باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       829 
  •    ئىنكاس 
       13 

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز

قەۋەت ئاتلاش
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-05

تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭىدا چوڭ بولغان بىزدەك قارا سەھرالىقلار ھەرقانچە باي بولساقمۇ شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز: /Bw<?:  
بىز نامراتلىقتا ئىشتىنىمىز تىزدىن ئاشماي يۈرگەن چاغلاردا، شەھەرلىكلەر پۈتۈن كىيىنىپ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك يېپىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز پۈتۈن كىيىنىپ، ھەممە يېرىمىز يېپىلغۇدەك ھالغا يەتكەندە، شەھەرلىكلەر تىزىدىن ئاشمايدىغان تار ئىشتان، يوتىسىدىن ئاشمايدىغان تار يوپكىلارنى كىيىپ، يەنە بەزىلەر كۆڭلەك - يوپكا كىيمەي ئامالىنىڭ بارىچە بەدىنىنى ئوچۇق قويۇشقا تىرىشىدىغان بولۇۋاپتۇ! \}Al85  
بۇرۇن بىز زاغرا ناندىن قۇتۇلالماي چىرايىمىز تاتىرىپ يۈرگەندە، شەھەرلىكلەر ئاق نان يەپ چىرايىنى پارقىرىتىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز ئاق نان يەيدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر ئاق ناندىن قېچىپ، زاغرىغا ئىنتىلىدىغان بولۇۋاپتۇ! @=sM')f&  
بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنى كاكۇل سۇۋاق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر ئۆيلىرىنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلىرىنى سىرلاپ ئولتۇراتتى. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى سىرلاپ ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەندە، شەھەرلىكلەرنىڭ ھاكلاش، سىرلاش دائىرىسى شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، خانىم - قىزلارنىڭ چىرايىغا يېتىپ، توختىماي چېچىغا يامىشىپ يەنە ئاسمانغا شوتا قويغۇدەك ئەلپازى بىلەن ئىلگىرىلەۋېتىپتۇ! [} zzG@g,J  
بىز بۇرۇن ھاجەتتىن كېيىن ئەۋرىتىمىزنى سۈرتۈشكە چالما ئىشلىتىدىغان چاغدا، شەھەرلىكلەر قەغەز بىلەن سۈرتىدىغان ئىشنى چىقاردى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى ئۆگىنىپ، ئاران دېگەندە كۆنۈۋاتساق، ئۇلار ئەمدى قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتىدىغان بولۇۋاپتۇ! ~NMx:PP  
بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يىراق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر تام قوشنا ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ: «تام قوشنا ئولتۇرسا قېرىنداشلىق مېھرى قانچە كۈچلۈك بولىدىغاندۇ- ھە؟» دەپ قالاتتۇق. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى تام قوشنا قىلىپ رەتلىك سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزگەندە، شەھەرلىكلەر ئۆينى يانداش سېلىشتىن ھالقىپ چاقماق قەنتتەك تۆپە - تۆپىلەپ سالىدىغان، ئەمما قوشنىلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك قويۇق مۇناسىۋەت قىلمايدىغان، ھەتتا تونۇشمايدىغان بولۇۋاپتۇ! :N^+!,i  
بۇرۇن بىزنىڭ ئۆي ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ ھويلىسىدىن شور توپا ئۆرلەپ قاقاس تۇرغاندا، شەھەردىكى ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ھويلىسىغا خىش ياتقۇزۇلۇپ، چۆرىسىدە رەتلىك سۇۋادان، تال باراڭلار سايە تاشلاپ باغچىدەك چىرايلىق تۇراتتى. ئەمدى بىز ھويلىمىزغا خىش بېسىپ، مېۋىلىك دەرەخ قويۇپ، تال باراڭلىق ھويلا بەرپا قىلغاندا، شەھەردىكى ئورگانلار ھويلىسىدىكى دەل - دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، تۇپراق يۈزىگە سېمونت ياتقۇزۇپ، بۇرۇنقى ئەتىر گۈللەرنى قومۇرۇۋېتىپ، بەزى ھويلىلارنىڭ يېرىمىغا چەت ئەلنىڭ ئوت - چۆپلىرىنى تېرىپ، چارۋىسى يوق يايلاق ياسىۋاپتۇ. قالغان يەرنى «قاتتىقلاشتۇرۇلغان قاقاسلىق» دېسە بولغۇدەككەن! ZXIw^!8@/  
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيە ۋاقتىدا، كېچىلىرى ئۇخلىماي كەتمەن چېپىپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ كەتكەندە، شەھەرلىكلەر كېچىسى ئۆيىدە بەخىرامان ئۇخلاپ بوتىلاقتەك سېمىز تۇراتتى. ئەمدى بىز كېچىسى ئىشلەيدىغان ئوپچە ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ بەدىنىمىزگە ئەت قونغاندا، شەھەرلىكلەر «ئورۇقلايمىز» دەپ كېچىدە قوپۇپ كوچىدا يۈگۈرىدىغان، ھەتتا نەچچە قوينىڭ پۇلىغا ئورۇقلىتىش دورىسى ئېلىپ يەيدىغان بولۇۋاپتۇ! F )Iz:  
بۇرۇن بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دېھقان بولغاندا، شەھەرلىكلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرى شەھەردە كادىر بولاتتى. بىزمۇ ئەمدى ئويغىنىپ پۇل تېپىپ، شەھەردە ئوقۇسا كادىر بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ بالىلىرىمىزنى شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۆزىمىزگە كادىر بولۇپ كەلسۇن دېسەك، ئوننىڭ بىرسى بولالىدىمىكىن، قالغانلىرى تاۋىنازۇك دېھقان بولۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىك ساۋاقداشلىرى بىزگە كادىر بولۇپ كېلىدىغان بولۇۋالدى. n_4 r'w  
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيىنىڭ دولقۇنىدا، قۇچاقتىكى بالىمىزنى نائىلاج ئەترەت بەلگىلىگەن بالا باققۇچىغا تاشلاپ بېرىپ يېرىم كېچە بولغاندا ئاران كۆرەتتۇق. بۇ چاغدا شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئانىسىنىڭ باغرىدىن ئايرىلمايتتى. ئەمدى بىزمۇ بالىلىرىمىزنى باغرىمىزدىن ئايرىمايدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دولقۇنىدا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى كېچە - كېچىلەپ باشقىلارغا تاشلاپ بېرىدىغان بولۇۋاپتۇ! )qRH?Hsb7  
بىز بۇرۇن ئۆيدە ئوماچ، يوبداندىن يېڭى قۇتۇلۇپ سۇيۇقئاش، لەڭمەنگە تويغۇدەك بولغاندا، شەھەرلىكلەر بازارنىڭ ئاشخانىلىرىدا مەغرۇر ئولتۇرۇپ پولۇ، كاۋاپ يېيىشكە يۈزلەنگەنىدى. ئەمدى بىزمۇ ھاللىنىپ ھەپتىدە بىر ۋاخ بازاردا پولۇ، كاۋاپ يەپ روھلۇق يۈرىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دەپ ئۆگزىدەك بىر يەرگە چىقىپ، قىزىق سەي دەپ سىلوسقا ئوخشايدىغان، سوغۇق سەي دەپ ھەلەپكە ئوخشايدىغان بىرنېمىلەرنى ھەلەق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆمۈرچى بازغان سوققاندەك غەلىتە ئاۋازلارغا تەڭكەش قىلىپ يېرىم كېچىگىچە يەپ - ئىچىپ، 4 - 5 تاغار بۇغداينىڭ پۇلىنى بۇزۇپ - چېچىپ، يەنە ئاتتەك روھلۇق چىقماي، لەڭپۇڭدەك ساقىپ لىڭتاسما بولۇپ، نەچچە كېچە - كۈندۈز كارغا كەلمەي كېسەل توخۇدەك مۈگۈدەپ يۈرىدىغان بولۇۋاپتۇ! BsU}HuQZQ  
بىز بۇرۇن ساپال چىراغ يېقىپ قاپاقتا سۇ ئىچكەندە، شەھەرلىكلەر توك چىراغ يېقىپ، چىلەكتە سۇ ئىچەتتى. ئەمدى بىز توك چىراغ يېقىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر قاپاقتا چاي ساقلاپ ئىچىدىغان، ھەتتا بىز تاشلىۋەتكەن ساپال چىراغ، كوزا، ياغاچ ھارۋىنىڭ چاقى، كونا چەكمەن قاتارلىقلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، يادىكارلىق دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بولۇۋاپتۇ. زادى بىزدەك سەھرالىق تومپايلار شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى توغرا چۈشىنەلمەيۋاتىمىز … byFO^pce  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-12-24, 12:43
 
eqiniman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12500

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6149 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   610 (قېتم)
 تۆھپە:   610  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 248
 سائەت
دەرىجىسى:
248 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-24

راس دەيسىز
 
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   533 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28006 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2780 (قېتم)
 تۆھپە:   2780  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 908
 سائەت
دەرىجىسى:
908 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-22
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-24

3Q&@l49q  
ھا....ھا....ھا نىمانداق قىزىق گەپلەر بۇ. مەنمۇ شەھەر ئاھالىسى ئەمما سەھرادىكى توك چىراق،تۇرۇبا سۈيى ھەمىسى ئوخشاشقۇ.سىز قايسى شەھەرلىكلەرنى چۈشۇنالمايۋاتقانسىز؟
 
umudi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6308

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   138 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6970 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   697 (قېتم)
 تۆھپە:   692  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1208
 سائەت
دەرىجىسى:
1208 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-12
ئاخــىرقىسى:2013-01-12
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-24

مەن بۇرۇن ژورنالدا ئوقىغان ئىدىم ، توردا  يەنە ئوقىغىنىمدىن يەنىمۇ خۇرسەنمەن، شۇنداق ھىچقايسىمىز بىر-بىرىمىزگە يىتىشەلمەيمىز ، دىمىسىمۇ ئەمىليەتتە شۇنداقكەن بۇ تىزلىك !
بۈگۈن اللا نڭ سوۋغىسى
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-05
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-24

مەنبە:http://www.seltenet.com/Article_Show.asp?ArticleID=303نى ئەسكەرتىپ قويغان ئىدىم.باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرىۋەتكەن ئوخشايدۇ. قىرىنداشلىرىم توغرا چۈشەنگەي!
rastqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10221

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   935 (قېتم)
 تۆھپە:   935  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2987
 سائەت
دەرىجىسى:
2987 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-24

مانا مەن  چەت يىزىدىكى سەھرالىق ،مەن ھەرگىز شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلمايمەن،تۆۋەندىكى بەزى  كادىرلارنىڭ  بەزى بىر پەسلىگىنى  ھىساپقا ئالمىغاندا  تۇرمۇشۇمدىن ئىنتايىن رازى.
rastqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10221

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   935 (قېتم)
 تۆھپە:   935  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2987
 سائەت
دەرىجىسى:
2987 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-24

..............
sumayyah
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9347

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2716 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   265 (قېتم)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2954
 سائەت
دەرىجىسى:
2954 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-27
ئاخــىرقىسى:2012-12-25
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-24

ھەي ، نىمە دەيتۇق ، كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ ، دەپتىكەن . شەھەرلىكلەر: «يىزىدىكىلەر ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقارغان تەبئىي كۆكتاتلارنى ، تەبئىي تۇخۇملارنى ، يەرلىك قوينىڭ گۆشلىرىنى يىيەلەيدۇ ، بىزچۇ ، سۈنئىيلەرنى يەۋىرىپ كىسەل كۆرپىسى بولۇپ كەتتۇق »  دەۋاتقاندا ، يىزىدىكىلەر :«شەھەرلىكلەر ئوچاققا ئوت قالايمەن ، دەپ چاۋار تىرىپ ، ئىس يەپ يۈرمەي تاماق ئىتىدىكەن ؛ قىش كۈنلىرى ئۆستەڭلەردە قىتىپ قالغان مۇزلارنى چوقۇپ يۈرمىسىمۇ جۈمەكتىن سۇ چىقىۋىرىدىكەن ؛ قار-يامغۇرلاردا ئۆيىنىڭ ، يولنىڭ لاي-پاتقاق بولۇشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدىكەن » دەۋاتقان بولىدىكەن
ئۆزۈمگە ئۆزۈملا تەسەللىي بىرەلەيدىكەنمەن
rudipay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10389

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3750 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   375 (قېتم)
 تۆھپە:   375  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1299
 سائەت
دەرىجىسى:
1299 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-21
ئاخــىرقىسى:2013-01-18
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-25

شەھەرلىكلە بىلەنغۇ  پەقەت خۇشۇم يوق  تېخى يېزىدىن كەلگەنلەنى سەھرالىق تومپاي دەپ كىتىشلىرىچۇ   پوق قۇساقلانىڭ
nawayi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13055

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   61 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3702 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   370 (قېتم)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 53
 سائەت
دەرىجىسى:
53 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-16
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-25
ئاپتور(suzlapbakay) نىڭ تېمىسىغا


مەتروزى مەتتۇرسۇن كەپسىز
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى