Nc:s+ o entU+O r قازاق قىزى
KNVu[P)rv T}#iXgyx قازاقلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قازاقىستاننى مەركەز قىلغان ھالدا، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، موڭغۇلىيە، روسىيە، ئىران، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. دۇنيادىكى قازاقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليوندىن ئاشىدۇ.
@Vm*b@ جۇڭگودىكى قازاقلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتتە ۋە مورى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىلىرىدە، ئۈرۈمچى، سانجى دائىرىسىدىكى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قىسمى گەنسۇنىڭ ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. 2000 - يىلىدىكى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سىتاتىستىكىسىدا، ئېلىمىزدىكى قازاقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 250 مىڭ 500 بولغان.
&9yZfp قازاقلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار. قازاق تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ غەربىي ھون تىل تارمىقىغا كىرىدۇ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
>P/36' قازاقلار تارىختىن بۇيان يايلاق، سۇ قوغلىشىپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مىللەت. ھازىر كۆپچىلىك قازاق خەلقى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ھەم چارۋىچىلىق، ھەم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدى. يەنە بىر قىسمى يېزا، شەھەرلەرگە كىرىپ سانائەت ۋە باشقا تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.
q(KjhM قازاقلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مول ۋە خىلمۇخىل، رىۋايەت، ھېكايەت، بالىلار چۆچىكى، ماقال - تەمسىل ۋە تېپىشماق قاتارلىق شەكىللىرى بار. ئۇلار «ئۆلەڭ ئېيتىشىش» ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تۆھپىلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. قازاقلارنىڭ تۇرمۇشى ناخشا ۋە شېئىرىي تۈسكە تولغان بولۇپ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاساسلىق چالغۇلىرىدىن دومبىرا، قوۋۇز ۋە سىبىزغا قاتارلىقلار بار.
x)PW4{3qR قازاقلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە گۆش ۋە سۈت تىپىدىكى مەھسۇلاتلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. قازاقلارنىڭ «باۋۇرساق»( بوغۇرساق)ى ئۆزگىچە تەم ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە. قازاقلار ئادەتتە سۈتلۈك چاي ۋە قىمىز ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغىمۇ ئالدى بىلەن سۈتلۈك چاي تۇتىدۇ، سۈتلۈك چايغا نان - بوغۇرساقلارنى تۆگۈرۈپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قازاقلارنىڭ «كۆپە»سى _ تۆگە يۇڭى سېلىپ تىكىلىدىغان تون بولۇپ، ئىنتايىن يېنىك ھەم ئىسسىق بولىدۇ. قازاق قىزلىرى كىيىدىغان كەشتىلىك دوپپا __ «تاقىيا»غا ئۈكە قادىلىدۇ.
=oBpS=<7 قازاقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە - يوسۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇلار يۈزتۇرانە ھالدا ئۆي ئىگىسىنىڭ مال - چارۋىلىرىنى ساناشنى يامان كۆرىدۇ؛ مال باغلىغان ئارقاندىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە، قوي توپى ئىچىگە ئاتلىق كىرىشكە بولمايدۇ؛ يۈزتۇرانە ھالدا باشقىلارغا «بالىڭىز بەك چىرايلىق» ئىكەن دېيىشكە، بولۇپمۇ «بالىڭىز بوتلاقتەك سېمىز» ئىكەن دېيىشكە بولمايدۇ، بۇنداق سۆزلەر بالىغا بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلاردا يەنە چوڭلارنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل ئاتاپ چاقىرىشنى يامان كۆرىدۇ...
n7Ao.b%uk- قازاقلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئاق قۇنى ناھايىتى قەدىرلەپ، ئۇنى خاسىيەتلىك قۇش، قۇت نىشان، دەپ كەلگەن. مەيلى قانداق ئىجتىمائىي تۈزۈم ئاستىدا، قانداق زامان، قانداق دىنىي ئېتىقاد تەسىرىدە بولسۇن، قازاقلارنىڭ ئاق قۇغا بولغان تونۇشى تا بۈگۈنگىچە ئۆزگەرمەي كەلدى. قازاقلار ئاق قۇنى ئۆز مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە باغلايدۇ، بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن رىۋايەت، شەجەرىلەر بار. ئاق قۇ ناھايىتى سۇمباتلىق بولۇپ، ئاۋازى يېقىملىق ھەم ياڭراق ئاڭلىنىدۇ، ھەرىكىتى مۇلايىم، نازاكەتلىك قۇش. قازاقلار پاكلىق - گۈزەللىكنى ئاق قۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن سۈرەتلىسە، ئاق قۇنىڭ ئاۋازىنى مۇڭلۇق ئاۋازنىڭ سىمۋولى، دەپ بىلىدۇ، ئاق قۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇسسۇلغا ئۆرنەك قىلىدۇ. قازاقلار تارىختىن بۇيان، ئاق قۇغا بېغىشلانغان ئىشق - مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتقان ۋە گۈزەل كۈيلەر بىلەن ئورۇندالغان ئۇسسۇللارنى ئويناپ كەلگەن ۋە ئاق قۇنى قەدىرلەپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قۇت نىشانى قىلغان.
$V~@w.-Z# ئاق قۇ __ يۈكسەك پاكلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئادىللىقنىڭ بەلگىسى. ئۇنىڭدىن ساپ مۇھەببەتنىڭ، پىداكارلىقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ روھىنى تاپقىلى بولىدۇ.
s)^/3a قازاق تارىخىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئاباي قۇنانباي، ئەخمەت بايتۇرسۇن، مۇختار ئەۋىزوپ، مۇختار شاخانوپقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئالىم ، ئەدىب، مۇتەپەككۇر، يازغۇچى، شائىرلار ئۆتكەن.
yXJhOCa ~7]V^tG ^6s im 2 (ئاپتور: شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا)
f"MID6 سەلتەنەت تورىدىن ئېلىندى