باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2232 
  •    ئىنكاس 
       9 

ئۇيغۇرلار زادى قانداق  مىلەت

قەۋەت ئاتلاش
muhammatjana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11073

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3050 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   305 (قېتم)
 تۆھپە:   305  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 635
 سائەت
دەرىجىسى:
635 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-23
ئاخــىرقىسى:2013-05-12

                                                  ئۇيغۇرلار ئەقلىي كۈچ مىللىتىمۇ ياكى جىسمانىي كۈچ مىللىتىمۇ rf)PAdj|~  
Dp%5$wF)8  
Ewa[Y=+tx  
     ئامېرىكىلىق سىياسەتشۇناس رىچارد روسكېلىس «دۇنيادا جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ۋە ئەقلىي كۈچ دۆلىتى دەپ ئىككى تۈرلۈك دۆلەتلا مەۋجۈت»دېگەن (خەنزۇچە «پايدىلىنىش خەۋىرى»، 2007-يىلى 7-ئاينىڭ د11- كۈنىدىكى سانى «كورېيە ئەقلىي كۈچكە تايىنىپ جوڭگۇنىڭ جىسمانىي كۈچىنى يەڭدى» دېگەن ماقالىدىن ئېلىندى). رىچاردنىڭ بۇ گېپى نەقىل ئېلىنغان ماقالىدە جوڭگۇنى جسمانىي كۈچ دۆلىتى ،كورىيەنى ئەقلىي كۈچ دۆلىتى ، دەپ كۆرسەتكەن . جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ،ياساش كەسپىگە  تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزسە ، ئەقلىي كۈچ دۆلىتى پەن-تېخنىكا تەتقىقادىكى بۆسۈش ، لايىھەلەش ،سېتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلغان بولىدىكەن. N9`y,Cos0  
BT&rp%NO6l  
    ئۇيغۇر خەلقى جوڭگۇدىكى 56 مىللەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەلۋەتتە جوڭگۇ تەۋە بولغان جىسمانىي كۈچ دۆلىتىگە تەۋە. لېكىن بىز بۇ نۇقتىنى جوڭگۇدىكى مىللەتلەرگە مىللەت نۇقتىسىدىن تەتبىقلىساق قانداق بولار؟ ئەقلىي كۈچ مىللىتى ئەقلىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ،ھەممەئشتا ئەقلىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويسا، جىسمانىي كۈچ مىللىتى جىسمانىي كۈچىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ،جان بېقىش نۇقتىسىدا جىسمانىي كۈچكە تايىنىپ قالغان مىللەت بولۇپ چىقىدۇ. &*X3c h  
#&;m<%  
     ئاتا-بوۋىلىرىمىز «بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يەڭسە، بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر»  دېگەن ھېكمەتلىرى بۈگۈنكى زامان سىياسىيونلىرى ئوتتۇرغا قويغان بۇ قانۇنيەتنى خېلى بۇرۇنلا يەكۈنلىگەن .لېكىن ،تولىمۇ ئەپسۇس ،مىللىتىمىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتتىيۇ ،لېكىن تونۇپ يېتىپ تۇرۇپ ئىجرا قىلمىدى ياكى ئىجرا قىلىش مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسگە ئايلىنالمىدى. e@='Q H  
EG'7}W  
   مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، ئىقتىساد نۇقتىسىدىن نەزەر سالساق بىزدىكى سودا ھېلىمۇ باشقىلار ئشلەپچىقارغان تاۋارلارنى سېتىش ياكى ئۆزىمىزنىڭ يېزا-ئىگىلىك  ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خام پېتى سېتىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىر پارچە تېرە خوتەندە قانچە پۇل ؟ئۈرۈمچىگە كېلىپ قانچە پۇل بولدى ؟ئىچكىرگە بېرىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ  قولىدا ئاياغقا ئايلىنىپ ،ئەڭ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ماگزىنلىرىغا سېلىنغاندا قانچە پۇل بولدى؟دېگەن نۇقتىدا پىكىر قىلىپ باققانلار باردۇر،لېكىن مۇشۇ ھالقىلارنى قسقارتىپ تېرىنى ئەڭ بولمىغاندا پىششىقلاپ ئشلەپ  يۇرتىنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ھەققىدە كۈچەپ باققانلار بامۇ؟   Q3 K;kS  
]s1TJw [B  
  ئەمدى ئانچە-مۇنچە تەقلىد قىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلار پەيدا بولدى .«ئارمان »، «ئىخلاس» قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى دەل شۇنداق تۈردىكى مەھسۇلاتلاردۇر. كىشىلەر جوڭگۇنى ياساش كەسپىگە تايىندىغانلىقى ئۈچۈن جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ،دەپ قارىغان.دېمەك ،«ئارمان قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى تېخى ئاددىي ھالدىكى ياساش . ئىجادچانلىق كەم بولغان ياساش .نۇرغۇن سودىگەرلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقىنى بولسا ياساش ئەمەس.ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغان باشقىلار ياسىغان مەھسۇلاتنى سېتىش ،خالاس. 8Uj68Jl?  
z'5;f;  
    ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بۇ نۇقتىدا ئاتا-بوۋىمىز لايىھەلىگەن تاماق تۈرلىرىگە تايىنىپ ، شىنجاڭ  بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ.لېكىن ،بۇ پۇت تىرەپ تۇرۇش بىزنىڭ مىللىي ھىسياتىمىز ۋە ئادەتلىنىپ قىلىشىمىزنى تايانچ قىلغان .چەت ئەللەردە ئەخلەت يېمەكلىك،دەپ قارالغان مېك دونالد ، كېنتاككې قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ بازىرىدىكى ئەھۋالى ئۇيغۇر ئاشخانلىرىمىزدىن ياخشى بولسا ياخشىكى ،ناچار ئەمەس.ناۋادا ئۇلار مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دېگەن ماركىنى ئاشسا قانداق بازار تېپىپ كېتىدۇ،ئېنىق ئەمەس. a7QlU=\  
A5&>!y  
    بۈگۈنكىدەك كۆپ خىل مەدەنىيەت ناھايىتى تېز ئۇچرىشۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاشخانلىرى ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان ئاشۇ ئەڭگۈشتەرگە تايىنىپ تۇرۇۋېرىشى كېرەكمۇ ؟ لاھىيلەش ۋە پەن-تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ئەقلىي مىللەتنىڭ بەلگىسى بولغانىكەن ،چوقۇم بىز شۇ نۇقتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك .لېكىن ئاشخانلىرىمىز  شۇ نۇقتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ؟ئاشخانائىگىلىرى مۇشۇ نىشاننى ئويلىشىپ باقتىمۇ- يوق؟ , V0iMq  
z{ Zimr  
     بىر چاغلاردا «ئەنجۈر» ئىسىملىك زەنجىرسىمان تاماقخانىلار  ئۇيغۇر ئاشخانلىرىنىڭ  مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى.لېكىن ئاشخانىنى ئاشخانا قىلىپ تۇرىدىغان تاماقلارنىڭ تىزىملىكى  ۋە قۇرۇلمىسىدا تۈزۈك ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى . يۈز بەردى دېيىلسە يېزىلىشى ئۇيغۇرچە ،ئاتىلىشى خەنزۇچە نۇرغۇن قورۇما تۈرلىرى تاماق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تەرەققىي قىلۋاتقان ئۇيغۇر ئاشخانلىرى ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ تاماق ۋە قورۇما تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويايلى ،دېگەننى ئويلاپ باقمىدى.ئۇلار مېك ،دونالد ۋە كېنتاكىنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ھەم زەنجىرىسىمان ئاشخانا بازىرى قىلىش ھەققىدە قانچىلىك پىكىر قىلدى، ئېنىق ئەمەس. |q1b8A\  
@j)f(Zlu#  
     يېزا ئىگىلىكىمىزگە نەزەر سالساق ، مىللىتىمىزنىڭ 80نەچچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئۇسۇلىدا بىر قىسىم ئۆزگىرىش بولدى.مەن خوتەندە 1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا دېھقانلارنى يىپەكچىلىككە تايىنىپ بېيىتىمىز ، دېگەن شوئارلار ئاستىدا ھەممە يەرگە ئۈجمە كۆچىتى تىكىلگەنلىكىنى ئۆز  كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ،لېكىن بۇ قاينام-تاشقىنلىق ئۈجمە دەرىخى بەرپا قىلىپ پىلە بېقىش - يىپەك ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى ناھايىتى تېزلا ئاخىرلشتى . يىپەكتىن ئىبارەت خەلقئارادا ناھايىتى قىممەتلىك تاۋار بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھېچقانداق كۈچ كۆرسىتەلمىدى.كېيىن ،تۇرپان ۋە بوزاقنىڭ ئۈزۈمچىلىكىدىن ئۆگىنىمىز ،دەپ تال تىكىش دولقونى كۆتۈرۈلدى..لېكىن ،خوتەن يەنىلا تۇرپانغا ئايلانمىدى .خوتەننىڭ باشقا يېزىلىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسىدەك بولالمىدى.بۇلتۇر يۇرتقا قايتسام  خوتەندە ياڭاق ۋە چىلان تىكىش دولقۇنغا ئايلىنىپتۇ .ئۇنىڭ ئايىغى  قانداق بولىدۇ ؟يەنە قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. *g/I&'^  
=CD:.FG.  
ئاشۇ دېھقانلىرىمىز ئۈستىگە قۇرۇلغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رولى بۈگۈنكى كۈندە شۇ يەرنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە باج-سېلىق يىغىپ ھۆكۈمەتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ.بىرەر يېزا باشلىقىنىڭ كاللىسىدا يېزىمىزنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن قانداق قورللاندۇرىمىز ؟ ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك تۈزۈلمىسنى قانداق ئىسلاھ قىلىمىز ؟خەلىقىمىزنى قانداق دېھقانچىلىقنىڭ  بۇ ئېغىر جاپاسىدىن قۇتۇلدۇرىمىز ؟دەيدىغان مۇستەقىل ئوي ۋە تۈرۈتكە بارمۇ-يوق ،بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ماڭا گويا پويىزنىڭ  نۇرغۇن چاقلىرىنىڭ بىرىدەك كۆرۈنىدۇ. Zp% ""  
Q@3ld6y  
   دەرىسلىك ئىسلاھاتى  دەرىسخانىلاردا ئوقۇتقىچىلارغا غايەت زور  دەرىجىدە ئىجادچانلىق ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش پۇرسىتى بەردى. ئۇلار ھازىر ئەڭ ئېسىل لاھىيەلەرنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بايلىقىنى قازسا ،ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتىنى ئاشۇرسا بولىدۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە مائارىپ تارماقلىرىمىز ھېلىمۇ دەرىسلىك ئىسلاھاتىنى كىتاب ئۆزگەرتىش  ۋە مائارىپتا بەزى يېڭى ئىشلارنى قىلىپ بېقىش ،دەپ ناھايىتى ئاددىي چۈشىنىپ ئۆتمۈشتىكى مائارىپ ئەندىزىسىدىن قۇتۇلالمىدى.ھەتتا ئارىمىزدا جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسزلىق ۋە بۇزۇلۇشتىن ،بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقىدىن ،ئەمەلدارلارنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن قاقشايدىغان ئوقۇتقۇچىلار بار،لېكىن ئۇلار ئەنە شۇنداق گەپ ئاڭلىماس ۋە چۈشكۈن كىشىلەر، ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەيدىغان باشلىقلارنىڭ دەل ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ،ئەڭ بولمىغاندا شۇنداق بولۇپ قېلىشنىڭ مائارىپ بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسۋىتى بارلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ.دېمەك ، ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ھۆرمەت پەيدا قىلالمىغان مائارىپ زادى قانداق مائارىپ ؟ r`mzsO-'  
0*]<RM  
ئەدەبىيات-سەنئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ جىسمانىي كۈچ مىللىتى ئىكەنلىكىمىز تېخىمۇ ئاشكارە بولىدۇ.ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىرىمىزدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دوراش ۋە تەقىلىد قىلىش،ئوغىرلاش خاھىشى دەل بۇنىڭ ئىسپاتى،ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئېيتساق ،ئەدەبىيات ھەققىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزمەي،ئۆز چەمىبىرىدىكى ئاپتورلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ ،ئۆز چەمبىرىنىڭ تەپەككۇر سېستىمىسىدىن  چىقالماسلىق،ئىجاد قىلىش ماھارىتىدىن ئازراق ئۆگىنۋېلىپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ھۆنەر دەرىجىسىگەچۈشۈرۈپ قويۇپ ،يازغۇچى -شائىرلارنىڭ ئابرۇيىنى كۈندىن -كۈنگە پاخال قىلىش ،ئۆزىنى قىلمىش-ئەتمىش  ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ،چەت ئەلنىڭ ئەخلەت ئىدىيەلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى كاردىن چىقىرىش .سېرگيى يېسىنىن ئاجايىپ كۆپ مۇھەببەت لېرىكىسى ،يازغان ،نۇرغۇن قىز بالىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن دېسە ئاق-قارىنى ئايرىماي سېرگېي يېسىننىڭ تۈكۈرۈش ھالىتىدىن تارتىپ ،مازلىقىغىچە دوراش ،يەنە ئاللىكىملەرنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغان لۈكچەكلەرنىڭ مىجەزىدىكى قىتىغۇرلۇق ۋە ئەسكىلىكنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىۋىلىش دەل بىزنىڭ ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنمۇ ئەقلىي مىللەت دەرىجىسگە كىرمىگەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتى. U3VsMV*Y  
do :RPZ!  
      يەنە بۇ ھەقتە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن ،ئەدەبىي ئىجادىيەت باردەك ،لېكىن كەسكىن بولغان ئەدەبىي تەنقىد  يوق. سەنئەت ئىجادىيىتى باردەك ،لېكىن كەسكىن ۋە ئىلمىي بولغان تەتقىقات يوق .يېزا-ئىگىلىك بار، يېزا -ئىگىلىك تەتقىقاتى يوق .نۇرغۇن پىروفېسسور ۋە تەتقىقاتچى ئۇنۋانىدىكى ئادەم بار،لېكىن تەتقىقات ئىقتىدارى يوق .نۇرغۇن رەھبەرلەر بار،لېكىن رەھبەرلىك ئىلمىي يوق .رەھبەر بولۇشقا قىزىقىدىغان ئادەم قۇمدەك، لېكىن رەھبەرلىك ھەققىدە ئىزدىنىپ ھەقىقىي مەنىدىكى رەھبەر بولۇشقا ئىنتىلدىغانلار يوق دېيەرلىك... 7\Yq]:;O  
fu7[8R"{  
      ئۇنداقتا، بىز قاچان ئەقلىي كۈچ مىللىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىمىز ؟  يۇقىرىقى مۇھاكىمىمىزدە بۇنىڭغا بەزى جاۋابلار تېپىلىشى مۇمكىن.كۆپچىلىكنىڭ ماقالىنى ئوقۇپ بولغان ھامان بۇ سوئالنى ئۆزىگە قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. m-pIFL<^N  
JqH.QnKcv  
             2007-يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقىي)تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ مۇھاكىمە ماقالى ھەقىقەتەنمۇ تورداشلارغا بىر ئويلىنىش ھەم مۇنازىرە قىلىش روھىغا ئېگە بولغان ئەسەر دەپ قارىغاچقا ، بۇ تېمامنى مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم،ئىجادىي ۋە ئۆزگىچە قاراشلىرىمىزنى ئەسەر بىلەن ئورتاقلاشساق دېگەن ئۈمىدتەمەن.مەزكۇر تېمىنى ئورۇپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشكە كەتكەن ئەجرىم ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ باشقا تور بېكەتلەرگە يوللىماسلىقىڭىزنى سورايم S+E3;' H  
]T28q/B;k  
8)Bn?6.  
"MVN /Gl  
W1M/Z[h6)5  
s t3]Yy  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-11-23, 18:43
 
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   287 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19674 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1954 (قېتم)
 تۆھپە:   1953  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3540
 سائەت
دەرىجىسى:
3540 سائەت 230 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-08-08
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-23

بۇ ماقالىغا نىسبەتەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كەلدى. >4b39/BM  
بىز «ھازىرقى ئۇيغۇرلار »مانا مۇشۇنداق مىللەتكى-ئاتا بوۋىلىرىمىز قىلمىغاننى قىلالايدىغان،يەنى،ھەركۈنى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تىللاپ تۇرىدىغان،باشقىلارنى بىلمەي قالمىسۇن ، ئۇقماي قالمىسۇن دەپ كىتاپ- ژۇرنال،رادىئو-تېلىۋىزىيە،ھەتتا توردا ئۆزىمىزنى «مەرتلىك،كەسكىنلىك بىلەن، قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن تىللاپ» ماقالە ئىلان قىلىدىغان،ئۆيگە كىرسەك خوتۇن-بالىنى،ئېغىلغا كىرسەك ئىشەك-كالىنى ، خالاغا كىرسەك كەينىمىزنى، بالىنىڭ دەردىدە ئالدىمىزنى.....ئىشقىلىپ ئۇچرىغاننىڭ ھەممىنى تىللايدىغان «مىللەت»! b>WT-.b0  
كونىلارنىڭ «خوتۇن- بالىنى داۋاملىق ئۇرسا، تىللىسا قاشىرىپ قالىدۇ،چىرايلىق ،تەربىيە بىرىش،ھىيىقتۇرۇپ باشقۇرۇش كىرەك»دىگىنىنىڭ ئەكسىچە يېڭىلىق يارىتپ،ئۆيدە ئۇرۇشۇپ قالساق كوچىغا چىقىپ ۋاقىرايدىغان«مىللەت»! a QFHB!  
جېمىي ئىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىستەيدىغان،زامانىۋىيلىقنى،تەرەققىياتنى قوغلىشىدىغان ، كونىلىق بىلەن مەردانە ھالدا ، كەسكىن كۆرەش قىلالايدىغان «مىللەت»! N|}`p"  
بىز ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى يىڭىلىغان بولساقمۇ، بىرئىشقا ھازىرغىچە سەل قاراپ كەلدۇق. مۇشۇ ئىش تۇپەيلى تەرەققىياتىمىز ئاستا بوپ قالدى.بۇ بولسىمۇ دەل بىزنىڭ تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ئۆزىمىزنىڭ ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئىمىشىمىز! دەل مۇشۇنداق بولغاچقا،يەنى قالاق ئۇسۇلدا ئوزۇقلانغاچقا ،بىزنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىمىز تۆۋەن،تەرەققىيات سۈرئىتىمىز ئاستا بولۇپ قالماقتا! qiN'Tuw9  
بىز بۇنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك.باشقا ئېمىش مەنبەسىنى تاپقۇچە ھىچ بولمىغاندا ئانىلىرىمىزنىڭ ئەمچىكىنى بىۋاستە شورىماي ، ماشىنا بىلەن سىغىشىمىز، سۈتنى زامانىۋىي ئۇسۇللاردا پىششىقلاپ، تۈرلۈك كالتىسىي-ۋىتامىن دىگەنلەرنى ،بىلىق مىيى ،ئۆسۈملۈك مىيى...،ئەگەر تاپالىساق دۇنياغا داڭلىق ئالىم-كەشپىياتچىلارنىڭ شالىسىنى،ھىچ بولمىغاندا يەپ بولالماي ئېشىپ قالغان تامىقىنى ،قاچىسىنى يۇيغان سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۈت پاراشۇكى ياساپ ،ئاندىن ئىستىمال قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرسەك،ئاز كۈنگە قالمايلا «ئەقلىي كۈچ مىللىتى»دىگەن ئۇنۋاننى ئىلىشىمىزدە گەپ يوق! ,,gYU_V  
تىرىشايلى! ئانىمىزنىڭ سۈتىنىڭ قالاقلىقىنى ، زاماننىڭ كەينىدە قالغانلىقى ئەڭ يېڭى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ، باشقا بىر ئاجايىپ قۇۋۋەتلىك سۈتى بار، زامانىۋىي «ئەمچەك» كەشپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى!
hakane
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10350

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4148 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1180
 سائەت
دەرىجىسى:
1180 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-19
ئاخــىرقىسى:2013-01-01
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-23

بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپ تۇ ئەجىرىڭىزگە رەخمەت 9;:Lf  

خاقانى
qakmak007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8125

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   455 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26858 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2613 (قېتم)
 تۆھپە:   2613  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3320
 سائەت
دەرىجىسى:
3320 سائەت 180 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-10
ئاخــىرقىسى:2013-08-14
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-23
1قەۋەتتىكى(suzlapbakay) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن، ئويلاپ قالىمەن بىز زادى بىر-بىرىمىزنى نىمىشقا كۆرەلمەيمىز،
nurdunjan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7501

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   320 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20502 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2095 (قېتم)
 تۆھپە:   2093  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2757
 سائەت
دەرىجىسى:
2757 سائەت 233 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-09
ئاخــىرقىسى:2013-08-05
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-24

ئەڭ ياخشىسى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ،ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن.ئەدەپ-ئەخلاققا ئۇيغۇن ،ئادىمىيلىككە ئۇيغۇن ياشايلى دىگەن گەپنى قايسىڭلار قىلالايسىلەر؟
0908
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12557

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2848 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   285 (قېتم)
 تۆھپە:   285  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 719
 سائەت
دەرىجىسى:
719 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-17
ئاخــىرقىسى:2013-05-09
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-24

دەرۋەقە دىگەنلىرىڭىز ئەمىلىيەت بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بولۇۋاتەقان ئىشلار بىز بۇنىڭغا كۆز يۇمىۋالساق بولمايدۇ .ئىلگىرى ئاكا-ئۇكا مۇسا بايۇفلار غۇلجىدا تېرە پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرغان ئىدى .بىز بۇنىڭغا قانچىلىك قوللاش ئاتا قىلالىدۇق . }oH A@o5  
بىز زادى كىملەرنىڭ ئەۋلادلىرى ؟ بۇمەدەنيەت نىمە ئۈچۈن بىزگە كەلگەندە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ .بىز يەنە كىمدىن ئاغرىنىمىز .......... ,7:_M> -3g  
                       ئۇيغۇرئىدۇق بىز ئەسلىدە f\O)+Vc  
                         ئۇيۇشقاق مىللەت   &{${Fq  
                       ئەمدىلىكتە نىمە ئۈچۈن xQV5-VoFC  
                      ئاتىلىپ قالدۇق ئۇرۇشقاق ]m} <0-0  
                                      مىللەت......
@SULTAN@
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12745

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   28 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1549 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   155 (قېتم)
 تۆھپە:   155  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 138
 سائەت
دەرىجىسى:
138 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-01
ئاخــىرقىسى:2012-12-22
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-03

isil   timikan    har bir uygur millitinig  qogkur oylinixiga   tapakkur kiliga arziy du   rahmat   kop japa qikip siz kerindixim    eqiniman   bu madaniyitimiz yana kaqangiqa  mawjut bop turalay digan du digan lani oylap   keliwatiman
سۆيگۈنى يۈدۈپ ئازاپ تاپڭىچە . ئاپامنى يۈدۈپ دۇئا  تاپايچۇ
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   584 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31886 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3142 (قېتم)
 تۆھپە:   3111  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14511
 سائەت
دەرىجىسى:
14511 سائەت 329 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-03

    ياخشى يېزىلغان تېما ئىكەن، رەخمەت. /s\_"p  
    1940- يىللاردا مۇسا بايلاردەك دۇنيادىكى مىليونىرلار تىزىملىكىگە كىرەلەيدىغان بايلار چىققان ئىكەن. 1950- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن نېمىشقا ئۇلارنىڭ يېرىمىچىلىك بولسىمۇ تۇنۇلغان بايلار چىقمايدۇ؟ 69o,T`B  
    ئۇيغۇرلار نېمە ئۇچۇن ھەممە جەھەتتە ئارقىدا قالىدۇ؟ روناق تاپالمايدۇ؟ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بولسۇن، مائارىپ بولسۇن، سانائەت بولسۇن، مەدىنىيەت بولسۇن، دىخانچىلىق بولسۇن... قىسقىسى ھەممە جەھەتتە ئۇيغۇر دېگەن نامىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا كېيىن قالدۇق. بۇنداق بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مەنچە بەك كۆپلىرىمىز بىلىمىز. ئەڭ ياخشىسى بىز ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى، ئىختىدارىمىزنى ۋە ئالاھىدىلىكىمىزنى ئىشلىتەلەيدىغان ئاشۇنداق بىر دەۋىرگە ئىھتىياجىمىز بار... .
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
abuhalid99
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12941

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   400 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   40 (قېتم)
 تۆھپە:   40  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 185
 سائەت
دەرىجىسى:
185 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-08
ئاخــىرقىسى:2013-02-19
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-08

ھە  ي !!!؟؟؟
mastura0996
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12880

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   55 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2951 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   295 (قېتم)
 تۆھپە:   295  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 205
 سائەت
دەرىجىسى:
205 سائەت 65 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-06
ئاخــىرقىسى:2013-02-23
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-09

ھەقىيقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما  ئىكەن.ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن
e▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃∥ЯаββΙΜ≡ ρακαТ ŠàGiια  ŠèGiÑíΜàÑ▂▂▂▂▂▂ХυκЯÍ åιιå
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى