G7),!Qol ;XTP^W!6f ئۇنتۇلغان بەرىگ
9xWeVlfQ ئاخشام قىلغان خىياللار يۈرۈگۈمنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندى،ھەسەل ھەرىللىرى گۈللەرنىڭ قۇلاقلىرىغا سۆيگۈ قەسىدىللىرىنى پىچىرلايتى،كۆل بويىدىكى مەجنۇن تاللار سۇ يۈزىگە لەۋلىرىنى تەككۈزۈشۈپ سۆيگۈ ۋەدىسىنى تاماملىغان يىگىتلەردەك يىنىك شامالدا بەللىرىنى سىلكىشىپ شاتلىقىنى ئىپادىلەيتى.مەن كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ تۈنۈگۈنكى ئارزۇلىرىمنى بۈگۈننىڭ بوسۇغىسىغا ئۇلىماق بولاتتىم.زىرىكتىم،تۇيغۇلىرىم خۇددى ماڭا بويسۇنمايۋاتقاندەك،قەلبىم مەن بىلمەيدىغان تەرەپلەرگە يول ئالغاندەك ،كۆزۈم ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىغاندەك. خىيال يىپلىرىمنى زورىغا ئۈزۈپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم ،يولنىڭ يەنە بىر قاسنىقىدىكى ئەتىرگۈللەرمۇ شامالدا ئۆز جەلىپكارلىقىنى نامايان قىلغىنى تۇرۇپتۇ .
tZ6KU11O -ھەي!بۇ ئاغىنەمنى زە، ئىنىق قىلىپ تولۇق ئوتتۇرنى ئوقۇيمەن دەۋاتاتتى ،مانا چۈش بولاي دىدى قارىسى كۆرۈنمەيدۇ بالدۇراق كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولاتتى-دىدىم ئىچىمدە.
cy}2~w&s4 مەن پۇتلىرىمنى كۆلنىڭ لىۋىدىن يولنىڭ يەنە بىر قېتىغا قاراپ يۆتكىدىم .بۇ مەن تىزىمغا ئالدۇرغان مەكتەپنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆزى كىچىك بولسىمۇ مەجنۇن تاللار بىلەن ئورىلىپ كىشىگە چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل ھىس تۇيغۇلارنى بەخىش ئىتىدىغان كۆل ئىدى ،يېنىدا يول يولنىڭ يەنە بىر قاسنىقىدا رەڭگارەڭ ئەتىر گۈللەر تىكىلگەنىدى.مەن گۈللەرنىڭ يېنىغا كەلدىم دە ئاق ئەتىرگۈلدىن بىرنى ئۈزۈۋالدىم .
a"ht\v}1 -ۋاھ
IRcZyry گۈل راستىنلا خۇش پۇراق ئىدى .مەن يەنە كۆل بويىغا قايتىپ مەجنۇن تاللارنىڭ سۆيگۈ ۋەدىللىرىگە قۇلاق سېلىشقا باشلىدىم .ھەمدە ئىىتىيارسىزلا يانچۇقۇمدىن قەلەمنى ئېلىپ ئەڭ سىرتىدىكى بەرگىسىگە ‹‹سىزنى سۆيىمەن ›› دىگەن سۆزنى يېزىپ قويدۇم .
G_X'd دۇنيادا قانچىلىك نەپرەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەر بىر قەلبتە ھامان سۆيگۈ ئۆلمەيدۇ،دۇنيا قاچىلىك ئازاپتا تولغىنىشىدىن قەتئى نەزەر ھەممە قەلبكە مۇھەببەت ئىشىكى ھامان ئوچۇق .بىراق مەندە نەدىمۇ ئۇنچىلىك تەلەي بولسۇن دەيسىز بەلكىم ۋاقتى كەلمىگەندۇ .مەن ساقلا- ساقلا ساقلاپ بولالماي قەدەملىرىمنى سىرىتقا بۇرۇدۇم .
W/&cnp\ -ۋايجان!
T"dEa-O -كەچۈرڭ ،كە،،،مەن
$_<,bC1[ ئسىمنى يىغىپ ئالدىمغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم .كۆز ئالدىمدا چېچىنى ئىككى ئۆرۈپ بېشىغا شاپتۇل چىچىكى رەڭدە گۈللۈك ياغلىق چەگكەن بىرقىزچاق ئويماقتەك ئېغىزلىرىنى دىسەم بولامۇ ،دىمىسەم بولامۇ دىگەندەك بىر خىل قىياپەتتە ئۆمەللەتكىنىچە چىرايلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇراتتى ،قارا رەڭلىك بىر دانە خاتىرە دەپتەر ئۇنىڭ قارا توپلىيىنىڭ يېنىدا تاشلىنىپ تۇراتتى .
v_oNM5w -خاتىرىڭىزنى !-مەن خاتىرنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم .
/<M08ze -گۈلىڭىزنى بىرەي .
Rb\\6BU0 -رەخمەت .
/(XtNtO* مەن گۈلنى ئالدىم .ئەسلى سوقۇلۇپ كەتكەندە گۈلنىڭ تىكەنلىرى .ئۇنىڭ يىشىل كوپتىسىغا سانجىلىپ تۇرۇپ قالغان ئىكەن .ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچە يېقىملىق خۇددى تاڭ سەھەردە قوي باققىلى چىققاندا يىراقتىن كىلىدىغان خەلىق كۈيلىرىدەك
` 8.d -راستىنلا كەچۈرۈڭ!
!7Ta Vx}`( -ئەكبەر! ھەي ئەكبەر !مەن كەلدىم ئاغىنە .
`|Tr"xavf ئاغىنەم ئىمىن چىققانىدى .مەن‹‹ خوش ›› دىگنىمچە ئاغىنەم تەرەپكە ماڭدىم.
P b2exS( -ھەي نىمانچە كىچىكىپ چىقىسەن ؟مەن تېخى چىقماي قالامدىكى دەپ ئەنسىرەپ كىتىپتىمەن ،يۈرە تىز بېرىپ تىزىملىتىمىز !
hesL$Z [ -سەل ھايال بولۇپ قالدىم شۇ ،سەنمۇ بىكار تۇرمىغاندەك قىلىسەنغۇ ؟-ئۇ ھېلىقى قىزنى ئىشارەقىلىپ.
Xb3z<r -بولە قۇرۇق گەپ قىلماي تىزىملىتىمىز !
%Qrf] مەن ئۇنى سۆرىگىنىمچە تىزىملاش ئورنىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم .ماڭغاچ قولۇمدىكى گۈلگە قارىدم .‹‹ئاپلا››دىدىم ئىچىمدە .گۈلنىڭ ھېلىقى خەت يېزىلغان بەرگى يوق ئىدى .
TU7 Qt< كۈنلەرنىڭ كۈنلەرنى قوغلىشىنى ئۈمۈت قىلسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالغىنىنى ھىس قىلىدىكەنسىز .شۇ قېتىم تىزىملىتىپ قايتقاندىن كىيىن تىزىرەك مەكتەپكە يىغىلىشنى كۈتتۈم ،گەرچە ئاران ئىككى كۈن بولسىمۇ ماڭا خۇددى ئىككى يلدەك بىلىنىپ كەتتى .نىمە ئۈچۈندۇر؟قەلبىم بۇنى ماڭا ئېيتىپ بىرەتتى، لىكىن مىنىڭ تەن ئالغۇم كەلمەيتى.‹‹ياق!››دەيتىم .شۇنچە كىچىك تۇرسام مەن نىمنى بىلەي ،يۈرۈكۈم نىمىنى بىلسۇن .بىراق يۈرۈكۈم شۇتەرەپكە ئاغاتتى.
6:#zlKYJ مانا مەكتەپكىمۇ يىغىلدۇق .بىر-بىرلەپ كىرىپ كىلىۋاتقان ساۋاقداشلارغا قاراپ قېتىپ قالىمەن،بىر-بىرىدىن ناتونۇش چىرايلارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان كىيىنكى ھاياتىمنى پەرەز قىلىپ باقىمەن .بىر-برىدىن چىرايلىق كۆزلەر ،يۈزلەر ،ياراشقان كىيىملەر،دوپپىلار ئۆزىڭىزنى شۇنچىلىك كۆتۈرەڭگۈ ھىس قىلىسىز .
!z$.Jcr1 -ئەسسالا،،،،،ۋايجان !
(n|PLi -ھاھاھا
2D>WIOX سىنىپتىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى .مەن دىقىتىمنى ئىشىككە تىكتىم .يەنە شۇ قىز ئىكەن ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنە بىز كۆرۈشكەندىكىدەك ئەندىككەن ھالەتتە،ئىككى دانە ئۆرۈم چېچى يەرنى تىرەپ تۇرغان بىرجۈپ ئاپئاق قوللىرى يېنىغا ساڭگىلاپ تۇراتتى .بىرپاي توپلىيى بوسۇغا سىرتىدا قالغان ئىدى .ئۇ بوسۇغىغا خېلىلا قاتتىق پۇتلاشقان بولسا كىرەك دەماللىققا تۇرالمىدى ،ئارىدىن بىر ساۋاقداش ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ سول يېنىمدىكى پارتىغا ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزدى .ئارقىدىن سىنىپ مەسئۇلى كىرىپ كەلدى.
I!|_C~I` 2 -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار !ھەممىڭلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرغا چىققىنىڭلارنى تەبرىكلەيمەن .توغرا بەلكىم تولۇق ئوتتۇرغا چىققاننىڭ تەبرىكلىگىدەك نەرى بار دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن .لىكىن ئىككى يېنىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار ،مەكتەپكە قاراپ بېقىڭلار زادى قانچە ساۋاقدىشىڭلار بۇ ئورۇنغا ئىزىنى قالدۇرۇپ كىتەلىدىكىن ....
bO8 g#rO مەن دىقىتىمنى ئۇنىڭغا ئاغدۇردۇم .ئۇ ئۆزىگە –ئۆزى ئاچچىقى كەلگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ بۇقىلىقلىرى خۇددى ئانىسىغا ئەركىلەۋاتقان قوزىچاقتەك كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرەتتى ،ئادەمنى ئىنساننىڭ ئەڭ ساپ ئەڭ پاك تۇيغۇلارنىڭ ئالىمىدە ئەللەيلىتەتتى.مۇئەللىم گىپىنى تۈگىتىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم .
yL7D;<!S& -ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئىسمىم ئەكبەر ،ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ؟ساۋاقداش بولۇپ ئۆتۈدىكەنمىز شۇڭا بىلىشىپ ئۆتەيلى دىگەن .
540-l Me -ياخشى ئويلاپسىز .
2Xys;Dwx ئۇ ماتىرياللىرىنى ئېلىپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى .ئۇنىڭ بۇ سوغۇققىنە جاۋابىدىن خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىرخىل غەلىتە سىزىمدا بولۇپ قالدىم .
waz)jEk -ئىسمىم دىلنۇر،خې خې خې
UR>zL3 بۇشوخلۇق بىلەن كەلگەن ئاۋازدىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدىم ،گەپ قىلاي دەپ بولغىچە ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كىتىپ بولۇپتۇ. شۇچاغدىكى كەيپىياتىمنى نىمە دەي ،ھېكايىلەردىكى جاھان توختاپ قالغاندەك ،بوستاندا قۇشلار قانات قاققاندەك دىگەن گەپلەرمۇ بۇكەيپىياتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.
yl0&|Ub شۇنداق قىلىپ مەكتەپكە كىلىش ،كىتىش تاماق يىيىش دىگەندەك بىر خىل رىتىمدا بىر ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزدۇم كاللامغا بىرە نەرسە چۈشىدىغاندەك ئەمەس ئەمەس ،كۆۈزۈم شۇندا ،ھەي بۇنى نىمە دەپ چۈشەندۈرۈش كىرەك ؟بەلكىم ئەخمەقلىق ۋەياكى ساراڭلىق بولىشى مۇمكىن ئىش قىلىپ ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇپ خالىمايۋاتقادەك ،كۆرمەي دەپ كۆزۈمنى يۇمىۋىلىۋاتقاندەك بىراق يەنە كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقادەك بىر خىل سىزىمدا ئىدىم .بىر كۈنى دەرىستىن چۈشكەندە يەنە ئۇنىڭ يېنىغا باردىم –كەچۇرۇڭ ئېسمېڭزنى يەنە بېر قېتىم دەپ بېرەمسىز ؟
dbQUW#<Q -دۆتمۇ يا سىز –دىدى ئۇ شوخلۇق بىلەن .دەپ بەرمەيمەن تازا ،مەن دەپ بېرىپ بولغان .
a;WRTV -ئۇنداق قىلماي دەپ بېرىڭە!
DK;p6_tT -ياق! ئەكبەر مەن جىنمدا ئسمېڭزنى تۇتۇۋالدىم سىز نمشقا ئۇنتۇپ قالىسىز ؟-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قايتماقچى بولۇپ سومكىسىنى ئالدى .
* $~H=4t -مەن
Ab ,n^ ئۇ ئورۇندۇقنىڭ ئىچى تەرىپىدە ئولتۇرغان ئىدى .مەن بىر تەرەپكە ئوتۇپ يول بوشىتپ بولغۇچە ئۇ تىزلىك بىلەن چىقىپ ئشىك تەرەپكە بۇرۇلماقچى بولۇۋىدى پۇتى پارتىغا پۇتلىشپ ئالدىغا مۇدۈردى .مەن دەرھال قولۇمنى سوزۇپ .ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم .ئۇ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ :
, 7&`V=C -سىز بىلەن بىر يەگە كەلسەملا نەس باسىدۇ ،-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە پۇتۇمغا بىرنى تەپتى .
:34]}`- -ساراڭمۇ سىز ؟
/T1zz2l~ -ھەئە
;T0F1 ئۇ شۇنداق دىگىنچە چىقىپ كەتتى .مىنى بىر خىل ئىللق سىزىم چۇلغىۋالغان ئىدى .مەن كىتابلىرىمنى ئىلىپ ئۆيگە قايتتىم ،بىراق بۇ سىزىم ئۆيگە قايتقاندىن كىيىنمۇ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى .خۇددى كۈز پەسلىدە چۈشۈۋاتقان ياپراقلارغا قاراپ قىشتىكى تۇنجى قارنىڭ لەززىتىنى سۈرۈۋاتقاندەك ،تىخى سارغىيشقا ئۈلگۈرمىگەن ئۆسۈملۈكلەر باھاردىكى تۇنجى گۈلىنى ئاچقان مامكاپتىن رەڭ ئالغاندەك .شۇنچىلىك ئاق ،شۇنچىلىك پاك .ھوشۇمنى بىلمەيمەن ،نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى سەزمەيمەن .
^PA >t$ -بالام بىر چىلەك سۇ ئەكىرىۋەتكىنە !
1henQiIO -ماقۇل .-يەنە ئۆز خىيالىمغا كىتىمەن .
^wN x5t -بالام سۇ ئەكىرىۋەتكىنە ،تاماق ئېتەتتىم
|`d,r.+P7 - ماقۇل دىدىمغۇ ،-يەنىلا ئۆز خىيالىمدا
65X31vU -بالام
?|!167/O -ھە ماقۇل
dJID '2a -ھەي! نىمە بولغانسەن ،ئۆزۈملا ئەكىرەي
=qPk'n9i8 ئاپام چىلەكنى كۆتۈرگىنچە سىرتقا ماڭدى .مەن سەل ئىسىمگە كەلگەندەك سومكامنى ئاچتىم ،‹‹ئاللا›› ! دىلنۇر بىلەن پاراڭلاشقاندا كىتابى ئۇنتۇلۇپ قاپتىكەن ئۆزۈمنىڭكىگە قوشۇپلا ئىلىپ كەپتىمەن (ئەمدى كۆر )دىدىم ئۆزۈمگە ، سىزنى كۆرسەلا نەس باسىدۇ دەۋاتقان ،ئەمدى ئوبدانلا باسىدىغان بولدى مانا ،مۇئەللىم بىر مۇنچە تاپشۇرۇق بىرىۋىدى ، ئەتە تازا غەلۋىسىنى كۆرىدىغان بولدۇم- دە ، ھەي...ياشلىقتىكى تىلەكلەر ،يۈرەكلەر ...
uMOm<kn ئەتىسى ئەتىەەندە مەكتەپكە بىرىپ ئۇنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم .ساۋاقداشلار بىر بىرلەپ سىنىپقا كىرىشكە باشلىدى .تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئويلىسام بىر تەرەپتىن كۈلگۈم كەلسەيەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ شۇ مىجەزىنى ئويلاپ قانداق قىلىش كىرەكلىكى توغرىسىدا ئويلىناتتىم .ئۇ ئاخىرى كەلدى ،قوشۇمىسىنى تۈرگەن پىتى ئورنىغا بىرىپ ئولتۇردى . ئارقىدىنلا يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ سومكىسىدىن بىر پارچە قەغەزنى ئالدى –دە،ئالدىمغا كىلىپ پارتامغا پاققىدە قويۇپ ئورنىغا قايتتى .مەن قىزىقىش بىلەن قەغەزنى ئاچتىم .
B198_T! ھەي ! نەس باسقۇر ئادەم ئىكەنسىز ،سىزنى ئۇچراتقان كۈننىڭ ھەممىسىدە ئادەمنى نەس باسىدۇ ،تۈنۈگۈن كىتابىمنى ئىلىۋاپسىز ،تاپشۇرۇق ئشلىگىلى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ پۇتۇمغا تىىكەن كىرىپ كەتتى ، ھازىرغىچە ئاغرىۋاتىدۇ ،كىتابىمنى بىرىڭ .
0_b7*\x c قىستاپ كىلىۋاتقان كۈلكەمنى زورىغا بىسىۋىلىپ ئۇنىڭ يىنىغا باردىم .
+<&\*VR -كەچۈرۈڭ ،قەستەن قىلمىدىم قانداق بولۇپ قولۇمغا ئوتۈپ قالغانلىقىنى سەزمەپتىمەن .
k1;,eB -يوغان ئىش قىلىپسىز!
