ئىككى يۈەنلىك كۆڭۈل
})v`` + Z1 7=g@ توۋا دەيمەن سىنى تونۇغان ئاشۇكۈندىن ئىتىبارەن دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ساڭا يەتمەيدۇ ،كۆرگۈنىم ،ئاڭلىغىنىم، بىلگىنىم ،قىلغانلىرىم سىنىڭ بىر ئېغىز گىپىڭگە ئەسىر،خىياللىرىمدىكى ئىزگۈ تىۋىنىشلار سىنىڭ سىمايىڭدىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ،قۇلاق تۈۋىمدىكى ھەربىر مۇڭ كۈي سىنىڭ خۇشاللىقىڭ ،ھەربىر كۈلكەڭ ھايات بېغىمنىڭ خۇش پۇراقلىق گۈللىرى.مىنىڭ ئېغىزىم ،كۆزۈم،قۇلۇقۇم ئىشقىپ پۇتۇن بەدىنىمدىكى سەزگۈ ئەزالىرى ساڭا شەيدا.سەن بولساڭ گۈزەل ھايات كارتىنىسى مەن بولسام ئۇنىڭدىن بەھىر لەنگۈچى ،ئىلھاملانغۇچى،ھاۋاسىدىن نەپەسلەنگۈچى،گويا سەن مىنىڭ جەننىتىم ئىدىڭ.توغرا سەن مىنىڭ جەننىتىم ئىدىڭ.خۇدادىن بىر سىنى تىلەيتىم ،ئەگەر سەن بولمىساڭ جايىمدىلا ئۆلىدىغاندەك،جاھان چۆرگىلەشتىن توختاپ قالىدىغاندەك.بىراق سەن يەنىلا شۇنداق غەمسىز باھار ھوجىرىسىدىكى ئانار گۈلىدەك كۈلۈپ سۆيگۈ لەمپىسىدىكى قارلىغاچلاردەك پىلدىرلاپ ئۇچۇپ يۈرىسەن.مىنىڭ قەلبىم يەنىلا سىنىڭ روھى كىشەنلىرىڭ ئاستىدامۇڭلىنىدۇ،سىنى كۈتىدۇ ،سېغىنىدۇ.
DJ zJ$Q ساباكەلدى مىھرى بىلەن چىن كۈلۈپ بېقىپ
n<GTc{>Z سېغىنىمەن چىن كۈلكەڭنى ئانار گۈلىدىن
i[IOR0 تاڭ شامىلى سۆيۈپ ئۆتتى دوڭغاق سۆگەتنى
(uW$ch@2K سېغىنىمەن چاچلىرىڭنى مەجنۇن تاللار دىن
uZ1b_e0SGu I_dO*k%l شامال سۆيسە يۈز لىرىڭگە ئۇنى مەن دىگىن
Ie z`g<r مۇڭ كۈي كەلسە قۇلىقىىڭغا ئۇنى مەن دىگىن
A$7j B4 ئايرىلمايمەن تا ئەبەتكە جېنىم سەن دىگىن
v@&UTU سېغىنىمەن گۈل بويۇڭنى ماڭغان ئىزلاردىن
#CV;Np -4;$NiB? گۈل تۇتقۇم بار ئىدى ساڭا سۆيگۈ بېغىدىن
K_Q-9j سۆيگەن بار مۇ سىنى مەندەك ياشلىق چېغىدىن
ty>9i]Y- بولمىساممۇ يانلىرىڭدا شوخ يايراپ تۇرغىن
Xt%y>'. سېغىنىمەن چىن مىھرىڭنى قەلەم ئىزىدىن
M/abd 7q tJa*(%Z?f شۇ سېغىنىشلار ،شۇ كۈتۈشلەر،شۇ تەلپۈنۈشلەر مىنى گاھ سۆيگۈ ئىرەنلىرىدە ئەللەيلەتسە گاھ ھىجران چۆللىرىدە قاغجىرتىپ قەلىب بېغىمنىڭ ئەمدىلا چىچەكلىگەن نازۇك يۇمران سۆيگۈ بىىخلىرىنى قۇرتىۋەتمەك بولىدۇ. ئەقىدە يىلتىز لىرىمنى قۇرتۇپ ئۇنىڭدىن گۈل ئۈندۈر مەسلىككە ئۇر نىدۇ.مەن شۇ تەلپۈنۈشلەر ئىچىدە تىڭىر قاپ نىمە قىلارىمنى بىلمەيمەن ،گاھ ئوڭغا گاھ سولغا تەۋرەپ باقىمەن بىراق قەلبىم يەنىلا شۇنچىلىك مىسكىن.
L2Z-seE XEL~y ياز كىتەردۇر يەنىلا شۇ كۈزنى قوغلاپ
5M?I-m مەن قالۇر مەن بۇ قىشتا باھارنى ئويلاپ
b^'>XT~1J& IWT-)+ ئاكامنىڭ ھاسىسىنى سىز گە بىرەي ئۇنى خۇدا ساقلايدۇ.
*EF`s~ مانا بۇ ئۆتكەن شىرىن، قايغۇلۇق،گاھ كۈلۈپ گاھ مەڭدەپ ئۆتكەن ھاياتىمنىڭ تەمسىلى ئىدى،ئەلۋەتتە نۇر مال ئا ئىلە دىگەندىمۇبىر بالىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئاسانغا چۈشمەيتى،پۇلنى ئۇ قىز غا خەجلىمىگەن تەقدىردىمۇ ئاتا-ئانام ئەۋەتكەن پۇلنى خەجلەپ كۇنلەرنى شۇ قىزنى ئويلاپ بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەننىڭ ئۆزىلا كەلگۈسى يولۇمغا پالتا چاپ قانلىق ئىدى.ئەلۋەتتە ئاتا-ئانام نى ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ تىرشىپ –تىرمىشىپ تاپقان ئۆيگە تۈۋرۈك ھاسا بولدىغان شۇ ئازغىنە پۇلنىمۇ ماڭا ئەۋەتەتتى.بۇراستىنلا بىر تىراگىدىيە ئىدى.بىراق كۆزلەر كۆرمەس قۇلاق يەنىلا ئاڭلىماس،ئېغىز يەنىلا شۇ بىر كۈيگە توۋلاپ پۇت قوللار يەنىلا شۇ كۈيگە ئۇسۇل ئوينايدۇ.
ZJ%iiY yaK4% k .GiQC{@9w كۆزۈم كۆرمەس دىلىم يور ماس قەلىب پىغانە چىقماس جان
/MbWS(RT كۈنۈم كۈلمەس ھۇشۇم بىلمەس تومۇر لاردا ئاقماس قان
|D~#9 باھار كەتتى قوياش يۈتتى قار جۇدۇن ئۇچار ھەر يان
K{`3,U2Wx قەلبىڭ قەسىر يۈرگۈم ئەسىر سىنى سۆيمەسكە يوق ئىمكان
3|vZ`} ,H5o/qNU`{ ۋۇجۇدۇمدىكى ۋىجدان ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ مىنى ئىنسان تەبئىتىدىن بارغانسىرى يىراقلاشتۇرغۇزىۋاتقان،ئەسلىمنى ئۇنۇتقۇزۇپ ئاتا-ئانا دىگەن تامغا بېسىلغان يۈرۈكۈمگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلىپ بىلمەي ئويدۇر ۋاتقان،ھاياتىمنىڭ نىشانى ئۈمۇدۇمنىڭ كارولىغا ئايلانغان شۇ قىز غا ئاخىرى بىر كۈنى قەلىب سىرىمنى ئىز ھار قىلدىم.
Vee;& -كەچۈرۈڭ......
PaBqv] ئاللاھنىڭ ئىسمىنى يادقا ئېلىپ بوسۇغا ئاتلاپ ،قەلبىمگە نۇرغۇن شىرىن ئار مانلار نى پۈكۈپ،بۈگۈننىڭ پاسىلىدىن ئەتىنىڭ خانىسىگىچە بولغان شۇ گۈزەل ئىستەكلەرنى باھار گۈلىگە تۇيۇقسىز كەلگەن مۆلدۈردەك تەننى شۈر كەندۈر دىغان شۇ<كەچۈرۈڭ>دىگەن گىپىڭ بىلەن يوققا چىقاردىڭ.ياق،مىنىڭ قەلبىمدىكى قىسمىنى ئەمەس،بە لكى كەلگۈسىدىكى بەخىتنى يوققا چىقاردىڭ .بۇ بىر ۋەدە ئىدى.قۇرۇق ۋەدىلا ئەمەس بەلكى .ئەقىدە ئىدى.يۈرەك يىغلايتى ئانا دىگەن ئىسىم يوق ،ئىرادەم سۇناتتى ئاتا دىگەن روھى تۈۋرۈك يوق.چۈنكى روھى ئاللىقاچان باشقىلارنىڭ قۇلىغا ئايلانغاان يۈرەكتىن باشقان بىر ئىسىمنى ئاڭلاش مۇمكىنمۇ؟ئەلۋەتتە بولغان تەقدىر دىمۇ ئغىز دىلا،ئېغىدىكى گەپ يۈرەككە تۇتاش مايدۇ يۈرەكتىن چىقمىغان گەپتە چىن ھىسىيات چىن مىھىر بولمايدۇ.
~uw eBp~O Y@'ahxF ھىس قىلسام بۇ ھاياتنى ئەسلى بىر چۆچەك
b-)3MR:4 بىرى تۇتتى ئالتۇن جام يەنە بىرى گۈرجەك
7w5 L?,a بىرى بولدى ئاڭا قۇل ھىس قىلدى گۈلدەك
@EGUQ|WL^ ئەقىل كۆزى توسۇلدى باش گويا كۆتەك
<dX7{="& ياش ئاقاتتى بىر كۆزدىن كۈلەتتى بىرى
nISfRXU; كۆزلەر كۆرمەس ۋىجدان پۈچەك ھىس پۈچەك
Avo"jN*<d mc}r15:< ئەگەر ساڭا قارىغان كۆزلىرىم ئانامغا تىكىلگەن بولسىدى،ئانامنىڭ يۈرىكىدىن چىقىپ تومۇرلىرىدىن تاراپ كۆزلىرىدە پىلدىر لاپ قالغان ئاشۇ بىر تامچە ياش بىمەھەل تۇپراققا سىڭمىگەن بولاتتى.ئەگەر كۆزلىرىم كۆزلىرىڭدىن قورىققان بولسىدى،سەرسانە خىياللىرىمدىن تۇغۇلغان ئىزگۈ تىۋىشلار قۇلىقىڭغا پىچىر لىمىغان بولاتتى.بىراق كۆز لىرىم سىنى تاللىدى ئانامنى ئەمەس .خىياللىرىم سىنى ئىزلىدى ئاتامنى ئەمەس.كۈتۈشلەر سىنى تاللىدى پارلاق ئىستىقبالنى ئەمەس.ئۈمۈت بىلەن ئۈمۈتسىزلىك ،تىڭىرقاش بىلەن گاڭگىراش ئىلكىدە يەنىلا ساڭا ئىنتىلەتتىم سىنى كۈتەتتىم.بىراق سەن ئۇ قىرغاقتا ،مەن بۇقىرغاقتا.سەن بولساڭ كىپىنەكتەك سەكلەپ تاقلاپ ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىر لەردىن بەھىر ئېلىپ ،ھاياتتىن چىن مىھرىڭ ،پۈتۈن ھۇجۇدۇڭ بىلەن بەھىر ئېلىپ،ئالغا قاراپ كىتىۋىرىسەن.مەن بولسام بۇقىرغاقتا ساڭا قارايمەن،قەدەملىرىم قەدەملىرىڭگە ماس،كۈلكىلىرىم كۈلكەڭگە .بىراق سەن يەنىلا پەر ۋاسىز .مەن بۇيولنىڭ ئاخرى چىقىپ ئىككىمىز نىڭ بىر نوقتىدا كىسىشىمىز نى ئۈمۈت قىلىمەن.بىراق ئوتتۇرمىزدىكى كەڭ ھاڭ ئۇزۇن بىر ئېقىن خۇددى مىسىردىكى نىلدەك .بەلكىم ئۇنىڭ دىنمۇ ئۇزۇندۇ.بىر چاغلار دا سەن باشقا ياققا قايرىلىسەن ،مەن بولسام ئارقاڭدىن قاراپ قالىمەن ،سەن يەنىلا پەرۋاسىز ،مەن يەنىلا شۇ روھى قۇللۇقتىن ئازات بولالماي تىڭىرقاپ ھەسرەتلىنىپ يۈرىمەن .كۈتۈشلەر ،سېغىنىشلار،تەلپۈنۈشلەر،گاھ كۈلۈپ گاھ ئويغا چۆكۈشلەر ،ئاھ ياشلىق گۈلدەك چاغلار سەن نىمىدىگەن گۈزەل نىمىدىگەن ئازاپلىق ھە!.
GeCyq%dN قار ياغسا چوقۇم قىش كىلىدۇ.بىراق گۈلنىڭ ئېچىلغىنى باھارنىڭ كىلىشىدىن دىرەك بىرىشى ناتايىن،ئەلۋەتتە بىر ئادەم بىر قانچە ئادەمگە قاراپ كۈلسە ھەممىسىنىڭ خۇشال بولغىنىدەك سىنىڭ كۈلىشلىرىڭنىڭ كىم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلگىنى بولمايتى .مۇشۇ مەزگىللەردىكى قويۇق ئالاقە تىلفۇن پاراڭلىشىش، سىردىشىش ،قەلىبنى ئىزىپ مەلھەم قىلىۋەتكىدەك تاتلىق كۈلۈشلىرىڭ،گاھ تاتلىققىنە ئاچچىقلىنىپ ،گاھ سەبىلەرچە خىياللارغا چۆكۈشلىرىڭ ،يۈركۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا چۆكۈپ كەتكەن سۆيگۈ تۇيغۇلىرىنى يەنە بىر قېتىم بخلاتتى .ئىلگىركى مەغلۇبىيەت ،ئۈمۈتسىز لىنىشلەرنى ئۇنتۇدۇم.يۈركۈم جىم تۇر مايتى ،يەنىلا ئۇ <ئۇ>...<ئۇ>ا ...دەپ سوقاتتى ،يۈركۈمنى يەنە بىرقېتىم ئىزھار قىلىشقا ئۈندەيتى.يۈركۈم ماڭا ئەمەس ،مەن يۈركۈمگە بوي سۇندۇم،ياق !يەنىلا شۇ روھى قۇللۇق مىنى باش ئەگدۈردى.شۇنداق بۇ8-مارىت خانىم- قىز لار بايرىمى ئىدى.شۇنداقلا مىنىڭ تۇغۇلغان،،ياق، ئانامنىڭ مىنى تۇغقان قۇتلۇق كۈنى ئىدى.يىقىلغان چېلىش قا تويماپتۇ دىگەندەك ئۇنىڭ 18 يېشىدىكى خانىم قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 18 دانە قىزىل ئەتتىر گۈل ئېلىپ،ئۇنى تەبرىكلىمەك بولدۇم.
CsW*E,|xyP -ۋەي!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !نۇرئەلا ما !
`B7 1 ` -ھە! ئىشىڭىز بارمىتى؟
<aEY=IF4 بۇ سوغۇققىنا جاۋاپتىن يۈرۈكۈم بىر قىسىملا بوپ قالدى ،ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ:
@(Y+W2Iyy+ - مەن مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىدا چىقسىڭىز بوپتىكەن گىپىم بار ئىدى.
a]u1_ $) -نىمىش قىلاي دەيسىز ؟بىرە نەرسە ساتقىلى كەلمىگەنسىز ئابدۇكىرىم ئابلىز دەك چاپانلىرىڭىز نى چاۋ شى قىلىپ؟؟؟؟ھا..ھا...ھا...سەل ساقلاڭ ھازىر لا چىقىمەن!
CkA~'&C ئۇنىڭ بۇ مەسخىرە ئارلاش كۈلكىلىردىن ئەندىكىپ كەتكەن بولساممۇ ،ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋىلىپ ئىشنىڭ داۋامىنى كۆرمەك بولدۇم .ئىچىمنى بىرخىل بىئاراملىق چۇلغۇۋالدى ،بۇ بىئاراملىق خىياللىرىمنى ئاللىقاياقلار غۇدۇر ئېپ قاچاتتى ،<ياق دەمۇ؟>ياق ھەر گىز ئۇنداق دىمەيدۇ ،دەرھال ئۆزۈمگە كىلىۋالاتتىم،بىراق كۆڭلۈم يەنىلا ئالا قانداق بىئارامچىلىقنىڭ تاپىنى ئاستىدا ھالسىرايدۇ ،سىقىلىدۇ ،ئۈمۈت ۋە ئۈمۈت سىز لىك ئارسىدا جان تالىشىدۇ.
;~5w`F) ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى تەرپى ياپيىشىل دەرەخلەر بىلەن تولغان مالىيە ئىقتىساد ئونىۋىرستىتىنىڭ مەكتەپ يولىدا ئۇنىڭ چىرايلىق ئەتلەس كۆينەك كىيگەن،چېچىنى ئىككى ئۆرۈپ ئۇنى قولىدا ئويناپ كىلىۋاتقان زىلۋا بويى كۆرۈندى.ئۇنىڭ قەلەمدەك قاشلىرى ئاستىدىكى يوغان ھەم قاپقارا كۆزلىرى قەدەملىرىگە ماس ھالدا دەم يەرگە قارىسا دەم يول بويىدىكى مەنزىرلەرگە قاراپ ئويماقتەك ئغىز لىرى غىل- پال كۈلۈمسىرەپ قوياتتى ،ھەر بىر كۈلگەندە ھاسىل بولىدىغان چىرايلىق ئىككى دانە زىناق بېشىدىكى دوپپىسى بىلەن قوشۇلۇپ خۇددى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنغان نەپىس خەلىق ئۇسۇلىدەك ئۇنىڭ سالا پىتىگە سالاپەت قوشۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭ بۇخۇشال ئەركىن قىياپىتىگە قاراپ بايىقى ئەندىشلىرىم ئالاقاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتتى يۈرۈكۈمنى كىيىنكى دەقىقىلەرگە بولغان تەشنالىق ۋە شىرىن ئارزۇ ئىستەكلەر چۇلغىماقتا ئىدى.شۇ تاپتا يۈرۈكۈم باشقىچە بىر رىتىمدا خۇشاللىقىنى سىغدۇرالماي قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەكلا سوقاتتى.مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئۇنى كۆرمىگەن قىياپەتكە كىر گۈزىۋىلىش ئۈچۈن مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئارقامنى قىلىپ تۇرىۋالدىم ئۇنىڭ كەينىمدىن كىلىپ مىنىڭ شۇ مۇڭلۇق ئاۋازلىرى بىلەن چاقىرشىنى نەقەدەر ئۈمۈت قىلاتتىم ھە .<ئۈمۈت ئەمەس چوقۇم خۇش خەۋەر بىلەن چاقىردۇ> دەپ رەدىيە بىرەتتى يۈرۈكۈم.يۈرەك سوقۇشۇم بارغانسىرى تىزلىشىۋاتاتتى ،شۇتاپتا ئۇ جاننى دىسىمۇ خۇشاللىق بىلەن بەرگەن بولاتتىم .ئاھ !ياشلىقتىكى يۈرەكلەر نىمىدىگەن ئەقىلسىز نىمىدىگەن ۋاپاسىز ھە!
_& qM^ -يىگىت بىزنى تەبرىكلىگنى كەلگەن ئوخشىمامسىز؟بىز تېخى تۈنۈگۈنلا يۈرۈپ قالغان ياكى بولمىسا گۈل ساتقىلى كەلگەنمۇ؟
V=|X=:fuih مەن كەينىمگە ئۆرۈلدۈم ،ئۆرۈلدۈميۇ جايىمدا قېتىپ قالغان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم،چۈنكى ئۇمىنىڭ ئالدىمدا ئۆزى ئەمەس بەلكى يەنە بىر يىگىتنى قولتىقلىغىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى ،كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ ھېچنىمىنى بىلمەيلا قالدىم ،ئەمدى بۇنى نىمە دەي ؟كىمدىن كۆرەي ؟يىغلايمۇ كۈلەيمۇ؟پايخان بولغان غورۇرۇم،ئەقىدەم ،خارلانغان ياشلىقىمنى ،ئۈزۈلگەن ئۈمۈدىمنى دەيمۇ؟
]Y@ia]x&P -مەن ھەممىنى ئالاي!-دىدى ھېلىقى يىگىت مەسخرە ئارلاش كۈلۈپ.
Q #%C)7) شۇتاپتا مەنچە بولسا ،بۇرۇنقى مەن بولسام ئۇنى شۇ جايىدىلا راسا دۇمبالاپ ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالغان بولاتتىم بىراق ئىت چىشلىسە بېرىپ ئىتنى چىشلىۋالغىنى بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى مۇشۇ كەيپىياتىم بىلەن بىرە ئىش چىقارغۇم كەلمىدى ،ئاقىۋىتىدىن قورۇقتۇم،ئۆزۈمدىن قورۇقتۇم .ئىچىمدىكى ئاچچىق ۋە ئەلەمنى ئىچىمگە يۇتۇپ چىشىمنى –چىشلەپ تۇرۇپ ئاران تەستە بىر ئېغىز گەپنى چىقاردىم
zxt&oT0Q -بەخىتلىك بولۇڭلار!
G~\ SI. مەن قولۇمدىكى گۈلنى تۇرغان جايىمغىلا تاشلىغىنىمچە ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم.شۇماڭغىنىمچە خېلى مېڭىپتىمەن،يۈرۈكۈم قان قۇسۇپ يىغلايتى،ئەلەم تەپتىدىن ئۆرتىنەتتى،ئۆزۈمنى تىللايتىم ،قاخشايتىم،قىز بالا دىگەن شەيتانغا ئىككىنجى ئىشەنمەسلىككە قەسەم ئىچەتتىم.غازاڭ تۆكۈلگەن كۈز پەسلىدىكى ئوزۇق تاپالماي يۈرگەن ياۋا كەپتەرلەردەك گاھ ئۇيان گاھ بۇيان تەلمۈرۈپ باقاتتىم ،بىراق ماڭا تەسەللى بەرگىدەك مىنى چۈشەنگىدەك بىرە ئادەم ئۇچراتمىدىم ،شۇتاپتا ئۆزۈمنى پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەندەك ھىس قىلاتتىم.
M~1 n# -يىگىت گۈل ئالامسىز،ئاخىرقى بىر تالقالدى؟
xe3t_y ئالدىمدا قىرىق ياشلار چامىسىدىكى تاتىراڭغۇ بىر ئايال ماڭا بىر تال گۈلنى تەڭلىگىنىچە تۇراتتى.
"?~u*5 -گۈل؟
zkt+"P{az[ مەن گۈل ئالغان ئىدىمغۇ؟يۈرۈكۈمدىن چىقىرىپ ئالغان پۈتۈن ھۇجۇدۇم بىلەن ئالغان.بىراق نىمە كەلدى؟ئازاپ،ۋاپاسىزلىق .ياق!ۋاپاسىزلىق ئەمەس ،ئەلۋەتتە ھەممە كىشىنىڭ ئۆز سۆيگىنىنى ئۆز ئار زۇسىنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ،بىراق ئادەم شەخسىەتچى بولىدىكەن يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۇنى ۋاپاسىز دىگۈم كىلەتتى،كەچكۈزدەشامال غازاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك بۇ شىرىن ،تاتلىق ،ئازاپلىق،يۈرەكنى ئىزىدىغان ئەسلىمىلەرنى يۈرۈكۈمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى ئويلايتىم،توغرا!ئۇنى ئۇنتىشىم،خاتىرەمدىن ئۆچىرىپ تاشلىشىم كىرەك ئىدى.
L8FLHT+R- ئەقلىم بىلمەس ئىدىم شۇمىنۇت
\5wC&|WEB سەن ئىدىڭكى ماڭا بەخت-قۇت
\y%:[g}Fvw سەنسىزھايات باڭا دوزاخ-جۇت
H...!c1M@ ئۇنۇتاي سىنى گۈزەل چاغلاردىن
xCd9b:jG #]yb;L ساڭا قارىسام چىن كۈلۈپ بېقىپ
q >9F21 W سەن كۈلمەستىڭ كۆزلىرىڭ قېچىپ
J!QzF)$4J كۆز سۆزلەرمىش ھەممىنى ئېچىپ
mySm:ToT ئۇنۇتاي سىنى خۇما كۆزلەردىن
4:=eO!6 f.gkGwNk ھايات ئۆتمەس ئايسىز پەسىلسىز
Kl[WscR كۈنۈم ئۆتمەس سەنسىز سۆزۈڭسىز
>9f-zv(n ھايات كۈلمەس جانىم ئۆزۈڭسىز
?o h3t ئۇنۇتاي سىنى شىرىن سۆزلەردىن
~BVg#_P zxCxGT\; كىشىلەر دەرمىش سۆيگۈ ئۆلمەسمىش
?-O(EY1E مەن سۆيگەن يار مىنى سۆيمەسمىش
kImGSIJ سۆيگۈ يولىدا ئىزلار ئۆچمەسمىش
-t%.I=| ئۇنۇتاي سىنى ھايات ئىزىمدىن
kX{c+qHM -يىگىت ئانىڭىزغا بىرتال سوۋغا قىلىشنى ئويلىمامسىز؟
hNFMuv -ئانام؟
mxjY-Kq راسىت ئانام،بۇگۈن ئانامنىڭمۇ بايرىمى شۇنداقلا مىنى تۇغقان قۇتلۇق كۈنى،ئەڭ ئالى بايرىمى ئىدى.مەن نىمىشقا بۇنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن.مەن تىڭىر قاش ئىچىدە يانچۇغۇمغا قارىدىم،ئىككى يۈەنلا بار ئىكەن.
2:i`, -پۇلۇم يەتمەيدىكەن-دىدىم مەن مەيۈسقىنە.
K^H=E -يېنىڭىزدا بارىنى بىرىڭ ئانىڭىز نىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىگىنىم بولۇپ قالسۇن.
|U$oS2U\m ئۇئايال كۈلۈمسىرگىنىچە گۈلنى ماڭا سۇندى،مەن رەھمەت بىلەن ئىككى يۈەننى ئايالغا سۇندۇم ،ئايال سۇسقىنە كۈلۈمسىرگىنىچە كىتىپ قالدى .گۈل راستىنلا چىرايلىق ئىدى،مەن بىر مىھىر،بىر سېغىنىش ،بىر تەشۋىش ،بىر ئۈمۈت ئىچىدە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
t,R5FoV مانا چەلەڭگۈش خىياللار ئىچىدە ئۆيگە كەپ قاپتىمەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىمگىلا ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئىتىۋاتقان ئانام نىڭ ئاۋزى ئاڭلاندى .
g;=jZ -ئەخمەتمۇ سەن بالام ؟
5nqj -ھە-دىدىم مەن بوشقىنە.
IcPIOCmOc -كىرىپ ئولتۇرغىن تاماق ھازىرلا تەييار بولىدۇ!
Qo)>i0 مەن روھىم چۈشكەن ھالدا ئۇزۇندىن بىرى يول ماڭسام قىسقا كەلگەندەك تۇيۇلىدىغان پۇتلۇرۇم ئۇزۇراپ كەتكەندەك قەدەملىرىمنى ئاستا-ئاستا يۆتكەپ ئاشخانا ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئانام شۇ تاپتا تەرلەپ پىشىپ لەغمەن سوزغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ لەغمەن پىلتىسىنى ئەپچىللىك بىلەن تارتىپ قولىغا ئېلىپ ئەپچىللىك بىلەن تاختىغا ئۇرىشىنىڭ ئۆزىمۇبىر سەنئەت ئىدى، پىشانىسىدىن چىپ-چىپ ئېقىپ تۇرغان تەر تامچىللىرى بولسا ئانامنىڭ بۇ ئۆيگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە مىھرى ئىدى ،شۇنچە يىلدىن بىرى بىرئۆينىڭ تۈگىمەس ئىشلىرىنى ۋايسىماي قىلدى ،مىنى بېقىپ قاتارغا قوشتى ،بۇ راستىنلا ئاسان ئەمەس ئىدى .بىراق ئانامنىڭ كۆزلىرىدە قىلچىمۇ زىرىكىش ،ۋايساش ،چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرى يوق ئىدى .ھەر قاچان شۇنچە ئۈمۈتۋار ،شۇنچە قەيسەر،شۇنچە مىھرىبان.،
-YHlVz -ئانا بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن !مىنى تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!- دىدىم چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
q(!191@C( گەرچە مەن بۇگەپنى ئېغىزىمدىلا دىگەن بولساممۇ ،ئانام چىن يۈركىدىن كۈلدى كۈلدىلا ئەمەس كۆزلىرگە ياش ئالدى،ۋاي ئەقىللىق بالام ،غوجام بالام ،تاتلىق بالام دەپ يۈز كۆزلۈرۈمگە سۆيدى.توۋا دەيمەن ئانام ماڭا نىمىلەرنى بەرمىدى،پۇتۈن سۆيگۈسىنى ،ھاياتنى ،بىراق مەنچۇ؟نىمىلەرنى بەردىم ،نىمىلەرنى قىلدىم ،ۋاپاسىز لىق ،ۋىجدانسىزلىق ،كۆيۈمسىزلىك ،بىراق ئۇ يەنىلا مىنى دەيدۇ،ماڭا كۆيۈدۇ .ئاناممۇ دۇنياغا ئىنسان بولۇپ تۆرەلگەن ئۇنىڭمۇ خۇشال ياشاش،پەرزەنىت مىھرىدىن بەھىر ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى.بىراق مەن ھېچنىمە بىرەلمىگەن ئىدىم .بىراق بۇئىككى يۈەن ئۇنىڭغا ئالەمچە خۇشاللىق بەردى،پەقەت ئىككى يۈەن ئىدى،بىراق ئۇ مەن باشقىلارغا پۈتۈن ھۇجۇدۇمنى بەخىش ئىتىپ بىرەلمىگەن خۇشاللىقنى ئانامغا بىرەلىدى،پەقەت ئىككى يۈەن ئىدى،ئۇ مەن بىرەلمىگەن ۋاپادارلىق تۇيغۇسىنى ئاتا قىلالىدى،پەقەت ئىككى يۈەن ئىدى،مەن پۈتۈن مىھرىمنى بىرىپ ئۇنى تەسىر لەندۈرەلمىگەن بولساممۇ ئۇئانامنى تەسىرلەندۈرەلىدى.بۇئىككى يۈەننىمۇ ئانام بەرگەن ئىدىغۇ،ئەجىبا مەندە ئانامغا بەرگىدەك ئىككى يۈەنچىلىك كۆڭۈلمۇ قالمىغان بولغىمىتى؟شۇگۈزەل چىرايلارغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنىمۇ ئۇنتىغان بىر ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بۇلارنىڭ بولماسلىقىمۇ تەبئى دۇ بەلكىم.چۈنكى مىنىڭ قەلبىمدىكى مۇھەببەت ئاللىقاچان شەكلى ئۆزگەر گەن قۇللۇققا ئايلانغان ئىدى ،باشقىلارنىڭ قۇلىغا ئايلانغان يۈرەكتە يەنە باشقا ئىسىمنىڭ بولماسلىقىمۇ تەبئى ئەلۋەتتە.
ZxbWgM5rm گۈل كۈتكەندىم بەرگىسى كەتتى
im%'S6_X4 سۆز كۈتكەندىم مەززىسى كەتتى
tQz-tQg چۈش كۈتكەندىم ئۇيقىمۇ كەتتى
k=w%oqpN سۆيگۈ ئۆلدى سەزگۈمۇ كەتتى
QF'N8Kla &`pd&U{S* ياق مەندە ھېچنمە كەتمىدى،دەيتى يۈركۈمنىڭ يەنە بىر يەرلىرى.ئاتا-ئانام بار،دۇنيادا ئۇنىڭ دىنمۇ ئارتۇق سۆيگۈ بارمۇ؟مەن يەنە قاچانغىچە سۆيمىگەن كۆڭۈللەرگە ئەسىر بولۇپ يۈرىمەن ؟نىمىشقا چىرىگەن روھىمنى ئىنسان مىھرىنىڭ ئەڭ گۈزەل روھلىرى بىلەن يۇيۇپ چىقمايمەن؟نىمىشقائاتا-ئانامغا شۇئىككى يۈەنچىلىك كۆڭۈلىمۇ ئاتا قىلالمايمەن؟شۇ ئويناپ كۈلۈپ يۈرگەن ،روھى قۇل بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئۇلارغا نىمە لازىم ،نىمە كىرەكلىكىنى ئويلاپ قويمايمەن؟
y!mjZR,& تۈز يول تۇرسا كەڭتاشا تاللىدۇق چىغىر
C:l/% چىغىر يولدا ماڭالماي دەسسىدۇق قىڭغىر
4mQ:i7~ (Pbdwzao كۈلدى بىر قىز ئۆرىمىگەن قالمىدى يانچۇق
GO+cCNMa" ئاناڭ قولىدا زاغرا نان پاناھى چىدىر
JN$v=Ox{ y5RcJM سۆيگۈ ئەمگەن شۇ ئېغىز ئىمەتتى سۈيدۈك
#K"jtAm ئىشتىنىمىز شىيۇشىيەنكۇ شەپكىمىز قىڭغىر
;Bat!K7W 1*Yf[;L مەن ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم ئانامەن ئەدەپكە چىقىپ كىرەي دەپ ھويلىغا چىقتىم ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجت،مەن ئۆزۈمنىڭ نىمىنى قايسى ئىشنى خاتاقىلغانلىقىمنى ھىس قىلغاندەك قىلاتتىم.بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ياشلىرى بىلەن مىللەتتۇر،ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ياشلىرى ئۆز يولىنى تاپالمىسا بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى خرەلىشىدۇ،مەدەنىيەت پۈچەكلىشىدۇ،ئەلۋەتتە پۈچەكلەشكەن مەدەنىيەتتە مۇھەببەت بولمايدۇ،مىللەت ياشلىرى شۇمىللەتنىڭ ئۈمۈدى،كەلگۈسى،شۇمىللەت تۇپرىقىدا گۈل ئۈندۇرۈپ باغۇ –بوستانغا ئايلاندۇرغۇچىسى،بىراق شۇنىسى ئىنىقكى پۈچەك مىللەتتە مەدەنىيەت بولمايدۇ ،پۈچەك ئۇرۇقتىن گۈل ئەمەس قاغا جىگدىمۇ ئۈنمەيدۇ.ئەلۋەتتە مىنىڭ بۇلارنى دىيىشكە ھەققىم يوق ،بىراق توۋا قىلغانلارنى ئاللاھمۇ كەچۈردىغۇ،مەن يەنە ئويلىنىشىم تۈزۈلىشىم كىرەك ئىدى .ئەجىبا شۇئىككى يۈەنچىلىك مىھر نىمۇ ئاتا قىلالماسمەنمۇ؟كۆڭۈل،ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكىمۇ جاھانغا تەڭ كىلىدۇ.ئەجىبا كۆڭلۈمنى پۈتۈن ھۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا بىرەلمەسمەنمۇ؟
FL,jlE_ |Z0? (vB aem9 پاك سۆيگۈدىن ئىڭرىغان شۇكۈن
C5CUMYU ئانا بەرگەن مىھرىنى كۈن-تۈن
TUw^KSa سۆيگۈ ئىچرە يايرىغان تەنلەر
X|TEeE c[L چىغىر يولدىن پالاقلاپ يۈتتى
L'BDS* پاك ۋىجدانلار يۈندىدە يىغلار
2?u>A3^R چولپان يۇلتۇز يېنىپلا ئۆچتى
@zL)R b%P$ 4v_?i@,L -تۇرۇپ كىتىپ سەنغۇ ئوغلۇم ،تاماق پىشتىمۇ؟
x#-uf دادام چۈشلۈك تاماققا كەلگەن ئىكەن ،مەن دەرھاللا ئۆزۈمنى ئوڭشاپ:
H%t/-'U? -ھەئە!يۈرە ،بىللە كىرىپ كىتەيلى !چاپىنىڭنى ماڭا بەر گىن ئېسىپ قوياي!
*%l&'+ مەن دادمنىڭ چاپىنىنى ئالدىم دە ئالددا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ،ئۇمۇ كۈلۈمسىرگىنىچە ماڭا ئاتىلىق مىھرى بىلەن تويماي قاراپ يىنىك قەدەملەر بىلەن ماڭا ئەگەشتى.
xphw0Es >!s=f [HI&>dm=$ /e1m1 B مەنبە-ئۆزۈم( باغراش مۇنبىرىدىكى ئەسىرىمنى ئەكەلدىم)
;Xrx>( n *Dtwr lTJ1]7) iwWy]V m7