IT5a/;J مەن بىر دوستۇم بىلەن قەرەللىك مال سودىسى قىلاتتۇق .توردا ئادەتتە ئالتۇندىن تارتىپ 50 خىلدىن ئارتۇق تاۋارلارنىڭ سودىسى بولاتتى .
:tTP3t5 توردىكى بۇ بازار ئەتىگەن سائەت 7 دە باشلىنىپ چۈشتە ئاخىرلىشاتتى .
=eB^(!M بىز ئادەتتە ئالتۇن ، كاۋچۇك ، شىكەر ، تۆمۈر ،پاختا ، سىنىك ، كۈمۈش قاتارلىق تاۋارلارنى ئالاتتۇق ، مۇۋاپىق پايدا قىلسا ساتاتتۇق .
xBevf&tP بىر تاۋارنى ئىلىش ئۈچۈن خىلى ئوبدان باش قاتۇرماي بولمايتى . شۇ مالنىڭ بازار ئەھۋالى ، يىقىنقى ۋاقىتتىكى ئىشىش، چۈشۈش ئەھۋالى، خەلقىئارا ۋەزىيەت ، بانكىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە قاتارلىقلارنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ ئىش تۇتمىغاندا ئىغىر زىيان كۆرۈلەتتى .
:OFL@byS بەزىدە بىزنىڭ مۇلاھىزىمىز توغرا چىققاندا 5-10مىنۇتتىلا 2-3 مىڭ يۈەن پايدا كەلتۈرەتتى .ئەگەر توغرا چىقمىسا 2-3 مىڭ زىيان كەلتۈرەتتى . 3-ئاپرىل بىز كاۋچۇك مەھسۇلاتى ( بالۇن ) ئىشىپ كىتىدۇ دەپ قارىدۇق (سەۋەبى كاۋچۇك ماكانى بولغان تايلاند ،مالايسىيە تەرەپلەردە كەلكۈن كەلگەن ئىدى )
P+/6-C J بۇ كۈنى كاۋچۇكنى شۇ مۇلاھىزىمىز بويىچە توردا ئالدۇق . بۇ كۈنى كاۋچۇكنى بازار يىپىلىشقا ئاز قالغاندا ئالغاچقا 300 يۈەن پايدا بىلەن بازار يىپىلدى .بىز بۈگۈن بۇ مالنى تاشلاپ قويايلى . پايدىسى بەك ئاز بولۇپ قالدى . ئەتە كەم دىگەندە 3000 يۈەن پايدا ئالغاندا سىتىۋىتەيلى ،دىيىشتۇق .
fcLVE ئەتىسى بازار باشلاندى . بىز ئويلىغاندەك بازار خىلى يۇقۇرى ئىچىلغان ئىدى .كىرىم -چىقىم بىتىمىزگە قارىساق ھەر-بىرىمىزگە 3100 يۈەندىن پايدا قىلغان ئىدى . دوستۇم --مەن كىچىچە نۇرغۇن پۇلغا ئىرىشىپ چۈشەپ قاپتىكەنمەن . بۈگۈن ئاز پايدىدا ساتمايمەن جۇما بۇ مالنى ،دىدى.
uLK4tQ بازار كۆرسەتكۈچى بارغانسىرى ئىگىزلەپ پايدا 4000 يۈەندىن ئاشتى . مەن --قانداق ساتامدۇق ؟دىدىم . دوستۇم --ياق يەنە ئاشىدۇ--بۇ ! دىدى ھاياجاندا. راسىت دىگەندەك بازار ئىشىپ پايدا4800 يۈەنگە يەتتى .
x]X!nx6G دوستۇم-- مەن دىمدىمما !دىدى مەغرۇر قىياپەتتە. بىر ئازدىن كىيىن بازار بىر -ئاز تەۋرىنىپ ئازراق چۈشتى . دوستۇم--مەن خالاغا چۈشۈپ چىقاي . بۇنىڭغا قاراۋەرسەم زىرىكتۈرۋىتىدىكەن . مەن خالادىن چىققاندا 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ شۇچاغدا ساتىمەن .دەپ سرىتقا ماڭدى .
Pm} مەن --مەخپى نۇمۇرۇڭلىنى دەپ بىرىڭلار . ئۆزگىرىش بولسا مەن سىتىۋىتەي . دىدىم . دوستۇم --ياق سىلەر ئەرزان سىتىپ قويۇسىلەر مەن چىققاندا ئۆزەم ساتىمەن دەپلا چىقىپ كەتتى . دوستۇم چىقىپ كىتىپ 2 مىنۇت ئۆتمەيلا بازار تىك سىزىق بىلەن چۈشكىلى تۇردى .بىردەمدىلا پايدا 3100 يۈۋەنگە چۈشۈپ قالدى .مەن ئالاقزادە بولۇپ دوستۇمغا تىلفۇن قىلدىم .ئەپسۇس تىلفۇنى ئىتىك ئىدى .
7Ns1b(kU مەن ئۆزەمنىڭ مىلىنى سىتىپ چىقارغاندا پايدا 2750 يۈەنگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.
)c"m:3D@ بازار بىر ئورۇندا بىر ئاز تەۋرەپ يەنە چۈشۈشكە باشلىدى . مەن تىزلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دوستۇمنى ئىزلەپ خالاغا ماڭدىم .پەسكە چۈشسەم دوستۇم تاماكا چەككىنىچە كىلۋاتاتتى . مەن --تىز بولۇڭلار دەيمەن . خالاغا كىرىۋالساڭلار ئولتۇرىدىكەنسىلەر دىدىم ئۇنىڭغا كايىپ.
^7zXi xp --نىمە بولدى .خىلى پايدا كۆرسەتكەن ئوخشىمامدا ؟؟ دىدى ھىجىيىپ . پايدا 2600 يۈۋەنگە چۈشۈپ قالدى . تىز بولۇڭلار بۇمۇ قالماي قالمىسۇن .دىدىم . بىز تىزلىكتە دۇكانغا كىرىپ كىرىم -چىقىم بىتىگە قارىدۇق .پايدا تۈگەپ 650- زىيان تۇراتتى . دوستۇمنىڭ بىشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ۋە مىلىنى تىزلا سىتىۋەتتۇق . دوستۇم خالاغا بارغىنىدىن بەكلا پۇشايمان قىلدى . قەرەللىك مال سودىسى قىلدىغانلار مۇنداق دەيدۇ ---يانچۇقۇڭدىن پۇلۇڭ يەرگە چۈشۈپ كەتسە پۇلنى ئالىمەن دەپ يەرگە ئىڭىشمە .سەن دىققىتىڭنى پۇلغا قاراتقان ۋاقىتتا سەن ئالغان پايدا زىيانغا ئايلىنىپ كىتىشى مۆمكىن . بۇ گەپ سەل ئاشۇرۋىتىلگەن بولسىمۇ بۇ سودىنىڭ بەك تىزلىگىنى ، خىيىم-خەتىرىنىڭ چوڭ ،پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكنى چۈشەندۈرىدۇ . دىمەك بۇ دوستىمىزنىڭ بۈگۈن بىر قىتىملىق ھاجەت قىلىشى 5500 يۈەنگە توختىغان بولدى.
OY?x'h r:QLO~l/ XFx p ^ سىزمۇ ئىقتىساتقا قىزىقامسىز ؟؟؟ ئۇنداقتا مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇڭ !!!
g/v"E+ دوستانە ئەسكەرتىش ؛ سىز ھەر كۈنلۈك ئالتۇن ، كۈمۈش ، ئاق ئالتۇن باھاسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز يىڭىدىن قۇرۇلغان << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ !
r: :LQ$ مۇنبىرىمىزدە ھەر كۈنلۈك ئالتۇن -كۈمۈشنىڭ باھاسى ۋە ئىقتىساتقا دائىر ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلار ئىلان قىلنىپ تۇرىدۇ .
(uk-c~T!u "N\tR[P! مەنبە ؛ ------- بىر مىسقال ئىقتىسات تورى
www.1miskal.com "F3M m ]3/_?n-"`