باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1019 
  •    ئىنكاس 
       4 

ھەقىقى ئايال.

قەۋەت ئاتلاش
yamgur.
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13046

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   699 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   70 (قېتم)
 تۆھپە:   70  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 363
 سائەت
دەرىجىسى:
363 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-15
ئاخــىرقىسى:2012-12-30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،ھەممىڭلارغا تۇنجى سالام !سىلەر بىلەن كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە بۇ تېمامنى ئالغاچ كەلدىم. AE`UnlUSF  
U3v~R4  
ئەزىز مۇنبەرداشلار  بۇ تېمىنى مەن ئۆزۇم ساقلاۋاتقان كىتاپلىرىم ئارسىدىكى بىر كىتابتىن كۆچۈرۈپ يازدىم، پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرى ئەسەركەن، بولسا ھەر بىر ئۈيدە بىردىن بولسىكەن دەيمەن بۇ ئەسەرنى . )8n?.keq  
بۇ ئەسەر بەك كۆپ بولغاچقا تېمىنى   بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ھەر كۈنى ئاز ئازدىن يوللاپ تۇرىمەن  ،    ئىنشائاللاھ B# .xs>{N  
3m2y<l<  
      بىسمىللاھىررەمانىررەھىم dVGcth;  
                                                     B6\/xKmv?8  
         رىزائۇددىن ئىبىن فەخرۇددىن   %u<r_^w5  
W?.xtQEv  
                                                                              مۇقەددىمە */TO $ ^s  
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرمەك ئۈچۈن ئۇشبۇ ئالەمنى يارىتىپ،ھېسابسىز مەۋجۇدات ئارىسىدا ئىنسانلارنى ئەقىل بىلەن باشقىلاردىن پەرىقلەندۈرمىشتۇر .بۇ ئالى مەۋجۇداتنى كۆپەيتىش ۋە ئۆزىگە مەلۇم بولغان ۋاقىتقا قەدەر ياشىشى ئۈچۈن ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر- بىرىگە  سۆيگۈ - مۇھەببەت ئاتا قىلمىشتۇر. ئاللا ئادەم بالىسىغا ئەقىل ،ئىلىم بەرگىنى سەۋەبلىك بۇ ئالەمنىڭ تۈزۈكلىكىگە ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا ھەم ئاخىرەتتە سائادەتلىك بولۇشلىرىغا  سەۋەب بولغۇسى نەرسىلەرنى بۇيرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئەكسىنى (يەنى بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى قىلىشنى)مەنئى قىلغاندۇر.ئادەم بالىسى شۇ قەدەر بەخىتلىكتۇركى ،ئۇ ئەزىمەت ساھىبى ئاللانىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا لايىقتۇر.دۇنيانىڭ تۈزۈكلىكى ۋە ئادەملەرنىڭ خۇشھال بولماقلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا ، يەنى نىكاھ قەسىمى بىلەن بىرلىشىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. zJ ;]z0O  
شەرىئەتكە خاس ھالدا قوشۇلغان ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرسىدا بولغان مۇھەببەت (سۆيۈشمەك)يالغۇز نەپسىنىڭ تەلىپى بولۇپ قالماستىن بەلكى ئاللاھدىن ئېھسان قىلىنغان بۈيۈك بىر ھەدىيەدۇر.چۈنكى،نەپسىنىڭ پادىشاھلىقى قالمىغان قېرىلىق ۋاقىتلىرىدا ياكى كېسەللىك پەيىتلىرىدىمۇ ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھامان مەۋجۈتتۇر .جىنىسداشلارغا ئەزگۈلۈك قىلماق ،كىمدىن كىم بولۇشتىن قەتئىنەزەر گۈزەل تىرىكلىك قىلماقتىن ئارتۇق راھەت نەرسە يوقتۇر.مال سەرىپ قىلىپ تېپىلمىغان خاتېرىلەر،ئەسكەر چىقىرىپ ھاسىل بولمىغان مۇرادلار  گۈزەل خۇلىق بىلەن تېپىلۇر.بۇنداق مۇئامىلىدە بولۇش ھەر ۋاقىت ،ھەر قانداق ئادەمگە لازىم بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا بۇنداق مۇئامىلىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى سۆزلەشكە ھاجەت يوقتۇر.ئاللاھ تائالادىن ھەدىيە قىلىنغان نىكاھ نىئمىتىنى كۆپ ئېتىبار بىلەن ساقلاپ ،ئازغىنا بولسىمۇ بىرەر ئورۇندا خاتاغا يول قويماسلىققا ئىنتىلىپ ياشاش ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە لازىم ئىشتۇر . گۈزەل مۇناسىۋەت ھەر ئىشتا ئادالەت بىلەن بولۇش دىمەكتۇر .ئادالەت بولغاچقا ئاسمان ، يەر ئۆز ئورنىدا تۇرىدۇ. ئادالەت ،يەنى گۈزەل مۇناسىۋەت بولسىلا نىكاھمۇ ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرسىدا كامىل قۇت بىلەن ياشار.ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۈچۈن شەرىئەت ۋە ئەقىل تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەلۇم ۋەزىپىلەر باردۇركى ، ھەربىر ئەر بىلەن ھەربىر ئايالنىڭ بۇ ۋەزىپىلەرنى بېجىرىشلىرى ھەم قەرىز ھەم پەرىزدۇر.چۈنكى گۈزەل مۇناسىۋەت بولمىسا ،ئۇلار بىر بىرىگە رىئايە قىلىشماس ،مۇھەببەتلىرى بۇزۇلۇر.ئادەم بالىسى مۇھەببىتى بولمىغان كىشىنىڭ ھەر ۋاقىت ئەيپىنى  ئىزلەر ۋە ئازغىنا بىر ئىشى بولسا يۈزىگە سالار .بۇ سەۋەبتىن ئارىدا زاھىر بولغان داۋايۇ غەۋغانىڭ ئاخىرى چىقماس ۋە بۇ رەۋىشتە بولغان تىرىكلىكتە لەززەت بولماس.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىللىق ،تەربىيلىك ئەرلەر ۋەئاياللار گۈزەل مۇناسىۋەتنى ئۇلۇغ بىر نىئمەت دەپ بىلۇر ، بۇنى بۇزغۇسى نەرسىلەردىن ھەر ۋاقىت يىراق تۇرار ۋە بۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا بولغان گۈزەل مۇناسىۋەت كۈندىن كۈنگە مەھكەم لەززەتلىك بولۇر . IBNb!mPu%  
بىز بۇ يەردە تەربىيلىك ئاياللارنى تەرىپلەپ يازماقچىمىز .يازغانلىرىمىزدىن ئاياللارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇر.ئەگەردە ئاياللار ئۇشبۇ ئۆزىگە تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلغاندا كەمچىلىك سادىر قىلمىسا ،شۈبىھىسىز ئەرلىرىنىڭ مۇھەببەت ۋە ھۆرمىتىگە مۇۋەپپەق بولۇر ،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىمۇ گۈزەل مۇكاپاتقا سازاۋەر بولۇر.تەربىيلىك ئاياللار تەربىيسىز ئاياللارغا نىسبەتەن راھەتتە ياشاپ ،ئاخىرەتتىمۇ ئۇلۇغ ۋە مەڭگۈلۈك مەرتىۋىگە ئېرىشۇر.تەنلىرى تۇپراققا كۆمۈلگەن تەغدىردىمۇ ئىسىملىرى ھەرقاچان ھۆرمەت بىلەن مەجلىسلەردە سۆزلىنۇر ۋە خەيرىلىك دۇئا بىلەن زىكرى قىلىنۇر. ھەتتا كىتابلارغا يېزىلىپ كەلگۈسىدىكىلەرگە ئۆرنەك ۋە مىسال قىلىپ كۆرسىتىلۇر .ئەمما تەربىيسىز ئاياللار تەربىيسىزلىكى سەۋەبىدىن دۇنيادا تۈرلۈك جاپالار تارتىپ ۋە يامان نام قالدۇرۇپ كېتۇر . ئۇلار ھايات ۋاقتىدىمۇ راھەت كۆرەلمەس ، ئۆلگەندىن كىيىنمۇ راھەت ئالالماس . I/v#!`L  
گۈزەل مۇناسىۋەت توغرىسىدا ئاياللارنىڭ ۋەزىپىلىرى كۆپ بولسىمۇ بىز ئەڭ لازىملىرى خۇسۇسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. 6Q+VW_~  
?o/p}6  
F0r5$Pl*  
                                                                                        ئېتىقاد pH@yE Vf  
m5KLi&R  
تەربىيلىك ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادلىرىنى بۇزۇق تۇتماقتىن كامىل ئېتىبار بىلەن ساقلىنۇر. ئۇلار شەرىئەت بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ئېنىق ئاڭلاپ ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ ، شەرىئەت مەنئى قىلغان نەرسىلەرگە ھەرگىز ئېتىقاد قىلماس. سېھىرگەر،پالچى،كىشلەر ئارسىىنى مەنىۋى سەۋەبلەر بىلەن بۇزىدىغان ياكى تۈزىتىدىغان جىن، پەرىلەرنى خىزمىتىگە سېلىشنى داۋاقىلغۇچى كىشلەرگە ئەسلا ئىشەنمەس. بۇنداق كىشلەر پەقەت ئالدامچى،كۆز بويامچى بولغانلىقى ئۈچۈن تەربىيلىك ئاياللارغا يورۇق يۈز كۆرسەتمەس، ئەرلىرىنىمۇ قوبۇل قىلماس. سېھرىگەرگە،پالچىغا بىر ئايال ئىشەنسە،ئۇنىڭ كەينىدىن ئېرىمۇ ئاستا-ئاستا ئىشىنىشكە باشلايدۇ.بۇنداق ئاياللارنىڭ يامان ئېتىقادى باللىرىغىمۇ مىراس بولۇپ قالىدۇ.ئاخىرىدا يۇرت ئىچىدىمۇ  ئىمان ، ئېتىقاد قالمايدۇ، كىشلەر ھەممە نەرسىدىن شەك شۈبىھىگە چۈشۈپ،پۈتۈنلەي قورقۇنچلۇق خىيال ئىچىدە قالىدۇ.بۇنداق يۇرتنىڭ ھالى ئاققۇرۇت چۈشكەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايدۇ. [!ZYtp?Hf  
YsO`1D  
qrt2uE{K  
oi~,}E_  
                                                                                  ئىتائەت pcm1IwR`  
!W=2ZlzS  
   تەربىيلىك ئاياللار شەرىئەت ۋە ئەقىلگە خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدائۆزلىرىنىڭ ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلۇر. چۈنكى ئايالنىڭ زىممىسىدە ئەرلەرنىڭ كۆپ ۋە ئۇلۇغ ھەقلىرى باردۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاخىرەتتە شادلىق كۈتكەن ئايال ئۈچۈن ئېرى بىلەن گۈزەل مەئىشەت قىلماق ۋە سۆزلىرىنى جان-دىل بىلەن ئاڭلاپ ئىتائەتلىك بولماق لازىمدۇر . بۇنىڭ ئەكسىنى قىلغان ئايال دۇنيادا پۇشايمان قىلۇر،ئاخىرەتتە قورقۇنچلۇق جازا كۆرەر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ«ئېرىنى رازى قىلغان ھالدا ۋاپات بولغان ئايال جەننەتكە كىرور» .«بەش ۋاق نامىزىنى ئوقىغان ، پەرىز روزىسىنى تۇتقان ، ئۆزىنى نامەھرەملەردىن ساقلىغان ، ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئاللا تائالانىڭ جەننىتىگە كىرەر»،«ئەگەر بەندىلەرگە سەجدە قىلماق شەرىئىتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا ، ئاياللارنى ئەرلىرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرار ئىدىم»دىگەن سۆزلىرىدىن ئەرلەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاياللار ئۈچۈن ئۇلۇغ بۇرچ ئىكەنلىكى ھەمدە ئىتائەتلىك ئاياللارنىڭ كەلگۈسىدە كۆپ راھەتتە ئۆتىدىغانلىقى مەلۇم بولۇر. VrFI5_M/  
ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، شەرىئەتكە خىلاپ بولمىغان ئورۇنلاردا ھەرۋاقىت ئەرلىرىگە ھۆرمەت ۋە ئىتائەتتە بولۇپ  ئۆمۈر ئۆتكۈزمەك لازىمدۇر.ئاياللارنىڭ شۆھرەتلىرى ۋە شەرەپلىرى ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلماق،سائادەتلىرى ئۆي ئەھلىنى گۈزەل بىلمەكتىن ئىبارەتتۇر. ^$lsmF]^  
تەربىيلىك ئاياللار خۇلىقسىزلىق قىلىپ ، ئەرلىرىنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى بالدۇر ئاقارتىشتىن،ئەركىلەپ قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن ۋە مۇرادىغا خىلاپلىق قىلىشتىن بارلىق تاقەتلىرى بىلەن ساقلىنۇر.ئەر نەقەدەر ئەخلاقسىز ۋە مىجەزى ئوسال بولسىمۇ ئايالى تەربىيلىك بولسا، ئۆز ۋەزىپىسىگە رىئايە قىلىپ، ئېرىنىڭ قىلىقلىرىنى ئوڭشار،تىرىشچانلىقى ۋە ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېرى بىلەن گۈزەل كۈن ئۆتكۈزمەككە  مۇۋەپپەق بولار. گۈزەل تۇرمۇش دەپ شۇنى ئەيتۇر. ئادەملەرنىڭ كۈچى يەتمىگەن بىر خىزمەتنى گۈزەل خۇلىق كامىل قىلۇر . ماللار بىلەن تۈزىتىلمىگەن مىجەز گۈزەل خۇلىق بىلەن تۈزىتىلۇر. 2L1Azx  
تەربىيلىك ئاياللار گەرچە ئەرلىرى مەملىكەتكە ھۆكۈمىران بولغان پادىشاھلار ۋە ئىلىملىرى دەريا بولغان ئۇستازلار بولسىمۇ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىشلىرى ، ئىخلاس بىلەن تائەت-ھۆرمەت كۆرسىتىشلىرى سەۋەبلىك ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى تېپىشنى بىلەر. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئەرلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىشنى بىلۇر. MpJx>0j/J  
9x9E+DG#(  
%,)Xi  
                                                                                          ئەرنىڭ يېقىنلىرىغا رىئايە قىلىش %E2C4UbY  
        تەربىيلىك ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ،باللىرىغا ، قېرىنداشلىرىغا ۋە قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر دوستلىرىغا رىئايە قىلىشتا نوقسان سادىر قىلماس.كىشىنىڭ كۆڭلىنى تاپماق دوستنى دوست،دۈشمەننى دۈشمەن بىلىشتىن باشلىنۇر . بۇنىڭ ئەكسىچە دوستنى دۈشمەن ، دۈشمەننى دوست قىلىشتا كۆڭۈل تاپماق ئورۇنسىز ئىش ھېساپلىنۇر.ھەتتاكى دوستىنىڭ ئىتىنىمۇ باشقا ئىتلاردىن ئارتۇق كۆرمەك لازىم، دىگەن گەپ بار. ئاددى ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا بولغان دوستلۇقنىڭ شەرتلىرى بۇ دەرىجىدە بولغانىكەن ، ھەر ۋاقىت ئېرىنىڭ كۆڭلىنى تاپماق بۇرچ ھېسابلانغان بىر ئايال ئۈچۈن ئېرىنىڭ يېقىنلىرىغا نەقەدەر رىئايە قىلىش ، ھۆرمەت كۆرسىتىش لازىملىقىنى  ھەممە ئادەم بىلەر.ھەقتىن قورقۇش ئۈمۈدى بولغان بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ، خۇسۇسەن ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىلىنىدىغان ھۆرمەتلەرنى ئايالىنىڭ يۈ -خاتىرسى ئۈچۈن ھېچ ۋاقىت پىدا قىلماس.پەرەز قىلايلى ، بىر ئەر ئۆزىنىڭ تەربىيسىزلىكىدىن ۋە ئادىمىگەرچىلىگنىڭ يوقلىقىدىن   يېقىنلىرىنى ھۆرمەت قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرمىسە،ئەمما ئايالى تەربىيلىك بولسا ،ئۆزى ئىززەت ھۆرمەتكە رىئايە قىلىشتىن تاشقىرى ئېرىنىمۇ شۇنداق يولغا باشلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلۇر.ھويلىلارنىڭ بىر-بىرىگە تۇتاشلىقى ۋە ئۆيلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىقى سەۋەبلىك شەرىئىتىمىزدە قوشنىلارنىڭ ھەققى ئۇلۇغ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، بىر جان ، بىر قان بولغان يېقىنلارنىڭ ھۆرمىتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ بولىدىغانلىقىنى ھەركىم ئويلىسۇن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىنىڭ يىتىم بالىللىرىنى ئۆز بالىسى قاتارىدا ياخشى تەربىيە قىلىش ۋە ئۆستۈرۈش ئاياللار ئۈچۈن لازىم بىر ئىشتۇر. NW Pd~l+  
  كىشى نەقەدەر قاتتىق كۆڭۇل ۋە ئاچچىق سۆزلۈك بولسىمۇ ئۆز بالىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خورلىنىشىغا رازى بولماس. بەزى بىر ئۆگەي ئانىلار تەرىپىدىن بالىلىرىغا زۇلۇم قىلىنغاندا ئاتىلارنىڭ ئېغىز ئاچماي تۇرۇشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا رازىلىقلىرى ياكى بالىسىنى سۆيمىگەنلىكلىرىگە ، ئايالىنى بالىسىدىن ئارتۇق كۆرگەنلىكىگە نىشان بولماس.بۇنىڭ ئىككىنجى بىر ھېكمىتى باردۇر. پەرەز قىلايلى ، بىر ئاتا ئۆزىنىڭ يىتىم بالىسىغا قارىغاندا ئايالىنى ئارتۇق سۆيسە،ئايالىنىڭ ئاچچىق سۆزلىرى،غەزەپلىك بېقىشلىرى ۋە ئاياۋسىز مۇشتلىرى ئاستىدا بالىسىنىڭ ئېزىلىشىغا قايغۇرمىسا ، شۇ يېتىم بالىنىڭ ئاھلىرىغا قۇلاق سالغۇچى چىقماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلىرىغا  دېققەت قىلغۇچى تېپىلماسمۇ؟ئەلۋەتتە چىقىدۇ ۋە تېپىلىدۇ.بىر كۈنى كېلىپ بۇنداق ئايال ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بىرمۇ-بىر جاۋاپ بېرىدۇ،ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ئانىلىق بۇرچ بەلكى ئىككى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ ئېلىنۇر.ھالبۇكى ئۆگەي بالىلىرىنى چىرايلىق تەربىيلىگەن ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ مۇھەببەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەر. /p@0Q [E  
ئۆگەي بالىلارغا شەپقەتسىز بولغان ئاياللار ئايال ئەمەس يىرتقۇچتۇر .ئۆز بالىلىرىنىڭ ئىككىنجى بىر باغرى قاتتىق ئايال تەرىپىدىن خورلىنىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قارىغان ھەر بىر ئايال بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا ئىشىنۇر.يېتىملارغا زۇلۇم سېلىش ۋە شەپقەتسىز مۇئامىلىدە بولۇش قاتتىق بىر گۇناھ بولۇپ ،بۇ يالغۇز ئۆگەي ئانىلارغىلا ئەمەس ،بەلكى ئۆگەي ئاتىلار ۋە بارلىق يېقىنلارغا،بالىلارغا قارىغۇچىلارغىمۇ تېگىشلىكتۇر. ئەرنىڭ مۇھەببىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئېرىشىش ئۈچۈن بالىسىغا ماسلىشىش ، ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋە باشقا يېقىن قېرىنداشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشتەك كۈچلۈك سەۋەب بولماس . شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيلىك ۋە ئەقىللىق ئاياللار  بۇنى ياخشى بىلىپ ، ئۆز يولى بىلەن ئىش تۇتار،بۇ ئىلىملىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا راھەت ، ئاخىرەتتە ياخشى قىسمەتلەرنى كۆرەر. بۇدۇنيادا قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھاۋادىكى بۇلۇت مىسالى تارقىلىپ كەتمەستىن بەلكى ھايات داۋامىدا ئىگىسىگە قايتار. ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت قىلغان كىشىگە  بالىسىمۇ خىزمەت كۆرسىتۇر. قېيىنئانىسى بىلەن قېيىنئاتىسىغا خىزمەت قىلىشتىن ئاغرىنىپ ، ئېرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىغان كېلىنمۇ كەلگۈسىدە ئۆز كېلىنىدىن ئۇشبۇ ئىشنى كۆرۈر. چۈنكى نىمە تېرىساڭ شۇنى ئورىسەن! :#W>lq@H  
<NMOs"NB  
TUVqQ\oF:  
                                                                                                  سۆھبەت ia /_61%  
~wRozV  
تەربىيلىك ئاياللار ياخشى ۋە كۆركەم خۇلىقلىق  ئاياللار بىلەن سۆھبەت قىلىپ ، يامان خۇلىقلىق ئاياللارنىڭ سۆھبىتىدىن نەپرەتلىنۇر ۋە ئۇندىن يىراق بولۇر . چۈنكى ياخشىلار بىلەن سۆھبەت قىلىپ ئۇلار بىلەن دوست بولماق ياخشىلىققا سەۋەب بولغىنىدەك يامانلار بىلەن سۆھبەت قىلماق ۋە ئۇلارغا يولداش بولماق ، بۇزۇقلۇقلارغا سەۋەب بولۇر .يامان ئايال ئايال ئەمەس، بەلكى شەيتاندۇر. شۇ سەۋەبتىن يامان خۇلىقلىق ئاياللارغا يورۇق يۈز ئاچماق ۋە ئۇلارنى ئۆيگە كىرگۈزمەك دۇرۇس ئىش ئەمەس.شەيتان بىلەن بولغان دوستلۇقتىن پايدا چىقماس . ئۆزۈم ياخشى بولغاندىنكىيىن  ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ماڭا نىمە زىيان ، دېيىلمىسۇن. ئۇنىڭ زىيىنى بارلىقى قۇياش كەبى ئاشكارىدۇر، بۇنىڭغا ھېچبىر ئايال شۈبىھە قىلمىسۇن. MMUw+jM4  
ئادەم بالىسىنىڭ ھالىنى بىلمەك زۆرۈر بولغىنىدا  ئەڭ بۇرۇن« دوستلىرى كىملەر»دەپ سورىشۇرلەر.دوستلىرى ۋە ئارىلاشقان كىشلىرىنىڭ ياخشىلىقى ۋە يامانلىقىغا قاراپ، مەزكۇر كىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلۇر. تۈگمەنگە كىرگەن كىشىگە ئۇنى ، قازان بېشىغا بارغانغا قارىسى يۇقار.يامان ئاياللاردا بولغان ھىيلە -مىكىرگە شەيتان ھەيران قالار.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئاياللار ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە ، ئىش يامىنىغا تارتار. بىچارە ئادەم بالىسى ھەر قانچە ئەقىللىق بولسىمۇ باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەككە ، خۇسۇسەن «سەن تۇغرىسىدا پالانى مۇنداق دىدى»دىگەنلەرگە قۇلاق سالماققا مۇپتىلادۇر . بۇنداق سۆزلەرگە نەقەدەر ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ ئاڭلاشتىن ئۆزىنى تۇتالماس ۋە بۇنىڭ بىلەن قانچىلىك ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى سەزمەس. يامان ئاياللار ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە ، ئىشنى ئەلۋەتتە ئۇشبۇ تەرتىپتە باشلار. دوستلۇقى كامىل دەرىجىدە بولغان ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىنى بۇزماق ، سالامەت كىشلەرگە تۈرلۈك سۆزلەرنى قىلىپ قورقۇتۇپ، ئۇلارنى ئاغرىتىپ قويماق،ھەر خىل ئاماللار بىلەن ساپ كۆڭۈل كىشلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرمەك يامان ئاياللارنىڭ ئورۇنسىز ئىشلىرىدۇر. rhvsd2 zi  
]qc2jut"  
داۋامى بار. aG\B?pn-  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-12-16, 14:50
 
ALIMRAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10725

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   163 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8455 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   846 (قېتم)
 تۆھپە:   846  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3002
 سائەت
دەرىجىسى:
3002 سائەت 238 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-16

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، ياخشى تېمىكەن،ئاياللار بۇ سۆزلەردىن ئۆرنەك ئالسا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئەزىزلىنەتتى،ئەپسوس.......
ئۇنۇتما بۇ دۇنيا باقى ئەمەس،ھەرقانداق بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر
arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   34508 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3533 (قېتم)
 تۆھپە:   3381  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13787
 سائەت
دەرىجىسى:
13787 سائەت 513 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-16

شۇنى ئۇقۇيدىغان ھەم  مەنىسىگە يىتىدىغان قىز-ئاياللار تۈگەپ كەتتىمىكىن  ھازىر...
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
qiqankiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13019

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   550 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   55 (قېتم)
 تۆھپە:   55  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 569
 سائەت
دەرىجىسى:
569 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-13
ئاخــىرقىسى:2013-03-12
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-20
2قەۋەتتىكى(arman) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

بەك ياخىشى ئەسەر كەن .ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن !
qiqak0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12274

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   800 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   80 (قېتم)
 تۆھپە:   80  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 743
 سائەت
دەرىجىسى:
743 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-10-24
ئاخــىرقىسى:2012-12-22
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-22

bak yahxi timikan,,,,atirapimizdiki barlik ayalla  okuhan bolsa ha... }m '= _u  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى