باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1093 
  •    ئىنكاس 
       4 

پەيغەمبەررىمىز ئېيتىپ بەرگەن ئەۋلىيا جۇرەيجنىڭ ھېكايىسى

قەۋەت ئاتلاش
فارۇق351

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13302

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13610 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1360 (قېتم)
 تۆھپە:   1360  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1337
 سائەت
دەرىجىسى:
1337 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-06-13

ئىلگىركى ئۈممەتلەر ئېچىدە كۆپلىگەن سالىھ ئەۋلىيالار، ئىبادەتگوي زاھىدلار ئۆتكەن. ئاللاھ تائالا ئۆزى تەرپىدىن ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى بىلەن ئاقلىغان، قوللىرىدا كارامەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەنەشۇ سالىھ ئەۋلىيالاردىن بىرى ئابىد جۇرەيج بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاقلىنىش ۋە كارامەتلەر بولسا، پىتنە-پاساتچىلار تەرپىدىن جۇرەيجنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىشىغا مەجبۇر قېلىشىنى پايلاپ تۇرۇشلىرى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ناھەق تۆكمەكچى بولۇشقانلىرىدىن كىين يۈز بەرگەن ئىدى. T*"15ppfk  
جۇرەيجنىڭ بۇ ھەقتىكى قىسسىسىنى پەيغەمبىرىمىز بىزلەرگە ھېكايە قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىملار ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان مۇبارەك ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئىيتىدۇ: z?C;z7eT  
«بۆشۈكتىكى چېغىدا پەقەت ئۈچلا بوۋاق سۆزلىگەن. ئۇلارنىڭ بىرى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامدۇر، ئىككىنچىسى، جۇرەيجنىڭ ۋەقەلىكىدىكى بوۋاقتۇر، جۇرەيج بولسا بىر ئابىد كىشى ئىدى. ئۇ مەخسۇس ئىبادەتخانىدىن بىرنى سېلىپ شۇيەردە تۇراتتى. بىر كۈنى ئاپىسى ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كېلىپ: «جۇرەيج!» دەپ چاقىردى. جۇرەيج ئىچىدە: «ئى رەببىم! ئانامغا جاۋاب قايتۇرايمۇ؟ نامىزىمنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەيمۇ؟» دەپ ئاخىر نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئانىسى كېتىپ قالدى. جۇرەيج ئەتىسى يەنە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئانىسى كېلىپ: «جۇرەيج!» دەپ چاقىردى. جۇرەيج: «ئى رەببىم! ئانامغا جاۋاب قايتۇرايمۇ؟ نامىزىمنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەيمۇ؟» دەپ ئاخىر نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئەتىسىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى: «ئى ئاللاھ!» جۇرەيج بۇزۇق خوتۇنلارنىڭ يۈزىگە قارىمىغۇچە ئۇنىڭ جېنىنى ئالما (يەنى بىر تۆھمەتكە گىرپتار بولسۇن)»، دەپ بەد دۇئا قىلدى. بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئارىسىدا جۇرەيجنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر بولۇپ تۇراتتى. چىرايلىقلىقى بىلەن بىر بۇزۇق خوتۇن بولۇپ، ئۇ: «ئەگەر خالىساڭلار مەن يولدىن چىقىراي»، دەپ جئۇرەيجنى ھەرخىل ۇسۇللار بىلەن ئۆزىگە قاراتماقچى بولدى. جۇرەيج ئۇنىڭ دامىغا چۈشمىدى. بۇ خوتۇن جۇرەيجنىڭ ئىبادەتخانىسى يېنىدا تۇرىدىغان بىر پادىچىنىڭ تېنىغا كېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. پائۇنىڭغا چېقىلىپ قويدى. شۇنىڭ ئۇ ھامىلىدا بولۇپ قالدى. بالا تۇغۇلغاندا، ئۇ خوتۇن بالىنى «جۇرەيجدىن بولغان» تۇرۇۋالدى. كىشىلەر جۇرەيجنى ئىبادەتخانىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئىبادەتخانىسىنى چېقىپ، ئۇنى دۇمباللىغىلى تۇردى. جۇرەيج: «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دېۋىدى، كىشىلەر: «سەن بۇخوتۇن بىلەن زىنا قىپتىكەنسەن، سەن ئۇ بالىنى تۇغۇپتۇ»، دېدى. جۇرەيج: «قېنى ئۇ بالا؟»، دېدى. بالىنى ئەكىلىشتى. جۇرەيج: «مېنى قويۇپ بېرىڭلار، ناماز ئوقۇۋالاي»، دەپ ناماز ئوقۇدى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بالىنىڭ قورسىقىغا قولىنى سانچىپ تۇرۇپ: «ئى بالا! ئاتاڭ كىم؟» دېۋىدى، بالا: «پالانى پادىچى»، دەپ جاۋاب بەردى. كىشىلەر جۇرەيجنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، جۇرەيجنى سۆيگىلى، ئۇنىڭ قوللىرىنى بەدىنىگە سۈركەپ، تەۋەرۈك قىلغىلى تۇردى. ئۇلار: «ساڭا ئالتۇندىن بىر ئىبادەتخانا سېلىپ بېرەيلى»، دېۋىدى، جۇرەيج: «ياق، مېنىڭ ئىبادەتخانامنى لايدىن قايتا بۇرۇنقىدەك سېلىپ بېرىڭلا»، دېدى. كىشىلەر شۇنداق قىلدى». Z  Mp  
جۇرەيج ئەسلىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى بولۇپ، ئۇ قىلىۋاتقان تىجارىتىدە بىر قىتىم زىيان تارتسا، يەنە بىر قىتىمدا پايدا ئالاتتى. كىينچە ئۇ شۇنداق دېگەن ئويغا كەلدى: «بۇ تىجارەت ئىشىدا ماڭا ياخشىلىق يوقكەن، ياخشىسى مەن بۇ تىجارىتىم ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر تىجارەتنى قىلاي». ^Pc>/lY$Q%  
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبادەت ۋە زاھىدلىق يولىغا كىرىپ كەتتى، ھەمدە كىشلەردىن ئايرىلىپ تۇرماقچى بولۇپ، ئىبادەت ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئورۇننى ئىبادەتخانا قىلىپ ياساتتى. |JVeW[C  
جۇرەيجنىڭ ئانىسى بولسا، ئۇنى پات-پات كىلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئىبادەتخانىنىڭ بالكۇنىغا كىلىپ ئوغلىغا مەسلىكى بىلەن قاراپ تۇرۇپ كىتەتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشەتتى. t>89(k  
كۈنلەردىن بىر كۈنى توساتتىن ئانىسىنىڭ يوقلاپ كەلگەن ۋاقىتى ئۇنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالدى، جۇرەيجنىڭ ئانىسى ئۇنى چاقىرىۋىدى، ئۇ ئانىسىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالدى ۋە نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئانىسىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بىرىشتىن ئۈستۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى قايتىپ كېتىپ ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنچى كۈنىسى يەنە كەلدى ۋە ئۇنى چاقىردى، ئۇ بۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئالدىنقى قېتىمدىكىگە ئوخشاش ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئانىسىنىڭ چاقىرقىغا جاۋاب قايتۇرماستىن يەنە نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن ئىدى. Ln;jB&t  
شۇنىڭ بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا قاتتىق دەرغەزەب بولۇپ، ئۇنىڭغا: «تاكى ئۇنىڭ بۇزۇق خوتۇنلارنىڭ چىرايىغا قارىمۇغىچە ئۆلمەسلىكىگە» بەد دۇئا قىلىپ تاشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا رىۋايەتلەردە ئىيتقىنىدەك ناۋادا ئۇ بىرەر سىناققا يولۇقۇش بىلەن بەد دۇئا قىلىنغىنىدىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇ بەد دۇئادا قىلىنغان سىناققا مۇپتىلا بولماي قالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى ۋە دۇئانىڭ سەۋەبلىرىنى تەييار قىلىپ بەردى، ھەمدە جۇرەيجنى پىتنىگە دۇچار قىلدى. FrSeR9b  
بەنى ئىسرائىل كىشلىرى جۇرەيجنى ئۇنىڭ ئىبادەتگويلىقى، زاھىدلىقى توغرۇلۇق گەپ سۆزلەر قىلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆز گۈزەللىكى ۋە ھۆسنى جامالى بىلەن تونۇلغان بىر بۇزۇق ئايال جۇرەيجنى يولدىن چىقىرىپ ئازدۇرالايدىغانلىقى بىلەن ئۇلارغا ۋەدە بەردى. ئەمما ئۇ ئايال جۇرەيجنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولغىنىدا جۇرەيج ئايالنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكىمۇ ئۇنىمىدى، ھەتتا جۇرەيج ئۇ ئايالغا ئازراقمۇ ئىتىبار بىرىپ قويمىدى. )2Gp3oD?  
شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە تەقۋادار بۇ كىشىنى ئازدۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشقانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئايال، غەزىپىنى باسۇرالماستىن باشقا يول بىلەن جۇرەيجنىڭ ئابرويىنى تۆكۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى-دە جۇرەيجكە ئاجايىپ ھىلىدىن بىرنى ئويلاپ تاپتى. yVPkJ  
شۇنىڭ بىلەن ئۇئايال جۇرەيجىنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان پادىچىنى كۆرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كېچىنى بىرگە ئۆتكۈزدى ۋە پادىچىغا ئۆز ئىختىيارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلدى. m,n V,}@J  
ئايال شۇ كېچىسى پادىچىدىن ھامىلىدار قالغان بولۇپ، بالا تۇغۇلغىنىدىن كىين، بۇ ئايال بالىنى جۈرەينىڭ بالىسى دەپ دەۋا قىلىشقا باشلىدى. C~M~2@Iori  
كىشىلەر ئابىد جۇرەيجنىڭ بۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغانلىقىنى بەس-بەستە يەتكۈزۈشكە باشلىدى، ھەمدە ئۇلار جۇرەيجنىڭ يېنىغا ناماز ئوقۇۋاتقان ۋە ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بېرىپ، ئۇنى ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كىتىشكە بۇيرۇپ، ئاندىن پالتىلىرى بىلەن ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن جۇرەيج ئۇلار تەرەپكە چېقىشى بىلەن تەڭ، ئۇلار ئۇنى تۇتىۋىلىپ، ئۇرۇپ دۇمباللاشقا ۋە ھاقارەتلەشكە باشلىدى، ھەمدە ئۇنى مۇناپىقلىق ۋە رىياخورلۇق بىلەن ئەيىپلەشتى. XezO_V  
جۇرەيج ئۇلاردىن نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغىنىنى سورىغىنىدا، ئۇلار بالىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بۇزۇق ئىش قىلغانلىقىنى ئىيتىشتى ۋە ئۇلار ئۇنى ئالدىلىرىغا سىلىۋېلىپ ھەيدەپ مېڭىشتى. Fz+0h"  
ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ بىر توپ بۇزۇق ئاياللارنىڭ ئۆيلىرى ئالدىدىن ئۆتۈشكىنىدە، بىر توپ بۇزۇق خوتۇنلار ئۆيلىرىدىن چېقىپ جۇرەيجكە قاراشقا باشلىدى. جۇرەيج ئاياللارنى كۆرگىنىدىن كىين كۈلۈپ قويدى. ئاندىن ھېلىقى بوۋاقنى ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىدى. ئۇلار بوۋاقنى ئېلىپ كەلگىنىدە، جۇرەيج ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇپ ئۆز ئۆز رەببىگە ئىلتىجا قىلىۋىلىشىغا بىر پۈرسەت بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلدى. :)nn/[>fC  
جۇرەيج نامىزىنى تاماملاپ بولغىنىدىن كىين بوۋاقنى ئېلىپ كەلدى ۋە بوۋاقنىڭ قورسىقىنى بارمىقى بىلەن سانچىپ تۇرۇپ كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بوۋاقتىن: «ئاتاڭ كىم؟» دەپ سورىدى، ئاللاھ تائالا بالىغا تىل ئاتا قىلىپ ھەممە ئاڭلىيالايدىغان ۋە چۈشۈنەلەيدىغان تىلدا سۆزلەشكە باشلىدى ۋە «ئاتام پالانى پادىچى» دەپ جاۋاب بەردى. ]?F05!$*  
شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ سالىھ كىشى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلغانلىقلىرىنى تونۇپ يېتىپ، جۈرەيجنىڭ ئالدىغا كېلىپ جۇرەينى سۆيۈشكە، ئۇنىڭ قوللىرىنى ئۆزلىرىگە سۈرتۈپ تەۋەرۈك قىلىۋىلىشقا باشلىدى. V|NWJ7   
كىشلەر جۇرەيجكە قارىتا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ كاپارىتى بولىشىنى كۆزلەپ، ئۇنىڭغا ئالتۇندىن بىر ئىبادەتخانا سېلىپ بەرمەكچى بولۇشقان بولسىمۇ، ئەمما جۇرەيج بۇنى رەت قىلىپ، ئىبادەتخانىنى ئەسلىدىكىدەك لايدىن قىلىپ سېلىپ بىرىشىنى ئىيتتى. V"VWHAu*.w  
ئارقىدىن ئۇلار جۇرەيجنىڭ بۈزۈق ئاياللارنىڭ ئۆيلىرى ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقانلىرىدا نېمە سەۋەپتىن كۈلۈپ تاشلىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىندا ئۇ جاۋاب بىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت ئانامنىڭ قىلغان دۇئاسىنى ئويلاپلا كۈلدۈم». -"5x? \.{m  
مانا بۇلار سۈننەت كىتابلىرىدا كەلگەن جۇرەيجنىڭ ھېكايىسى. جۇرەينىڭ بۇ قىسسسى نۇرغۇنلىغان ئىبرەت ۋە ۋەز-نەسىھەتلەرگە تولغان بولۇپ، قىسسە بىزگە: ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئىنسان بىشىغا كۆپلىگەن مۇسىبەتلەرنى ئىلىپ كىلىشكە سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى، ھەمدە قىسسىدىكى ئاشۇ سالىھ بەندىنىڭ يولۇققان مۇسىبەتلىرى ۋە سىناقلىرىنىڭ دەل ئانىسىنىڭ چاقىرقىغا بىپەرۋا قارىغانلىقى تۈپەيلىدىن بولغانلىقىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ. XKp%7;  
شۇنداقلا بۇ قىسسە بىزگە، كىشىنىڭ پاراغەتلىك پەيتلىرىدىمۇ ئۆزىنى ئاللاھقا باغلاشنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ مەرىپىتىگە باغلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى، شۇنداقلا كىشىدە مەلۇم نىسبەتتە سالىھ ئەمەل، ياخشىلىق ۋە ئىھسان قاتارلىقلاردىن زاپاس تۇرىشىنىڭ خۇددى جۇرەينىڭ سالىھلىقى ۋە تەقۋالىقى ئۇنى تۆھمەتتىن قۇتقۇزۇپ ئاقلىغىنىغا ئوخشاش، كىشىنى قاتتىقچىلىق ۋە قىيىن كۈنلەردە نىجاتلىققا ئېرىشىشكە پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بىرىدۇ. Sm#;fx+  
قىسسىدە يەنە، سىناقلارغا دۈچ كەلگەندە قەلىبلىرى ھېچ تەرەددۇدلەنمەيدىغان، پىتنىگە قالغىنىدا ئۆزىنى ھېچ يوقىتىپ قويمايدىغان، بەلكى خۇددى جۇرەيجنىڭ ئۆز رەببىگە ئىلتىجا قىلغىنى ۋە نامازغا ئالدىرغىنىغا ئوخشاش شىددەتلىك پەيتلەردە ھەر ئىشنىڭ چارىسى ئۆز ئىلىكىدە بولغان زات ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىدىغان ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرى ۋە ئەۋلىيالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رۇشەن بايانلار بار. خۇددى مۇشۇ ئەھۋالدىكىدەك پەيغەمبىرىمىزمۇ بىرەر ئىش غەم قىلدۇرسا نامازغا ئالدىرايتتى. *Rshzv[  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-01-25, 23:59
 
jabduk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13061

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   28 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1553 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   156 (قېتم)
 تۆھپە:   156  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 184
 سائەت
دەرىجىسى:
184 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-16
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-26

bu bak yahxi  tema ikan
qaphun101
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5734

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   238 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12020 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1201 (قېتم)
 تۆھپە:   1201  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2210
 سائەت
دەرىجىسى:
2210 سائەت 90 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-17
ئاخــىرقىسى:2013-06-13
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-28

بىلىۋالدىم . رەخمەت سىزگە.
101
tunjikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.659

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5225 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   366 (قېتم)
 تۆھپە:   336  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 273
 سائەت
دەرىجىسى:
273 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-02-07
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-03

قايتېلنىپ يېزىلمىغاندو ھە؟
اللا رەھمە قېلسۇن!!!!!!
yohantal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12716

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   749 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   75 (قېتم)
 تۆھپە:   75  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 841
 سائەت
دەرىجىسى:
841 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-29
ئاخــىرقىسى:2013-02-04
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-04

ئالا قەلبىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتسۇن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى