باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1294 
  •    ئىنكاس 
       2 

ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ سەللىسى ھەققىدە

قەۋەت ئاتلاش
فارۇق351

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13302

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   148 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13650 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1364 (قېتم)
 تۆھپە:   1364  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1412
 سائەت
دەرىجىسى:
1412 سائەت 108 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-28
ئاخــىرقىسى:2013-08-30

پاھ ، پاھ ...ھازىرقى دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار ، ئېغىزلار نىمە دېگەن يۈگۈرۈك ! ياشىساڭ مۇشۇنداق زاماندا ياشا ، بولىدىغان - بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرەلەيسەن ، ئاڭلىساڭ زامانىمىزدىكىنى ئاڭلا ، خىيالىڭغىمۇ ، چۈشىڭگىمۇ كىرمەيدىغان ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلايسەن . @\f^0^G  
« قۇمۇل ئەدەبىياتى » نىڭ 2003 - يىل 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئابدۇخالىقجان ئابلىمىتنىڭ توختىباقى ئارتىشى ئاكىغا يازغان ئۇچۇق خېتىدىن بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى « دىنى تۈس ئالغان دەپتەر » دەپ چەكلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم . ئۆزۈمچە قانداق ئادەملەرنىڭ دېگەنلىكى ئۈستىدە پەرەز قىلىپ باقتىم . چوقۇمكى ، بۇنداق گەپلەر دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقمايدۇ . چۈنكى ، ئۇلار جان بېقىش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئارام تاپالمايۋاتقاندا ، بۇنداق دان چۈشمەيدىغان گەپلەرگە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن ؟ خىزمەتچىلەرمۇ ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ؟ ياق ، ئۇلارمۇ ئەمەس . ئېغىزىدا دەپلا قويماي يەنە « چەكلەش » كىمۇ قۇدىرىتى يېتىپتۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، مىللى مەدەنىيەت ، مىللى ئۆرۈپ - ئادەت ، مىللى ئەنئەنە ، تارىخ دېگەنلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسەپكە يولۇقۇپ قالغان ، بىكار ئولتۇرۇپ قېنى قىزىپ چېپىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان كالتە دوغىلارنىڭ ئىشى . G/7cK\^u  
بۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ، 2001 - يىلىدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كىلىۋالدى . 2zs73:z  
شۇ يىلى بەزى جايلاردا ساقال - بۇرۇت ئۈستىدە خېلى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان ئىدى . بەزى يولداشلار بۇنداق بىمەنە گەپ - سۆزلەرگە ئېچىنىپ ، « ساقال - بۇرۇت بىلەن ئىدىيىنىڭ ، ساقال - بۇرۇت بىلەن پارتىيىۋىلىكنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى ؟ دۇنيادا شۇنچە ئىلغار نەزىرىيىنى ياراتقان ماركىس ، ئىنگىلىسلارنىڭمۇ ساقال بۇرىتى بارغۇ ؟ » دىگەندە ، ئايرىم ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز « سىلەر بىلەمسىلەر ؟ ماركىس بىلەن ئىنگىلىس قايسى دەۋىرنىڭ ئادىمى ؟ » دېگەنىدى . (O.d>  
نىمە دېگەن كاتتا ئاساس ؟ ئەجەبلىنەرلىككى ، بۇدۇنيادا ئىدىيىسى ئاجايىپ ئىلغار ، ساقال بۇرىتى قالاق ئادەملەرمۇ ئۆتۈپتىكەن . ئۆزىمىزنىڭ بىلىمسىلىكىگە توۋا قىلماي ئامال يوق . بىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىسنىڭ كونا زاماننىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق . مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا شەپكە كىيمەي سەللە يۆگىۋالغىنىدەك « گوناھ »ى بارلىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەپتۇق . 9 }PhN<Gd  
ھېلىقى ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىس ، مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ياشىغان دەۋرىنىلا بىلىپ ، ئۇلار ياشىغان دەۋىرنىڭ ئارقى كۆرىنىشى ، مەدىنىيەت ، ئۆرۈپ - ئادەت قاتارلىقلارنى ، ئۇلار ياراتقان ئىدىيە ، ئىجادىيەت - كەشپىياتلارنى تېخىچە بىلمىگەن بولسا ، بۇ كەمدە ئەمدى ئۇلارغا دەرىس سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى دۇنيا تارىخىدىكى بۇ تۆت بۈيۈك ئادەمنى كۆرمىگەن . پەقەت رەسساملارنىڭ مېھنىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ساقال - سۇمباتلىق ۋە سەللىلىك ھالىتى بىلەن تۇنىغان . بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى ۋە سەللىسى ئۇلارنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بۈيۈك ئالىملىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، بەلكى ئاشۇ سىرتىقى كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراتقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزىدۇ . بىراق ، ماركىس ، ئېنگىلىسلار ساقال بۇرۇتىنى ئېلىۋەتكەن ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار سەللە كىيمىگەن بولسا ، زامانىمىزدىكى ئومۇملاشقان مۇدا بويىچە ئۆزىنى تۈزىگەن بولسا ، مۇشۇنداق گەپلەرگە قالارمىدى ؟ |8My42yf  
لېكىن ئۇ بوۋىلىرىمىزدىن بۇ ھەقتە ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق . ئەيىب كىمدە بولسا شۇ تۈزتىشى كېرەك . شۇڭا ، مەن رەسساملارغا مۇنداق تەكلىپ بەرمەكچىمەن : بونىڭدىن كىيىن ماركىس ، ئېنگىلىسلارنىڭ رەسىمىنى ساقال - بۇرۇتسىز قىلىپ ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى بېشىغا شەپكە ياكى شىلەپە كىيگۈزۈپ سىزىڭلار . ئەمما ، ئۆز تەكلىپىمگە قارىتا يەنە بىر گۇمانىم بار : ئاشۇ تۆتەيلەن يۇڭدىۋېتىلگەن ئېڭىكىنى كۆرۈپ قەبرىسىدە نېمىلەرنى دەركىن ؟
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-01-14, 14:05
 
makanim0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7892

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   162 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9437 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   926 (قېتم)
 تۆھپە:   926  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 929
 سائەت
دەرىجىسى:
929 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-18
ئاخــىرقىسى:2013-06-26
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-14

قەلىمىڭىز ئوقكەنغۇ !؟ ياخشى يېزىپسىز . ھازىرقى زاماندىكى ھۇشۇلار شۇلارنىڭ نەزىريەسىنى ئۈگىنىپ بۇلامماي ئاۋارە . بۇۋىلىرىمىزنىڭ بىلىملىرىنى مەخسۇس گۇرپپا قۇرۇپ يىشىۋاتىدۇ .
ماكانىم
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1166 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33732 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3097 (قېتم)
 تۆھپە:   2804  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7095
 سائەت
دەرىجىسى:
7095 سائەت 305 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-06-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

   مۇھىمى ئەشۇ بۇرۇت، ساقاللىقلار، سەللە، دوپپىلىقلار قىلىشتا مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولسىلا بۇ نەرسىللىرىنى ساقلاپ قالايدۇ. مانا مىنىڭمۇ ھېتلىرنىڭكىدىن سەل يوغان، چوتكىدەك بۇرۇتۇمغا ھېچكىم چالما تىزالمىدىغۇ.
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى