باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1087 
  •    ئىنكاس 
       8 

ئىمانىمىزنى  كۈچەيتىشىمىز نىڭ ئۇسۇللىرى

قەۋەت ئاتلاش
فارۇق351

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13302

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   74 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   630 (قېتم)
 تۆھپە:   630  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 484
 سائەت
دەرىجىسى:
484 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-01-25

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. bo&QKK  
`,s0^?_  
A"wso[{  
تەقۋادارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىيماننى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى كۆپ، تۆۋەندە بۇلاردىن بىرقانچىسى ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتەي: q9B5>Ye)  
RY9Ur  
4`p[t;q  
1. ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ ئاسمان-زېمىن، ئىنسان ۋە باشقا مەخلۇقلىرىدىكى قۇدرىتىنى تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇش. t]64=  
kYu"`_n}  
جانابى ئاللاھ بۇ ئايەتلەردە شۇنى كۆرسەتكەن: Q@-h  
XB+Juk&d  
ئاللاھنىڭ: (شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، يېنى ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلار، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان، رەببىمىز بۇنى بىكارغا ياراتمىدىڭ، سېنى قاتتىق پاكلايمىز، شۇڭا بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن، دەيدىغان ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر باردۇر.)(ئالى ئىمران سۈرىسى 190-191-ئايەتلەر.) 2KQpmNN  
|\/V1  
بۇ ئايەتلەرنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم داۋاملىق ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىپ تۇراتتى. كۇرەيب رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن ھاممام مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، رەسۇلۇللاھ ئايالى بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ، ئاندىن ئۇخلىدى. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا، قوپۇپ ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ: (شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر باردۇر) دېگەن (ئون) ئايەتنى ئوقۇدى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ، مىسۋاك ئىشلىتىپ ئون بىر رەكئەت ناماز ئوقۇدى، ئاندىن بىلال ئەزان ئېيتقاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مەسجىدكە چىقىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. (سەھىھۇل بۇخارى 4569-ھەدىس) ;op 8r u  
?OdJ t  
wIK&EGQ  
2-تەپەككۇر قىلىپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇش بىلەن بىللە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانى ياد ئېتىش، ئەسلەش، ھەقىقىي لايىقىدا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن يۈزلىنىش. 5# $5ct  
|d=MX>i|G  
ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتىدۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەت-ھەدىسلەر نۇرغۇن بولۇپ بىر ھەدىس مىسال ئالايلى: Xw<Nnvz6  
?o.Q  
ئەبۇ سالىھ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدىشىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكرى ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر-بىرىنى: تىز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، دەپ توۋلىشىپ، ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا فەدەر قاناتلىرى بىلەن ئورىۋېلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن: بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمدى ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەرۋەردىگار: ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا ساڭا تېخىمۇ قاتتىق ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ئۇنداقتا ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق خۇشتار بولاتتى، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ئۇنداقتا ئۇلار نېمىدىن پاناھلىق تىلىشىۋاتىدۇ؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: دوزاختىن، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟ دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق قورققان بولاتتى، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ئۇنداق بولسا مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتتىم، دەيدۇ. پەرىشتىلەردىن بىرى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، دەيدۇ. پەرۋەردىگار: ئۇلار بىر سورۇندا ئولتۇرغانلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن بەختسىزلىككە يولۇقمايدۇ، دەيدۇ.».(سەھىھۇل بۇخارى 6408-ھەدىس) @Xq3>KJ_)H  
mdPEF)-  
tQrkRg(E:  
3-جانابى ئاللاھقا پەرز ئىبادەتلەرنى تولۇق قىلىش، ھارام قىلىنغان ئىشلارنى تاشلاش، ئاندىن نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپرەك قىلىش دىلنى ئىسلاھ قىلىشتا، ئاللاھقا يېقىن بولۇشتا ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىشلاردۇر. :,BKB*a\  
E0a &1j  
ئەتائ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ دېدىكى: كىمكى مېنىڭ يېقىن بىر بەندەمگە دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن، بەندەم مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەردىنمۇ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈكرەك بىر نەرسە بىلەن ماڭا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغاندۇر، بەندەم ماڭا (پەرزلەردىن سىرت) نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنىۋەرسە، ئاخىرى ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالىمەن، ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالسام مەن ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، قاتتىق تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، ئەگەر مەندىن سوراپ قالسا، ئۇنىڭغا چوقۇم بەرمەي قويمايمەن، ئەگەر مەندىن پاناھلىق تىلىسە، ئۇنى چوقۇم پاناھلاندۇرىمەن، مەن مۇئمىن بەندەمنىڭ جېجىنى ئېلىشتا ئىككىلەنگەندەك قىلماقچى بولغان بىرەر ئىشتا ئىككىلىنىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمنى يامان كۆرىدۇ، مەن بولسام ئۇنىڭغا ئازار بېرىشنى يامان كۆرىمەن».(سەھىھۇل بۇخارى 6502-ھەدىس) kZ3w2=x3v  
CN, oH4IU  
دېمەك يۇقىرىقى ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدا تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ئىبادەت قىلىش قاتارلىق 3 ئىشنىڭ بىرى كەم بولسا ئىيمان ھەقىقى كۈچلۈك بولمايدۇ. \%+5p"Z<  
b 6B5  
amH..D7_>  
4- دىلنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان دىل ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشى دىلدىكى ھەسەت، زەھەرخەندىلىك، كۆرەلمەسلىك، تەكەببۇرلۇق، نەپسى خاھىشقا ئەگىشىش، دۇنياغا بېرىلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئىللەتلەرنى تازىلاپ، ئاندىن تازىلانغان دىلىنى پەرۋەردىگارىغا باغلاپ ئاللاھنىلا سۆيۈش، ئاللاھدىنلا قورقۇش، ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھدىنلا ئۈمىد قىلىش، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رازى بولۇش، ئاللاھقا بويسۇنۇش، ئاللاھقا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق ئىيماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشقا، دىلىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىشى زۆرۈر. HRxA0y=  
).b,KSi  
-*T<^G;rK  
5-نەپسىنىڭ ياكى شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرىپ بىرەر خاتالىق سادىر قىلىپ قالغاندا دەرھال ھەقىقى تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا قايتىش. yMoV|U6  
F+3}Gkn  
جانابى ئاللاھ مۆمىن بەندىلىرىنى: (ئاللاھقا راستچىل، سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار) دەپ بۇيرۇغان.(تەھريم سۈرىسى 8-ئايەت.) <//#0r*  
y:R!E *.L'  
ئەلھارىس ئىبنى سۇۋەيد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە ئىككى ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىرى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يەنە بىرى ئۆزىدىن. ئۇ مۇنداق دېدى: مۆمىن كىشى گۇناھلىرىنى خۇددى ئۇ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان تاغنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغاندەك (ئېغىر) دەپ قارايدۇ، پاسىق كىشى گۇناھلىرىنى خۇددى بۇرنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن چىۋىنگە مۇنداق قىلىپ قويغاندەك (يەڭگىل) دەپ قارايدۇ. بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئەبۇ شىھاب قولى بىلەن بۇرنى ئۈستىگە ئىشارەت قىلدى. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىگە، ھالاكەتلىك بىر تۇرالغۇغا چۈشكەن، يېنىدا يېمەك-ئىچمىكى ئارتىلغان ئۇلىغى بار، بېشىنى قويۇپ ئازغىنە ئۇخلاپ ئويغۇنۇپ قارىسا، ئۇلىغى كېتىپ قالغان، (ئۇنى ئىزدەپ) ئاخىرى ئىسسىق بىلەن ئاچلىق ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغاندا-ياكى ئاللاھ خالىغان ئەھۋال بولغاندا-جايىمغا قايتىپ كېتەي دەپ قايتىپ كېلىپ ئازغىنە ئۇخلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇلىغى قېشىدا تۇرغان بىر ئادەمدىنمۇ بەكراق خوش بولىدۇ».(سەھىھۇل بۇخارى 6308-ھەدىس) /$ :w8  
h vO  
t.`&Q|a  
6-قىلغىنى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىش. ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: دىلنىڭ تۈزۈلىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش بىلەن، بۇزۇلۇشى ئۇنى تاشلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئارقىغا كىرىش بىلەن بولىدۇ.(ئىغاسەتۇللەھفان 1/84) G (o9*m1  
4,]z  
ئىمام ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دېگەن: قىلىپ بولغان ئىشلاردا ۋە بۇندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلاردا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشنىڭ ۋاجىبلىقىغا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق كەلگەن. شۇڭا ئاقىل دېگەن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەھۋال ئۈچۈن ئىش قىلغان كىشىدۇر، ئاجىز كىشى بولسا ئۆزىنىڭ نەپسىنى ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتۈرۈپ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىپ ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلىۋېتىدۇ، دەپ قۇرۇق ئارزۇ-ئۈمىد قىلىپ يۈرگەن كىشىدۇر.(مەقاسىدۇررىئايە 1/18) "h'+!2mf  
nde_%d$  
!5}u\  
7- قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىللە مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش. ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ئومۇمەن دىلغا قۇرئاننى مەنىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشتەك پايدىلىق نەرسە يوق، چۈنكى ئۇ ئاللاھقا قاراپ ماڭغانلارنىڭ بارلىق مەرتىۋىلىرىنى، ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ۋە ئاللاھنى تۇنۇغۇچىلارنىڭ ماقاملىرىنى جەملىگەندۇر. مۇھەببەت، ئىشتىياق، قورقۇش، ئۈمىد، تەۋبە قىلىپ قايتىش، تەۋەككۈل قىلىش، رازى بولۇش، تاپشۇرۇش، شۈكۈر قىلىش، سەۋر قىلىش ۋە دىلنىڭ ياشىرىشى ۋە كامالىنى كەلتۈرىدىغان بارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدىغانمۇ شۇ قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشتۇر. شۇنداقلا ئۇ دىلنى بۇزۇپ ھالاكەتكە تاشلايدىغان بارلىق ناچار ئىللەتلەردىن قاتتىق توسىدۇ. شۇڭا ناۋادا كىشىلەر قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشتا بار بولغان پايدىنى بىلسە ئىدى، باشقا ھەممىنى تاشلاپ قويۇپ شۇنىڭ بىلەنلا بولۇپ كەتكەن بولاتتى. شۇڭا بىرەر ئايەتنى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇغىنىدا دىلىنى داۋالاشتا ئۇنىڭغا ئېھتىياجى بولسا، يۈز قېتىم بولسىمۇ، پۈتۈن بىر كېچە بولسىمۇ تەكرارلاپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى بىر ئايەتنى تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىپ ئوقۇش پۈتۈن قۇرئاننى تەپەككۇر قىلماي چۈشەنمەي ئوقۇغاندىن ئەۋزەل، دىلغا پايدىلىقراق، ئىيماننى يېتىلدۈرۈشكە، قۇرئاننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. بۇ سەلەپلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلار بىر ئايەتنى تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتى. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭمۇ بىر ئايەتنى تاڭ ئاتقانغا قەدەر تەكرارلىغانلىقى سەھىھ ھەدىستە كەلگەندۇر، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ: (ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتسەڭ، سەن ئەزىزدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن) دېگەن ئايىتىدۇر. دېمەك قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش دىلنىڭ تۈزۈلىشىنىڭ ئاساسىدۇر.(مىفتۇھۇ دارىسسائادە 1/187) lPaTkZw  
MOia] 5  
بەندىنىڭ دىلى تۈزەلسە، ئەھۋالى رۇس بولىدۇ، كۆڭلىدە خاتىرجەملىك پەيدا بولۇپ ئېچىلىپ ئىيماننىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ. BtA_1RO  
sW^e D;  
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسا قەلبدىن ئىبارەت».(سەھىھۇل بۇخارى 52-ھەدىسنىڭ بىر قىسمى) rLpfybu  
Oo0SDWI`(  
DEw>f%&4  
8-ھارام ۋە شۈبھىلىك رىزىقتىن نېرى تۇرۇش. ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا پۈتۈن ئەتراپىمىزدا ھارام ۋە شۈبھىلىك يېمەك-ئىچمەك، تۈرلۈك كىرىم ھەددى ھېسابسىز بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ھارامغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ گۇمانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم. ,6EhtNDu  
xWnOOE$i  
ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان: (سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ-ئىچىڭلار.)(بەقەرە سۈرىسى 57-ئايەت.) yiw4<]{IX  
IE|? &O  
(سىلەر ئىشلەپ تاپقاننىڭ پاكلىرىدىن سەرپ قىلىڭلار)( بەقەرە سۈرىسى 267-ئايەت.) =%ok:+D]  
l+a1`O  
(پاك نەرسلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، چۈنكى مەن قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن.)(مۇئمىنۇن سۈرىسى 51-ئايەت.) 'eo/"~/*w  
z"97AXu  
ھارام نەرسىنى ئىستېمال قىلغان ئەھۋالدا بەدەن دوزاخقا لايىق بولۇپ قالىدۇ، قول كۆتۈرۈپ ھەرقانچە تىلىسىمۇ دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ. 2EWXr+IU.  
H76iBJ66  
.VCF[AleS  
9-ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش. ئەل-ئاغىنە، ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلەرنى ياخشى تاللاپ ئارىلاشقاندا ئاللاھقا يېقىن بولۇشقا ياردىمى بولىدىغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىدىغان ئېسىل كىشىلەرنى تاللاپ ئارىلىشىش بەك زۆرۈر. {Q}F.0Q  
/&c2O X|Z  
جانابى ئاللاھ مۇنداق بۇيرۇغان: (ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار.)(تەۋبە سۈرىسى 119-ئايەت.) %.m+6zaF  
%q}[ZD/HD  
بۇنىڭغا ئاساسەن كاپىر، مۇناپىق، كاززاپ، كۆڭلى قارا، پاسىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ-قوپماسلىققا، بىرەر ئىشتا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. g)5mr:\  
*a\6X(~  
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ بۇردە ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياخشى ھەمراھ خۇددى ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ. ناچار ھەمراھ خۇددى تۆمۈرچىنىڭ كۆيۈكىگە ئوخشايدۇ. ساتقۇچىدىن ئىپار ئالىسەن، يا پۇرىقىنى پۇرىۋالىسەن، تۆمۈرچىنىڭ كۆيۈكى بولسا، بەدىنىڭنى يا كىيىمىڭنى كۆيدۈرىدۇ، ياكى ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقى بۇرنۇڭغا كىرىدۇ».(سەھىھۇل بۇخارى 2101-ھەدىس) S=0DQ19  
x_ /}R3d  
ياخشىلارغا ئارىلاشقان ئەھۋالدا شەيتان ۋەسۋەسىسىدىن يىراق تۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ. چۈنكى شەيتان يالغۇز كىشى بىلەن بولىدۇ، بىر كىشىگە قارىغاندا شەيتان ئىككى كىشىدىن يىراقراق بولىدۇ. 6\ yBA_ z  
R{fJ"Q5'  
ئارىلىشىپ تۇرىدىغانلار پەقەت دوست-بۇرادەرلارلا ئەمەس، بەلكى توي قىلغاندا سالىھ جۈپتىنى تاللاشمۇ زۆرۈر، ئومۇمەن ئائىلىدە ۋە ئەتراپىدا ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش، ئەگەر تۇرغان يۇرت ياكى مەھەللىسى تەقۋادار بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولسا، ياخشىراق ئورۇنغا يۆتكىلىش پايدىلىق. V^,eW!  
e{7\pQK  
SIV !8mz  
10-پەيغەمبەرلەر، سالىھلەر، شېھىدلەر ۋە ئالىملاردەك كاتتىلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، تەرجىمىھاللىرىنى، قىسسىلىرىنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، چۈنكى بۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئىسلامنىڭ ئەمەلى تەتبىقلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىدىن ئازغىنە ئۆگىنىش، باشقا نۇرغۇن قۇرۇق نەزەرىيە بىلىمدىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ. شۇنداقلا ئەتراپىمىزدا ھايات بار بولغان ئالىم، سالىھ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، سەپەر قىلىش كېرەك بولسا سەپەر قىلىپ سۆھبىتىدە بولۇش، ئۇلاردىن دۇئا ئېلىش، تەربىيە ئېلىش، بىلمىگەننى سوراپ تۇرۇش. بۇلار ئىيمان بىلەن تەقۋادارلىقنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن پايدىلىق ئىش. d)e mTXB(  
 #D4  
c7jmzo  
11- دۇئا قىلىشقا، يېلىنىشقا، پېقىرلىكىنى، موھتاجلىقىنى، چارىسىزلىقىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن مول مەزمۇنلۇق دۇئالارنى قىلىپ، ئاللاھتىن ھىدايەت، تەۋپىق تىلەش، شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەش، ئەتىگەن ئاخشامدا، ئومۇمەن ھەر بىر ئىش قىلغاندا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆز لايىقىدا مۇناسىپ دۇئا-زىكىرلەرنى قىلىپ تۇرۇش. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىغا، ساھابە كىراملىرىغا دۇرۇد-سالام يوللاپ تۇرۇش. ئىسلام ۋە ئىيمان نېمىتىگە، ھىدايەتكە قارىتا شۈكۈر ئېيتىپ، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق شۈكۈر قىلىش. !+Xul_XG  
u MEM7$o  
dgjK\pH`h  
12- قەبرىستانلىقنى ۋە دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلارنى يوقلاپ زىيارەت قىلىپ تۇرۇش ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئۆلۈمنى، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ قىسقىلىقىنى، پانىيلىقىنى ئەسلىتىدۇ. تەن سالامەتلىك نېمىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 16zReI(  
T@tsM|pI  
Z0fa;%:  
13-بوش ۋاقىتلارنى ئىلىم ئېلىش، تەنتەربىيە قىلىش، ھالال يوسۇندا ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن تولدۇرۇش. E.h  
!?nO0Ao-$  
~t)cbF(UO  
14-تەقۋادارلىقتا ئالاھىدە ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىگەن ئەھۋالدا ئارقىغا يېنىپ چېكىنىپ كەتمەي بىر ئىزدا توختاپ بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، ئىلگىرىلەش لازىملىقىنى ھېس قىلىشمۇ بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. Y"H`+UV  
xoKK{&J  
:C*}Yg  
جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي، ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم، ساباتلىق قىلغاي. تەقۋادار بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي، دۇنيادىن مۇسۇلمان كېتىشكە نېسىپ قىلغاي. ئامىين!! 7|5kak>=  
0vqVE]C  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-01-16, 11:22
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
espahanمۇنبەر پۇلى+153مىنۇت ئىلگىرى-
 
seyfulla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1359

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2405 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   81 (قېتم)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1128
 سائەت
دەرىجىسى:
1128 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-18
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-17

ddssss
 
seyfulla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1359

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2405 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   81 (قېتم)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1128
 سائەت
دەرىجىسى:
1128 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-18
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

alla rahmat kilsun buradar toluk  okup qiktim .alla hammimizga hidayet barsun PdKcDKJ  

 
kmt
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3573

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   710 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   51 (قېتم)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 251
 سائەت
دەرىجىسى:
251 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-17
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

、ئاللا رەخمەت قىلسۇن ئەجىر ئاتا قىلسۇن،دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇ دۇنيالىقىدىمۇ،ئۇ دۇنيالىقىدىمۇ خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن ئامىن!
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1173 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   149227476 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6258 (قېتم)
 تۆھپە:   6228  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8845
 سائەت
دەرىجىسى:
8845 سائەت 175 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

[t?:CgI)E  
_Q*,~ z~  
باشقا ئىبادەتنىڭ ۋاقتى بار  بىراق  لىكىن ئىمان  ئېيتىشنىڭ  ۋاقتى يوق ، ھازىر دىن باشلاپ  ئىمانىڭىزنى كۈچەيتىڭ ..................... S`h yRw  
&<(&u`S  
"Qk)EY  

ALIMRAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10725

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   144 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   745 (قېتم)
 تۆھپە:   745  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2537
 سائەت
دەرىجىسى:
2537 سائەت 213 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز.
ئۇنۇتما بۇ دۇنيا باقى ئەمەس،ھەرقانداق بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر
tamkin-uyghur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9132

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   142 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7569 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   735 (قېتم)
 تۆھپە:   735  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2898
 سائەت
دەرىجىسى:
2898 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-20

ئاللارەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم  ، ياخشى تىمىكەن ،
kosowuluk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   917 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30272 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2938 (قېتم)
 تۆھپە:   2890  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3895
 سائەت
دەرىجىسى:
3895 سائەت 155 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-22

ulug   allah    hammimizga   kuqluk   iman   ata  kilsun !!!
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
qaphun101
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5734

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   184 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9170 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   916 (قېتم)
 تۆھپە:   916  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 747
 سائەت
دەرىجىسى:
747 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-22

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي، ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم، ساباتلىق قىلغاي. تەقۋادار بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي، دۇنيادىن مۇسۇلمان كېتىشكە نېسىپ قىلغاي. ئامىين!!  
101
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى