باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       746 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئويغۇر  ساخاۋەتچى

قەۋەت ئاتلاش
فارۇق351

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13302

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13610 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1360 (قېتم)
 تۆھپە:   1360  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1337
 سائەت
دەرىجىسى:
1337 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-06-13

يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگراممىسىنىڭ بىر ئالاھىدە سانىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ساندا خوتەن دىيارىدىكى پۇل تاپقاندا كۈتۈپخانا قۇرۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان بىر ساخاۋەت ئىگىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا سالدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئويلىنىش تەپەككۇرىنى ئويغىتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشنى لايىق تاپتىم. C c*( {  
فىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر بولۇپ، ئۇ 24 يېشىدىن باشلاپ بېيجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە يىپەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇلللانغان ۋە تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىپەك مال ئېكىسپورت قىلغان.  تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. KFDS q"j  
Fk1.iRVzi  
D|_V<'  
"+|L_iuNQ  
فىرانسىيەنىڭ بىر كوچىسىدا يۈز بەرگەن بىر كىچىك ۋەقە ۋە مېترودىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ھەمدە ئۇنى چوڭقۇر ئويغا سالغان.  ئاخىرى ئۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى، يەنى، ئىنساننىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش يارىتىلىدىغانلىقى، پەقەت مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك مەدەنىيەت ساپا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئارقىلىقلا ئىنساندا مەدەنىيەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى  تونۇپ يەتكەن.  ئەستايىدىل ئويلىنىش نەتىجىسىدە ئۇ بىر كۈتۈپخانا قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە ئون يىل پۇختا تەييارلىقتىن كېيىن  2012-يىلى خوتەن  شەھىرى گۈلباغ سودا سارىيىغا 350 كىۋادرات مېتىرلىق «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. كۈتۈپخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. mJC3@Vs  
كۆزىتىش ئارقىلىق، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ئىشتىياقى بارلىقىنى ، لېكىن كىتاب سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىدا ئەركىن ئازادە  كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا چاي ئېلىش ئورنى بەرپا قىلغان. كېيىن بىر ياشانغان كىشىنىڭ قاتتىق ناننى چاي بىلەن يەپ ئولتۇرۇپ  كىتاب كۆرۈۋاتلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچى سىيرىلغان ۋە ئۆز ئاشخانىسىدىن بىر قاچا تاماق ئېلىپ چىقىپ بۇ كىشىگە سۇنغان، بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈتۈپخانا خېرىدارلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى ھەر كۈنى كۈتۈپخانىغا كېلىپ  ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇغان ئادەمگە بىر ۋاق ھەقسىز تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ خالىسانە روھى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى خوتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قول يازما ۋە باشقا قەدىمكى ئەسەرلەرنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ، كۈتۈپخانىغا جۇغلىغان ۋە خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان ھازىر كۈتۈپخانىدىكى كونا قول يازمىلارنىڭ سانى ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، يېڭى كىتابلارنىڭ سانىمۇ بەش مىڭ پارچىدىن ئاشقان. ئۇنىڭ كۈتۈپخانا قۇرۇش ۋە قول يازمىلارنى جۇغلاشقا سالغان مەبلىغى تۆت مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان تاماق بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە. J!h^egP  
خوتەن «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەر كەسپ كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. يېقىندا خوتەنگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن بارلىق يازغۇچى-شائىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ كۈتۈپخانىىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتى. - 8bNQU  
بۇ كۈتۈپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، يەنە خېرىدارلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىشى خەلقنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، كىتاب ئوقۇش ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، قول يازمىلارنىڭ توپلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق شەرت-شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. (][LQ6Pc  
ئىلقۇت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى 2000-يىلىدىكى <«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە> دېگەن ماقالىسىدا، ئۆزىنىڭ <كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار> دېگەن ماقالىدىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان ئىدى.. _3>djF_u  
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن. =Q(vni83<  
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق.. $/_ qE  
كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم)مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق (شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ. (j&A",^^S  
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق.. z`$J_CjY  
كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يېتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار (مەسىلەن خەنزۇ تىلى)دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ. I*\^,ow  
خالاس...... 2 x 4=  
مانا بۈگۈن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك قەلبى ياخشىلىق، مەرىپەت ئۈچۈن سوققان  بىر ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى  ئۇيغۇرلاردىكى كىتاب ئوقۇغىلى پۇل يوق ياكى ئوقۇغىلى كىتاب يوق ئەھۋاللارنىڭ ياخشىلىنىشىدا چوڭ رول ئوينىدى. Vhg1/EgUr  
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا نىسبەتەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچە پەرۋاسىز ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى  بايقايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىتابخانىلار ئېچىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ساپايىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت ۋە دەۋرنىڭ بىزگە قويۇۋاتقان تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بىز پايدىلىق كىتابلارنى، كىتابخانىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىمىز، ھەممىدىن مۇھىمى، كىتاب ئوقۇش ئېڭىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك ئالىيجاناپ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، ياخشىلىقنى قوغلىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىدىغان ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىش ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشقا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشى كېرەك.   >V;,#5F_  
<I=$ry6 8  
Hs0pW5oZ  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-02-13, 09:16
 
opik31
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13653

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   134 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7194 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   720 (قېتم)
 تۆھپە:   720  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2162
 سائەت
دەرىجىسى:
2162 سائەت 138 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2013-06-22
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 02-13

Atrapimiz da  muxun dak ki xi lar mu ba
tetanek
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14117

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   250 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   25 (قېتم)
 تۆھپە:   25  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2
 سائەت
دەرىجىسى:
2 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-02-13
ئاخــىرقىسى:2013-02-28
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-13


تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى