باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       244 
  •    ئىنكاس 
       1 

سىپايىلىك ئاق كۆڭۈللۈككە باراۋەرمۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29

سىپايىلىك ئاق كۆڭۈللۈككە باراۋەرمۇ؟ `F+x]<m!  
ھېش فىرىدمەن [ئامېرىكا]
YT(1"{:  
2eR+dT  
تولۇق ئوتتۇردىكى چېغىمدا ئانام مېنى گىرمانىيەنىڭ ۋېيىسبادېن شەھىرى-ئارىشاڭ ئىستىراھەت شەھىرىگە دەم ئېلىشقا ئېلىپ بارغانىدى. بۇ شەھەر 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەتراپتىكى رايۇنلىرىنى بومباردىمان قىلىدىغان ھاۋا ئارمىيسى بازىسى قىلىپ ئشلىتىلگەچكە، شەھەردىكى ھەممە  نەرسە-كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، مۇزېي، كۆل، تىياتىرخانا، ئارىشاڭ ، سۇ ئۈزۈش مەيدانى-ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغانىدى. بۇ شەھەر گىرمانىيەنىڭ ئۇرۇشىتىن ئاۋالقى مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.   &pY G   
On.x~ t  
بىز ئىنتايىن راھەت يۈز يىللىق سارايغا چۈشتۇق. كەڭرى، ئاستى يەرگىچە تېگىدىغان دېرىزە، ئېگىز تۇرۇسقا ئۇيۇلغان كىچىك پەرىشتىلەر بىزگە نەزەر سېلىپ تۇراتتى. بىز يەھۇدىيلارنىڭ نېمىشقا جاھىللىق بىلەن بۇ  يەردىن كېتىشنى خالىمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، بارلىق مەدەنىيەت ۋە بېزىلىش  روھى كەيپىياتىمىزغا ئازادىلىك بېغىشلىغانىدى. گەرچە نۇرغۇن نېمىسلار بىلەن دوس بولغان بولساممۇ،ئختىيارسز ھالدا كۆڭلۈمدە، نېمىشقا يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق سىپايە، قائىدە-يوسۇنلۇق ئەلدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ، دىگەن سۇئال پەيدا بولاتتى؛ ھەر قېتىم دەرەخ سايىسى چۈشۈپ تۇردىغان كوچىدا سەيلە قىلىپ ماڭغىنىمدا، سپايىلىك بىلەن ئاق كۆڭۈللۈك ئوتتۇرسىدا زادى قانداق پەرىق بار، دېگەن سۇئال كاللامنى چۇلغىۋالاتتى. ]z q_gV8k  
cD`O+WA2K  
نيۇيورك يېشىۋا ئونۋېرسىتېتىنىڭ مەرھۇم مەكتەپ مۇدىرى رابىن خەنت دائىم كىشىنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتۇۋېتىدىغان بىر ھېكايە ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرەتتى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ياۋرۇپادىكى ئوقۇغۇچى مەزگىلىدە بىر ساۋاقدىشىنىڭ تەربىيە كۆرگەن، سىپايە نېمىسلارنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق گىرمانىيە سەپىردە ئۆزلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى زور ئشتىياق بىلەن سۆزلىگىنىنى ئاڭلىغانىكەن. ئۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئەسلىشىچە، ھەر قېتىم ئۇلار يول سورىغاندا، گىرمانىيەلىكلەر يولنى دەپ بەرگەندىن سىرت ، يەنە ناھايىتى ئەدەپ بىلەن :‹‹خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟››دەپ سوراپ قويىدىكەن. c'#J{3d  
50 يىلدىن كىيىنكى ئامېرىكىدا  بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئۇچرىشىشتا خەنت ئەينى چاغدىكى ساۋاقدىشىنى تونۇپ قاپتۇ. خەنت ياقا يۇرتتا كونا تونۇشىنى ئۇچرىتىپ قالغانلىقىدىن بەكلا خۇشال بۇلۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلاپ كېتىپتۇ، لېكىن ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ بىر قولى سۇنئىي ئىكەن. ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپتۇ: !4,xQ ^  
__  مەن ئەينى چاغدا گېرمانىيەلىكلەردىن ئۈگۈنىشنى تەرغىب قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدىم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئازغانلىقىمنى ھېس قىلماپتىكەنمەن. جازا لاگېرىدا بىر ناتسىنىت بىر تەرەپتىن قۇلۇمنى كېسىپ ، بىر تەرەپتىن ‹‹بەك ئاغرىدى، شۇنداقمۇ؟››دەپ سورىدى... A{Htpm~  
گېرمانىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن مەن قائىدە-يوسۇننى دوسلۇقنىڭ، لايىقىدا ئەدەپ-ئەخلاقنى ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايتم. لېكىن ، مەن ھازىر مەدەنىيەتلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاق كۆڭۈللىككە باراۋەر ئەمەسىلىكىنى بايقىدىم. ئۇنداق بولسا كەم بولغان تەركىب زادى نېمە؟ قانداق قىلغاندا بىر بالىنى ئاق كۆڭۈل قىلىپ تەربىلەپ چىققىلى بۇلىدۇ؟ دادا بولغاندىن كېيىن بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپتىم. بىر كۈنى بىر ياشلىق ئوغلۇمنى سىيرىلغۇچقا قويغۇنۇمدا ئۇنىڭ ناھايىتى قورقۇۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، شۇنداقتىمۇ ئۇنى يەنىلا ئاستا ئتتىرىپ قويدۇم كۆڭلۈمدە ئۇنى ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇ قورقىنىدىن سىيرىلىپ چۈشكىنىچە سىيرىلغۇچنىڭ تاختىسىغا ئۈسسۈپ چىرقىراپ كەتتى، بىر ئايدىن كېيىنمۇ سىيرىلغۇچقا بولغان قورقۇنۇچنى يۇقىتالمىدى.   %V1T !<  
توساتتىن ئۆزۈمنىڭ مىھرىبانلىق قىلمىشىمغا باشقىلارنى قەتئي ئويلىماسلىقىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئوغلۇمنىڭ يىغا-زارىنىڭ توختىىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇددى دوزاخ ئشكىنىڭ ماڭا تاراققىدە قىلىپ ئېچىلغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مەن ھەرگىزمۇ بالامنىڭ قەيسەر روھىنى يىتىلدۈرمىگەندىم، پەقەت ئۇنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈپ ئەسلى قىياپىتىمنى ئاشكارلاپ قويغاندىم . بۇنىڭدىن بىئارام بولۇپ ئۆزۈمنى خۇددى ئالۋاستىدەك  ھېس قىلىپ قالدىم، مەن ھېچقانداق قارشىلىق كۈچى يوق بالىدىن ئۆزۈمنىڭ خۇشاللىقنى ئىزدىسەم بولمايتتى. شۇ ئشتىن كېيىن كۆڭلۈمدە :‹‹ئەگەر ناتسىست گىرمانىيەسى مەزگىلىدە بىر گىرمانىيەلىك بولۇپ قالغان بولسام، تەبىئيلا ئۆزۈمنىڭ سىپايە تاشقى قىياپىتىمنڭ ئىچىدە ئنسان تەبئيتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى-ئىنسان قىممتىنى قەتئي چۈشەنمەسلىكنڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. 07"Oj9NlA  
ئۆزۈمدىكى مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى بايقىغاندىن كېيىن ئازراق تەسەللى تاپقاندەك بولدۇم ۋە باشقىلاردىمۇ ئوخشاش خارەكتېر كەمچىلىكى بارلىقىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقىدىم. قىزىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان ئانا ئەمدىلا ئايىغى چىققان ئوغلىنىڭ يولغا چىقىپ قالغانلىقىنى سەزمەيدۇ؛خۇشاللىق بىلەن جىيەنىنى كولدۇرلىتىۋاتقان تاغا بالىنىڭ تازا خۇشال بولمايۋاتقانلىقىنى سەزمەيدۇ؛ مۇماي خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كەتكەن نەۋرىسىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويماستىن  ئۇنى ساھىبجاماللارنى تاللاش مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇرىدۇ...   RGA*7  
بۇلارنىڭ ھەممىسى سىپايىلىكتە چېكىگە يەتكەن، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە  باشقىلارنىڭ ئازابىنى ھېس قىلالمايدۇ. مەن ئانامنى ئويلاپ قالدىم، ئۇ ئەزەلدىن مېنى خالىمىغان ئشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايتتى. تېكساستىكى چاغلىرىمدا كىچىك بولساممۇ ئۇ ماڭا پەقەت پادىچىلار كىيمى، پادىچىلار شىلەپىسى ۋە ئۈتۈكتىن باشقا ھەر قانداق كىيىمنى كىيىشكە زورلىمىغاندى. ئانام بەلكىم مېنىڭ كىيىمىمنىڭ پاسونىدىن ئوڭاسىزلانغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ يالغۇز سىپايە بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەتتى. |wb(rua  
مەن ئۈچ ياش چېغىمدىلا ئانامنىڭ مېنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى بايقىغانىدىم. ئۇ ئەزەلدىن مېنى قىلىشنى خالىمىغان ئشلارنى قىلىشقا زورلىمايتتى، ئەزەلدىن مېنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىغان ۋە مېنىڭ شەخسىي ھېسىياتىمغا دەخلى قىلىپ باقمىغانىدى.     2-c0/?_4  
‹‹ھەقىقي ئاق كۆڭۈل››   بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش، بىز مۇشۇنداق ئاڭنى شەكىللەندۈرشىمىز لازىم. ئەگەر بىز باشقىلارغا ئۇلار خالىمىغان ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلساق، شۈبھىسىزكى ئۇلارغا ئازاب ئېلىپ كېلىمىز. ئەگەر بىزدە باشقىلارنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدىغان قەلىب بولسا، ئۇلاردىمۇ ئادىمىيلىكنىڭ بارلىقىنى سېزەلەيمىز. g?AqC  
بۇنى بىر ئۆمۈر يېتىشتۈرۈشكە موھتاج بولىمىز. تا بۈگۈنگىچە ئۆزۈمنىڭ يەنىلا ئېھتىياتسىزلىقتىن بالامنىڭ چېچىنى بۇزىۋىتىدىغانلىقىمنى؛ ئۆزۈمنىڭ قىلۋاتقان ئىشىمغا زىيادە بېرىلىپ كېتىپ باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئېتىبارسىز قارغانلىقىمنى بايقىدىم. بىزنىڭ ئازابىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇشنىڭ كەملىكىدىن كەلگەن، چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ تەنھا ۋە بىردىن بىر ئوبراز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدىغان ئادەملەر تولىمۇ ئاز. مۇشۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەندىلا بىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ غورورىنى قوغداشنى بىلەلەيمىز، بۇ ئادىمىيلكنىڭ ھايۋانىيلىقىنى يېڭىشىدىكى ئەڭگۈشتەردۇر.   EMw(%}8w  
تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى ]bE?n.NwZ  

تېما تەستىقلىغۇچى : bayawan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-02-13, 20:13
 
http//:www.uyqamus.com
kizilkoyax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14103

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   490 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   50 (قېتم)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 252
 سائەت
دەرىجىسى:
252 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-02-12
ئاخــىرقىسى:2013-06-08
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 02-14

مىنىڭچە سىپا يىلىك ئاق كوڭولۇككە بارەۋەر ئەمەسمىكىن دەيمەن  。
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى