باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       503 
  •    ئىنكاس 
       2 

نوبېلنىڭ شۆھرىتى ۋە ھەسرىتى

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

نوبېلنىڭ شۆھرىتى ۋە ھەسرىتى p]6/1&t="  
ئالىم كېرىم كۆكئالىپ
7??j}ob>  
   ھەر يىلى 10- ئايدا پۈتۈن دۇنياغا شۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىسىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ھەمدە بىر مەزگىل ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن نوبېلنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مۇكاپاتنىڭ قانچىلىك نوپۇزىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 9$^v*!<z\  
   تېنى ئاجىز بىر بوۋاي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن قەغەزگە خەت يېزىۋاتاتتى. بۇ بوۋاي ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنياغا«پارتلاتقۇچ دورا پادىشاھى» دەپ نامى پۇر كەتكەن داڭلىق خىمىك، شۇنداقلا دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئالفىرېت نوبىل ئىدى. ئۇنىڭ يېزىۋاتقىنى بولسا ۋەسىيەتنامە بولۇپ، قايغۇ-ھەسرىتىنى يوقىتىش ۋە ۋىجدانى ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان بۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ ئۇنى تېخىمۇ شان- شەرەپكە ئىگە قىلىشىنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇ ۋەسىيەتنامىنى مۇنداق پۈتكەنىدى: }S9uh-j6l  
   مېنىڭ بارلىق بايلىقىم مەبلەغ قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆسۈمى مۇكاپات قىلىنسۇن. !< ^`Sx/+  
  مۇكاپات پۇلى تەڭ بەشكە بۆلۈنۈپ، تۆۋەندىكى بەش تۈر بويىچە مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى ئىنسانىيەت ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئادەملەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلسۇن. X6oY-4O  
   1. فىزىكا مۇكاپاتى: بۇ ساھەدە ئەڭ مۇھىم كەشپىياتى ۋە ئىختىراسى بولغان ئادەملەرگە بېرىلسۇن. e{,[\7nF  
  2. خىمىيە مۇكاپاتى: بۇ ساھەدە ئەڭ مۇھىم كەشپىياتى ۋە ئىختىراسى بولغان ئادەملەرگە بېرىلسۇن. Ec['k&*7,  
  3. فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتى: بۇ ساھەدە ئەڭ مۇھىم كەشپىياتى ۋە ئىختىراسى بولغان ئادەملەرگە بېرىلسۇن. 9'!I6;M  
  4. ئەدەبىيات مۇكاپاتى: بۇ ساھەدە غايىۋىلىك يۈزلىنىشنى ئىپادىلىگەن ئەڭ نادىر ئەسەرلىرى بولغان ئادەملەرگە بېرىلسۇن. MM Nz2DEy[  
  5. تىنچلىق مۇكاپاتى: دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ئۈچۈن، ھەربى ھازىرلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش، تىنچلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىش، شۇنداقلا تىنچلىق قۇرۇلتىيىنىڭ پرىنسىپلىرىنى يولغا قۇيۇش ئۈچۈن، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئادەملەرگە بېرىلسۇن. \8S HX  
   ھەر قايسى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئادەملەرنى تۆۋەندىكى ئورۇنلار بەلگىلەيدۇ: 'p(I!]"uo  
  فىزىكا، خىمىيە مۇكاپاتىنى شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى بەلگىلەيدۇ. !& xc.39  
  فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى ستوكھولم كارولىن تەتقىقات ئورنى بەلگىلەيدۇ. q,eXH8 x  
  ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ستوكھولم پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى بەلگىلەيدۇ. E- rXYNfy  
  تىنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋېگىيە پارلامېنتى سايلاپ چىققان بەش كىشىلىك كومىتېت بەلگىلەيدۇ. tL@m5M%:N2  
  دۇنيادىكى قانداقلا دۆلەتنىڭ ئادىمى بولسۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشسە بولىدۇ. مەن دۇنيادىكى نەتىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئادەمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. W>]=0u4  
Oo 95\Yf$N  
ئالفىرىد نوبېل -* ;`~5  
1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى v:$Y|mh  
  ۋەسىيەتنامىنى يېزىپ بولغان بوۋاي ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلاپ، كۈچلۈك پارتلاتقۇچ دورىنى بىخەتەر پارتلاتقۇچقا ئۆزگەرتىش جەريانى ۋە ياسىلىپ چىققان پاجىئەلەرنى بىرمۇ بىر ئويلاپ چىقتى. *S4*FH;8  
  گەرچە كۈچلۈك پارتلاتقۇچ دورا نىتروگلىسېرىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك كەشىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىخەتەر بولغان بۇيۇمغا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا بىر قانچە قېتىم ئېغىر يارىلاندى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كاللىسىدا بىرلا خىيال كېزەتتى، يەنى نىترو گلىتسېرىننى بىخەتەر قىلالىسا، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تۆمۈر يول ياساش،كان ئېچىشتەك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۈرتكە بولاتتى. تالاي قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئۇنى باش ئەگدۈرەلمىگەن بىلەن، قوشنىلىرىنىڭ تاپا-تەنىلىرىدىن قۇتۇلدۇرالمىدى. ھەتتا ئۇلار بېسىم قىلىپ، ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىنى يۇرت ئىچىدىن سىتوكھولمدىكى ئادەم شالاڭ، ئەتراپى دەل- دەرەخلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان مېلارېن كۆلىدىكى بىر كېمىگە يۆتكەشكە مەجبۇر قىلدى.ئۇنىڭ قان-تەرى بىكار كەتمىدى، ئاخىر بىخەتەر بولغان نىترو گلىتسېرىنلىق پارتلاتقۇچ دورىنى ياساپ چىقتى ۋە زاۋۇت قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بايلىقى كۆپىيىش بىلەن تەڭ، يۈز- ئابرۇيىمۇ ھەسسىلەپ ئۆسۈپ باردى. ئۇ «ئەمدى بىخەتەر بولدى» دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. ssC5YtF7X  
   ئۇنىڭ زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ، ئىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى پاجىئەلىك ھالدا قازا قىلدى. مەيلى ياۋرۇپا، مەيلى باشقا قۇرۇقلۇقلاردا بولسۇن ئۇ ياسىغان «بىخەتەر پارتلاتقۇچ» ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلىپ، تالايلىغان كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار بۇنىڭغا تايىنىپ ئۆز خەلىقىنى باستى، باشقا ئەل خەلقلەرنى قۇل قىلدى. بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق مۇجۇيتتى. ۋىجدانى نۇقتىدىن ئۇ  ئۆزىنى جاۋابكار ھېسابلايتتى. تۈگىمەس ھەسرەت ئۇنىڭ قەلبىنى ھەر ۋاقىت تىلغاپ تۇراتتى. ئۇ ۋەسىيەتنامىسىنى قايتىدىن بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن رازى بولغان قىياپەتتە بېشىنى ئاستا لىڭىشتىپ قويدى. APR%ZpG  
  1901- يىلىدىن باشلاپ نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىشقا باشلىدى. تا ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئالىملار دۆلەت تەۋەلىكى، مىللەت تەۋەلىكى، ئىرقىغا قارىماستىن بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولدى.دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت، ھەممە مىللەت بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئادەملىرى ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان؛ دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۆزلىرىدىكى بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان كىشىلىرى ئارقىلىق تەتقىقات كۈچىنى بازارغا سالىدىغان بولدى.مانا مۇشۇ سەۋەبلەر ۋە مۇكاپات سوممىسىنىڭ كۆپلىكى بىلەن بۇ مۇكاپات دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىلمىي شان- شەرەپنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ تۇرماقتا. دەل مانا مۇشۇ سەۋەبلەر ۋە مۇكاپات سوممىسىنىڭ كۆپلىكى بىلەن بۇ مۇكاپات دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىلمى شان- شەرەپنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ تۇرماقتا.دەل مانا مۇشۇلار ئالافىرېد نوبېلنىڭ ۋىجدان ئازابىنى يېنىكلىتىدىغان ساۋابلىق ئىشلار ئىدى، نوبېل شۆھرىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى. O~AOZ^a:2  
  نوبېل ھايات ۋاقتىدىلا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىپ تۇرغان چوڭ كۆلەمدىكى ئۇرۇشلار، جەڭ مەيدانلىرىدا ئاڭلىنىدىغان ئازابلىق ئېڭىراشلار، توپ-  توپى بىلەن ياتقان جەسەتلەر ۋە بىر قارىسىلا كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىلدۈرىدىغان،مېيىپ بۇلۇپ قالغان كىشىلەر نوبېلنىڭ ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ روھىغا تامامەن خىلاپ ئىشلار ئىدى. مەيلى ئادالەت يۈزىسسىدىن ياكى جاھالەت يۈزىسسىدىن بولسۇن، ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇشلاردا كيۇرى خانىمغا ئوخشاش ئالىمنىڭ بىۋاستە جەڭ مەيدانلىرىغا بېرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشى كىشىنى قاتتىق سۆيۈندۈرىدۇ، ئەمما، بەزى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان داڭلىق كىشىلەرنى سەلبىي جەھەتتىن ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ قېلىشىنى نوبېلنىڭ ھەسرىتىنىڭ داۋامى دىيىشكە بولىدۇ،مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭش ياكى ئىنسانىيەتكە ھامان خەۋپ تۇيغۇسىنى قالدۇرۇپ قۇيۇش نوبېل مۇكاپاتىنى خىجىل قىلىپ قۇيىدىغان ئىش. تارىختا بۇ خىل كىشىلەر ئۆتمىگەنمۇ ئەمەس. (P N!k0Y  
  1- دۇنيا ئۇرۇشى ھەممە كىشىگە مەلۇماتلىق بۇلغان ئاچكۆز ئىمپېرىيالىزمچىلار قوزغىغان بىر قېتىملىق ئاپەت خاراكتېردىكى ئادالەتسىز ئۇرۇش ئىدى. ئەمما، مۇشۇنداق ئۇرۇشتىمۇ ئاتالمىش «ۋەتەننى قوغداش» نامى بىلەن بىۋاستە جەڭگە قاتناشقان نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارمۇ بولغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى گېرمانىيەلىك لېنارد ئىدى. #wZ:E,R  
  لېنارد (1862ــــ 1947- يىللار) گېرمانىيە فىزىكى بۇلۇپ، داڭلىق فىزىك ھېرتىسنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ گېيدېلبېرگ ئونۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورلۇق  ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. گىل ئونۋېرستېتىنىڭ ۋە گېيدېلبېرگ ئونۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. يەنە تېخى رادىيوئاكتىپلىقنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. كاتود نۇر (مەنپىي قۇتۇپ نۇرى) نى تەتقىق قىلىشتا تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، 1905-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. UN}jpu<h  
  گەرچە لېنارد نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىدىيە جەھەتتە ئىنتايىن مۇتەسىسپ بۇلۇپ، 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ئىشتاب ئوفىتسېرى نامى بىلەن ھەربي فورما كىيىپ ئۇرۇشقا ئشتىراك قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئېينىشتېيىن بارلىققا كەلتۈرگەن نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە جان- جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان، ھەتتا ئېينىشتېيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالغان بولسا، ئۆزى ئېرىشكەن مۇكاپاتى قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالغان. ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئۇ يەنە گېرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى تەشۋىقات قورالى بولغان «گېرمانلارنىڭ فىزىكىسى» ۋە «يەھۇدىلارنىڭ فىزىكىسى» دەيدىغان تەتۈر، قىلچە ئىلمىيلىكى يوق بولغان ئاتالغۇلارنىڭ قوللىغۇچىسى ئىدى. PDcZno?  
  ئەلۋەتتە، لېناردنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭ پەندىكى تۆھپىسى بىلەن ئىككى يولدا بولسىمۇ، ئۇنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدىغان قىلمىش، شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتنى بارلىققا كەلتۈرگەن نوبېلنىڭ ھەسرىتىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ. z_p/.kQ'5  
  ئۇراننى پارچىلاشتا بارلىققا بارلىققا كېلىدىغان زەنجىرسىمان رېئاكسىيىدە بايقالغان زور ئېنېرگىيە دەل گېتلېر تەخىتكە چىققان، پۈتكۈل ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا ئاسمىنىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلىغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. بۇ خىل ۋەزىيەتتىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى، تەلۋە گىتلېرنىڭ بۇ پەن نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، قىرغىنچىلىقى زور بولغان قورالنى ياشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىلا ئويلىغان ئالىملار ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى روزۋېلتقا خەت يازدى.خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى بولسا داڭلىق نىسپىيلىك نەزەرىيەىسىنىڭ ئىختىراچىسى ئالبېرت ئېينىشتىيىن ئىدى. ئۇ خېتىدە، ئۇران ئىلمىنتىدىن قىرىش كۈچى ئىنتايىن زور بومبا ياساشقا تامامەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىللە، يەنە ئوراننى پارچىلاشنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە تەتقىقات خىراجىتىنى كۆپەيتىپ بېرىش، دۇنيادىكى ئوران كانلىرىنى تىزگىنلەش، تەتقىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، گېرمانىيىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلغاندى. }$ Am;%?p  
   ئېينىشتېيىن بۇ خەتنى يېزىشنى ئۆزى ۋىجدانىي نۇقتىدىن توغرا دەپ قارىسىمۇ، ئۇ «قان بىلەن قاننى يۇغىلى بولمايدۇ» غانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندى. چۈنكى قۇدرەتلىك بومبىنى مەيلى ئامېرىكا بۇرۇن ياسىسۇن، مەيلى گېرمانىيە بورۇن ياسىسۇن ئىنسانىيەتكە بىر قاباھەتنى قالدۇرۇپ قۇيۇشى ئېنىق ئىدى. bG0t7~!{E  
  بۇ خەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا دائىرلىرى دەرھال «مانخاتتون پىلانى» دەيدىغان ئاتوم بومبىسى ياساش گۇرۇپپىسىنى قۇردى. بۇ پىلانغا ئاجرىتىلغان ئىقتىسادنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئالىملارنىڭمۇ بۇ پىلانغا قاتنىشىشى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل قىلغان نەتىجىلىرى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشى پۈتۈنلەي زىت مەۋقەدە ئىدى. ArUGa(; f  
  «مانخاتتون پىلانى» غا قاتناشقان ئالىملارنىڭ ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھابىلىرى بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيتتى. بۇ پىلاننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مەسئۇللۇقنى ئۆتىگەن كومپتون(1982ـــــ1962 يىللار) «كومپىتون ئېففېكتى» دەپ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئېففېكتىنىڭ بايقىغۇچىسى بۇلۇپ، 1927-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا دانىيىلىك بور (1881ــــ1962-يىللار)مۇ تا ھازىرغا قەدەر ئاجايىپ تالانتى بىلەن مەشھۇر بولغان ئاتاقلىق ئاتوم فىزىكا ئالىمى ۋە كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپاچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1922-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئىتالىيەلىك فېرمى (1901ـــــ1954-يىللار) ئۆزىنىڭ ئىزوتوپلارنى بايقاش جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن 1938-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يەنە ئۇنىڭ نيتىرون تۇتۇش تېخنىكىسى ۋە ئۆزى 1942-يىلى لايىھىلىگەن تۇنجى ئاتوم رېئاكتورى بىلەن تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان زەنجىرسىمان رېئاكسىيىنى تىزگىنلەپ، ئاتوم بومبىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. ئەنگلىيىلىك تالانتلىق فىزىكا ئالىمى چادۋىك  (1891ـــــ1974-يىللار)نېيتروننى تاپقانلىقى ئۈچۈن 1935-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن تالانتلىق ياش ئالىملار بۇ پىلانغا قاتناشتۇرۇلغان بۇلۇپ، بۇ پىلاننى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كاتتا قۇرۇلۇش دەپ ئاتاش مۇمكىن. لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، يادرو قورلى ئىنسانىيەتنىڭ بەختىگە چۈشكەن قارا سايە بۇلۇپ قالدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەشكىللىگەن گۇرۇپپىسىغا قارىغاندا گىتلېرنىڭ تەشكىللىگەن گۇرۇپپىسى كۆلەم جەھەتتىن كىچىك بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭدىمۇ مۇنەۋۋەر ئالىملار بار ئىدى. يەنى 1914- يىلى رېنتگېن نۇرى ئارقىلىق بۇ نۇرنىڭ كرىستالدىكى دېفراكسىيەنى بايقىغان ھەمدە كىرىستالنىڭ ئاتوم رېشاتكىلىق تۈزۈلۈشىنى ئىسپاتلىغان، مۇشۇ نەتىجىللىرى بىلەن 1915-يىلى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان لائوئې (1879ـــ1960-يىللار) كىۋانت مېخانىكىسىنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، 1932-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان،«ئاتوم فېزىكىسى ئاتىسى» دەپ ئاتالغان ھېيېزېنىبېرگلار بار ئىدى. بۇلارنىڭ تالانتى«مانخاتتون پىلانى»دىكىلەردىن قېلىشمايتتى. GiN\nu<!  
   1945-يىلى 6-،8-،ئاۋغۇست كۈنلىرى ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ ناگاساكى ۋە خىروسىما شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. پۈتۈن شەھەر خارابىلىققا ئايلاندى. يالغۇز خىروسمادىلا 80مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھالاك بولدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندا، بۇ بومبىنى ياساشقا قاتناشقان پۈتۈن ئالىملارنىڭ ۋىجدانى ئازابلاندى. ئېينىشتېيىن بولسا ئۈزىنىڭ خەت يازغىنىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدى. چۈنكى بۇ بومبىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان «ماسسا ئېنېرگىيە تەڭلىمىسى»نىڭ ئوينىغان رولىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانىيەت يادرو دەۋرگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىگە قورقۇنچنى ھەر ۋاقىت ھەمرا قىلىۋالدى. D/Y.'P:j  
   ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە 1945-يىلى گىرمانىيەدىن ھېيېزېنىبېرگنى ئەسىرگە ئالغاندا،  گېرمانىيىنىڭ 1942-يىللار ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن توختىغانلىقىنى بىلدى. شۇ ۋاقىتتا ھېيېزېنىبېرگ :«بىز ئالىملار بىر قېتىملىق ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالدۇق» دېگەنىكەن. بۇ سۆزگە نوبېلنىڭ ھەسرىتى يوشۇرۇنغان،  ئەلۋەتتە. gHC -Y 0_  
   دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى شۇنىڭدىن كىيىن ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا دەلدەڭشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئاتوم قۇرالىنىڭ سايىسىنى يوقېتىۋېتەلمىدى،ھەتتاكى، 2009-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يىللق نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنى توسىيالمىدى. Q+[e)YO)  
  ئاتوم قورالىنىڭ ياسىلىشى ۋە دۇنيانىڭ بەزى بىر رايۇنلىرىدا ھېلىمۇ ئۇرۇشنىڭ داۋام قىلىشىنى تۈرلۈك سەۋەپ، پەتىۋالار بىلەن پەردازلىغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ نوبېلنىڭ كۈتكىنى ئەمەسلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.نوبېلنىڭ شۆھرىتى يالغۇز بىر ئۆزىنىڭلا بولغان بىلەن ئۇنىڭ ھەسرىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەسرىتى بۇلۇپ قالدى. 0f1Lu)2  
x(z[S$6Y\  
Ak$gh b  
شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 12-سانىدىن ئېلىندى. Wr7^  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-02-16, 09:55
 
http//:www.uyqamus.com
opik31
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13653

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   135 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7214 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   722 (قېتم)
 تۆھپە:   722  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2523
 سائەت
دەرىجىسى:
2523 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2013-08-20
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 02-16

Nobil Ning tohpisimu bar mikan tehi
buyuknur
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14094

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   250 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   25 (قېتم)
 تۆھپە:   25  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-02-12
ئاخــىرقىسى:2013-03-13
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-17

بىزلەرنۇ ئالارمىزمۇ بۇ كاتتا مۇكاپاتنى،ھە تۇققانلا؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى