باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       430 
  •    ئىنكاس 
       3 

روماندىن پۈتۈلگەن رىۋايەت

قەۋەت ئاتلاش
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1332 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   513 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3858 (قېتم)
 تۆھپە:   3665  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15863
 سائەت
دەرىجىسى:
15863 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-27

«يېڭى ئەسىرگە قەدەم» قويغاندىن كېيىن «يىگانە ئارال»غا چىقىۋېلىپ «كۆرەشچان يىللار»غا نەزەر سالدىم، ئويلىسام ھەممىمىز «گۆردىن قايتقانلار» «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ئىكەنمىز، «قۇم باسقان شەھەر»لەرگە قارىسام «ئانا يۇرت» «لېيىغان بۇلاق»لار بىلەن تولۇپ يېتىپتۇ. «كۆڭۈل»ۈم «ئاشۇ كۈنلەر»دىكى «ھايات سىرلىرى» توغرىسىدا «ئىزدىنىش»كە باشلىدى. ئەسلىدە بىز «ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى» ئىكەنمىز. ئاشۇ «جىمجىت جۇڭغارىيە» بۇرۇن «شاۋقۇن»لۇق «قاينام ئۆركىشى» ئىكەن. «سۈزۈك ئاسمان»دا «ئۈمۈد يۇلتۇزلىرى» چاقناپ تۇراتتىكەن. «دوقمۇش پاراڭلىرى»دىن شۇنى ئۇقتۇمكى «سۇتۇق بۇغراخان» «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە» سۈپەت «ئاتا» بولۇپ «تەڭرىنىڭ ھۆكىمى» بىلەن «تۇمانلىق ئۇپۇق»تا «چاقماق» چېقىپ كۆمۈلمەس «ئىز»لارنى قالدۇرغان ئىكەن. ئۇ «ھەسرەتلىك مۇھەببەت» دەردىدە «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»نى ئىزلەپ يۈرگەن «بوز ئەر»لەرنى «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»غا ئايلاندۇرۇپتۇ. «ھايات شاماللىرى» «نۇرلۇق قەبرىلەر»نى سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ «ئۆچمەس ئىزلار»نى قالدۇرۇپتۇ، «مەھمۇد قەشقەرىي»گە ئوخشاش «بۆرە ئانا»لار «قۇتادغۇبىلىك»تەك «پۈتمەس سەتىرلەر» ئارقىلىق «ھايات سىرلىرى»نى ئېچىپ «سەئىدخان» «سۇلتان ئابدۇرەشىدخان» «مەلىكە ئاماننىسا خېنىم»لارنى تەقدىرىنى «ئاي يامغۇرى» بىلەن سۇغۇرۇپتۇ. كېيىنكى يىللاردا «بە دۆلەت» «قىساسكار»لىققا سەۋەپچى بولۇپ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»نى «ھايات زەنجىرى» بىلەن باغلاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ «قانغا بويالغان سايرام» بويىدا «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار»دىن «لالە قۇربان» «گۈل ئايىم»لار «داۋان»لار ئېشىپ «زۇلپىقار»نى كۆتۈرۈپ «ئەجدادلار» ئىزىدىن مېڭىپتۇ. كېيىن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» «ئانا نەسىھەتى»گە قۇلاق سېلىپ «قىزىل تاغ چىراغلىرى»نى ياندۇرۇپتۇ، «ئاۋرال شاماللىرى» «ئىلى دولقۇنلىرى» «قارا ئېقىن» ياساپ «سادىر پالۋان» ۋە «ھېزىم شاھ پالۋان»نى «مۇھەممەد بىشىر چىڭۋاڭ»غا قارشى ئاتلاندۇرۇپتۇ. ئۇلارنى «تۈندىكى چاقماق»تا تاۋلاپ «سەرسان روھ»قا ئايلاندۇرۇپتۇ. «نۇرلۇق قەلىبلەر» «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە»لەردەك «يۇلتۇزلار ئەپسانىلىرى»نى سىزىپتۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىغا ئوخشاش «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»لەر «رۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى»دىن بولمىش «ئاپپاق خوجا» ۋە «تورغاق خوجىلار»نىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپتۇ. «كۆڭۈل»لەر «جۇدالىق» دەردىدە «داغ»لىنىپتۇ، ھاياتتا «شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن» ئىكەن «سەرسان روھ»لار ئاتقان «قىساس» ئوقلىرى «چالا تەگكەن ئوق» بولۇپ قاپتۇ. «ئاشۇ كۈنلەردە» «ئويغانغان زىمىن»دىكى «باش ئەگىم»دە «ئەجدادلار ئىزى»دىن «مىھرىگىياھ» ئۈنۈپ كېتىپتۇ. «قۇرىماس دەرەخلەر» كۆكلەپ چىقىپتۇ، «قالدى مۇھەببەت يىراقتا» دەمسىز؟ ئەنە قاراڭ «ئويغانغان زىمىن»نىڭ «كۆزى ئېچىلغان بۇلاق»لىرىدىن «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» بۇلدۇقلاپ چىقىپتۇ، «قانلىق يەر» توغرىسىدا «ئۇرخۇن شەجەرىسى» ۋە «باش ئەگىمدىكى رىۋايەت»لەر توقۇلۇپتۇ، ئېھ «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتىلەر» بىلەمسىلەركى «ھايات شۇنداق» لېكىن ھامان «كۈن شەرىقتىن چىقىدۇ» «يىغلىما ئىنسان» «تۆشۈك مۇنچاق» يەردە قالمايدۇ. {)"iiJ  
;gBRCZ  
ئاپتورى: نامەلۇم. [K9'<Qnu  
مەنبە:http://www.julaliq.com/?p=10333 {XNREjhm  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-12-05, 17:57
 
ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ،ئىككى كۈزىمىز پارقىراپ تۇرسىلا بۇلىدىغان بولدى.
rastqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10221

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   935 (قېتم)
 تۆھپە:   935  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2987
 سائەت
دەرىجىسى:
2987 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-05

بەك قاملىشىپتۇ.
 
1tulpar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3605

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1317 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   69738 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5955 (قېتم)
 تۆھپە:   5950  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11016
 سائەت
دەرىجىسى:
11016 سائەت 254 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-06
ئاخــىرقىسى:2013-01-09
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-05

ئالامەت قامىلشىپتۇ
 
lutpulla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9809

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   75 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3999 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   400 (قېتم)
 تۆھپە:   400  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1910
 سائەت
دەرىجىسى:
1910 سائەت 180 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-06
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-05

            كوپ    ئەجىر   سىڭدۈرۈپ   يېزىپ   چېقىپسىز      بەك   قاملىشىپتۇ              
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى