باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       608 
  •    ئىنكاس 
       6 

خوراز بايۋەچچە(ھېكايە)

قەۋەت ئاتلاش
eqiniman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12500

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9793 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   950 (قېتم)
 تۆھپە:   950  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1161
 سائەت
دەرىجىسى:
1161 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
— بۇ تېمىنى AnaTuprak شېئىرىيەت ئالۋۇنى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2013-01-20) —

ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن «ھۆپۈپ خېنىم»نىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش نىيىتى بولسىمۇ، ھېچبىر يوچۇق تاپالماي تىمىسقىلاپ يۈرەتتى. قىپقىزىل تاجىنى ئۇياق - بۇياققا لىڭشىتىپ بىرھازا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلگەندەك ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، قاناتلىرىنى كەڭ يايغان ھالدا بويۇنداپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدى. ~${~To8$CW  
__ قې - قىق! توغرا، ھۆپۈپنى ئىشقا سېلىش كېرەك! ئۇ ئەنقانىڭ شىركىتىنى ناھايىتى تولۇق بىلىدىغان، ئەنقانىڭ مىجەز - خاراكتېرى، شىركەت باشقۇرۇش تەرتىپى، تىجارەت مەخپىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچۇرغا ئىگە بىر شەخسقۇ. 2w|5SK_  
خوراز بايۋەچچە شۇ ھامان ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ ئۆز پېيىدىن ياسالغان قەلەمنى دېۋەتكە چىلاپ ئالدىراش «كاتىپ تەكلىپ قىلىش ئېلانى» يازدى. ئۇ تەكلىپ تەلەپلىرىگە «ئۇچالايدىغان بولۇش» دېگەن بىر شەرتنى قوشۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئويلانمايلا، شىركەتكە كەلگىلى نەچچە كۈن بولغان كاتىپ مېكىياننى چاقىردى. [@@{z9c  
نېمە ئىش ئىدى، دېرىكتور؟ N+&uR!:.C  
__ قې - قىق، سىز دەرھال بۇ ئېلاننى بېسىپ چىقىپ، مېنىڭ ئىش بېجىرگۈچۈمگە تاپشۇرۇپ بېرىڭ. 1UP{j`-K|  
__ بولىدۇ، __ كاتىپ مېكىيان ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا خوراز بايۋەچچە قانات قاقتى. _k:8ib2TQ  
__ يەنە ئىش بارمىدى دىرېكتور؟ __ دېدى ئۇ ئاپئاق قوللىرىنى قوۋۇشتۇرۇپ. |5u~L#P  
__ ئىشقۇ يوق، ھە راست، مۇئاۋىن دىرېكتورنى چاقىرىپ قويۇڭ! =.`\V]  
كاتىپ مېكىيان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، خوراز بايۋەچچە ھۆپۈپ خېنىمنىڭ ئۆزىگە ماسلاشقان تاجى، زىلۋا، كېلىشكەن قەددى - قامىتىنى بىرەر قۇر خىيال قىلىپ چىقتى. z;JV3) E  
«ئەنقا دېگەن ئەخمەق، ئۆزىگە ئامەت كەلگىنىنى بىلمىدى. ھۆپۈپ خېنىم كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولمىسىمۇ، بىراق زامانغا ماسلاشقان، يېڭىچە ئاڭ ۋە تەپەككۇرغا ئىگە. ئۇنى قەدىرلىگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭدىن كۆپ مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ھازىر دېگەن ئۇچۇر دەۋرى، ھەممە ئىشنى مۇستەقىل بىر مەيدانغا كىرىۋېلىپ باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، چوقۇم زامانغا ماسلىشىش كېرەك. چوقۇم باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىمەن دەيدىكەنسەن، ئەڭ مۇۋاپىق ۋاسىتە تاللىشىڭ كېرەك.» "Enb   
تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى. خوراز بايۋەچچە سەل ئاچچىقلىنىپ دېدى: o~$O$  
__ قې - قىق! كىرىڭ. ixA.b#!1  
__ مېنى چاقىرتقۇدەك مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بارمىدى؟ W.3b]zcV  
__ شۇنداق، قېنى مەرھەمەت، __ خوراز بايۋەچچە مۇئاۋىن دىرېكتورنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئورنىدىن تۇردى. cWW?@ _  
بۇ مۇئاۋىن دىرېكتور بىر قېرى مېكىيان بولۇپ، خوراز بايۋەچچىنىڭ ھاممىسى ئىدى. خوراز بايۋەچچە ئاتا - ئانىسىدىن كېيىن قالغاندىن كېيىن، مۇشۇ قېرى مېكىيان ئۇنى تۇمشۇقلۇققا چوقۇتماي، تىكەنلىككە سانجىتماي ئۆزى بىر قوللۇق بېقىپ، ئوقۇتۇپ، دادىسىدىن مىراس قالغان پۇل بىلەن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بۇ شىركەتنى قۇرۇپ، ئۇنى باش قىلىپ قويغانىدى. ئۆزى مۇئاۋىن دىرېكتورلۇق ئورنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى يېتەكلەيتتى. fkI 5~Y|  
چۈجە خوراز دىرېكتورلۇق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن كۆپ ئىش كۆردى. ئۇ گەرچە چوڭ بولغۇچە باشقىلارنىڭ ئۇرۇپ- سوقۇشىغا، ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، بىراق پەيلىرى رەڭ تۈزۈپ، دىرېكتورلۇق ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ھەر خىل دىرېكتورلار يىغىلىشىدا، ھەشەمەتلىك يىغىنلاردا، زىياپەتلەردە ھامان ئەنقادەك چوڭ شىركەتنىڭ دىرېكتورلىرى تەرىپىدىن ئانچە كۆزگە ئىلىنماي، ساھىبخان تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنماي كەلدى. ئۇ مۇشۇ چاغلاردا ئۆزىنىڭ ھازىرقى كىچىك ھالىتىدىن چوقۇم بېشىدىكى تاجىغا لايىق چوڭ، كاتتا شىركەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشنى نىيەت قىلدى. ئاشۇ غايىسى بويىچە يۇقىرى - تۆۋەن قاتناپ، بازار، ئۇچۇر، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ ئۆگىنىپ ئىزدىنىپ، شىركەت تاپاۋەت سوممىسىنى 2 __ 3 يىلدىلا تۆت ھەسسە ئاشۇردى. باي بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىناۋىتىمۇ ئۆسۈپ قالدى. باشقىلار ئەمدى ئۇنى «سولتەك چۈجە» دېمەي، «خوراز بايۋەچچە» دەپ چاقىرىشىدىغان، ھۆرمەتلىشىدىغان بولدى. پۇل كۆپ بولسا ئەقىلمۇ كۆپ بولىدىغان گەپ. خوراز بايۋەچچە قېرى ھاممىسىنى باشلاپ، شەھەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى كۆردى. چوڭ شىركەت، زاۋۇت قۇرغۇدەك جاي بولسىمۇ، بىراق تا ھازىرغىچە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئالالماي كەلدى. m>=DJ{KQ  
__ ھامما، مەن ھۆپۈپ خېنىمنى كاتىپلىققا تەكلىپ قىلايمىكىن دەيمەن. Sp>g77@  
__ كا - كا - كا، نېمە؟ ئاشۇ سېسىق ھۆپۈپنىما؟ قېرى مېكىيان سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى، __ ياق، مەن قوشۇلمايمەن! _ [k\S|iY  
__ قوشۇلماسلىقىڭىزدا قانداق سەۋەب بار؟ __ خوراز بايۋەچچە ئۆزىگە خاس سالاپەت ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇردى. 1$b@C-B@g  
__ سىز ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز. __ قېرى مېكىيان ئىشخانا ئىچىدە ئۇياق - بۇياققا ماڭغاچ سۆزلىدى. }AS?q?4?  
__ ئۇ سېسىق، ئەنقانىڭ شىركىتىدە ئىشلەپ، ئۇنىڭغا قۇيرۇقىنى سۈركەپ، نازلىنىپ، ئەنقانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىپلا، كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نەدىكى ئاتىقى يوق، بىزنىڭ چۈجىلىرىمىزنىڭلا پېيىدە يۈرىدىغان سا دېگەن ئەبلەخ بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن؛ ساختا ھېسابات ياساپ، يەپ - ئىچىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىپ، خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەنقا دىرېكتور تەرىپىدىن ھەيدەلگەن بۇزۇق ئۇ. مانا ئەمدى سىز ئاشۇ ئاپەتنى كاتىپ قىلىمەن دېسىڭىز، چوقۇملا يەۋاتقان ئېشىڭىزغا توپا سالغان بولىسىز، بالام. :)1"yo\  
__ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ھامما، __ خوراز بايۋەچچە ئورنىدىن تۇرۇپ بايىدىن بېرى ئاچچىقىدا ئۆزىنى باسالماي قالغان قېرى مېكىياننىڭ دولىسىدىن تۇتۇپ سافاغا ئولتۇرغۇزدى. ]5'$EAsuW  
__ مېنىڭمۇ ئۇنى داۋاملىق ئىشلىتىش نىيىتىم يوققۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭدىن ۋاقتىنچە پايدىلانساملا بولدى. كېرىكى قالمىغاندا ھەيدەيمەن شۇ. '3S~QN  
__ ھە، ئۇنى قانداق ئىشقا سالماقچىسىز؟ vH+g*A0S<  
__ قې - قىق! ھىم، بۇنى ياخشى سورىدىڭىز، __ خوراز بايۋەچچە ئورنىدىن تۇرۇپ قاناتلىرىنى كېرىپ بوينىنى سوزدى. @` KYgjjH  
__ قې - قىق! مەن ئۇنى ئەنقانى مەغلۇپ قىلىدىغان قورال قىلماقچى. ;TL.QN/l  
__ ئەنقانى؟ M!,H0( @G  
__ توغرا. ھۆپۈپ گەرچە ئۇنىڭ شىركىتىدە ئۇزاق ئىشلىيەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەنقانىڭ بىر مەزگىللىك كاتىپلىقىنى قىلغان. ئەنقانىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، قىممەتلىك مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلىۋالغان. بۇ، ئەنقانىڭ بىر ئاجىزلىق تەرىپى. يەنە بىرى، ھۆپۈپنىڭ قەددى - قامىتى كېلىشكەن، يۇقىرى - تۆۋەن مۇناسىۋەتكە ماھىر، كومپيۇتېر ئىشلىتىش تېخنىكىسى ياخشى. ئۈچىنچىدىن، بىزنىڭ شەھەر سىرتىدىكى جايغا زاۋۇت قۇرۇش ئىشىمىز تېخى ھەل بولغىنى يوق. مۇشۇنداق ئىشلاردا چوقۇم ھۆپۈپتەك خادىم بولمىسا بولمايدۇ. k|-\[Yl.  
قېرى مېكىيان ئۇزاق ئويلاندى. خوراز بايۋەچچىنىڭ ئويلىغانلىرىمۇ توغرىدەك قىلاتتى، بىراق سېسىق نامى پۇر كەتكەن ھۆپۈپنىڭ تاغ باغرىدىن ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشتەك باش كۆتۈرۈۋاتقان ئوغلىنى ئازدۇرۇپ خاتا يولغا باشلاپ نابۇت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. خەير، سودا دېگەن تەۋەككۈلچىلىك. -+"#G?g  
__ بالام، ئەنقا بىلەن پۇت تېپىشىپ نېمىمۇ قىلارسىز؟__ قېرى مېكىيان ئۇنىڭ ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش مەقسىتىنى قوللىمىغاندەك قىلاتتى. vK!`#W`X  
__ قې - قىق! سودا دېگەن رەھىمسىز بولىدۇ، ھامما. سىزگە بۇلارنى دېمىسەممۇ بولىدۇ. كىم باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىمەن دەيدىكەن، ھەرقانداق ۋاسىتە بولسىمۇ قوللىنىپ چوقۇم مەقسىتىگە يېتىشى كېرەك، __ خوراز بايۋەچچە بىر ھازا قېقىلداپ ئۆتتى. (p2`ofj  
قېرى مېكىيان بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، خوراز بايۋەچچىگە قارىدى: ko@ej^  
__ مەن سىزنىڭ قارار قىلغان ئىشىڭىزنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. بوپتۇ، ھۆپۈپنىڭ ئىشىنى بىرلىكتە ھەل قىلارمىز، بىراق ئەنقانىڭ ئىشىنى قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. pyhXET'  
قېرى مېكىيان ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ قوشۇپ قويدى: vx9!KWy}  
__ بىزنىڭ ئەنقا بىلەن ھېچقانداق تالاش - تارتىشىمىز يوق، جۇما! S1$^ _S=  
قېرى مېكىيان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، خوراز بايۋەچچە دېرىزە ئالدىغا كېلىپ ئېگىزدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى. بۇ دېرىزىدىن شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرىنى دېگۈدەك بىمالال كۆرگىلى بولاتتى، ھەتتا ئۇ شىركەت، زاۋۇت قۇرماقچى بولغان بوشلۇقنىمۇ بۇ يەردە تۇرۇپ كۆرەلەيتتى. بۇ جاينىڭ مەپتۇنلۇقىدا كۆپ ئويلىنىپ، ھەر خىل چارە - ئامال ئىزدەپ، پايدىلىنىش قىممىتى بارلىكى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا تىرىشاتتى. ئۇ ئۈستىلىگە كېلىپ كۇنۇپكىنى باستى. xJ3C^b%H  
__ نېمە ئىش، دېرىكتور؟ __ كاتىپ مېكىياننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. yv-R<c!'  
__ ئىش بېجىرگۈچى ئىشخانامغا كىرسۇن. ]({ -vG\m  
__ كاتىپلىققا تىزىملاتقانلارغا ئەتىلا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ!__ خوراز بايۋەچچە ئىككى قانىتىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىش بېجىرگۈچىسىگە ئىش تاپىلاۋاتاتتى، __ ئەڭ ئاخىردا مەيلى كىم لايىق بولسۇن، بەرىبىر، پەقەت ھۆپۈپ خېنىمنىلا قوبۇل قىلىمىز، چۈشەندىڭىزمۇ؟ ]1++$Ej  
__ چۈشەندىم، خوجايىن. OG}890$n  
ئەتىسى تىزىملاتقانلار چاقىرتىلدى. ھۆپۈپ خېنىم تاجىنى رۇسلاپ - تۈزەپ، چىرايلىق پەيلىرىنى يۇيۇپ - تاراپ پارقىرىتىپ، ئەۋرىشىم قامىتىگە خۇپ ياراشقان كىيىملىرىنى كىيىپ، ئاۋۋالقىدەكلا «جاھاننىڭ ھەممىسى مۇشۇ شۇ» دەپ ئالتىنچى ئاينىڭ چىلگىسىدەك تولغان بىر جۈپ كۆكسىنى گىدەيتىپ، بۇ شەھەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، قابىلىيەتلىك باي خوراز بايۋەچچىنىڭ تەكلىپ قەغىزىنى ئېلىپ، سالماق قەدەم بىلەن يېتىپ كەلدى. كۈتۈۋېلىش زالىدا ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ھىدى دىماغلىرىغا ئۇرۇلۇشى بىلەنلا كۇسۇلداشتى: PtkMzhX  
__ ھۆپۈپ سېسىق كەلدى. *}vvS^c0  
__ بۇ يەرنىمۇ سېسىتقىلى كەلمىگەندۇ؟ s* GZOz  
ھۆپۈپ ئۇلارنىڭ كۇسۇلداشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن، ئۆزىگە زور ئىشەنچ بىلەن كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى قىرغاۋۇل خېنىم بولۇپ، ئۇ، پاراسەت ۋە كارامەتتە ھۆپۈپتىن يۇقىرى تۇراتتى. ھۆپۈپ قىرغاۋۇلنى كۆرۈپلا ئەندىشىگە چۈشتى: «بۇ مېكىيانلارغۇ ماڭا تەڭداش بولالمايدۇ. ئاڭلىسام خوراز بايۋەچچە مېكىيانلارغا زادىلا قىزىقماسمىش. بىراق ماۋۇ قىرغاۋۇل دېگەن يەلتاپانغا بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان، خىزمەت تەجرىبىسى مول، ئايىغى يەڭگىل، ئىشلارنى چاندۇرماي قىلىشقا ئۇستا. كومپيۇتېر، تىل جەھەتتىمۇ مەندىن يۇقىرى. بۇ قېتىم …» 2E40&  
شۇلارنى ئويلاپ، ھۆپۈپنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. بىر ھازاغىچە جىم بولۇپ قالغاندىن كېيىن، قولىدىكى چاقىرىق قەغىزىگە قاراپ خىيال سۈردى. A"S"La%"  
__ ھۆپۈپۈپ … ش! زالدا ئولتۇرغانلار تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ سايرىشىدىن چۈچۈشتى. توخۇلار پالاقلاپ، قۇشقاچلار ۋىچىرلاپ كەتتى. Fizrsr 6%  
__ توغرا، قىرغاۋۇل ئەقىللىق بولغىنى بىلەن قامىتى مېنىڭكىدەك زىلۋا ھەم كېلىشكەن ئەمەس. كاتىپ دېگەندە ئىشخانىسىغا، يىغىن، چايلارغا بارغاندا دىرېكتورغا يارىغۇدەك نازاكەت بولۇشى كېرەك. |it*w\+M  
__ ھۆپۈپۈپ … ش! خوراز بايۋەچچە مۇنۇ ئاق پەيلىك- سىدام مېكىيان خېنىملارغا قىزىقمايدۇ. ~k34#j:J65  
__ ھۆپۈپۈپ … ش! خوراز بايۋەچچە مۇنۇ كۈرەك قۇشقاچلارغىمۇ قىزىقمايدۇ. "c[>>t  
__ ھۆپۈپۈپ … ش! خوراز بايۋەچچە مۇنۇ … 4PVg?  
ھۆپۈپ زال ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچىنى سايراپ، يېنىدا ئولتۇرغانلارنى تولىمۇ بىزار قىلدى. D:9^^uVp  
ۋاقىت توشۇپ ھەممەيلەن بىر - بىرلەپ ئىشخانىغا چاقىرتىلىپ ئىمتىھان بەردى. ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى بويىچە ئەڭ ئاخىردا ھۆپۈپ كاتىپلىققا قوبۇل قىلىندى. lB27Z}   
*  *  * W,~*pyLdO  
ھۆپۈپ ئىككىنچى قېتىم تۇنجى ئىشقا چۈشكەن كۈنى ئاۋۋالقىدەكلا ھەممەيلەنگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ناز قىلىپ كىرىپ كەلدى ۋە دىرېكتورنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. Lx- %y'P  
__ كىرىڭ.__ خوراز بايۋەچچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن، ئۇ پەيلىرىنى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈپ، ئەۋرىشىم بەدىنىنى يېنىك چايقاپ ئىشىكنى ئاچتى. VQ!4(<XD  
__ ياخشىمۇسىز، دىرېكتور؟ -v9(43  
__ ياخشى، رەھمەت. pW ~;B*hF  
__ ئاخشام بىر كېچە ئۇخلىماستىن شىركەتنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. مۇنۇ ماتېرىيال، ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بېرەي. ;7Qem&  
ھۆپۈپ ماتېرىيالنى نازلانغان ھالدا كۆز تاشلاپ تۇرۇپ، دىرېكتورنىڭ ئالدىغا قويدى. CH+%q+I  
__ ياخشى، خىزمەت دېگەنگە مۇشۇنداق بەجانىدىللىق بىلەن كىرىشىش لازىم. شۇنداق بولغاندا نەتىجە ياراتقىلى، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكىلى، ئىناۋەت تاپقىلى بولىدۇ. 6iQqOAG  
خوراز بايۋەچچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ھۆپۈپنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلىدى. ھۆپۈپتىن تارقالغان ئىپار، ئەتىرنىڭ خۇش ھىدى دىمىغىغا ئۇرۇلۇشى بىلەن، ئۇنىڭدا قانداقتۇر بىر خىل سېزىم ئويغاندى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى: qbnlD\  
__ ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىڭىزدا ئەنقا دىرېكتور سىزنىڭ قەدرىڭىزنى تازا بىلمىدى. ئەمەلىيەتتە مەن باشتىلا سىزگە قىزىققان … kk126?V]_  
__ ھۆپۈپۈپ … ش! __  بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۆپۈپنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، كىچىك كۆزلىرى ئويناپ كەتتى،__ ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، دىرېكتور. قانداقلا ئىشىڭىز بولسا، مانا مەن تەييار! __  ھۆپۈپ قاناتلىرىنى كېرىپ، نازلىنىپ قويدى. p,WBF  
__ قې - قىق، ھىم، چىقسىڭىز بولىدۇ. ئىش بولسا چاقىرىمەن. >`3 0 ib  
ھۆپۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، خوراز بايۋەچچە بايىقى ھېسسىي لەززەت ئىچىدە مەستخۇشلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. NcHCcc  
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، دىرېكتورنىڭ ھۆپۈپنى ئىشخانىسىغا چاقىرىشمۇ، ھۆپۈپنىڭ خوجايىنىنىڭ ئىشخانىسىغا بىمالال كىرىپ - چىقىشمۇ ئاۋۇپ باردى. شىركەتتىكىلەر ئارىسىدا سۆز - چۆچەك تارىلىپ، بۇ گەپلەر كۈن بويى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاتراپ، شىركەتكە كېلەلمەيۋاتقان مۇئاۋىن دىرېكتور قېرى مېكىياننىڭ قۇلىقىغا چۈشۈپ قالدى. hW,GsJ,  
__ مۇئاۋىن دىرېكتور، __ دېدى بىر كۈنى كاتىپ مېكىيان قېرى مېكىياننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، __ ھەسەت قىلىۋاتقىنىم يوق، ھۆپۈپ خېنىم كەلگەندىن بۇيان، خوراز بايۋەچچە كۈنبويى ئۇنى ئىشخانىسىغا سولىۋېلىپ، شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. ئالدىنقى بىر ھەپتىلىك تاپاۋەت سوممىمىز بىراقلا %22 تۆۋەنلەپ كەتتى. ?{Xp'D\z  
__ كا - كا - كا … نېمە؟ *=z.H*  
__ بىز بىلەن شېرىكلەشكەن كىچىك كارخانىلار بىۋاسىتە دىرېكتور بىلەنلا ئالاقىلەشكەچكە، ئىش بېجىرگۈچىنىڭمۇ رولى بولمىدى. ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىشتا ئۇلارنىڭ ياردىمىسىز بۇ ماللارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ھە دېگەندە «سۈپەتتە مەسىلە باركەن …» دەپ تۇرۇۋېلىپ، ئاز ئالدى ياكى ئالماي قويدى. شۇنداق بولغاچقا، تاۋارنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشتا ئارقىغا چېكىنىپ كەتتۇق. Cyv_(Oh?dv  
*  *  * C~iFFh6:  
خوراز بايۋەچچە ئەتىگەندە ئىشقا كېلىپلا، مۇئاۋىن دىرېكتور ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈۋېتىپ، ھاممىسىنىڭ بويۇن پەيلىرىنى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك ھۈرپەيتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، قەدىمىنى بۇراپ، ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. RkdAzv!Y7  
__ ئەتىگەندە كىم خاپا قىلدى سىزنى؟ d\z':d .Tt  
__ كىم بولاتتى، بەڭۋاش خوراز بايۋەچچە بولمامدۇ …! ,/L_9wV-\  
__ قې - قىق! مۇشۇ ئىشمىدى. ئۇنچىۋالا قىلىپ نېمە كەپتۇ. مەھسۇلات سېتىلماي، تاپاۋەت سوممىمىز ئازراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەنگە مۇشۇنداقمۇ بولۇپ كەتكەن بارمۇ ئەمدى؟ L3Q1az!Ct  
__ ھە، سىزنىڭ پەرۋايىڭىزغا كەلمەپتۇ - دە؟ __ قېرى مېكىيان تېخىمۇ جۇدۇنى ئۆرلەپ ئورنىدىن تۇردى. Y@'1}=`J  
__ كا - كا - كا! كا - كا - كا … Q^V`%+  
ئۇ، ئىشخانىسىدا ئۇياق - بۇياققا ماڭغىلى تۇردى. 4sK|l|W  
__ بولدى، بولدى قىلىڭە ھامما. ئۇلار دېگەن ۋاقىتلىق ئىش. سىز ئەمدى ئولتۇرۇپ كاتتا خۇشخەۋەردىن بەھرىمەن بولۇڭ. eEe8T=mD  
خوراز بايۋەچچە مېكىياننى ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن، قول سومكىسىدىن يەر تەستىق قەغىزىنى ئېلىپ، ھاممىسىنىڭ ئالدىغا قويدى. ھاممىسى ئالدىدىكى تەستىق قەغىزىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ خوراز بايۋەچچىگە گىرە سالدى. cl7+DAE  
__ كا - كا - كا! يارايسىز ئوغلۇم، يارايسىز! ~(0Y`+gC  
*  *  * KF-gcRh  
ھۆپۈپ خېنىم ئۆز ئىشخانىسىدا تۈنۈگۈنكى كارامىتىنىڭ مۇكاپاتىنى خىيال قىلىش بىلەن بەنت ئىدى. «مانا، دىرېكتورنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشنىمۇ ئۆز ئەقىل - پاراسىتىم ۋە زىلۋا قامىتىم ئارقىلىق ھەل قىلىپ بەردىم. ئۇ مەندىن ئالەمچە خۇشال. ئەمدى مېنى كۆزگە قادالغان مىختەك كۆرىدىغان سېسىق قېرى مېكىيانمۇ زۇۋان سۈرەلمەيدىغان بولدى. دىرېكتور قانداق مۇكاپاتلار؟ ياقۇت كۆزلۈك ئون گراملىق ئۈزۈك ئېلىپ بېرەرمۇ؟ ساياھەتكە ئېلىپ چىقىپ، ئېسىل، ھەشەمەتلىك كاتەكتە ھۇزۇر سۈرەرمىزمۇ؟ ياكى مۇئاۋىن دىرېكتورلۇقنى ياكى ئىش بېجىرگۈچىلىكنى تاپشۇرارمۇ ياكى مېنى ئۆزىگە ئەتىۋارلىق خېنىم …» Z*e7W O.  
__ ئىشخانامغا كىرىڭ ! __ تېلېفون بېسىلىپ دىرېكتورنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. yZ)ScB^  
ھۆپۈپ ئاغزىنى تاتلىق تامشىغان ھالدا ئەۋرىشىم دەسسەپ دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. $BBfsaJPT  
__ تەييارلىق قىلىڭ، كەچتە ساياھەتكە چىقىمىز، پەقەت ئىككىمىزلا. Z/RUrYeb  
__ ھۆپۈپۈپ … ش. ماقۇل. IKr7"`  
ھۆپۈپ، خوراز بايۋەچچە سوۋغا قىلغان نەپىس، ئازادە ھۇجرىسىغا كىرىپ لازىمەتلىكلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى. ئۇ كوچىدا كېتىۋېتىپ يۈز - كۆز، تۇمشۇقلىرى قانغا مىلەنگەن سانى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدى. $xZk{ rK  
__ ھۆپۈپۈپ … ش! سا قاراۋۇل ھالىڭىز خارابقۇ؟ A07 P$3>/W  
سا ئالدىدىكى پەرىشتىدەك ياسىنىۋالغان ھۆپۈپنى كۆرۈپ، خۇشلۇقىدىن تىپىرلاپ كەتتى: YXguw7%\  
__ ۋاھ، ھۆپۈپ خېنىم، سىزنى ئاخىر تاپتىم، __ سا قاناتلىرىنى كېرىپ ھۆپۈپنى بالدۇرقىدەك بىر قۇچاقلىماقچى بولۇۋېدى، ھۆپۈپ دەرھال ئۆزىنى ئەپقاچتى. سا بىرئاز ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، چاندۇرماستىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، __ ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتكەندىن بۇيان، سىزنى ئىزدەپ سەرسان - سەرگەردان بولۇپ، بارمىغان ئەسكى تاملىق، باغ، كامار قالمىدى … ! aQmL=9  
__ ھۆپۈپۈپ … ش، ئەسكى تاملىق دېدىڭىزما؟ خان ئاچىڭىز ئەمدى ئەسكى تاملىقنىڭ خىلى ئەمەس، بىلىپ قويۇڭ. ئۇنداق جايغا سىزدەك ئوغرى - قاراقچىلارلا ئەڭ مۇۋاپىق. +l/j6)O`(m  
سا ھۆپۈپنىڭ بىراقلا ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈگىنىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىنىڭ خارابلىقىنى ئويلاپ ئۈندىمىدى. HgBg,1  
__ ھۆپۈپ خېنىم، مەن سىزگە موھتاج بولۇپ قالدىم. بايىلا بىرنەچچە توخۇ چۈجىسىگە ھۇجۇم قىلغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئون نەچچىدەك خوراز كېلىپ چوقۇپ، تېپىپ مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. ھازىر قورسىقىممۇ ئاچ، ماكان ئىزدىگۈدەك ماجالىممۇ قالمىدى. .XB] X  
__ ھۆپۈپۈپ … ش، مەندە ئامال يوق. ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ راۋۇرۇس بولالمىغانلىقىڭىزدىن، لىڭتاسمىلىقىڭىزدىن كۆرۈڭ. كىم سىزنى باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە چېقىلسۇن دەپتۇ؟! G([vy#p  
__ ۋۇ سېسىق ھۆپۈپ ! __ سا بىردىنلا غەزەپلىنىپ ئېھتىياتسىز تۇرغان ھۆپۈپنىڭ تۆپىگە تاشلاندى، بىر مەيدان تالاش - تارتىش، سىلكىش، ھۈرپىيىش ۋە مەجبۇرلاشلار بولۇپ ئۆتتى. rWs5s!l,  
ھۆپۈپ تاجلىرى سۆكۈلگەن، پەيلىرى قايرىلغان ھالدا ئۇۋىسىغا ئاران قېچىپ كىرىۋالدى. ئۇ، ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ قونداققا چىقىپ قاتتىق يىغلىدى. سانىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى سانجىلغان نازۇك بەدەنلىرىنى يۇيۇپ، تېڭىپ ئۆزىنى قايتىدىن تۈزەشتۈردى. ئەينەككە قارىۋېدى، بالدۇرقىدەك لاتاپەتلىك، گۈزەل كۆرۈنمىدى. سانىڭ تىرنىقى سانجىلغان جايدىن ئەتراپقا سېسىق پۇراقلار تارقىلىشقا باشلىدى. ئۇ دەرھال ئىشكاپلىرىنى ئاختۇرۇپ ئەتىر، ئىپار چېچىپ، بۇ پۇراقلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى. تېشىلگەن جايغا ئەتىر چېچىلغاندا ئېچىشىپ، ئۇنى ئازابلىدى. ئۇ بار ئاماللارنى قىلىپ، بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي سەپەرگە چىقىشقا تەرەددۈتلەندى. 85{vz|(':  
*  *  * L K~,  
بىر ھەپتىلىك ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەن خوراز بايۋەچچە ھۇجرىسىدا ھەپتىلىك خەۋەرلەرنى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ، بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ھۆپۈپكە قىممەتلىك سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇنى ئەمرىگە ئېلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، قانغۇچە ئويناپ مەقسىتىگە يەتكەنىدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ ھاسىلاتىدىن ئەنقانىڭ مەخپىيەتلىكىنىمۇ تاپقانىدى. ;MJ1Q  
ئەنقا بىر كۈنى شىركەت مۇدىرىيەت يىغىنى ۋە پايچىكلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەلدە سودا شىركىتى قۇرۇش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئويلىمىغان يەردىن شىركەتنىڭ %70 پايچىكى بۇ لايىھىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ھەتتا شىركەتتىن چېكىنىپ چىقىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەنقا يىغىن زالىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىدى. y4L9Cxvs  
خوراز بايۋەچچە ھېچقانداق ئىشنى چاندۇرماستىن، ھۆپۈپ خېنىمنىڭ ناز - كەرەشمىلىرىگە، پەيزىگە ۋە يۇقىرى باھاغا ئەنقانىڭ پايچىكلىرىنى سېتىۋالغانىدى. بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا زور شۆھرەت قازانغان ھۆپۈپ، خوراز بايۋەچچىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. خوراز بايۋەچچە ئاخىرى ئۇنى شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشلار دىرېكتورى قىلىپ تەيىنلەپ، شەھەر سىرتىدىكى قۇرۇلۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلدى. قۇرۇلۇش باشلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى جىددىي چۈشۈردى. بۇ ئىشتىن ساراسىمىگە چۈشكەن خوراز بايۋەچچە بىلەن ھۆپۈپ خېنىم ھەريان قاتراپ، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردى. rw2|1_AF  
— شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر دوستۇمدىن ئاڭلىسام قۇرۇلۇشنى توختىتىپ، ئۇ يەرنىڭ تەستىقلىنىش سەۋەبىنى تەكشۈرگۈدەك، — دېدى ئىش بېجىرگۈچى. T_Y}1n|7[  
— قې - قىق! نېمىنى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرگۈدەك نېمە بار؟ — خوراز بايۋەچچە قاناتلىرىنى كېرىپ، بويۇن پەيلىرىنى ھۈرپەيتىپ، ئىش بېجىرگۈچىگە ئېتىلدى. /6c10}f  
*  *  * jf/9]`Hf  
نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، خوراز بايۋەچچىنىڭ ئىشخانىسىغا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىن بىرقانچە خادىم كىرىپ، ئۇنىڭغا سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى بېرىپ چىقىپ كېتىشتى. بۇ مۇبارەك قەغەزدىن ھۆپۈپ خېنىممۇ قۇرۇق قالمىغانىدى. uP]o39b;V  
ئىككى كۈندىن كېيىن سوت ئېچىلىپ، سوتتا خوراز بايۋەچچىنىڭ پارا بېرىش جىنايىتى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق، ھۆپۈپ خېنىمنىڭ پارا بېرىش، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن سەككىز يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. ئۇلارغا تەستىق سالغان ئەربابمۇ ئاشكارىلىنىپ قالدى … OP}p;(  
ئۇلار تۈرمىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ھۆپۈپ كۈندە تولا سايراپ، باشقىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتسا، سېسىق پۇرىقى بىلەن باشقىلارنىڭ چوقۇپ دۈشكەللىشىگە قالدى. Ig KAD#2a  
خەيرىيەت، قىڭغىر ئىش قىرىق يىلغىچە، دېگەندەك بولدىغۇ، ئاخىر. [9_ (+E[}  
s*~o%emw  
]!aa#?Fc  
(ئاپتور: يوپۇرغا ناھىيە بايئاۋات يېزىسىدا) "\r~,S{:  
=Zy!',,d,9  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-01-20, 12:33
 
Qin~uyghur

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13654

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   202 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9530 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1177 (قېتم)
 تۆھپە:   1177  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1397
 سائەت
دەرىجىسى:
1397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2013-07-17
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-20

ھەقىقەتەن ياخشى تېما... Y2'HP)tfIw  

/apps.php?q=photos&uid=13654&a=album&aid=745
XaX心
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13590

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   335 (قېتم)
 تۆھپە:   335  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 355
 سائەت
دەرىجىسى:
355 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-15
ئاخــىرقىسى:2013-01-30
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-20

ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر
ئۆزۈڭدىن باشقىسى=0
iPPaR~KiZ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13368

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2399 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   240 (قېتم)
 تۆھپە:   240  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 462
 سائەت
دەرىجىسى:
462 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-31
ئاخــىرقىسى:2013-02-02
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-20

ھې ھې ھې  مەنىلىككەن
nurulla13
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13321

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   36 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1949 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   195 (قېتم)
 تۆھپە:   195  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 957
 سائەت
دەرىجىسى:
957 سائەت 83 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-03-18
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-21

ھەرقانداق ئادەم ئۆزرىزقىغا قانائەت قىلىش لازىمدۇر،نىيتى ياماننىڭ قازنى تۇشۇك.
555rikabatqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   117 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6757 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   500 (قېتم)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2788
 سائەت
دەرىجىسى:
2788 سائەت 202 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-21

تۇرمۇشتىكى ئاددى بىر ساۋاتلار ،شۇنداقلا ھازىرقى جەمىيىتىمىزنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىسىكەن بۇ
http://www.husnigul.cn/
QATAK007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10536

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1969 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   459 (قېتم)
 تۆھپە:   459  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1154
 سائەت
دەرىجىسى:
1154 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-28
ئاخــىرقىسى:2013-07-17
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-22

مەن 4-5 يىلنىڭ ئالدىداجۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلىدا ئۇقۇپ بۇلغان ئىدىم. &QQ8ut,;  
شۇنداقتىمۇ رەھمەت .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى