باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       539 
  •    ئىنكاس 
       5 

بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى

قەۋەت ئاتلاش
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2529 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   62923 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5815 (قېتم)
 تۆھپە:   5588  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16934
 سائەت
دەرىجىسى:
16934 سائەت 166 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-23

بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى =2t=Zyp0Y  
gR+P !Eow  
1. شىخو_ ئۇيغۇرچە بۇرۇنقى نامى « قاراسۇ » . شىخو دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ،بۇ ئىسىم بەلكىم قاراسۇدىكى نىلوپەر كولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مومكىن . خەنزۇچە نامى ۋۇسۇ ، بۇ قاراسۇ دىگەن ئۇيغۇرچە نامى بىلەن ئاھاڭداش . +zwS[P@  
2. ئاقسۇ_ ئۇيغۇرچە مەنىسى ئاق رەڭلىك سۇ . Y qmsL<  
سۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا دەريا دىگەن مەنىدە ، شۇڭا بۇ يەر نامى تۈركى خەلقلەر بار يەرنىڭ ھەممىسىدە بار . <5E)6c_W)  
3. كۇچا_ ئۇيغۇرچە «تار كوچا ، خاڭ يولى» دىگەن مەنىلەرگە ئىگە. 2Wg:eh  
يوقۇرقىدەك دىيىش خاتا ، بۇ خەتنىڭ ئەسلى شەكلى كۇشان ، كۈسەن ، كۆسەن بولۇپ تارىخىمىزدىكى كۆسەن دولىتىمىزنىڭ پايتەختى . كۇچا دىگەن سوز كۇشان دىگەن سوزدىن قىسقىراپ بارلىققا كەلگەن . b#Dd  
4. شايار _ ئۇيغۇرچە مەنىسى « يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كويۈنىشى » دىن ئىبارەت . 9M^5<8:  
يوقۇرقى قاراش خاتا ، بۇ شاھ+يار ، يەنى پادىشا يار بولغان زىمىن دىگەن مەنىدە . بۇ يۇرت بىر قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن قارا خانىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر شاھى تەرىپىدىن قايتا ئاۋات قىلىنغان . يۇرتىمىزدىكى پەيزىۋات دىگەن يۇرتمۇ قارا خانىلارنىڭ پەيزۇللاھ ئىسىملىك بىر شاخزادىسى تەرىپىدىن باياشات قىلىنغان . ] g<$f#S  
5. باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى« قەد كوتۈرۈپ تۇرۇش» . )Z/$;7]#  
خاتا؛ باغراش ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەبىلىسىنىڭ ئىسمى . ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە باغداش دىگەن يەر بار . بۇمۇ مەركۇز ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن باغلىنىدۇ . ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق قەبىلە نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرى خېلى بار . مەسىلەن :قارلۇق دىگەن يەر نامى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ، خۇتەننىڭ كىرىيە ناھىيەسىدە ۋە قۇمۇلدا تەڭلا مەۋجۇت . قارلۇق قەبىلىسى نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى بۇ رايونلارغا تارالغان بولىشى مومكىن . بۇنداق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرىدىن يەنە مەركىت ، بارىن ، يوپۇرغا ، بۈگۈر ، ئىتارچى، بارلاس قاتارلىقلارنى كورسىتىش مومكىن . شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ قەبىلە ناملىرى قازاق ۋە مۇڭغۇللاردىمۇ ئۇچرايدۇ .ئۇيغۇر قازاق بىر مەنبەلىك . مۇڭغۇللارنىڭمۇ تارىختا بىز بىلەن باغلىنىشى كوپ ھەم بىزگە ئوخشاش ئورتاق ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە بولغانلىقتىن بۇ قەبىلە ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە مۇڭغۇلچىدا تەڭلا ئىشلىتىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس . +PnuWK$  
6. باي_ئۇيغۇرچە «باي بولماق ، بايلىق» دىگەن مەنىدە . kL8 E#  
چالا؛ تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ يۇرت «باي ياغاچ» دەپ يېزىلغان . بۇرۇنقى ئۇيغۇرچىدا ياغاچ ئورمان دىگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ . بەلكىم بىپايان ئورمان دىگەن مەنىدە بولسا كېرەك . [ #iho(/  
7. ئاۋات_ئۇيغۇرچە مەنىسى « گۈللەپ ياشنىماق ، ئاۋاتلاشماق » . [MQ* =*  
خاتا ؛ ئاۋات دىگەن سوزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا « شەھەر» دىگەنمۇ مەنىسى بار . خۇددى كەنىت دىگەن سوزنىڭ شەھەر دىگەن مەنىدە بولغىنىغا ئوخشاش . RX%)@e/@  
نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كوپۈيۈشى ۋە تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەپلىك ، دىيارىمىزدا نۇرغۇن شەھەرلەر خاراپ بولغان ، ياكى شەھەرلەر تارىيىپ كەنىتكە ئايلىنىپ قالغان . ھازىرقى بىز ئاۋات نامى بىلەن ئاتاۋاتغان يەرلەر ئسلى شەھەر بولۇپ ،كېيىن خاراپ بولۇپ بۈگۈنكى كىچىك-كىچىك ئاۋاتلار پەيدا بولغان بولىشى مومكىن . t*; KxQ+'?  
8. بايىنبولاق _ موڭغۇلچە مەنىسى «كەڭرى يايلاق» . BW6Ox=sr<  
خاتا؛ مەنىسى باي بولاق . S(U9Dlyarg  
9 . خۇشۇت_ موڭغۇلچە «خېخىتې» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، قەبىلىنىڭ نامى . N@O e[X8  
توغرا ؛ مۇڭغۇۇللارنىڭ خۇشۇت قەبىلىسى 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى 10 يىللار ئەتراپىدا مانجۇ خانلىغى تەرىپىدىن چىگرىلارنى مۇستەھكەملەش ھىسابىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كوچۈرۈپ كېلىنگەن . شىبە ، مۇڭغۇل ، داغۇر ، مانجۇ ، سۇلۇن قاتارلىق بۇنداق بىڭتۇئەن قەبىلىلەرنىڭ نامى ھازىرغىچە دىيارىمىزدا قوللىنىلماقتا . مەسىلەن: جۇڭغار ئويمانلىغى ، بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى يارىش يىزلىقى ئىدى . يارىش – مۇسابىقە دىگەن مەنىدە بولۇپ ، تۇركىيە تۈرۈكچىسىدە ھازىرمۇ بۇ سوز بار . خۇددى يازلاق يازلايدىغان يەر ، قىشلاق قىشلايدىغان يەر مەنىسىدە كەلگەنگە ئوخشاش . q.<)0nk  
10.غۇلجا _ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا مارالنىڭ بىر تۈرى . `1n^~  
11.خۇتەن _ قەدىمى ئۇيغۇرچىدا ئۇدۇن . بۇ سوزنىڭ تومۇرى ئۇد ، ئۇد_ئويلانماق ، تەپەككۈر قىلماق دىگەن مەنىدە . مۇشۇ بويىچە تەپەككۈر قىلغاندا ئۇدۇن دىگەن سوز تەپەككۈر قىلغۇچى پەيلاسوپ دىگەنلىك بولىدۇ . ئەگەر ئۇدۇن سوزىنىڭ تومۇرىدىكى ئۇد سوزىنى ئۇتماق مەنىسىدىكى ئۇت يىلتىزىدىن كەلگەن دىسەك ، ئۇتقۇچى ، يەڭگۈچى ، غالىپ دىگەنلىك بولىدۇ . بۇ سوزنى بەزىلەر ھىندىچە قۇستانا دىگەن سوزدىن كەلگەن دەيدۇ . لېكىن بۈيۈك تىلشۇناس بوۋېمىز دىۋانىدا ئۇدۇن دەپ يازغان . شۇڭا يەڭگۈچى ۋە تەپەككۈرچى دىگەن مەنە ئۇيغۇرچىغا ئەڭ يېقىن . Cg?Mk6i  
12. تۇرپان _ تۇرغان ، ماكانلاشقان شەھەرلەشكەن ، كوچمەنلىكنى تاشلاپ تۇرۇپ قالغان دىگەن مەنىدە . تۇرپان ئۇيغۇرلار كۆچمەنلىكنى تاشلاپ بەرپا قىلغان ئەڭ قەدىمكى شەھەر . مۇشۇ مەنىدە بولغاندا تارىخقىمۇ ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇزغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ . -"S94<Y  
13.قاغىلىق _ ئۇيغۇرچە مەنىسى « ئولتۇراقلىشىقا بولىدىغان جاي ، قاغا بىر قەدەر كوپ جاي» . >&:}L%  
خاتا : قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا بۇ يەر قارغالۇق دەپ يېزىلغان . مەنىسى قارغا ئالىدىغان، قارغا ئاتىدىغان يەر دىگەن مەنىدە . %'i_iF8.  
14. مەكىت _ ئۇيغۇرچە «ئوتتۇرا بەلباغدىن كوچۈپ كەلگەن ئادەم »دىگەن مەنىگە ئىگە . ]" e'z  
خاتا ؛ بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىنىڭ بىرى ، بۇ قەبىلە دولان قەبىلىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن ، شۇڭا مەركىتلىكلەر ئوزىنى ئۇيغۇر دولانلىرىدىن دەپ قارايدۇ . KAD2_@l  
15.قەشقەر _ «ئۇيغۇرچە مەنىسى ھەر-خىل رەڭدىكى خىش ئوي »، قەدىمقى ساك تىلىدا « قاشتىشى توپلانغان جاي دىگەن مەنىدە» . lw gwdB  
قەشقەر كونا شەھەر « توپرىقى مۇنبەت، خەلقى باي» . =H8FV09x}  
يوقارقى كارامەت ئۇيغۇرچە مەنىلەرنى بىر ئۇيغۇرنىڭ چىنپۈتۈپ كوچۈرۈپ يۈرگۈنىگە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ . Q0Do B  
قەشقەر ئەسلى قاش تېشى دىگەن دىگەن مەنىدىكى قاش سوزىگە ئۇستا، ھۈنەرۋەن مەنىسىدىكى كار، كەر، گار ،گەر قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان . بوۋېلىرىمىز خۇتەندىن تاش قېزىپ قەشقەردىكى دۇنيا يەرمەنكىسىگە قويغان ، قولى گۈل قەشقەر ئۇيغۇرلىرى تاشتىن ھۈنەر بىلەن گۈل چىقىرىپ جاھانغا ساتقان . ئۇيغۇر دىيارىدا ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن باغلىنىشلىق يەر ناملىرى بەك كوپ . مەسىلەن: ياركەنت ۋە يېڭى شەھەردىكى تاغارچى ، كورلىدىكى كۆنچى ، غۇلجىدىكى قازانچى قاتارلىقلار … C|Y[T{g?t  
16. قىزىلسۇ_ قىرغىزچە مەنىسى « قىزىل – سۇ » . ,wM}h  
ئاقتۇ _ قىرغىزچە مەنىسى « ئاق تاغ ». gED|2%BXb  
ئۇلۇغچات_ قىرغىزچە مەنىسى «چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال » . Kr'?h'F  
ئاقچى _ قىرغىزچە مەنىسى « ئاق چىغ » دىن ئىبارەت . YLTg(*  
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى قىزىلسۇنىڭ قىرغىز ئوبلاست دىيىلگىنىگە قاراپلا تاپقان گەپلەر . ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى قىرغىز مىللىتى1916-يىلىدىن باشلاپ دىيارىمىزغا روس ئاسمىلاتسىيىسىدىن قېچىپ كەلگەن . ئۇيغۇر خەلقى تىلى ۋە دېنى بىر بولغان بۇ تۇرۈك قەۋمىگە تەۋە بۇ قېرىنداشلىرىنى ئۇلار خالىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇدا باج بولۇپ ئىتىپاق ياشىغان . ئۇلۇغچات ( ئۇلۇغ ئاچال، ئۇيغۇر تىلىدىكى چات سوزىنىڭمۇ ئاچا دىگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىگى ئېنىق .) ئاق تاغ ، ئاق چىغ ، قىزىلسۇ دىگەن ناملار قىرغىزلار كېلىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى. پەقەت قىرغىز قېرىنداشلار كەلگەندىن كېيىن بۇ جاي ناملىرى پەقەت تەلەپپۇز جەھەتتىن قىرغىزچىلاشقان . مەسىلەن : ئاق تاغ دىگەندىكى «تاغ »سوزىنى قىرغىزلار « توۋ » دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ . l,]%D  
17. كورلا_ ئۇيغۇرچە مەنىسى « نەزەر تاشلىماق » . =H23eOS_#  
خاتا ؛ مەنىسى كويلا ، يەنى تۈگمەننىڭ كويلىسى . بۇ شەھەر كۈنچى دەرياسى قېنىنى ئوزگەرتكەنلىك سەۋەبى بىلەن بىر قېتىم خاراپ بولۇپ ، ئەسلى ئورنىدىن كۈنچى دەرياسىنىڭ ئەسلىدىكى تۈگمەن كويلىسىنى مەركەز قىلىپ قايتا قۇرۇلغانلىغى سەۋەپلىك شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مومكىن . #_S]\=N(  
18. ئۈرۈمچى_ تارىخى ھەمىدىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەسەردە بۇ نامنىڭ ئەسلىدە رومچە دىگەن سوزدىن كەلگەنلىكى ، بۇ شەھەر روم شەھىرىنىڭ كىچىگى دىگەن مەنىدە رومچە دەپ ئاتالغانلىغى . كېيىن تەلەپپۇز ئوزگىرىپ ئۈرۈمچە بولۇپ قالغانلىغى يېزىلغان . r,.j^a  
19. سانجى _ ئەسلى ئۇيغۇرچە تولۇق ئاتىلىشى جانبالىق بولۇپ بولۇپ ، جاندەك ئېزىز شەھەر دىگەن مەنىدە . ھازىرقى نامى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىغا سىڭىپ كىرگەن . hp/pm6  
20. جىمسار _ تېنچ شەھەر ، جىم شەھەر ، سار – شەھەر . Mb[4_Dc  
21. قۇتۇبى_ ئەسلى قۇتبەي ، قۇت=بەخىت ، بەي=بەگ . قۇتلۇق بەگ . <F&XT@  
22 .ماناس_ قەدىمقى رىۋايەتلەردىكى قەھرىماننىڭ ئىسمى . بۇ نام قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانىدا تىلغا ئېلىنغانلىغى بىلەن ، قەھرىمان ماناسنىڭ ئىسمى بىلەن مەشھۇر . Cj4Y, N  
23 . تاشساي_ شىخەنزە ، بۇ يەر نامى ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا ، ئاندىن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا قايتىمەن دەپ تولا چوگىلەۋېرىپ قىيىپ كەتكەن . U`EOun ,  
24 .مارالبېشى _ ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى دىگەن مەنىدە . T-ST M"~%  
بۇ يۇرتنىڭ قەدىمقى نامى بارچۇق ، (خەنزۇچە ئاتىلىشى ئازراق يېقىن كېلىدۇ ، لېكىن قىسقارتىلغان ) بارچۇق ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى خاقانى . ^?(#%~NS  
25 . تاشقورغان_ ئۇيغۇرچە تاش شەھەر دىگەن مەنىگە ئىگە . M\k[?i  
26. قارا قاش _ ئۇيغۇرچە « قارا رەڭلىك قاشتىشى » دىگەن مەنىگە ئىگە . NkNFx<9T  
27 . لوپ _ ئۇيغۇرچە « تاغاق سوڭىكى » ، يەنە لوپنۇرلۇقلار دىگەن سوزدىن ئوزگەرگەن دىگەن قاراشمۇ بار . z a_0-G%C2  
خاتا ؛ لوپ بىلەن لوپنۇر دىگەن بىر گەپ . لوپنۇر دىگەن لوپ كۆلى دىگەنلىك . نۇر قەدىمقى ئۇيغۇرچە ۋە مۇڭغۇلچىدا كۆل دىگەن مەنىدە . ئىككىلىسى لوپ كولىنىڭ نامىدىن كەلگەن . <XDnAv0t  
28. چىرىيە_ ئۇيغۇرچە چىلان دىەەن مەنىدە . Ut'T!RD  
خاتا ؛ ئۇيغۇرچە چىرىيە دەپ يەر نامى يوق ، خۇتەن ئۇيغۇرلىرى بۇ يەرنى چىرا دەيدۇ . ئۇيغۇرچە چىرا چارا ،يەنى چوڭ قاچا ،يەنى تەڭنە-تەڭلە دىگەن سوز . S _U |w9q  
29 . پوسكام_ تاجىكچە مەنىسى «ئالتۇن دەرياسى» ، ئۇيغۇرچە مەنىسى « مۇنبەت توپراق» . =X5w=(&  
ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خەنزۇچە ئات قويۇشتا بەك قىيىنلاشقان . ئەسلىدە زەرەپشان دىگەن سوز تاجىكچە زەر ئاقىدىغان دەريا دىگەن سوز بولۇپ بۇ ياركەنت دەرياسىنىڭ پارس-تاجىكچە ئىسمى . بۇنى زىلۇپۇشىيەن دەپ يېزىپ بۇ نامنى زىپۇ دەپ قىسقارتىپ پوسكام دىگەن يەرگە قويغان . ياركەنت دىگەن سوزنى قىسقارتىپ پوسكام دىگەن يەرگە قويغان . ياركەنت دىگەن دىگەن سوزنى قىسقارتىپ يى ئېر چىياڭ دوپ يېزىپ يېچىڭ دەپ قىسقارتىپ قاغىلىققا قويغان . يوقارقىلار خەنزۇچە تەرجىمە جەريانىدىكى ئويدۇرۇپ چىقىلغان ، يول قويۇشقا بولمايدىغان خاتالىقلار .بۇ خىل يېتەرسىزلىكلەر ھەتتا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىدارە – ئورگانلارنىڭ ۋېۋېسكىسىدىمۇ روشەن كورىلىدۇ . <>f;g "qS  
30 . يەكەن_ قەدىمقى تۈرۈك تىلىدا « تىك قىيا (يار ) دىكى شەھەر » . Z}vDP^rf  
يار سوزىنى مەھمۇد قەشقىرى دوست ، مەھبۇپ دەپ ئىزاھلىغان . بەلكىم دوست شەھەر ياكى يار بويىدىكى شەھەر دىگەن مەنىدە بولىشى مومكىن . L?|}!  
2. يەنە بىر خىل قاراش : يەكەننىڭ قەدىمكى نامى ساكارائول بولۇپ بۇ ساكلار ئولتۇراقلاشقان جاي دېگەن مەنىدە، كىيىنكى نامى ياركەنت بولۇپ يارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان شەھەر دېگەن مەنىدە. بۇ نام مەھمۇد قەشقىرىنىڭ خەرىتىسىگىمۇ ئېلىنغان.ھازىرقى خەنزۇچە نامى قەدىمكى ساكارائول دېگەن سۆزدىن كەلگەن يەنى شاچې .يەكەننىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرىدىن بولغان ساكلار بولسا ئۇيغۇرلارنڭ ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلىرىدىن بېرى. ( يەنە بىر قاراش تېمىغا چۈشكەن ئىنكاستىن تولۇقلاندى : تۇرغۇنجان ) zvq}7,  
31. چۆگىر چوققىسى _ ئەسلى توغرىسى چاغرى ، چوغرى چوققىسى بولىشى كېرەك . چاغرى قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا لاچىننىڭ بىر تۈرى . }{@y]DcdM4  
32. قارا شەھەر _ «ئۇلۇغ شەھەر » دىگەن مەنىدە . w nQy   
33 . يېڭىسار _ ئەسلى يېڭى ھىسار ، ھىسار «شەھەر ، قورغان » دىگەن مەنىدە ، خۇددى جىمسار دىگەندىكى ھىسارغا ئوخشاش . Vfk"}k/do  
34 . چۆچەك _ قاچىلارنىڭ بىر تۈرى . V*2 * 5hx  
35 . ئالتاي _ ئالتۇن دىگەن مەنىدە . يەنە بىر قەھرىمانىمىزنىڭمۇ ئىسمى ئالتاي بولغانىكەن ، تۈركىيەدە بۇ ئىسىم بەك كوپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسنا قەبىلىسى مۇشۇ يەردىن تارقالغان دەپ سوزلىنىدۇ . 7_jt =sr  
36 . بورتالا _ ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر بۆرتالا دەيدۇ . بۇ خاتا ، ئەسلىدە بورتالا بولۇپ ، ئاق دالا دىگەن مەنىدە . غۇلجىدا كوك دالا دىگەن يەرمۇ بار . بۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ئۈزۈمنىڭ مىۋڭسىنى كورسىتىدۇ . ئۇيغۇرلار بۇرۇن ئۈزۈمنىڭ مىۋىسىنى بور ، ياغىچىنى ئۈزۈم دىگەن . تۇرپاندىكى بويلۇق ئەسلىدە بورلۇق دىگەن سوزدىن كەلگەن بولۇپ ، ئۈزۈمگەن مەنىدە . 3!sZA?q  
37. تەكلىماكان_ ئەسلى تەلەپپۇزى تەركلى ماكان بولۇپ ، تەرك ئېتىلگەن ماكان دىگەنلىك بولىدۇ . بەزىلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن گەپكە ئەگىشىپ «ھالاكەت دېڭېزى » دەپ يۈرىشىدۇ . ئېنىقكى تەكلىماكان ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ھالاكەت دېڭىزى ئەمەس . خەلقىمىز ئامالسىز تاشلىنىپ قالغان بۇ توپراقلارنى ئەزىزلەپ كەلگەن . قۇملۇق باشقىلار ئۈچۈن ھالاكەت دېڭىزى بولغان بىلەن ، قوملۇق بويىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھاياتلىق مەنبەسىدۇر . شۇڭا خەلقىمىز قۇمغا كومۇپ داۋالاشنى كەسىپ قىلغان . F{Yr8(UHA  
38. تارىم_ بۇ ئىسىم تارىم دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن . خۇددى لوپ دىگەن نام دىگەن لوپنۇر كولىنىڭ نامىدىن كەلگەنگە ئوخشاش . مەھمۇد بوۋېمىز خان جەمەتىدىكى ئېتىبارلىق خانىشلارنىڭمۇ تارىم دىيىلىدىغانلىغىنى يازغان . )OFN0'  
39 . قارا قۇرۇم_ قارا قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ ئۇلۇغ ، بۈيۈك ، كۈن پېتىش دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە . شۇڭا قارا قۇرۇم ، ئۇلۇغ قۇرۇم ، ئۇلۇغ قىيا دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . 9SA%'  
40 . كوئىنلون _ بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچە قورۇم سوزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولۇپ ، ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇيغۇرچىسىنى ئۇنتۇپ خەنزۇچىسىنى قوللىنىۋالغان . قۇرۇم ، قورھم تاش ، يەنى بۈيۈك تاش ، بۈيۈك قىيا دىگەن مەنىدە . قارا قۇرۇم قۇرۇم تاغلىرىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە بولغاچقا بوۋېلىرىمىز بىرىگە قۇرۇم يەنە بىرىگە قارا قۇرۇم دەپ نام بەرگەن بولىشى مومكىن ، ياكى كىچىكرەكىنى قۇرۇم ، چوڭراقىنى قارا قۇرۇم دىگەن بولىشى مومكىن . *Od?>z  
41 . يۇرۇڭقاش _ يۇرۇڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ئاق دىگەن مەنىدە . بۇ قارا قىش دىگەنگە تەڭداش بولۇپ ئاق تاش چىقىدىغانلىغى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان . ~(tt.l#  
42 . جۇڭغار _ مانجۇلاردىن مەغلۇپ بولغان يۇرتىمىزغا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قېچىپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىسىنىڭ ئىسمى . بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىسمى يارىش ، مەنىسى بەيگە ، بەيگە مەيدانى . ئادەتتە يارىش يازلىقى دىيىلگەن . يازلاق يازلايدىغان يەر . NPO!J^^  
43 . مۇز ئارت _ ئارت داۋان دىگەن مەنىدە ، مۇز ئارت دېمەك ، مۇز داۋان دېمەكتۇر . n.NWS/v_{  
ئەسلى مەنبەسى :باغداش مۇنبىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : bayawan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-01-15, 21:12
 
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
narmi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4211

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1170 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   47246 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4680 (قېتم)
 تۆھپە:   4673  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2624
 سائەت
دەرىجىسى:
2624 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-15

~p\r( B7G  
  19-يۇرتۇمنىڭ ئەسلى نام ئاتىلىشىنى بىلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە،تېتىملىق تېمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
 
korax001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7511

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   218 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11438 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1140 (قېتم)
 تۆھپە:   1140  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6805
 سائەت
دەرىجىسى:
6805 سائەت 215 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-10
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-15

ئېسىل تېمىدىن بىرنى كۆرگەنلىكىمدىن شۇنداق خۇش بۇلدۇم. CMHg]la  
مۇشۇنداق ئېسىل تېمىنى يىزىپ بۇلغۇچە جاپامۇ چەكتىڭىز شۇ قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
 
kotakkalla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11630

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5848 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   585 (قېتم)
 تۆھپە:   585  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3370
 سائەت
دەرىجىسى:
3370 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-12
ئاخــىرقىسى:2013-01-16
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-16

كۇچا ئەمەس كۇچار
مەستانە

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4201

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1136 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   54872748 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4811 (قېتم)
 تۆھپە:   4806  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 912
 سائەت
دەرىجىسى:
912 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-16

باياۋانكا بۇ تەكرار تېما ئەمەستۇ ھە ؟ بۇرۇن سىز يوللىغاندەكلا قىلسىز مېنىڭ شۇنداقتەك ئېسىمدە قاپتۇ !
كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسەممۇ ،گۈلدەك ئېچىلىپ ياشايمەن!!!
bagrax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9183

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2049 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   205 (قېتم)
 تۆھپە:   205  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4971
 سائەت
دەرىجىسى:
4971 سائەت 299 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-19
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-16

yurtum ning  asli atilixi   yak   manisi  bak  yahxikan     sizga  rahmat
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى