باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       566 
  •    ئىنكاس 
       4 

تاققۇ -تۇققۇ قۇرۇق گەپلەر

قەۋەت ئاتلاش
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-05

تاققۇ -تۇققۇ قۇرۇق گەپلەر '>n&3`r5  
*[*q#b$j  
ئىزدىنىش بېكىتى يېڭىلانغاندىن بىرى قىززىقماس بوپ قالدى ، خىزمەت ئارىلىقىدا نىمە قىززىق گەپلەر بوپ قالدىكىن دەپ كىرىپ باقسام يېڭى بىر گەپلەرمۇ يوق . K2e *AE*  
بىرسى " پۇل ھەممىگە قادىرمۇ ؟ " دەپ بىر تىما يوللاپتۇ ، قىززىق ئىش دەيمەن .500يىل يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ كەلگەن ئادەملەر پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ئەمەس دەپ خۇلاسە چىقارسا ئاكىيۇنىڭ " مىنى ئۇرغان بىلەن مەن ئەسلى ئۇنىڭ بوۋىسى " دىگەن گىپى ئىسىگە كىلىپ قالىدىكەن .كىچىك چاغلاردا يازغۇچىلار يازاتتى ، ھىكايە ، چۆچەك ھەممىسىدە سودىگەر سەلبى ئوبراز قىلىپ تەسۋىرلىنەتتى ، پۇل يامان نەرسىنىڭ ئەڭ يامىنى قىلىپ تەسۋىرلىنەتتى ، شۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرى بىلەن " مەنىۋى " بايلىقىمىز تېشىپ يېتىپ پۇل يىتىشمەيدىغان يامان كۈنگە قالدۇق . كىچىكىمىزدىن پۇل تېپىش شەرەپ ، تاپقان پۇلنى توغرا ئىشلىتىش تېخىمۇ شەرەپ دەپ تەربىيەلەنگەن بولساق ، پۇل ئەسكى ئەمەس ، ئۇ تاۋار ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىلدىغان بۇيۇم ، تۇرمۇشتا پۇل ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا دىگەندەك گەپلەرنى گىزىت -ژورناللاردا كۈرۈپ تۇرغان بولساق ، ئادەملىرىمىز "تۈمۈر تاۋاقنى" ھاياتنىڭ بىردىن -بىر چىقىش يۇلى دەپ قارىۋالمىغان بولسا ھازىر نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئۆزىمىز قۇرغان كارخانىلاردا ئىشلەپ قالار بولغان بولغىيىتتى ، چۈشكۈنلىشىپ تاپتىن چىقىپ پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى نابۇت قىلماي توغرا يول تاپار ئىدى .جاھان چۆرگىلەپ 21-ئەسىرگە كەلگەندىمۇ پۇلغا جاننى سېتۋالغىلى بولمايدۇ شۇڭا مۇھىم ئەمەس ، پۇلغا ..........نىمە -نىمىنى قىلغىلى بولمايدۇ دەپ ئولتۇرسا ئادەمگە كاللا تازا جايىدا ئەمەسكەن دىگەن تەسىرنى بىرىپ قۇيىدىكەن .بىزدە ئارمان شىركىتىدىن بىرى ئەمەس ئونى بولغان بولسا قانچلىك ئادەمنىڭ ئىشسىزلىق مەسلىسى ھەل بۇلار ئىدى ؟ ('$*QC.M  
پۇل تاپقانلار كىمنىڭ قىزى چىرايلىق دەپ ماراپ يۈرسە ، تاپالمىغانلار قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق دەپ تىللاپ ئولتۇرسا ، يەنە بىرسى كەچلىك تاماققا پۇل يوق ، قەرىز ئېلىپ تورخانىغا كىرىپ قۇرۇق گەپلەرنى ئۇقۇپ ، ئالتۇندەك ۋاقتىنى ئەزەلدىن يوق بولغان ، شۇنداقلا بۇندىن كىيىنمۇ قىلچە قىممىتى بولمىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ ئۆزىنى " مەنىۋى " جەھەتتىن ناھايىتى باي ساناپ تورخانىدىن چىقىپلا سۇغا چۈشكەن مۇشۇكتەك بوپ قالسا .................... svb7-.!  
"داداڭنى خوش قىلغانمۇ پۇل ، قىزلارنى كور قىلغانمۇ پۇل " دىدۇق ، ئەرلەر پۇل تاپسا يولدىن چىقىدۇ ، ئاياللار پۇل تېپىش ئۈچۈن يولدىن چىقىدۇ دىدۇق ، پۇل توغۇرلۇق ھەر نىمە دىدۇق . كۈلۈپ تۇرۇپ تىللىدۇق ، يىغلاپ تۇرۇپ تىللىدۇق ، لېكىن شۇ پۇلدىن پەقەت ئايرىلىپ كىتەلمىدۇق . نامراتلىق تاشتىن قاتتىق دەپ ئاھ ئۇرغانمۇ بولدۇق . نىمىشقا دەپ بىر ئويلانمىدۇق .گەپنىڭ قىسقىسى بىز پۇل ئىقتىساد توغۇرلۇق بىر ئىلمى تەربىيىگە ئىگە بۇلۇپ باقمىدۇق . بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن . v?}0h5  
(^@i(XQ  
AI#.+PrC{/  
R5(([C1  
كۆپ ئۇرۇنلارنىڭ باشلىقلىرى قىزلار ئىش ئىزدەپ بارسا ئىمتاھانغا يېڭى مەزمۇن قۇشىدىكەن ، تەلەپلىرىمۇ بۇيى ئىگىز بولسۇن ، ساغرىسى يۇمىلاق بولسۇن ، لەۋلىرى شىڭگەن بولسۇن دىگەندەك تەلەپلەرمۇ ئاشكارا چىقىدىكەن ، بۇنىڭغا قاراپ قىزلار بۇيى ، ساغرىسى ، لەۋلىرى بىلەن قىلىدىغان قانداق خىزمەتتۇ دەپ ئويلىنىپ قالىمەن ، ئويلىنىپ بوپلا سەت ھىجىيىپ قۇيىمەن .تۇلا سەت ھىجىيىپ ھىجايمىساممۇ خەقكە ھىجايغاندەك كۈرۈنىدىغان بوپ قالدىم . تۇرۇپ -تۇرۇپلا تۇغۇلغان يۇرتۇمغا كىتىپ بەش مو يەر ئېلىپ كۈنىمنى ئارام خۇدا ئۆتكۈزگۈم كىلىدۇ ، لېكىن بۇ شەھەردە مەن بولمىسام بولمايدۇ دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بىرىمەن . ئەزرائىل مەستچىلىكتە ماڭا ئۇچراپ قالغان بولسا ئاشۇ باشلىقلار بىلەن پۇلى تۇرۇپ ئۇچاقنىڭ ئاستىغا كۈمۈپ بىرنى ئىككى قىلىشنى ئوقمىغان بايلارنى كۆرسىتىپ قۇياتتىم . t u{~:Z(  
NH}o`x/  
مەن توردا ئۆزىنى ياخشى ئادەملەر قاتارىغا قۇيۇپ غەلىتە سۆزلەپ ۋەز ئېيتىدىغان ئادەملەرگە بەك ئۆچ . بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام خۇاڭجىن داداڭنىڭ ئىلانى يادىمغا كىلىدۇ .ئىقسادنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئىلان ئىنتايىن مۇھىم ، بىراق چېكىدىن ئېشىپ مېزى چىقىپ قالسا ئەكسىچە تەتۈر ئۈنۈم بىرىدۇ . مەن ئادەملەرنىڭ گىپىگە ئىشەنمەيمەن ، گەپ قىلغان ئادەمدە چۇقۇم بىر مەخسەت بولىدۇ(ساراڭ بۇنىڭ سېرتىدا) . 9p3~WA/M@  
ID! S}D  
لېكىن بۇ شەھەردە مەن بولمىسام بولمايدۇ دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بىرىمەن ..... CI-za !T  
ما گەپ ھەجەپ يارىدى ماڭا !!!!! .Y?]r6CC/  
شۇنىڭ ئىلھامىدا مەنمۇ بىر قايناي جۇما بالىلار HiU)q  
ياقسا ماختارسىلەر ،ياقمىساشۇ بۇ ۋاپادارىم 912دىگەن گۇي دەپ تىللارسىلەر..دېمىسىمۇ سىلەردىن باشقا نىمەم بار مېنىڭ بۇ توردا !!!!! $qdynKK  
<bSPKTKL  
" ۋاپادارىم قايناپ قالدى " L3xN#W;m7  
ئۆزەم ئورۇنلايمەن xsJXf @  
بورتالا دىگەن جاي ئاجايىپ ئىسسىپ كېتىپ بارىدۇ جۇما .تۇرپاندىكى بىرەر قۇرۇق كارىز بورتالا غا تۇتۇشۇپ قالغان بولسا ئىسسسىق ئۇدۇل كېلىۋاتامدىكى ،يېقىندىن بېرى ئىسسىق ئۆتۈپ سەل غەلىتە بولۇپ قالدىم .ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بوپ قالدىم . =mZYBm,IQ  
مۇشۇ مەھەلىمىزدىكى ئۆستەڭنى كۆرسەم ئېچىنىپ يىغا ئولىشىدىغان بوپ كەتتى ،كىچىك ۋاقتىمىزدا سۇغا نان چىلاپ يەيدىغان ،ھازىر ھەممە خەق مودا دەپ ئوبۇرنىسىنى ئۆستەڭگە قارىتىپ سالىدىغان بوپ كەتتى .قانچە بېلىقلار ئۇلارنىڭ قوڭىنى كۆرۈپ قېلىپ گۇناھكار بوپ قالدىكىن تاڭ !!! گەندە بىۋاستە سۇغا قاراپ ئاقىدىغان بوپ كەتتى ...سۇ ئەمەس پوق ئاقماقتا .... 0+@:f^3]!  
خەققە گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق ماۋۇ بىزنىڭ خەقلەرنى دەيمىنا بىز مۇسۇلمان جۇما دەيدىغان نەچچىسىنىڭ ئوبۇرنىسى بار ئەمەسما سۇغا پوق بېرىدىغان !!! 3x+=7Mg9  
كىچىك چېغىمىزدا چوڭلار :شاپاققا ،سۇغا سىيسەڭ يامان بولىدۇ ،قوڭاڭغا يارا چىقىپ قالىدۇ دېسە سۆيۈملۈك قوڭلىرىمىز ئازار يېمىسۇن دەپ ھەرگىز ئۇنداق ئشىلارنى قىلمايتۇ ق ،.بىراق ھازىرقى ئەشۇ كىشىلەرنىڭ قوڭلىرى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغانمۇ تاڭ ھىچنىمىدىن ئەيمەنمەي بۇ ئىلشلارنى قىلىۋىرىدىغان بوپ كىتىپتۇ ......،بىچارە ئۆستەڭ ،تولىمۇ مەيۈس كۆرىنىدۇ كۆزۈمگە ..مەينەت ،پوق ،سېسىقچىلىق ...... :adz~L$  
مەھەلىمىزدىكى ھەممىدىن خەۋەردار بىرىنىڭ دېيىشىچە مۇشۇنداق پوق يىغىلىپ2مىلىيون يىل ئۆتسە مەھەلىمىز ناھايىتى چوڭ بىر نىفىتلىك بولغۇدەك بىزنىڭ كەلگۈسى بالىلىرىمىز نېفىتنى يېتىپ يەپ كوممۇنىزىمنىڭ مېغىزىنى چاقارمىش ......ۋاي ۋاي ۋاي ،ئەۋلاتلارنىڭ بەخىت سائادىتى ئۈچۈن تازا چىچايلى !!!!!!نىفىت پەيدا بولار ؟ `pZX!6Wn  
شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى بىر تەرجىمە ماقالىدە :قىمارخانا ساقچىخانا يېنىدا ،جالاپخانا قېشىدا قىزلىق سېلىش ئورنى بار دەپ يېزىپتۇ .....ماۋۇ ئشىنى كۆرۈڭ ،مۇنداق بولسا ئىش بىجۈرمىگىمىز تازا ئاسان بولىدۇ دە ،مانا خەلققە ئاسانلىق يارىتىش دىگەن ...!!!! zm5Pl G  
مەھەلىمىزنىڭ ئارقىسىدكى "ئېچىۋىتىلگەن رايوندا " قاتار قاتار ساتىراشخانا ھە (جالاپخانىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى )،مەھەلىدىكى بالىلار ھازىر پۇلنى توشىتالماي ،،ئايلىقىنى بولىۋالىدىغان بولغانلىرى بار جۇما ،،،،،مانا مۇلازىمەت، غىڭ پىڭ قىلىشقا ئاناڭنىڭ ھەققى يوق !!!! eUB!sR%  
مۇشۇ ئېلان دىگەننى ..........ھەي تېخنىكىسى بار بالىلاردىن بىر قانچىڭلار ئېلان سۈزىدىغان غەلۋىردىن بىر نى ياسىساڭلار قانچە ياخشى بولاتتى ھە ؟ *#Ia8^z=p  
"ئانا سۈتىگە تەڭداش تالقان دەپ "دەللالدىن بىرسى قوڭىغا ئۇرۇپ ۋارقىرايدۇ ئەمەسما ؟ np6G~0Y`  
دىگۈم كېلىدۇ ھېي ،بىر ئايالنىڭ سۈتىنى قۇرۇتۇپ ياسىغان تالقان بولمىغاندىن كىيىن نىمانداق يالغان ماز سۆزلەيسەن دەپ !!!!! 8_HBcZWs  
قېشىڭىزنى چېكىمىز ،كۇسارنى بۈكىمىز دەۋاتقان ،بىزنىڭ خەقمۇ كالۋا بىر داۋالاش باشقۇچىدا ساقىيىدۇ ھەر قانداق كسەل دېسە توۋا ئەجەپكەن ھە دەپ ئالىۋىرمىز ... *(q?O_3,b  
ئۆيگە كىرگىنى دوختۇرمۇ ،ئوغرىمۇ پەقەت ئاق خالىتى بولسىلا خو بالاڭ شې شې دەپ كېتىمىز ... P<vU!`x% q  
توختا بۇ دورا زۇكامنىمۇ ،راكنىمۇ ....ھەممىنى ساقايىتسا دوختۇرنىڭ كېرىكى قالارمىدى دەپ ئويلاپ باقمايمىز ..... CQ/+- -o  
قايسى يىلى يەكەنگە بارغان ،بىر ئايال بىر خەنزۇدىن تېزەك بىلەن توپىنى ئارلاشتۇرغان نەرسىنى گال ئاغرىقىغا شىپا دەپ 100 نەچچە سومغا ئېلىۋاپتۇ ،تېخى 3باسقۇچىنىڭ پۇلىنى برى قېتىمدا تۆلىسەڭ ئىتىبار بار دېسە بىكاردىن بىكار بىر مۇنچە پۇلنى ئالدىن بېرىپ يۈرۈپتۇ ..ھەي ساددىلىق ،،ھەي نادانلىق ....ھەممە خەق سەندەك ئاق كۆڭۈل بولىدىغان بولسا ھە ..........پەمىمچە ھېلقى "دوختۇر" بۇ ۋاققا مىلىيونىر بوپ كەتتى !!! A"b31*_  
ھازىر 20سومغا يالغان توي خېتى ياسايدىغان بوپ كەتتى .قايسى بىر باشلىقنىڭ ھەتتا پارتىيە كىنىشكىسىمۇ يالغان چىقتىغۇ ئەنە !!!!!! >\?z,Nin  
سەپرا بوپ كېتىدىغان بولدۇم جۇما مەن ! MT>(d*0s  
تېخى مانداق مازلىقلار بار zc)nDyn  
قايسى بىر قىزىق لىنىيىلىك تېلىفون بار كىيىم ساتىدىغان .كىيىمنى داڭلايدۇ ،.ناۋادا سىز كىيىم ئېلىپ ئۇنى پايدا قىلدى دېسىڭىز (تېلىفوندا ) سىزگە يەنە بىر كۇسىرىنى قېتىپ بېرىدۇ .ئۇلارنىڭ تەبىرى شۇكى بۇ كۇسارنى كىيسىڭىز قوڭىڭىز چىقشىمايدۇ . چىقاننىڭ كەينىنى ئالىدىغان ئالاھىدە كۇسار ! )?#K0o[<  
ئانچە مۇنچە ئاڭلاپ قويىمەن بۇنى : (b#M4ho*f  
مۇنداق دەيدۇ : )$E){(Aa  
ۋەي ،پالانى گۈلما ،ھە مەن پالانى يەرلىك بىمار ،قايسى كۈنى سىلەرنىڭ كىيىمىڭلاردىن ئالغان ئىدىم ،ۋىيەي ،شۇنداق پايدا قىلىپ ئانامنىڭ قوسقىدىن باشتىن چۈشكەندەكلا ساغلام بوپ كەتتىم توۋا .....رەھمەت ....دەيدۇ .ئاندىن رىياسەتچى ،شىركىتىمىز نامىدىن (ئۇ پەقەت بىر ياللانما خادىم )تەبرىكلەيمىز ....3كۈن ئىچىدە سېتىش نۇقتىسىغا بېرىپ مۇكاپات كۇساردىن ئېلىۋىلىڭ دەيدۇ .. dyn)KDS  
بۇ چاغدا رادىو ئاڭلاۋاتكان پالانى ھاجىم بۈۋىنىڭ جىنى تۇتىدۇ دە ..ۋاھ مېنىڭ كېسىلىمگىمۇ پايدا قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئەتىسىلا ھېلقى ئادىرىستىكى يەرگە بارىدۇ .دە ئىككى قۇر كىيىم ئالىدۇ ،بالىنىڭ دادىسى تالاغا قارايتى ،،،،مايكىسىدىن ئەپبېرەي .....دەپ ~v2(sRJ  
خىزمەتچى خادىم ئۇنى شۇنداق ماختايدۇكى ۋاي ۋاي ۋاي ! "]]LQb$  
"ئەييۇ ،ئەييۇ ،،،،،ۋاي ئەييۇ جى گى تەتەي سا جىمى پىياۋلىياڭ ...ئەييۇ ئەييۇ ،ۋىيزۇرىن تەي خاۋ كەن .ئەييۇ ئەييۇ ........ T>nH=  
دېسە ھېلقى خوتۇن تەسىرلىنىپ بۇ ماختاشلاردىن :شې شې ،،ۋاي جىندىما شې شې ،ۋو دى مىي مىي يې مەي جىگى يىفۇ .....دەپ ئىككى كۈندىن كىيىين يەنە بىرسىنى باشلاپ كېلىدۇ ........ Ff/Ap&0+  
توۋا ھەي ئانىلار ،،،،،خەق ساراڭما بىكاردىن ساڭا مۇكاپات بەرگەن نەرسىدىن ئوننىڭ پۇلى ئەسلى باھانىڭ ئىچىدە بولغان بولىدۇ ..بۇ پەقەت بىزنىڭ دۈم چۈشىدىغان پىسخىكىمىزدىن پايدىلىپ قىلىۋاتقان سودا ئالدامچىلىقى -قانۇنلۇق !!!!! 7 SJ=2  
ئەرلەرگىمۇ گەپ، بۆرىكىڭنى ساراڭدەك قىلىۋىتىدۇ دېسە ماگىنىت بارھېلقى كۇسارنى 500 سومغا ئەپ يۈرمەي ........يامان ئۆزەڭگە ئىشەنچىڭ بولمىسا كۈنىگە بىردىن بۆرەك كاۋاپ يەپ بەر ...... ئۇ تېخنىكىلىق ،،،،،ماگىنىت ئارقىلىق داۋالايدىغان كۇسارلار ھەر قانچە راس بولغان تەقدىردىمۇ ...بىر مەزگىلدىن كىيىن بەدىنىڭگە زىيان قىلمىسا مانا مەن بار .......ئېلانلارغا قاراپ ھەممە ئادەم كېسەلدەك دەپ ئويغا كىرىپ قالىدۇ كىشى ..ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر ئالدامچىلىق .......... (N&?Z]|yr  
خوش بۇرادەرلەر قايناۋىرىپ قوساق ئېچىپ قاپتۇ ...ئەمىسە تاماقنى يەپ كېلىپ يەنە قارىمايلىما ئاخىرىغا .....خوش ئەمىسە Fw-Rv'\  
كۆرۈشكىچە ھەممىڭلار ئامان بولۇڭلار ....... FNLS=4  
بورتالادىكى دوستۇڭلاردىن سىلەرگە سالام: خۇدايىمغا ئامانەت >&+V[srfD  
3^wHL:u  
جېك ، كۆز ئەينەك تاقايدىكەنسىزدە ... {uy^Bui}  
n^{h@u  
مېنىڭ ئىقتىساد ھەققىدە بىر يازغۇم بار ئىدى ... ھەي ..بۇ يەردە ( ئىچكىرىدە ) ئېقىۋاتقان ئىقتىسادنى كۆرۈپ .. يۇرتۇم بىلەن سېلىشتۇرۇپ ...ئاجايىپ ئاچچىق ، تاتلىق خىياللارنى قىلىپ كېتىمەن ...خىيالىمدا تازا قاينايمەن.. سۆزلەپ ...سۆزلەپ ھارمايمەن ....بۇ مۇنبەرگىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ...يەنى كۈندۈلۈك خاتىرەمگە يازغاندەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازماقچى بولىمەندە .... يەنە يالتىيىپ قالىمەن .. ئاھ ، مېنى چۈشىنەر ئىنسان بارمىدۇر ؟؟؟؟؟............... F%p DF\  
&':C"_|&r  
بۈگۈنكى دەۋردە ئىقتىساد ھەققىدە ئويلانمىغان ھەرقانداق ئادەم بۈگۈنكى دەۋرگە تەۋە ئەمەس !!! up['<Kt+a  
O6?{@l  
:t`W&z41  
ئىسلامنىڭ ئىقتىساد ھەققىدە ئاجايىپ بايانلىرى بار ئىدىكى ...ھەي ..بولدىلا ... ly34aD/p~,  
:35h0;8+  
پۇل ...پۇل ... ھەي ئىنسانلار !!! ... پۇل بىزنى نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىستىماقتا ... tik*[1it  
N`IXSE  
ياراتقان ئاللامۇ : بۇ دۇنيادىكى نېسىۋەڭنى ئۇنتۇپ قالما دېگەن .... 3 xW:"  
[Uq`B &F:  
ئاخىرەت مۇھىم . بۇ دۇنيا ئۇنىڭغا ۋاسىتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ مۇھىم ... @BnK C&{  
 gh[q*%#  
راستىنى دېسەم .. مەن شۈكۈر ... قانائەت .. تەقدىر ...دېگەن مەسىلىلەرنى ھەقىقى ئىلىم نۇقتىسىدا تۇرۇپ قايتا بىر شەرھلەپ چىقسام دەيمەن ... 8wd["hga<%  
Q?j '4  
كىملەردۇر ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە شۈمشىيىپ دۇرۇت ئوقۇشنى " شۈكۈر - قانائەت " دەپتۇ ... " w V  
{}'Jr1  
مەن دەيمەن : شۈكۈر دېگەن ... تەڭرى سىزگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىسىڭىز .. ئۇ بەرگەن نېئمەتلەر ئۈستىڭىزدە جۇلا قىلىپ تۇرسا ...مانا بۇ شۈكرى قىلغان بولىدۇ .... r*mYtS  
rr`_\ut  
شۈكرى دېگەن ... ئاللا بەرگەن قول - پۇت ... ئەقىل ...مېڭە ... يۈرەك دېگەنلەرنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ... شۈكۈر بولىدۇ ... +K'YVBU}  
rLD1Cpeb,w  
قاچانمۇ بىز ئىلغار ماشىنىلاردا ئولتۇرۇپ ... داچىلاردا ياشارمىز .. قاچانمۇ .... بىز گۈزەل گۈزەل شەھەر . ئۆيلەرنى قۇرارمىز ... قاچانمۇ بىز ... قاچانمۇ بىز ... قاچانمۇ بىز ... +7WpJ;C4  
A6_ER&9$>N  
{7IZN< e  
بىزدەك مىللەت ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ( توغرا رەۋىشتە ) پراگماتىستىك ئاڭ زۆرۈر ... /;q 3Q#  
w"M!**bP  
قۇرۇق گەپنىڭ ھەممىسى بىكار ... ئىقتىسادىي تەرەققىيات .. مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ھامىلدار ... P&c O2  
Gyi0SM6v5&  
{KTZSs $n  
*6_>/!ywI  
تەيۋەنلىك بىر پىروفىسسورنىڭ سۆزلىگەن نوتىقىدا گىرمانىيىدە بىر باغچىدا يۈز بەرگەن بىر ھىكايە بايان قىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ : ZZxt90YR'5  
ئىككى كىچىك بالا باغچىدا بىلىق تۇتىۋاتقاندا بىر بوۋاي كىلىپ ئۇلردىن بىلىق تۇتۇش كىنىشكىسى بار يوقلىقىنى سۇرايدۇ ئارقىدىن ئۇلارغا بىلىقنى قانداق تۇتۇش ، بىلىجانلارنى تۇتماسلىق ، ئىكلوگىيىلىك مۇھىت توغرىسىدا سۆزلەيدۇ . بۇنى كۈرۈپ تۇرغان پىروفىسسور بوۋايدىن ئۇ ئىككىسى سىزنىڭ بالىڭىزمۇ ؟ دەپ سۇرايدۇ . بوۋاي ئۇلارنى تۇنۇمايمەن دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . ئەمىسە نىمىشقا ئۇلارنى شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن تەربىيەلەيسىز ؟ دەپ سۇرايدۇ تەيۋەنلىك پىروفىسسور . بۇ گەپ خاتا بولدى ، پۈتۈن گىرمانىيىدىكى بالىلار مىنىڭ بالام دەپ جاۋاپ بىرىدۇ بۇۋاي ، پىروفىسسور بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ خاتالىقنى كۆرگەن ھامان تۈزۈتۈش دىگەن بىر يەكۈننى چىقىرىدۇ . ئۇنىڭ يەكۈنىنى ئاڭلاپ مەنمۇ قۇشۇلدۇم ، ناۋادا بىزمۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى بالىلار مىنىڭ ئىنىم ، سىڭلىم ، بالام دەپ قارىساق بالىلارنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈشكە پايدىسى زور بۇلاتتى . تۆۋەندىكىسى مەن شۇ ئىلھام بىلەن باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان دىئالوگ. 7we='L&R  
كوچىدا كىتىۋېتىپ ئايىغىمنىڭ پاسكىنا بوپ كەتكەنلىگىنى بايقىدىم ،ئەتراپقا قاراپ ئاياق مايلايدىغان بىر خېنەنلىكنى كۆردۈمدە ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردۇم . شۇ ئەسنادا يېنىمغا ئىكى ئۇيغۇر بالا كىلىپ يېنىمدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئايىغىنى مايلىتىشقا باشلىدى . Ho%%voJBS  
- ئايىغىڭلارنى نىمىشقا ئۆزەڭلار مايلاپ كەيمەيسىلەر ؟ 6lr<{k7Nw  
- ئالدىراش ، 'OhGSs|  
- نىمە ئىش قىلىسىلەر ؟ ~WmA55  
- رېستۇراندا ئىشلەيمىز . &$pQ Jf  
- ئۆزەڭلار مايلىساڭلار پۇل تىجىگىلى بولىدۇ . `- 9p)@'8k  
- سىز نىمىشقا ئۆزىڭىز مايلىمايسىز؟ _4lKd`  
- ئەتتىگەن دىققەت قىلماپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ پۇلۇم بار . 5cr\ JR  
- بىزنىڭمۇ پۇلىمىز بار . 0e'@Xo2e  
-پۇل بولسا نىمىشقا مەندەك تۆت يۈز يۈەنلىك ئاياق كەيمەي 30يۈەنلىك ئاياق كىيىسىلەر ؟ .T~Oc'wGo  
-ئاقسالىق قىلماڭە ئاكا . v?q)E%5j  
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭدىم ، يولدا ماڭغىچە مەن ئاقسامۇ ئۇلار ئاقسامۇ دەپ ئويلىنىپ ماڭدىم . &X}i%etp^2  
2B=BRVtSs  
6l(HD([_p  
ئاشخانىدا تاماق يەۋاتاتتىم ، ئۈچ ئوقۇغۇچى سۈپەت بالا كىلىپ ئولتۇردى . بىرى ئىككىسىگە مۇھەببىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 600يۈەن خەجلىگەنلىكىنى سۆزلەپ پو ئېتىشقا باشلىدى . HAcC& s8  
- ئۇقۇغۇچىمۇ سىلەر ؟ F*,RDM'M  
-شۇنداق . vSJ#}&  
-ئۇقۇغۇچى تۇرۇپ بىر قېتىمدا ئۇرۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن 600يۈەن خەجلىساڭلار بىر ئاينى قانداق ئۆتكۈزىسىلەر ؟ rhwjsC6  
-خۇدايىم بار . SGLU7*sfd  
-خۇدايىم ساڭا پۇل قەرىز قالغانمۇ ؟ c"S{5xh0&  
-مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ ئاكا سىز ؟ ~d=Y98'xS  
- مەن ئىشقىلىپ خىرىستىيان ئەمەس . a~Y`N73/c  
- سىلەرگە پۇلنى كىم بىرىدۇ ؟ M:.0]'[s5  
- ئاكا ساقمۇ يا ؟ ئەلۋەتتە ئۆيدىن كىلىدۇ دە ! JR4fJG  
- ھەجەپ ئەقىللىقكەنسەن ، ئۆيدىن كەلگەندىكىن خەجلەش كىرەك ، شۇنداقمۇ ؟ ھىي ....ھىي LCemM;o  
- باشقىلار ئمتاھان دەپ كىچىلەپ كىتاپ كۆرىدۇ ، بىزلەر مۇنداقلا قاراپ قويساق ئۆتۈپ كىتىمىز ، ھىي .....ھىي ..... 3 V0^v  
sH+ 90|?  
+E}q0GV  
يولدا كىتىۋاتاتتىم ، تۆت - بەش بالا قاتارلىشىپ مېڭىپتۇ ، بىرسى كۆينىكىنى ئۆرۈپ قۇرسىقىنى چىقىرىپ مېڭىپتۇ . D[p`1$E-1v  
- ئۇكا ، كۇمۈركاندا ئىشلەمسەن ياكى كۈمۈر سانائەت مەكتىۋىدە ئۇقۇمسەن ؟ A\)~y{9bQ  
- نىمە بولدى ؟ بىرسىگە ئوخشىتىپ قالمىغانسىز ؟ مەن پىداگوكىكا ئۈنىۋېرسىتىدا . J)= "Im)  
- سەندە ۋىتامىن كەمكەن ، قۇرسىقىڭنىڭ تېرىسى قارا ھەم پاقىرمايدىكەن . بۇنداق شامالغا سالساڭ تېخىمۇ قارىداپ تېرىسى تېخىمۇ يېرىكلىشىپ كىتىدۇ . ئاپتاپتا قالغان تېرىنى كۆرگەنمۇ ؟ ^W ,~   
- كارىڭىز نىمە سىزنىڭ ؟ قانداق ماڭسام مىنىڭ ئەركىنلىكىم . CK(`]-q>,  
- ئەركىنلىكنىڭ ئىنىقلىمىسىنى بىلەمسەن ؟ ئەركىنلىكنى ئىنگلىزچە نىمە دەيدۇ ؟ J)P7QTC  
- ئىشىڭىزنى قىلىڭە ، ساراڭدەك ....... ecyN};V>  
-مەن ساڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن . CRPE:7,D  
- سالاچىنىڭ كىرىكى يوق . 1EA#c>I$  
Y |9  
C{OkbE"Vym  
باغچىنىڭ ئىچىدە بىر ئايالىم بىلەن كىتىۋېتىپ ئىككى ئوقۇغۇچىنى كۈرۈپ قالدىم ، ئۇلار تاش ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ غەيرى ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتاتتى . مەنمۇ قېرىشقاندەك ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم . Y]bS=*q  
- ئاياققا كەتسە نىمە بۇلار ؟ ئۇرۇن يوقتەك بۇ يەرگە كىلىپ ...ئۇلار غوتۇلداشقا باشلىدى . 2ae"Sd!-2  
- بۇ ئۇرۇندۇقلار ئىنسانلار ئۈچۈن ياسالغان . "D'"uMS`H  
-نىمە دىمەكچىسىز ؟ DcN!u6sJ  
- مەن سىلەرگە دەخلى قىلمايمەن ، ئىشىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار .مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلاي . _fS4a134R  
- ۋىيەي ، نىمانداق قېلىن ئادەم بۇ دىدى قىز . z! :0%qu  
-مىنىڭ توي خېتىم بار ، سىلەرنىڭ بارمۇ ؟ ehTv@2b  
-بولسا نىمە بوپتۇ ، بولمىسا نىمە بوپتۇ ؟ b>Ea_3T/  
-مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانماقچى ، سىلەر ئادەم يوق خالىراق يەرنى تېپىڭلار . `R!Q(rePx  
-كەتمەيمىز قانداق ؟ ئۇلار ئىشىنى يەنە باشلىدى . tXcZl!3x  
- ئىشقىلىپ دىققەت قىلىڭلار، سالامەتلىك مۇھىم . 2D /bMq  
- نىمانداق جوبۇدەك ئادەم سىز ؟ \>x1#Vr>#V  
-بۇنداق ئىشتا باشتا شەخسى تازىلىقنى ياخشى قىلىش كىرەك ، قارا سىنىڭ چىشىڭغا ، تاماكىدا قارىداپ كىتىپتۇ ، قولباغلىشىمەنكى ئېغزىڭ پۇرايدۇ ، قىزنىڭ يۈزى ماي بىلەن ئاقارغان بوينىغا قارا ، رەڭگى ئوخشىمايدۇ . *QyuQF  
- يۇقىلە ئوغرى !!!!!!!   YQb503W"d~  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-11-23, 18:42
 
wissal@131

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5259

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   660 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28735 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2870 (قېتم)
 تۆھپە:   2870  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4345
 سائەت
دەرىجىسى:
4345 سائەت 295 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-15
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-24

باركاللا .. باركاللا ھەقىقەرتەن مەنىسىچى چوڭقۇر ئاچچىق گەپلەركەن CF<  
قول قويدۇم جۇما ئاكا سىزگە ئەگەر ھەممە ئادەملەر سىزدەك بولغان بولسا نىمىدىگەن  ياخشى بۇلاتتى   gMZ?MG  
رەھمەت ھەقىقەتەن جاپا چىكىپسىز  ئۈنچىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن uI[lrMQYa  
ھېچكىم ئنكاس يازماپتا
 
ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ.
ruhsar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2429

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1003 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   34621 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2867 (قېتم)
 تۆھپە:   2831  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9950
 سائەت
دەرىجىسى:
9950 سائەت 390 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-18
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-25

     بۇ تاققا-تۇققا سۆزلەرنىڭ مەنىسى شۇنچە چۇڭقۇر،ئادەمنى ئىختىيارسىز مىللەت،دىن،ئىقتىساد،ئەخلاق توغرىسىدا ئويغا سالىدىكەن، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قايىل بولدۇم
 
eqiniman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12500

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6149 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   610 (قېتم)
 تۆھپە:   610  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 248
 سائەت
دەرىجىسى:
248 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-25

توۋا  خۇدايىم  قارسام ساقلام تۇرسىز
rastqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10221

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   935 (قېتم)
 تۆھپە:   935  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2987
 سائەت
دەرىجىسى:
2987 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-26

ئۇقۇپ بولغىچە تۇلا كۈلۈپ ھېرىپ كەتتىم.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى