باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       858 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما

قەۋەت ئاتلاش
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-05

                                              
ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما gb_k^wg~1'  
gyW##M@{  
                                              
1.ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق. ef=LPCi?  
2. زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق sX,oJIt  
سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.   dF%sD|<)  
3. ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى. =@>[  
4. ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال:غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدىگەن ياخشى؟ بىر مىسال باركى، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر. |:i``gFj  
5. ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ، ئۇنى “يېيىۋەتتى” دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟! Q1Sf7)  
6. توغرا سۆزگە ئىشەنمەي، خاتا سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان قەۋم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش قىيىن. 9ci=]C5o3K  
7. گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ. 6* /o  
8. كىتاپ ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتاپنىڭ شەرھ-ئىزاھلىرىغىلائېسىلىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. gekW&tRie  
9. كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.   ozbu|9 +v  
10. چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟ تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟ <[2]p\rj  
11. كىچەيۇ-كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ، ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ، ھېچ زامان خار بولمايدۇ. &LO<!WKQ  
12. پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمە، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويىسەن. قوپاللىق قىل، ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدا ئالدىڭغا كىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈن دېڭىز سۈيىنى قۇيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ. 2!/_Xh  
13. ئەگەر سەن سۈيۈڭنى 《ئەخلەت چۈشكەن》 دەپ ئىچمىسەڭ، ئۇسسۇز قالىسەن. قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان؟ كىشىنىڭ ئەيىپلىرىنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر. >`a)gky%~  
ھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،   gd6We)&  
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم. vIrLG1EK  
14. نەپس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئۇ ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. خۇدا، نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن.!!!   5r qjqfFa  
15. بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا-قايتا تېتىپ كۆردۈم.لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوقكەن. مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن باشقىسنى تاپالمىدىم. +.Kmpw4  
16. ئالىم شاگىرتلىرىغا ئىلىم ئۆگەتكەندە، غەرەزدىن خالىي بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا، زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتۇلىدۇ. 2+Z2`k]AC  
17. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلى شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ. `Y-uNJ'.N  
18. غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق- يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر. #F.;N<a  
19. كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى دائىم ھەجۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ھەجۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك. P@:#NU[  
20. ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولدا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر. ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆلىدۇ. مېلى قالىدۇ. @c{=:kg5  
21. دۇنيادا نىيەت-ئىقبالى دۇرۇس، كۈچ-قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن. ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەن. يەنە نۇرغۇن زەئىپ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن. ئۇلار ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قېنىپ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن.   ZGa>^k[:  
22. سۆز زىننەتتۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە. مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم. ئەمما، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم. ! .e5GJAW~9  
23. ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ.   Nhn5 iN1*  
24. بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر؛ سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر. y@'8vOh`  
25. گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى تۇزۇپ چېچىلىشتىن خالىي بۇلالمىدى. ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر. مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلمەي، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشىك-ھەسرەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نېمە پايدا بار؟ ZPn`.Qc  
26. ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، مەڭگۈ ياشنايسەن. cu]2`DF  
27. ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشلەر ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر. ئەگەر قادىر بۇلالىساڭ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما، بارلىق يىراق ئىشلاردىن يامان بول. FZz\z p  
28. ھەركىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل-ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر. XQ--8G  
29. ئىتتىپاق-بۆلۈنمەسلىكتۇر. ئىلگىرىلەش-چېكىنمەسلىكتۇر. |X`xJL  
30. سۇئال: ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئولۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟ "{&\nt  
جاۋاپ: ھەقىقەت ۋە راستچىنلىققا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ. 0tm%Kd  
31. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما. دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۈبھىىسزكى، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماقتۇر. گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ 《يول نەدە؟》دېگەن سۇئال بولسىمۇ.   U2=5Nt5  
32. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمگەكچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان. شۇڭا، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك. U5z^R>k  
33. ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ. Lg[*P8wE  
34. سۇئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر؟ Vc$x?=  
جاۋاپ: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ يەنە بىرى، تەپرىقىچىلىك ھەم ئىختىلاپتۇر. )   !`hjvJryw  
35. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ، پايدىلىق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كامالەتكە يېتەلمەيدۇ.   W`^'hka  
36. قانائەت ئەھلى ئەل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەلالىرىدىن سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئىززەتلىك، ئېسىلزادە كىشى بولسىمۇ تەمەخور بولسا، ئىززىتى نابۇت بولىدۇ. ئېتى 《ئەنقا》ئاتىلىدىغانلارنى زامانداشلىرىمىزدىن كىم كۆرۈپتۇ؟!… دېمەك، قانائەت ئەھلى ئەنقا كەبى يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. l|^p;z: d  
37. ئەقىل، بىلىم ۋە ئەخلاق خارلانغان جايدا نەپس نادانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇقەررەر. t8\F7F P  
38. بىز ئۈچۈن قىممەتلىك نەق بايلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆمرىمىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقمايدىغان رەشىك-خۇسۇمەتلەر ئىچىدە ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. بىز بولساق، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارغا پىسەنت قىلماي، غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. _-x|g~pV*  
39. دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئېھتىيات قىلساڭ، دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. ZwB<{?  
40. مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر. مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىيدۇر. 1T!b# x4  
41. ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە، سەن كۆزۈڭگە 《باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار》دېگىن. ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ. ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىپنى كۆرەلىسەڭ جىم بۇلاتتىڭ. >K1)XP  
42. مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھەببەت ئەھلىگە گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس. /jaTH_Q),:  
43. ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ. 6!bVPIyYO  
44. قوشنىلارغا پىشكەللىك يەتسە، ياردەم بەرمەسلىك قوشنا ھەققىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر. F$ShhZgi  
دوست دېگەندەك ساماندەك سەيلىدە، باغدا ، jB!p,fqcb  
ئايرىلۇر دوست-دۈشمەن ئەڭ قىيىن چاغدا. 0f&B;?)!  
45. بۇۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى يىغىىسى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بۇۋاقنىڭ قورساقتىن كەڭرى جايغا چىقىپمۇ يىغلىغىنىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بالا دۇنيانى كۆرۈپلا دۇچ كېلىدىغان ئازاپلارنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاندەك يىغلاپ كېتىدۇ.   Q [kbEhv;  
46. دەۋر بىرخىل ھالەتتە تۇرمايدۇ، بەزىدە ئارقىسىنى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سېنى سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئۇچراشتۇرسىمۇ سەۋر قىل. چۈنكى دەۋر سەۋر قىلمايدۇ. _VGAh:v  
47. قەلەم ئەھلىنىڭ ئاچكۆز بولغىنى ھەممىدىن يامان. ئۇنداقلار نەپىسنىڭ خاھىشى بىلەن بىرنى يىغلاتسا، بىرىنى كۈلدۈرىدۇ. بۇنداقلاردىن قايتا-قايتا ھەزەر قىلماق كېرەك. ;{EIx*<d  
48. قەلەم ئەھلىنىڭ ئەدل-ئىنساپلىق بولغىنى  ھەممىدىن ئەلا. JFH3)Q  
49. بىراۋنىڭ ۋەسفىنى قىلغان شائىر شۇ كىىشنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەقىقىي سۈپەتلىرىنى مەدھىيلىگەن بولسا، شۇ شائىر دوستلۇققا يارايدۇ.بۇ خىلدىكى شائىرلار ھەقىقىي ئەقىل ئىگىلىرىدۇركى، ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدا ئەيىپ-نۇقسان بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى تۈگىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. !TvNT}4Z  
50. سۇئال: ئىززەت-ئابروي ۋە كۈچ-قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟ `-W.uOZ0  
جاۋاپ: ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ: 3.@"GS#"[  
تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى، ئىلىمدۇر بىباھا، قازسا پۈتمەس كان. q;Tdqv!Ju  
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى. ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان. V[ju7\>$Z  
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى، ئىلىملار نىجادلىق بىرەر مەڭگۈلۈك، fn.KZ  
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى. بىلىملىك ھاياتتۇر، جاھىللار ئۆلۈك. K+MSjQS"  
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا، ئى ياش بىل، جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك.   [As9&]Bv5  
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇلئەلا. نادانلىق زۇلمىغا رازىدۇر ئىشەك. $inlI_  
مۇنۇ ھېكمەتلەردىن ئابدۇقادىر داموللا ئۆزى يازغىنى 5 پرسەنتكە يەتمەيدۇ. شۇنداقىكەن، بۇ ھېكمەتلەرنى ئابدۇقادىر داموللىغىلا خاس قىلىش بۇ ھالدا ياخشى گەپنىڭ ھەممىسىنى ئابدۇقادىر داموللا قىلغان، دەپ ئۆزىمىزنى بەزلىۋالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ھېكمەتلەر ئاپتورلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىن باشقا، ئەرەب، پارس،ھىندىي قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇنداقتا، بۇ ھېكمەت(ئەسلىدە كۆپى شېئىر)نى ئابدۇقادىر داموللىغا خاس قىپ قويۇش نەدىن كەپقالغان؟ بۇ، مۇنداق گەپ: ئابدۇقادىر داموللا ئەينى دەۋردە كەڭ ئۇيغۇر تالىبلىرىنىڭ ئەرەب تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئەرەب تىلىدا يېزىلغان يۇقىرىقىلار شېئىرلىرىنى(ئۆزىنىڭ قىسمەن شېئىرلىرىمۇ بار.) مەزمۇن دائىرىسى بويىچە ئون بابلىق قىلىپ<> نامىدا تاشكەنت غۇلامىيە مەتبەئەسىدە نەشر قىلدۇرغان. دېگەندەك، بۇ كىتاب قىممىتى ئابدۇقادىر داموللا دەۋرىدىلا ئەمەس، ھازىرمۇ ناھايىتى ئەتىۋارلىنىپ دەرسلىك قىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. 2002 – يىلى ئابدۇلئەھەد ئەمىر تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ(توققۇز بابلىق قىلىنىپ)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما قىلىپ، يالقۇن روزى قەلىمى ئاستىدىكى ئابدۇقادىر داموللىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى قوشۇپ نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.(يالقۇن روزى ئىلگىرى ئابدۇلئەھەد ئەمىرنىڭ تەلىپى بىلەن يازغان تەرجىمھالنىڭ قىسمەن يۇرىتىدىغان جايلىرى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قايتا تەييارلىق قىلدى. كېيىنچە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ قالغۇسى، ئىنشائەللاھ! ) I 2[|52+zhc  
مىفتاھۇلئەدەب ئەسلىدە شېئىر توپلىمى بولسىمۇ، ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما قىلىپ نەشر قىلىنغاندا،ئابدۇلئەھەد ئەمىر ئۆقۇرمەنلەرگە قۇلايلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇرچىسىنى نەسرىي شەكىلدە تەييارلىغان ۋە ئاخىرىغا كىتابتا ئۇچرايدىغان قىيىن سۆزلۈكلەرنى قوشۇپ نەشر قىلغان. كېيىن بەزى قېرىنداشلار كىتاب مەزمۇنىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ<> توپلىغان. بىراق، ئۇلار ھەربىر شېئىر بېشىدا<> دېيىلگەن ئەسكەرتمىگە دىققەت قىلماي، كىتاب توپلىغۇچى بولغان ئابدۇقادىر داموللىنى كىتابتىكى بارلىق شېئىر ئىگىسى، قىلىپ قويغان ۋە بۇ ئاقىۋەت كېلىپ چىققان.بۇ خىل خاتالىق بىر كىتاب ۋە خەلقئاراغىمۇ تارقىتىلىدىغان بىر ژۇرنالدا ئۆز پېتى ئېلان قىلىنىۋەرگەن. كېيىن توردا پەيدا بولغاندا مەن: ئىزاھات بېرىپ ھارمىدىم، باشقىلار خاتا پېتى كۆچۈرۈپ ھارمىدى، مۇشۇ بويىچە داۋام قىلىپ مۇنۇ ئىناۋەتلىك مۇنبەردىن ئورۇن ئېلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ… گەرچە، يۇقىرىقى ئاپتورلار ئەۋلادلىرى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىپ ياكى باشقا مىللەتلەردىن بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى بىلمىگەچ باشقا پىكىر ئوتتۇرغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئىلمىي نۇقتىدىن تۇرۇپ، بۇخىل خاتالىققا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.   RO+ jVY~H-  
يالقۇن روزى يازغان، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھازىرچە تولۇق تەرجىمھالى: 20 – ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى، نامىدا بۇلاق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. fi%)520  

تېما تەستىقلىغۇچى : arman
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-12-06, 23:27
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +2
narmiمۇنبەر پۇلى+22012-12-07esil hekmatlarkan rahmat
 
eqiniman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12500

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6149 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   610 (قېتم)
 تۆھپە:   610  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 248
 سائەت
دەرىجىسى:
248 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-07

7. گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ. eFh7#~m  
SJB^dI**/d  
  بەك  ياردى  ،بۇ   قۇرلار [#=IKsO'R6  
0G31Kou  
ھارمغايسىز  
 
narmi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4211

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1170 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   47246 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4680 (قېتم)
 تۆھپە:   4673  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2624
 سائەت
دەرىجىسى:
2624 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-07

E3uu vQ#|  
    ئارىمىزدىن شۇنداق دانالار، v"G1vSx)BT  
كەتكەن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە. VE )D4RL  
  ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ يادكار، 5)#j}`6  
  ئۆرنەك ئېلىپ ئىللەت تۈزەشكە. 7Jn%XxHq  
-b-a21,m>  
___ نەرمى B7 %,D}  
)CFJ Xc:  
ئابدۇ قادىر داموللا تاللانما ھېكمەتلەرنى ئەستايىدىل،سۆيۈپ ئوقۇدۇم،ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئۇچۇرىشىپ تۇرساق ئەھمىيىتى زور ھەم پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.ھەممە قۇرلارنى ياقتۇردۇم.... 4S_f2P2J  
   HMq}){=S  
  تېما ئىگىسىگە رەھمەت كۆپ ئەجىر قىلىپسىز!
 
tuprakcom
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   150 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   15 (قېتم)
 تۆھپە:   15  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-07
ئاخــىرقىسى:2012-12-07
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-07

ئاۋۇ سۈرەتنى ئۆز ئەينى كۆچۈرگەنگە چۇشلۇق بىر مەنبەسى دەپ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاركەن .... مىنىڭ مۇنبىرىمدە ئادەم كۆپ بولمىسىۇ لىكىن باشقىلار كۆچۈرۋالغۇدەك تېمىلارنىڭ چىققانلىقىدىن خۇشالمەن ... ycN!N  
L <  
  ئەسلى مەنبەسى : http://www.tuprak.com/bbs/read.php?tid-243.html   تۇپراق مۇنبىرى
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-05
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-07

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  tuprakcom كە 2012-12-07 22:22ئەۋەتىلدى  : ,,+iPGa<  
ئاۋۇ سۈرەتنى ئۆز ئەينى كۆچۈرگەنگە چۇشلۇق بىر مەنبەسى دەپ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاركەن .... مىنىڭ مۇنبىرىمدە ئادەم كۆپ بولمىسىۇ لىكىن باشقىلار كۆچۈرۋالغۇدەك تېمىلارنىڭ چىققانلىقىدىن خۇشالمەن ... :F`"CR^,  
K'U8ft*_  
  ئەسلى مەنبەسى : http://www.tuprak.com/bbs/read.php?tid-243.html   تۇپراق مۇنبىرى   Gy6PS{yY6t  
J. $U_k  
ئەسلى مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويغان ئىدىم.بىراق نىمە سەۋەپتىنلىكىنى بىلمىدىم،باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرىۋىتىپتۇ.توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن قىرىندىشىم.مەن بۇندىن كىيىن باشقا مۇنبەر تېمىلىرىنى كۆچۈرۈپ يوللىغاندا ،مەنبەسىنى تېما بىشىغا ياكى  ئارىسىغا قوشۇپ يوللايمەن.مۇشۇ تېما بىلەن قوشۇلۇپ بىرنەچچە تېمىنىڭ مەنبەسى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئورنىدا مەن خېجىل بولىۋاتىمەن.
abdulla1987
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12788

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   44 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   230 (قېتم)
 تۆھپە:   230  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 578
 سائەت
دەرىجىسى:
578 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-03
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-08

زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان،دەرتمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن،بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان،ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشىلەرنى ھىمايەقىلالىغان ئەرلەردۇر. x:iLBYf  
      بۇقۇرلار ماڭا بەك يارىدى.ھەي....  ھاتەمدەك ئەرلەر....... o?/fObV@(  
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى