باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       585 
  •    ئىنكاس 
       2 

تاققا- تۇققا پاراڭلار

قەۋەت ئاتلاش
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   287 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19674 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1954 (قېتم)
 تۆھپە:   1953  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3540
 سائەت
دەرىجىسى:
3540 سائەت 230 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-08-08

بىرنەچچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم بىرىش» چوڭ دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا شىنجاڭغا «كۆڭۈل بۆلۈش»،شىنجاڭنى«يۆلەش»،شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش «قوشۇن»ى ئەۋەتىش قىزغىنلىقى «يۇقۇرى پەللىسى» كۆتۈرۈلدى.«شىنجاڭغا ياردەم بىرىش» «قوشۇن»ى شىددەتلىك سۈرئەتتە شىنجاڭنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىغىچە چالا قويماي يېتىپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ،ئۇزۇن مۇددەتلىك،شۇنداقلا «تاكتىكىلىق ۋە ئىستىراتىگىيىلىك» ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كىرىشىپ كەتتى .  بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ يەنە بىر «شۆبە»ۋەزىپىسى بولۇپ،ئۇ بولسىمۇ « بىر ئۆمۈر تەكلىماكان بويلىرىدا ياشاپ ، قۇم بارخانلىرىدىن باشقىنى كۆرۈپ باقمىغان، شىنجاڭنىڭ ‹يېشىللىقىدىن كۆكىرىپ تۇرىدىغان›كۆكتاتلىرىنى يەپ، تاغدىن ئۆزىچە ئېقىپ كىلىپ قالغان ‹ياۋا› سۈيىنى ئىچىپ،يايلاقلاردا سەكرىشىپ يۇرىدىغان،ئەزەلدىن قوتاندا ‹ئىنتىزام تەربىيىسى › قوبۇل قىلمىغان ،‹ئالاھىدە بوداشنى قوبۇل قىلمىغان› ئادەتتىكى بىر قوي-كالىلارنىڭ گۆشىنى يەپ چوڭ بولغان،دورا-ئوكۇل ئىشلەتمەي ،قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرىگە تايانمايمۇ ئۆرە تۇرىدىغان ، كۆز ئەينەك تاقىمىسىمۇ ‹كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرەلەيدىغان›، بەك ياۋاش-ساددىلىقىدىن ، مۇلايىم -مىھماندوستلىقىدىن ، خەقنىڭ ئىككى ئېغىز چىرايلىق گېپىگە تەسىرلىنىپ ،قوڭىدىكى ئىشتىنىنى سىلىپ بىرىشكە تاس قالىدىغان ،ئىش كۆرمىگەن ،ياردەمگە «بەكمۇ-بەك مۇھتاج» بۇ خەلقنى ئىچكىرىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئىچىش،‹كۆرمىگەننى كۆرسىتىش ،قىلمىغاننى قىلدۇرۇش ،يىمىگەننى يىگۈزۈش،ئىچمىگەننى ئىچكۈزۈش،كىيمىگەننى كىيگۈزۈش،دىمىگەننى دىگۈزۈش›» ئىدى. 3iIURSG@  
بىرنەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش،تىرىشىش،تەربىيەلەش،قايتا -قايتا ئۆگىتىش،تەكرار كۆرسىتىش،«ئېزىپ ئىچۈرۈش» نەتىجىسىدە ،شىنجاڭلىق «بىرقىسىم» مىللىي كادىرلارنىڭ «ساپاسى ئۆسۈپ» ، «ئۇستاز»لىرىنىڭ كۆزلىگىنىدىنمۇ ياخشى سەۋىيىگە يىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «كىيىن تەرەققى قىلىپ ئېشىپ كېتىش» ئالدىنقى سىپىدە ،يېڭىنى دولىغىچە،پۇچقىقىنى بېلىغىچە تۈرۈپ،ھارماي تالماي ئىشلەش بىلەن بىرلىكتە،ئۆزىنىڭ ئاخبارات-تەشۋىقات خىزمىتى جەھەتتە يىتىشتۈرگەن قابىلىيىتىنى ئىشقا سىلىپ، بۇيىڭى جانلىنىش-يىڭى كەيپىياتنى تەشۋىق قىلماقتا.ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى شۇقەدەر جانلىق،گەپ سۆزلىرى شۇقەدەر قايىل قىلارلىق،پاكتلىرى شۇقەدەر ئىنىق ئىدىكى،ئەگەر ئۇلار شۇ سەۋىيىسى بىلەن ئىلان ئىشلەپ ،بىرەر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان بولسا، بۇشىركەت بازارنى مال بىلەن تەمىنلەپ ئۈلگۈرتەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى مەن ھەرقانچە ماختىساممۇ ،مىنىڭ ئىپادىلەش كۈچۈم چەكلىك بولغاچقا ، تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشكە كۆزۈم يەتمىدى. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى، ۋەتەشۋىقاتلىرىنى ئۆزۈمنىڭ كۆرگىنىم،ئاڭلىغىنىم بويىچە مۇنبەرداشلارغا يەتكۈزۈشنى لايىق تاپتىم. قالغىنىغا مۇنبەرداشلار ئۆزى باھا بەرسۇن. خاتا كەتكەن، تاققا-تۇققا گەپلەر بولۇپ قالسا ،ئەيپكە بۇيرۇماسلىقىڭلارنى سورايمەن. } *jmW P  
تۆۋەندىكى بايانلار ئىھتىياج تۈپەيلىدىن بىرىنچى شەخس تىلىدا بىرىلدى. 6b1AIs8  
oCxy(q'y  
                                                 «سۆزلىگەنگە تۈگىمەس،پارتىنىڭ شەپقىتى» K=Z.<f  
1.«ئاكا»منىڭ مەرتلىكى 'RbtcFb   
«ئاكا»منىڭ مەرتلىكىنى بىر -ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن.پەقەت بىر-ئىككى مىسال ئېلىپلا باقاي،كەڭ خەلق ئاممىسىنى قالغىنىنى ئۆزى ئويلاپ،مۇھاكىمە قىلغاي: ?[=OQ/E  
-ياشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن،بىراق «ئۆلمىگەن قىرى»لارنىڭ ئېسىدىن تېخى كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەندۇ،ئۆتمۇشتە ئەرلەر باغلىق تامبال،ئاياللار يان تەرىپىدىن تۈگمىلىنىدىغان ئىشتان،ئۇچىمىزغا چەكمەندىن چاپان كېيىپ ، «مەتۇ چىراي»يۈرىشەتتى.يىقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى«قىرىنداش»لىرىمىزنىڭ بىزگە ئىچى ئاغرىپ،ئۆزلىرى كېيىشكە قىيماي ،ئۆگزىلىرىدە،ئامباردا،خالىغان ئادەم تاپالمايدىغان جايلاردا ساقلاپ كىلىۋاتقان ،خىلمۇ -خىل پاسۇندىكى «ئاجايىپ-غارايپ» ئۈستىۋاشلارنى بىزگە سېخىلىق بىلەن ھەدىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتلاردا شۇنداق بىر مەنزىرە بارلىققا كەلدىكى،ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئەزەلدىن كېيىش ئەمەس،ئاڭلاپمۇ باقمىغان «پادىچى كېيىمى، سېتىقچى كېيىمى،بىلىقچى كېيىمى، شاھ مۈشۈك كېيىمى،قوڭغۇز كېيىمى....كېيىمى»دىگەندەك كېيىملەرنى كېيىپ،ياشلارغىغۇ گەپ كەتمەيدۇ،بوۋايلارچېغىدا قىرانلىشىپ،مومايلار تېخمۇ زىلۋا-سۇباتلىق بولۇپ كەتتى. 050V-S>s  
بۇ مەنزىرىدىن قەلبى چەكسىز «شاتلىققا چۈمگەن» مەرھۇم،شائىر رۇزى سايت: $H`{wJ?2(  
     #}HdylI\}  
               «  يۇرت-يۇرتتىن تەڭلەيدۇ چاپان،كۆڭلەك كەش، ]*hH.ZBY"^  
                 ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش  » "&/lF[q  
دەپ شېئىرلارنى يېزىش ئارقىلىق ئەلنىڭ «قەلب ساداسى»نى كەڭ جەمىيەتكە ئاڭلىتىپ، ئۆزىنىڭ «داڭق»ىنى چىقىرىۋالدى،تىخى. %NDr5E^cc  
بىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارغا نېمە قىلىپ بەردۇق؟ ناھايىتى شۇ ھەرقىتىم كەلكۈن ئاپىتى،يەرتەۋرەش ئاپىتى ...دىگەندەك ئىشلار چىققاندا «ئىختىيارى»ھالدا نەق پۇل ئىئانە قىدۇق،شۇ! پۇل دىگەن قەغەز تۇرسا،ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغانلىرىنى قايتۇرۇپ بولغىلى بولامتى دەيسىز، شۇڭا پۇلغا ئالمىساقمۇ يەرنىڭ تىگىدە بىكار سېسىپ ياتقان ماي-گاز دىگەنلەردىن تۇرۇبا بىلەن يەتكۈزۈپ بىرەلىدۇق،پۇل-ماي-گاز دىگەننى يېگىلى،كىيگىلى بولمىسا، يا بىزگە لازىمى بولمىسا ،بىرىۋەتمەي قانداق قىلىمىز! كەينىمىزدىن چىققان گازنىمۇ بىكارغا قويۇپ بىرىمىزغۇ! يەردىن چىققىنى قانچىلىك نىمىتى!يا تاماق ئېتىپ يېگىلى بولمىسا!يا پۇرىغىلى بولمىسا!(ھى ھى ھى) -\7_^8 am  
يەنە كېلىپ بۇ پۇللارنى بىزگە شۇلار «ياردەم قىلغان»تۇرسا، بىزگە بۇرۇن كىممۇ« تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى» تارقىتىپ باققان؟كىم كېيىم-كېچەك،ھېيت-بايراملىق ئۇن-ياغ تارقىتىپ باققان؟ i<(~J4}b  
بەزى ئىچى قوتۇر ،كۆرەلمەس،ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغانلار « تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى»ئىلىشنى رەت قىلغاننىڭ ئۈستىگە يەنە«بۇ ئىككى-تۆت تال پۇل بەزى ياشلىرىمىزنى ئىش خوشياقماس،ھۇرۇن قىلىپ قويىۋاتىدۇ،بۇنداق كىتىۋەرسە مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى قانداق بولۇپ كىتەر؟ئىسلام دىنىمىز ئىشلەپ يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ،ھەتتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ باشقىلارنىڭ قويىنى بىقىپ بىرىپ پۇلغا ئىشلىگەن، قىرى،ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارغۇ ئالسا بولىدۇ،بەش ئەزاسى ساق،بۇقىدەك كۈچى بار قىرانلىرىمىزنىڭ بۇ پۇلنى ئېلىپ بىكار يېتىشى قاملاشمىدى، تىخى بۇ پۇلنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغانلارغا بەرمەي،ساپلا ھۇرۇنلارغا بىرىدىغىنى،پۇل ئالغانلار ئىشلىسە ئالىدىغان پۇلىنى توختىتىۋىتىغىنى قىزىق» دەپ غەيۋەت قىلىدۇ تىخى.يانچۇقتا پۇل بولغاندىكىن ئىشلەپ نىمە قىلىمىز؟ ئاپتاپ چۈشكەن تام ياقىلىرىدا قارتا ئوينىساق نىمە بولىدۇ؟ بۇ دىگەن «مەدەنىي كۆڭۈل ئىچىش» تۇرسا،«مەدەنىيەتسىز،ساپاسىز»ئادەملەر نىمە بىلسۇن! ئويۇن دىگەننى بىزدەك «پۇلى بار ئوغۇل بالا» ئوينىماي كىم ئوينايدۇ!پۇل ئاز بولسا ھىچقىسى يوق،ھىلىمۇ قورساققا ئۈچ ۋاق يەۋاتىمىز،كىيىمنى سەل كونا بولسىمۇ بىرىۋاتىدۇ ، يىڭى كىيىم كىيىپ «ھەشەمەتچىلىك»قىلساق قانداق بولىدۇ؟ ئاددى-ساددا ياشاش بىزنىڭ «ئېسىل ئەنئەنىمىز » تۇرسا! CQPq5/@Y4  
«ئاكا»منىڭ مەرتلىكىنى بىر ئۆمۈر سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن،شۇڭا بولدى قىلاي.ئەمدىكى گەپ: ~e&O?X  
«ئاكا»منىڭ «تېتىدى»! $AizKiV  
يىقىندىن بۇيان «ياردەم»خىزمتىنىڭ بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە ،يۇقۇرىنىىڭ تەشكىللىشىدە ئىچكىرى ئولكىلەردە «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش»تا بولدۇق.بۇجەرياندا ئۆمرىمىزدە كۆرمىگەننى كۆردۇق،يېمىگەننى يېدۇق-ئىچتۇق،يېتىپ باقمىغان يەرلەردە ياتتۇق! پاھ -پاھ! راھەت دىگەن باريەردە بارىكەن ئەمەسمۇ!؟نىمە دىگەن ھەيۋەتلىك شەھەرلەر بۇ! بىنالىرىنىڭ قەۋەت سانىنى سانايمەن دەپ دوپپام نەچچە قىتىم يەرگە چۈشۈپ كەتتى تىخى ! شۇڭا ھىچكىمگە تۇيدۇرمايلا ئاستا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپ ، تۈكۈرۈكۈمدە بارماقلىرىمنى ھۆلدەپ چاچلىرىمنى (قارا بولسىمۇ) تارىۋىتىپ يۇرىۋەردىم. cbYQ';{  
بىر كۈنى ساھىپخان تەرەپ بىزنى ئاجايىپ كاتتا بىزەلگەن بىر«ئاشخانا»دا مىھمان قىلدى.بۇ «ئاشخانا»نىڭ كاتتىلىقىنى ھەرگىزمۇ تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.«مەرھۇم شائىرىمىز ...بولغان بولسا»دەپ كەتتىم ،ئىچىمدە، «راسا بىر كەلتۈرۈپ قوشاقتىن بىرنى توقىۋەتكەن بولسا،رەھبەرلەر خوش بولاتتى-دە،ھەي ئىسىت!» EywBT  
شۇنداق قىلىپ باشلىقلار بىزنى ئولتۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن بىرنەچچە ئىغىز «مۇھىم سۆز»قىلدى(مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەممۇ،گەپلىرىنىڭ مۇھىملىنى چۈشىنىمەن ،ئەلبەتتە!). ئارقىدىن تاماقلار تارتىلدى .مانا كارامەت! ئىككى يىنىدا چېكى بار كۆينىكىدىن «خوتەن قاشتېشى»دەك ئاپئاق يوتىلىرى خېلى بىريەرلىرىگىچە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ، بەللىرى تالچىۋىقتەك نازىنىن قىزلار لىگەن -لىگەنلەردە بىر -بىرىدىن ئېسىل سەي-تائاملارنى ئەكىرىپ ،ئۈستەلنى توشقۇزىۋەتتى.ئارقىدىنلا ئۇزۇن بويۇنلۇق «پىيالىلەر»گە «جانان شىشە»دىكى سۇزۇك سۇلارنى قۇيۇپ بىزگە تۇتتى.(بۇلارنىڭ تاماق ۋاقتىدا چاي ئىچمەي،سۇنى شىشىگە قاچىلاپ ئىچىشى سەل قىزىق تۇيۇلدى).ساھىپخاننىڭ تۇتقان «سىنچاي»ىنى يەردە قويۇش ئەدەپسىزلىكتە!شۇڭا ئورنۇمدىن ئىتىىك تۇرۇپ ھەشقاللا بلەن ئېلىپ، كۆزىنىڭ تېگىگە قاراپ تۇرۇپ ئىچىۋەتتىم(ۋاي توۋا، نىمانداق تىتىيدۇ ماۋۇ«سۇ»،ئىچىمگە قىززىق قوقاس قۇيۇلغاندەك بولۇپ كەتتىم،ئىچىپ ئىلىشىپ ،ياندۇرىۋەتكىلى تاس قالدىم،بىراق،«نازىنىن» تۇتقان  «سىنچاي»نى ياندۇرسا قانداق بولىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋىلىپ،ئاغزىمغالىگەندىكى سەيدىن بىرنەچچە چوكا سالدىم ~uV(/?o%  
،تەمى بىرخىللا...).نازىنىن ئېللىق تەبەسسۇم بىلەن «پىيالىنى لىقلاپ» قويدى.شۇنداق قىلىپ تاماق يەپ،«سىنچاي» ئىچىپ ئولتۇردۇق. بىردەمدىن كىيىن ئۆزۈمچە قانلىرىم قىزىپ،يۈرىكىم باشقىچە سىلىشقا،زال ئىچى پىقىراشقا «نازىنىن»لار كۆزۈمگە ئوتتەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى.كىيىن نىمە بولغىنىنى ئۇقمايمەن.بىرچاغدا كۆزۈمنى ئاچسام  ياتاقتا يىتىپتىمەن.بىشىم چىڭقىلپ تۇرىدۇ.تىلىم تامغىقىمغا چاپلىشىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياتاقنىڭ «خالا»سىغا كىرىپ سوغۇق سۇدىن تازا ئىچتىم.پەقەت مىجەزىم يوق تۇرىدۇ.قارىغاندا ئاخشام يىگەن تاماق «قوقاققا تەگكەن»ئوخشايدۇ.بىردەم ياتتىم. چۈشتىن كىيىن باغچىغا ئاپاردى.مانا تاماشا دىگەن! قىزلار شۇنداق ئەركىن-ئازادە،«يەڭگىل كېيىنىپ »يۈرىدىكەن.قارىغانچە ئادەمنىڭ  قارىغىسىنى كەلتۈرۈپ،بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرى شۇنداق زىلۋا،«بەزى يەر»لىرى شۇنداق جەلپ قىلارلىق،بەك ...ئىكەن!!!قىزلارنىڭ «چىرايلىق»لىغىدىن ئوغۇللار ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئىلىپ قىچىشىدىن قورقۇپ، قولىنى،بېلىنى...نى تۇتۇپ ماڭىدىكەن.ئۇرۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپلا بىز ئاخشاملىقىدىمۇ چىراقنى ئۆچۈرىۋىتىدىغان بەزى ئىشلارنى بىمالال قىلىۋىرىدىكەن...بۇمۇ تەرەققىيات ئوخشايدۇ،«دادىللىق »ئوخشايدۇ.باغچىدىن يىنىپ ،كەچتە بىردەم ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ،بىر كوچىنى بويلاپ كىتىۋاتسام،بىردۇكاندىن بىر «نازىنىن» چىقىپ بىرنىمىلەرنى دەپ دۇكاننى ئىشارەت قىلدى.نىمە ئىشلىقىنى بىلمەي كەينىدىن كىردىم . يۇمشاق ئورۇندۇقنى ئىشارەت قىلدى .ئولتۇرىشىمغا بىرنىمىلەرنى دەپ كۈلدى،بىشىمنى لىڭشىتتىم،«نازىنىن» ئېڭىشىپ ئايىقىمنى سالدۇرۇشقا باشلىدى،ئۇنىڭ ئېڭىشكەن چاغدىكى ھالىتىدىن بەدىنىم ئىرىپ كەتكىلى ئاز قالدى... l"7#(a  
بىرەر سائەتلەردىن كىيىن ياتاققا قايتىپ كەلدىم. ياتاققا كىلىپمۇ بايامقى ئىشلارنى ئويلايتتىم(گەرچە پۇلۇمغا ئىچىم ئازراق ئىچىشىۋاتقان بولسىمۇ). sm;kg=  
شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن «پادىشاھ»لاردەك يەپ-ئىچىپ،ئويناپ،كورمىگەننى كۆرۈپ،قىلمىغاننى قىلىپ،كۆزىمىز خىلى ئىچىلىپ قالدى.ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بۇيەرنىڭ تامىقى بولدى(نازىنىنلارنىڭ گىپىنى ئادەم باريەردە دىگىلى بولمايدۇ،دە ئەمدى).بىر ئۆمۈر شۇ پولۇ-لەغمەن،«كۈل تىتىيدىغان»كاۋاپ،مانتا،ھالۋا...دىگەندەك قەدىمدىن قالغان «كونا ئاسارە-ئەتىقە»تاماقلارنى يەۋىرىپ بەك زىرىكىپتىكەنمەن،بۇيەرنىڭ «قوي»لىرىنىڭ گۆشى باشقىچە بىر خىل تەملىك تىتىدى.ئاشپەزلىرىمۇ بەك ئۇستا ئاشپەزلەركەن،نىمىلا دىگەن بىلەن تەرەققىياتى بىزدىن يۇقۇرى ئەمەسمۇ. +&dkJ 4g[  
بۇيەرنىڭ تاماقلىرىنى ماختىسام بەزى «مۇتەئەتسىپ» ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان بىلەرمەنلەر (ئۇئەخمەقلەر نەچچە كۈندىن بىرى بۇيەردىكى نازۇ-نىمەتلەرنى يىمەي ،ئۆيىدىن ئىلىۋالغان نانلىرىنى «غاجاپ» كۈن ئۆتكۈزگەن ئىدى) « سىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ(مۇسۇلمان ئەمەسمۇ دىگۈچىلەرمۇ بولدى)؟ نىمىنىڭ گۆشى،كىم سويغان،مۇسۇلمانچىمۇ دەپ سوراپمۇ باقماي يەۋىرىدىكەنسىز، «ھارامدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش كىرەك» »دەپ ماڭا دەرس ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ.شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.بىراق «ئىتتىپاقلىق»نى ئويلاپ ، ئۇلارغا ئۆزۈمنى تەڭ قىلمىدىم.ئىچىمدە «خەپ» دەپ قويدۇم... vvu $8n  
بىز بىلەن بىللە بارغان بىر«مىللىي رەھبەر»ىمىز ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگىنىنى بىلىپ، ئۇلارغا «بۇ دىگەن ئىدىيە مەسىلىسى» دەپ بىردەم كايىغان ئىدى، «قاپىقى قىلىن» بىرسى چىقىپ «ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە،يىمەك -ئىچمەك،تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش،دەخلى-تەرۇز قىلماسلىق» توغرىسىدىكى «قانۇن-نىزاملار»دىن سۆزلەپ «مىللىي رەھبەر»نى ئوسال قىلدى.(بۇ ئەخمەقنىڭ كۆرىدىغان كۈنى بار تېخى،«ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن،ئەرباپ سالۇر ھەرباپ بىلەن » دىگەن ھىكمەتنى بىلمەيدىيۇ، «قانۇن-نىزاملار»نى يادلىۋاپتۇ ،ساراڭ!) يۇرتقا بارغاندا ئۇنىڭ بىشىدىكى «تاج» ئاستا سىيرىلىپ كەتمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي،خوپ بولدى.شۇنداق مىزىلىك تاماق ئىتىپ بەرسە «ھالال،ھارام»دەپ ئولتۇرۇپ،رەھبەرگە گەپ ياندۇرغان ئادەمگە بۇمۇ ئاز تېخى.ماڭا قويۇپ بەرسە ئىدى شۇتاپتا ،ئۇنى........قىلىۋىتەتتىم .خوتۇنۇممۇ شۇنداق تاماق ئىتەلىگەن بولسىتى، ھەي ئىسىت !(«نازىنىن»لاردىن بىرەرىنى«نىكاھ»ىمغا ئالىدىغان ئىشمۇ نىمە!) 7#c4.9b?  
«ئاكا»م سىلىپ بەرگەن بىنالار 1{wbC)  
بىزنىڭ بۇرۇنقى ئۆيلەرھەممىڭلارنىڭ ئىسىدە بار،ھازىرقى بىز ئولتۇرىۋاتقان«لۇپاڭ»نىڭ ئورنىدىكى ئۆيلەرچۇ، بەزىمىزنىڭ بىرئىككى مو،ئازراقلىرىنىڭ 4-5فۇڭ كىلىدىغان. باشقىسىنى دىمەيلا قوياي،تازىلاشمۇ بىرئاۋارىچىلىق ئىدى.ئۈزۈم تاللىرىنى كۆمۈش -ئېچىش،مىۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش ....ۋاي-ۋۇي!جاپاسىنىڭ تولىلىقى شۇ ئۆيلەرنىڭ. |fW_9={1kQ  
ھازىرقى ئويلەرگە قارايدىغان بولساق ، ھەممەيلەننىڭ ئوخشاش نۇسخا ،ئوخشاش50كۋادراتمىتىر .بەك چاققان، بەك قولاي، تازىلاشمۇ بەك ئاسان.تال خاپىلىقىمۇ يوق.ئۈزۈم ،مىۋە دىگەن بازاردا تۇرسا،نىمە كەپتۇ «ئۆزبېغىمنىڭ ،دىھقانچىلىق دورىسى ،ئوغۇت ئىشلەتمىگەن » دەپ.دورا -ئوغۇت دىگەن يۇغانداسۇدا ئىقىپ كىتىدۇ. i"=lxqWeaV  
بەزىلەر مۇشۇ يىڭى ئويلەرگىمۇ نارازى بولدى:« بەك تارچىلىقكەن، بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ كۆلىمىگە يەتمەيدىكەن، بالا-چاقىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن،ھىچ بولمىسا 80 كۋادراتلىق ئۆيلەردىن تەخسىملەپ بەرسۇن، بىزنىڭ ئۆي ئەسلى 300كۋادراتلىق ئىدى، شۇنىڭ يىرىمىنى بولسىمۇ بەرسۇن،كىچىك ئۆيدىن 3نى بەرگىچە چوڭىدىن بىرنى بەرسۇن» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشىپ. ئويلاپ باقايلى كۆپچىلىك، ئۆي دىگەننى كەڭرى سىلىپ نىمە قىلىدۇ؟ بىر ئادەم قانچىلىك يەردە ئۇخلىماقچى ئەمدى؟ زالدەك چوڭ ئۆيلەرنى سىلىپ بەرسە، ئۆينىڭ بىكار يىرىگە سەي تىرىپ يەمدۇق؟مىھمان كىلىپ قالسا سىرتتىن ياتاق ئېلىپ بەرسەك بولىدىغۇ؟ پۇل دىگەننى شۇنداق يەرگە ئىشلەتمىسە نىمە قىلىدۇ پۇل تىپىپ! u:f.;?  
نىمە ؟ ئۇلارنىڭ ئۆيى كەڭرى بولسا بولمامدىكەن؟ سىزگە «ياردەم بىرىمەن » دەپ ،شۇنچە يولنى بىسىپ ئىچكىرىدىن چىقسا ، سىلەرنىڭ «توخۇ »كاتىكىدەك كىچىك ئۆيلىرىڭلارنى ئۇلارغا تەڭلىگىلى بولامدۇ؟ قىنى سىلەردىكى ۋىژدان! مىھماننى شۇنداق كەتەمدۇق؟ تارچىلىق ئۆيلەردە ئۇلار خاتىرجەم ئارام ئالالامدۇ؟ بىزگە بەخت يارىتىش يوللىرى ئۈستىدە تەپەككۈر قىلالامدۇ؟ 6(BgnH8oc  
بىزدىكى «ئادىمەتچىلىك »شۇنچىلىكمۇ؟ خىجىل بولايلى كۆپچىلىك، بۇگەپنى دىيىش ئەمەس،ئويلاشقىمۇ خىجىل بولۇشقا تىگىشلىك ئەسلى!بۇ  گەپ مەشەدىلا قالسۇن،مەنمۇ سىلەرنى خىجىل قىلىۋەرمەي! بەزىلەرنىڭ «خىجىللىق»تا كۆزلىرى ئالىيىپ،مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن.ئۆزىنىڭ «بىمەنە خىيال»لىرى ئۈچۈن ئۆزىگە غەزەپلىنىۋاتىدۇ! ئاچچىقى ئىچىگە پاتماي قىلىۋاتىدۇ! شۇنداق ! خىجىل بولۇشقا تىگىشلىك!ئاچچىقلىنىشقا، غەزەپلىنىشكە تىگىشلىك!بىز «كۆرگەن كۈن»ىمىزنى ئۇنتۇساق قانداق بولىدۇ!؟  ئۇنتۇمايلى !ئۇنتۇمايلى قىرىنداشلار! ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن ،ئۇلارنى «قارشى»ئىلىش ئۈچۈن ناخشا -شۇئار توۋلايلى: ?|#dGk g  
N'-[>w7vK2  
                                  مىھمان باشلىدىم ئۆيگە،ئاستىغا سىلىپ كۆرپە!... !nvg:$.&  
Ibu9A wPm  
مەنبە:كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-12-11, 21:00
 
yangin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2092

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   367 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16254 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1477 (قېتم)
 تۆھپە:   1433  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1148
 سائەت
دەرىجىسى:
1148 سائەت 42 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2013-09-03
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-12

بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك..........
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر.
Rayhana11
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11382

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2620 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   263 (قېتم)
 تۆھپە:   263  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 379
 سائەت
دەرىجىسى:
379 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-05
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-12

ھارمىغايسىز قېرىندىشىم ،چوڭقۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما بوپتۇ. kqih`E9P7B  
ناھايىتى توغرا، كۆرگەن كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى !
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى