باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       831 
  •    ئىنكاس 
       9 

سۆزلەپ باقاي،ئاڭلاپ بېقىڭ

قەۋەت ئاتلاش
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   287 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19674 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1954 (قېتم)
 تۆھپە:   1953  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3540
 سائەت
دەرىجىسى:
3540 سائەت 230 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-08-08

                                            «بۇ گەپنى دىمەيمىز سىزدىن بۆلەككە» V8ka*VJ(B  
                          (مەرھۇم رۇزى سايىتنىڭ ‹دىھقان بولماق تەس›ناملىق شىئىرىدىن) x>vC;E${"  
(@*[^@ipV  
بۇ گەپلەرنى بىردەۋىلىشنى ،سۆزلەپ-سۆزلەپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋىلىشنى ئويلاپ يۈرگىنىمگىمۇ خىلى كۈنلەر بولۇپ قالدى .ئاللاھ بۈگۈن سائىتىنى بەرگەن ئوخشايدۇ. بىر سۆزلەپ باقاي: wJM})O%SQ  
  سۆزۈمنى قەيەردىن باشلىسام بولار؟ مىنىڭچە ،يەنىلا «ئۆتمۈش زامان»دىن باشلىسام توغرا بولغىدەك.  " Mzb  
ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئادەملەر نەچچەمىڭ يىللاردىن بۇيان بۇئالەمدە ياشاش جەريانىدا ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىلنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋالدى.ئۈگەنگەندىمۇ بەزىسى ياخشى ئىشلارغا ئشلىتىشنى ئۈگەنسە،بەزىسى شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ،بىر-بىرىگە ئورا كولاش،ھەسەت قىلىش ،كۆرەلمەسلىك ، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئىنسان ۋە ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە،يىغىپ ئىيتقاندا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىشلارنى ئويلاپ تىپىشقا،قىلىشقا ئىشلەتتى.  4b]/2H  
بەك ئۆتمۈشنى ئەمەس،يىقىنقى تارىخلاردىن بىرنەچچە مىسال بىلەنلا ئەقىللىق قىرىنداشلىرىمغا بۇنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. /NfuR$oMd  
60 -يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 70-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە 10يىلدىن ئارتۇقراق ئېىلىپ بىرىلغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپەتلىرى قىرىنداشلارنىڭ ئىسىدىن تېخى كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەندۇر .ئىنقىلاپ بورىنى ئالدى بىلەن يۇرتىمىزدا ئەۋلاتمۇ -ئەۋلات ساقلىنىپ كەلگەن مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى ،جۈملىدىن مىللىي مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەت،دېنىي ئىتىقاد ، تۇرمۇش ئۇسۇللىرىمىزغا قەدەر ئۇرۇپ-سوقۇپ،پىرقىرىتىپ -چۆرگىلىتىپ ، ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋىتىشكە ، «4 كونا» سۈپىتىدە يەر يۈزىدىن تامامەن يوقىتىۋىتىشكە ئۇرۇنغان ۋە خىلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى.جۈملىدىن ، مەسچىت -خانىقالىرىمىزنى چىقىش، ھەتتا مەسچىت ھويلىلىرىدا چوشقا بىقىش ،ئاتىلىرىمىزنىڭ ساقىلىنى قىرقىپ،يەكتەك-تۇماقلارنى يىرتىپ-دەسسەش، ئانىلىرىمىزنىڭ پۈركەنجە- رۇماللىرىنى ئېلىۋىتىشكە،يۈزىنى ئىچىشقا  مەجبۇرلاش،قۇرئان-كىتاپلارنى كۆيدۈرۈشتەك بىرقاتار «مەدەنىيەت » ھادىسىلىرىنى روياپقا چىقىرىپ، بۇ ھەرىكەتكە لازىملىق «يېڭى قان »سۈپىتىدە مىللىتىمىز ئىچىدىن بىر بۆلۈك «جەڭگىۋارياشلار» قوشۇنىنى ھەم يىتىشتۈرۈپ چىققانىدى. KdI X`  
«قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن»،«بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۆڭگۈز ئېشىپ كىتىپتۇ» دىگەندەك ،مىللىتىمىز ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان بۇ قاسساپلارنىڭ پىچىقى شۇنداق ئۆتكۈر ، مۆڭگۈزلىرى شۇنداق ئۇچلۇق ئىدىكى ، ئەييۇھانناس! ئۇنى تەسۋىرلەشكە گەپ توغرا كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىدى. پىچاق -مۆڭگۈزلەر تېگىش ئەمەس، يىنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭمۇ كۆزىدىن قان ئاققۇزىۋىتەتتى. ;0DT f  
                                   S]&f+g}&w  
                                   دوپپىسىنى ئال يوۋاشنىڭ دىسە، بىشىنىلا ئېلىپ كەپتىمەن، tE3#Uq  
                                   ئەزەلدىنلا سۇنۇق دىللارغا،يەنە ئازار بىرىپ كەپتىمەن. Xkc y~e  
50-يىللاردا ھۆكۈمەت ئۆزى نۇرغۇن مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ،مەرھۇم تۇردى ئاخۇن ئاكىنى ئاتايىن تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنى يولغا قويغان ۋە غەلبىلىك تاماملىغان شۇنداقلا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى «جۇڭخۇامىللەتلىرىنىڭ بېباھا گۆھىرى،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تارىخىدىكى مۆجىزە» دىگەندەك كاتتا ناملاربىلەن ئاتاشقا ھەم ئۈلگۈرگەن  ئىدى. ئارىدىن ئوننەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مۇقامچىلارنى «جىن -شەيتان» ، مىللىي مۇزىكا -مۇقاملارنى بولسا «سىرىق نەغمە» دەپ ئاتاشقا ، «سىرىق»مۇقام مۇزىكىلىرىغا «قىزىل » ناخشا تېكىستلىرىنى سىلىپ ئىيتىشقا ،«ئىنقىلاۋىي پۇراق »چىقىرىشقا يەنە ھەم ئۈلگۈردى. ;8\w$SPP  
توۋا دىگۈسى كىلىدۇ ئادەمنىڭ! قەدىمدىن تارتىپلا ناخشا - مۇزىكا دىگەننىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلايتتۇق. ئەمدى بەزىلەر ياتۇتقىلى ،يا كۆرگىلى بولمايدىغان ئاۋازغىمۇ رەڭ بىرىشكە،پۇراق،ھەتتا تەم كىرگۈزۈشكە يەنە «ئۈلگۈر»دى! "SC}C  
بۇ ئىشلار بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى «ئۈلگۈر»ۈپ كىلىۋەردى. 91%QO?hz  
70-يىللارنىڭ ئاخىرى،80 يىللارنىڭ باشلىرىدا «مەرگەزدىكى 4كىشى،ئۈچى ئەركەك ،بىرسى چىشى»نىڭ قىلغان -ئەتكەنلىرىگە قارىتا پارتىيە -ھۆكۈمەت ئىنىق سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناھەق ئىشلارنى تۈزىتىش ، جېمىي ئىشلاردا قايتا -قۇرۇش،ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلاندى. <,!8xp7,~  
بۇچاغدا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى «چاققان» لار يەنە «چاققان»لىقىنى ئىشقا سىلىپ، «ئاكتىپ»لار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشقا يەنە«ئۈلگۈر»دى! _8x:%$   
ئۇلار ئۆز مەسىلىسىنى باشقىلارغا ئارتىشقا ، ئارتالمىغانلىرىنى «تۆۋەنچىلىك»بىلەن بوينىغا ئېلىپ، «ئاكتىپ»تۈزىتىشكە«ئۈلگۈر»دى! !9A6DWAE$  
پارتىيە-ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئىشەندى،خەلق ئۇلارنى كەچۈردى،قوينىغا ئالدى.ئۇلار خەلق ئارىسىغا قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپلا كەتتى،ئۇلارنى ئىزدەپ تاپقىلى،باشقىلاردىن ئايرىۋالغىلى ، سىنچىلاپ قاراپمۇ تونۇۋالغىلى بولمايتتى. $yxwB/O(  
خەلىق يەنە ئۆزىنىڭ دوپپا- تۇماقلىرىنى كىيىشكە،ياغلىق -رۇماللىرىنى ئارتىشقا ، ئىتىقادچى ئامما مەسچىت-خانىقالىرىدا ئۆز ئىبادىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ھالال ئىش -ئوقەت ، توغرا ھۆنەر-كەسپلەربىلەن تىرىكچىلىكىنى قىلىشقا ، بوش-بىكار ۋاقىتلىرىدا مۇقاملىرىنى ،ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى: eC`} oEz  
{wsO8LX  
                                       «بادام دوپپا،چىمەن دوپپا،ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا» %oPW`r  
8<V6W F`e  
شائىرلار،يازغۇچىلار ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرى،كىيىم -كىچەكلىرى،يىمەك-ئىچمەكلىرى،قىسقىسى ،ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت،مىللىي مەدەنىيىتى توغرىسىدا بەس-بەستە يىزىشقا چۈشتى: h r@c7/L  
0"l*8%g  
                                     «سىيا بولسا دېڭىز-ئوكيان،قەلەم بولسا دەرەخ-ئورمان،شائىر بولسا جېمىي ئىنسان» {qxFRi#\k  
r?cDyQE  
دىگەندەك قاينام -تاشقىنلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. vh+ 'W  
«بارچە مىللەت چالدى ساز،يۈيتىيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە».مۇقامچىلىرىمىزمۇ كۆكسىنى تولدۇرۇپ نەپەس ئىلىپ،بار ئاۋازى بىلەن «مۇقەددىمە»دىن بىر باشلىسا «داستان»،«مەشرەپ»،«چوڭ سەلىقە،كىچىك سەلىقە»،تاكى«چۈشۈرگە»گىچە توختماستىن،نوتا-بەلگۈلەرگە، دىرىژۇر تايىقى دىگەنلەرگە قارىماستىن نەچچە ئون سائەت مۇقام ئورۇنداپ،جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرۇپ ئۆتتى. بىزنىڭ «تۇغۇلۇپ ئايىقى چىقىشى بىلەنلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان،تېلى چىقىش بىلەنلا ناخشا ئوقۇيالايدىغان،ئىسمى -جىسمىغا لايىق ‹ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى›» ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىپ «ئۈلگۈر»دى! DX3xWdnr  
تەتقىقاتچىلىرىمىز ئارىسىدا بىزنىڭ ئۇيغۇر كىيىم -كىچەكلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلپ ،ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن مىسىردىكى ئەلئىھرامنى سىلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، دوپپىنىڭ شەكلىنىڭ پىرامىداسىمان بولۇشىنىڭ ئادەمنىڭ نىرۋا سىستىمىسىغا بولغا ئاكتىپ تەسىرى ھەققىدە ماقالىلارنى يازغان بولدى.بۇ ماقالىلار نىمە ئۈچۈندۈر مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرگە ئىرىشەلمىدى.كىچىككىنە بىرمىللەتنىڭ دوپپىسى بىلەن دۇنيادىكى 7 مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان پىرامىدانى سىلىشتۇرۇش بەزىلەرگە ياقمىدى. 7 مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان سەددىچىن سىپىلىنى ياسىغانلارنىڭ لىڭشىپلاتۇرىدىغان ئۇزۇن ئىككى تال قۇلىقى بار دوپپىسى پىرامىدا بىلەن سىلىشتۇرۇلماي، كىچىككىنە بىر مىللەتنىڭ قۇلىقى يوق دوپپىسىنى سىلىشتۇرسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ دە. /hrVnki*  
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ «دۇنيا ئېغىزاكىي غەيرىي مەدەنىيەت مىراسى» تىزىمىلىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خۇشخەۋەر ھەممىگە ئايان بولدى.ھەممەيلەن (قۇلىقى ساق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ) بۇ ئىشتا بىزگە نىمە پايدا بار دەپ سوراپ تۇرىۋالماستىن،مۇنداقچە ئىيتقاندا«گىرىيلىك» قىلماستىن خۇش بولدى. W^U6O&-K  
شىنجاڭنىڭ ئانچە-مۇنچە نامى چىقىشقا ،نامى چىقىشقا ئەگىشىپ جاھاننىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن مىھمانلار زىيارەتكە،تەكشۇرۇشكە ،تەتقىق قىلىشقا كىلىشكە باشلىدى.ساھىپخان بولغان ئۇيغۇرلار ئادەت بويىچە مىھماننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تونى بىلەن دوپپىسىنى تەقدىم قىلدى.بۇ كىيىملەر ئۇ خەقلەرگىمۇ شۇنداق ياراشتىكى،بۇ كىيىملەرنىڭ ئالدىدا فىرانسىيە،ئىتالىيەلىك داڭلىق لاھىيىلىگۈچىلەرنىڭ غەلىتە پاسۇنلىرى چىنىپلا قالاتتى. بۇنداق تەقدىم قىلىشلار ئاۋۇغانسىرى ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرىنىڭ ،بولۇپمۇ ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ شۆھرىتى ئاشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىگە سېڭىپ كەتكەن ،قارىسا كۆرگىلى ،ئىزدىسە تاپقىلى ،قول ئۇزاتسا تۇتقىلى بولمايدىغان بەزى ئىچى قوتۇر،كۆرەلمەس ، باشقىلارنىڭ شۆھرىتىنى كۆرسە ئىچىدىن قان كىتىدىغان نائەھلىلەر دوپپىدىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ ئىچىنى ئىچىشتۇرغان«4قىرلىق» نەرسىنى يوقىتىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە، تۆھمەت قۇربانى قىلىش پاكىتلىرىنى ئويدۇرۇشقا يەنە «ئۈلگۈر»دى! LYTx8  
ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە ئىيتقاندا دوپپا ئەمدى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالغانلارنىڭ كىيىمى بولۇشقا «ئۈلگۈر»دى! R1,.H92  
ساقال قويۇش ،دوپپا كىيىش ، ياغلىق ئارتىش،قىسقىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىنىشى بەزىبىر يەرلىك بىيوكرات سىياسەتۋازلارنىڭ يولسىزلارچە توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىيىم-كىچەكمۇ «قالپاق»كىيىپ«ئۈلگۈر»دى! ;Gf,I1d}{  
«كىيىم كىچەك دىگەن لاتا، ئۇنىڭ  بەدەننى ئوراش ، ئاسراشتىن باشقا رولى يوق،ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىتىشىۋەرسەك يۈزىمىزمە سەت بولار، بۇنداق بىمەنە ئىشنى قىلمايلى» دەپ ئويلايدىغان ئادەم چىقمىدى. BH`%3Mw  
توۋا،تۇرمۇشتا بەزى ئۇتۇق قازانغان شەخىسلەرنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدىغان،ئۇلارغا ئورا كولايدىغان،ئۇلارنى يىقىتىشنى ئويلايدىغان ئىشلارنى ئۇچرىتىپ قىلىش نورمال ئەھۋالدەك كۆرۈنگەن بىلەن، بۇنداق كىيىم-كىچەكنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان،ئۇنى يوقىتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاشمۇ ئادەمنىڭ ئىسىگە كەلمەيدىكەن.بىراق ھازىر نەق شۇنداق ئىشلارنىڭ ئۆزىنى كۆرىۋاتىمىز. `5SLo=~  
ZnrsJ1f:  
                                  «  كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ » G51l_  
 _%r+?I  
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈمگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى،بۇنى سىلەرگە دەپ بىرەي،باشقىلارغا ھەرگىز دەپ سالماڭلار.ئەمىسە پەسراق دەي: بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە «كۆز تىگىدۇ»دەيدىغان بىر گەپ بار. بىزنىڭ دوپپا-ياغلىقلىرىمىزغا كۆز تەگدى،بۇنىڭغا ئوقۇيالىغۇدەك داخاننى تىپىشقا خىلى ۋاقت كىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.شۇڭا بىز بۇندىن كىيىن ئۇ-بۇ نەرسىلىرىمىزنى داملايدىغان ،بولۇپمۇ ھەممە ئادەم كۆرۈپ قالىدىغان تىلىۋىزۇردا ماختاپ ئىلان بىرىدىغان ئىشنى قىلمىساقمىكىن دەيمەن.يىقىندىن بۇيان بۇيان خىلى كۆپ شىركەتلەر(ئىسمىنى مەخپىي تۇتاي)ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى داملاپ ئىلان بىرىۋاتىدۇ. بەزى يىمەكلىك تىجارەتچىلىرىمۇ  «كاۋاپ شاھى» «مانتا شاھى» ،«لەغمەن شاھى»دىگەندەك قورقۇنۇشلۇق ئىسىملارنى قوللۇنۇپ،بىركۈنلۈك يەردىن كۆرۈنگىدەك يوغان ۋىۋىسكىلارنى ئىشلىتىپ دۇكان ئىچىۋاتىدۇ. نىمە دىگەن خەتەرلىك!  «شاھ»لىق دەۋاسى قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىزنىڭ يىتىشلىك چاققانلىرىمىز بايقاپ بولغىچە نامىڭلارنى ئۆزگەرتىۋالساڭلار ياخشى بولاتتى. بولمىسا «شاھلىق تالىشىشتىن نىمە مەقسىدىڭ بار؟» دىگەن قالپاق بىلەن سىلەرگىمۇ بىرەر ئىش بولوپ قالارمۇ دەپ بەك ئەنسىرەپ قالدىم. ejF GeR  
مۇقامنىغۇ ب د ت دىن قوغدايدىغان بولدى.بىراق باشقا ئىشلاردا ئىھتىيات قىلمىساق ، ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەلسە « نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مىللەتلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشقىمۇ«ئۈلگۈر»ەلمەي ، «نەسلى قۇرىغان مىللەتلەر» تۈرىگە ئەزا بولۈش قاش-كىرپىكتەك يىقىنلاۋاتىدۇ. rofGD9f  
شۇڭا دەيمەن ، ئۆزىمىزنى ، ئۆزىمىزنىڭ نەرسىلىرىنى،مەدىنىيىتىنى ،يىغىپ ئىيتقاندا ھىچنىمىمىزنى ماختىمايلى،ماختانمايلى! U{`Q_Uw@$:  
ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلايلى:بىزنىڭ ماختانغۇدەك ھىچنىمىمىز يوق! l_q=@y  
v47S9Vm+  
مەنبە: ئۆزۈم
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-11-16, 14:00
 
eqiniman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12500

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9793 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   950 (قېتم)
 تۆھپە:   950  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1161
 سائەت
دەرىجىسى:
1161 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-16

راخمەت سىزگە 。قۇىللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن  。دىمىسمۇ بىزلەرنىڭ ماخـتىغۇدەك ھىچ نەرسىمىز قالمىدى 。ناخشا -ئۇسۇلمىزدىن باشقا 。ھەممىنى يۇقاتتۇق
makanim0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7892

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   162 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9437 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   926 (قېتم)
 تۆھپە:   926  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 929
 سائەت
دەرىجىسى:
929 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-18
ئاخــىرقىسى:2013-06-26
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-16

بولدىلا ! مەن سۈكۈتتە
ماكانىم
saadatman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7912

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1950 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   195 (قېتم)
 تۆھپە:   195  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 648
 سائەت
دەرىجىسى:
648 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-20
ئاخــىرقىسى:2012-11-29
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-16

ھەي خۇدا ساقلىسۇن تارىختا بىر كۈچلۈك مىللەت ئىدۇق ئەمدى ھىچنىمىسى يوق بۇپ قالدۇق  قاراڭغۇ زۇلمەتلىك كىچە كىتىپ بۇرۇنقىدەك خۇشال كۈنلىرىمىزمۇ كىلەر ھامان ئۈمۈد ئۈزمەيلى قىرىنداشلار
sayit
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9853

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5747 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   575 (قېتم)
 تۆھپە:   575  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 287
 سائەت
دەرىجىسى:
287 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-22
ئاخــىرقىسى:2013-05-29
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-17

ياخشى تىما  .  ياخشىلا غا گەپ تاپىدىغانلاغا بۇنداق نىيىتى قارىلارغا، گەپتاپىدىغانلايوق ئوخشايدۇ،ئۇچۇرسىمۇ ئەگىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ،ھەممىگە قادىر ئاللا بىشىمىز غا كەلگەن قىسمەتلەنى ھامان بىركۈنى ئوڭشايدۇ . پەقەت بىز كىم لىكىمىزنى ،ئىمانىمىزنى ،مىللى مەدىنىيىتىمىزنى تىلىمىزنى يىزىقىمىزنى مىللىتىمىزنىڭ ساپلىقىنى  غورۇرىمىزنى،ئىشەنچىمىزنى  يوقات مىساقلا ،قىش كىتىپ باھار كىلدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
lutpulla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9809

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   75 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3999 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   400 (قېتم)
 تۆھپە:   400  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1910
 سائەت
دەرىجىسى:
1910 سائەت 180 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-06
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-17

             ئۈمۈدۋار    ياشايلى    
sayit
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9853

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5747 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   575 (قېتم)
 تۆھپە:   575  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 287
 سائەت
دەرىجىسى:
287 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-22
ئاخــىرقىسى:2013-05-29
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-17

eqiniman قىزچاق خاتالاشتىڭىز .ئۇگەپ ئۆزىڭىزگە ۋەكىللىك قىلسۇن .بىز تىخى ئۇنچىلىك دەرىجىدە يوقاتمىدۇق ، ئاللا خالىسا ھامان بىركۈنى يوقات قانلىرىمىزنىمۇ تىپاۋالىمىز،ئۆمۇتسىزلىك بىلەن ئىشەنچىنى يوقۇتۇش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمۈنىمىز.
akida1225
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10790

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6148 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   617 (قېتم)
 تۆھپە:   617  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 591
 سائەت
دەرىجىسى:
591 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-11
ئاخــىرقىسى:2013-08-05
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-17

شۇ ئەمەسمۇ؟يوقاتقان نەرسىمىزنى يوقاتتۇق ،يۈتتى ،دەپ ئولتۇرماي ئىزدەپ تاپمايمىزمۇ؟
xatay

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1613 

 نادىرلانغان تېمىسى:   13 

 مۇنبەر پۇلى:   51007 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4231 (قېتم)
 تۆھپە:   4128  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7807
 سائەت
دەرىجىسى:
7807 سائەت 383 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-11
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-17

بىزنىڭ ئىرىشكىنمىزدىن،يوقاتقىنىمىز كۆپ بولدى...
wisaliya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12553

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   59 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2930 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   296 (قېتم)
 تۆھپە:   296  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 226
 سائەت
دەرىجىسى:
226 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-16
ئاخــىرقىسى:2013-07-31
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-20

ماۋۇ تېمىڭىز بۇ مۇنبەرگە زايا كېتىپتۇ قېرىندىشىم ، چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ شۇنى ھېس قىلدىم .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى