قىزىم، ئاناڭنىڭ گېپىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت *e:I*L
(بىر ئانىنىڭ قىزىغا ئېيتقانلىرى)
9RSviIi$ D\J.6W قىزىم، سەن بۇ يىل باشلانغۇچنى پۈتكۈزۈپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىڭ. قارىسام بۇرۇنقىدىن جىمغورلىشىپ، ياۋاشلاپ كەتتىڭ. يۈرۈش-تۇرۇشۇڭغا دىققەت قىلىدىغان، ئۆزۈڭنى ياساشقا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭ. ئېنىقكى بۇ سەن ياشتىكى بالىلاردا كۆرۈلىدىغان بىر خىل فىزىلوگىيەلىك ھادىسىنىڭ نەتىجىسى. مۇشۇ باسقۇچتىكى تەربىيەنى ياخشى قىلىپ بالىلارنى توغرا يولغا يىتەكلەش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى. شۇڭا بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
f#I#24)RH قىزىم، سەن ئۆزۈڭدىكى ئاز-تولا ئۆزگۈرۈشلەردىن شۈبھىيلەنمە، بىھۇدە قورقۇپ غەم يەپمۇ يۈرمە! بۇ خىل ئۆزگۈرۈشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىر خىل قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما! ئېسىڭدە بولسۇن، بۇ مەزگىل سەن ئۈچۈن كەيپىياتىڭنى تەڭشەپ، ئۆزۈڭنى خۇشال تۇتىدىغان، ئوزۇقلىنىش ۋە تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم مەزگىل.
u+6L>7t88I قىزىم، بۇ مەزگىلدە باشقىلارغا ئىللىق بول! چۈنكى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ، باشقىلارمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما باشقىلار ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا غۇم ساقلىما! چۈنكى ئاتا-ئاناڭدىن باشقا ھىچقانداق بىر كىشىنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلارنى قەدىرلە! ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىل! چۈنكى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش ئادەمنىڭ، ئادىمىيلىكنىڭ خىسلىتى. يەنە بىر تەرەپتىن ھايات چەكلىك. ئۇنى قانچىلىك بالدۇر قەدىرلىسە شۇنچىلىك پايدىلىق. ئەمما ھۆرمەت يولىدا بولسۇن، جاۋاپ قايتۇرىمەن دەپ خەقنىڭ كۆزىگە كىرىۋالما! قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن بىرەر نەرسە تەمە قىلىدىغان ئادەمنىڭ يېنىدىن دەرھال كەت! چۈنكى بۇنداق ئادەم ئىنتايىن يىرگىنىشلىك ھەم نومۇسسىزدۇر.
BVus3Y5IJQ قىزىم، سەن ئالدىراپ تاشقى گۈزەللىككە، بىردەملىك قىزىقىش-ھەۋەسلەرگە، «ئاتالمىش» مۇھەببەتكە بېرىلمە. چۈنكى يۈزدىكى بوياقلارنىڭ يۇيۇۋەتسىلا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. قىزقىش-ھەۋەسلەرگە باي بولۇش سەن ياشتىكى بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، بىراق ئېسىڭدە بولسۇن بۇ قىزىقىش-ھەۋەسلەر ئۆتكۈنچىدۇر. ئۇ تىز پەيدا بولىدۇ، تىز يوقايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىش ئەخمەقلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپەڭ نېمە؟ ئوقۇش-ياخشى ئوقۇش. يەنە شۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىنكى بالدۇر مۇھەببەتكە بېرىلىش ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئىشى ئەمەس. گۈل قانچە بالدۇر ئېچىلسا شۇنچە بالدۇر غازاڭ بولىدۇ. ئۇ ساڭا پەقەت ئازاپ ئاتا قىلىشى مۈمكىن. بۇ دۇنيادا سەن ئويلىغاندەك رومانتىك «مۇھەببەت»نىڭ بولىشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇمۇ پەقەت سەندىكى يەنە بىر ئۆتكۈنچى ھەۋەستۇر خالاس. سەۋرچان بولساڭ ئۇمۇ ناھايىتى تىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
x{G 'IEf قىزىم، غورورۇڭنى، قىزلىق پەزىلىتىڭنى، شەرمى-ھايا، ئار-نومۇسنى ئەڭگۈشتەر بىل! بۇ ئەڭگۈشتەرنى قەدىرلە! ئېسىڭدە بولسۇنكى جان كەتسە كەتسۇن، بۇ ئەڭگۈشتەر قولدىن كەتمىسۇن!
kQ2WdpZ/ قىزىم، سەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئويلىغىنىڭدەك بولمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنما! بەزىلەرنىڭ سېنى «قىز» دەپ كەمسىتكىنىگە ئازاپلانما! چۈنكى دۇنيا مۈرەككەپ ئادەملەرگە، خىلمۇ-خىل ئىشلارغا تولغان. ئۇنىڭدا گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، دوست بىلەن دۈشمەن، ھەق بىلەن ناھەق، راست بىلەن يالغان ئارلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ سېنىڭ ئىرادەڭگە بېقىنىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. لېكىن سەن ھەرگىز ئۈمىدسىز بولما، «قىز» بولۇپ تۆرۈلۈپ قالغىنىڭدىن ئاغرىنما! نۇزۇگۇمدەك، رىزۋانگۈلدەك باتۇر، قەيسەر قىز بول!
ZifDU@J$t قىزىم، ساڭا يەنە دەيدىغىنىم ۋە تەكىتلەيدىغىنىم ياخشى ئوقۇ. باشقىلارنىڭ: قىزبالا دېگەن ئۆينىڭ ئادىمى، ئاش-تاماق ئېتىشنى، بالا بېقىشنى، ئۆي تۇتۇشنى بىلسىلا بولىدۇ، دېگەن سەپسەتىلىرىگە قايمۇقۇپ قالما. ۋاقتىڭنى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ئىشلار ئۈچۈن: ئۆگىنىشكە، پەن-بىلىم ئېگەنلەشكە، مەنىۋى دۇنياسىڭنى بېيىتىشقا، ئوت يۈرەك شائىرىمىز ل. مۇتەللىپ ئېيتقاندەك:
heWQPM|s مەرىپەت ئىزلە، ئېرىنمە،
-~_|ZnuM9 سەرىپ ئەتكىن كۈچۈڭنى.
z'O+B} بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى،
O^ &m بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى.
f4f)9n ئىشلارغا سەرىپ قىل. ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى ياراملىق، نەمۇنىلىك ئانىلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىش.
m9DTz$S. 1TGE>HG مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك
3'0Jn6(