قاشتېشىغا مەدھىيە
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
-\O%f)R =:OS"qD3l eT* )r~ ئەي گۈزەل قاشتېشى!نېمىشقىدۇر سەندىن كۆزۈمنى ئالالمايمەن،قاراپ_قاراپ ھۆسنىڭگە تويمايمەن،بېقىپ_بېقىپ مېھرىڭگە قانمايمەن،گوياكى سېنىڭ ئىشقىڭ قەلبىمنى چۇلغىۋالغاندەك...ئەلنىڭ ئېيتقىنى بىلەن ئېيتسام:‹‹ھەربارە كۆزۈم سەندە!›› ^EY^.?Mg
قىزىق ئىش:سەن بىلەن بىر ئۇرۇقتىن بوللغان ياقۇت بىلەن پىرۇزە،زۇمرەت بىلەن كەھرىۋا ھۆسنى_ جامالداسېنىڭدىن گۈزەلرەك،جىلۋە_كامالدا سېنىڭدىن ئەۋزەلرەك ئىدىيۇ،نېمىشقىدۇر بىلمەيمەن،‹‹ھەر بارا كۆزۈمسەندە،ياندۇرۇپ يەنە سەندە!›› rvrv[^a(
كۆزۈم سەندە،ئويۇم سەندە،كۈندۈزىغۇ شۇنداق،تاڭ_تاڭلار ئېتىپ كەتكۈچە،يەنىلا پىكرىم سەندە،سېنى ئويلىسام ھەر چاغ،خىيالىم قانات قېقىپ،قاپىيىلەر گۈلزارىغا قونىدۇ؛سۆزلەر جىلۋىگە كىرىپ،قاتار_قاتار قوشقلار توقۇلۇپ چىقىدۇ. QS.t_5<U
qk!")t
!@j5 yYf
قاشتېشىيۇ،قاشتېشى، LA?h +)
ماڭا بولدى سۆز بېشى. }&|S8:
تەرىپلىمەي قويارمۇ، _4H9rPhf
ئۇنى كۆرگەن ھەركىشى. cF6eMml;
|-kU]NJFR
قاشتېشىيۇ ،قاشتېشى، !e+ex"7
ئوخشاش ئىكەن ئىچ_تېشى. xB.h#x>_`
سۈزۈكلىكى_دۇر،سەدەپ، w'uI~t4
غۇۋالاشماس ئىچ_تېشى. `+Ko{rf+9 ياق!ياق!سېنى تەرىپلەشكە مۇندق قوشاقلار قانداقمۇ لايىق بولالىسۇن!قوشاق قاتىمەن دەپ،ۋەزىن ۋە قاپىيىلەر بىلەن بوغۇلۇپ قېلىشنىڭ ھاجىتى نىمە؟ئەڭ ياخشىسى، سەبىي بالا كۆڭلىگە نىمە كەلسە،شۇنى ئېيتىرۋەگەندەك ،مەنمۇ سۆزۈمنى ئازادە قىلاي،خىيالىم قۇشلىرى كەڭ سامدا پەرۋاز قىلغان لاچىندەك ئەركىن قانات قاقسۇن!
|#uA(V دۇنيادا تاشلارنىڭ خىللىرى كۆپ؛قۇم تاش،شېغىل تاش،بىلەي تاش،قورام تاش.....ساناۋەرسەك،جىقلا بولۇپ كېتىدۇ،ھەتتا شاھلارنىڭ تاجىلىرى بىلەن نازىنىنلارنىڭ ئۈزۈكلىرىگە كۆز بولىدىغان ياقۇتمۇ تاش،پىرۇزىمۇ تاش،تەختلەرگە پايە،قەسىر_ئايۋانلارغا تۈۋرۈك،مەسچىت_چىركاۋلارغا مېھراب بولىدىغان مەرمەرمۇ تاش،بىراق ،نېمىشقىكىن،ئەي گۈزەل قاشتېشى،سېنىلا ئويلايمەن ،ساڭىلا قارايمەن،‹‹ھەر بارە كۆزۈم سەندە،ياندۇرۇپ يەنە سەندە!››
l]:nncpns >\J({/ #O خىسلىتىڭ قانچە ،ھۆسنۈڭمۇ شۇنچە؛ھۆسنەڭگە بېقىپ،مېھرىڭمۇ شۇنچە،مەيلى ئاق ياكى قارا،مەيلى كۆك ياكى يېشىل،مەيلى سېرىق ياكى قىزىل......قايسىلا رەڭدە بولساڭ،خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى،ھەسەن_ھۈسەندەك مەپتۇن قىلىسەن مېنى،قاراپ_قاراپ تويمايمەن،مېھرىڭگە زادى قانمايمەن.
i6)7)^nG ئاقلىقىڭنى كۆرگەندە،سۈزۈلۈپ ئاتقان تاڭنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن باھاردا كېلىدىغان ئاق قۇلارنىڭ قانىتى،بۇغدا چوققىسىدىكى قار_مۇزلار بىلەن مومام رەھمىتىنىڭ بېشىدىكى ئاپئاق لېچىكى،ئانامنىڭ ماڭا بەرگەن سۈتى بىلەن دادامنىڭ ئورمىدا كېيىدىغان ئاق ئماتا كۆڭلىكى،ئۇيغۇر يگىتلىرىنىڭ بادام دوپپىسىدىكى گۈلى بىلەن خىوتەن شايىسىنىڭ ئاقلىقى ياكى ئايدىڭ كېچىلەردە يەرگە چېچىلغان ئاي شولىسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ.
bU3e*Er 99xs5!4s ئاقلىقىڭدۇر پاكلىقىڭ ۋە ساپلىقىڭ، 6xDYEvHS
ھەم ئۇلۇغۋار،ئەزگۈلۈككە بابلىقىڭ. ?zFeP6C
كىمكى بولسا ئەھلى ۋىجدان،تۈز نىيەت، ar+ j`QIe
ئاڭا ھەم لايىق بولۇر بۇ ئاقلىقىڭ.
U^AywE] 6bv~E. قارىلىقىڭنى كۆرگەندە،ئادەنزات مەدەنىيەت تېڭى ئاتقان،يەنى يېزىق تېپىلىپ،ئىنسانىيەت تارىخى يېزىلىشقا باشلىغان چاغلارنى ئەسلەيمەن.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،مەيلى يۇڭ،مەيلى قۇمۇش،مەيلى قاناتنى قەلەم قىلسۇن،ئىنسان تارىخىنى قارا رەڭ بىلەن پۈتكەن ئەمەسمىدى؟سېنىڭ قارىلىقىڭنى تارىخنىڭ خېتىگە ئوخشىتالىغىنىم ئۈچۈن خۇشالمەن.ئۇنى دېسەڭ ،خوتەن كىيىكىنىڭ كىندىكىدىن چىقىدىغان ئىپارمۇ قارا؛شەرق گۈزىلىنىڭ كۆزىمۇ قارا،قېشىمۇ قارا،يەلپۈنۈپ تۇرغان چېچىمۇ قارا،رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،لوقمان ھېكىممۇ قارا ئىمىش،مەجنۇننىڭ لەيلىسىمۇ قارا،كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان بۈركۈت بىلەن سۇدا ئوينايدىغان قۇندۇزمۇ قارا؛ئالتۇننىڭ بىر خىلى بولغان كۆمۈرمۇ قارا؛ۋەتەننىڭ شۆھرىتى_قارامينىڭ نېفىتىمۇ قارا؛باھار كۈنلىرى ۋانى گۈلدۈرلىتىپ ،يامغۇر ياغدۇرۇغ بىلەن تەشنا جانلارغا ھايات بەخىش ئەكۈچى بۇلۇتمۇ قارا.
c/K:`XP~ كۆكلۈكۈڭ_كەڭلىكىڭ،بۈيۈكلۈك،چەكسىز ساماغا باقسام،گۈمبەزسىمان ئاسمانمۇ كۆك،يىراقتىن مەغرۇر كۆرۈنگەن تىيانشانمۇ كۆك،نىلمۇ كۆك،چاڭجىياڭمۇ كۆك،دىنپىرمۇ كۆك،دونايمۇ كۆك،كىچىككىنە سايراممۇ كۆك،چەكسىز دېڭىز_ئوكيانمۇ كۆك.
nTG @=C# مانا گۈزەل ئالتاي يايلىقى،خۇددى يېشىل گىلەمنىڭ ئۆزى،ئۇنى ھەم كۆرسەم،سېنى ئەسلەيمەن؛سېنى ھەر كۆرسەم ،ئۇنى ئەسلەيمەن،تىيانشان باغرىدا قاتار قارغايلار،چەكسىز قىرلاردا يۇمران مايسىلار،باغلاردا چىمەن يېشىل بوستانلار،گۈلشەندە كۈلەر گۈلى رەيھانلار_بۇلارنىڭ ھەممسى يېشىللىق دېمەك.
8[PD`*w ئەي گۈزەل قاشتېشى!ھۆسنىڭ قانچە، پەزلىڭ شۇنچە؛پەزلىڭ بىلەن قەدرىڭمۇ شۇنچە.ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى،تېشىڭ بىلەن ئىچىڭ بىر،ھۆسنىڭ بىلەن خۇلقىڭ بىر،ئىسسىقىنى كۆرۈپ ئىرىپ كەتمەيسەن،سوغۇقنى كۆرۈپ توڭلاپ قالمايسەن،بوران_چاپقۇندىمۇ ئوخشاش،يامغۇر_كەلكۈندىمۇ ئوخشاش،قەسىر_ئايۋانلارغا قەندەل بولساڭمۇ بىر خىل،پايە بولۇپ يەردە ياتساڭمۇ بىر خىل،ھەيكەل ياساپ ،تەكچىدە قويسىمۇ بىرخىل،كۆتۈرگەنگە ئۇچمايسەن،تاشلىشانشا سۇنمايسەن،گۈزەللەرنىڭ قۇلىقىدا ھالقا،بىلىكىدە بىلەيزۈك،بارمىقىدا ئۈزۈك بولغانغا پەخىرلەنمەيسەن،قىسقىسى ئىنساننىڭ ھاجىتى نىمە بولسا،سەن شۇنىڭغا تەييارسەن،بۇنىمە دېگەن ئالىيجانابلىق!
eUY/H1 ئەي گۈزەل قاشتېشى! سېنى قانداقمۇ تەرىپلەپ بولاي،ئەڭ ياخشىسى،سۆزۈمنى قىسقا قىلاي،ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق،قىزنىڭ ئۇزلىقى ئانىغا تالىق.داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق،گۈلىنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق.سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن قاراقاش دەرياسى بىلەن يورۇڭقاش دەرياسىغا بارىكاللا!شۆھرىتىڭنى جاھانغا يايغان ھۈنەرۋەن خوتەن خەلقىگە ھەشقاللا!
D7X8yv1 9)y7K%b0 مەنبە-ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى
bayawanتەرىپىدىن تەستىقلاندى