باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1365 
  •    ئىنكاس 
       1 

يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز نۇرلانسۇن

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز نۇرلانسۇن @+;cFj  
بىلگىيار ياسىن
0oo*F  
   يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. بىر مىللەت بىلەن يەنە بىر مىللەتنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، يېمەك- ئىچمەككە تۇتقان پوزىتسىيىسى مۇتلەق پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن بېرى يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ ئۇنى ناھايىتى ئىلمىي تەرەققىي قىلغۇزۇپ كەلگەن. گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارنىڭ بىزنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىمىز دەپ قارالماقتا. بۇ خىل يېمەكلىكلەر تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭمۇ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. بەزى تائاملىرىمىزدىكى ئىلمىيلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى ماي گۈلى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ سەھىپە باشقۇرغان بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئائىت ناھايىتى مول ماتېرىياللارغا ئېرىشتۇق. يېمەك- ئىچمەكلىرىمىزنى توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى تۇتساق مەملىكەت مىقياسىدا ھەتتا دۇنيا مىقياسىدىمۇ تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. m";?B1%x  
   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر چەت ئەللەرگە چىقتى، چەت ئەل كۆرگەن ئاشۇ كىشىلەر بىز بىلەن چەت ئەللەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدىكى پەرقنى بايقىدى. پەرقنى بايقاش ئاسان، بىراق پەرقنىڭ تۈپ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، پەرقنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئاسان ئەمەس. XseP[  
   بىر مىللەت، بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇلار تۇرىۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىت ھەم تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلنىش شەكلىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا ماددىي شارائىتنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. &ej |DM6  
   ھازىر رېستوران ئاشخانىلىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى. يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيتىمىزدىكى ئەنئەنىۋىي تەركىبلەرگە يېڭى مەزمۇن، يېڭى شەكىللەر قېتىلدى. ئەنئەنىۋىي تائاملىرىمىزنىڭ جۇلاسى بىزگە ئىپتىخار ئاتا قىلغان بولسا، قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بەزى ناچار خاھىشلار كۆڭلىمىزنى خىرەلەشتۈردى. بەزىدە رېستوران ئاشخانىلىرىمىزدا ئىسراپ بولۇۋاتقان، تۆكۈلۈۋاتقان تاماقلارنى كۆرگەن چېغىمدا چوڭلار دائىم ئېيتىدىغان ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ھەققىدىكى ئېچىنىشلىق ھېكايىلەر ئېسىمگە كېلىدۇ. ھەممىلا ئادەم ئاچارچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە قورساق تويغۇدەك يېمەكلىك تېپىش مۈشكۈل بىر ئىش بوپتىكەن. AqjEz+TVt  
   ھەر قېتىم رېستورانلاردىكى تۆكۈلۈۋاتقان يېمەكلىكلەرنى كۆرگىنىمدە قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، ئەينى يىللاردىكى كىشىلەرنىڭ چۈشۈپ قالغان يېسىۋىلەك يوپۇرماقلىرىنىمۇ تالىشىپ تەرگىنى، ئاچارچىلىقتىن يەر ئاستىدا قالغان سۇڭ پىيازنىڭ چاچما غولىنىمۇ كولاپ خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلاپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ ماڭغانلىقلىرى، قارا ياغاچنىڭ يوپۇرماقلىرىنىمۇ تېپىلغۇسىز يېمەكلىك بولغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندەك بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. ئەۋلادلىرىمىز ئۇنى بىر چۆچەك ياكى رىۋايەت دەپ بىلىدۇ. بىراق مۇشۇنداق بىر ئەمەلىيەت ئۆتمۈشتە ھەسىرەتلىك يالداما قالدۇرغان. بۈگۈنكىدەك ئاسايىشلىق كۈنلەردە ئاشۇنداق بىر ئۆتمۈشنىڭ بولغانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتۇپ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيتىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان ناچار خاھىشلارغا ۋاقىتىدا بەرھەم بېرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. >3)AO04=;  
      تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ يەيدىغان يېمەكلىكلىرىدە ۋە يېيىش ئۇسۇلىدا خاسلىق بولىدۇ. مەسلەن، 1012-يىلى 12- ئايدا لوپنۇر مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان چېغىمدا لوپنۇرلۇق بىرەيلەن لوپنۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ بۇنىڭ ئىچىدە زىۋىش دېگەن بىر يېمەكلىكى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مەن زىۋىشنى بۇرۇن يەپ كۆرگەن بولساممۇ ئۇنىڭ قوينىڭ ئاچچىق ئۈچىيىدە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئېھتىمال بۇ خىل ئاچچىق ئۈچەيدە قىلىنىدىغان يېمەكلىك باشقا يەردە، يەنە بىر مىللەتكە بولماسلىقى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. زىۋىش قوينىڭ ئاچچىق ئۈچىيىدە قىلىنغىنى بىلەن يەپ كۆرگەنلەر ئۇنىڭ تولىمۇ يېيىشلىك يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. بېلىق يېيىش ھەققىدە شۈ بويۈئەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بىر ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«جۇڭگونىڭ غەربىگە قاراپ ماڭغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربى ئاسىيادىن ياۋرۇپاغىچە، ھېچ قانداق بىر مىللەت بىزگە ئوخشاش بېلىقنى بۇنداق پۈتۈنلا پىشۇرۇپ، بىر تەرەپتىن يەپ، بىر تەرەپتىن بېلىق قىلتىرىقلىرىنى تىلى بىلەن شاللاپ چىقىرۋىتەلمەيدۇ، بېلىق قورۇمىسى ۋە دۈملىمە بېلىق ئېتىشتە، بېلىق قاسراقلىرىنى تازىلايمىز، بىراق بېلىق سۆڭىكىنى تاشلىۋەتمەيمىز، ئاشپۇزۇللاردا بېلىق سۈڭىكىنى كۆيدۈرۈپ باشقىچە قىلىپ تەخسىسىنى بەش- ئالتە يۈئەنگە ساتىدۇ؛ ياكى خام پېتى بىر تال بېلىق سۈڭىكىنى ئىككى- ئۈچ يۈئەنگە ساتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئاچلىقتىن بەك قورققان بولسا كېرەك، ھېچ قانداق نەرسىنى تاشلاشقا قىيمايدۇ. ئافغانىستان، ئىران، ئىراق ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تارتىپ ياۋرۇپاغىچە، بېلىق سېتىۋالغىنىڭىزدا، بېلىق ساتقۇچى بېلىقنىڭ ئىچىنى ئېلىپ تازىلاپ تەييار قىلىپ بېرىدۇ ھەم بېلىق بېشى بىلەن ئىچىنى تاشلىۋېتىدۇ. شۇڭا جۇڭگولۇقلار سېتىۋالماقچى بولغان بېلىقنى تازلاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەنخۈيدىكى ئالىي دەرىجىلىك بىر رېستوراندا بىر خىل سېسىق بېلىقنى يېگەن ئىدىم. يەرلىكتىكى بىرى ماڭا : بۇ يۇرتىمىزدىكى ئالاھىدە بىر قورۇما، ئۇ تاساددىپىي بايقىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كونا جەمئىيەتتە بېلىقچىلار شىنئەن دەرياسىدا يېڭى بېلىق توشۇغاندا، بېلىقنى يېڭى ساقلاش ئۈچۈن ، بېلىق قاچىلانغان سوغىغا ئازراق تۇز چاچقان بولسىمۇ، نەتىجىدە بېلىقلار يەنىلا سېسىغان، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ بېلىقلارنى تاشلۋېتىشكە كۆزى قىيماي، ئۆيلىرىگە ئېلىپ بېرىپ پىشۇرۇپ يېگەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بېلىقچىلار باشقىچە مەززىلىك پىشقان، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق بىر خىل مەززىلىك بېلىق قورۇمىسى بارلىققا كەلگەن. ۋېنجۇدا بىر خىل كىچىك بېلىق قورۇمىسى بولۇپ، پۇرىقى سېسىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىنمۇ سېسىق ئىكەن. يازغۇچى لىن جىنلەن ۋېنجۇلۇق بولۇپ، بۇنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىكەن، دوستلىرى ۋېنجۇغا بارغاندا، ئۇلارغا بۇنى سوۋغا قىلىدىكەن. ناۋادا ئاۋسترالىيە قىتئەسىدىكىلەر بۇ خىل بېلىق پۇرىقىنى پۇراپ قالسا قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟»بۇ يازمىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكىلەر بىلەن باشقا جايدىكى كىشىلەرنىڭ بېلىق ئىستېمال قىلىشىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى ھېس قىلالايمىز. ھىندىستاندىمۇ بىزگە ئوخشىمايدۇ. ھىندى دىنىدا ھايۋاناتلارنى يېيىش مەنئىي قىلىنغان، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار گۆش يېمەيدۇ. گۆش يەيدىغان ھېندىستانلىقلارمۇ  پەقەت نەچچە خىل ھايۋاننىڭ گۆشىنىلا يەيدۇ. يېمەك- ئىچمەك قارشى جەھەتتە ئۇلار ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئورتاق قاراشقا ئىگە. ھىندىستاننىڭ دۆلەت باشلىقى نېھرۇ ئەينى چاغدا تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقىلىق مەقسەتلىك ھالدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە يېتەكلىگەن نېھرۇ ئونۋېرسىتىتىنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر جايىغا ئۇنىڭ :«ئاددى غىزا مول مەنىۋىيەت» دېگەن مەشھۇر سۆزى نەقىشلەپ قويۇلغان. xqzB=0  
       ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ھۇزۇرلىنىش ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق بىر نىسبەت بولۇشى كېرەك،يەنى غىزالىنىش كىشىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلىيالىسا ھەم ساغلاملىققا پايدىلىق بولسا يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيتىدە ئىجابىي تەرەققىيات بولىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەم ئارقىلىق يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيتىمىزگە باھا بەرگەندە ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى ھېس قىلغاندىن باشقا يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىمۇ بايقىيالايمىز. ;N!W|G  
n /Dk~Q)  
شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 12-سانىدىن ئېلىندى. d6{0[T^L  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-02-17, 20:07
http//:www.uyqamus.com
korax001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7511

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   294 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14708 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1474 (قېتم)
 تۆھپە:   1474  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9507
 سائەت
دەرىجىسى:
9507 سائەت 383 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-10
ئاخــىرقىسى:2013-08-12
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 02-23

قەدىرنى بىلەلمەي يۇرگەن مۇشۇنداق كۈنلەردە،باشقا مىللەتلەر قەدىرنى شۇنداق قىلىدۇ. JNL9t0 x  
ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ مەلۇم شەھرىگە 1 ئايلىق كاماندۇرۇپكىغا چىقىشلا تۇغرا كەپقىلىپ 3 كۈنلۈك پۇيىزدا مىڭىش جەرياندا مۇشۇ خەنلەرمۇ سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئەتكەن تاماق بەك ئۇخشايدۇ.شىنجاڭغا چىقىپلا قالسام سىلەرنىڭ تامىقىڭلارنى دەپ چىقىمەن.دەپ شۇنداق بىر گەپ بۇلۇشۇپ كەتكەن. NGs@z^&V  
شۇنداق قەدىرنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.قەدىرنى بىز قىلمىساق باشقا بىر كىشى قىلمايدۇ،ئەلۋەتتە. 6|@\\\l  
ياخشى تېما بىلەن ئۇچۇراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈرلەر بۇلسۇن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى