-
تىزىم نۇمۇرى:1477 -
- تىزىم ۋاقتى:2010-09-12
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-01-06
- تور ۋاقتى:615سائەت
-
- تېمىسى8
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى2444
- شۆھرىتى89
- تۆھپە59
- كۈمۈش تەڭگە90
- ياخشى باھا45
- بىلوگدوستلاشقورال
| | | | | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىنداشلار. QzS{2Y[OQ X~Rqv5@- نامازدىكى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھ ۋە بارلىق ساھابىلەردىن يېتىپ كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر بولۇپ،بۇنىڭ ئەكسىدە يەنى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىك توغرىلىق رەسۇلۇللاھتىن بىرمۇ سەھىھ ھەدىس ياكى ساھابىلەردىن سەھىھ ئەسەر يوق. بار، دېيىلگەنلىرىنىڭ ئەڭ يەڭگىلى ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن بەك زەئىف ياكى مۇنكەر. ئېغىرى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلىرى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ نامىدىن توقۇلغان يالغان ھەدىس ۋە ئەسەرلەردىن ئىبارەت. w}E?FEe. مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى تەرەققى تاپقان چاغلاردا، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرگۈچىنى شەرىئەتنى ئۆزگەرتكۈچى بىدئەتچى دەپ، بۇ توغرۇلۇق:<<رەسۇلۇللاھ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرەتتى. كېيىن ناماز دەسلىپىدىلا قول كۆتۈرۈپ،باشقىلىرىنى تەرك قىلدى>>، <<رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنى رەسۇلۇللاھ دەسلەپتە، قىلىپ كېيىن تەرك ئەتكەن>>، <<كىمىكى نامازدا قولىنى كۆتۈرسە، نامىزى يوق ھېسابلىنىدۇ>>، <<كىمىكى رۇكۇدا قولىنى كۆتۈرسە، نامىزى يوق ھېسابلىنىدۇ>>، مەشھۇر ساھابىلەر نامىدىن:<<نامازدا قول كۆتۈرۈش بىدئەت>>، دېگەندەك ھەدىسلەرنى توقۇپ كۆڭۈللىرىنى خوش قىلىشقان. مەزھەب مۇتەئەسسۇپلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېغىر پەتىۋاسى: <<رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش مەنسۇخ،ئۇ نامازنى بۇزىدۇ، ئۇنداقلارغا ئىقتىدا قىلىش توغرا ئەمەس>>، دەپ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىك ھەنەفى مەزھىبىگە ئەگەشكەنلىك، رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەنەفى مەزھىبىگە قارشى چىققانلىق، يەنى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىكنى مەزھەبكە ئەگەشكەنلىكنىڭ شۇئارى قىلىۋالغان. يېنىكى يەنى سەل يېرىم - يارتا خىجىل بولۇشقا يۈزلەنگەنلىرى<<رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر كۆپ. كۆتۈرمىگەنلىك توغرىلىقمۇ ھەدىس بار. شۇڭا، كۆتۈرسىمۇ - كۆتۈرمىسىمۇ ئوخشاشلا سۈننەت ئادا بولىۋېرىدۇ>>،دەپ كۆتۈرمەسلىككە بىرمۇ سەھىھ ھەدىس بولمىسىمۇ ھەقنى بۇرمىلاپ ئۆتۈپ كەتكەن. چۈنكى،مەزھەبچىدىن ھەقىقى ئادىل ھەدىسشۇناس چىقمايدۇ. تېخى مۇشۇ تەئەسسۇپلۇقتىن خالى بولغانلىق،دەۋېلىنغان. ئەسلىدە ھەقىقى مۇتەئەسسۇپلۇقتىن خالى بولغانلىق دېگەن:ھەق قەيەردە بولسا شۇ تەرەپكە ئېگىلىشتۇر.يەنە بەزىلەر بولسا:رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كىيىن قول كۆتۈرۈش نامازدىكى بىر سۈننەت، خالاس.ئۇ ياكى نامازدىكى پەرز ، ۋاجىب ئەمەل ئەمەس،دېيىشىپ ئۆز قىلمىشلىرىدىن رەسۇلۇللاھ سۈننىتىنى تۆۋەن كۆرۈشكەن. ۋەھالەنكى،ئۆزلىرى توغرا كۆرگەن ناماز باشلىغاندىكى تەكبىر تەھرىمەدىكى قول كۆتۈرۈشنىڭمۇ ھەدىستىكى ئورنىنىڭ نامازدىكى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كىيىن قول كۆتۈرۈش بىلەن دەرىجىسى ئوخشاشلا سۈننەت ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشقان. يەنە بەزىلەر بولسا خاۋارىجلار كىتابىدىكى:نامازدىكى قول كۆتۈرۈش قوينىغا بۇت تىقىۋالغان مۇناپىقلارنىڭ قول كۆتۈرگەندە قويۇنلىرىدىكى بۇتلار يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، رەسۋا بولۇپ قوينىغا بۇتنى قايتا تىقىۋالماسلىقى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان(شەرھۇ مۇسنەدۇررەبىئ) دېگەنلىرىنى نەقىل قىلىشىپ،رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كىيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىپ يۈرۈشكەن. ۋەھالەنكى، خاۋارىجلار بۇ توقۇلمىنى تەكبىر تەھرىمىدىمۇ قول كۆتۈرمەسلىككە دەلىل قىلىش ئۈچۈن كىتابلىرىغا كىرگۈزۈشكەن. t ?{B* گەرچە بۇ ئېقىم ئىسلامىيەت دۇنياسىنىبىرمەھەل قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىمام بۇخارى قاتارلىق سۈننەت قوغداش پېشىۋالىرى بولغان سەلەفىيلەر تەرىپىدىن رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش بىدئەت ئەمەس،بەلكى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ تەرك ئەتمەي داۋاملاشتۇرغان سۈننەت ئىكەنلىكىنى، رۇكۇدا قولنى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇش شەكلىنى شەرىئەتنىڭ تونىمايدىغانلىقىنى ئېنىق پاكىتلار بىلەن بايان قىلىشقان. ?e ~* ,6 گەرچە، ھەقىقەت شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا نامازدا رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كېيىن قول قول كۆتۈرۈپ ياكى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇش مەسىلىسى ئۇزاقتىن بىرى تالاش تارتىش بولىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان. E+>;tLw3j )-sEm`(`I9 ئۆتكەندە دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ <<رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كىيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى>> ناملىق تېما يوللىدى. مەن مەزكۇر تېمىدا بايان قىلىنغان بىرقانچە مەسىلىگە قارىتا ئىزدىنىشلىرىمگە ئاساسەن رەددىيە يازماقچى: Ex Qld w(@`g/b fHgfI@{=j 1. رەسۇلۇللاھنىڭ رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كىيىن قول قول كۆتۈرمەيمۇ ناماز ئوقۇغانغا سەھىھ(ھەسەن) ھەدىس بار، دېگەنلىكى؛ \jfW$TtZm 2 . ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئەلى ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قول كۆتۈرمەي ئوقۇغان،دېگەن قاراش ۋە قول كۆتۈرۈرۈپ ناماز ئوقۇغانلار رەسۇلۇللاھ بىلەن ئانچە ئۇزۇن مۇددەت بىللە بولۇپ باقمىغان، بەش ۋاقىت نامازدا ئىزچىل رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىسىدىكى سەپتە ئەمەس، سەپلەرنىڭ ئەڭ ئارقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق يېشى كىچىك ساھابىلەر، يەنە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە مەدىنىدە پەقەتلا يىگىرمە كۈن تۇرغان مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس بىلەن رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئازغىنە تۇرغان ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار، دېگەن مەسىلە؛ Tu"yoF 3 . ئىمام مالىكنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇئامىلىسى /)G9w]|T 4 . ھەنەپى مەزھىبىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇئامىلىسى قاتارلىقلار. d`xqs,0f G%P]qi ;uJVY)7a تۆۋەندە مەن رۇكۇدىن ئاۋال ۋە كىيىن قول قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدىلا توختىلىپ، باشقا قول كۆتۈرۈشلەر توغرىلىق زۈرۈر بولمىسا توختالمايمەن. yWs/~5[F M\GS&K$lq ئالدى بىلەن بۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسلەر، مەشھۇر ساھابىلەر پائالىيىتى ۋە ھەدىسشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى كەلتۈرۈرۈپ ئۆتەي: b:+X3 vz _U 1 .ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن:رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا قولىنى [~;9Mi.XL رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا قولىنى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ رۇكۇ ئۈچۈن ئەللاھۇ ئەكبەر دېگەندىمۇ،رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ شۇنداق قىلاتتى. c2y5[L7? eC3ZK"oJ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ خىل پائالىيىتىنى كۆرۈپ سۆزلەپ بەرگۈچى ساھابىلەر: ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر فارۇق،ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئەبۇ قەتادە، ئەبۇ ئۇسەيد،مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە،سەھل ئىبنى سەئد،ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى ئىبنى ئابباس، ئەنەس،ئەبۇھۇرەيرە،ئىىبنى ئەمر،ئىبنى زۇبەير،ۋائىل ئىبنى ھۇجر،مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس،ئەبۇمۇسا،ئەبۇھۇمەيد،ئۇممۇ دەردائ قاتارلىقلار(بۇخارى: رەفئۇل يەدەين؛بەيھەقى: سۇنەنۇل كۇبرا؛زەيلەئى: نەسبۇررايە؛ ئىبنى كەسىر: مۇسنەدۇل فارۇق). 7N:,F9V< oZIoY*7IrQ بۇ خىلدىكى ھەدىسنى توپلىغۇچى مۇھەددىسلەر: بۇخارى،مۇسلىم،نەسەئى، ئەبۇداۋۇد،تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە باشقا مۇھەددىسلەر. uh GL1{ JU~l مەزكۇر ھەدىس سەنەدىدىكى راۋىلار: ئەيياش،ئابدۇلئەئلا،ئۇبەيدۇللاھ،نافىئ، ئىبنى ئۆمەر ۋە باشقىلار. -m-~ 76hi@7a 2. مۇھەممەد ئىبنى ئەمر شۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىدىن ئارىسىدا ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار بولغان ئون كىشى ئىچىدە تۇرۇپ: مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنىڭلارمەن دېگىنىدە،باشقا ساھابىلەر:بۇ قانداق گەپ؟ سەن ياكى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىزدىن كۆپرەك بىرگە تۇرمىساڭ ۋە ياكى بىزدىن كۆپرەك ئەگەشمىسەڭ، دېيىشتى. ئەبۇ قەتادە: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى كۈزەتكەنىدىم،دېدى. باشقا ساھابىلەر: ئۇنداقتا دەپ باقە، دېيىشتى. ئەبۇ قەتادە: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغىنىدا شۇنداقلا ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ 3-رەكئەتكە تۇرغىنىدا ئىككى قولىنى مۈرىسىگىچە كۆتۈرۈپ نامازنى باشلىغاندا كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەتتى، دېدى. ئولتۇرغان ساھابىلار ئۇنىڭغا: راست ئېيتتىڭ. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇنداق ناماز ئوقۇيتتى دېيىشكەن.(بۇخارى: رەفئۇل يەدەين، ئەبۇداۋۇد،تىرمىزى،ئىبنى ماجە، ئەھمەد ۋە باشقا مۇھەددىسلەر توپلىغان) 9_&.G4%V 7H=/FT?e] مەزكۇر ھەدىس سەنەدىدىكى راۋىلار:مۇسەددەد، يەھيا، ئابدۇلھەمىد، مۇھەممەد ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەتائ،ئۇبۇھۇمەيد ۋە باشقىلار. )WD<Q x& | |