باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1202 
  •    ئىنكاس 
       32 

ئانا تۇپراقتا تەلەي يۇلتۇزى

قەۋەت ئاتلاش
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەخەت تۇردى 1940 – يىل 11 – ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949 – يىلدىن 1959 – يىلغىچە باشلانغۇچ – تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1959 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1964 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ۋە كېيىنچە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 – يىل 1 – ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. (wtw1E5X  
3"pl="[*  
ئەخەت تۇردى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۈرۈچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. بۇ تۇنجى ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭغا زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ پۈتكۈل زېھنىي كۈچىنى ھېكايە ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، «گۈلخان»، «ھاياتنىڭ باشلىنىشى»، «مەرھابا، باغۋەن»، «مەھبۇس قىزى»، «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە»، «خەير – خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «قىزىق ئىشلار»، «يەر گۇۋاھ، ئاسمان گۇۋاھ» قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلەرنى يازغان، بۇ ھېكايىلەر كىتابخانىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. ئەخەت تۇردى يەنە پوۋېست ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «قىيانلىق دەريا»، «باھاردىكى جۇدۇن»، «مۇزلىغان يۈرەك»، «سەبىيلەر پاجىئەسى»، «قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا»، «ئەلۋىدا، كۆز يېشىم» قاتارلىق بىر تۈركۈم پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. ئەخەت تۇردى رومان ئىجادىيىتىدىمۇ مول ھوسۇل ئالغان يازغۇچى. ئۇ، 80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئاساسەن يىرىك ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپرەك ئىجادىي كۈچنى رومان ئىجادىيىتىگە قاراتقان. ئۇ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»،ئۇنتۇلغان كىشىلەر »،«ھايات شۇنداق»،«بەختسىز سەن.ئىدىيە»، «ئاي يامغۇرى» ناملىق رومانلاردا كەڭ، باي بەدىئىي تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئارقىلىق، شۇ دەۋرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى، شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە بەدىئىي ئىزدىنىشلىرى خېلى روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. C*f3PB=H_  
G^ 2a<?Di  
ئەخەت تۇردى يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ 25 يىللىق زېھنىي كۈچىنى، ئەجرىنى «تارىم» ژۇرنىلىغا بېغىشلاپ، ژۇرنالنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ياخشى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش، ياش ئەدىب – ھەۋەسكارلارنى يېتەكلەش، ھەر خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقان. ئەخەت تۇردىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «گۈلخان» (1980 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «قىيانلىق دەريا» (1982 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى، «گىرىمسەن يوللار» (1985 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «قەترە» (1986 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» (1987 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، «ئەلۋىدا، كۆز يېشىم» (1991 – يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «ھايات شۇنداق» (1991 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، «خەير – خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان» (1993 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق تاللانغان ھېكايىلەر توپلىمى، «ئاي يامغۇرى» (1994 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى),«قاباھەت» ، «سەرسان روھ»، «يەكچەشمە»،«كونا كۇچا» ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. ئەخەت تۇردى ھازىر 1 – دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.“ 4)4E/q/5  
IRxFcLk  
قىسقىسى ، ئەخەت تۇردى دەۋر قىياپىتى ئىجابىي ۋە سەلبەي ياقتىن تورۇتقان ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، زىددىيەت- توقۇنۇشلىرى كەسكىن ، پىرسۇناژلىرى ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە ، تىلى تاتلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋەر ئەسەرلىرى بىلەن يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ، جۈملىدىن ئۇنىڭ رومانچىلىق ساھەسىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان يازغۇچىدۇر. >[U.P)7;  

يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى J<:qzwh  
y&\ J  
   ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ- ئېلېكتىر تېخنىك مەكتەپنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان؛ 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا ئورۇنلاشقان، ھازىرغىچە مۇشۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. v709#/ cR  
        ياسىنجان سادىق چوغلان 1988- يىلى 4- ئايدا«يەكەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئاددىي- ساددا باشلىق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بويان تىرىشچانلىق بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيەتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە     قوشۇپ كەلدى. ئۇنىڭ«ئېھ، سەھرا»، «ئەتە يەنە پوچتاليون كېلىدۇ»،«قاغا»، «چىلان تۇپراق»، «بېلىقچى ھەققىدە ھىكايە»،«كالا»،«چاشقان ئاپىتى»،«قارا قۇمچاق»،«ئېچىل پاختام»،«تاز ۋە چىۋېن» قاتارلىق ھېكايىلىرى؛ «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»،«قۇملۇق»،«كاككۇك بالىسى»،«سۆيگۈ قېرىمايدۇ» قاتارلىق پوۋېستلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر       بولدى. ئۇنىڭ «ئىھ سەھرا» ناملىق ھېكايىسى 1994-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 6- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى 1999-يىلى          مەملىكەتلىك 6- نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا، «قۇملۇق» ناملىق پوۋېستى،«تارىم     مۇكاپاتى»، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»ناملىق پوۋېستى 2001-يىلى «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.                                                                                             ئۇنىڭ ھازىرغىچە «يۈرۈكۈم يىغلايدۇ»(ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى)، «ئاي مۆككەن كېچە»     (ھېكايىلار توپلىمى)، «جانانغا يېزىلغان خەت»(پوۋېستلار توپلىمى)، «كاككۇك بالىسى»(ھېكايىلەر توپلىمى)، «سۈكۈتتىكى زېمىن»(پوۋىست-ھېكايىلەر توپلىمى)، «داۋان»(رومان)،«كۈيلەر خانىشى ــ    ئاماننىساخان»(بالىلار پوۋېسىتى)،«ئادالەت ھامىيىسى ـــ سەئىدىخان»(بالىلار پوۋېسىتى)،«ئاتەش قەلىپ، ساخاۋەتلىك زىمىن»(ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات)،«يوللار ئېسىڭدە بولسۇن»(ئەدەبىي ئاخبىرات توپلىمى) قاتارلىق كىتابلىرى ھەرقايسى نەشىرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.«شېرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە»،«ئاق يۆگەك»،«يۈرەكسىز سۆيگۈ»،«قەشقەردە توي»،«ئۇيغۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانمىلار»،  «ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» قاتارلىق كىتابلارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى. n{pS+u z  
        ياسىنجان سادىق چوغلان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك    يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.  قولىڭىزدىكى «جاللات خېنىم» ناملىق بۇ ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان ياش قەلەم ساھىبىنىڭ ئون بەش يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ   ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ روماننىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنى تەرىققىي قىلدۇرۇش يولىدا تىنىمسىز، مىننەتسىز، تەمەسىز ھالدا ئۈن- تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان بۇ تۆھپىكار ياش يازغۇچىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بەخت، ئىجادىيىتىگە مۇۋەپىقىيەت تىلەيمىز. |jW82L+!N%  

 
يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

]$Ky ZHj{  
uwsGtgd&  
6vQAeuz<Fq  
8&qCH>Cf  
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى 6c^2Nl8e  
T-xcd  
4};iL)  
>(ku*  
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر دېمۇكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى، ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرىۋەر شائىر، ئازادلىق، تەڭلىك، دىمۇكىراتىيە ۋە ئىلىم مەرىپەتنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى- 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنىتۇرپان يېڭى شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىدىن تارتىپ مەرىپەتچى، ئۇقۇمۇشلۇقكىشىلەردىن بولغاچقائابدۇخالىقنى كىچىكىدىنلا بىلىملىك ئادەمقىلىپ يېتىشتۈرۈشكە، قولىدىن كىلدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەر بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شەرىت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن. R;.zS^LL  
ئابدۇخالىق دەسلەپتە دىنىي ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، مەخسۇتموھىتىلار ئاچقانپەننىي مەكتەپتەئوقۇغان. v}Gq.(b  
1914-يىلدىن 1916-يىلغىچە تۇرپان شەھرىدىكى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، بۇ جەرياندائۇ ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدىن باشقاخەنزۇ ۋە چەتئەل ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققان.1917-يىلى ئۇ دادىسى بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئايلنىپ سوداقىلىش جەريانىدا ئۇقۇمۇشلۇقئادەملەر بىلەن تونۇشقان، سۆھبەتلەردە بولغان. l]%_D*<Y  
ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىمۇكىراتىك ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. مەخسۇت موھىتى بۇياش شائىرنىڭ جەڭگىۋار، قورقماسروھىدىن تەسىرلىنىپ 1923-يىلىدىن 1926-يىلغىچە يەنەقايتىدىن ئوتتۇرائاسىياغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ياردەمدەبولغان. 12gcma}  
ئابدۇخالىق 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1927-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۇتموھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خوجاقاتارلىق كىشىلەر بىلەن <ئاقارتىش جەمئىيتى> قۇرۇپ، 3000 سەر كۆمۈش تەنگە ئىئانە توپلاپ، تۇرپان شەھىردىكى نىياز سەيپۇڭدېگەن كىشىنىڭ قورۇسىدا يېڭىمەكتەپ قۇرۇپ، ئوقۇغۇچى سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن ۋە تۇرپان يېڭى مائارىپىنىڭ دولقۇنىنى قوزغىغان.ئۇ، بۇ جەريانىدا 1932-يىلى تۇرپانئاستانىدا مەخسۇتموھىتىلار باشچىلىقىدىكى دېھقانلارقوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ئاكىتىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. 68V66:0  
1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاللات شىڭ شىسەي ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىسەپداشلىرى بىلەن رەھمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەن. g05:A0X#  
ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <ئويغان>، <ئاچىل>، <مۇزلىدى>، <ياز تۈنى>، قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ?;i O  

يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

IACpUB  
bu[PQsT  
f3_-{<FZ  
ئوتيۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . Kf=6l#J7  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇزيىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. JH3$G,:zM  
ئۇنداقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىسىم ۋە تەخەللۇسلارنى نېمە زۆرۈريەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئىشلەتكەن .تۆۋەندە مەن بۇ،توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. IQz"FH?  
لۇتۇن-لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇرۇق دۇنيا غا كۆز ئاچقاندا،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى لۇتپۇللا ئىدى.ئەمما بۇئىسىم ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە‹‹لۇتۇن››دەپ قوللۇنىلدى.ئۇ،دەسلەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا،كېيىنچە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئارىسىدا ۋە بارا-بارا ئۇمۇملىشىپ ساۋاقداشلىرى،تەڭتۇش ئەل-ئاغاينىلىرى ھەتتا لۇتپۇللا ئارىلىشىدىغان ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىق زىيالىلارمۇ ئۇنى ئاتايدىغان خاس ئىسىمغا ئايىلىنىپ كەتتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ بۇئىسىمنى بەزى شېئىر مىسرالىرى ئارىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇئىسىم ‹‹مىللەتچىلەرگەزەربە››دېگەن شېرىدا مۇنداق كەلگەن. ZiR },F/  
‹‹ئەي لۇتۇن! K<k!sh   
ئۇيغۇر ئېلى باغىدا >WYiOXYv  
ئۆزمىللىتىڭنى يارات، _:N+mEF  
باشقىلارغا قاراپ كۆزئالايت›› kmNa),`{s  
دەپ ئۆگەتمەكچى ماڭا -4 *94<  
قارا كۈچ،قارانىيەت، gu1:%raXd  
ئۆچلۈك سالماقچى كۆڭلۈمگە… t(~V:+W9  
ياق!…مەن ئالدانمايمەن پەقەت… Gy;>.:n  
بۇئىسىمنىڭمۇ لۇتپۇللانىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇپ، شىمالىغا كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئەلقەم ئەختەم،مۆمىن مۇھەممىدى، تۇرسۇن ئەرشىدىن… قاتارلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ، ‹‹لۇتۇن››ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمە،ھېكايە،پوۋىست ، شېئىرلىرى بىلەن كەڭرى مەيدان ۋە ئىللىق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسا.يېقىندا يەنە،ئۈرۈمچىدە،‹‹لۇتۇن خەلىق ئارا سودا چەكلىك شىركىتى›› قۇرۇلۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن‹‹لۇتۇن››ماركىلىق سائەتتىن 365نى بازارغا سالدى.بۇنىڭ بىلەن‹‹لۇتۇن››دېگەن بۇئىسىمنىڭ ماركالىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى،سىرتىغا كەڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىلاپ بەردى. ^l,(~03_  
ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى. YLX LaC[  
لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان. Ym% $!#  
قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن. l+ ,p=  
5SB!)F]   
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ .لۇتپۇللامۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇرايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريابولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى) |>Ld'\i8  
گەرچە لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. 3BZa}Q_  
سەنئەت خۇمار-بۇ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1943-يىلنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ئەدىبىيات-سەنئەتكەدائىر بەزى ئوبزور،ماقالىلىردا قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلى روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىما بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان، ‹‹چىمەنگۈل››دىراممىسىنى كۆرۈپ، بۇ، دىراممىنىڭ ئوينىلىش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە‹‹چىمەنگۈل سەھنىدە››ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى يازىدۇ . بۇ،ماقالە ھەم دىرامما ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇش مەقسىتىدە‹‹ سەنئەت خومار ››دېگەن تەخەللۇس بىلەن شۇچاغدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.كېيىن بۇ،تەكشۇرۈش ئەترىتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ، گېزتنىڭ‹‹ ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ھەم گېزىتتە ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ‹‹تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى››،‹‹سەنئەتكە مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.بۇماقالىلارنىڭمۇ ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي‹‹سەنئەتخۇمار›› تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.گەرچە ‹‹سەنئەت خۇمار›› دېگەن بۇ،تەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىدەك كىشىلەر ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كېتەلمگەن بولسىمۇ ،لىكىن ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى،ئاشىقانە مۇھەببىتىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بەلگۈلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ. }O + a  
PNf_{4  
پايدىلانغان ماتىرياللار "y9]>9:$-  
1. تۇرسۇن ئەرشىدىن: ‹‹تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز››شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنەشىرياتى 1994-يىلى 10-ئايدانەشىر ى. i^SPNs=  
2.شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى:1997-يىللىق 4-سانى. "*bP @W  

يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا14- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

]j(Ld\:L  
\g|;7&%l3  
,qlFk|A|  
^[zF IO  
مەمتىلى ئەپەندى ix}*whW=U  
+'I8COoiv%  
1'* {Vm M  
)5bdWJ>l  
=j~}];I  
مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىئېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . مەمتىلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيىلەيدۇ. .1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە دېگەن شېئىرىنى يازىدۇ: ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار، كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار. ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر، قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر. qsL6*(S(r  
   بۇ شېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام – تاملارغا چاپلىنىپ كېتىدۇ،خەلق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تونۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىب ئىچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلىقى بىلەن 1926- يىلى بىر كېچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كېتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەئىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دېمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىئىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلىنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتىسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ: ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان. پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن – زەنجىرىنى، ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان. 8%#uZG\}  
L9U<E $%#  
مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى. ئۇ تەشكىل قىلغان <> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق يائىدۇ: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق، ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق. [G|2m_  
M>k7'@G  
مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى <<>> تەشكىللەپ ئۆزى باش بولۇپ . مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئېتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىئىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ. تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە <<>> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەددەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي – تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ–مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىرىدىن تۇتۇپ كېتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئىرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ. ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئېتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجائىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلىكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات. ;h3*MR  
@kwD$%*0  
قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى hOMFDfhU  
1,`x1dcO!A  
L}a3!33)C  
1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە،مەمتىلى ئەپەندى ئادىتى بويىچە سومكىسىنى ئېلىپ ئۇيۇشمىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا،قەشقەر شەھىرىدىن كېچىلەپ يولغا چىقىپ،تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتۇشقا يىتىپ كەلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئادەملىرى بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.مەمتىلى ئەپەندى ئۇيۇشمىغا كىرىشى بىلەنلا،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ.بۇ مۇدھىش خەۋەرنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ئامما ۋە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان مەمتىلى ئەپەندىنى بىر سوك-سوك يالىڭاچ ئاتقا مىندۈرگىنىچە ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.بۇنى كۆرگەن ئەر ئاياللار ئۈنسىز ئۇھ تارتىشىدۇ.ئوقۇغۇچىلار«ئەپەندىم!»دەپ ۋاقىراپ،ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ.يالىڭاچ ئات ئۈستىدە مەھبۇس سۈپىتىدە ئولتۇرغان مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ خوشلىشىدۇ.ساقچىلار مەمتىلى ئەپەندىنى ئوتتۇرغا ئالغان پېتى توختىماي مېڭىپ،قۇمالتاغ تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ… (\/HGxv  
مەمتىلى ئەپەندى ئۇدۇل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن،ساقچى باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەن.قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنى كۆرۈپ،كۆرەڭلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن… 3Ob"r`  
مەمتىلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە قىسقا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن،ياۋاغ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ 14-كامېرغا تەنھا سولاپ قويۇلغان…مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى يالغۇز سولانغان كامېرنىڭ جەنۇبى تېمىغا ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاستىغا:«مەن1937-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سەيشەنبە بۇ يەرگە كىردىم،مېنى ناھەق قولغا ئېلىشتى»دەپ يېزىپ قويغان. BtHvfoT  
1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە،قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق 300دىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ،تۇتاش ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن،بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بۇ تۈرمىنى شۇ چاغدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن قىرغىز ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ تۈئەنجاڭى مەۋلانوپ ئۈچيۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ساقلايتتى. >6DY3\  
1937-يىلى 12- ئايدا،شېڭ شىسەي ئومۇمەن ئىلگىرى تۆمۈر،ئوسمان،سابىت داموللام،ماخوسەن ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىپ تازلىنىدۇ،دەپ جاكارلىغان.قەشقەردە 5000كىشى قولغا ئېلىنغان.ئۇلار بىردەك«خائىن»دەپ جاكارلانغان ھەمدە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.12-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر رايۇنىدا«خائىنلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش ھەيئىتى»قۇرۇلغان.شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە سىتالىندىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن،مۇشۇ باھانىدا،شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن چوڭ بايلارنى قولغا ئېلىپ،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.يەنە بىر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەلدارلارنى ۋە زىيالىلارنى قىرىپ تۈگەتكەن. ]VYl Eqe  
ئەينى يىللىرى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە يەكەننىڭ ھاكىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە،(ياۋاغ تۈرمىسىنى ساقلىغۇچى)مەۋلانۇپ،تېرىسىگە سىغماي ھۆكۈرەپ يۈرگەن زامانلىرىدا،ئىنتايىن قەبىھ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىكەن.ئۇ بىر قېتىم،قۇربان ھېيتىدا قاتتىق مەس بولۇپ قېلىپ،دادقىباي دىگەن ئاغىينىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشىپ باقماقچى بولۇپ،باشقىلارغا بۇيرۇپ تۈرمىدىن 40 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ،ئۇلارنى ئوڭ-سول قىلىپ قاتار ياتقۇزۇپ،يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ،باشقىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن،بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن،سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن»دەپ،جاللاتلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنىكەن…شۇ زامانلاردىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھازىر بار بولغان شاھىدلىرى مەۋلانوپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ھېكايە قىلىشىدۇ.بۇنداق ھىكايىلەرنى تارىخچى ئابلىمىت رۇزى ماڭا كۆپ قېتىم قايناپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردى. "\=_- `  
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئولۇغ مائارىپچىسى،تالانتلىق تەشكىلاتچىسى،ئوت يۈرەك كومپوزىتورى ۋە شائىرى،نامى مەڭگۈ ئۆلمەس ئوغلى مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا قان-قەرزگە پاتقان،خەلقنى زار-زار قاقشاتقان ئاشۇ مەۋلانوپ دېگەن جاللاتنىڭ قولىدا،1937-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاڭ سەھەردە ئېتىپ تاشلىنىپ،ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 8c|IGC  
مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن،14-كامېرنىڭ تاملىرىغا بىر نەچچە پارچە شېئىر يېزىپ قويغان: )w` Nkx  
v1lj/A  
نەچچە يىل كەزگەن ئىدىم بۇ دىيارى غۇربەتنى، <C{5(=X{  
كۆرمىگەنىدىم مۇنداق ئازابۇ-ئوقۇبەتنى. 5~X%*_[],  
ئاقىۋەت ۋەتەنگە كېلىپ،قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت، ?hu 9c  
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى. uR%H"f  
,'673PR  
تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن، L' pZ  
قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن. <Gw<(M  
گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ؟ 7GUJ&U) J  
ھەققە ئويغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇ گۇمانلارنىڭ. $OD5t5eTsM  
\d+HYLAJn  
روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا،تۇتقۇندا، 9-^p23.@[j  
سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە. h'x~"k1  
يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش،تاشتىن بەتتەر قاتتى باش، n:D*r$ C|p  
ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ –ھەسرەتتە. U;GoC$b}|  
SEIu4l$E  
مەمتىلى ئەپەندى قايناپ تۇرغان غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن،كامېر تاملىرىغا شېئىرلارنى يېزىپ توشقۇزىۋەتكەن: PuJ{!S\T7  
{UBQ?7.jE  
بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى،يۇرتنى بۇلغىدى قاغا، ~,68S^nP)H  
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا. YX VJJd$U  
~UC/|t$  
بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت، 1cBhcYv"  
ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت. d J:x1j  
"q^'5p]  
خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن،تەرەققىيات ئىزدىدىم، ~hslLUE  
نىيىتىم ساپ،دىلىم ئاق،ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت! ;sR6dT)  
qmeml_(W  
قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى،يېنىدا گۇندىپاي ئالتە، 4)+IO;  
ھەقىقەت نە؟ئادالەت نە؟بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە. 0nn]]B@l  
r`R~{;oT  
كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد، PT#eXS9_  
پىدا قىل قاننى سەن ئەمدى،بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات. (:-Jl"&R@  
)s<WG}  
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسىيان ئېتەر، n R\n\  
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر. 8| e$  
e(w/m(!Wny  
خۇدايىم بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەريادتا، Z-t}6c'Kg  
دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا. S -6"f /  
6<s(e_5f  
ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق، 'EL ||  
ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا. s`#ntset0  
niYz9YX  
« ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق»دىگەن مىسرادىكى مەمتىمىن 1930—1940-يىللىرى قەشقەر تەۋەسىدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىميىتى ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىپ،ئىككى قولىنى نۇرغۇن خەلقپەرۋەر ئوغلانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىۋالغان مۇناپىق مەمتىمىن ئاق كىرپىك دىگەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ. 2 {mY:\  
t&R!5^R  
1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى سەھەردە ياۋاغ تۈرمىسىدىكى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ مۇدھىش خەۋەر قەشقەر شەھرىگە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تارالغان .شۇ چاغدا ،مەمتىلى(تەۋپىق) ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى رىشات قەشقەر شەھىرىدە ئىكەن .مەمتىلى ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ،نىزامىدىن ئەپەندى رىشاتنى ..،مەمتىلى ئەپەندىگە تاماق ۋە كىيىم – كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇغان .شۇڭا ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ھېيىتكاھغا كېلىپ ،كېچىچە بولغان جەڭگە ئائىت خەۋەرلەرنى بىلمەكچىبولغان .لېكىن ئۇنىڭ بىلگىنى «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەر بولغان .رىشات ھىچنىمىگە قارىماي موللا ئاكىسى (مەمتىلى ئەپەندىنى شۇنداق ئاتايدىكەن) نىڭ خەۋرىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋاغ تۈرمىسىگە كەلگەن .قارىسا بۇ يەر قىزىل قىيامەتنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان بولۇپ ،كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن جەسەتلەر ھويلىدا ،تامنىڭ تۈۋىلىرىدە ،كامېرلارنىڭ بوسۇغىسىدا دۆۋىلىشىپ كەتكەن .رىشات يۈگۈرگەن پېتى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان كامېرغا بارغان .شۇ چاغدا ،بىرسى ئۇنىڭ مۆرىسىنى تۇتقان ،قارىسا دادىسى نىزامىدىن ئەپەندى ئىكەن ،يېنىدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شاگىرتى ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئاغىنىسى ئابباس چوڭمۇ بىللە ئىكەن .ئەسلى ئۇلار ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ قەشقەرگە ھۇجۇمباشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېچىلەپ يول يۈرۈپ قاقسەھەردە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنىكەن .ئۇلار قەشقەرگە كېلىپلا تۈرمىگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ،شۇنىڭ بىلەن ھېچ نېمىگە قارىماستىن بۇ يەرگە كەلگەن .ئۇلار بىرلىكتە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن .جەسەتلەر تونۇغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بولغاچقا ،ئۇلار بەك ئىزدەپ كەتكەن .كېيىن رىشات مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پۇتىدىكى كۆيمەي قالغان كاراشناۋاي ئايىغىنى تونوۋالغان .ئۇ دادىسىغا: «مەن بۇ ئاياغنى تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەكىلىپ بەرگەنىدىم» دېگەن .شۇنىڭ بىلەن نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن ئابباس چوڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھەم كىچىكلەپ ،ھەم يېنىكلەپ كەتكەن جەسىتىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ كۆينەك ،چاپانلىرىغا ئوراپ ئاتقا ئارتىپ ،بەشكېرەمگە يېتىپ كېلىپ بىر يېقىن تۇنۇشىنىڭكىگە چۈشكەن .ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ماڭماقچى بولۇشقان .رىشاتنى بولسا ئات بىلەن ئاۋۋال بېرىپ مەخپىي ھالدا يەرلىك تەييارلىتىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان .ئۆزلىرى جەسەتنى تاغارغا سېلىپ ،ئاتقا ئارتىپ بەشكېرەمنىڭ ئىت يولى ئارقىلىق كېچىلەپ ئاتۇشقا قاراپ يول ئالغان .نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابباس چوڭ ،ئابدۇغۇپۇر ئۈچەيلەن ئۈستىگە جەسەت ئارتىلغان ئاتنىڭ يېنىدا بۇقۇلداپ يىغلاپ ياش تۆكۈپ ماڭغان . dd \bI_  
5;F P.{+  
1934 – يىلدىن 1937 – يىلغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا جەڭگىۋار ئىزچىلىرىنى باشلاپ ،نەي – بارانلارنى ياڭرىتىپ ،ناخشا – مارش سادالىرى بىلەن تاغۇ – تاشلارنىمۇ لەرزىگە سېلىپ ،قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ تار يولدا نەچچە ئون قېتىم ھەيۋەتلىك سەپەر قىلغان ،ھەم شۇ خاسىيەتلىك سەپەرلىرىدە مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب كۆزىنى يورۇتۇپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق سەھىپىلەرنى ئاچقان بۇ مائارىپ سەركەردىسى ،بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈپ چۈچۈلا بولغان ھالەتتە تاغارغا قاچىلىنىپ ،ئاتنىڭ ئۈستىدە قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ يولدا ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىنى بېسىپ كېتىۋاتاتتى . . . . . iN<(O7B;  
9m\)\/V  
جاھانغا پاتمىغان سەركە 4ef*9|^x#  
قازانغا قانداق پاتقاندۇ ! < Gr9^C  
قازانغا پاتسا پاتقاندۇ ،  :cFF  
تۇۋاقنى قانداق ياپقاندۇ ؟ *he7BUO  
k(zs>kiP  
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتى ئەل ئايىقى بېسىققاندا بويامەتكە ئېلىپ كېلىنگەن .ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئىنتايىن مەخپىي پۈتتۈرگەن ،نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا نىزامىدىننىڭ ئايالى زورىخانغىمۇ ئوقتۇرمىغان . Rr+qg t;f5  
ئاخىرەتلىك پۈتكەندىن كېيىن ،سەككىز كىشى نىزامىدىن ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئابباس بەگ (1936 يىلىدىن كېيىن ئاتۇشقا بەگ بولغان ،يەنە بىر ئىسمى ئابباس چوڭ) ،قۇۋان شەيخ ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى (تېجەنلىك مەرىپەتپەرۋەر باي قۇۋان ھاجىمنىڭ ئوغلى) ،رىشات ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يەرلىكىنى تەييارلىغان ئىككى نىمكار – تاشمەمەت ،ئىگەمبەردىلەر ئالدىراپ مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى دەپنە قېلىشقان .ئېتىھات يۈزىسىدىن ھەتتا قەبرە ئۈستىگە ئېگىزرەك توپا دۆۋىلەشكىمۇ جۇرئەت قىلالمىغان . }  c{Fa&  
مەرھۇمنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن .سەككىزەيلەن نىزامىدىننىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ،بۇ سىرنى ئەبەدىي ساقلاشقا ،تۇققۇزىنچى بىر كىشىگە بىلدۈرۈپ قويماسلىققا قەسەمياد قىلىشقان . U:qF/%w  
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تاملىرىغا يېزىپ قويغان شېئىر – قوشاقلىرى قانداق ساقلىنىپ قالغان ؟ سەمەر باينىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان سەمەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوڭئېرىقتىكى «ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى،.. «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇراخمان سەمەر ئۇستازىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ،ئەمەت مەخسۇم قاتارلىق بىرنەچچە ساۋاقدىشىنى باشلاپ دەرھال قەشقەرگە يېتىپ بارغان .ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ،تۈرمىنىڭ ئىچى بىر قىزىل قىيامەتكە ئايلانغان بولۇپ ،ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەۋاتقان ۋە تاپقانلارنىڭ يىغا – زارى پەلەكنى قاپلىغانىكەن .ئابدۇراخمان سەمەر باشلىق بىرنەچچەيلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن .ئۇلار ئىزدەپ بىر كامېرغا كىرىپ ،تامدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چالما بىلەن يازغان شېئىرلىرى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن .ئۇلار پۇچۇركىسىغا قاراپلا ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ،ھەممىنى كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار كۆچۈرۈۋالغان شېئىرلار قىرىق كۇپلىت ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ شېئىرلارنى كېيىن ئابدۇراخمان سەمەر يادلىۋالغان. /"(b.&  
1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ مىسلىسىز پاجىئەنىڭ مۇدھىش خەۋىرى بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈن قەشقەر تەۋەسىگە پۇر كەتكەن . بۇ خەۋەر ئاتۇشتا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بالىچىلاپ بېقىۋالغان مۇنەۋۋەر شاگىرتى مىرئەھمەت سېيىت دەرھال دادىسىدىن روخسەت ئېلىپ، تېجەنلىك سۇلايمان دىگەن بالا بىلەن ئىككى ئېشەككە مىنىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالغان. ئۇلار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېشەكلىرىنى تۆشۈك دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى بىر سارايغا قويۇپ ،ئازراق تاماق يەپ ياۋاغ تۈرمىسىگە يېتىپ بارغان .ئۇلار تۈرمىگە يېتىپ بارغاندا ،بۇ يەر ئاساسەن جىمىققان بولۇپ بوران ئۇچۇپ تۇرغانىكەن .بۇ ئىككىسى بارلىق كامېرلارغا كىرىپ ئاخىرى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان تۈرمىنى تاپقان .ئۇلار تۆت تامغا ئالا قويماي يېزىلغان شېئىرلارنى خاتىرىلىرىگە بىر – بىرلەپ كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار بۇ كامېردىن چىقىپ ،يەنە باشقا كامېرلارنى ئايلانغان .قارىسا يەنە بىر كامېردىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىرنەچچە كۇپلېت شېئىرى يېزىقلىق تۇرغان .ئۇلار ئۇنىمۇ كۆچۈرۈۋالغان . ,q8(]n 4  
مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان تۈرمىنىڭ ئىشىكىنى ساقلايدىغان گۇندىپاينىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ئائىت ئىشلارنى بىلىدىغان – بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان .بۇ ئايال بۇ ئىككەيلەنگە:«مەمتىلى ئەپەندىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئەكەلگەن ،ئاۋۋال يالغۇز كامېرغا سولىغان ،كېيىن ھىسامىدىن ئەپەندى بىلەن بىر كامېرغا سولىدى .بۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى بەك تولا سوراق قىلدى ،بەك قىينىدى . ھېلىقى مەۋلانبېك (مەۋلانوپنى دېمەكچى) دېگەن قىرغىز بەك تولا سوراق قىلاتتى .ھېلىقى كۈنىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنى ئاشۇ ئۆز قولى بىلەن ئاتتى .بىز بىرنەچچە ئايال ئېتىشۋازلىقتا ئوق تېگىپ كېتىشتىن قورقۇپ ،بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغانىدۇق .شۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ،تاڭ يۇرۇقىدا بولغان ئاشۇ قىزىل قىيامەتنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ،دوزاقنىڭ ئۆزى بولدى ،خۇدا بەندىسىگە ئۇنداق كۈننى كۆرسەتمىسۇن .شۇ كۈندىن باشلاپ ئېغىزلىرىمغا قوقاق چىقىپ كەتتى . . .» دەپ سۆزلەپ بەرگەن .مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان ئېشەكلىرىگە مىنىپ ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن .مىرئەھمەت سىيىت شېئىر يېزىۋالغان دەپتەرنى بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ ،شېئىرلارنى يادقا ئېلىۋالغان .مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققان ئاتۇش خەلقى قوشاق قېتىپ يىغلىغان : :tKbznd/  
Ip>^O/}$1  
ئىشىك ئالدىدا تۆت ئورۇس ، -dl}_   
تۆتىلىسىدە پاپىرۇس . ]X*YAPv  
ئەپەندىمنى ئۆلتۈرگەن ، 9QX4R<"wUg  
قادىر ھاجى جا ئورۇس . bpGzTU  
=Qyqfy*@D?  
مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ،پۈتكۈل ئاتۇشنى قاپلىغان مائارىپ ھەرىكىتىنى سۇسلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئەمەت مەخسۇم ،تاشاخۇنۇمنىڭ ئوغلى لىۋاھىدىن قارى ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يار مۇھەممەت ،سۇلتان مامۇت قاتارلىق ئوننەچچەيلەن يىغىن ئېچىپ«مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىدىن چىققۇچە،ئاتۇش مائارىپىنى ئاقسىتىپ قويمايلى» دەپ ،ئابدۇراخمان شائىرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئاتۇش مائارىپىغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەن .بۇ ئاي – بۇ كۈنلەردە ،ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغاچقا ،خائىن – مۇناپىقلارنىڭ ،ئىشپىيۇن – چېقىمچىلارنىڭ كۈنى تۇغۇلغان . ئۇلارنىڭ خورىكى ئۆسۇپكۆرەڭلەپ كەتكەن .مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن .ئەينى يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېنىدا مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغان … 7O:"~L  
ۋەزىيەت كەسكېنلەشكەنسىرى گۇناھسىز كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ئۆيىدىن چاقىرىپ ئېلىپ چىقىلىپ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن .ئۇزۇن ئۆتمەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابباس چوڭ مۇئەللىملەردىن ئابدۇراخمان شائىر ،لىۋاھىدىن قارى ،ئەمەت مەخسۇم ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلاردىن يار مۇھەممەت قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن .ئۇلارنىڭ شۇ پېتى ئىز – دېرىكى بولمىغان. 4*iHw+%mq  
مەمتىلى ئەپەندى كۆتۈرگەن مەرىپەت بايرىقىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار خەلقپەرۋەر شەخىسلەر بىر – بىرلەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغان .دېمەك ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئادەت قىلغان ئۇسۇلى بىلەن يوشۇرۇن ئۆتۈرۈلگەن . GN0duV  
1937 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ،ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭراقلىرى مەكتەپلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغان .دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ ،ئۇلارنى ئۆز مۇددىئاسى بويىچە ئوقۇتقان .ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمۇ باشقىدىن تۈزۈلگەن .مەمتىلى ئەپەندى ئۆگەتكەن ناخشا – مارشلارنى ئوقۇش چەكلەنگەن . ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى كۈنسېرى چېكىنگەن ۋە چاكىنىلاشقان . )R~a;?T_c0  
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر فوتو سۆرىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان؟ ikr7DBLt  
مەمتىلى ئەپەندى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەشقەر قوغانلىق باجىسى ئوبۇل ھەسەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئايالى مەلىكىزاتنى يېشىغا توشمىغان قىزى ئەدىبە بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن.شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مىراس قالغان نەرسىلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ھازىرقى سۆرەت شۇ كېنىشكىغا چاپلانغان ئىكەن.مەلىكىزات خېنىم بۇ قىممەتلىك مىراسنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان.ئەپسۇسكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن كېلىپ چىققان جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ دەردىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەلىكىزات خېنىم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.قارا يىتىم بولۇپ قالغان يالغۇز قىزى ئەدىبەنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھاممىسى خەلىچە خېنىم بېقىپ چوڭ قىلغان.ئەدىبە بويىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت پەرزەنتكە ئانا بولغان.1960—1970-يىللىرى «خائىننىڭ پۇشتى»دەپ چەتكە قېقىلىپ،ئەدىبە خېنىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان.شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن.ئۇ ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ.مەلىكىزات خېنىمدىن مىراس قالغان سۈرەتنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باجىسى ئوبۇل ھەسەن ساقلاپ،1960-يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.ئۇلار بۇ سۈرەتنى قايتا فوتوغا ئالغۇزۇپ،كۆپەيتىپ يۇيغۇزۇپ،ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدۇ.شۇ سۈرەتتىن بىر پارچىسى 1982-يىلى قۇربان باراتنىڭ شەخسى ئادېرسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.قۇربان بارات بۇ سۈرەتنى «بۇلاق»جورنىلىنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىپ،جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.شۇندىن بۇيان بۇ سۈرەت كۆپلىگەن كىتاپ-جورناللاردا ئېلان قىلىندى. k9 l^6#<?  
مەمتىلى ئەپەندى ناملىق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى 1923-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.1935-يىلى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئىزچى ئەتىرىتى»گە قوبۇل قىلىنغان ھەم بارابانچى بولغان.1939-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ،ئۈچ يىل ئوقىغان.ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا سەنئەتچى،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمى مۇدىر بولغان.1949-يىلدىن كىيىن،ئاتۇشتا مەدەنى-مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن.1959-يىلدىن1987-يىلغىچە،ئاتۇش ناھىيىلىك(شەھەرلىك)مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن.مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى 1981-يىلى تۇنجى قېتىم «بۇلاق»مەجمۇئەسىنىڭ 3-سانىدا«شائىر تەۋپىق»ناملىق ماقالىسىنى ۋە «تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»نى ئېلان قىلىپ مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن.1985-يىلى«ئاتۇش ئەدەبىياتى»دا«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30-يىللاردىكى كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.ئۇ يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ناخشا- مارشلىرىدىن 40 نەچچىنى رەتلەپ كىتاپچە ھالىتىدە نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ئادەتتىكى ئۈنئالغۇ تەمبۇر بىلەن ئوقۇپ،ئىككى پىلاستىنكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان.مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى يەنە1987-يىلى«ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسىنى تاماملاپ نەشىرگە تاپشۇرغان. 1991-يىل10-ئاينىڭ 18-كۈنى 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسى 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدىكى كومپىئوزىتور مىھمانجان روزىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرغان.كېيىن 1997-يىلى 8-ئايدا«مىرئەھمەت سېيىت،يالقۇن روزى،ئابلىكىم زۇردۇن»لارنىڭ نامىدا رەسمى نەشىردىن چىققان. b9y)wBC%`  
rfX=*mjt  
Mo_$b8i  

يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
Qin~uyghur

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13654

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   202 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9530 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1177 (قېتم)
 تۆھپە:   1177  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1397
 سائەت
دەرىجىسى:
1397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2013-07-17
ئاپتورنىڭلا15- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

ھەقىقەتەن يارايسىز شىرىن،بەك تەپسىلى يىزپسىز...
/apps.php?q=photos&uid=13654&a=album&aid=745
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا16- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

    بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىم ۋە شائىر، دۆلەت ئەربابى ، چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان — ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاراخانىيلار پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ھازىرغىچە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. لېكىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تىكى بەزى بېيىتلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى يىپ ئۇچىغا ئىگە بولىمىز. M&OsRrq  
%uW<  
}FZp 840  
    يىل ئاتمىش ئىكى ئەردى تۇرت يۈز بىلە، F=V oFmF@  
WFXx70n  
    بىتيۇ تەكەتتىم بۇ سۆز ئۈلگۈلە. |NXFla  
CO7CNN  
    (مەزمۇنى: تۆت يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىل ئىدى، Z"+(LO!  
aQC 7V!v  
    بۇ سۆزلەرنى تاللاپ، يېزىپ تاماملىدىم.) /oBK&r[(  
-g~iE]x6Y  
    تۇكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز، 5QNBB|X@  
@ $ 9m>6V  
    ئۆدۈردۈم مەن ئەتنوتە كەتتىم تۇرا. RiwEuY  
@:I \\S@bN  
    (مەزمۇنى: بۇ سۆزلەرنى ئون سەككىز ئايدا سۆزلەپ تۈگەتتىم، `>$g y/N  
Be'?#Qe   
    سۆزلەرنى تاللاپ، ئايرىپ، تېرىپ رەتلىدىم.) &:IfhS  
}//8$Z<(  
    بۇ بېيىتلاردىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھىجىرىيەنىڭ 462 – يىلى (مىلادىيە 1069 — 1070 – يىللىرى) غا توغرا كېلىدۇ. ;2+ FgOj  
30wYc &H  
    تەگوردى ماڭا ئەلگىن ئەلىگ ياشىم، v)X[gttf  
y$+!%y*  
    قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم. "H/2r]?GT  
0jl:Yzo&\  
    (مەزمۇنى: تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم، >n@>h$]  
q329z>  
    قوغۇ(ئاق قۇ) قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك بېشىم.) ePIly)=X  
=X%R*~!#Of  
    بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا 50 ياشلاردىن ئاشقانلىقى، داستاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادىيە 1018 – ياكى 1018 – يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. داستاننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىپ ئۇنى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن بۇغراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق (ئارىچى، ۋەكالەتچى، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى ئەرەبچە سۆز) ئۇنۋانىنى بەرگەن. .$}Z:,aB  
VygXhh^7\  
    ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق. ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن. بۇلاردىن بىرى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋىنا نۇسخىسى (1939 – يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى)، ئىككىنچىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن (14 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا) كۆچۈرۈلگەن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى، ئۈچىنچىسى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا بولغان ئەرەب يېزىقىدىكى نەمەنگەن ياكى فەرغانە نۇسخىسىدۇر. P"h,[{Y*>  
"=v J }  
    ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› — بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. A+bu bH,  
l yLK$B?/  
    ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82 باب، 6644 بېيىت (13288 مىسرا) تىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنىۋى شەكلى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە ئاپتور ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇش يوللىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي ئۇسۇلدا، يەنى ئادالەت ۋە قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان پادىشاھ كۈنتۇغدى، بەخت – سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان ۋەزىر ئايتولدى، ئەقىل – ئىدراكقا سىمۋول قىلىنغان ئۆگدۈلمىش، قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋاستىسىدە كۆركەم ئەدەبىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ. "cz]bCr8  
<|>:UGAR  
    ( مەزكۇر تەرجىمىھال ئازاد مىرقاسىم تۈزگەن ‹‹تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى›› دىن قىسقارتىپ ئېلىندى)  +lf@O&w  
F6neG~Y  

يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
Qin~uyghur

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13654

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   202 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9530 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1177 (قېتم)
 تۆھپە:   1177  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1397
 سائەت
دەرىجىسى:
1397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2013-07-17
ئاپتورنىڭلا17- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

باشقا چوڭ سۇئاللاردىكى سورالغان سۇئاللارغىمۇ جاۋاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن! .^+$w $  

/apps.php?q=photos&uid=13654&a=album&aid=745
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا18- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

10 چوڭ ئەسەر . 1. قۇتادقۇ بىلىك .يۈسۈپ خاس ھاجىپ . 2 ھايات شۇنداق . ئەھەت تۇردى . 3 .تاغلار غۇلىغاندا ، چىڭغىز ئايتماتوف . 4 .شىرىن بۇلاق - فەيسۇرە راھمان .5.شۇنداق دىگەن - ئابدۇقادىر جالالىدىن . 6. خىزىرغا يولۇققان ئاتا - ئارىسلان تالىپ . 7 .ئابدۇخالىق ئۇيغۇر - مۇغەممەت شاھنىياز .8.غورورنامە- ئەركن ئابدۇقادىر . 9.ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە-خېۋېر تومۇر .10. قانلىق ئىز - ئابلا بامان .
يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9846 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   814 (قېتم)
 تۆھپە:   784  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4000
 سائەت
دەرىجىسى:
4000 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا19- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

بىر نەرسە كۈن بويى ساناپ تۇرىدۇ، S&VN</p  
F;zmq%rK  
ئۇنىڭغا ھەممە كىشى قاراپ تۇرىدۇ. mU3UQj  
Y`M.hYBXk  
ئۇ نىمە؟  سائەت . S`J_}>  
%o?fE4o'  
كۈندۈزى يىغىلدۇ، M0^r!f>O  
`dj/Uk  
كىچىسى يېيىلىدۇ. 72PDqK#  
#a/lt^}C*  
ئۇ نىمە؟ يوتقان - كۆپە . >8RIMW2  
]qXfg c  
BkIvoW_  
QJ$]~)w?H  
+8~S28"Wg3  
#!<x|N?_<  

يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى