تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ
j'r"_*% "?9rJx$ «كىتاب _ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت . كىتاب ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات. ياخشى كۇتۇبخانا ھەقىقى مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى بولۇپ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋى ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ . ئىنسان كىتاب ئارقىلىقلا پۈتكۈل تارىخنى قىياسى ھالەتتە باشتىن كەچۈرىدۇ». مەيلى جاھان قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، پەن-تېخنىكا مەيلى قانچىلىك كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىتابنىڭ ئورنىنى ئالغاندەك كۆرۈنسۇن، كىتابنىڭ رولى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھەل قىلغۇچ ۋە نېگىزلىك رول ئويناپ كەلگەن. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەش ۋە سائادەت تېپىش نۆۋەتتىكى بېسىشقا تېگىشلىك مۇھىم يوللارنىڭ بىرى.
;IyA"C(i بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى بۈيۈك مەنزىلنى كۆزلەپ ماڭغان، ئۆزى ۋە خەلقى ئۈچۈن ھەقىقىي بىر ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان ئوت يۈرەكلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللاشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. يېڭى يىلدىن باشلاپ «بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى» ھەر پەسىلدە بىر قېتىم «بىلكۈچ كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇلازىمەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تېخىمۇ ئىلھام بەرمەكچى. مۇسابىقە چوڭلار گورۇپپىسى ۋە بالىلار گورۇپپىسى دەپ ئىككى گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بالىلار گورۇپپىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم 16 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى، چوڭلار گورۇپپىسىدىكىلەر 16 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
#<h//< مۇسابىقىنىڭ مەزمۇن ۋە باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
ozaM!e e\z 1. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئاپتۇر ئۆزىنىڭ مەلۇم كىتاب ھەققىدىكى كۆز- قاراشلىرى، ئالغان تەسىراتى ۋە ۋاھاكازالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ ۋە ياكى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كىتابلىرى ۋە كىتابخانلىرى ھەققىدە يېزىلغان مۇلاھىزىلەر بولسىمۇ بولىدۇ.
j-]`;&L 2. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پىكىر ۋە ئىدىيە ئېنىق، سىستېمىلىق، سۆز- جۈملىلىرى ئېنىق ۋە راۋان، ئىملاسى توغرا، ئابزاس- بۆلەكلىرى ئايرىلغان بولۇشى كېرەك.
)LC"rSNx% 3.ئەسەرلەر چوقۇم ئىجادىي، يېڭى، باشقا يەرلەردە ئىلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك.كۆچۈرۈلگەنلىكى بايقالسا، شۇ ئەزانىڭ مۇنبەردىكى بارلىق ئارخىپى ئۆچۈرۈلۈپ، تور بېكىتىمىز ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيتى بىكار قىلىنىدۇ.
Xz,fjKUnN 4. ئەسەرلەر چوقۇم مۇنبىرىمىزنىڭ «كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى» سەھىپىسىگە يوللىنىشى كېرەك.
'%d- 5. ئەسەرلەرنى باھالاش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا يوللانغان ئەسەرلەر كەڭ تورداشلارنىڭ بىلەت تاشلىشىغا ۋە باھالىشىغا قويۇلۇپ، ئومۇمى ئەسەرلەر ئىچىدىن 3:1 نىسبىتى بويىچە تاللىنىدۇ. (يەنى، مۇكاپاتلانماقچى بولغان ئەسەر بىر پارچە بولسا، تورداشلارنىڭ باھاسىغا ئاساسەن ئۈچى تاللىنىدۇ). ئىككىنچى باسقۇچتا، بىلكۈچ باھالاش ھەيئىتى توردا باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن تاللىغان ئەسەرلەر ئىچىدىن باھالاپ ۋە تاللاپ ئاخىرقى نەتىجىنى ئېلان قىلىدۇ.
<n1panS 6. تۇنجى قېتىملىق كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسىگە 2013-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە مۇنبىرىمىزنىڭ «كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى» سەھىپىسىگە يوللانغان ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يوللانغان ئەسەرلەر كىيىنكى قېتىملىق باھالاشلارغا داۋاملىق قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ ۋە بارلىق مۇكاپاتلار نەقلەشتۈرۈلىدۇ.
^sVr#T 7. ئەسەر باھالىنىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق باشقۇرغۇچى مەزكۇر سەھىپىدىكى ئەسەرلەرگە نىسبەتەن نادىرلاش، چوققىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلمايدۇ. (مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلار، يەنى ئەسىرى تاللانغان ئەسەرلەر باھالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىراقلا نادىرلىنىدۇ.)
UaCfXTG 8. مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئەسەر مەزمۇن ئۈستىگە ئىسىم- فامىلىڭىزنى يېزىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
0u) m9eg 9. يوللانغان ئەسەرلەر دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
J?C#'2/ 8bJj3vr 1-دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر (چوڭلار گورۇپپىسى بىر نەپەر، بالىلار گورۇپپىسسى بىر نەپەر)
Z% DJ{!Hnh مۇكاپات بۇيۇمى؛ 300 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب (كىتابقا چوڭلار گورۇپپىسىغا ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن، بالىلار گورۇپپىسىغا تونۇلغان ئوبزۇرچىمىز يالقۇن روزى مۇكاپات بېغىشلىمىسى يېزىپ بېرىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىتاب تېزىملىكىنى بىزگە دەپ بەرسە بولىدۇ) ياكى بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ يېرىم يىللىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش. (بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئىچىدە ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئارىيەت ئېلىش، تۈرلۈك دەرسلەرگە ھەقسىز قاتنىشىش، كۇتۇبخانىدا سىمسىز تورغا چىقىش، كۇتۇبخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل لېكسىيە ۋە پائالىيەتلەرگە ئەزالار قاتارىدا قاتنىشىش قاتارلىقلار)
:X}n[K 2-دەرىجىلىك مۇكاپات 4 نەپەر (چوڭلار گورۇپپىسى ئىككى نەپەر، بالىلار گورۇپپىسسى ئىككى نەپەر)
OKPNsN مۇكاپات بۇيۇمى: 200 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب (كىتابقا چوڭلار گورۇپپىسىغا ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن، بالىلار گورۇپپىسىغا تونۇلغان ئوبزۇرچىمىز يالقۇن روزى مۇكاپات بېغىشلىمىسى يېزىپ بېرىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتاب تېزىملىكىنى بىزگە دەپ بەرسە بولىدۇ) ياكى بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ تۆت ئايلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش. (بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئىچىدە ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئارىيەت ئېلىش، تۈرلۈك دەرسلەرگە ھەقسىز قاتنىشىش، كۇتۇبخانىدا سىمسىز تورغا چىقىش، كۇتۇبخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل لېكسىيە ۋە پائالىيەتلەرگە ئەزالار قاتارىدا قاتنىشىش قاتارلىقلار)
j7BLMTF3v 3-دەرىجىلىك مۇكاپات 6 نەپەر (چوڭلار گورۇپپىسى ئۈچ نەپەر، بالىلار گورۇپپىسسى ئۈچ نەپەر)
hd*GDjmRQ/ مۇكاپات بويۇمى: 100 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب (كىتابقا چوڭلار گورۇپپىسىغا ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن، بالىلار گورۇپپىسىغا تونۇلغان ئوبزۇرچىمىز يالقۇن روزى مۇكاپات بېغىشلىمىسى يېزىپ بېرىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتاب تىزىملىكىنى بىزگە دەپ بەرسە بولىدۇ) ياكى بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ ئىككى ئايلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش. (بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئىچىدە ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئارىيەت ئېلىش، تۈرلۈك دەرسلەرگە ھەقسىز قاتنىشىش، كۇتۇبخانىدا سىمسىز تورغا چىقىش، كۇتۇبخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل لېكسىيە ۋە پائالىيەتلەرگە ئەزالار قاتارىدا قاتنىشىش قاتارلىقلار)
n$ rgJ &\=Tm~ رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: 10 نەپەر (چوڭلار گورۇپپىسى بەش نەپەر، بالىلار گورۇپپىسسى بەش نەپەر)
'}^qz#w مۇكاپات بويۇمى؛ 50يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب (كىتابقا چوڭلار گورۇپپىسىغا ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن، بالىلار گورۇپپىسىغا تونۇلغان ئوبزۇرچىمىز يالقۇن روزى مۇكاپات بېغىشلىمىسى يېزىپ بېرىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتاب تېزىملىكىنى بىزگە دەپ بەرسە بولىدۇ) ياكى بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ بىر ئايلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش. (بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئىچىدە ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئارىيەت ئېلىش، تۈرلۈك دەرسلەرگە ھەقسىز قاتنىشىش، كۇتۇبخانىدا سىمسىز تورغا چىقىش، كۇتۇبخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل لېكسىيە ۋە پائالىيەتلەرگە ئەزالار قاتارىدا قاتنىشىش قاتارلىقلار)
%8H$62w] تەپسىلاتىنى بىلكۈچ مۇنبىرىدىن بىلگەيسىز!
M1]}yTCd تور بېكەت ئادرېسى:
www.bilkuch.com qSGM6kb H:|.e)$i تورداش دوستلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا ھەجىمى چوڭ ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن 100 كۈنگە يېقىن ۋاقىت بېرىلدى، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!
iZLy#5(St xL*J9&~iG