5MY+O\ ئۇ كىتابىنى تارتىپلا دومسىيىپ ئولتۇرىۋالدى.مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ،بىراق ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى تىخىمۇ ئوماق كۆرۈنۈشكە باشلىدى .قەلبىمدىكى بۇ ئوت سىغىنشقا ،سىغىنش قولۇمغا قەلەم ئىلشقا ئۈندەيتتى .ئۆيگە قايتىپ ئۇخلىيالمىدىم،كۆزۈم بىر نۇقتىغا قاراپ قىتىپ قالىدۇ،يۈرۈگۈم سۆيگۈ ئىزھار قىلىشقا ئۈندەيدۇ ،مەن ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئىلىپ ئويلىغانلىرىمنى قەغەز يۇزىگە تىزىپ باقتىم .
=uKGh`^[ ئەسسالام ئەلەيكۇم :
+kCVi بۇگۈن سەيشەنبە ،سىز بىلەن ئاشۇ رەت كورۈشكىنىمگە 32 كۈن بولۇپتۇ .سىز ئۈچۈن يىزىۋاتقان خاتىرەم 33-بىتىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ ،يۈرۈگۈمدىكى سۆيگۈ تامچىلىرى بىرە قەترە تۈگەيدىغاندەك ئەمەس .ھەر كۈنى خاتىرە يىزىپ بولۇپ دەرىزە سىرتىغا باقىمەن ،ئاي نۇرىغا پۈركەنگەن كەڭ دالادا سىز كۆرۈنىسىز ،لىكىن ماڭا قارايدىغاندەك ئەمەس .ھەر سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ گۇللەردىن ھىدىڭزنى پۇرايىمەن. كۆڭلۇم تەسەللى تاپىدۇ. بىراق يۇرۇكۇم قانىغاندەك ئەمەس.مەكتەپكە ماڭغۇچە نەغمىچى قۇشلار ئسمىڭىزنى ئېيتىپ بىرىدۇ. يىراقتىكى دۇمچەك-دۇمچەك توپىلار خۇددى قۇملۇقتىكى ئېزىتقۇدەك سىزنىڭ سىمايىڭىزنى بىرىدۇ. لىكىن بۇ سىمالار ماڭا قاراپ كۇلىدىغاندەك ئەمەس.توغرا ! خىياللىرىم مەجنۇن –تالدەك چاچلىرىڭزغا چىرمىشىپ ،ئاناردەك يۇزلىرىڭىزگە سۆيۇپ ،بۇلاقتىەك كۆزلىرىڭىزدە ئېقىپ ،قۇلقىڭىزغا قەلىب سىرلىرىمنى پىچىرلايدۇ . كۆزلىرىم كۆزلىرىڭزدىن ئانامنىڭ مېھرىنى ، يۈزلىرىڭزدىن ئۇيغۇرۇمنڭ گۈزەل چىھرىنى ئىزلەيدۇ.
:&$4&\_F -دىلنۇر!ئىسمىڭىزنى سورىشىم ئاۋازىڭىزغا بولغان تەشنالىقتىن ئىدى،ئىسمىڭىزنى يەنە بىر قېتىم سورىسام قايرىلىپ قاراسىزمۇ؟
PHRc*G{ -دىلنۇر!خىياللىرىمنى سىزگەبىرەي كۈلۈپ باقالاسىزمۇ؟
g3{)AX[Uy -دىلنۇر!نەغمىچى قۇشلارغا قوشۇلۇپ .ئىسمىڭىزنى ناخشىغا قاتسام قۇلاق سالاسىزمۇ؟
@ [_I| -دىلنۇر!ياشلىقىمنى بىرەي،مىھرىڭىزنى بىرەلەسىزمۇ؟
j9C=m"O -دىلنۇر؟
fX G+88:2 0O4'Ts ? 2000-يىلى9-ئاي
%kD WUJZ ئەتىسى مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىغابېرىپ:
g=; rM8W -ھەي!
tjk Y[ -نىمە، زىرىكىپ قېلىۋاتامسىز ؟يەنە بىر پىشكەللىككە يولۇققۇم يوق مىنىڭ .
4,f[D9|: -سىز؟-بولدىلا دىدىم مەن ئىچىمدە ،قۇلۇمدىكىخەتنى ئۇنىڭغا سۇندۇم –كۆرۈپ بېقىڭ!
&nn!{S^ -نىمە ئۇ ،تۆۋە نامىما؟كىرىكى يوق .
IgEg -تۆۋە نامە دەمسىز،پۇشايمان نامە دەمسىز ئاچقاندا بىلىسىز .
-a3+C,I8g مەن خەتنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپلا چڭكڭپ كەتتىم . نىمىشقىكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،ئۆزۈمنى تۇتىۋالغۇم بولسىمۇ يەنە ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىمەن ،ئۇنى كۆرسەملا ھاياجانغا تولىمەن لىكىن ئۇنىڭ مىجەزى ۋە مىنىڭ قوشۇلۇپ تاكاللىشىش بىلەن تۈگەيدۇ ،بەلكىم ھاياتلىقنىڭ ئەڭ سەبى ساپ ئەسلىمىللىرى مۇشۇ تاكاللىشىشلارغا كۆمۈلگەندۇ،بەلكىم قېرىغاندا دەرەخ سايىللىرىدا ئولتۇرۇپ ئەسلەپ قالارمەن ۋەياكى مەشنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ نەۋرىللىرىمگە ئېتىپ بىرەمەن ،مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەسلىگىدەك بىرە ئىشنىڭ بولغىنى چوڭ ئىش .
Cd#*Wp)s خەتنى بەرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن نەچچە دوقاراپ ،نەچچە رەت كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى ،بىراق بىرە سادا كىلىدىغاندە ئەمەس ،شۇنداق قىلىپ كەچلەردە كۈندۈزنى كۈتۈپ ،كۈندۈزدە كەچتە ساقلاپ دىگەندەك كۈنلەرنى ئۆتكۈدۈم ،ئەگەر كۈنلەرگە يۈگەن سالغىلى بولغان بولسا مەن يەنىلا ئاشۇ كۈننى مەڭگۈ بىر ئىزدا توختىتىپ قويغان بولاتتىم.ئامال قانچە بەندىنىڭ قولىدىن كىلىدىغىنى شۇنچىلىككەن كۈتمەي ئامالىم يوق.شۇ تەرەققىدە تۇنجى قېتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتاھاننى كۈتۈۋالدىم .
y=9a2[3Dz ئىمتىھاننى ياخشى بىرىش ئەمەس ،ئۆتەلمىسەم قانداق قىلار مەن دىگەن خىيالمۇ كاللامغا كىرىپ چىقمايتى ،بۇ دەل كەپ قېلىشنى كۆرۈڭ .ئەڭ ئاخىرقى ئىمتھان خەنزۇتىلى ئىكەن يەنە كىلىپ مەن ئەڭ ئاجىز پەن ،مۇشۇ ئىمتىھاننى مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ بىردىكەنمەن . خېلى كۈچەپ باقتىم بىر نەرسە يازالايدىغاندەك ئەمەس،ئۇنى نوقۇپ باقتىم ،سادا يوق ،چاقىرىپ باقتىم يەنىلە جىم .ئىمتىھانمۇ توشاي دىدى مەنمۇ ئۆتەمىسەم ئۆتەمەپتىمەن دەپ ماڭاي دەپ تۇرىشىمغا ،ئۇ ئۇ بىر پارچە قەغەزنى ماڭا سۇندى ،بىرىپ بولۇپلا قەغەز تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى .مەن كومسىيەگە بىر قاراپ قويۇپ قەغەزنى ئاچتىم.‹‹ئاھ خۇدا !!››خەتنىڭ ئىچىدە بىر دانە ئاق ئەتىر گۈلنىڭ بەرگى تۇراتتى ،‹‹شۇ››دىدىم ئىچىمدە دەل مەن خەت يېزىپ قويغان بەرىگ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەرگىنى ئىمتىھاننىڭ جاۋابى ئەمەس بەلكى ئۆتكەنكى خەتنىڭ جاۋابى ئىكەن.ئاڭغۇچە كومسىيە ۋاقىت توشقانلىقىنى جاكارلىدى.مەنمۇ قەغەزنى تاپشۇرۇپ كۆل بويىغا بېرىپ خەتنى ئاچتىم.
K *vNv4 ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
O,qR$#l زىمىستان قىش ئۆتۈپ كەتسە ئىللىق بارھار كىلىدۇ ،بىراق ھەر پەسىلنىڭ تۇيغۇسى،مىھرى ،سۆيگۈسى باشقىچە. ھەممە كىشىدە كۆڭۈل ھىسىيات بوللىدۇ، بىراق ھەممىسى ئۆزگىچە .دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مەۋجۇدىيەتنىڭ كۈتۈشى بولىدۇ ،ئارزۇسى بولىدۇ.باھار يىشىللىققا چۈمۈلگەن كائىناتنى كۈتىدۇ ،ئاشىقلار ۋىسالنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ،قاراڭغۇ كىچە تاڭ نۇرىنىڭ بالدۇراق كىلىشىنى كۈتىدۇ،بۆجەنلەر جېنىدا بەسەيلىكلەردىن يىمەكلىك يىغىپ باللىرنىڭ ساغلام چوڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.لىكىن قانچە كىشى مۇرادىغا يەتكەن دەيسىز ؟قانچە قەلىب چىن دىلىدىن ھاياتتىن رازىمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن قاقالاپ كۈلەلىگەن ؟ئەگەر ناخشىڭىزغا مەجنۇن بولۇپ قالسام ھاكاۋۇر چولپانلەردەك ئىسمىڭىز نى قويۇپ بىرىپلا كىتىپ قالار سىزمۇ ؟ئىسمىمنى چاقىرغان چېغىڭىزدا كۆزىڭىزگە قارىسام كۆزلىرىڭىزدىن ئۆزۈمنى تاپالارمەنمۇ؟ئەگەر ۋىجدانىڭىز مىھرىڭىزنى ماڭا بىرىشنى مۇناسىپ كۆرسە خىياللىرىڭىزنى ماڭا بىرىڭ،كۆلكىللىرىڭىز ئۆزىڭىزدە قالسۇن،قارابۇلۇت قاپلىغان چىرايدىن ئۆز خۇشاللىقىمنى تاپالىشىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .ھە راسىت، گۈلىڭىزنىڭ بەرگى چۈشۈپ قاپتىكەن خاتىرەم ئارىسىدا ساقلاپ قويدۇم ،سىزگە بىرەي ،پاك غۇبارسىز ياشلىقىمىزنىڭ سىموۋىلى سۈپتىدە خاتىرىمىز ئارسىغىلا ئەمەس ،قەلىب قاتلىرىمىزغا سىڭىپ كەتسۇن.
Fh v) ئۇنىڭمۇ خېلى مۇلايىم ھېسىياتچان قىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭغا قەلبىمدىكى ھاياجان كۆزلىرىمدىكى تەشنالىق يۈرۈكۈمدىكى ئىنتىلىشلەر قوشۇلۇپ ئۆزۈمنى كۆل يۈزىدە لەيلەپ قالغان قۇرۇق غازاڭلاردەك ھېس قىلدىم. شۇڭا مەن ھەممىدىن بەختلىك ،كۆز ئالدىمدىن پەقەت ئۇلا بار. ئۇ مېنىڭ ،مېنىڭ سۆيگۈمنى ، تىلەكلىرىمنى قوبۇل قىلدى. دۇنيادا ئۆز مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلەردىنمۇ بەختلىك كىشى بولامدۇ؟ توغرا مۇھەببەتكە ئېرىشكەنلەر ئاللاھقا شۈكرى قىلىش كېرەك .چۈنكى نۇرغۇن قەلبلەر شۇتاپتا قان-زەرداپ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كېتىۋاتقان بلۇشى مۇمكىن.‹‹سىنى قەدىرلەيمەن دىلنۇر ،ئاسىرايمەن ،كۈلۈپ ياشايسەن ››دىدىم ئىچىمدە.
c}Z,xop<P{ -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
}J`{g/ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئالدىمدا ئۇ تۇرۇپتۇ، كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى. ئەزەلدىن ئۇنىڭ كۆزىنڭ ئۇنچە جەلىپكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باقماپتىكەنمەن .يوغان ھەم قاپقارا كۆزلىرى خۇددى قومۇشلار بىلەن ئورالغان كۆلدىكى ئاي شولىسىدەك قارىغانسىرى قارىغىسىنى كەلتۈرەتتى.
w?M*n<)O -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-دېدىم ئېسىمنى يىغىپ.
=5Q;quKu^5 ئۇ ۋىللىدە قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى .
]v_xEH}T -رەھمەت سىزگە، رھمەت دىسەم سەدىقىگە ئېرىشكەن تىلەمچىگە ئوخشاپ قالامدىكەنمەن . مەنمۇ باشقا گەپ تاپالمىدىم. بىر ئادەمنىڭ بەخت تىلىشىگە بولۇپمۇ چىن دىلىدىن بەخت تىلىشىگە ئېرىشتىم، شۇ كىشىنىڭ بەختى. دىلنۇر ،مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىزگە بەخت تىلىمەيمەن،خۇشاللىق، كۈلكە تىلىمەيمەن ، بەلكى ئۆز ئەمىلىيىتىم بىلەن سىزنىڭ چىرايىڭىزغا ئۆچمەس كۈلكە ئىزلىرىنى قالدۇرغۇم بار.ئۇ يەنىلا ئۈندىمىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ئاسىگۈل كىرىپ كەلدى.
nj7Ri=lyS -يۈرە ئاداش قايتىمىز.
fE7WLV2I> gP1$#KgU -خوش، ئۇ يېنىككىنە بىر ئېغىز خوش بىلەن ئۇ قىزچاق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى مەنمۇ خىياللىرىمنى باشلىغاچ ئەتىكى قىسمەتلەرنىڭ ماڭا نىمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغاچ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
H50nR$$<*Y ئىمتىھانلارنى تۈگىتىپ تەتىلگە قويۇپ بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى. چاقماق دەرياسىنىڭ سۈيى يوق ئېقىنلىرىدىن ياندىشىپ ماڭغان ئىزلىرىمىزنى ئاپئاق قارلار يۈزىگە قالدۇرۇپ ئالغا قاراپ كېتىپ بارىمىز.
cQ+,F2 -دىلنۇر،كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى تاشلاپ كىتەرسىزمۇ؟
Ue,"CQ6H -ئۇنداق بولمايدۇ، مەن سىزگە بارغانسېرى ئاشىق بولىۋاتسام بولۇپمۇ دۆتلىكىڭىزگە،ھې،ھې،ھې....
nQ~q-=,L -ئەمىسە مەن تاشلاپ كەتسەمچۇ؟
Q o= +M.|D,wg2 شۇنداق قىلىپ بېقىڭە قېنى،قۇلىقىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ بېرىمەن.
#F{|G:\@[ ۋوجو،بۇيىڭىز يەتمەي قالامدىكىن ؟
]g)%yuox9F -ئەمسە كۆرسىتىپ قوياي ھە ،-ئۇ ماڭا ئېسىلماقچى بولۇۋىدى ئالدىغا يۈگۈرۈپ؛
dkn_`j\v -تۇتالمايسىز!
;;`KkNysm -قاراپ تۇرۇڭ، ھە!
bQeYFY#^ -تۇتىڭا، ھا،ھا،ھا!
G?V3lQI1n -ۋايجان!
M1>a,va8Zq ئۇ قاردىلا ئولتۇرۇپ قالدى، مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ :
xAO]u[J -نېمە بولدىڭىز، بىرەر ئىش يوقتۇ؟
FG(`&S+, -ئاڭغىچە قولۇمنى ئۇنىڭ قولىدا كۆردۈم .قانداق، تۇتالدىممۇ؟
H9Z3.F(2 -چىدىماسلىق بولدى ،چىدىماس، مەن ئېنتىىراز بىلدۈرىمەن.
-Tt}M#W -ئېنتىرازىڭىز رەت قىلىندى، بىراق قۇلىقىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي،ھى،ھى،ھى..
hh{liS% 10 -قاراڭ، ئاۋۇ بالىلار توشقان تۇتۇپتۇ، ئىككىسى باركەن تېخى.
Ue7W&N^E ئۆرۈلۈپ قارىسام 14ياشلار چاممىسىدىكى ئىككى ئوغۇل بالىكەن
/l`XJs -توشقان گۆشنى يېيىشنى ياقتۇرامسز؟
9..k/cH -مەن تېخى يەپ باقمىغان.
.s?OKy -ئەمسە سەل ساقلاڭ.
/%c^ i!=f" مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ 4 يۈەنگە بىر توشقان سېتىۋالدىم .سورىسامسەرەڭگىمۇ بار ئىكەن ،ئۇنىمۇ ئېلىۋالدىم .دىلنۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپ :
K_aN7?#.v` -يۈرۈڭ دالا كاۋىپى يەيمىز!
(A) wcB -ۋاھ ! نىمىدىگەن ياخشى.
M&FuXG% ئۇنىڭ خۇشال بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ،دەرھاللا دەريانىڭ سۈيى بار يېرىگە بېرىپ ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك پىچىقىمنى ئېلىپ توشقاننى سويۇشقا كىرىشتىم . ئۇمۇ ماڭا ياردەملىشىپ تۇشقان گۆشىنى يۇيۇشۇپ بەردى،ئۇنىڭغىچە مەن ئىككى تەرەپتىكى دەرەخلىكلەردىن قۇرۇق ئوتۇنلارنى يىغىپ،ئازراق جايلاردىكى قارلارنى تازىلاپ ئوت ياقتىم،ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ قارىسام قوللىرى سوغۇقتا قىپقىزىل بولۇپ كېتىپتۇ.
1sjn_fPz -بولدى قىلىڭ،مەن قىلاي.
m+UdT854 -بولدى ئۆزۈم قىلاي،سىز بىردەم ئىسسىنىۋېلىڭ،ئابايا ئوتۇن ئەكىلىپ توڭلاپ كەتتىڭىز ھەقىچان.
yh:,[<q -ياق،مەن توڭلىمىدىم.
zTB9GrU مەن قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى ئاستا تۇتۇپ ئاستا ھورداشقا باشلىدىم،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياش ئېقىپ زىنىقىغا كەلگەندە مۇزغا ئايلاندى،مەن قوللىرىم بىلەن ئاستاغىنا سۈرتۈپ:
G{.+D2 -مەن قىلاي...
;l ()3; -بولدى قىلىپ بولدۇم،پىشۇرساقلا بولىدۇ،-ئۇ قوللىرىنى تارتىۋېلىپ ، گۆشلەرنى ئېلىپ ئوتنىڭ يېنىغا ماڭدى،مەنمۇ ئۇنىڭغا يانداشتىم. مەن يۇلغۇن ياغىچىنى ئۇچلاپ،گۆشلەرنى پارچىلاپ بەردىم، ئۇ ياغاچ زىخلارغا گۆشلەرنى ئۆتكۈزۈپ،چۈشكەن چوغلارغا قاقلاپ پىشۇرۇشقا باشلىدى،ئۇزۇن ئۆتمەي گۆشنىڭ ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.
e9_+$Oo -پىشتى،پىشتى،سىز ئاۋۋال تاتىپ بېقىڭە؟!
M[u3]dN -بولدى، سىز تېتىڭە!
g{hA,-3 -ئەمىسە ئىككىمىز تەڭ تېتايلى.
N RSse" ئۇ پىچاقنى ئېلىپ زىخنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى بىر تال كاۋاپنى ئېلىپ پىچاق بىلەن ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلدى - دە،يېرىمىنى ماڭا سۇندى.گۆشلەرنى تەڭلا ئاغزىمىزغا سېلىشتۇق،گەرچە باشقا خۇرۇچلىرى كەم بولسىمۇ،بىراق گۆشلەر شۇنچىلىك مەززىلىك تېتىپ كەتتى،كېيىنكى گۆشلەرنىمۇ بىرنى ئىككى قىلىپ،كۈلۈشۈپ،قاقاقلىشىپ دېگەندەك يەپ،قانداق بولۇپ قاش قارايغانلىقىنى سەزمەي قاپتۇق،مەن ئوتلارنى چۇخچىلىغاچ ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدىم،ئىككى دانە ئۆرىمە چاچ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئايدەك يۈزلىرى ئوتنىڭ تەپتىدە ئوتقاشتەك جۇلالىق كۆرۈنەتتى.
B:4qW[U# -دىلنۇر !
HF+fk*_Q -ھە؟!،-ئۇ چىرايلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.
IQ=|Kj9h -سىزنى ياخشى كۆرىمەن،تاكى تىنىقىم توختىغۇچە...
!a(qqZ|s -قېلىن... ،- ئۇ كۆزلىرىنى يەرگە تىكتى.
C$G88hesn -قايتايلى،كەچ بولۇپ كەتتى، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
G>S1Ld'MV -ئەمىسە ماڭايلى،بىراق چوڭ يولغا چىقساقلا بولدى، ئۆيۈمگە ئۆزۈم كىرىپ كېتەلەيمەن.
rbun5&RCyW مەن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنا ئۇنىماي ئۇنى ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇ كىرىپ كەتكۈچە قاراپ تۇردۇم.ئۇ ئىشىكتىن كىرگۈچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئىللىققىدە بىرنى كۈلدى – دە،يۈگۈرگۈنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
ZX6=D>)u -بۇخاتىرىنى سىزگە بىرەي دىلنۇر ،گۈلىمىزنىڭ بەرگىنى قىستۇرۇپ قويدۇم سېغىنغاندا قاراسىز!
ae#HA[\0G -مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئەكبەر ،مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگىچە ساقلاڭ.
|DPpp/ -چوقۇم.
VfC[U)w*vm ھېكايىلەردە رومانتىك مەنزىرلەرنى ،رومانتىك كەيپىياتلارنى تەسۋىرلىگەندە ھامان سىم-سىم يامغۇر ھەمراھ بولاتتىكەن ،لىكىن ماڭا ئۇنچىلىك ئىلتىپات نائىل بولمايلا ئايرىلىش نىسىپ بولۇپتۇ.رەھىمسىز يىللار ئۇنى مىنىڭدىن ئايرىپ يىراق شەھەرلەرگە ئوقۇشقا ئەكەتتى ،ياق مىنى بۇيەردە قالدۇرۇپ قويدى.خۇشال كۈنلىرىمنى ئاياغلاشتۇرۇپ ھىجراننىڭ تامغىسىنى باستى .تەغدىردىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىم ،بىراق ئىنسان ئەنە شۇنداق بولىدىكەن ھېچكىممۇ سەۋەنلىكىنى ئۆزىگە قويۇشنى خالىمايدۇ .كۆرۈشكە توغرا كەلسە ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئۈگەنمىگەنلىكىمدىن كۆرىشىم كىرەك ئىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ تىتىرەك ئارلاش چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىداپ بولالمىدىم.
27YLg c -ماشىنا ماڭاي دىدى ،ماشىنىغا چىقىڭ ،سىزنى ئەسلەيمەن ،كۈندە ،ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ.
JS7}K)A2B6 سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ئەكبەر ،تاماقنى ۋاختىدا يەڭ !ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ ،مەن ئۆزۈمگە دىقەت قىلىمەن ،ئاللاھقا ئامانەت!-ئۇكۆز يېشىنى كۆرسىتىشنى خالىمىدى بولغاي كەينىگە ئۆرۈلۈپ تىتىرەك ئاۋازدا:-خوش ئامان بولۇڭ .-دىگىنچە ماشىنىغا چىقىپ كەتتى.
u3i|}` -ئامان بولۇڭ!-مەن قوللىرىمنى پۇلاڭلاتقىنىمچە قالدىم،
2:HP5 **********************************
))69a ھىجران كوچىسىغا كىرمىگەن ئادەم ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەيدىكەن تۇنجى قېتىملىق ھىجران مىنى دەشىت چۆللەردە قالغان ساياقتەك قىيناپ ،كۈنلىرىمنى كۈن قىلمىدى.گپ قىلىشقا خوش ياقمايدىغان خىيالچان بولۇپ قالدىم .
L!b0y7yR -ئوغلۇم ئېتىزغا سۇ ئېچىۋەتكىنە !
ZJI1NCBZ بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ قايتۇرماي كەتمەننى ئالغىنىمچە ئېتىزغا ماڭاتتىم.
voej ~z+ -بالام !ماۋۇ بىر سىۋەت ئۈرۈكنى ئۆگزىگە يېيىۋەتكىنە ،گۈلە بولىدۇ ،قىشنىڭ سوغۇقلىرىدا شۆگۈرۈچ ئەتسەك يۈرەككە تىگىدۇ بالام .
qfP"UAc{/ يەنىلا گەپ قىلمايلا قىلىۋىتىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولاتتىم.ئۇلار بۇ ھالىمنى كۆرۈپ مەن بىلەن نەچچە قېتىم سۆزلەشكەنمۇ بولدى .بىراق بۇ كۈنلىرىمنى پەقەت ئاياغلاشتۇرالمىدىم .ھامان ئۇنى خىيال قىلاتتىم ،سېغىناتتىم .خەۋىرى كەلمەي تىت-تىت بولاتتىم ،باشقا گەپلەرگە رايىم بارمايتى ،كۈنلەر شۇ تەرەققىدە كۈزنى ئۆتكۈزۈپ قىشنى كۈتىۋالدى.مەنمۇ چىداپ بولالماي ئۇنىڭغا خەت يازدىم.
kSDa\l!W] ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
At[n<8_| ياخشى تۇرىۋاتامسىز !تۇنجى ياغقان قارغا قاراپ سىزنى ئەسلەپ قالدىم.سىلەرنىڭ ئۇيەردە تۇنجى قار ياغقىنىغا خېلى بولغاندۇ؟نىمىشقىكىن كۈنلىرىم سىزگە ئەسىر بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرگە قايتىپ قالغاندەكلا ھىس قىلىمەن .سىز سىز ئۆتكەن كۈنلەر خۇددى يىگانە چۈللۈك ئاسمىنىدى تەنھا ھۇقۇشتەك قاياققا قارىسام يەنىلا ئاستىمدىكى تىمتاس دالادىن باشقا ھېچنىمى كۆرەلمەيمەن.بۇ قىشنىڭ ھىجرانىدىن ساق چىقىپ كىتەلىشىمگە تازا ئىشىنىپ بولالمايۋاتىمەن .مەشنىڭ يېنىدىكى دېرىزىگە سىز ئۈچۈن بىر تەشتەك گۈل قويۇپ قويدۇم ،بىراق شۇنچە ئىسسقتىمۇ غۇنچىلايدىغاندەك ئەمەس.قۇشقاچلارمۇ سايراشتىن توختاپ قالغاندەك ،پۈتۈن كائىنات سۈكۈتكە چۈمگەندەك كۆرنىدۇ.ئاخشاملاردا دېرىزە سىرتىغا باقىمەن قىشنىڭ تۇمانلىق كىچىلىردە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ .بۇنداق چاغلاردا يەنىلا سىزنى ئەسلەيمەن ،ئۆزۈمنى بەزلەيمەن ،سىز بىلەن ياندىشىپ ماڭغان يوللاردا مېڭىپ باقىمەن ،شۇندىلا سىزسىز كۈنلىرىمنى كۈن ،ھىجرانلىق تۈنلىرىمنى تۈن قىلىپ ئۆتىمەن .
@a.6?.<L قوياش كۈلەر مھرىڭدەك ئىللىق،
y%IG:kZ, كۈز پەسلىمۇ ياپراق ياپيىشىل،
[;IDTo!<> خۇش پۇراقلار ئۈزۈلمەس مىڭ يىل،
=S[FJaIu7 يوللۇرۇمدا سىنى ئويلىسام.
(4{ C7 hV>4D&< بۇلبۇل تەستە چىنارنى تاپتى،
p'%: M گۈلنى كۆرۈپ خيالغا پاتتى،
q(jkit~`A بۇنى قەلبىم مۇڭ كۈيگە قاتتى،
7{Ki;1B[w كۈيلىرىمدە سىنى ئويلىسام.
35%[DUkb Hlt8al3 سىم-سىم يامغۇر سەگىتتى يۈرەك،
cz7CrK~5 گۈللەر ئارا رەڭدار كىپىنەك،
4[LLnF-- قول تۇتۇشۇپ ماڭدۇق ئۇپۇققا،
.0Iun+nUD چۈشلىرىمدە سىنى ئويلىسام.
JGk3b=K `?zg3GD_ زەم-زەم كەبى ئىچسەم سۆيگۈڭدىن،
L(WL,xnBy ئۇز سىمايىڭ كەتمەس تۇيغۇمدىن،
7K>D@O كەچكىم كىلۇر شىرىن ئۇيقۇمدىن،
bH\'uaJ يۈرۈگۈمدىن سىنى ئويلىسام.
_pz,okO[V سىز سىز كۈنلىرىم بەكلا مەنىسىز بىلىنىۋاتىدۇ،كەتكەندىن بىرى خەۋىرىڭىزنى ئالالماي يۈرۈكۈم پۇچىلىنىپ كىتىۋاتىدۇ.ھېچ بولمىسا بىرە پارچە خەت يېزىڭ خېتىڭىزنى بولسىمۇ كۆرەي .
>63)z I 2003-يىلى12-ئاي
Jv_.itc خەتنى پوچتىخانىغا سېلىۋىتىپ بىرئاز ئارام تاپقاندە بولدۇم .ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئەركىن ھىس قىلاتتىم ،قايتىش يولۇمدىكى ھەر بىر شەيئىگە زوقمەنلىك بىلەن قارايتىم.خۇندى مەن بۇ مەھەلىگە يېڭى كەلگەن كىشىدەك.
GVmC }>z -ئەكبەر !ئەكبەر!.-ئۆرۈلۈپ قارىسام ئاسىگۈل ئىكەن .
,?l~rc سىزگە دەيدىغان گىپى بار ئىدى.
=N YgGEFq. -قېنى دەڭ!
Y/.AUNZ ئۇ سەل ئىزا تارتقاندەك يەرگە قارىدى ۋە ئۇياققا بارايلى دىگەندەك ئىشارە قىلدى.بىز يولنىڭ چېتىدىكى بىرتۈپ قېرى سۆگتنىڭ ئاستىغا كەلدۇق .
;B&^yj&; -سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئەكبەر ،تولۇق ئوتتۇردىن تارتىپلا ياخشى كۆرەتتىم ،سىز دائىم دىلنۇرغا قارايتىڭىز ،مەن بولسام سىزگە گەپ قىلالمايتىم .بىرگە يۈرگىنىڭلارنى كۆرسەم يۈرۈكۈمنى بىر نەرسە يەپ كىتىۋاتقاندەك بولۇپ كىتەتتىم.سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
Fi mN?s مەن ئاغزىمنى ئەمدى ئۆمەللىتەي دىگىچە ئۇ يىغلىغان پىتى ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى .
!Eq#[Gs بۇ نىمە بولغىنى مىنىڭ قەلبىم پەقەت دىلنۇرنىڭ ،ئۇنىڭغا باشقا بىرىنىڭ كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس .-دەيتىم ئىچىمدە ،ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى ،چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم ،بىراق پۇرسەت تاپالماي ھەپتىلەر ئۆتۈپ كەتتى .بىر كۈنى ھويلىدا قار تازلاۋاتاتىم مەھەللەباشلىغى كىرىپ كەلدى.
I*EJHBsQ5 -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام ئەكبەر.
cA D[3b[Gk -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .-دىدىم مەن بۇرۇلۇپ.
>lrhHU -بىر پارچە خېتىڭ بار ئىكەن ئالغاچ كەلگەن ،مىنىڭ يەنە باشقا ئىشلىرىم بار ئىدى يەنە كىلەمەن ئۇكام .
R (G2qi -بىرە پىيالە چاي ئىچىپ ماڭسىڭىز بولاتتى قۇرۇقلا،،،،
"!O1jr; -ياقەي ئۇكام ئۆز ئادەم تۇرساق يەنە كەپ تۇرىمەن ،مەن ماڭاي .
-"=)z/S ئەمسە ئاۋايلاپ مېڭىڭ.
._?V%/ -خوش ئەمسە.
]4`t\YaT -خوش .
v5_7r%Hiw مەن خەتكە قارىدىم ،دىلنۇر ئەۋەتكە ئىكەن .يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى ،تەقەززالىق ئىلكىدە خەتنى ئاچتىم.ئاچتىميۇ خۇددى بازارغا سەي ئالغىلى بېرىپ پۇلىنى يۈتتۈرۈپ قۇيغان بالىدەك بىر خىل غەلىتە ئازاپلىنىش ياكى قورقۇش ئارلىقىدىكى ھىسىيات ئىلكىدە تىڭىرقاپ قالدىم .خەتنىڭ ئىچىدە گۈلىمىزنىڭ بەرگىسى تۇراتتى ۋە‹‹ بۇگۈل بەرگى ئەمدى سىزنىڭلا بولسۇن،سىزگە بەخت تىلەيمەن›› دىگەن بىر جۈملىلا خەت تۇراتتى.بېشىم گاراڭلىشىپ ھېچنىمىنى سەزمىدىم.بىر ۋاقىتلاردا ئانامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
iK#/w1` -ئەكبەر
<:&de8bT -ھە! دىدىم مەيۇسقىنە.
'cV?i&; -قاسىمكاڭنىڭ قىزى ئاسىگۈل ئىزدەپ كەپتىكەن ،ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ چىقىپ كۆرۈشۈپ كىرگىن .
+L0w;w T بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەردىن بېشىم ئاغرىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ كەلگىننى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ يوقىتىپ قويدۇم .ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇنى يولنىڭ بىر چېتىغا تارتىپ:
LH2PTW\b!6 -نىمە قىلاي دەيسىز ،مەن بىلەن توي قىلامسىز ؟خاتا ئويلاپ قاپسىز ،مەن دىلنۇر بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ سىز بىلەن ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ ،مەڭگۈ! يوقىلىڭ!
YuQ~AE'i مەن ،،،،،،،،،مەن ،،،،،
} XR:2 ئۇ گەپ قىلاي دىدى يۇ گەپ قىلالمىدى ،ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئەتكەن پىتى يۈگۈرۈپ كەتتى .
1D F/6y شۇنىڭدىن كىيىن دىلنۇرغا يەنە نەچچە قېتىم خەت يازدىم ،بىراق ھېچقانداق جاۋاپ كەلمىدى.تەتىلدىمۇ قايتنىدى ئاڭلىسام بىر تۇغقىننىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قاپتۇدەك.بەزى ساۋاقداشلاردىن ئۇنى باشقىلار بىلەن يۈرۈپتۇ دىگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانمۇ بولدۇم .شۇنچە تىز ،شۇنچە كۆپ ئۆزگەرگىننى چۈشەنمىدىم .كۈنلەر ئۆتۈپ يازلىق تەتىلمۇ كەلدى .ئۇمۇ كەلدى ،كەلگەندىمۇ چاچلىرىنى كىسىپ ،بوياپ ،كۆينەكڭنىڭ ئورنىغا پادىچىلار ئىشتىننى ئالماشتۇرۇپ كەپتۇ .ماڭا قارايدىغان كۆزى يوق .توۋا دىدىم مەن .بۇ قېتىم ئۇكەلگەندىمۇ ھەقىقى شەھەرلىك بولۇپ كەلگەن ئىدى مەنمۇ ئىلگىركى كۈنلىرىمگە ئاستا –ئاستا ئۆتمۈش دىگەن تامغىنى باستىم .بىراق تۇنجى سۆيگىنى ئۇنتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىكەن . پات-پات ئەسلەپمۇ قالاتتىم ،بىراق خىياللىرىمنى زورىغا باشقا ياققا بۇراپ ئۇنى ئۇنتۇشقا تىرىشماق بولاتتىم .ھېچ بولمىسا ۋاقىتلىق بولسىمۇ خىياللىرىم تۆرىدىن ھەيدىمەك بولاتتىم.كۈنلىرىمنى يېڭى باشتىن باشلاش ئۈچۈن باشقا يۇرۇتلارنى كۆرۈ كەلمەكچى بولدۇم .دوستۇم ئىمىن تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپلا دادىسىغا ئەگىشىپ سودىگەرلىك يولىغا كىرۋالغان ئىدى ،ھازىر ئۈرۈمچىدە دۇككىنى بار ئىكەن .ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ئالغاچ كەت دىسەم قوشۇلدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ زامانىمىدىكى گۈللەنگەن شەھرىمىز ئۈرۈمچىگە چىقتىم .دەسلەپ ئۇنىڭ قېشىدا تۇردۇ ،يەنە بىر نەچچە يەردە ئىشلىگەنمۇ بولدۇم بىراق يەنە ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن ئۇزۇن ئىشلىيەلمىدىم ئاخىرى دۆڭكۆرۈككە يېقىن بىر جايدىكى مىھمانخانىدىن ئىش تاپتىم .ئۇيەردە ىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كىيىن خوجايىلىرىم بىلەنمۇ چىقىشىپ قالغاچقا شۇيەردە ئىشلەپ قالدىم.مۇئاشىممۇ ياخشى ئىدى .شۇڭا ئاددى بولسىمۇ بىرې ئېغىزلىق ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئالدىم،بىكا ۋاقىتلىرىمدا كازىۋەندىكى شوپۇرلۇق مەكتىدە شوپۇرلۇقنى ئۈگۈنۈپ پىراۋا ئېلىۋالدىم .ئاللا خالىسا پۇل يىغىم ماشىنا ئېلىپ كىرا قىلىشنى ئويلىشىۋاتاتتىم.
`]=oo%(h مانا يىللار يىللارنى قوغلاپ قىشلار باھارنى دىگەندەك 2010-يىلغا قەدەم قويدۇم .ئۆيدىكىلەردىن ئاڭلىسام دىلنۇر مەلىمىزدىكى قول ئىلكىدە بار بىرىنىڭ بالىسى بىلەن توي قىلىپتۇ .ھازىر كىچىك قىزىنى كۆتۈرگىنىچە مەھەلىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن .ئاسىگۈلمۇ ئۈرۈمچىدە خېلى زىمىنلىرى بار بىر باينىڭ بالىسىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىپ قاپتۇ ،كىينچە تويمۇ قىپتۇ ،ئۇ بالىمۇ ئۇنىڭغا ياخشى قارايدىكەن ،تېخى شوپۇرلۇقنى ئۈگۈتۈپ ماشىنا ئېلىپ بىرىپتۇ.
4nqoZk^R يەنە بىرە يىل ئۆتتى .ئاڭلىسام دىلنۇرنىڭ ئىرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىپتۇ .ئاسىگۈل يەنە شۇ ئۈرۈمچىدە جاھاننىڭ راھىتىنى سۈرۈۋىتىپتۇ ،پات –پات ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ قايتىپ كىتىدىكەن .ماڭا كەلسەك مەن يەنىلا شۇ مىھمانخانىدا ئىشلەۋاتاتتىم .ئۆتكەن كۈنى ئانامدىن دادامنىڭ بىتاپ بولۇپ قالغىنىنى ئاڭلىغاچقا قايتىش تەييارلىقىنى قىلغاچ ئىمىن بىلەن كۆرۈشۈم كەلگەن ئىدىم .ئۇنىڭ بىر تۇرسۇن ئىسىملىك قۇشنىسى بولۇپ ياشىنىپ قالغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرە بالىسى بولمىغاچقا بۇيەردە تۇرۇۋەمەي ئاخىرقى ئۆمۈرۈنى يۇرتى قەشقەردە ئۆتكۈزمەك بوپتۇ.ماشىنىسمۇ بار ئىكەن قېرىپ قالغاچقا ھەيدەپ بېرىشتىن قورقۇپ تۇرۇپتىكەن .مەن ھەيدەپ ئاپىرىپ قويىدىغان بولدۇم .شۇنداق قىلىپ خوجايىن بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ قاتىشنىڭ تەييارلىقلىرىنىمۇ قىلىپ بولدۇم ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنلۈك كۈتكۈچىلىك ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم.242-نۇمۇرلۇق ياتاقتىكى مىھمان چاي دەپتۇ ،مەن ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ئىشىكنى چەكتىم.
c+kU o$ تاك-تاك-تاك
^e Gue -كىمۇ؟-ئاۋاز شۇنچە تونۇش ئىدى .
WGu%7e] -كۈتكۈچى
k|YWOy@D~ ئىشىك ئېچىلدى‹‹سىز؟›› ئىككىمىز تەڭلا ھەيرانلىق بىلەن تۇرۇپ قالدۇق ،ئىشىك ئاچقىنى دىلنۇر ئىدى.
e`K)_>^n# -ھاھاھا...مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتامسىز ؟ سىز ماڭا مەڭگۈ چاي قۇيۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيسىز ھەم مۇناسىپ .ئەمەس .-ئۇ ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كەتتى مەن قايتا چەكەتىم ،ئىشىك ئېچىلدى .
|Ic`,>XM -گىپىمنى چۈشەنمىدىڭىزما ؟
Q=uR Kh -ئاللاھ مەڭگۈ ئەرلەرنى ئاياللارغا چاي قۇيدىغان كۈنلەرگە قويمىغاي،شۇنىسى ئىسىڭىزدە بولسۇن !ھالال ئەمگەككە ھېچقانداق كىشىنىڭ ھاقارەت قىلىش ھوقۇقى يوق ،چاي قۇيۇپ بىرەي دىسىڭىزمۇ ئىچىدىغان ئەكبەر يوق .
*sw7niw شۇنداق دىگىنىمچە چاينى ئىشىك تۈۋىگە تۈكۈۋىتىپ ئۆرۈلۈپ كەتتىم.
I1Sa^7 توۋا مەن يولۇقمىغان مۇشۇ ئىش قالغان بولغىمىتى ،نىمە گۇناھ قىلغان بولغىتىم ئەڭ ئاخىرقى كۈنۈمدىمۇ مۇنۇ داغنى قالدۇرۇپ كەتمىسەم جاھان ئەھلىنىڭ كۆڭلى تىنمايدىغاندەك.-دەيتىم ئىچىمدە .
%dST6$Z بولار ئىش بولدى ئامال قانچە ،مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن خوشلۇشۇپ تۇرسۇن بوۋاينى تاپتىم .كىچىچە شۇنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاپ ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىمچە ئۇنىڭ بىلەن قەشقەر بەشكىرەم يېزامغا قاراپ يول ئالدىم .يۈرۈكۈمدە ئانا يۇرۇتقا بولغان ھاياجان ياناتتى ،ئانامنىڭ ،دادامنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇشقا باشلايتى.
.|qK+Hnc -يىگىت ھاياجانلىنىۋاتقاندەك قىلىسىز ھە؟،يۇرۇتقا بارمىغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئوخشىمامدۇ؟
N6OMYP1 -ھەئە بوۋا،ئالتە يەتتە يىل بولۇپ قالدى دىسىلە،ئۆيدىكىلەرنى سېغىندىم .
y&m0Lz53Z -ھايات ۋقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ بالام ،ياش ۋاختىمىزدا بىلمەيدىكەنمىز ،قېرىغاندا مانا مۇشۇنداق كىسەل كۆپىسى بولۇپ قالىدىكەنمىز ھەم ئۇلاردىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ قالغان بولىدىكەنمىز،يالغۇزلۇقنىڭ دەردىگە شۇ چاغدا يىتىدىكىنمىز ئۇكام.
A-YBQPE -ئىسىمدە ساقلايمەن بوۋا.
;22l"-F يولدا مانا مۇشۇنداق پاراڭلاشقاچ ،مۇڭداشقاچ مېڭىپ كۇچانىڭ ئادەم شالاڭ يوللىرىدا كىتىۋاتىمىز .يولدا ماشىنىلار كۆپ ئەمەس ئىدى .قارىسام ئالدىمىزدا ئىككى مەس بىر ماشىنىنى توسۇپ تۇرۇپتۇ ،بىزمۇ يېكىنلاشقاندا ماشىنىنى توستى دە بىرى ماشىنا ئىشىكىدىن پىچىقىنى تەڭلەپ:
^9OUzTF -ئۇكا ماشىنىدىن چۈشكىن تەكشۈرش با!.-گەپ قىلماي چۈشتۇق
'^BV_ QQ ھېلىقى ماشىنىدىن چىققان سىما مىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى .يەنە دىلنۇر ئىدى ،بۇقېتىم ئاسىگۈلنىڭ ماشىنىسىدا قايىتقان بولسا كىرەك .ماشىندا شۇ ئىككىسىلا بار ئىكەن ئۇلار پۇلچىقىرىشقا زورلىدى ،ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن جابدۇقلارنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن ماشىنىنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىقتى ،ئاندىن ئۇلارنىڭ قېشىغا كىلىپ ئەدەپسىزلىك قىلغىلى تۇردى.
kE8>dmH23 -ئوھوي بۇخېنىملا بوپ قالىدىكەنغۇ،جىم تۇرۇڭ دەيمەن بىرنى سۆيۈۋالاي.
*L6PLe -قولۇڭنى تارىت !.-دىدىم غەزەپتە
&8&d3EQ -ھە قەھرىمان پىچىقىم ئادەم تونۇمايدۇ جۇمۇ!يېنىمدىكى پىچىقىنى ماڭا تەڭلىگىنىچە ھىجىيىپ تۇراتتى .
f<=Fsl -جىم تۇرۇڭ دەيمەن جېنىم !
^;,M}|<h -ئىپلاس !
2?m.45` دىلنۇر ئۇنىڭ قولىنى چىشلەپلا ئۇنىڭ بىلەكلىرى ئارسىدىن چىقىۋالدى .مەنمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ جان يېرىگە بىرنى تەپتىم دە قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋىلىپ يەنەب بىرىگە ئېتىلدىم .ئۇمەندىن خېلىلا ئىگىز بولغانلىقتىن مىنى بىرنى قويۇپ كەينىمگە ئۇچۇرىۋەتتى ،تەككەن مۇشتىن ياڭىقىم ئوت بولۇپ ياناتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىلغان يېرىممۇ خېلى قىيىنىغىلى تۇردى .مەن ئورنۇمدىن تۇرمايلا پىچاقنى ئۇنىڭ پۇتىنىڭ دۈمبىسىگىلا تىقتىم.ئۇ ‹‹ۋاي!››دىگىنىچە پۇتىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ قالدى .مەن دىقىتىمنى ئۇلارغا ئاغدۇردۇم .ئاسىگۈل يىغلىغىنىچە جايىدا ئولتۇرۇپتۇ ،دىلنۇرمۇ ئۇنى قۇچاقلىغىنىچە تۇرۇپتۇ .مەن تۇرسۇن بوۋاينى ماشىنىغا چىقىرىپ قويۇپ .ئۇلار تەرەپكە ماڭدىم ؛
t?o,RN: -دىلنۇر !
~\x:<) -ئەكبەر !ئەك،،،،
Wg{k$T_> ئاسىگۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بولغىچە كەينىمدىن بىر پىچاق كىلىپ دۈمبە تەرپىمگە .ۇرۇلدى ،كەينىمگە ئۆرۈلۈم پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ بىر مۇش ئاتتىم ،ئارقىدىن كۆزۈم خىرەلىشىپ جاھان قوراڭغۇلاشتى.
#HS]NA|e@ كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇر خانىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا دۈم يېتىپتىمەن .ئاڭلىسان ئاڭغىچە بىر ماشىنا كىلىپ بىزنى قۇتقۇزۇپ كۇچادىكى بىر دوختۇر خانىغا ئەكەپتۇ ،پىچاق ئانچە چوڭقۇر كىرمىگەچكە قان سېلىپ قۇتقۇزۇلۇپ قاپتىمەن ،يېنىمدا ئاسىگۈل ھەدەپ يىغلىغىنى تۇرۇپتۇ .
m9U"[Huv1E -ئەكبەر مىنى كەچۈرۈڭ ئەسلى مەن بۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى ،ھەممىنى قىلغان مەن ئەكبەر،مىنى ئۇرۇڭ تىللاڭ ،ئۆزۈمنىمۇ كەچۈرەلمەيمەن ،سىزگە ئىرىشىش ئۈچۈن دىلنۇرغا سىزنى بىرى بىلەن يۈرۈۋالدى ،پات ئارىدا توي قىلىدۇ دىگەن ئىدىم ،شۇڭا ئۇ سىزدىن نەپرەتلىنىپ يۈرگەن ،مەنمۇ سىزنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن شۇنداق قىلغان ،مىنى كەچۈرۈڭ ......مەن ......
KH\b_>wU2 -ئاھ خۇدا قىسمىتىمگە يەنە نىمىلەرنى يازغانسەن !.ـمەن بېشىمنى كارۋاتنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بۇرۇدۇم.
H|cNH= -دىلنۇر!
]Jh+'RK\# يېنىمدا دىلنۇر چېچىنى ئىككى ئۆرىگىنىچە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ .قولىدا مىنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم ھېلىقى گۈل بەرگى قىستۇرۇلغان بېتى ئېچىقلىق ھالەتتە ،ئۇمۇ ئۈنسىز ياش تۆككىلى تۇرۇپتۇ قولىدىكى خاتىرىدە:
|ZodlYF ئۆرىمە چېچىڭىزنى يەنە بىر كۆرۈشكە نىسىپ بولارمۇ ؟
hOhS) 2004-يىلى 8-ئاي
)%!XSsY.N| دىگەن قۇرلىرىم كۆرىنىپ تۇرۇپتۇ.
-v6M< -بىلمەپتىمەن ئەكبەر ،-ئۇ يىغا ئارلاش ئاۋازى بىلەن گەپ باشلىدى.-ئەقىدىمىزنى ئاجىز چاغلاپ يالغان گەپلەرگە ئىشىنىپ قاپتىمەن ،پاك مۇھەببىتىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى گۈلىمىزنى ئۇنتۇپتىمەن ،ئۇنىڭدىن چېنىپتىمەن .مەنىسىنى يوقاتتى دەپ سىزگە ئەۋەتىپتىمەن .مەن راستىنلا ئەقىدىمىزنى ،بەختىمىزنى ،كەلگۈسىمىزنى ئۇنتۇپتىمەن .مىنى كەچۈرۈڭ گەرچە سىزنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرەلمىسەممۇ ...-ئۇ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى گەپلار ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈم چىقاتتى.-بۇ بىرتال بەرىگنى دىۋانىغا بەرگەن سەدىقە سۈپىتىدە ماڭا سەدىقە قىلىپ بىرەسىزمۇ ؟مەن ئۇنى ھاياتىمنى گۇۋاھچىسى سۈپتىدە ساقلاپ قالاي ،ئۇنتىلىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايمەن ،بىراق ئازىراق بولسىمۇ كۆڭلۈمگە تەسەللى تاپاي ..
(KvROV); مەن كۈزۈمنى يۇمدۇم قۇلاتۈۋىمدە ئۇنىڭ ئۈنى ياڭرىغاندەك بولدى :‹‹نەس باسقۇر ئادەم ئىكەنسىز سىزگە يولۇققان كۈننىڭ ھەمىسىدە نەس باسىدۇ››،‹‹تۇتىۋالدىممۇ ،خې..خې..خې ››،‹‹ئەمسە ئىككىمىز تەڭ تېتايلى ››.
1-.~7yC *********************************
E( us'9c خاتىمە
eT2*W$ ھاياتنىڭ مەنىسىنى باشقىلاردىن ئىزلەپ يۈرگەنلەرگە قارىسام كۈلگۈم كىلىدىغان بولۇپ قالدى.ئەمەلىيەتتە ھەربىرتال گىياھتىمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ مىھرى بار ئىكەن .بۇقىسقىغىنە ھاياتىم ماڭا نۇرغۇن ھايات ھېكمەتلىرىنى ئەۋەتتى .
AkOO)0 ئىزلەپ يۈرمە گۈل قايدا دەپ گۈللەر توزۇيدۇ،
g/13~UM\ ئىزلەپ يۈرمە پۇل قايدا دەپ بانكاڭ قۇرۇيدۇ،
};'\~g,1 رىستۇراندا گۈشنى زارلاپ يۈرگەن شۇ قولۇڭ،
o:V|:*1Q ئالدىرىمىساڭ ئەسكى تامدا چىۋىن قورىيدۇ.
4Vq%N يۇرۇتقا قايتقاندىن كىيىن ئاسىگۈل كىسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ.دىلنۇرمۇ ئىلگىركى ھاياتىنى تاشلاپ ،ياغلىق ئارتىپ ،ئادەم بار يەرلەردىن قېچىپ مىسكىن يۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.ئىلگىركى كۈلكىللىرىدىن ئەسەر مۇ قالماپتۇ .ئاسىگۈلنىڭ ئىرى سودىدا زىيان تارتقاچقا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە پاناھلىنىۋىتىپتۇ.ئاغىنەم ئىمىن نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە چىق دىگەن بولسىمۇ رايىم بارمىدى ،يەنىلا تۇرسۇن بوۋاينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئاتا-ئاتامغا ھەمراھ بولۇشنى قارار قىلدىم .
%v2R.?F8 ئالتىنجى ئاي مەزگىللىرى ئىدى ،ئايلىنىپ كىرمەك بولۇپ سىرىتقا ماڭدىم .ئىشىكنى ئېچىشىمغا ‹‹پوك››لا قىلىپ بىرتال ئاق ئەتىرگۈل چۈشتى ،گۈلنى ئېلىپ ئىنچىكە قارىسام ئەڭ سىرتىدىكى بەرگىسىگە‹‹رەھمەت ››دىگەن خەت يېزىقلىق ئىدى.
FZ8b7nJ)4m ئۆز مۇھببىتىگە ئىرىشكەنلەر ئاللاھقا شۇكىرى قىلىشى كىرەك ،ۋىسالغا يەتكەنلەر تېخىمۇ!.
k%^lF?_0I 2012-يىلى 11-ئاي
]r_;dY a مەنبە-ئۆزۈم(باغراش مۇنبىرىدىكى ئەسىرىمنى ئەكەلدىم باھا بىرىپ بېقىڭلار
.gif)
)