باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       685 
  •    ئىنكاس 
       0 

ئۇيغۇرلارنىڭ" كۆزىنى توسىۋالغان چاپاقلار"

قەۋەت ئاتلاش
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-05

«سەئىدىيە» قەلىمىدىكى بۇيازماhttp://www.kalkan.cn/dora_kurux.asp?id=26 تورىدىن ئېلىنىپ،قىرىنداشلىرىمنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلدى. قىرىنداشلىرىمنىڭ سەۋرىچانلىق بىلەن ئوقۇپ بېقىشىنى ، پىكىر يۈرگۈزىشىنى ئۈمد قىلىمەن! >X,Ag  
بەلكىم نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ تىما تولىمۇ قىززىقارلىق تۇيۇلغان بولىشى مومكىن. ئەلبەتتە،ئۆزۈممۇ تىمىنى قويۇپ بولۇپ چاپاق سۆزىنى تۇمان غا ئالماشتۇرايمۇ ؟دەپ ئويلاندىم،ئەمما يەنىلا مۇشۇ تىما دىمەكچى بولغانلىرىمغا تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلالايدىغاندەك قىلىدۇ. ]|t.wr3AU  
FNm6/_u3  
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئويغان سادالىرى ياڭرىغىلىمۇ خېلى زامانلار بولدى.ئەمما ئوموميۈزلۈك ئويغىنىش تېخى ئەمدىلا باشلىنىش باسقۇچىدا. بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىزدىنىش دەۋرى، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش دەۋرى دىيىلسە بەلكىم ئارتۇق كەتمەس. زۇلپىقار بارات ئۆزباش قايسى بىر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلادا يېڭى پىكىر دولقۇنى قوزغاش پۇرسىتى كەلدى دەپ يازغان ئىدى. شۇنداق، يېڭى بىر دەۋىر ،ئويغىنىش دەۋرى يىتىپ كەلدى. ئەمما ،مۇشۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكى،غايىسى،نىشانى ،نىمە قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ يۈرگەن ،ئېزىقىپ يۈرگەن ،ياكى ئۆزى ئېزىقىپ تۇرۇپ باشقىلارنى ئەيىپلەۋاتقان نۇرغۇن زىيالىي ۋە ياشلىرىمىزنى ھەرقەدەمدە ئۇچىرتىمىز، ۋە ياكى ئۆزىمىز شۇلارنىڭ بىرسى بولىشىمىز مومكىن. ئۇنداقتا بىزنى كەڭ دۇنيانى كۆرۈشتىن توسقان،ئويغاق تۇرۇپمۇ كۆزىمىزنى ئاچالماس قىلىپ قويغان چاپاقلار زادى قايسىلار؟ kad;Wa#h  
B+e_Y\B u  
1. بىزدىكى مۇھىت 7vpN 6YP  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پۈتۈن جوڭگۇغا نىسبەتەن بىر ئالاھىدە رايون،خۇددى باشقا بىر دۆلەتتەكلا. شۇنداق بولغاچقىمۇ دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن جايلارغا دۇنيا ئۇچۇرلىرى پەقەت يېرىم كېچىلەردە بىرىلدىغان دۇنيا خەۋەرلىرى ۋە بىرقىسىم ناچار خاھىشلارنى تۇيدۇرماستىن خەلىققە سىڭدۈرىۋاتقان كىنو فىلىملەردىن باشقا ھىچبىر ئۇسۇل بىلەن ئاياغ باسمايدۇ.نۇرغۇن جايلاردا تور يوق، نۇرغۇن جايلاردا ئوقو ئوقۇتۇش ئىشلىرى راۋاجلانمىغان ياكى زىيادە قېلىپلاشقانلىقتىن ، يېڭى پىكىر ، يېڭى دۇنيا قاراشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. نۇرغۇن دەرىسخانىلاردا ماۋزىدۇڭ كىم دىگەننى ئەمەس ماۋزىدۇڭ ياشىسۇن دىگەندەك قۇرۇق شۇئار توۋلاشنى ئۆگىتىش بىلەن ياش غۇنچىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ،ئۇلارنىڭ پىكرىنى بوغۇپ تاشلاپ،نىمە ئۈچۈنلىرىنى سەبى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا دەپنە قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئەلبەتتە. ئاتا ئانىلارمۇھەم بالىلارغا جەمىيەتنى ،تەبىئەتنى ،كەڭ دۇنيانى چۈشىنىش ،ياشاشنى ،ياشاش يوللىرىنى ئۆگىتىشتىن ئاجىز ياكى ھىچبىر كۆڭۈل بۆلمىگەن ھالدا ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش. سىرىتلارنى كۆرۈپ كەلگەن كۆپ قىسىم زىيالىيلىرىمىز،بۇ خىل مۇھىت تەسىرىدىن كەلگەن بىپەرۋا ،خىيالى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرماقتا يوق، سىرىتتىكى ۋاقىتلىرىنى ئويۇن تاماششا بىلەن ئۆتكۈزۈپ،ناچار ئىددىيەلەرنى دىيارىمىزغا سۆرەپ كىرگەنلىكتىن،نۇرغۇن ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ سىرىتلاردا ئوقۇشىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا. بۇ بىرقاتارلىغان ناچار خاھىشلارنىڭ سەۋەبىنى ھەم پەقەت ئاشۇ ئوقۇتقۇچى،ئاتا ئانا ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭلا زىممىسىگە يۈكلىمەكچى ئەمەسمەن ،ئۇلار تىرىشقان بولسا ئەلبەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايىتتى،بۇيەردىكى مەسىلە بىز چوقۇم بىزنىڭ"تىنىچ"،"يەككە يىگانە"ۋەتەن تۇپرىقىدىكىبەخىتنى قەدىرلەپلا قالماي،مۇھىت بىلەن چەكلىنىشكە خاتىمە بىرىپ،خۇددى فارابى بوۋىمىزدەك ئىزدىنىشكە،ئۆگىنىشكە ھىرىسمەن بولىشىمىز، يول بولسىلا سىرىتقى دۇنيا توغىرسىدا چۈشىنىشىمىز،كۆپلەپ ئىلىم،بىلىم ،تېخىنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشمىز،ۋە تارقىتىشىمىز، ئويغىنىش شۇئارىنى ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك.بۇ يەردە مەن ئۆزۈم بىلەن تەڭ ياشتىكى ۋەتەن ئىچىدىكى بارلىق ياشلارنى زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ،ئەركىن سېدىق قاتارلىق سىرىتقى دۇنيا بىلەن دىيارىمىزنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان ئىلغارپىكىرلىك يازغۇچى ،زىيالىيلىرىمىزنىڭ ماقالىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇشىنى، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى چۈشىنىشكە ھەركەت قىلىشىنى ، شۇنداقلا چەتتە ياكى ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ، تېخىمۇ كۆپ بىلىشكە ئىنتىلىشىنى تەۋسىيەقىلىمەن. #A/]Vs$  
s"=F^#  
2.مىللەتچىلىك ئىددىيسى ۋە مىللى شەرەپ ;o)=XEh8P  
مىللەتنى سۆيۈش ياخشى ئىش،ئەمما مىللەتچىلىك قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.بىر كىشىدە زىيادە مىللەتچىلىك ئىددىيسنىڭ بولۇشى،شۇ كىشىنىڭ ئادالەتپەرۋەر ،ھەققانىيەتچى بولۇشىدىكى توسالغۇدۇر.زىيادەمىللەتچىلىك ئىددىيسى بولۇش،مىللەتنى ھەقتىن باتىلغا باشلايدىغان ئامىلدۇر.بىز ھەمىشەبىرلىشىمىز دەيمىز،ئەمما بىرلىشەلمەيمىز. چۈنكى،بەزىلىرىمىز يۇرىتۋاز، بەزىلىرىمىز مىللەتپەرۋەر،يەنە بەزىلىرىمىز ھەقىقەتپەۋەر. ئەسلى بۇلار زىت بولماسلىقى،يۇرىت سۆيگۈسى جايىدا بولۇشى،يۇرىتۋازلىق يوقىلىشى ،مىللەت ھەقىقەتنى تېپىشى كېرەك ئىدى. ئەممانۇرغۇنلىرىمىزدا ،ئاساسەن ھەممىمىزدە ئېتقاد جەھەتتە زىتلىق مەۋجۇت. مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىمىز،ئەمما پۈتۈنلەي مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتىمىز. بۇ زىتلىق مەندە يوق دەمسىز؟...نورۇزنى ئۆتكۈزەمدۇق ياقمۇ؟دىگەن تىما مۇنبەرلەردە پارتلاۋاتقىلى نەچچە يىللار بولدى.ھەريىلى نوۋرۇز كېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر مەيدان مۇنبەر جېڭى بولىدۇ.كۈچلۈك مىللەتچىىك ئىددىيسىبىزنى چوقۇم ئاتا بوۋىمىزنى ئۆگىنىشكە ئەمەس دوراشقا ئۈندىمەكتە.دىندا بولمىغان نەزىرلەرنى دىن نامىدا ئۆتكۈزۈشتىن، دىندا بولمىغان، مازارلاردىن مەدەت تىلەش،تۇمار ئېسىش ،ئىسرىق سېلىشتەك بىدئەتلەردىن تېخى تامامەن قول ئۈزگىنىمىز يوق.ئەگەر مەن ھازىر بىر نەرسىنى ئوتتۇرغا قويسام ،قېنى قىززىق ياشلىرىمىزنىڭ ئويلىنىپ باقمايلا ،ياكى سەۋىرسىزلىك بىلەن تولۇق كۆرمەيلا سەكرەپ كېتىشى ئېنىق.مىسال، كۆكبۆرەنى ئۇلۇغلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىە قىلىمەن.خۇددى دارۋىن مايمۇندىن ئۆزگەردۇق،دىگەندەك بىز بۆرە نەسلى دىمەيلى.چۈنكى بىز بۆرەنەسلى ئەمەس،ئادەم ئاتا ،ھاۋا ئانا پەرزەنىتلىرى،ئاتا بوۋىمىز ئازغان بولسا تۈزىتىشىمىزكېرەك. بۆرىنى ياراتقۇچىغا شېرىك قىلىپ ئۇلۇغلاشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن. P~\a)Szy  
xxoHH#a  
ئۇندىن باشقا،بىزدە يېقىنقى ئويغىنىش دەۋرىدە "كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟"شۇئارلىرى ھەرياندا ياڭراۋاتىدۇ.بۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشتۇر،ئەمما كۆپچىلىككە شۇ بىر نەرسەئېنىق بولىشى كېرەككى،مىللىي شەرەپ چوقۇم ياخشى نەرسە بولىشى ناتايىن . پىروفىسور جود مىللى شەرەپ نى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:" مىللى شەرەپنىڭ بىردىنبىر غايىسى مىللەتنىڭ ئىھتىياجلىق پەيىتلىرىدە ئارزۇ ۋە ئىستەكلىرىنى باشقىلارغا قوبۇل قىلدۇرالىغۇدەك قۇۋۋەتكە ئىگە بولىشى ۋە مىللەتنىڭ ئېسىل ئۆرنەكلىرى دەپ نام بەرگەن پەسلىكلىرى بىلەن قانائەتلىنىشتىن ئىبارەت،بۇ مىللى شەرەپ ئەخلاقى قىممەت ۋە پەزىلەتلەر بىلەن ماسلاشمايىتتى، بىر مىللەت كىشىلىرى راسىتچىل بولسا،ۋەدىگەۋاپا قىلسا،ئاجىزلارغا ئىنسان قاتارىدا مۇئامىلە قىلسا باشقا مىللەتلەر ئارىسىدائىناۋىتى بولمايدۇ. " بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟مىسال،يېقىنداتورلاردا تارىلىپ يۈرگەن "كۆڭۈلدىكى سۆز "پىروگىراممىسىنى بەلكىم نۇرغۇن ياشلىرىمىز كۆرگەن بولىشى مومكىن، مەن پەقەت بۇ پىروگىراممىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ ئەۋەتكىنىنىلا كۆردۈم،ئەمما ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگەنلەرنى كۆرمىدىم،ھەم تولىمۇ ھەيران قالدىم.بىر مىللەت سەنئىتىنىڭ تونۇلىشى چوقۇم ئۇنىڭ ياخشلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. بىز ئەستايىدىل ئويلىنىپ ، پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدابۇنىڭغا مىساللار تولۇپ تۇرۇپتۇ.مىسال،ھىندىستان،كورىيە فىلىملىرى، جىياڭنەن سىتايىل،لەدىگاگا ناخشلىرى ۋە ھاكازالار. كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن نەرسىلەر كۆپىنچە ھالدامۇنداق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. 1- كىشىلەرنىڭ نەفسىگە ماس كېلىدىغان، شەھۋىتىنى قوزغايدىغان،باش باشتاقلىق،ئاتىگاچىلىق، بوشاڭلىقنى تەۋسىيە قىلىدىغان نەرسىلەر. 2-قىززىقارلىق،يۇمۇرلۇق،ياكى غايىۋى راھەت، ئويۇن كۈلكىگە باشلايدىغان نەرسىلەر.3-مىھىر مۇھەببەت،ئەقىلنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نەرسىلەر. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا سەھنىدىكى ناخشا ئۇسۇللارنىڭ،بەزىبىرتىياتىرلانىڭ ئالقىشقا ئىىرىشىشى پەقەت 1-سەۋەپتىن. بەلكىم بۇ سۆزۈمگە نۇرغۇن ئارتىست،ياكى سەھنە سەنئىتىنى قوللايدىغان قېرىنداشلىرىمىز قارىشى چىقىشى مومكىن، ئەمما ھەقىقى ئۇسۇل سەنئىتىنى چۈشىنىدىغان، ياكى پىسخىكا ھەققىدە بىلىملىك كىشلەر بولسا ،قانداق شەكىلدىكى ھەركەتلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشدىغىننى چوقۇم بىلىدۇ.ئەلبەتتە، مېنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقىنىم ،كىشىلىرىمىز ئارىسىدىلا ئالقىشقا ئىرىشىش ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشقائىرىشىشتۇر. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرغا خاس سەنئىتى بولغنى ياخشى ،تەرەققىيات ئۈچۈن ،ئالقىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ ئەخلاقىنى تىگىشىش تولىمۇ پەسكەشلىكتۇر. بەلكىم گەپ بۇيەرگە كەلگەندە سىز مەندىن ،بۇندىن باشقا مىللى شەرەپ تاپقىلى بولماسمۇ؟ دەپ سورارسىز،ئەلبەتتە بولىدۇ.يەنە بىر خىل شەرەپ بولسا پەن تېخنىكا ۋە مال بايلىقتا يۈكسىلىش.ئەمما پەن تېخنىكا ۋە مال بايلىقتا پۈتۈن دۇنيادا بىرىنجى ئورۇندا تۇرساقمۇ ئۆزىمىزدىكى ھەقىقەت تۇيغۇسىنى ئادىللىقنى يوقىتىپ قويىدىكەنمىز، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ھازىرقى زالىم يەھۇدىلار بىلەن ھىچبىر پەرقىمىز قالمايدۇ. شۇنىڭدەك، مىللەتچىلىك ئىددىيسى،مىللى شەرەپ قوغلىشىش ئەۋج ئالغان پەيىتتە ، نۇرغۇن ئېزىۋاتقان ياشلىرىمىز ئەنە شۇ ئاتالمىش شۆھرەت قوغلىشىپ ئېزىۋاتىدۇ.ھالبۇكى ،باشقىلارغا ھىيلە مىكىر ،سۈيقەسىتلەر ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق ئىرىشكەن ئۈستۈنلۈك ئەسلىدىنلا شەرەپ بولماسلىقى كېرەك.ئىلگىرى ئۇيغۇر بولسىلامۇسۇلمان دەپ ئىشەنىچ قىلاتتۇق،مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە،مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مىللى كارخانىلار، چەتئەل ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم كىنوئارتىسىتلىرى،ئۇسۇلچىلار، ئۆزگىلەرنىڭ ئىددىيسى بىلەن يىزىقچىلىق قىلدىغان شائىر يازغۇچىلارنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ،كىمنى قوللاش ،كىمنى قوللىماسلىق مەسىلىلىرىدە،ئەسىلىدىنلا بىرلىشىشكەكۈچەۋاتقان بىز ،تېخمۇ پارچىلاندۇق. ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلمان ئاتالغۇسى پۈتۈنلەي ئىككى ئۇقۇم بولۇپ شەكىللىنىۋاتىدۇ،يەھۇدىيلار ھايات پەلسەپىلىرىنى ئۆگىنىش قىسمەن ياشلىرىمىز ئارىسىدا مودا بولىۋاتىدۇ. ئەلبەتتە،بۇ بىزگە پايدا ئەمەس، كۆپرەكى زىيان كەلتۈرىدۇ. v LBee>$  
x&R9${e%  
شۇ سەۋەپتىن،مىللەتنى سۆيۈش تۇيغۇسى ئەقىلنى ،ھەقىقەتنى ئالدىنقى شەرىت قىلىشى كېرەك. قايسىبىر يازغۇچىمىزشۇنداق دىگەن:مىللەت دەپ ئوغرىمۇ دەيدۇ، مىللەت ساتقىن خائىنمۇ دەيدۇ، ھاراقكەشلەرسورۇنىدا مىللەت توغىرسىدا سۆز باشلىسا ھەربىرلىرى پەيلاسوپتەك سۆزلەيدۇ. لىكىن مىللەت سۆيۈش پەقەت قۇرۇق خىيال ئەمەس ۋە ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر ئۈچۈن چىقىش يولى تاپىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز،نىمىنىڭ ھەق ،نىمىنڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كېرەك. ]_ejDN\>{V  
j<ABO")v  
3.ئويۇن تاماششا 8h&oSOkQk,  
:ئۇيغۇرنىڭ خۇشچاقچاق ،سەنئەتخۇمار مىللەت ئىكەنلىكى راسىت. ئەمما گەپنىڭ راستىنى ئىيىتقاندابىزدىكى "ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا "دىن ئىبارەت بۇ چاپاقنى ھەقىقەتەن كۆزىمىزدىن يۇيۇپ تازىلاپ ،كەڭ دۇنياغائوبدانراق نەزەر سالمىساق بولمايدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. گۈلەن ئەپەندى ئۇيغۇرلاربىلەن ئامىركىلىقلاردىكى ئورتاقلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ماقالىسدە بىزدەخۇشچاقچاقلىقتىن ئىبارەت ئورتاقلىق بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى،بەلكى كۆپلىگەن قېرىنداشلار بۇنى تولىمۇ ياخشى ئىش دەپ قارىسا كېرەك. بىراق شۇنىسى ئېنىق بولىشى كېرەككى،پۈتۈن جەمىيەت مەسىلىلىرىنىڭ تاماششالىشىپ كېتىشى )خەنزۇچىدە 娱乐化)مەسىلىسىنى غەرىپ ئەللىرى خېلى يىللار ئىلگىرى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ،ئېلىمىزدىمۇبۇ توغىرسىدا تەتقىقات ئىلىپ بارغان ۋە بۇنى خەلىقنىڭ بىخۇتلىشىشى،مەسىت قىلغۇچ دورا دەپ قارىغان ،ھازىر دۆلىتىمىز قىسمەن تىلىۋىزىيەئىستانسىلىرىمۇ خەۋەر ،ئىلان قاتارلىق بارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ تاماششالىشىپ كېتىشىنى توسىۋاتىدۇ. A6^p}_  
q+A<g(Xu  
ناخشائۇسۇل،كىنو ،كۈلكە قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ كۆپ بولىشى ، كىشىنى ھەقىقى دۇنيانى كۆرۈشتىنتوسۇپ ،غايىۋى دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ. كىشى بۇ خىل غايىۋى دۇنيادا ياشىغانداھەمىشە ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن نارازى بولىدۇيۇ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ھەركەت قىلغۇدەك جۈرئىتى بولمايدۇ،ياكى ھىچ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچىدۇ. يەنى بۇلار كىشىنىڭ قەلبىنى ئۆلتۈرىدۇ،ۋىجدانىنى ،ھەق ناھەق قارىشىنى ،ھەقىقەت ۋە باتىل مەيدانىنى يوقىتىپ،كىشىنى سەزمەس قىلىپ قويىدۇ. ھازىر بىزدىكى ئۆز ئارا ئىشەنىچنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ،بىپەرۋالىق، رومانتىكىلىشىش ،غەيرى ئېقىم非主流 قوغلىشىش ،مودا قوغلىشىشلارنىڭ ئەۋىج ئىلىپ كېتىشى قاتارلىق سۆكۈپ-سۆكۈپ تۈگىتەلمەيۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى قەلىپ كېسىلىدىن يەنى قەلىپ ئۆلگەن،ۋىجداننىڭ يوقالغانلىقدىندۇر. MAE7A"l a  
ئازكۈلۈش،كۆپ يىغلاشنى تەۋسىيە قىلغان رەسۇلىمىز مۇھەممەت ئەلەيىھسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن. 35Ai;mU'  
IajD;V  
4.غەرىپ پەلسەپىسنىڭ تەسىرى J)9 AnGWe  
مۇھىت توسالغۇسىنى ئەلبەتتە يېڭىشىمىز كېرەك.ئەممامۇھىت توسالغۇسىنى يېڭىش جەريانىداكېلىپ چىقىۋاتقان يېڭى بىر مەسلە غەرىپ پەلسەپىسنىڭ بىزگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشىدۇر. غەرپنىڭ پەن تېخنىكا ۋە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرى جەھەتتىكى ئىزدىنىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇپ تۇرالمايمىز ئەلبەتتە. ئەمما زىيالىي ياشلىرىمىزچوقۇم ئۇلاردىن نىمىنى ئۆگىنىش نىمىنى ئۆگەنمەسلىك ھەققىدە كاللىسىدا ئېنىق نىشان بولىشى ، قاراقويۇق ھالدا غەرىپ ئىددىيسىنى ئۆزىگە ۋە خەلىققە سىڭدۈرمەسلىكى كېرەك. K\RWC4  
ئاللاھۇسۇبىھانى ۋەتائالا بىزگە يىتەرلىك ئىلىم بەردى،نىمىنى قىلىش ،نىمىنى قىلماسلىق،قانداق قىلىش ئۈستىدە بىرىلگەن ئىلم بىزگە يىتەرلىك ئىدى، ئەمما بىز ھورۇنلۇق قىلدۇق. غەرىپنىڭ يۈكسىلىش سىرى شۇكى ،ئۇلارقەدەممۇ قەدەم تەتقىق قىلىپ ئازغىنا بىر قىسىم توغرا يوللارنى تېپىپ چىققان بولسىمۇشۇنىڭغا قانۇن پىرىنسىپ سۈپىتىدە ئەمەل قىلىپ ياشىماقتا. ئەمما يەنىلا ئىنسان تۈزگەن پىرىنسىپلار بولغاچقا خاتالىق ۋە ئازغۇنلۇقلار بىلەن توشقان. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىر قىسىم غەرىپ ماتىريالىزم ئىددىيسىنىڭ بىز يۇقۇملانغان تەرەپلىرىدىن مىسال كەلتۈرىمىز: ]b4pI*:$I  
;[(= kOI  
(1) كىشىلىك قىممەت قارىشى: غەرىپ پەلسەپىسى بويىچەئېيىتقاندا بىر كىشىنىڭ قىممىتى ،ئۇنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسىدە ئىپادىلىنىدۇ.بۇنداق بولغاندا كېسەل،مېيىپ، ئاجىز كىشىلەرنىڭ قىممىتى يوق دىيەرلىك.ئەممائىسلامى جەمىيەتتە بۇ خىل يۇقىرى تۆۋەنلىك بولمايدۇ. r_b8,I6{]  
7~_{.f  
ئاللاھۇ سۇبىھانى ۋەتەئالا چۈشۈرگەن بۇ ئايەت بۇ سۆزىمىزگە دەلىلىدۇر: 2>F\&  
yC0C`oC  
" ئىنسانلار ،سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالدىن ياراتتۇق،(ئادەم ئاتا ھاۋا ئانىدىن) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتتق ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق،ھەقىقەتەن تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك ھىسابلىنسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر برىىدىن ئۈستۈن بولىشى نەسەب بىلەن ئەمەس تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ،ھەممىدىن خەۋەرداردۇر." . سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت hS4.3]ei  
(2) ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ : بۈگۈنكى جەمىيتىمىزدە بۇ سۆزنى مەيلى كىمگىلا دىمەي ،ھىچبىر غەلىتىلىك ھىس قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ سۆز بىزنىڭ قان تومۇرىمىزغا سىڭىپ كەتتى.ئەمما مەن سىزگە :ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ،سىز مەڭگۈ ئۆلمەيسىز!دىسەم ئۇ ھالدا ئىش باشقىچە بولىدۇ. بۇ يەردىكى سەۋەپ شۇكى بىز ئەسلى ھەقىقەتنى تاشلاپ قويۇپ گۇمان ،خاھىشلىرىمىزغا،بىزگە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ سەپسەتىسىگەئەگەشتۇق. ئەمما ھەقىقەت بولسا بىز ئىشەنگىنىمىز ،خالىغىنىمىز بويىچە ئەمەس،بەلكى ئاللاھنىڭ خالىغىنى بويىچە بولىدۇ. +T9Q_e*  
kW#S]fsfU  
پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋادىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا سىلەر خالايسىلەر (يەنى ئاللاھ خالىمىغۇچە سىلەر خالىغىنىڭلارنىڭ ھىچ پايدىسى يوق) . سۈرە تەكۋىر 29-ئايەت 0s1'pA'  
سۇئال:بەزىدەبىر ئىشلارنى قىلىش قىلماسلىقتا ئىككىلىنىپ قالىمىز،ئۇنداقتا،كۆزىنى يۇمۇپ بىرقىلايچۇ ،مەن چوقۇم قىلالايمەن دەپ قىلسا بۇ ئىش ياخشى ئۈنۈم بىرىشى مومكىن. ئۇنداقتا بۇ ئۆزىگە ئىشىنىش ئەمەسمۇ؟ q(,cYu  
=/[ltUKs:a  
جاۋاپ:بىرمۇسۇلمانغا نىسبەتەن بىلىشكە تىگىشلىككى،بۇ تەۋەككۇل قىلىشتۇر.ھەقىقەتتە ، بۇئىشتىن ھەرخىل نەتىجە چىقىشى مومكىن،بۇ يەردىكى نەتىجە ئۆزىگە ئىشىنىتىن ئەمەس، شۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەجرىگە ،ئاللاھنىڭ بۇنىڭغا قانداق تەقدىر ئورۇنلاشتۇرغىنىدىندۇر. بىز سەۋەپ قىلالايمىز،تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيمىز،ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادالەت ئىگىسى ،ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. WE0}$P:  
اﷲدىن باشقا ھىچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر،مۆمىنلەر اﷲغا تەۋەككۈل قىلسۇن. سۈرە تەغابۇن 13-ئايەت -OrR $w|e  
(3) ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي. بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيتىدەك قىلسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە بۇ ھەم غەرىپ ماتىريالىزىم ئىددىيسىنىڭ مىۋىسىدۇر.مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بولغان پىداكارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئازىيشى ، يىگىتقىزلىرىمىزنىڭ ،مەن بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى؟ ياكى خەق بىلەن نىمە كارىم؟ دەيدىغان،بىپەرۋالىق،باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پەلسەپىسنىڭ كەڭ يىيىلىپ كېتىشى،ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ روھى ئەخلاقى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە بۇزۇلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.بۇنىڭلىق بىلەن ئاتالمىش باشباشتاقلىق،ئەركىنلىك، دۇنياۋى راھەت پاراغەت نامشۆھرەتلەرگە بىرىلىشكە كەڭ يول ئېچىلىپ ، ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئۇيۇشقاق،ئېسىل مىللەتكىچىك كىچىك پارچىلارغا بۆلىنىدۇ. نەتىجىدە ھەممىمىز زىيان تارىتقۇچىلاردىنبولىمىز. ب قۇرئان كەرىمدە ئاللاھۇ سۇبىھانى ۋەتەئالا مۇنداق دىگەن: uMvb-8  
Z&Ue|Z4Qt  
ئىمان ئىيىتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر- بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. ئەسىر سۈرىسى2-ئايەتشۇنداق، ئۆزىمىز بىلمەي يۈرگەن نۇرغۇنلىغان ئازغۇنلۇقلار ھەرۋاقىت ئەترا پىمزداچۆگىلەپ يۈرمەكتە. شۇ سەۋەپتىن بارلىق ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ، بولۇپمۇ قەلەم تەۋرەتكۈچى يازغۇچى زىيالىيلىرىمىزنىڭ،كىنو فىلىم رىژىسورلىرى،ۋە سەھنە ئارتىسلىرىنىڭ ،ھەرقەدەمدە ئۆزىنىڭ قانداق بىر ئىددىيىنى خەلىققە تەقدىم ئېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپرەك باش قاتۇرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىدقىلىمەن. tmO`|tn&  
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكلىشى ئۈچۈن سۇ ياكى يىلتىز بولىشىمىز نىڭ زۆرۆرىيتى يوق، چۈنكى بىر ياكى بىرنەچچە ئادەمدە بۇنچىلىك قۇۋۋەت بولسا ئىدى ،بۇ دەرەخ بىزنىڭ بۇنداق دىيشىمىزگە ساقلاپ تۇرمىغان بولاتتى .ھالبۇكى ،ھازىر بىز ئويغانغاندىن كىيىن يۈزىمىزنى يۇيۇپ،كۆزىمىزدىكى چاپاقنى تازلىشىمىز كېرەك.يەنى ئەڭ ئاۋال بىر ھەقىقى مۇسۇلمان بولىشىمىز، ھەقىقەتكە قۇلاق سېلىشىمىز،ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك.بىزدىكى نادانلىق ،خاتالىقلارنى تونۇشتا دادىل،ئۆگىنىشكە ماھىر ،ۋە باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى رەت قىلىشقا جۈرئەتلىك بولىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئوموميۈزلۈك ئويغىنىش بولىدۇ،ھەقىقى مەنىدىكى شەرەپ ۋە تەرەققىيات بولىدۇ. PnA?+u2m  
4/'N|c.  
)u*^@Wo  
*/(I[p  
e4\dpvL  

تېما تەستىقلىغۇچى : sansiz0903
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-11-27, 18:47
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى