باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       725 
  •    ئىنكاس 
       4 

كەيىپ دېگەن شۇنداق بولسا ! ...

قەۋەت ئاتلاش
qohlanma
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12904

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   155 (قېتم)
 تۆھپە:   155  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2005
 سائەت
دەرىجىسى:
2005 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-26

        مەن بۇ تەجىربەمنى مىللىتىمىز ئارىسىدىكى چۆللۇكتە ئېزىپ قالغان قوزىلىرىمىزغا سۇندۇم ... [j]J_S9jJ  
)  v5n "W  
       مەلۇم بىر ناھىيىدە بىر ياش بۇلۇپ توك ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزا تارمىقىدا  27 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارلىقنى بېسىپ ، موتوسىكلىت بىلەن بېرىپ - كېلىپ ئىشلەيدىكەن . كەيىپ كۆپ قىلمايدىكەن . كۆڭلى ياخشىمۇ - يامانمۇ ئۇنىڭغا مەن باھا بېرەلمەيمەن . بىراق ، ھەر زامان ئاشۇ مېھرىبان ئاتا - ئانىسى ، قېرىنداشلىرى ، دوست - يارەنلىرى ۋە ئۆز مىللەت قېرىنداشلىرىنى ئويلاپ ، ئۇلارغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايدىكەن . (مەن قىززىقچىلىقنى بىلمەيمەن ، لېكىن تۇنۇشتۇرۇش تۈگىدى .) 3k*:B~1  
       2010 - يىلىدىكى مەلۇم بىر سائەت كۆرۈش مەزگىلىدە ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، چۈشلەر بىلەن  27 كىلومېتىر ئارلىقنى بېسىپ ئۆيىگە تاماق يېيىش ئۈچۈن كەپتۇ . تاماق يەپ بۇلۇپ ، ئىشقا ماڭغۇچە مەلۇم بىر خىل كەيىپ قىلىدىغان دورىنى يەپ ، تورخانىغا كىرىپتۇ .  (ۋەقەلىك ئەمدى باشلاندى ھە ، دىققەت قىلىپ ئوقۇڭلار ! ) R5&$h$[/  
       __ ئۇ شۇنچىلىك بېرىلىپ توردىكى DNF تور ئويۇنىنى ئويناۋېتىپ ، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ خەلىتە بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ . ئاۋۋال پۇتىنىڭ ئۇچى توڭلاپتۇ ، ئاندىن ئۇ بارا - بارا يۇقىرىغا ئۆرلەشكە باشلاپتۇ . ئۇ شۇنچىلىك توڭلىغانكى ، خۇددى بەدىنىگە يىڭنە سانچىلغاندەك بۇلۇپتۇ . شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىگە ئەجەل خەنجىرىنىڭ ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلاپتۇ . جان تېنىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ، شۇ سەۋەب بەدىنى مۇز ياققاندەك بولۇپ توڭلىغاندەك ... ئىشقىلىپ ئۇ خۇددى ئۆزىنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھىس قىلىپ ، ئەگەر تورخانىدا ئۆلۈپ قالسا ، كىشىلەرنىڭ «ئۈلە چېغىدىمۇ تورخانىدا جان بېرىپتۇ » دېيىشىدىن قورقۇپ تورخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ . ئۇ شۇ ھالدا تۇرۇقلۇق ، موتوسىكلىتىنى ھەيدەپ يەنە شۇ خىزمەت ئورنىغا ، 27 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىزمەت ئورنىغا قاراپ مېڭىپتۇ . يول ئۈستىدە ئۇ ئۆزىنى كەيىپتىن ئازراق يىشىلگەندەك ھىس قىلىپ ئازراق ئارامىغا چۇشۇپتۇ . بىراق ئۇ ئەمدى ئۆزىنى باشقۇرالماپتۇ ، قوللىرى قېتىپ قاپتۇ ، رولنى ئۇيان - بۇيانغا بۇرالمايۋاتقۇدەك (بۇ چۈش ئەمەس)، موتوسىكلىتنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچىسى 40Km/hتىن ئاشمىغۇدەك - تۆۋەنلىمىگۈدەك ، تۆۋەنلىتىش يا ئاشۇرۇشقىمۇ قۇربى يەتمىگۈدەك ، شۇنچىلىك كۈچەپ بېقىپتۇ ، ئەمما پايدىسى بولماپتۇ . شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يەنە بىر خىيال كاللسىىدىن كېچىپتۇ . خىيالىدا : q\'P1~  
       __ تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئۇنى كۆزىتىۋاتقۇدەك ، ئۇ «ئۇلار ئۆزىگە ياردەمچى ئىزدەۋاتىدۇ . ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى كۈزەتكەن ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك چىقمىغان . ئۇلار بەك ئۈمىتسىزلەنگەنلىكتىن بۇ ئىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا ، تۇيۇقسىز ماڭا قىززىقىپ قالدى .» بۇ نېمە دېگەن گۈزەل ئارزۇ ھە ! «ئۇلار مېنى كۈزىتىۋاتىدۇ ، مېنى مۇشۇنچىلىك ئېغىر كەيىپ قىلىپ تۇرۇپ ، موتوسىكلىتنى شۇنچىلىك ئۆلچەنلىك ھەيدەۋاتقانلىقىمغا ھەيران بولماقتا !» ھەقىقەتەن ئۇ موتوسىكلىتنى شۇنچىلىك قائىدىلىك ھەيدەۋاتاتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ قوللىرىنى باشقۇرالمايدۇ ، بىراق ھاياتلىق ئۈچۈن ئۇ چۇقۇم كۈچەپ بېقىشى كېرەكتە . ھەقىقەتەن شۇنداق قىلدى ، ئۇنىڭ ئالدىغا چوڭلا بىر ئويمەنچەك ئۇچرىدى . ئۇ «ئويمەنچەك مەندىن 37.2 مېتىر يىراقلىقتا ، مېنىڭ سۈرئىتىم 40Km/h ، ئەگەر مەن ھازىردىن باشلاپ رولنى سوڭغا 7 گىرادۇستىن بۇرىسام ، بۇ ئويمەنچەكتىن بىخەتەر ئۆتۈپ كېتەلەيمەن» مانا شۇنداق قىلىپ ئۇ ئويمەنچەكتىن ئۆتۈپ كەتتى . ئاپلا ، ئالدى تەرەپتىن بىر ئاممىۋى ئاپتىبوس كېلىۋاتىدۇ ! ئۇ يەنە «ئاپتۇبۇسنىڭ سۈرئىتى 62Km/hتىن 65Km/hغىچە ئارلىقتا تەۋرەۋاتىدۇ ، مېنىڭ بولسا 40Km/h . ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى 41.7 مېتىر . شۇ بويىچە ھېسابلىساق ، مەن ھازىردىن باشلاپ رولنى ئوڭغا 8.261 گىرادۇس بۇرىسام ، ئۇ ئاپتۇبۇستىن بىخەتەر ئۆتۈپ كېتەلەيمەن» ئۇھ ...  يائاللا ، ئۇ بۇ خەتەردىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى . Ms'TC; &PS  
       شۇنداق قىلىپ ئۇ بىخەتەر ھالدا ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدىكى ياتىقىغا يېتىپ كەلدى . ئۇ شۇنچىلىك ھالسىرىغان بۇلۇپ ، ياتاققا كىرىپلا ئۆزىنىڭ كارۋاتقا تاشلىدى . ئۇ كارۋاتتا خۇددى ئۆلۈكتەكلا ياتاتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ئەجەللەردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىغا خوش بولۇۋاتاتتى . توساتتىن ئۇنىڭ كاللسىغا يەنە مۇنداق خىياللار كەلدى . پۇتىنىڭ ئازراق قىززىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بارا - بارا يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ... (ئاپلا ، ئەجەل يەنە كەلدىمۇ نېمە !؟) ئۇ يەنە قورقۇشقا باشلىدى . بەدىنىدە ئازراقمۇ ماغدۇر يوق ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغىنىنى ئويلاپ ، ئاتا - ئانىسى خىيالىدىن كەچتى ۋە :-- ئەگەر ئۇلار مېنى مۇشۇ ياتاقتىن تاپسا ، كېلىپ بېشىمغا قۇيۇپ قويغان تاماكىنى كۆرۈپ نېمە دەپ ئويلاپ قالا!... -- ئۇ قولىنى كۆتۈرەلمەيتتى . بىراق ، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ، تاماكىنى بىر يەرگە تىقىپ قويمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى . ئۇ شۇ غەيرەتتە مىڭ بىر تىرىشىپ ، تاماكىنى كۆرپىنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قويدى ۋە ئاندىنلا ئازراق ئارام تاپقاندەك بولدى . (ئىلگىرى ئۇ مۇنداق خىياللارنى قىلغان ، ئەگەر ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈپ قالىدىغىنىمنى بىرەكۈن بۇرۇن بىلسەم ، شۇ سەۋەب ئاتا - ئانام ، قېرىنداشلىرىم ۋە دوستلىرىمغا ئايرىم - ئايرىم قىلىپ ، بىر پارچىدىن خەت يېزىپ قالدۇرسام ، ھەربىر خەتنى ئايرىم بىر كونۋىرتقا سالسام ... ) شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ خىيال ئۇنى ئويلاندۇردى ۋە جىددىيلىك بىلەن قەغەز ئىزدەشكە باشلىدى . «2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مەن بىر ۋاراق A4 قەغەزنى 3 پارچە قىلىپ ، بىر پارچىسىنى ئارقا يانچۇقۇمغا ، يەنە بىر پارچىسىنى مەيدە يانچۇقۇمغا ، يەنە بىر پارچىسىنى پۇل قاپچۇقۇمغا سېلىپ قويغان (ئۇ يېنىدىن خەت يازغۇدەك قەغەز - قەلەمنى ئايرىمايتتى . چۈنكى ، تۇيۇقسىز بەزى يازىدىغان نەرسە چىقىپ قالسا ، قەغەز تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتى). 2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بىر پارچە قەغەزنى دېھقانلارنىڭ توك پۇلىسىنى يازغان ئىدىم ، 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنە بىر پارچە قەغەزنى رايۇنۇمدىكى دەرەخ بار خادىلارنى يازغان ئىدىم . ئەمدى يەنە بىر پارچە قەغەزنى نەگە قۇيۇپ قويغاندىمەن ؟ ... » ئۇ ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ ئاخىر ئۇ بىر پارچە قەغەزنىڭ ئورنىنى ئويلاپ تېپىپتۇ ۋە تاماكىنى قانداق يۆتكىگەن بولسا ، قەغەزنىمۇ شۇنداق ئېلىپتۇ . ۋە :-- ئەمدى قەلەم لازىم ، قەلەم نەدىدۇ؟؟؟ -- ئۇ ئويلاۋاتاتتى ، تاپالمايۋاتاتتى . ئەمەلىيەتتە قەلەم ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ سۆڭگەچ يانچۇقىغا قىستۇرۇلغان ئىدى . شۇ چاغدا :-- ھە تاپتىم ، بەدىنىمنىڭ 37 سۆڭىكىنىڭ ئاستىدا بىر قەلەم بېسىلىۋاتىدۇ ، مەن ئۇنى ھىس قىلدىم ... --  شۇنداق قىلىپ ئۇ قەلەمنىمۇ مىڭ بىر جاپادا سۇغۇرۇپ ئاپتۇ . (بىچارىگە ئىچىم بەك ئاغرىدى) acYoOW1G  
       ئۇ بىر قەغەزگە ، بىر تۇرۇسقا قاراپ بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتاتتى :--قەغەز نېمەنچە كىچىكتۇ ؟ ھەربىر ئادەمگە بىردىن يازسام ، كانداقمۇ سىغا ؟ قانداق قىلسام بۇلا ؟-- شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كاللسى ئىشلەپ قالدى :--بىر پارچىلا قىلىپ شۇنداق يازايكى ، ھەرقانداق ئادەم بۇ خەتنى ئوقۇسا ، ئۇ خەت خۇددى شۇ ئادەمگە قارىتىپ يېزىلغاندەك چىقسۇن ... -- شۇنداق قىلىپ ئۇ خەت يېزىشنى باشلاپتۇ . ئەمما بۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىيىن توختاپتۇكى ، قوللىرى مىڭ توننىلىق تاشنى ئېسىپ قويغاندەك بۇلۇپ ...  قىززىقارلىق يېرى شۇكى ، شۇ ۋاقىتتا قەلەمنىڭ سىياسى قېتىپ قېلىپ ، خەت چىقماپتۇ . ئۇ يامان جىلە بولۇپ «ئەجەل قىستاۋاتقاندا ، ما قەلەمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ... » شۇنداق قىلىپ خەت شۇنچىلىك مەزمۇنلۇق ، مەنىلىك بۇلۇپ پۈتۈپ چىقىپتۇ . ئارقىدىن ئۇ ... JdUz!=I  
t>6x)2,TC  
       مەن سىلەرگە ئۇ خەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر دىكلىماتسىيە قىلىپ بېرەي : (\mulj  
                مەن بىر چۈش كۆردۈم . چۈشۈمدە بىر ئېگىز تاغدىن كۆلگە ، شۇنچىلىك مەنزىرىلىك بىر گۈزەل كۆلگە  چۈشۈپ كەتتىم . سۇغا چۈشۈپ كەتتىم - يۇ ، جىددىيلىك بىلەن سۇ ئاستىدىن بىر نەرسىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم . بۇ ۋاقىتتا كۆز ئالدىمغا نۇرغۇن نەرسىلەر (ئۇ شۇ ۋاقىتتا «نەرسە» دەپ ئالسام ، بۇ نەرسىگە قارىتىلىپ قالغۇدەك ، دەپ ئويلاپ يەنە مۇنۇلارنى قۇشۇپتۇ)، نۇرغۇن مېھىرلىك - مېھىرسىز (ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىسىدىن باشقا يەنە ئايرىلىپ كەتكەن قىز دوستىنى ئويلاپ شۇنداق يېزىپتۇ)، قەدىرلىك - قەدىرسىز (ئۇنىڭ قىز دوستى ئۇنىڭ قىلغان قەدرىنى بىلمىگەن بولسا كېرەك) ، يىرگىنىشلىك - يىرگىنىشسىزلىك چىرايلار كەلدى . نېمە ئىكەنلىكىنى ، كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم ، ئىزدەۋاتاتتىم ، تاپالمايۋاتاتتىم ، قورقتىم . ئىزدەۋاتقان نەرسەمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ؟! قورقىۋاتىمەن ، ئىزدەۋاتقان نەرسەمنىڭ مەن ئۈچۈن مۇھىم ، ئىنتايىن مۇھىم نەرسە ، مۇھىم كىشى بۇلۇپ بولۇپ قېلىپ ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىۋاتىمەن ... قانداق قىلارمەن ، قولۇم بەك تېلىپ كەتتى . يېتىپ يازغاچقىمىكىن ، خەتنى يازالمايۋاتىمەن ... نېمە دېسەم بۇلا ، ئىزدەۋاتقان نەرسەم نېمىدۇ ؟ كىمدۇ ؟ «ئۇنداق قىلما ، سەن نەدە ؟! مەن سېنى ئىزدەۋاتىمەن ؟! تاپالمايۋاتىمەن !؟ مېنى قىينىمىغىن ! يالغۇز تاشلىمىغىن(بۇ سۆزنى ئۇ ئاشۇ قىز دوستىغا ئاتاپلا يازغان ئىدى)! مەن قورقىۋاتىمەن !؟ سەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن . ئاھ يۈرۈگۈم (بۇ ئۇنىڭ ئاشۇ ئايرىلغان قىز دوستىنى چاقىرغىنى ئىدى» مەن ئېسىمگە ئالدىم ، ناھايىتى خوشال بۇلىۋاتىمەن ، نىشانىمنى تاپتىم . مەن ئىزدەۋاتقان نەرسە دەل مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىدىغان ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئىكەن (بۇ بىر جۈملىنى ئۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن ئاشىقىغا ئاتاپ ئېيتقان ئىدى)! مەن ئۇنى تاپتىم ، قۇتقۇزۇپ كۆلدىن ئېلىپ چىقتىم ، بىراق ئۆزۈم ........... o~o6S=4,}  
ua$k^m7m5  
#7~tL23}]  
jW1YTQ  
                                                        ئاپتور : ئارسلان ئابدۇرىشىت چوغلانما
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-12-29, 21:08
 
پۇتۇم ئۇچۇق قالدى، دەپ ئىشتاننى پەسكە سىيرىسەڭ، دۇمبەڭ ئۇچۇق قالىدۇ .
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1173 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   128024459 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6258 (قېتم)
 تۆھپە:   6228  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8866
 سائەت
دەرىجىسى:
8866 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-29

 4]"a;(  
6b%`^B\  
lP}od  
| d~B]65t  
داۋامىمۇ  بارمۇ  ................. ياق  مۇ ؟
 
qohlanma
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12904

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   155 (قېتم)
 تۆھپە:   155  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2005
 سائەت
دەرىجىسى:
2005 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-29

    ياق.  داۋامى پەقەت قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇنداق يولغا كىرىپ قالماسلىقىنى چوڭقۈر ئۈتۈنۈش ئىچىدە ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن تىلەيمەن .
 
پۇتۇم ئۇچۇق قالدى، دەپ ئىشتاننى پەسكە سىيرىسەڭ، دۇمبەڭ ئۇچۇق قالىدۇ .
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   533 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28006 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2780 (قېتم)
 تۆھپە:   2780  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 908
 سائەت
دەرىجىسى:
908 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-22
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-30

ئىبىرەت،،،،ئىبىرەت.تېمىڭىزغا رەھمەت!
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   75 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6383 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   465 (قېتم)
 تۆھپە:   435  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1149
 سائەت
دەرىجىسى:
1149 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-31

بەك ياخشى تىما ئىكەن . رەھمەت . نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى