرىنى ئۆزى يېيىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئاپىرىۋىدى، ئىككى قىز ئۇنىمۇ يىگۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئايال ئۇنىمۇ بۆلۈپ ئۇ ئىككىسىگە يېگۈزۈپ قويدى. مەن ئۇنىڭ ئىشىدىن ئەجەپلىنىپ بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن شۇ ئىشنىڭ سەۋەبى بىلەن اللھ ئۇ ئايالغا جەننەتنى ۋاجىب قىلدى. ياكى دوزاختىن ئازاد قىلدى« دېدى. [مۇسلىمدىن] G)5%f\&  
m`4Sp#m  
27011- خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرى خۇزائىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئى اللھ! مەن يېتىم ۋە تۇل ئايال كىشىدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن«. [نەسەئىدىن] FyZw='D  
bYgrKz@uK  
12/271 - مۇسئەب ئىبنى سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئىد ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »سىلەر پەقەت شۇ ئاجىز كىشىلەرنىڭ سەۋەبىدىنلا نۇسرەت ئاتا قىلىنىسلەر ۋە رىزق بېرىلىسىلەر« دېدى. [بۇخارىدىن] l_>^LFOA  
l)a]V]oQ  
27213- ئەبۇدەردا ئۇۋەيمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى ئاڭلىغان ئىدىم: »مېنى ئاجىز كىشىلەر ئارىسىدىن ئىزلەڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن رزق بېرىلىسىلەر ۋە ياردەم بېرىلىسىلەر«. [ئەبۇداۋۇدتىن] xh_6@}D2J  
^3*/x%A,g  
http://www.jasur.cnمەنبە
تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-06, 17:38
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى