باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       800 
  •    ئىنكاس 
       2 

سىزنىڭ ھەم مېنىڭ دۇئا تەلەپلىرىمىز

قەۋەت ئاتلاش
muhammatjana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11073

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3050 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   305 (قېتم)
 تۆھپە:   305  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 635
 سائەت
دەرىجىسى:
635 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-23
ئاخــىرقىسى:2013-05-12

                                                         سىزنىڭ ھەم مېنىڭ دۇئا تەلەپلىرىمىز X" Upml  
sR;u#".  
ئەڭ مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن: VT [TE  
كېچە-كۈندۈز تائەت-ئىبادىتىڭگە ئاشىق قىلغايسەن يائاللاھ، ئىككى بەيتىڭگە نېسىپ قىلغايسەن، بەش ۋاق نامازغا ئاشىق، سۈبھىگە ئاشىق، قۇرئانۇ كېرىمگە ئاشىق قىلغايسەن، گۇناھىمنى مەخپىرەت قىلىپ، ئۆزەڭگە مېھرىبان، ئۆزەڭنىڭ خاس بەندىلىرىڭدىن قىلغايسەن، تىلاۋەت قىلىپ يىغلىغۇچى قىلغايسەن. ئىبارا خۇدايا كېچىنىڭ بىر قىسمىنى ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا ئويغاتقايسەن، جەننەتتە جامالىڭنى كۆرۈشنى نېسىپ قىلغايسەن، رەسۇلىللانىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قىلمىغايسەن، مۇھەممەدئەلەيھىسالامنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر قىلغايسەن، سەكراتىل موۋىتنى ئاسان قىلغايسەن ئامىن. گۆر ئىچى روشەن قىلغايسەن، گۆر ئازابىدىن ساقلىغايسەن، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىغايسەن، قىيامەت كۈنى يالىڭاچ قوپۇشتىن ساقلىغايسەن، نامۇ-ئەمەلىمنى ئوڭ تەرەپتىن بەرگەيسەن، ئىككىلا دۇنيادا ئامان قىلغايسەن، تۆۋبەمنى قوبۇل قىلغايسەن يائاللا، ھاياتلىقىمنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا رامىزان ئېيىنى، كۈنلىرىدە جۈمە كۈنىنى نېسىپ قىلساڭ، سەككىز جەننەت ئىشىكىنى ئوچۇق قىلساڭ، يەتتە دوزاج ئىشىكىنى تاقىغايسەن يائاللاھ، ئىبارا خۇدايا، مېنى قەبرەمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈپ، ئوڭۇشلۇق چىقارغايسەن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن، دەرگاھىڭغا پاك بارغىلى نېسىپ قىلغايسەن، نازۇ-نېمەتلىك جەننەت ۋارىسلىرىدىن قىلغايسەن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن، ئەرافات كۈنلىرىدە پەيغەمبىرىمىز رەسۇلىللاھنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشتۈرۈپ جەننەتكە كىرىشكە نېسىپ قىلغايسەن، ئاخىرەت ياخشىلىقىنى نېسىپ قىلغايسەن، ئەرافات كۈنلىرىدە شاپائىتىڭنى ياغدۇرغايسەن، ئاللاھ،  مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، گۇناھىمغا تۆۋبە قىلدىم، گۇناھىمنى كەچۈرگىن يائاللاھ . ئىبارا خۇدايا، دۇئالارنىڭ ئەبزىلىنى ، ئەمەلنىڭ ياخشىسىنى، ساۋاپنىڭ ياخشىسىنى، ھاياتلىقنىڭ ياخشىسىنى ، ئۆلۈمنىڭ ياخشىسىنى سەندىن تەلەپ قىلۇرمەن، ئاللاھ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىنى خەيرلىك قىلغايسەن، ئىبارا خۇدايا مېنى ئىمان بىلەن ئىكرام قىلغايسەن، ئۇنى مەندىن تارتىپ ئالمىغايسەن، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ئازغان بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويمىغايسەن، پادىشاھلارغا، جىمى مۇسۇلمان بەندىلىرىڭگە، خۇلۇم-خوشنا، يارۇ-بۇرادەرلىرىمگە ئىنساپ-تۆۋپىق ئاتا قىلغايسەن، تائەت-ئىبادىتىمىزگە تەۋپىق بەرگەيسەن، يامان سۆزلەردىن تىلىمىزنى يىغقايسەن، مۆمىن سالىخ بەندىلىرىڭدىن قىلغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ كېرىمىڭگە، شەپقىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغايسەن، ئۇشبۇ دۇنيادا ياخشىلىقنى كۆپ قىلىشقا بۇيرىغايسەن، يامان ئىشلاردىن كۆڭلىمىزنى يىراق قىلغايسەن، ئىسلام دىنىمىزغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن يائاللاھ ، رەببىم سەن مېنىڭ گۇناھىمنى، نادانلىقىمنى، ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىمنى، قەستەن ، بىلمەستىن، چاخچاق يوسۇنىدا قىلىپ تاشلىغان گۇناھلىرىمنى، ئىلگىرى- كېيىن قىلغان گۇناھلىرىمنى، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلغايسەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە تېپىلىدۇ، خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە بالدۇر ئېرىشتۈرگەيسەن، سەن ھەممىگە قادىرسەن، ئادىلسەن، كامىلسەن، رەھمەت قىلغۇچى، شەپقەت قىلغۇچى، مېھرىبان بىر ئاللاھدۇرسەن، مېنىڭ گۆدەكلىكىمدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن. ئىبارا خۇدايا مېنى توغرا يولغا باشلىغىن، سەۋرچان قىلغىن، قەلبىمنى كەڭرى قىلغىن، ياخشىلارغا قوشقىن، ياماندىن يىراق قىلغىن، دوستلىرىمنى يېقىن، دۈشمەنلىرىمنى يىراق قىلغىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن ساقلىغىن، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەت، توغرايۇ بالا-قازادىن ساقلىغىن، رەھمىتىڭدىن ئورۇن بەرگىن، كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن، نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشكەن، ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرگە ئەگەشتۈرمىگىن، ئاتا-ئانامغا، ئۇرۇق-تۇققان، خولۇم-خوشنا، يارۇ-بۇرادەرلىرىمگە مەخپىرەت قىلغىن، خارۇ-زار ئىنتىزارلىقتىن ساقلىغىن، شەيتاننىڭ ۋەس-ۋەسۋەسىسىدىن، زالىمنىڭ زۇلمىدىن، دۈشمەنلەرنىڭ قەھرىدىن  ساقلىغىن يائاللاھ . دۇنيادا ھاياتلارغا يەنى مۇسۇلمان ياش ئوغۇل-قىزلارغا ئىنساپ-توۋپىق ئاتا قىلغىن، سېنىڭ ئەمرىڭنى ئادا قىلىپ، ئىمان-ئىسلام ، بەش ناماز ئوقۇيدىغان ، ھالال-ھارامنى تونۇيدىغانلاردىن قىلغىن، مۆمىن مۇسۇلمان بەندىلىرىڭنى يامان ئىشلاردىن توسىغىن يائاللاھ . پەرزەنتىمگە ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە،  ئوغۇل-قىز، كېلىن-كۈيئوغۇللىرىمىزغا ئىنساپ-توۋپىق، مېھرى-شەپقەت ئاتا قىلغىن، پەرزەنتلىرىمىزگە ئىلمىي ناپىئەدىن كۆپ نېسىبە بەرگىن، ھالال كەسپ بىلەن رىزقى ئاتا قىلغىن، يامان ئەخلاق، يامان يوللاردىن يىراق قىلغىن، ئاللاھ سېنى پاك دەپ ياد قىلۇرمەن، سەندىن باشقا خۇدا يوق، سەن تەنھادۇرسەن، جىمى ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، گۇناھىمنى مەخپىرەت قىلغىن، بىتەھقىق سەن كۆپ مەخپىرەت قىلغۇچى، كۆپ رەھىم قىلغۇچىدۇرسەن، ئەي سەبرى قىلغۇچى ئاللاھ، رەھمىتىڭنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىن، ئەي پەرۋەردىگارىمىز پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلۇرمىز، سەندىنلا ياردەم تەلەپ قىلۇرمىز، بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتكىن يائاللاھ، ئاللاھ مەھبۇب قىل بىزلەرگە ئىماننى، دىللىرىمىزغا يامان كۆرسەت كۇفرىنى، بەندىڭىز ئاجىز كېرىمىڭىز كەڭ ئاللاھ، يولىمىزنى ئوچۇق دىلىمىزنى يورۇق قىلغىن، ئامىن . .  . . . CB^.N>'  
nArGI}@  
D{rM  
                                                                        مەنبە:  شۇ ناملىق كىتاپتىن ئارىيە
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-11-23, 18:42
 
sultan88

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   846 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2265526 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4299 (قېتم)
 تۆھپە:   4299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14389
 سائەت
دەرىجىسى:
14389 سائەت 451 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-23

تۆۋەنچىلىك بىلەن چىن دىلىمىزدىن ،  قىلغان دۇئالىرىمىزنى  رەھىمدىل ،مىھرى شەپقەتلىك ، ئۇلۇق اللاھ قوبۇل قىلغاي .دۇئا تىلاۋەت بىلەن يوللىغان تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت . ھەممىمىزگە اللاھنىڭ رەخمىتى بولسۇن .
ئەسسالامى ئەلەيكۇم  .مۇنبەرداشلار
0908
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12557

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2848 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   285 (قېتم)
 تۆھپە:   285  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 719
 سائەت
دەرىجىسى:
719 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-17
ئاخــىرقىسى:2013-05-09
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-24

ئېھ  مىھرىبان شەپقەتلىك ئاللا بىز سېنىڭ بىر ئاجىز بەندەڭ بىز .ئى ئاللاھ بىزگە بۇدۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغايلا بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغايلا !! OX;bA^+}P  
         ئى شەپقەتلىك مىھرىبان ئاللاھ بىزنىڭ قىلغان دۇئالىرىمىزنى ئىجاۋەت قىلغايلا ئامىن u>'0Xo9R  
    ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى